سوۋغا بېرىمەن دەپ ئاۋارە قىلماڭ
(http://bbs.oylirim.cn)3 `- F3 d Y1 U1 y
(http://bbs.oylirim.cn)# U- w1 n( }# c& i, o1 t" iئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە قىسمەن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا سوۋغا بېرىش-بەرمەسلىك مەسىلىسىدە ھەقىقەتەن قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، يۈرەك پارىسى بولغان پەرزەنت ھەممىلا ئادەم ئۈچۈن مۇھىمدە. پەرزەنتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا سوۋغا بەرمەي دېسە ئوقۇتقۇچى پەرزەنتىگە يامان قاراپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيدۇ، سوۋغا بېرەي دېسە نېمە بېرىش توغرىسىدا ئوبدانراق باش قاتۇرمىسا بولمىغان. يەنە تېخى ئۆزى سوۋغا بېرىپ قويۇپ «مۇشۇ ئوقۇتقۇچى دېگەننى بارغۇ...» دەپ ئۆزى تىللايدۇ. مۇشۇنداق ئويلاردا بولۇۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ: «ئوقۇتقۇچىغا سوۋغا بېرىمەن دەپ ئۇنى ئاۋارە قىلماڭ، شۇنداقلا ئۆزىڭىزمۇ ئاۋارە بولماڭ. ئوقۇتقۇچى سوۋغا قوبۇل قىلالمايدۇ ھەم سوۋغا قوبۇل قىلسا بولمايدۇ».
(http://bbs.oylirim.cn): J( s. S$ q- lئوقۇتقۇچى نېمە ئۈچۈن سوۋغا قوبۇل قىلالمايدۇ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاتا-ئانىلارنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلىش ئوقۇتقۇچىلارغا نۇرغۇن ئاۋارچىلىكنى كەلتۈرىدۇ. ئادەتتە، ئاتا-ئانىلار: پەرزەنتلىرىمىزگە ئالاھىدە قاراپ قويسا؛ ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويسا؛ «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» قىلىپ سايلاپ قويسا، سىنىپ كادىرى قىلىپ سايلاپ قويسا.... دېگەندەك مەقسەتلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىغا سوۋغا تەقدىم قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى بۇ سوۋغىنى ئېلىپ قالسا ئاتا- ئانىلارنىڭ شۇ مەقسىتىنى ئورۇنداپ بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن بىنورمال ئىشنى قىلىشى، ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا يۈزلىنىشى تۇرغان گەپ. سىنىپتىمۇ شۇ گۆدەك ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا تىل تۇتۇقى باردەك يۈرىدۇ. شۇ ئوقۇغۇچىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويدى دېگەن تەقدىردىمۇ بۇ ۋاقىتلىق بولىدۇ، ھەرگىزمۇ بىر ئۆمۈر كۆڭۈل بۆلەلمەيدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلىش نورمال ئىش بولمىغاچقا، ئوقۇتقۇچىلار بۇنداق ئاۋارچىلىكنى ئۆزىگە ئارتىۋېلىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا، سوۋغا بېرىمەن دەپ ئۇلارنى ئاۋارە قىلماڭ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئوقۇتقۇچىغا سوۋغا بېرىش ئارقىلىق پەرزەنت تەربىيىلىسىڭىز بۇ ئەمەلىيەتتە پەرزەنتىڭىزگە زىيانكەشلىك بولىدۇ. بۇ قىلىقىڭىز بالىدا بىرىنچىدىن، كىچىكىدىن باشلاپلا بىر خىل خوشامەتچىلىك، ھەرقانداق ئىشنى باشقىلارغا پارە بېرىپ ھەل قىلىشتەك ناچار ئىللەتنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ. ئىككىنچىدىن، بالىدا تەييارتاپ، ئۆزى تىرىشمايدىغان، ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىۋالىدىغان، ھەرقانداق ئىشنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان ناچار ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ. بۇنداق بالىلار ئىرادىسىز، پەزىلەتسىز بولۇپ قالىدۇ. بۇ بوشلۇقلارنى كېيىن تولۇقلايمەن دەپ ئۈلگۈرەلمەي قالىسىز، ئوقۇتقۇچىلار بۇلارنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا سوۋغا قوبۇل قىلالمايدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئوقۇتقۇچى سوۋغا قوبۇل قىلسا نېمە ئۈچۈن بولمايدۇ؟
(http://bbs.oylirim.cn)) l3 w( T/ L! Y8 f9 H. ]1 {ئوقۇتقۇچى ئەۋلاد دىلىغا ئىلىم سالغۇچى، ئىنسان دىلىنى يورۇتقۇچى، ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيىلىگۈچى. ئادىمىيلىكى ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر قىلغۇچى، روھىنى ئويغاتقۇچى. ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىلەش ئوبېيكتى كەلگۈسى ئەۋلادلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ئۆز ئادىمىيلىكى ئارقىلىق ئەۋلادلارنى تەربىيىلىشى ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ مەجبۇريىتى ۋە مەسئۇلىيىتى جاراڭلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى بىخۇتلاشتۇرماسلىقى كېرەك.
(http://bbs.oylirim.cn)- G. N# ^' X Dئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىڭ. ئوقۇتقۇچىمۇ ئادەم، ئۇ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۈگىنىش قىلمىسا بولمايدۇ، مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلىرىغا مەسئۇل بولمىسا بولمايدۇ، ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى پەرزەنتى بولمىسا، پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئاتا-ئانىسى بولمىسا، جۈپتىنىڭ مەسئۇلىيەتچان ھەمراھى بولمىسا بولمايدۇ. جەمئىيەتتە دوست بۇرادەرلىرىگە ئارىلاشمىسا، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغقا بارمىسا، باشقىلارغا ئادەمگەرچىلىكنى ئىپادىلىمىسە بولمايدۇ.... مۇشۇنداق مۇھىملار ئىچىدىن يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ، ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدۇ، ئوقۇتقۇچى بولۇش ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەڭ قىيىن ئىش. ئوقۇتقۇچىلار ھەرقانداق ۋاقىتتا «مەن ئوقۇتقۇچى» دەپ ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشقا، بۇ شەرەپلىك كەسپنى ئىشلەۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىنى چۈشىنىڭ، كەسپى ئەخلاقىنى ھۆرمەت قىلىڭ. بالىڭىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى ھۆرمەتلەڭكى ھەرگىز سوۋغىلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇنى بىخۇتلاشتۇرماڭ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا سوۋغا قوبۇل قىلمايمۇ بايرامنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدىن ئىبارەت مۇھىم پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرىدۇ. مەسىلەن، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، تىرىشىپ ئۈگىنىش قاتارلىق تېمىلاردا نۇتۇق سۆزلەش، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش تېما قىلىنغان شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ئوقۇتقۇچىغا كۆڭۈل سۆزىنى ئېيتىپ خەت يېزىش.... قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ سوۋغا تەقدىم قىلغانغا قارىغاندا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى قوللىشى ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى كېرەك.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم سوۋغا نېمە؟
(http://bbs.oylirim.cn); |6 P7 f, q* zئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم سوۋغا ـــ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىرىشىپ ئۈگىنىپ ئەلا نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئوقۇتقۇچىسىغا ياخشى نەتىجىلىرى ئارقىلىق قايتۇرغان جاۋاپ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلالايدۇ. چۈنكى، بۇ سوۋغا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن كۈتىدىغان ئەڭ چوڭ ئۈمىدى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، مەكتەپ پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا ئۆزلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ سۇنغان بىر دەستە گۈلنى قوبۇل قىلالايدۇ. چۈنكى، بۇ بىر دەستە گۈل ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇ ئوقۇغۇچىلارغا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە ئېيتىلغان تەشەككۈر بولغاچقا، بۇ سوۋغا ئوقۇتقۇچىنى تەسىرلەندۈرۈپ، كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلتۈرەلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىنى ھاياجانغا سالالايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى بۇ بىباھا بىر دەستە گۈلنى ئالالايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)4 @0 }" L# K& g7 yئەگەر سىز بىر ئادمىمىيلىككە ئىگە ئاتا-ئانا بولسىڭىز پەرزەنتىڭىزگە تۆۋەندىكىلەرنە ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ:
(http://bbs.oylirim.cn) {8 F) l; N- ~9 c; R 1. مەكتەپ ھاياتىدا تىرىشىپ ئوقۇپ، ياخشى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاشنى؛
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2. ئۆرلەپ ئوقۇش ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش باسقۇچىدا ئېرىشكەن خوشاللىق ۋە نەتىجىلىرىدىن خەت ياكى قىسقا ئۇچۇر ۋە ياكى تېلېفون ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىسىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشنى؛
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
3. جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ساۋاقداشلار يىغىلىشلىرىغا ياكى مۇھىم سورۇنلىرىغا ئوقۇتقۇچىسىنى تەكلىپ قىلىپ قويۇش ؛
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مۇشۇنداق قىلالىسىڭىزلا ئوقۇتقۇچى سىزدىن ئەڭ ئالىي، سەمىمىيىككە تولغان سوۋغىنى ئالغان بولىدۇ.