ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاتۇشلۇق پالۋان ھېيىت نوچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھېيىت نوچى 1873-يىلى ئاتۇش شەھەر كاتتايلاق يېزىسى قوغان كەنت كۆتەك جىگدە مەھەللىسىدە پالتاخۇن ئىسىملىك چارۋا سودىگىرى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ھېيت نوچىنىڭ سەلەي باي، مەترېھىم، مەقسۇت باي، ئۆمەر قۇل، بىرەۋىخان، نەسىردىن باي قاتارلىق ئالتە پەرزەنتى بولۇپ، بۇلاردىن نەسىردىن باي ئىسىملىك كەنجى ئوغلى بورتالا دا ئولتۇراقلاشقان، بۇ يىل 96 ياشقا كىرگەن. قالغان پەرزەنتلىرى بولسا ئالەمدىن ئۆتكەن. بىر قىسىم نەۋرە-چەۋرىلىرى ھېلىمۇ كاتتايلاقتا يۇرتداشلار بىلەن بىرگە ھايات كەچۈرمەكتە.
ھېيت نوچى ئوتتۇرا بوي، كەڭ گۈرەنلىك، بۇغداي ئۆڭ، قاڭشارلىق كېلىشكەن كىشى بولۇپ، پەۋقۇلئاددە كۈچتۈڭگۈر. بۇ پالۋان 50 يېشىدا ئەنجان دا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، 17 يېشىدىن تاكى 50 يېشىغىچە ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، كۈچ سىنىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە بۇ كىشىنى يېڭەلەيدىغان ئادەم بولمىغان.
خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە، ھەقىقىي قايىللىقىغا ئېرىشكەن بۇ پالۋان 1923-يىلى ئەنجاندا سۈيقەسىت بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.
ھېيىت نوچى مىجەز جەھەتتىن كىچىك پېئىل، كەمتەر، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدىغان ئادى-سادا، چىقىشقاق كىشى بولۇپ، گەپ قىلغاندا «ئاغىنە»، «بۇرادەر» دىگەن سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدىكەن. كۈچلۈكلىكىگە تەمەننا قىلىپ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىدىغان نامەردلىكىنى قىلمايدىكەن. كۈچ سىناشقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئاجىز كېلىۋاتقانلىقىدىن سۆز ياكى بىرەر ئۇسۇل ئارقىلىق بىشارەت بەرسە ئۇلارنىڭ ئابىرويىنى ئۆز ئابىرويىغا ئوخشاشلا قوغدىغان. كۆپچىلىك ئالدىدا قۇلايسىز ئەھۋالدا قويۇشتىن پۈتۈنلەي ساقلانغان.
ھېيىت نوچى بىلەن جاي-جايلاردىن كۈچ سىنىشىش ئۈچۈنلا ئەمەس، زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگۈچىلەرمۇ شۇنداق كۆپ بولغان.  

ھېيىت نوچىنىڭ كۈچتۈنگۈرلىكىنى ئاڭلىغان پالۋانلار ئەينى ۋاقىتتا يۇرت-يۇرتلاردىن كۈچ سىناشقىلى توختىماستىن كېلىپ تۇرغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىرغىزىستاندىن كەلگەن قىرغىزلار، روسىيەدىن كەلگەن روسلار، ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن ئۆزبەكلەرمۇ بار ئىكەن. بىر قېتىم ھېيىت نوچى قاراجۈلدە قىرغىزىستاندىن كەلگەن بىر قىرغىز پالۋان بىلەن ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىپ، ئۇنى ئىگەر بىلەن قوشۇپ يۇلۇپ ئېلىپ، يەرگە تاشلىۋەتكەن. پەيزىۋاتنىڭ گۈللۈك يېزىسىدىن كەلگەن بىر پالۋان ئۇنىڭ بىلەن چېلىشىشنى تەلەپ قىلىپ كاتتايلاق كونا بازاردا بەل تۇتۇشقاندا ھېيىت نوچىنىڭ سىقىپ كۆتۈرىشىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئالدى كەينىدىن تەرەت يۈرۈپ كەتكەن.

گۈللۈك يېزىسىدىن كەلگەن يەنە بىر پالۋانمۇ ھېيت نوچىنىڭ بىر نەچچىنى پىرقىرىتىپ دەسسىتىپ قويىشى بىلەن ئۆزلىگىدىن ئارقىچە يىقىلىپ چۈشكەن. بىر قېتىم ھېيىت نوچى ئىشىك ئالدىدىن ئانچە يىراق بولمىغان كاتتايلاق ئۆستىڭىگە پۇتىنى چىلاپ سايىداپ ئولتۇرسا، پەيزىۋات ناھيىسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسىدىن ئۈچ نەپەر زىيارەت قىلغۇچى كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپتۇ. ھەمدە ئۇنىڭدىن ھېيىت نوچىنىڭ ئۆيىنى سوراپتۇ. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ھېيت نوچىنى بىلمەيدىكەن.

«ئەنە ئاۋۇ ئۆي شۇ» دەپتۇ ھېيىت نوچى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى گەۋرىلىك، تەتۈر ئۈستىخان كەلگەن بىرىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇلار ھېيت نوچىنىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. «توختاڭلار، ئۇنىڭ بىر ئەسكى ئىتى بار. شۇڭا ماۋۇ تاياقنى ئېلىۋېڭلار» دەپتۇ ھېيىت نوچى ئۇلارنى ئارقىسىدىن توۋلاپ. ھەمدە يېنىدا تۇرغان، تىكىلگىنىگە ئۈچ يىلدىن ئاشقان يوتا چوڭلىقىدىكى بىر تۈپ تېرەكنى قومۇرۇپ ئېلىپ ئۇلارغا تەڭلەپتۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران قالغان ھېلىقى ئۈچ كىشى قايتىدىن ئۇنىڭ يېنىڭغا كېلىپ «ئەسلىدە ھېيت نوچى دېگەن سىز ئىكەنسىز-دە» دەپ ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشۈپتۇ. ھېيىت نوچى ئۇلارنى  ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ مېھمان قىلپتۇ. ئۇزاپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار ئىچىدىكى تەمبەل كەلگىنى «راستىنى ئېيتسام سىز بىلەن بىر بەل تۇتۇشۇپ باقاي دەپ كەلگەن. ئەمدى ھاجىتى قالمىدى» دەپتۇ.

بۇ 1904-يىلى بولغان ئىش ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق ئادىتى مەۋجۇت بولۇپ، ھېيىت نوچىنىڭ قۇدۇقلۇق گۈزەل بىر قىزغا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. قىز ھەقىقەتەن تەڭداشسىز چىرايلىق بولۇپ، مەھەللىسىدە ئۇنىڭغا كۆزى چۈشمىگەن يىگىتلەر ئاز ئىكەن. ئەمما قىزمۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ھېيىت نوچىنى تاللاپتۇ. بۇ قېتىمقى توي ھېيىت نوچىنىڭ ئىككىنجى تويى بولۇپ، ھەشەم-دەرەمسىز، نەغمە-ناۋاسىز توي بولۇپتۇ. قاتناشقان ئادەملەرمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. قىزنى كۆچۈرۈپ قايتارىدا نەچچە ئونلىغان قۇدۇق يىگىتلىرى ھېيىت نوچىلارنى قوغلاپ يار بويىغا قىستاپ كەپتۇ. يار ئىچى پاتقاق بولۇپ، ئات-ئۇلاقلار تەستە ئۆتىدىكەن. ھېيت نوچى قىز، قىز قولداشلىرى، يەڭگىلەر ۋە ئۆزىنىڭ بىر نەۋىرە قېرىنداش، دوستلىرىنى قوغداپ، ياردىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئېتىنى كېچىككە ساپتۇ.

ئەمما ئېتى لايغا پېتىپ قېلىپ بىر قەدەممۇ ئىلگىرلىيەلمەپتۇ. بۇنى كۆرگەن نەۋرە ئىنىلىرى ئۇنى قوغداش ئۈچۈن ئېتىنىڭ بېشىنى ئارقىغا بۇراپتۇ. كەينىدە بولسا نەچچە ئون ئاتلىق يىگىتلەر ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلىپ باستۇرۇپ كەپتۇ. ھېيىت نوچى ئۆزىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى، نەۋرە ئېنىلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ كەينىگە يانماسلىقىنى ئېيتىپ، ئاتنىڭ ئاستىغا كىرىپ، قورساق قىسمىنى گەجگىسىگە ئاپتۇ-دە، ئالدى-كەينى پۇتلىرىنى ئىككى قولى بىلەن يىغىپ كۆتۈرۈپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ جىدەل قىلغىلى قوغلاپ كەلگەن قۇدۇقلۇق يىگىتلەرمۇ «بارىكاللا، ياشاپ كەت!» دەپ توۋلىغىنىچە تارقاپ كەتكەن ئىكەن.

ھېيت نوچىنىڭ پالۋانلىقى ھەققىدە يۇرتتا تارقالغان بۇنداق ھېكايىلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس.

بىر كۈنى ھېيىت نوچى بازارغا كېتىۋاتسا، ئۆستەڭ بويىدا بىر دېھقان قاخشاپ ئولتۇرغىدەك. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئېشىكى بىر تاغا بۇغداي بىلەن ئۆستەڭگە پېتىپ قېلىپ، سۇ ئىچىدە تۇرۇپ قالغان ئىكەن. دېھقان ئىشەكنىڭ ئۈستىدىن بۇغداينى يۈدۈپ قىرغاققا ئېلىپ چىقاي دىسە كۆتىرەلمەي سۇغا تاشلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپتۇ. ئىشەكنى ھەرقانچە تارتسىمۇ ماڭغىلى ئۇنىماي تۇرىۋاپتۇ. كېلىۋاتقۇچىنىڭ ھېيت نوچى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن دېھقان ئۇنى ياردەمگە چاقىرىپتۇ. ھېيىت نوچى ئىشەكنىڭ ئاستىغا كىرىپ، ئۈستىدىكى بىر تاغار بۇغداي بىلەنلا كۆتۈرۈشكە تەييارلىنىپتۇ. بۇغدىيىنىڭ سۇغا چۈشۈپ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن دېھقان يېلىنغىنىچە تاغارنىڭ ئۈستىدە يېتىۋاپتۇ. ئاخىرىدا ھېيىت نوچى ئىشەك بىلەن بۇغدايغا دېھقاننىمۇ قوشۇپ كۆتۈرۈپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن.

ھېيىت نوچى بىلەن بىر مەھەلىلىك ماللا يۈسۈپ خەلپىتىم دىگەن كىشى بىر تاغار بۇغداينى ئۈگىت قىلىپ ھۆيلىنىڭ دەرۋازىغا يېقىن يېرىدە تامغا تىكلەپ قويۇپتۇ. ئەسلىدە بۇ بۇغداي تاغار يېتىشمىگەنلىكتىن چوڭ بىرلا تاغارغا قاچىلانغان ئىككى پۇت، يەنى 16 چارەك بۇغداي بولۇپ،خەلپىتىم مەسچىتتىن يېنىپ قارىسا ھويلىدىكى بۇ بىر تاغار بۇغداي جىن ئېلىپ قاچقاندەكلا غايىپ بولغان ئىدى. ھەيران قالغان ئۆي ئىگىسى ئوغرى ئالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئۇيان- بۇيان قارىسا ئەتىراپتا بىرمۇ ئادەم يوق. پەقەت ئۆزىدىن بىرەر يۈز مېتىر يىراقلىقتا بىر ئاتلىق ئادەم كېتىۋاتقىدەك. ئۆي ئىگىسى يۈگەرگىنىچە ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ، تېخىمۇ يىراقلارنى ئىلغا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقىپ قارىسا، بۇغداي ئۆگزىدە تۇرغىدەك. يىراقلاپ كېتىۋاتقان كىشىنىڭ ھېيت نوچى ئىكەنلىكىنى پەمىلىگەن ماللا يۈسۈپ خەلپىتىم سۆيۈنۈش ھېسىياتى ئىچىدە ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەن.

ئەسلىدە تاڭ سەھەردە سەپەردىن يانغان ھېيىت نوچىنىڭ خەلپىتىمگە چاقچاق قىلغۇسى كېلىپ بۇغداينى بىر كۆتۈرۈپلا ئۆگزىسىگە تاشلاپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.

كاتتايلاقلىقلارنىڭ ھېيىت نوچى ھەققىدە ئەڭ ھاياجان بىلەن تىلغا ئالىدىغىنى ئۇنىڭ قەشقەردە سېيىت نوچى بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشىدۇر. بۇ ئىش 1915-يىلى قەشقەر شەھىرى ئاپاق غوجا مازىرىدىكى بىر قېتىملىق ھەزرەت سەيلىسىدە يۈز بەرگەن. مال-چارۋا سودىسى قىلىدىغان ھېيىت نوچى قاراجۈل تاغلىرىدىن سېتىۋالغان نەچچە ئون تۇياق قوي، ئۆشكە ۋە كالىلىرىنى ياردەمچى يىگىتلىرى بىلەن بىرگە ھەيدەپ ئاتلىق قەشقەر شەھرىگە بارغان. ھەمدە قويلىرىنى دەڭگە سولاپ، ئاتلىرىنى جايلاشتۇرغاندىن كېيىن بازار ئايلىنىپ كۆرۈپ كېلىش مەقسىتىدە ھەزىرەت سەيلىسى بولىۋاتقان ئاپاق غوجا مازىرىغا بارغان. ئايلىنىپ يۈرۈپ مېۋە-چىۋە يىگۈسى كەلگەن ھېيىت نوچى قارىسا ناھايىتى كۆپ ئادەم بىر سىۋەت ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ قارىشىپ تۇرغان، بىر نەچچە يىگىت زوڭزىيىپ ئولتۇرىۋېلىپ شاپتۇل (بەزىلەر ئۈرۈكمۇ دەيدۇ) يەۋاتقان ئىكەن. قارىسا سىۋەتتىكى شاپتۇل شۇنداق ئوخشىغان بولۇپ، ھېيىت نوچىنىڭمۇ يىگۈسى كەپتۇ. ئۇ كىشىلەر توپىدىن تەستە ئۆتۈپ، تېنى ئاران پاتقۇدەك بىر بوشلۇققا ئېرىشىپتۇ-دە، ئوڭ قولىنى زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ شاپتۇل يەۋاتقان يىگىتلەردىن بىرىنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ، سول قولىنى سىۋەتكە ئۇزۇتۇپتۇ. ئەمدىلا بىر شاپتۇلنى ئېلىپ ئېغىزىغا سالاي دەپ تۇرسا ئولتۇرغان يىگىت كەينىگە بىر ئۆرۈلۈپلا ھېيىت نوچىغا مۇشت ئېتىپتۇ. كەينىگە بىر قاڭقىپ ئەسلىگە كەلگەن ھېيىت نوچى ئالدىغا قارىسا ئىگىز بوي، ئۇستىخانلىق بىريىگىت «مۈرەمنى نېمىشقا تۇتىسەن» دەپ ئاغزىغا كەلگىنىچە تىللاپ ھۇرپىيىپ تۇرغىدەك. «نامەرت ئىكەنسەن» دەپتۇ ھېيت نوچى، ئىككىنجى مۇشتنى ئېتىشقا تەمشىلىۋاتقان يىگىتكە قاراپ. يىگىتنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئۆزىگە قىلغان ھاقارىتىنى كۆتۈرەلمىگەن ھېيىت نوچى، ھەدەپ كەينى-كەينىدىن ئېتىلىۋاتقان مۇشت-پەشۋالاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كەينىگە بىر نەچچە قەدەم چېكىنىپتۇ- دە، «ئۇرغان دېگەن مانا» دەپ ئۇنىڭ مەيدىسىگە كۈچەپ بىرنى ئۇرۇپتۇ. قارىسا، ئوڭدىسىغا يىقىلىپ قاسساپنىڭ جىڭ-پىڭ، تاغار، كۆتەكلىرىنىڭ ئارىسىدا ياتقان يىگىت، قولىدا قاسساپنىڭ پىچىقىنى تۇتقىنىچە كۈچەپ قوپۇشقا ھەركەت قىلىپ تۇرغىدەك. «سېيىت نوچىنى ئۇرۇپ قويدىلا، تېز قېچىپ كەتسىلە» دەپتۇ ئەتراپقا ئولاشقان كىشىلەر. ئاڭغىچە يىگىت بىلەن قۇرداش بولغان ئون نەچچە يىگىت ھېيىت نوچىغا قاراپ قىستاپ كەپتۇ. ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى، ھەمدە ئۆزى ئۇرۇپ قويغان يىگىتنىڭ سېيىت نوچى ئىكەنلىكىنى پەمىلىگەن ھېيىت نوچى ئەمدىلا ئون يەتتە ياشقا كىرگەن ياردەمچىسى ئەمەر ياقۇپنى باشلاپ راستىنلا قېچىپتۇ (ئەمەر ياقۇپ 1991-يىلى 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئەمەر ياقۇپنىڭ ئېيتىشىچە شۇ قېتىم ئۇلار قېچىپ بىر كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە سەدىقە تىلەپ ئالدىغا ئۆتكەن دىۋانىنى ھېيىت نوچى بەلبىغىدىن تۇتۇپ پىرقىرىتىپ ئۆستەڭگە تاشلىۋەتكەن ئىكەن).  ئۇلار شۇ قاچقىنىچە دەڭگە قايتىپ كەپتۇ. دەڭگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بولسا دەرھال يۇرتقا قايتىپ كېتىشى كېرەكلىكى بولمىسا سېيت نوچىنىڭ ئادەم ئىۋەرتىپ ئۆلتۈرگۈزىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلگىنى ئۈچۈن، ھېيىت نوچى خاتىرجەم بولالماي، ماللىرىنى باشقىلارنىڭ سېتىپ قويىشىغا ھاۋالە قىلىپ، شۇ كېچىسى كاتتايلاققا قايتىپ كەپتۇ. ھېيىت نوچى يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سېيىت نوچى بۇ كىشىنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپ دەرھال دەڭگە ئادەم ئەۋەتىپ ئىزدەشتۈرۈپتۇ. ھەمدە بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ قېتىم كاتتايلاققا ئادەم ئەۋەتىپ، ھېيت نوچىنى قەشقەرگە چاقىرىپ كاتتا مېھمان قىلىپتۇ. كىشىلەرنىڭ ھېكايە قىلىشىچە بۇ ئىككى پالۋان قەشقەردە جەم بولۇپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن سۆھبەت قۇرغان. ھەمدە ئاغا-ئىنە بولۇشقان ئىكەن. كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا يەنە ھېيىت نوچى قايتارىدا سېيىت نوچى ئۇنىڭغا ئىگەرلىك ئات سوۋغا قىلغان دىگەن گەپمۇ بار.

ھېيىت نوچىنىڭ نەچچىنچى يىلى ئەنجانغا بارغانلىقى، ئۆلۈپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا نەچچە يىل ئۇ يەردە تۇرغانلىقى، نېمە ئىش بىلەن بارغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بەزىلەر تاغا-ھاممىلىرىنى پاناھ تارتىپ بارغان دىسە، بەزىلەر تىجارەت ئۈچۈن بارغانمۇ دەيدۇ.

ھېيىت نوچى ئەنجانغا بارغاندىن كېيىن مەيلى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىللىرىدە، مەيلى چېلىشىش مۇسابىقىللىرىدە بولسۇن ئۆزىنىڭ كۈچتۈنگۈرلىكى بىلەن ئۈستۈنلىكى ئىگەللەپ، تاماشىبىنلىرىنىڭ چەكسىز قايىللىقىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال رەقىپلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۈچلۈك ئۆچمەنلىكىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «ياقا يۇرتتىن كەلگەن بۇ بىر نېمە ئۆز يۇرتىمىزدا بىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى، بىر ئاماللارنى قىلىپ كۆزدىن يوقاتمىساق بولمىغىدەك» دەپ مەسلىھەتلىشىپ مەقسەتلىك ھالدا بىر قېتىملىق كۈچ سىنىشىش ئويۇنىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار بىر موزاينى ئۆلتۈرۈپ ئاتلىق چېپىپ كېلىپ ئۇنى ئات ئۈستىگە ئېلىشتا بەسىلەشكەن. ئاۋال مەيدانغا چىققان قىرغىز پالۋان ئاتلىق چېپىپ كېلىپ موزاينى تۇتقانيۇ، كۆتۈرەلمىگەن بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن. ئارقىدىن كەلگەن ھېيىت نوچى موزاينى كۆتۈرۈپ ئاتنىڭ ئۈستىگە ئالغان. دەل مۇشۇ پەيىتتە ئاتمۇ، ئات ئۈستىدە ئولتۇرغان ھېيىت نوچىمۇ تەڭلا يەرگە يىقىلغان. ئەسلىدە موزاينىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېتىلىپ مەقسەتلىك ھالدا تاش قاچىلاپ تىكىپ قويۇلغان بولۇپ، ھېيىت نوچى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاشۇ بىر قېتىملىق سۇيقەستنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن. شۇ كۈنى قاتتىق كۈچەشتىن ئۇنىڭ ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، ھەسرەت ۋە نەپرەت بىلەن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان. ھەمدە ئۇۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەرلىرىنىڭ ياردىمىدە ئەنجاندا دەپنە قىلىنىپ، يەرلىكىدە ياتقان. گەرچە ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن يورۇقلىرى يىغلاپ-قاخشاپ، كۆپ قېتىم خۇن دەۋاسى قىلغان بولسىمۇ، قۇلاق سالىدىغان كىشى چىقمىغان. ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىنى چىشلەپ ئۈزىۋەتكەن بولۇپ، نېمىشقىدۇر «خەپ، سېنىڭ گېپىڭگىمۇ كىرەمدىغان» دىگەن سۆزنى ئىككى قېتىم تەكرارلىغان...

بىز ئۇنىڭ يەنە چېپىپ كېتىۋاتقان ئاتنى قۇيرۇقىدىن تۇتۇۋېلىپ توختاتقانلىقى، باشقىلار تۈگمەنگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سورۇپ، پاكىز قىلىپ تاغارلارغا قاچىلاپ قويغان 10 چارەكتىن ئۇشۇقراق نەچچە تاغار ئۈگۈتنى ئۆگزىلەرگە كۈچىمەيلا ئېلىپ قويۇپ، ئۈگۈت ئىگىللىرىنى ئىزدەتكەنلىكى، پادىلار توپىدىن كۆپ قېتىم چەتكە قېچىپ ئاچچىقىنى كەلتۇرگەن موزاينىڭ تۇمۇشىقىدىن سىقىپ سۆڭەكلىرىنى ئىزىۋەتكەنلىكى، ئارقىدىن قوغلاپ كەلگەن كۈيلىگەن تۆگىنى بىر مۇشت بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى قاتارلىق تالاي ھېكايىلىرى بار.

مەنبە : ئاقىللار تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 05:35 , Processed in 0.599012 second(s), 42 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش