ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 664|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياخشى ماقال-تەمسىللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ياخشى ماقال-تەمسىللەر  
* بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارسى 40كۈنلۈك يول.
* قارغىشچى ئېغىزغا قاغا چىچسۇن.
* قۇشنىڭ سايرىمايدىغنى يوق ، دۈشمەننىڭ قارغىمايدىغنى.
* دوستۇڭ دوسىت بولسۇن،ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن.
* چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر،ھېجايغاق قىزغا يىگىت.
* بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر.
* خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك.
* ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ،ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
* چىرايلىقتا ۋاپا يوق.
* ۋاپا تاق، جاپا جۈپ.
* ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.
* موللىنىڭ يامىنى ۋاراقچى، ئوغرىنىڭ يامىنى قاراقچى.
* ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خۇتۇن ۋاقچەتۇرۇپ كۇلۇڭنى كولايدۇ.
* ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول.
* تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق، سىيگەكنىڭ كېگىز بىلەن.
* باللىق ئۆي بازار، بالسىز ئۆي مازار.
* كۆز قورققاق ،قول باتۇر.
* ئەندىشنىڭ ئېتى قورققاق.
* ئورۇق كالىنىڭ پۇقى يوغان.
* ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
* باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.
* دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق.
* دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.
* پۇرۇچ يىغساڭ تون بۇلۇر.
* كېيىنكى پۇشمان ئۆزىگە دۈشمەن.
* ئامبال ئوت قويسا يوق سوراق،پۇقرا ياقالمايدۇ جىن چىراغ.
* ھارۋىنىڭ جابدۇقى پۈتمەس ، خوتۇن كىشىنىڭ كىيىمى پۈتمەس.
* پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما،ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا.
* بوغۇزنى پۈتۈن يېسە ، ئايغىدىن تۈتۈن چىقار.
* يىمەي تويدۇم بۇ شالنىڭ كۈرمىكدىن، پۈتۈن چىقتى قوڭۇمنىڭ پۈرمكدىن.
* سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن قېتتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.
* زاغرا نان قېتتىققا ياخشى،قېرى كالا پېتىققا ياخشى.
* ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە، پىشانىسنى يېرۋالار.
* بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا، پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا.
* بايلىق بىلەن پېقىرلىق ئىككىسى ئىككى ئات.
* ئۆردەك گۆشى يىسەڭ غازنىڭ پېيدە بول.
* پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان، سۆزىدىنمۇ ئۆزى يامان.
* گەپنىڭ يامىنى پىچىر، ئاتنىڭ يامىنى قېچىر.
* كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا كەلمەس.
* مىڭ پىراقتىن بىر ئەلمىڭ يامان.
* پىشقان قوغۇن ساپقىدا تۇرماس.
* بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.
* پىلانسىز ئىش يوق ئىش.
* پىل بىلەن دوسىت بولساڭ، پىلخاناڭنى راسلا.
* ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە پىيادە بىللە ماڭ.
* ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام.
* خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال تاپار.
* ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى تاتلىق.
* توخۇنى تاخ دېمە،مۈشۈكنى پەش دېمە.
* نادان قازانغا قارايدۇ،تادان ئوچاققا .
* قىش ئوچىقى تار،قوپ ئۆيۈڭگە بار.
* تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.
* ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.
* كۆزۈڭ ئاغرىسا ،قولۇڭنى تارىت. قورسىقىڭ  ئاغرىسا ،نەپسىڭنى تارىت.
* ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.
* بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس،باش تارىغان بىلەن خوتۇن.
* ئېشىمنى ئاز دېمەڭ، بېشىمنى تاز دېمەڭ.
* بىكار بولساڭ كېپەك تاسقاپ يە.
* تاشنى سوقسا قۇم بۇلۇر ، تۈمۈرنى سوقسا قىل بۇلۇر.
* ئۆچكە تاغدا پۇل ، ئۈزۈم باغدا پۇل .
* دەرت كەلسە جۈپ ، دۆلەت كەلسە تاغ .
* تاقىسىز ئېشەك تاش يۈرەلمەس .
* ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي ، تىرىك بولسا يارىسىنى تاڭاي.
* بارلىق ياراشتۇرىدۇ ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ.
* ئاقساق يول تالىشار ، پىخسىق پۇل تالىشار.
* تاما - تاما كۆل تۇلار .
* پۇل - پىششىق تاماق .
* تامچە سۇدا تال كۆكىرەر .
* تامغىلىق مال يۇقالماس .
* ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ ، كۆڭلىدىن زەھەر تامىدۇ.
* تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار تورقا كىيىپ بار.
* ئايدا كەلگەنگە ئاياغ ، كۈندە كەلگەنگە تاياق.
* ياتقان ئورنىڭدىن تايىنىپ قوپما .
* ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق.
* ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ .
* ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن .
* ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ .
* تەدبىرىڭ قانداق بلسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلار.
* ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن ، بەخىت كېلىدۇ تەردىن.
* ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما ، سايىبخاننىڭ تەرىگە قارا.
* تەرگىسەڭ تېرىق بۇلىدۇ ، تەرگىمىسەڭ ئېرىق.
* كېسەلنىڭ كىلىشى ئاسان ، كېتىشى تەس .
* تامچە سۇ تاشنى تېشەر .
* بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا .
* تەر بىلەن كەلگەن ، تەشنالىققا داۋا .
* تاز باشقا يېشىل تەقىيە .
* سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ ، تەكرار سۆزلىمە.
* گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار ، ساقالنىڭ تۈۋىدە خەپ بار.
* باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە.
* ئېگىلگەنگە ئېگىل ، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە . غادايغانغا غاداي، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە .
* تەڭ تېڭى بىلەن ، تېزەك قېپى بىلەن .
* تەن ساقلىق - تەڭدىشى يوق بايلىق .
* مەن قىلارمەن ئوتتۇز ، تەڭرى قىلار توققۇز.
* تەڭشەلمىگەن ئالەم ماتاكقا سالمىغان جان.
* قورققان مۇش تەڭلەر .
* كىشى نان تەڭلىسە يىمەيمەن دېمە ، قۇلۇڭغا ئال ، يېمىسەڭ يېمە.
* تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر ، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر.
* غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.
* چوڭ توقاچ پىشقۇچە كىچىك توقاچ كۆيۈپتۇ.
* قورساقنىڭ توقلۇقى، كۆڭۈلنىڭ شوقلۇقى.
* تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغانقورساقنىڭ توقلۇقى.
* توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.
* ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ،توقۇمىدىن ئايرىلما.
* توكورنىڭ يۇلى كۆپ، گاچىنىڭ ئېپى كۆپ.
* پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.
* ھاپتىغا شاپتى، توڭىرلىققا مەرەزدا.
* قېرى دوڭغاق كېلەر،سوغوقتا توڭغاق كېلەر.
* توخۇ توڭغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار.
* ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.
* ئوڭ ئايا،سول ئاياغ،بىزنى قىلدىڭ تومتاياق.
* تونلۇققا كۆپ سوغوق ، تونسىزغا ئاز سوغوق.
* توي-تونلۇقنىڭ، ھېيىت ئاتلىقنىڭ.
* بېخىل باي بولسا، ئانسىنى تومۇماس.
* ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك،ناچار مالنى سېتىشقا سۆز كېرەك.
* سەدىقە بالانى يەر ، توۋا گۇناھنى يەر.
* تويدىن يامانلىساڭ، توي قىلىپ كۆر.
* ئوۋنى ئوۋلا ئوۋچى بىلەن،توينى ئوينا تويچى بىلەن.
* يەر تويدۇرار، ئوت كۆيدۈرەر.
* تويمىساڭ تويۇڭدا تۇيارسەن.
* كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت.
* كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
* گەپ دېگەننىڭ تۇرغۇچى بار.
* تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى.
* گالدا نان تۇرسا،سۇغا يۈگۈر،گالدا سۇ تۇرسا، گۆرگە يۈگۈر.
* ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن، ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.
* تۇزۇڭنى يەپ تۇزلۇقۇڭغا چىچاي.
* سۇ كەلگۈچە تۇغان سال.
*  تۇغماس خوتۇن شۈمەكيىغىپتۇ.
* چۆگۈن ئالساڭ چەپچەكلىكنى ئال، خوتۇن ئالساڭ ئەمچەكلىكنى ئال.
* تۇغۇۋالمىغۇچە، بالا بولماس.
* توخۇ سەمرىسە،تۇغمىقى تەس؛ ئادەم سەمرىسە، قوپمىقى تەس.
* سوراقچىدىن تۇڭچى يامان.
* چالا توڭچى ئادەم ئۆلتۈرەر.
* خوتۇن كىشىنىڭ توللۇقىدىن ئەر كىشىنىڭ بوياقلىقى يامان.
* جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە.
* ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ،ھايۋان تۇياقتىن.
* تۆشۈك قۇلاق نىمىنى ئاڭلىماس.
* يىرتىق تۆشۈكتىن كۈلەر،چۆمۈچ قازاندىن.
* تۆشۈك مونچاق يەردە ياتماس،يەردە ياتسا توپا باسماس.
* قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا.
* ئون تال يىڭنىنى سوقسا،بىر تال تۆمۈنە بولماس.
* تۆھمەت تاش يارىدۇ، بايقىمىساڭ باش يارىدۇ.
* تۆھمەتخور ئاخىرى تۆھمەت بىلەن ئۆلەر.
* مېۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۈۋەن.
* تۈتۈننىڭ ئاچچىقنى مورا بىلەر.
* ئەركىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
* تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بۇلار.
* ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا.
* دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان،ئىچى قۇرۇق،ماختانچاقنىڭ گېپى يوغان،مېغىزىيوق.
* بار ماختانسا ئېچىلىدۇ،يوق ماختانسا چېچىلىدۇ.
* دوسىت كەينىڭدە ماختار ، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.
* ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەخمەق خوتۇنىنى ماختايدۇ.
* ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.
* قوشتا يوق،ماشاقتا يوق،خاماندا بار.
* بېشىڭنى كىم سىلسا،ماشايىخىڭ شۇ،يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا ،چىرايلىقىڭشۇ.
* يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق-ياق.
* پىچاق گۆشكە ماڭار،سۆڭەككە ماڭماس.
* مېلى بارنىڭ مېلىغا،مېلى يوقنىڭ جېنىغا.
* ماندارلىقتا ئات ئۆلمەس، ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس.
* ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.
* ئاغزى قايماق،كۆڭلى مايماق.
* غەرەزدىن غەرەز  تۇغۇلار،تاز باشتىن مەرەز.
* مەردنى مەيداندا سىنا.
* مەردنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن.
* كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس، كۆپ سۆزلىگەن بىلەن چېچەن بولماس.
* <<تۇر تۇر>> كۆپ بولسا ، ئۇيقۇدا مەززە يوق.
* مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
* چۆچۈرە يىمەكتىن مەقسەت گۆش يىمەك.
*ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار.
* يولۋاس ياتقىندىن مەلۇم.
* تېرىق قۇلقىدىن، بالا كىچكىدىن مەلۇم.
* سەن ئۆل مەن تىرىلەي.
* مەنمەنلىك-شەيتانلىق.
* ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت،قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
* قۇرساقنىڭ مەيلىچە بولسا، ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ يەر.
* ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، مېھنىتگە قارا.
* ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 23:01 , Processed in 0.691648 second(s), 42 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش