بالام ،ئىمتاھان نەتىجىسى ھېچنىمىنى بەلگىلىيەلـمەيدۇ(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىز ئاتا - ئانا بولغۇچىلار بالىلىرىمىزنىڭ ھاياتلىق سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان باشلانغۇچ مەكتەپكە، بالىمىز بىلەن تەڭ ھاياجانلىق ئىلىكىدە ھەم زور ئارزۇ - ئۈمىدلەر بىلەن بالىلىرىمىزنىڭ قولىنى يېتىلەپ ئەكىرىمىز، شۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇنجى قېتىملىق سىنىپ ھەيئىتى بولۇش، تۇنجى قېتىملىق تاپشۇرۇق، تۇنجى قېتىملىق ئىمتىھان، تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىلەر... باشلىنىپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇ «تۇنجى قېتىملىق...»لاردا سىز بالىڭىزغا قانداق مۇئامىلىدە بولدىڭىز؟ بالىڭىز تۇنجى قېتىم تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىگە خەتنى مايماق -سايماق يازغاندا، بالىڭىزنى ئەيىبلىدىڭىزمۇ ياكى بۇ سېنىڭ تۇنجى باشلىنىشىڭ، ئالدىرىماي چىرايلىق خەت يازىدىغان بولۇپ كېتىسەن، دەپ يىتەكلىيەلىدىڭزمۇ؟ بالىڭىز مۇئەللىمىدىن تۇنجى قېتىم تىل ئاڭلىغىنىدا، بالىڭىزغا «نېمىشقا مۇئەللىمىڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايسەن، يەنە سەن گەپ ئاڭلىماپسەنغۇ؟» دەپ بالىڭىزنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلىمايلا بالىغا زەربە بەردىڭىزمۇ؟ ياكى بالىڭىزنى تەنقىدلىگەن مۇئەللىمىگە (بالىڭىزنىڭ قىلـمىشى خاتا بولغان تەقدىردىمۇ ) دادىللىق بىلەن كۆرۈشۈپ «مۇئەللىم، مەن بالامنىڭ ھەقىقەتەن كەپسىزلىكىنى بىلىمەن، سىزگە جىق ئاۋارچىلىقلارنى تۇغدۇرۇپتۇ، مەن چوقۇم بالامغا ياخشى تەربىيە قىلىمەن، ئەمما سىزگە تەكلىپىم بۇندىن كېيىن بالام قانداق سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە ئۇنى بالىلار ئالدىدا ئەمەس، ئايرىم تەربىيە قىلسىڭىز ياكى ماڭا ئايرىم دېسىڭىز »دەپ بالىڭىزنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى، غورورىنى ساقلىيالىدىڭىزمۇ ؟ ئەمدىلا چوڭ ساناقلارنىڭ نېمىلىكىنى، نومۇرنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋاتقان بالىڭىز، تۇنجى قېتىم ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئالغاندا بالىڭىزدىن ئۈمىدىڭىزنى ئۈزۈپ ئۇ نارسىدىگە قاتتىق كايىدىڭىزمۇ ؟ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى ناھايىتى ياخشى تەڭشەپ «ۋوي بالام ،تۇنجى قېتىمدا مۇشۇنچىلىك نەتىجە ئالغىنىڭدىن خوش بولدۇم ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن »دەپ قۇچاقلاپ سۆيۈپ قويالىدىڭىزمۇ ؟
(http://bbs.oylirim.cn)/ s) s/ c S& K* ^$ h% e6 { سىنىپتا دەرىجىگە ئايرىلىشنىڭ نېمىلىكىنى ،مۇئەللىملەرنىڭ ،ئاتا - ئانىسىنىڭ نومۇرنى چوڭ بىلىش نەتىجىسىگە يۇقىرى نومۇر ئېلىپ كىچىك كىبىر پەيدا بولغان بالىڭىزغا «بالام ، ئىمتىھان نومۇرى ھېچنېمىنى بەلگىلىيەلـمەيدۇ ،ئۇ ساۋاقدىشىڭنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكىگە قارا،ئەمەلىيەتتە ھەممىڭلار شۇنچە قالتىس »دېيەلىدىڭىزمۇ ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تۆۋەن نومۇر سەۋەبىدىن كەمسىتىلگەن بالىڭىزنى چىڭ قۇچاقلاپ « داداڭ ،ئاپاڭ ساڭا مەڭگۈ ئىشىنىدۇ ،سەن كەلگۈسىدە قالتىس بىر ئادام بولالايسەن »دەپ بالىڭىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئىشەنچ بېرەلىدىڭىزمۇ ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قەدىر-قىممەتنىڭ نېمىلىكىنى ئائىلىدە ئۆگەنگەن بالا ،مەكتەپتىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىنىدۇ ھەم باشقىلارنىمۇ ھۆرمەتلەشنى ،قەدىرلەشنى ئاستا -ئاستا بىلىدۇ .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تۆۋەندە بىر ئاپىنىڭ بالىسىنىڭ ھەم باشقا بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن مۇئەللىمىگە يازغان خېتى دىققىتىمنى تارتتى، ھەم نۇرغۇنلىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ دېيەلمىگەن يۈرەك سۆزلىرى مۇشۇ ئىلـمىي مۇنازىرىگە مۇجەسسەملەشكەندەك ھېس قىلدىم. ئوقۇغۇچىلىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان ئويلىغىنى توغرا ئەمما بەزى -بەزىدە ئۇسۇل جەھەتتە خاتالىشىپ قالىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ ئاددىيغىنە خەتنى كۆرگەندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئويلىشىپ باقسا، ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلىسە، ھەم قوغدىيالىسا، بالىلىرىمىزنىڭ ئەركى