كەچۈر دادا، سېنى بەك ئۇزۇن ساقلىتىۋەتتىم(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۆز ھېسسىياتىمنى ئاتا-ئانامغا ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بەرگىنىمدىن باشلاپ سۆزلەي.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاتا-ئانام مەن تۇرۇۋاتقان جايغا كېلىپ بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن يۇرتقا قايتماقچى بولدى. ئۇلارنىڭ كىرىمى ئارانلا بولغاچقا، ئەزەلدىن ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ باقمىغان ئىدى. گەرچە ئۇلار ماڭا نەچچە رەت پويىزدا كېتىمىز دەپ جېكىلىگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىملىق قايتىش سەپىرىدە ئۇلارغا ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بېرىپ، ئايروپىلاندا ئولتۇرۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقسۇن دەپ ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بەردىم.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئايروپىلان بېلىتىنى دادامنىڭ قولىغا تۇتقۇزغىنىمدا، ئۇ خۇددى ئۇزۇندىن ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئويۇنچۇققا ئېرىشكەن كىچىك بالىدەك بەكمۇ ھاياجانلانلىنىپ كەتتى. ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ ئايروپورتقا چىقتۇق. يۈك-تاقلارنى يۈك توشۇش ھارۋىسىغا سېلىپ ئاندىن توشۇشقا ھاۋالە قىلىشقا بەرگۈچە، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئايروپىلانغا چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا دادامنىڭ ھاياجاندىن كىچىك بالىلاردەك خۇشال قىياپىتى ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ. مەنمۇ ئوخشاش، قىزىق يېرى ئۇ كۈندىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا ئازراقمۇ بىزارلىق ھېس قىلمىدىم.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئايرىلىش ئالدىدا، دادام ئالدىمغا كېلىپ ماڭا ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدىكى ياشتىن ئەجەبلەندىم، چۈنكى خاتىرەمدە دادام ناھايىتىمۇ چىدامچان كىشى ئىدى، قاچاندىن باشلاپ بۇنداق ھېسسىياتچان بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمىدىم. ئەمەلىيەتتە دادامنى بۇنچە ھاياجانغا سالغۇدەك ھېچقانداق ئۇلۇغ ئىشنى قىلغىنىم يوق، سەۋەبى بىرلا بولسا كېرەك، ئۇلارغا ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بېرىشىم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەھمىيىتى چوڭ بولۇشى مۇمكىن.
(http://bbs.oylirim.cn)& ~4 y! n/ {8 L' Z6 s% ~' fدادامغا «رەھمەت ئېيتىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى» دېگىنىمچە چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپ كەتتىم. كىچىكىمىزدە ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ قانچىلىغان ئارزۇلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەندۇ ھە؟ گۈدەكلىكىمىزدىن بولسا كېرەك، ئائىلە ئىقتىسادىمىزنى قىلچە ئويلاشماستىن، ئۇلارغا توپ پالىقى، ئويۇنچۇق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ بەر دەيدىكەنمىز. ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئارزۇلىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قۇربانلىق قىلغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمىز، بىز بولساق ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپمۇ باقمىدۇق ئەلۋەتتە.
(http://bbs.oylirim.cn)( Z: v3 I! _( Eئۆزىمىز ئاتا-ئانا بولغاندا، بالىلىرىمىزنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامالنىڭ بارىچە تىرىشىدىكەنمىز. تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۇلارنى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، ئۇلار ئېرىشمەكچى بولغانلىرىغا يەتكۈزىدىكەنمىز. ئەمما، ئۆز ئاتا-ئانىمىزنى ئارزۇلىرىغا يەتكۈزۈشنى ئويلىشىپ باقتۇقمۇ؟
(http://bbs.oylirim.cn)* \2 I# [! j. f, i/ q8 uئاتا-ئانامنىڭ سوئاللىرىغا قانچە قېتىملاپ بىزار بولغان ھالدا جاۋاب بەرگەنلىكىم يادىمدا يوق، ئەمما ھەر قېتىم قىزىمنىڭ سوئاللىرىغا ئەدەپ ۋە سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەرگىنىم ئېنىق ئېسىمدە. پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قەدرىگە يەتتىم. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكىن، ئادەم ياشقا چوڭ بولغاندا ئىككىنچى بالىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان بولىدىكەن، ئۇلار بىزنىڭ كۆيۈنۈشىمىزگە، غەمخورلىقىمىزغا موھتاج بولىدىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)) H: R9 f$ j' f: _1 iدادامنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان سىماسىغا قاراپ ئۆز-ئۆزۈمگە « مېنى كەچۈر دادا، كىچىككىنە ئارزۇيىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سېنى بەك ئۇزۇن، بەك ئۇزۇن ساقلىتىۋەتتىم» دېدىم.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى
(http://bbs.oylirim.cn)0 `% G% p7 ]; n$ Kنۇر تورىدىن ئېلىنىدى