ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 35144|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

شېئىر ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شېئىر ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرسۇن(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn); r3 B+ X; z- [3 \: F6 u8 u; Sئابدۇشۈكۈر قاۋۇل(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)1 a9 `2 m8 g4 D) w& K    ئەگەر سىز ئەدەبىي مۇھەررىر بولۇپ، بىر پارچە شېئىرنى تەھرىرلەپ قولدىن چىقارغىنىڭىزدا شېئىرنىڭ ئاپتورى ئالدىڭىزغا كېلىپ «شېئىرىمنىڭ مۇنۇ يەرلىرى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، دېمەكچى بولغان گېپىمنى چۈشەنمەپسىز، ئەسلى مۇنداق دېمەكچى ئىدىم...» دەپ شېئىرىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋالسا قانداق قىلىسىز؟ مەن يېقىندا مۇشۇنداق بىر ئىشقا دۇچ كەلگەندە شېئىر ئاپتورىغا «ئەڭ ياخشىسى شېئىر ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرسۇن» دېدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ گېپېم مۇنداقلا ئېيتىلغان گەپ بولماستىن، ئۇزاق يىللىق ئەدەبىي مۇھەررىرلىك تەجرىبەمدىن كەلگەنىدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دەرۋەقە، شېئىرنىڭ يېزىلىش جەريانى بىر قەدەر ئەركىن بولىدۇ، ئەمما تەھرىرلىنىش جەريانى ئۇنداق ئەركىن بولمايدۇ. چۈنكى تەھرىرلىنىش جەريانىغا نەشر ئەپكارىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىستېتىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى نىشانلىغان شېئىر ئىشلىتىش ئۆلچىمى، بولۇپمۇ، شېئىرنىڭ بەدىئىيلىكىگە قويىدىغان يۇقىرى تەلىپى سىڭگەن بولىدۇ. مۇھەررىر مۇشۇ  نوقتىنى چۆرىدەپ شېئىر تەھرىرلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھەررىر شېئىرىيەت ئىلمىدىن ۋە شائىرلىقتىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا شېئىر تەھرىرلەشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. مۇھەررىرنىڭ ئالدىغا كەلگەن بەزى شېئىرلارنى شېئىر دېگەندىن كۆرە، گەپ دۆۋىسى دېگەن تۈزۈك. بەزى شېئىرلار تېخنىكا جەھەتتىن شېئىر تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ، مەزمۇن جەھەتتىن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ؛ بەزى شېئىرلار ھەم تېخنىكا، ھەم مەزمۇن جەھەتتىن ئۇيغۇن كەلسىمۇ، بەدىئىيلىكى جەھەتتىن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئىشقىلىپ، مۇھەررىرنىڭ ئالدىغا تەلەپكە ئۇيغۇن شېئىرغا قارىغاندا، تەلەپكە بىئۇيغۇن شېئىر نەچچە ھەسسە كۆپ كېلىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن يېزىلىش جەريانى ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىدىغان شېئىرنىڭ ئاپتورىنى ئەيىپلەشكە بولمايدۇ. ئەمما مۇھەررىر ئاپتۇرنى ئەمەس، شېئىرنى تاللاپ تەھرىرلەيدۇ. مۇھەررىر تەلەپكە ئۇيغۇن شېئىرنى سۆيۈنۈپ تەھرىرلىگەن بىلەن، تەلەپكە يەتمىگەن، بىراق ئازراق تۇپا يۆلەپ قويسا جان كىرىدىغان شېئىرنى جان قاخشىتىپ تەھرىرلەپ، تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. «مۇھەررىر ئەڭ ياخشى پىكىر، ئەڭ ياخشى تەسەۋۋۇر، ئەك ياخشى ئوخشىتىشلىرىنى باشقىلارنىڭ شېئىرىغا بېرىۋىتىدۇ» دېگەن گەپ شۇڭا چىقسا كېرەك. بىراق مۇھەررىرنىڭ ئەجرى بىلەن ھەقىقىي شېئىرغا ئايلىنىپ ئېلان قىلىنغان بۇنداق شېئىرلارنىڭ ئاپتۇرلىرىنىڭ ئىنكاسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ئاپتۇرلار «ناھايىتى ياخشى تەھرىرلىنىپتۇ» دېسە، بەزى ئاپتۇرلار «بوزىۋېتىلىپتۇ» دەيدۇ. ھەتتا، بەزى ئاپتۇرلار يۇقىرقىدەك «مۇنداق دېمەكچى ئىدىم» دەپ شېئىرىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋالىدۇ. ئاپتۇر مۇھەررىرنىڭ ئالدىغا كېلىپ چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋالغان بىلەن ئوقۇرمەننىڭ ئالدىغا بېرىپ بىرمۇ-بىر چۈشەندۈرەلەمدۇ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس. ئاڭلىسام، تېخى بەزى ئاپتۇرلار «ئوقۇرمەن چۈشەنسۇن دەپ شېئىر يېزىش شائىر ئۈچۈن بىر بويۇنتۇرۇق» دەپ قارايدىكەن. مېنىڭچە، مۇشۇنداق ئىدىيەدە شېئىر يازىدىغانلار لايدا قونچاق ياساپ ئوينايدىغان كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ. كىچىك بالا كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن لايدا قونچاق ياساپ ئوينايدۇ. لاي قونچاق ئۆزىنى ياسىغان كىچىك بالىنىڭ كۆڭلىنى شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە خۇش قىلغاندىن كېيىن ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا، يۈرىكىدە شېئىر ئىشقى يېنىپ تۇرىدىغان ئاپتۇرلار لايدا قونچاق ياساپ ئوينايدىغا كىچىك بالىلارغا ئوخشىمىسا كېرەك.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)5 @0 W' h+ g' h: Cشېئىر - ھېس-تۇيغۇنىڭ زاھىر شەكلى ياكى ئاڭنىڭ ماددىلاشقان ھالىتى. ھېس-تۇيغۇنىڭ شەكىلگە كىرىش ياكى ئاڭنىڭ ماددىلىشىش جەريانى قانۇنىيەتلىك بولىدۇ. بۇ قانۇنىيەت ئەمەلىيەتتە شېئىرنىڭ قانۇنىيىتىدۇ. شېئىرنىڭ قانۇنىيىتى تىل، تەسەۋۋۇر، پىكىر، غايە، ئۇرغۇ، ۋەزىن، رېتىم، تۇراق، قاپىيە، ئىپادىلەش، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، سىمۋۇل، ئىماگ(ھېسسىي ئوبراز)، شەكىل، مەزمۇن، ھەتتا، پەش، چېكىتلەرنىڭ  مۇزىكىلىق بېرىكىش قانۇنىيىتىدۇر. بۇ قانۇنىيەت شېئىردىن مۇكەممەللىككە چەكسىز يېقىنلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق مۇكەممەللىككە چەكسىز يېقىنلىشالىغان شېئىر مۇھەررىرنىڭ ئالدىغا بەك ئاز كېلىدۇ. ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلېيېفنىڭ مەشھۇر شېئىرى «تۇگىمەس ناخشا» ئۆز ۋاقتىدا «تارىم» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى رەخىم قاسىمنىڭ ئالدىغا كەلگەنىكەن. رەخىم قاسىم شېئىرنى ئوقۇپ كۆرۈپ بەزى سۆزلەرنىڭ تۇيغۇ ئىپادىلەشتە جايىغا چۈشمىگەنلىكىنى بايقاپ، «جايىغا چۈشۈرۈش» پىكرىنى تېيىپجان ئېلېيېفقا دېگەنىكەن. تېيىپجان ئېلېيېف ساقىلىنى پەش قىلىپ، شېئىرىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋالماي، ئەكسىچە، رەخىم قاسىمنىڭ پىكرىنى ھۆرمەت قىلىپ، شۇ بويىچە تەھرىرلىنىشىگە قوشۇلغانىكەن. شۇنداق قىلىپ، بۇ مەشھۇر شېئىر رەخىم قاسىمنىڭ ئازراق «ئوڭشىغىنى» بويىچە ئەل ئارىسىغا تارقالغانىكەن. بۇنداق مىساللار نۇرغۇن. بىراق مەن ئۇچراتقان بەزى ئاپتۇرلار شېئىرىنىڭ سۆز، مىسرا، پەش، چېكىتلىرى «ئۆزگىرىپ» كەتسە ياكى تەلەپكە يەتمەي ئېلان قىلىنمىسا مېنى ئىزدەپ كېلىپ ۋە تېلېفون بېرىپ شېئىرىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋالدى ياكى نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. بىر كۈنى بىر ئاپتۇر كىتاب توغرىسىدا يېزىلغان بىر پارچە شېئىرنى كۆتۈرۈپ يېنىمغا كەلدى. مەن شېئىرنى ئوقۇپ كۆردۈم. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ شېئىر شېئىرغا ئوخشىمايتتى. شۇڭا بۇ شېئىردىكى ئۆزۈم ھېس قىلغان كەم تەرەپلەرنى پىكىر سۈپىتىدە ئاپتۇرغا دېسەم، ئۇ «مەن بۇ شېئىردا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرنى روزى سايىتمۇ، مۇھەممەدجان راشىدىنمۇ دېمىگەن» دەپ شېئىرىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋالدى. مېنىڭچە، شېئىرنى شېئىرنىڭ ئاپتورى چۈشەندۈرمەيدۇ، شېئىرنىڭ ئۆزى چۈشەندۈرىدۇ. شېئىرنى شېئىر ئاپتورىنىڭ چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋېلىشى شېئىردا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرەلىگەن شېئىر مۇھەررىرگىلا ئەمەس، ئاۋام-ئەلگىمۇ ياقىدۇ. بۇنىڭغا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ «ئويغان»، «غەزەپ ۋە زار»؛ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاپ»، «خىيالچان تېلەك»؛ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق مۇنەۋۋەر شېئىرلىرى ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. ھازىر شېئىرىيەت «دۇنياۋىيلىشىش»قا قاراپ يۈزلەنگەچكىمۇ، ئەيتاۋۇر، ئېقىم كۆپىيىپ، يېڭىلىنىپ، ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئېقىم ھەرقانچە يېڭىلىنىپ، ئۆزگەرگەن تەقدىردىمۇ، ئوقۇرمەن ئۆزگەرمەيدۇ، نىسپىي مۇقىم بولىدۇ. مەنىۋىي مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ ئېسىل جەۋھىرى بولغان شېئىرغا تەشنا نىسپىي ئۆزگەرمەس ئوقۇرمەننى ئالداشقا بىزنىڭ ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. چۈنكى بىزنىڭ شېئىر يېزىش ۋە تەقدىم قىلىشىمىز شۇلار ئۈچۈندۇر. شۇڭا   شېئىر مەيلى قايسى ئېقىم، قايسى ۋەزىن، قايسى ئۇسلۇبتا يېزىلسۇن، ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرەلەيدىغان بولۇشمۇ شېئىردىكى بىر خۇسۇسىيەت. بۇ ئىقتىدارغا، بۇ خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولالمىغان شېئىر ئېنىقكى «قىزىل قەلەم»نىڭ نىشانى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردە  دېيىلىۋاتقان «قىزىل قەلەم» ھوقۇققا ئەمەس، مەسئۇلىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر مۇھەررىر «قىزىل قەلەم» تۇتۇشنى مەسئۇلىيەت دەپ چۈشەنمەي، ھوقۇق دەپ چۈشۈنىۋېلىپ، تەلەپكە ئۇيغۇن شېئىرنىمۇ تەھرىرلىدىم دەپ، بىلەرمەنلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ خائىشى بويىچە تەھرىرلىسە ياكى قەستەن ئۆزگەرتىۋەتسە، بۇ، مۇھەررىرنىڭ يا ئىقتىدارسىزلىقىغا، يا كەسپىي ئەخلاقسىزلىقىغا بېرىپ چېتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىلەرمەنلىك مۇھەررىرنىڭ سۈپىتى ئەمەس. مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا ئاپتۇرنىڭ سوئاللىرىنى چەكلىگىلى بولمايدۇ. قويۇلغان سو******رغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن مۇھەررىر «قىزىل قەلەم»نى نۇرلاندۇرۇشى كېرەككى، شەنىگە داغ چۈشۈرمەسلىكى كېرەك. دەرۋەقە، بەزى ئاپتورلار «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» بويىچە شېئىر ئەسلى تەھرىرلەنمەسلىكى كېرەك، دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇنداق قاراشتىكى ئاپتورلار مەتبۇئاتالارغا شېئىر ئەۋەتكەندە ئارگىنالىغا «شېئىرىمنىڭ تەھرىرلىنىشىگە قوشۇلمايمەن» دەپ يېزىپ قويغىنى تۈزۈك. بۇ شېئىر مۇھەررىرنىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن، راستىنلا تەھرىرلەش بىھاجەت بولسا ئىشلىتىلىشى، تەھرىرلەش ھاجەت بولسا ئىشلىتىلمەسلىكى مۇمكىن. تەھرىر بۆلۈمىگە كېلىدىغان شېئىر ئارگىنالىغا، ئادەتتە، بۇنداق خەت يېزىلمايدۇ. ئارگىنالىغا بۇنداق خەت يېزىلمىغا شېئىرنى تەھرىرلىنىشكە قوشۇلغان شېئىر دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. تەھرىرلىنىشىگە قوشۇلمايدىغان شېئىر تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىلمەي ئاپتۇرنىڭ خاتىرىسىدە تۇرۇۋەرسە ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ. شېئىر تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىلگەن ئىكەن ئەلۋەتتە تەھرىرلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتىدۇ-دە. بولمىسا تەھرىر بۆلۈمىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، نېمىلا دېگەن بىلەن، شېئىر ئاپتۇرنىڭ بالىسىغا ئۆخشايدۇ، «قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق» دېگەندەك ئاپتۇرغا ئۆزىنىڭ شېئىرى ھەرگىز سەت كۆرۈنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتا ھەرقاچان ئۆزىنىڭ بالىسى تەرەپتە تۇرغاندەك ئاپتۇرمۇ ھەرقاچان ئۆزىنىڭ شېئىرى تەرەپتە تۇرىدۇ. بۇنداق تەرەپدارلىقنىڭ كەينىگە كىرسەك ياراملىق بالا - ياراملىق شېئىر ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. ياراملىق شېئىر قايتا-قايتا پىششىقلاشنىڭ مەھسۇلىدۇر. مۇنداقچە دېگەندە، مۇھەررىر شېئىرنى پىششىقلىغۇچىدۇر.  ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرەلىگەن شېئىرنى پىششىقلاشقا كۈچ كەتمىگەن بىلەن، ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرەلمىگەن شېئىرنى پىششىقلاشقا كۈچ كېتىدۇ.  شۇڭا ئاپتور يازغان شېئىرىنى چۈشەندۈرۈشكە زورقماي، ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرەلەيدىغان شېئىرنى يېزىشقا تىرىشىشى كېرەك.
(http://bbs.oylirim.cn). @! M& v+ x7 I) i! u(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى   2014. 9. 6.  8 -بەت(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)3 C8 i9 ^) Q7 c4 x. Z

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 00:04 , Processed in 0.681659 second(s), 41 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش