ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 114783|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«نومۇس تۇيغۇسى» نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئاسان يىمىرىلىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«نومۇس تۇيغۇسى» نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئاسان يىمىرىلىدۇ؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بېتا تورىنىڭ مەخسۇس ماقالىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
(http://bbs.oylirim.cn)) J2 H7 ^5 L, Q$ z; X% fيېقىندا، «قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يالىڭاچ قەرزى» نامىدىكى يالىڭاچ سۈرەت ۋە ۋىدىيولار توردا تارقىلىپ، «يالىڭاچ قەرز»نى يەنە بىر قېتىم بوران-چاپقۇن ئاغزىغا ئېلىپ كەلدى. ئاتالمىش «يالىڭاچ قەرز» دېيىلگىنى مەلۇم كىشىلەر توردا قەرز بېرىش سۇپىسى ئارقىلىق يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرىدىن قولىدا كىملىكىنى تۇتۇپ يالىڭاچ سۈرەتكە چۈشۈپ، سۈرەتنى قەرز رەنىسى قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ قەرزنى قايتۇرمىغانلارنىڭ يالىڭاچ سۈرىتىنى توردا ئاشكارىلاش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئازراق قانۇن ئېڭى ۋە تۇرمۇش ساۋاتلىرىدىن خەۋەردار ئادەملەرنىڭ ھەممىسى «يالىڭاچ قەرز»نىڭ قەلىبنى يامان يولغا باشلايدىغان «زەھەرلىك ئالما» ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ، ئەمما بۇ كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاچكۆزلۈكىگە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بولسا كېرەك. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ پەقەت پايدىنىلا كۆزلىشى، ۋاستە تاللىماسلىقى، مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتى يېتەرلىك بولماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولماسلىق، ئىنتېرنېت پۇل-مۇئامىلە ئىستېمال بازىرىدا مۇناسىۋەتلىك قانۇن كەمچىل بولۇش، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇل-مۇئامىلە خەتەر ئېڭى كەمچىل بولۇش قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللار «يالىڭاچ قەرز»دىن ئىبارەت بۇ يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ جەھەتتە قانۇن ئىجرا ئورۇنلىرى قانۇن ئاساسىدا، باشقۇرغۇچىلار باشقۇرۇش نۇقتىسىدا، تەربىيە بەرگۈچىلەر تەربىيەلەش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىبرەت ئېلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، بىز ئوبدان ئويلىشىپ كۆرۈشىمىز زۆرۈر، قەرز ئالغۇچىلار نېمە ئۈچۈن «يالىڭاچ سۈرەت تارتىش»تەك ئادەم ئېغىزغا ئېلىشتىنمۇ ئۇيۇلىدىغان قىلمىشقا پەرۋا قىلمايدۇ؟ قەرز بەرگۈچىلەر نېمە ئۈچۈن بۇ ئارقىلىق ئۆز يانچۇقىنى توملايدۇ؟ مەلۇم تورداش قاتتىق غەزەبلىنىپ سوئال قويدى: ئەجىبا ئۇلار نامراتلىقتىن ئەقلىنى يوقىتىپ قويدىمۇ؟ باي-نامراتلىق ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس، ھەقىقىي مەسىلە شۇ يەردىكى، مەدەنىيەتنىڭ «ئەۋرىتىنى ياپقۇچ» ئاللىبۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدە يىرتىپ تاشلانغان.
(http://bbs.oylirim.cn): U& M  w" c$ r& b$ Y7 N9 t" a- |ئادەمنىڭ ئاچكۆزلۈكى تۇتسا، ئەخلاق ۋە قانۇن ئۇنىڭ ئالدىدا «نومۇستا قالىدۇ». «نومۇس تۇيغۇسى»نىڭ پەردىسى يىرتىلغان ھامان، ھەمىشە ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئەڭ بەتبەشىرە نەپس ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. خۇددىي كاڭ يۇۋېي ئېيتقاندەك:«ئادەم نومۇس قىلىشنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن بەزى ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىدۇ، نومۇسنى بىلمىسە ئىدى قىلمىغان ئىشى قالمىغان بولار ئىدى.» پەقەت «يالىڭاچ قەرز»لا ئەمەس، ھازىر بىر قىسىم «تور چولپانلىرى» توردا ئۆزىنىڭ «گۈزەللىكى»نى ئاشكارە بىۋاستە ئاڭلىتىپ، ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلماقتا؛ بەزى خۇسۇسىي تاراتقۇلار ۋىدىيو پىروگراممىلىرىدا «مەخپىي ئورۇنلار»نى ئاشكارە نامايەن قىلماقتا. ئادەمدە بىر تۆۋەن چەك بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇ ئەخلاق چېگرىسىنى بۇزۇپ تاشلاشنى نومۇس دەپ بىلمەستىن ئەكسىچە ئۇنىڭدىن پەخىرلەنسە، ھەتتا بۇ ئارقىلىق «ۋىجدان تاپاۋىتى»قىلسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ھايۋان بىلەن نېمە پەرقى؟
(http://bbs.oylirim.cn)* k# L( F* P8 Hبەلكىم بەزىلەر «ئەخلاقنىڭ چېكى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئەخلاق پىرىنسىپىمۇ نىسبىي بولىدۇ، ئەخلاقنىڭ تارازىسىنى كېمەيتىش ئارقىلىقمۇ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ» دېيىشى مۇمكىن. بۇ سۆز پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس. بىر ئۆزگىرىشچان جەمئىيەتتە، ئەخلاق ئۆلچىمىمۇ دەرۋەقە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. فېئوداللىق جەمئىيەتتە «ئۈچ ئەھكام، تۆت ئەركام» تەشەببۇس قىلىنغان، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەھكاملار ئاللىبۇرۇن تاشلىنىپ قالدى؛ فېئوداللىق جەمئىيەتتە 15-16 ياشقا كىرىپمۇ توي قىلمىسا يولدىن چىققانلىق سانىلاتتى، بۈگۈنكى كۈندە 15-16 ياشتا مۇھەببەتلەشكەنلەر بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن سانىلىدىغان بولدى. ئەخلاقنىڭ پاسىلى مەيلى قانداق ئۆزگەرمىسۇن، جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغىنىلا ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ. «يالىڭاچ قەرز»دەك ئىشلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەخلاق تونۇشىغا خىرىس قىلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، بۇنداق ئىشلارغا يول قويۇۋەرمەستىن، ئۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كىشىلىك ئەخلاقنىڭ كۈچلۈك تەقەززاسى.
(http://bbs.oylirim.cn); P7 c7 F- x" r9 _( U) tئەخلاق چەكلىمىلىرىنىڭ تەكرار-تەكرار كۈچتىن قېلىشى ئەخلاقنىڭ كارغا كەلمەس نەرسە ئىكەنلىكى ياكى ئەخلاق تارازىسىنىڭ كىشەنگە ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇ ئەخلاق تارازىسى بىلەن ئادىمىيلىك نومۇس تۇيغۇسىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئادەم نومۇس تۇيغۇسىنى جۇلالاندۇرغاندىلا ۋە چەك-چېگرانى ئېنىق تونۇپ يەتكەندىلا، ياخشى-يامان ۋە ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىنى قېلىپقا چۈشۈرەلەيدۇ. ئەنگلىيەلىك مەشھۇر ئەدىب Shaw «بىر ئادەمنىڭ نومۇس قىلىدىغان ئىشى قانچە كۆپ بولسا، ئۇ ھۆرمەتلەشكە شۇنچە ئەرزىيدۇ» دېگەن. كۆپىنچە ھاللاردا نومۇس تۇيغۇسى مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: خالىغان جايغا تۈكۈرۈش، يولدىن خالىغانچە كېسىپ ئۆتۈش، رېشاتكىلاردىن ئاتلاش قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنى يوقىتىشنىڭ ئاساسى مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «نومۇس قىلىش» دېگەن ئىككى خەتنى قەلبكە مۆھۈر قىلىپ ئويۇشتا. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە، نومۇس تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ئوخشاشلا كەم بولسا بولمايدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋال شۇكى، قىممەت قارىشى يېتىلدۈرىدىغان ھالقىلىق مەزگىل ئەكسىچە قىممەت قارىشى يېمىرىلىدىغان مەزگىلگە ئايلانماقتا. ئون نەچچە ياش، يىگىرمە ياشلىق ياشلار دەرۋەقە بىلىم قۇرۇلمىسى تولۇق يېتىلمىگەن، قىممەت قارىشى تولۇق شەكىللەنمىگەن، ھېسسىيات پىسخىكىسى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن بىر ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرىدۇ.  ئۇرۇغ-تۇغقان ۋە ئۇستازلىرىدىن ئادەم بولۇشنىڭ نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلالمىسا، ئۇ ھالدا «بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ، بىر ئەقىل تاپىسەن» دېگەن ماقال تەمسىلنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ياشلىق دېگەن بۇ ئىسىمغا جۇشقۇنلۇق، ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەش روھى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئىستىكى، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى مۇجەسسەملەنگەن. شۇڭا ئۆزىدە گۈزەل قەلب يېتىلدۈرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تۇنجى قەدىمىنى مەزمۇت قەدەم بىلەن بېسىپ، ئۆزى ۋە جەمئىيەتكە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەخلاق ۋە ئىلىم-ئېرپاندا تەڭ يېتىشكەن ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇش ياشلارنىڭ زىممىسىدىكى ئەڭ مۇقەددەس ۋە شەرەپلىك بۇرچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 05:36 , Processed in 2.224728 second(s), 38 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش