ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 63035|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھاراقكەشلىك نېمىنى ئىزدەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   ھاراقكەشلىك نېمىنى ئىزدەيدۇ(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(«ئىزدەش» ھېكايىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن)
(http://bbs.oylirim.cn)! \. W1 g" u7 g  C( @+ z, Oسۇلتان مەقسەت

(http://bbs.oylirim.cn)9 i% M$ x0 j, H3 J- v* y
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھاراق ئىچىش زىرىكىشتىن كىلىپ چىقىدۇ. زىرىكىش-ئۆلۈم تۇيغۇسىدىن پەيدا بولىدۇ. چۈنكى، ھاراقنىڭ مەست قىلىشى ئادەم مېڭىسىنىڭ نۇرمالنى ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، زىرىكىشنى يوق قىلىدۇ.  زىرىكىشكە تۇتۇلغان ئادەم ھاياتىنىڭ قانداق داۋاملىشىشى ئالدىدا ئىچى پۇشۇپ قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالىدۇ. مېڭىسىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ ئۈزلۈكسىز پەيدا بولىۋاتقان نەپىسىنىڭ ئېھتىياجىدىن قۇتۇلغان ئادەم كىنايىلىك مەسخىرە بىلەن ئېيتىلغان ئاتالمىش «تەڭشىلىپ» قالغان ئادەمگە ئايلىنىپ، ھاراقكەشلىك ئۇسۇلى بىلەن ھازىرىدىن قېچىشقا ئاتلانغان بولىدۇ. ھازىرىدىن قاچقان ئادەم ۋاقتىنىڭ مەنىسىزلىكىدىن قورققان ئادەمدۇر. ئىنسان ۋاقتىنىڭ مەنىسىز ئۆتۈشى ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئىزدىگەنلىكتىن يۈز بىرىدۇ.  ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتىنى باشقىلارنىڭ ئارىغا ئېلىشى، ئېتىراپ قىلىشى، ھۆرمەت بىلدۈرىشى بىلەن تاپقاندەك بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn); x, K8 ?! V0 }! b% J7 |( g# x«ئىزدەش» ھېكايىسىدە (ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىننىڭ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدىكى ھېكايىسى) ئايالىنىڭ باشقۇرىشىدىن قۇتۇلغان دەم ئېلىش كۈنىدىكى ۋاقتىدىن نامەلۇم مەنانى ئىزدىگۈچى ھاراقنىڭ مەستلىكى ئارقىلىق مەنا ئىزدەش تۇيغۇسىغا ئېرىشمەكچى ھەم زىرىكىشتىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ مەناسىنى مەستلىك ئارقىلىق ۋاقتنى ئۇنتۇش، ۋاقىت تۇيغۇسىنى يۇقىتىش ئۇسۇلى ئىزدەشكە باشلايدۇ. مانا بۇ ئادەمنىڭ ئۆز ۋاقتىدىن قېچىشىدۇر، ھايات مەناسىنى قانداق تېپىشنى بىلمەسلىكىدۇر. ئىدىيىسى چۆلدەرەپ قالغان، روھى ئېچىرقاپ كەتكەن  ئادەملەرگە مۇھىتنىڭ يېتەرلىك مەنىۋى ئوزۇق تەمىنلەپ بېرىش بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ كېتەلمەي، مەست قىلغۇچى ھاراق ئىستىمالى بىلەن نېمە بولساڭ بول دەپ ئەركىگە قۇيىۋېتىشتۇر.
(http://bbs.oylirim.cn)% }7 D% k5 K- Z0 B$ N& wجۈملىدىن، ھېكايىدە قانداق دەم ئېلىشنى، دەم ئېلىشتىن قانداق پايدىلىنىشنى، قانداق ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى، ئۆزىنى قانداق خوشال قىلىشنى  بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش ئىدىيە-روھى ھالەتتە تېڭىرقاپ-گاڭگىراپ يۈرگەن تۇنۇش-بىلىشلىرى بىلەن، دەم ئېلىش كۈنىنى ھاراق ئىچىپ مەستلىك ئىزدەپ  ئۆتكۈزگەن كومىدىيەلىك قىلىقلىرىنى ئەيىپلەپ، مەسخىرە قىلىپ، ھاراقكەشلىكنى ئىزدەشتىكى ئىدىيە-پىسخىك سەۋەپنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ھەم ھاراقكەشلىكنىڭ جەريانىنى ئوبرازلىق ئۇسۇلدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. دېمىسىمۇ، ئىدىيىسى قالايمىقان ھەم ئاكتىپ يېتەكلىنىشتىن بەھرىمان بولالمايۋاتقان، روھى-پىسخىك ئىنتىلىشلىرى ئاچ قالغان-يىتىمسىرىغان، نەزەر دائىرىسى ئېچىلمىغان، تەپەككۇرى تەرەققى قىلمىغان، ھاياتى تىپچەكلەشلىرى ئاددى مۇھىتتىن ھالقىيالمىغان، بىچارە روھى ھالەتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشنى بىلمەي چۈشكۈنلۈك ئىزدەپ يۈرگەن «مەن» مەزكۇر ھېكايىدە ئۆزىنى ھەم ھەقەمسايىلىرىنى، شۇنداقلا مۇشۇنداق ئىزدەشنى پەيدا قىلغان ئاتالمىش بىغەم مۇھىتنى سەلبى ئۇسۇلدا نامايەن قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئاپتورنىڭ مۇھەببەت بىلەن ئۆزگەرتىش تەشەببۇسى ۋاستىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئادەم بىلەن مۇھىتنىڭ، ئادەم بىلەن ئىدىيە-قىممەت ئېڭىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈش نىشانى قىلىنغان بۇ ھېكايە مۇئەييەن ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ خېلى ئۇتۇقلۇق چىققان بولغاچقا، ئاپتورنىڭ تەپەككۇرىغا ياندىشىپ ئۆز مەقسىدىمنى ئورتاقلىشىشنمى ئويلۇدۇم. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەدەبىيات ئادەمنى ئىپادىلەش، ئادەمنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق قانداق ئادەم بولىۋاتقانلىقىغا باھا بېرىدۇ، ئادەمنىڭ خوشاللىققا ھەم قەدىر-قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان توغرا يولدا ماڭمىغانلىقىنىڭ ھەم مۇشۇ تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەيدۇ. جۈملىدىن، ئەدەبىيات ئادەمنىڭ ھاياتىغا مۇھەببەت ئىزدەيدۇ. شۇڭا، ھاياتىدىن مۇھەببەتنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ئادەم مەستلىكنى ئىزدىمەيدۇ. ئادەمدە ھاياتقا مۇھەببەت تولۇپ-تاشقان بولسا، ۋاقىتتىن قاچمايدۇ، بەلكى ۋاقتىنى يەتكۈزەلمەي قالىدۇ، ئۇنىڭغا بىر كۈن 12 سائەت يىتىشمەي قالىدۇ، بىر سوتكا 24 سائەت بىلىنمەيلا تۈگەپ كېتىدۇ، بىر ھەپتە يەتتە كۈن ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ ئالمىشىپ بولىدۇ، بىر ئاي 30 كۈن ئاز كېلىپ قالىدۇ، بىر يىل 365 كۈن قوغلىغاندەك سۈرئەتتە ئاخىرلىشىپ قالىدۇ. 80 يىل ئۆمۈر كۆرۈدىغان ئادەمنىڭ 29200 كۈن ھاياتىمۇ نېمىگە ئېرىشكىنىنى بىلمەيلا تۈگەپ قالىدۇ. ھاياتنىڭ پىرىنسىپلىرىنى چۈشەنگەن ئادەم تېڭىرقاشتا نامەلۇم ئىزدەش تۇيغۇسىدا مەستلىكتە ئۆزىدىن قاچماي، بەلكى ئۆزىگە چىڭ ھەمرا بولۇپ ھاياتقا مۇھەببەتنى ئىپادىلەشكە ئادەتلىنىپ كېتىدۇ. ئەكسىچە، ئادەملىك ھاياتىنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى چۈشەنمىگەنلەر مانا مۇشۇنداق نامەلۇم مەنا ئىزدەپ، ئاقىۋەت يارىماسلارنىڭ ئەرزىمەس مەستلىكىگە مەستانە بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn), Q  g8 w- [& \, B1 N$ fئۇنداقتا، قانداق ئادەم ۋاقىتتىن قېچىپ ۋاقىتنىڭ بىچارە قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ! مەزكۇر «ئىزدەش» ھېكايىسىدىكى «مەن» ۋە «مەن» ئىزدەپ تاپقان  ھاراقكەشلەر ۋاقىتنىڭ قۇلىغا ئايلانغان بىچارىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق بىر توپ كىشىلەرنىڭ پىسخىك كېسەللىكى نامايەن قىلىپ بېرىلىدۇ. ھېكايە رىئاللىقتىن تاللىنىپ ئېلىنىدۇ، ئەدەبىياتنىڭ مەقسىدى رىئاللىقنى توغرا تەپەككۇر بىلەن تەھلىل قىلىدۇ. ھېكايىدە روھى ئاچلىق، قەلبى قۇرغاقچىلىق بىلەن نامەلۇم ئىزدەشنىڭ تۈرتكىسىدە ھاراقكەشلىك توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، پىسخىك كېسەللىككە دۇچار بولغاچقا ھاياتنىڭ بېسىمىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ھاراقنىڭ مەستلىكى بىلەن رىئاللىقتىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قېچىپ، مەستلىكى يېشىلىپ تۇرمۇشقا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، يەنە تېخىمۇ ئېغىر ئىزدەشكە دۇچار بولىدىغان كىشىلەر ئىختىيارسىز كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. مانا بۇ مەدەنىيەت بىلەن مۇھىتنىڭ، مەدەنىيەت بىلەن جەمىيەتنىڭ تازا ماسلىشىپ كېتەلمەيۋاتقان زىددىيەتلىك ئىپادىسى. بۇ زىددىيەتلىك ئىپادىنى مەدەنىيەت-ئىدىيە كېسىلى دىمەي تۇرالمايمىز. بۇ ئىدىيە كېسەللىكىدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى ھەم ئىدىيە-ساپاسى، ئۇلارنىڭ بالا تەربىيەلەش چۈشەنچىسى، مائارىپنىڭ ئۈنۈمى ۋە جەمىيەتنىڭ تەسىرى دېگەندەك نۇرغۇن باغلىنىشلىق تەرەپلەرنى ئويلىماي تۇرالمايمىز. قىسقىسى، ئۆز مۇھىتىدىن ئۆزلىرىنى روھى ئاچلىققا مۇپتىلا قىلغان بىر توپ ئادەملەر نامەلۇم ئىزدەشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن تەننى ھەم جاننى قىينايدىغان ھاراقكەشلىكنىڭ دەردىگە باغلانماقتا. ئۇنداقتا، ئادەم بىلەن ھاراقكەشلىكنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار!         
(http://bbs.oylirim.cn)( ?' S  G9 O5 m5 rئادەمگە ئىككى نەرسە زورلاپ ئىچىرىلىدۇ، بىر دورا، يەنە بىرى زەھەر. دورا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىچىرىلسە، زەھەر جاننى ئېلىش ئۈچۈن ئىچىرىلىدۇ. ئەمما، ھازىر ھاراقنىمۇ زورلاپ ئىچىرىدىغان ئەھۋال ھاراق سورۇنىنىڭ قائىدىسىگە، ھاراقكەشلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتتى. شۇڭلاشقا، جەمىيىتىمىزدە ئادەملەر بىر-بىرسىگە ھاراقنى زورلاپ ئىچىرىدۇ، خۇددى پايدا قىلىدىغاندەك. ھاراقنى كۆڭۈلگە تەڭ قىلىدۇ، خۇددى كۆڭۈل ھاراققا ئوخشايدىغاندەك. باشقىلارنىڭ سۇنغان ھارىقىنى ئىچىش ھۆرمىتىنى قىلغانلىق بولىدۇ، خۇددى ھاراق ھۆرمەتنىڭ ئۆلچىمىدەك.  ئەمما، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش قانۇنغا خىلاپ، ھاراق ئىچىپ خىزمەت قىلىش ئىنتىزامغا خىلاپ، ھاراق ئىچىپ بالا تېپىش ھامىلە سۈپىتىگە خىلاپ، ھاراق ئىچىپ ئاشقازان-جىگەرنى كاردىن چىقىرىش ھاياتلىققا خىلاپ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھاراق بىلەن مېھمان قىلىش، ھاراق بىلەن مېھمان بولۇش ھەممىدىن ھاراقنى چوڭ بىلىش بولۇپ، بۇنداق ئادەت-قائىدىگە جامائەت كۈچى باھا بېرىپ باقمىدى، رەددىيەمۇ بىرىپ باقمىدى.  ھاراقكەشلىكتىكى يوقۇتۇشلارنىڭ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىغا بىر كىم ئاچچىق ۋارقىراپ باقمىدى. ھاراقكەشلىك ئارقىلىق قايتىلانماس ۋاقىت، جانغا ھوزۇر سالامەتلىك، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئىشلارغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىقتىسات، مەنىلىك-قىممەتلىك ھايات ئىسراپ بولدى، زايە كەتتى. ئەسلىدە ھاراقكەشلىك قىلىپ يۈرۈشكەن ئادەملەرنىڭ تۇغۇلىشىنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى بويىچە ئۆزلىرىگە ھەم ئەل-يۇرتىغا قىممەت يارىتىدىغان مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيىتى بار ئىدى. چۈنكى، ئادەم دېگەننىڭ ياشاشتا مەجبۇرىيىتى، تۇرمۇشتا مەسئۇلىيىتى، جەمىيەتتە بۇرچى بولىدۇ. ھېچقانداق ئادەم ئارتۇق-ئوشۇقچە تۇغۇلمايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn), g% V/ N8 ]: ~! I1 q8 i( _ھەرقانداق ئىش سەۋەپ-نەتىجىلىك بولىدۇ. شۇڭا، ئادەملەرنىڭ ھەرقانداق ئىش قىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەم مەقسىدى بولىدۇ. لېكىن، تارىختىن بۇيان ھاراق ئىچمىسە جاننى ساقلاپ قالالمايدىغان، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدىغان ئادەم كىلىپ چىقمىغان. دېمەك، ھاراق زۆرۈرىيەت ئەمەس ھەم ھاراق ئىچمىگەنلەر ساغلام بولالماي قالىدىغان ئىشمۇ يوق. شۇڭا، ھاراقنى زورلاپ ئىچىرىش نادانلىق ھەم باشقىلارنىڭ نېمە ئىچىش-نېمە ئىچمەسلىك تاللاش ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ھاقارەتتۇر. ئەخلاقسىز، ساپاسىز كىشىلەر باشقىلارنى بىكاردىن-بىكار ھاقارەت قىلىدۇ. شۇنداقلا، ئەخلاقسىز-ساپاسىز كىشىلەر توپىغا قېتىلغانلار بۇرنى-قۇلىقىغىچە تويىدۇ ھەم ئۆزلىرىمۇ ئۇلاردەك ئادەم بولۇشقا يۈزلىنىدۇ.  (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىزنىڭ رىئاللىقىمىزدا ھاراق ئىچىش قانۇنغا ۋە ئەخلاققا خىلاپ ئەمەس، شۇڭا كىمنىڭ قانچىلىك ئىچكىسى كەلسە شۇنچىلىك ئىچىدۇ.  ھاراقنى شەھەرلىكمۇ-سەھرالىقمۇ، بايمۇ-نامراتمۇ، ئەمەلدارمۇ-پۇقرامۇ، چوڭمۇ-ياشمۇ، ئەرمۇ-ئايالمۇ ئىچىدۇ. ھاراق ئىچكەن ئادەم ھاراقنىڭ قانچىلىك ئاچچىق، بەتتام-لاۋزا ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالمايدۇ. ئەگەر ھاراق بۇنچىلىك ئاچچىق لاۋزا بولماي، تاتلىق بولۇپ قالغان بولسا، ئادەملەر يەنە قانچىلىك ئىچىپ كېتەر بولغىيىتى-ھە! (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھاراقكەشلىك پىسخىك ئاجىزلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى قىلىنىۋالغانلىق بولۇپ، ساق كاللىسىنى مەست قىلمىسا تارتىنىش، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، ئۆزىنى ئەركىن قۇيۇۋېتەلمەسلىك، يۈرەكلىك-دادىل بولالماسلىق، ئۆلۈم تۇيغۇسى بولغان زىرىكىشكە بەرداشلىق بېرەلمەسلىك دېگەندەك ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، ئەقىدە-ئېتىقادى نائېنىق كىشىلەرنىڭ يارىماس ئاجىزلىقلىرى بولۇپ،  بۇ ھاراققا تايىنىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىردەم بولسىمۇ ئۆز رىئاللىقىنى، ئۆزىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى، ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممەت دەرىجىسىنى ئۇنتۇيالمايدىغانلار ھەم زىرىكىشتىن قۇتۇلالمايدىغانلار رىئاللىقتىن قېچىشنىڭ باھانە-سەۋەپلىرىگە مەستلىكنى يانتاياق قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم ئادەملەر روھى ئېچىرقاشنى ھاراقنىڭ مەستلىك دۇنياسىدىن باشقا ئۇسۇل-چارىلەر بىلەن قاندۇرۇش مۇھىتىنى ھازىرلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن، مەستلىكتىن باشقا بىغەم ئەركىنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ، گۈزەللىكنى-بەختنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەيدۇ، تۇرمۇشنىڭ خوشال كۈنلىرىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى، ئىدىيە-پىسخىكىسى كېسەلگە گىرىپتار بولغان ھاراقكەشلەرنىڭ ئەقىدە-ئېتىقات تۇنۇش-چۈشەنچىسى چوڭقۇر ئەمەس سۇس بولۇپ، قىممەت ئېڭى-دۇنيا قارىشى ئۇلارنى يىتەكلىيەلىگۈدەك ھالەتتە ئەمەس. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    (مەن بۇ ھېكايىنىڭ مۇشۇ يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللانغان نۇسخىسىنىلا ئوقۇغان ئىدىم.)  
(http://bbs.oylirim.cn)5 j# J8 ]9 x. v8 T( m0 ]$ X" w(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەزكۇر ھېكايىنىڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى ئادرىسى:
(http://bbs.oylirim.cn). f( S2 ]6 n3 L! Z1 r. }7 Ihttp://bbs.xjzjxh.com/forum.php? ... &extra=page%3D2

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 23:47 , Processed in 0.619959 second(s), 45 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش