ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 458|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاكا ، ئىنساپ قىل ( ھىكايە )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاكا ، ئىنساپ قىل (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
( ھىكايە )

(http://bbs.oylirim.cn)' X5 \! K" k9 ?3 Nقەدىردىن بوۋاي ئۆلۈپ كەتتى. بۇندىن يەتتە يىل بۇرۇن مومىيى ئاينىساخان تۈگەپ كەتكەن ئىدى. مانا ھازىر ئوغۇللىرى سەيپۇللا، ھەمدۇللا ۋە كىچىك قىزى مەرەمنىسا ئاتا – ئانىسىز قالدى. سەيپۇللا ئون يەتتە ياشتا توي قىلغان، ئوغلىمۇ ئۆز بويلۇق بولۇپ قالدى. بۈگۈن ئۆيلەمدىمكىن، ئەتە ئۆيلەمدىمكىن دەپ يۈرىدۇ. مەرەمنىسانى تويلاپ بەرگىلى تېخى يېرىم يىلمۇ بولمىدى. ھەمدۇللا بولسا يىگىرمە يېشىدا كۆيۈپ قالغان قىزنى ئاتا – ئانىسى ئېلىپ بەرگىلى ئۇنىماي، ئۇ قىز توي قىلىپ كەتكەندىن بىرى جاھاندىن يوقلا بولۇپ كەتتى. توي قىلىش، ئائىلە قۇرۇش، يوقنىڭ غېمىدە بولۇش، بارنى كۆپەيتىش، ئويۇن – تاماشا دېگەنلەر خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ. ئېتىز ۋە ئۆينىڭ ئىشلىرىدىن قولى بوشىسىلا دۇتارنى قولىغا ئېلىپ، تۈگىمەس پەدىلىرىنى چالغىنى چالغان. يېشى بولسا ئوتتۇزدىن ئاشتى.
(http://bbs.oylirim.cn)) W8 G1 q7 r9 `# G1 M" y) qدادىسى تۈگەپ كېتىپ بالىلارنىڭ تاغدەك يۆلەنچۈكى يىقىلدى. سەيپۇللا بىلەن مەرەمنىسانىڭغۇ ھېچبولمىغاندا ھالىغا يەتكۈدەك، كۆڭلىنى ئىزدىگۈدەك كىشىلىرى بار، بىراق، بار كەلگۈلۈك ھەمدۇللاغا بولدى. شۇنچە يوغان ھويلا، ئالتە ئېغىزلىق ئۆي، ئون نەچچە تۇياق قوي، ئىككى كالا، يەتتە – سەككىز توخۇ، ئەللىكتىن ئوشۇق كەپتەر، ئۈچ مو تېرىلغۇ يەر ئۇنىڭغا قاراشلىق بولۇپ قالدى. بۇلارغۇ مەيلى ئىدى. قەدىردىن بوۋاينى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان خەنزۇ تىجارەتچى ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن تۆلەم ھېساۋىدا بەرگەن بىر يۈز قىرىق مىڭ يۈەن پۇل بۇ ئائىلىدىكىلەرنى ئۆرە – تۆپە قىلىۋەتتى. بايا ئېيتقىنىمىزدەك، ھەمدۇللانىڭ بۇلارغا كۆڭۈلشىگۈدەك رىغبىتى يوق، ئەمما سەيپۇللانىڭ ئۇيقۇسى بۇزۇلۇپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلدى. قولى ئىشتىن، تىلى گەپتىن قالدى. توي قىلىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن سەيپۇللانىڭ ھال – ئوقىتى، تۇرمۇشى خېلىلا ياخشى بولۇپ، كەينىدىرەك بولسىمۇ مەھەللىدىكى بايلارنىڭ قاتارىدا ھېساپلىناتتى. بىراق ئۇ ئەل – ئۆمرىدە بۇنچىلىق كۆپ پۇلنى كۆرۈپ باقمىغان، يەنە كېلىپ ئىككى قېرىندىشى بىلەن بۆلۈشىۋالسا تامامەن بولىدىغان بۇنچىۋالا پۇلنى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. دېمەك، بۇ پۇللار قانون بويىچە تەڭ نىسبەتتە ئۈچكە ئايرىلىپ، ئۈچ قېرىنداش بىر ئۆلۈشتىن ئېلىپ ئۆزىنىڭ چۆنتىكىگە سالىدىغان پۇل ئىدى. سەيپۇللا باشتا ئويلىغان، ئۇ دادىسىنىڭ يىگىرمە نەزىرىسىنى بېرىپ بولۇپ، مەھەللە چوڭلىرىنى چوڭ ئۆيگە يىغىپ، دادىسىدىن مىراس قالغان يەر، ئۆي، قوي – كالا ، توخۇ – كەپتەر، باش – ۋارانلارنى ھەمدە قەدىردىن بوۋاي يېمەي – ئىچمەي ‹‹ھەمدۇللانىڭ تويى ئۈچۈن›› دەپ يىقغان ئون مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلنى ھەممىنىڭ ئالدىدا ئاشكارا ھالدا مىراس بۆلگەن قاتاردا بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزىگە تېگىشلىكنى ئېلىپ كەتمەكچى ئىدى. ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولسا خېلى ھاللىق سەۋىيەدە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان دادىسىنىڭ، ياق، ھازىرقى ئىنىسىنىڭ ئۆيىدىن ئوبدانلا لۇقما شىلىۋالاتتى- دە، بۇ ئىشى قانون ھەم شەرىئەتكىمۇ مۇخالىپ كەلمەيتتى. مەھەللىدىكىلەرمۇ ئەيىپ بىلمەيتتى. بولسا چوڭ ئوغلى ئابدۇساتتارنى ئۆيلەپلا دادىسىدىن مىراس قالغان ھويلىنىڭ ئىچىدىن ئۆي ئىگەللەپ، شۇ يەرگە پاتۇرۇپ قويسا، بۇ ئۆيدىمۇ بىر كىشىلىك يىلتىزى بولاتتى. بۇ ئىشلارنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولالماي باش قاتۇرۇپ يۈرگەندە ئىچكىرىدىن مەبلەغ سالغۇچى دېدىمۇ، قۇرۇلۇش بىناكارى دېدىمۇ، ئىشقىلىپ بىر نېمىلەرنى دەپ پەيدا بولغان بىر خەنزۇ يولداش چالا مەست پېتى ھەيدىگەن ماشىنىسىدا بوۋاينى سوقۇپ ئاخىرەتكە يولغا سېلىپ قويۇپ، تۆش – بېقىنلىرىغا ئۈسكەن پۇلىدىن ساپ – ساق بىر يۈز قىرىق مىڭنى تۆلەم ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئالدىغا تاشلىدى. ئۇ كەينىگە سېلىپ چىققان ئۇيغۇر ئادۋۇكاتنىڭ دېيىشىچە سوت ئېچىلىپ قالسىمۇ مۇشۇنداق كىسىم چىقارمىش، بۇ يولداشنىڭ سوتقا چىقىپ قالغۇسى يوقكەن. ئەگەر سوتقا چىقىپ قالسا چوڭ ئىشلىرىغا تەسىر يېتىپ، تىجارىتى ئاقسىغاننى ئاز دەپ يۈزى تۆكۈلۈپ كېتەرمىش. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئىشلار شۇنداق بولدى. بوۋاي قازا قىلىپ تېخى يىگىرمە كۈن بولماستا خەنزۇ يولداش بىلەن ئۇيغۇر ئادۋۇكات بىر سومكا پۇلنى ئۇلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، بىر ۋاراق قەغەزگە ئىسمىنى يازدۇرۇپ، قولىنى باستۇرۇپ يولىغا راۋان بولدى. ئەمدىكى گەپ مىراس بۆلۈشۈش ئىشىدا قالغان ئىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)3 n; `1 g& x5 ^
(http://bbs.oylirim.cn)3 K/ a1 i' a: u+ Tمەرەمنىسامۇ ئۆز ئۆمرىدە بەش مىڭ يۈەنگە چاغلىق كۆپ پۇل كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئاكىسى ھەمدۇللا سومكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ پۇللارنى گىلەمگە تۆكۈۋېدى، چىرايى خەسىدەك تاتىرىپ، زۇۋانى تۇتۇلدى. لەسسىدە بولۇپ تامغان يۆلىنىپ قالدى. لېكىن ئۇنىڭ يولدىشى ئىنتايىن تەقۋا، دىندار ئائىلىنىڭ بالىسى بولغاچقا مەرەمنىسانىڭ مىراس ئېلىشىغا قوشۇلمىدى. ئاكىسى سەيپۇللا:
(http://bbs.oylirim.cn)$ G  m2 ~# L* f2 G; o-ھەر بىرىمىزگە قانچە پۇلدىن توغرا كەلسە شۇنچە پۇلدىن بۆلۈشىمىز،- دېگەن سورۇندا قىلچە ئىككىلەنمەي:
(http://bbs.oylirim.cn)" b& m5 H9 w' y. L/ C- X-مەرەمنىسا مىراس ئالمايدۇ. مەن ئۇنىڭ نىكاھلىق ئېرى، مېھىر ھەققىگە نىكاھلاپ، ھالاللاپ ئالغان كۈندىن تارتىپ ئۇنىڭ ھەر قانداق چىقىمى ھەم ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، بىر تەرەپ قىلىش ھوقوقۇم بار. مەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆز يولىدا ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان دىندار ئائىلىنىڭ بالىسى. ھەمدە ئائىلەمنىڭ شارائىتىمۇ يامان ئەمەس، ئىقتىسادتىن قىينىلىدىغان، مەرەمنىسانى تۇرمۇشتا قىسىپ قويىدىغان ئىشلار يوق. شۇنداق تۇرۇپ ئايالىم مىراس ئالسا ھەم بۇ پۇلنى خەج – خىراج قىلىپ يۈرسە بۇ ماڭا نېمە نومۇس؟! دىنىمىزدا ئاتا – ئانىدىن قالغان نەرسىلەر مىراس ھېساۋىدا بالىلارغا قالدۇرۇلىدىغان ئىش بار. لېكىن ئىسلام جۈملىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق مىراس بۆلۈشۈش تازا ياخشى ئىش ئەمەس. مىراس بۆلۈشۈپ ياكى شۇ توغرىدا داۋالىشىپ قالغانلارنىڭ ياخشى كۈنلەرگە ئۇلىشالمايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ تالاي سۆزلەر بار. شۇڭا مەەرمنىسا مىراس ئالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز رازىلىقىم بىلەن ھازىر بانكىدا نەخ بار بولغان پۇلۇمدىن ئەللىك مىڭ يۈەننى ئۇنىڭ نامىدا ئايرىم كارتا بىجىرىپ، شۇ كارتىغا يۆتكەپ بېرىمەن. قۇرساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ قالسا شەھەردە ئىجارىگە بېرىلىۋاتقان ئىككى دۇكاننى ئۇنىڭ نامىغا يۆتكەپ بېرىمەن. ئىككى ئاكا، بۇ پۇللارنى ئۆزۈڭلار بىلىپ ئايرىپ، خىراجەت قىلىڭلار،- دېدى. ئاندىن مەرەمنىسانىڭ جاۋاپ قايتۇرۇشىنى كۈتمەيلا قولىدىن يېتىلىگەن پېتى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. سەيپۇللاغا بۇ گەپمۇ ياغدەك ياقتى. ھەمدۇللا بولسا خۇددى بۇ پۇللار ئۆزىگە كېرەك بولمايدىغاندەك، بۇ كۆڭۈل بولمىسىمۇ بولىدىغان ئادەتتىكى ئىشتەك بىنەزەر ئولتۇراتتى.
(http://bbs.oylirim.cn)# H: Q9 [$ F/ g3 A9 L1 ?پۇللار تەڭ نىسبەتتە بۆلۈنۈپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئوغۇللارنىڭ نامىدا بانكىدا قويۇلدى. ئاندىن سەيپۇللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەھەللە چوڭلىرى دادىسىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، بۇ ئائىلىگە تەۋە بولغان بارلىق مال – مۈلۈك، لاقا – لۇقىلارنى تىزىملاپ، ھېساۋىنى چىقاردى. شۇنداق قىلىپ ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بىرى بىر جان، بىر تەن بولۇپ دەۋر سۈرىۋاتقان نەرسە كېرەكلەر، ئۆي جابدۇقلىرى، قوي – كالا ۋە يەنە باشقا نەرسىلەر ئۆردىكى ئۇيان، غېزى بۇيان قىلىنىپ، ئىككى ئوغۇلغا ئايرىپ بېرىلدى. مەرەمنىسانىڭ يولدىشى ‹‹ئالمايدۇ›› دەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەچكە ئۇنىڭغا مىراس بۆلۈنمىدى. بىراق، قايسى ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە قاچان كەلسە قارشى ئېلىنىدىغان، يەكلەنمەيدىغان بولۇپ ئاغزاكى كىلىشىم پۈتۈلدى. شۇنداق قىلىپ يېرىم يارتا بىكارلانغان ئۆي، قوتان، توخۇ كاتىكى ۋە پەغەزلەر مومىيى ئۆلۈپ كېتىپ تەنھا قالغان قەدىردىن بوۋايدەك مۇڭلىنىپ قالدى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتتى. سەيپۇللا:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئۆينى قەۋەتلىك قىلىپ سېلىۋاتقان، پۇل كەملەپ قالدى. ئۆينى سېلىۋېلىپ غەملەپ بېرەي،- دەپ ئىنىسىنىڭ ھېساۋىدىكى پۇلنى پاك – پاكىزە سۈپۈرۈپ كەتتى. دۇتاردىن باشقا مۇڭدىشى يوق، دۇتاردىن باشقىنى خالىمايدىغان ھەمدۇللا ‹‹ھە›› دەپلا ئاكىسىنى خوش قىلغان بولدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن قەشقەردىن كەلگەن بىر شەخسىي سەنئەت ئۆمەكنىڭ تەكلىۋى شۇ سەنئەت ئۆمەكنىڭ ئارتىسى قاتارىدا ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەتكەن ھەمدۇللا يېرىم يىلغىچە قەشقەردە تۇرۇپ قالدى. ئۇ يەردىكى ئىش – كۈشلىرىنى تۈگىتىپ يۇرتىغا قايتىدىغان چاغدا ھەمدۇللامۇ خېلى تونۇلغان بىر سەنئەتكار بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ مىجەز – خارەكتىرىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇرۇنقىدەك جىمغۇر، كەم سۆز، خىيالچان روھى ھالىتى قالمىغان ئىدى. روھى كۆتۈرۈلۈپ، تېتىكلىشىپ، شوخلىشىپ قالغان ھەمدۇللا ھاياتقا مۇھەببەت ۋە زوق بىلەن قارايدىغان، ئۆزىنى ياساپ يۈرىدىغان كېلىشكەن يىگىت بولۇپ قالغان ئىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)2 q5 w& M, n9 q4 P" sھەمدۇللا ئىسىل چامادانىنى سۆرەپ، دۇتارى سېلىنغان خرۇم قاپنى مۈرىسىگە ئسىپ، ئاياغلىرىنى پارقىرىتىپ، كۆزەينىكىنى پىشانىسىگە تاقاپ مەھەللىسىگە قەدەم باسقاندا، بالىلىقى ۋە بارلىق مۇھەببىتى سىڭىپ كەتكەن، ئاتا – ئانىسىنىڭ سىماسى، ھىدى، ئەسلىمىلىرى قالغان، ئۆزىگە تەۋە دەپ ئايرىپ بېرىلگەن ئۆيگە يوچۇنلا كىشىلەر كۆچۈپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئىدى. ئۇ كەتكەندە كالا – قويلىرىنى سېتىۋېتىپ، ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىپ، يەرلىرىنى ئاكىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ماڭغان بولۇپ، ئۇزاققا قالماي كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويغان ئىدى. بىراق بارغان يېرىنىڭ توپىسى ئېغىر كېلىپ، ئۇزاققا قالدى. مانا ئەمدى ئۆينىڭ يېڭى بىر ئىگىسى چىقىپ ‹‹كىم بولىسىز؟›› دەۋاتىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)/ ]: W" E  Y6 }) F7 u. R7 _8 Wئۇ كىم بولاتتى؟ بۇ ئۆيدىكىلەر كىم بولىدۇ؟ بۇنىڭغا بىرەرسى چىقىپ چۈشەنچە بېرىشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئۆينىڭ ‹‹ئىگىسى›› بولىۋالغانلاردىن سوراپ بىلدىكى، بۇ ئۆينى ئاكىسى سەيپۇللا بۇلارغا توختام ئىمزالىشىپ سېتىپ بېرىپتۇ. تېخى پۇلنى نەخ بېرىپ، ھېچقايسى تەرەپ سودىدىن يانمايدىغان بولۇشۇپ سېتىپ بېرىپتىمىش! ئەمدى كىلىشكەن يىگىت ھەمدۇللا ئىگە – چاقىسىز قالغىنى ئاز كېلىپ يەنە ئۆي – ماكانسىز قالدى.
(http://bbs.oylirim.cn); s) r4 y$ y  A. r6 E8 G8 E" dئۇ ئاكىسىنى ئىزدەپ باردى. ئىنىسىنى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ، دەپ ئويلاپ چوتنى خاتا سوققان سەيپۇللانىڭ يۈرىكى قوش كىشىلىك سېلىپ، ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالدى. مەرەمنىسا كىچىك ئاكىسىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چوڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە سېغىنىش، ھاياجان، ئەنسىزلىك ئارىلىشىپ كەتكەن كۆز ياشلىرى مەڭزىنى يۇيۇپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. ئۇ ھاياجان بىلەن كىچىك ئاكىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلغاندا باداڭ تاغاردەك تومپىيىپ چىققان قۇرسىقى ئاكىسىنىڭ مودىللاردەك بوي – بەستىگە تاقاشتى. ئۇنىڭ ئېغىر ئاياق ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئاكىسىمۇ خۇددى مەرەمنىسادەك ھاياجانلاندى، خۇش بولدى. سىڭلىسنىڭ بەختىدىن سۆيۈنۈپمۇ ياكى ئۇزاق ۋاقىتلىق ئايرىلىشتىن كېيىنكى دىدار پەيتىدىن ھاياجانلىنىپمۇ، ئەيتاۋۇر ياش تۆكتى. سىڭلىسىنىڭ كېلىشى بىلەن ئاكا – ئۇكىلارنىڭ غىژ – پىژلىرى سەل بېسىققاندەك بولدى. بىراق، سەيپۇللا بۇنىڭلىق بىلەن ئىشنىڭ جاۋاپكارلىقىدىن قاچالمايتتى، ھەمدۇللامۇ بۇ ئىشنى ‹‹مەيلى›› دەپلا بولدى قىلىۋېتەلمەيتتى. مەرەمنىسانىڭ ئەنسىرىگىنىمۇ دەل شۇ ئىدى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاكا – ئۇكىلار ھۈرپىيىشىپ قالدى. سەيپۇللا ئۆزىنىڭكىنى يوللۇق قىلىش ئۈچۈن بار ئاماللارنى قىلىۋاتاتتى، ھەمدۇللا قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ سۆزلەپ، ھە دېسە ئۇنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ قويۇۋاتاتتى.
(http://bbs.oylirim.cn)( F* q0 K! y# n6 ?) T-دادام – ئاناملار تۇتقان ئۆينى ئىككى تۆت تال پۇلنى دەپ باشقىلارعا سېتىۋېتىشكە قانداق كۆڭلۈك ئۇنىدى؟ ساڭىمۇ بىر مۇنچە پۇل تەگكەن ئىدىغۇ؟ ئۇ يەتمەي مەندىكىنىمۇ ئالدىڭ، سىڭلىمىزمۇ مەرتلىك قىلىپ ھەممىدىن ۋاز كەچتى. شۇنچىۋالا دۇنيانى سۈپۈرۈپمۇ يەنە تويمايدىغان قانداق پوكان ئۇ؟ ئاتا – ئانىمىزنىڭ روھى قورۇنمامدۇ ئاكا؟! (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-يا سەن بولمىساڭ، يا مەن ئولتۇرمىسام، شۇنچە كەڭرى ئۆي بىكار تۇرامدۇ؟ ئۇنىڭدىن پۇل لازىم بولغاندا سېتىپ ئىشلىتىپ تۇرساق، قولىمىزغا پۇل كىرگەندە يەنە ئۆز يولى بىلەن قايتۇرىۋالىمىز ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ كەمگىچە كەلمىگەندىن كېيىن سېنى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. سەنمۇ نەدىكى ئالا كۈچۈكلەر  بىلەن يۇندى يالاپ يۈرمەي، بالدۇرراق كېلىپ ئۆينىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئولتۇرساڭ بولمامدۇ؟ (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ گەپ ھەمدۇللانىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ قويدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-مەن ماڭاردا ئىشككە قۇلۇپ سېلىپ قويغان، ئاچقۇچ ھازىرمۇ يېنىمدا تۇرۇپتۇ. كەتسەم ئۆلگىلى كەتمىدىم، بىرەر مەھەل جاھاندارچىلىق قىلىپ كېلىمەن دېگەن ئىدىمغۇ ئۆز ۋاقتىدا!؟ ئاتا – ئانامنىڭ ماكانى، تۇتقان ئۆيى، قېرىنداشلىرىم، ئانا يۇرتۇم دېمىسەم بارغانلا يېرىمدە ۋاي دەپ قارشى ئېلىپ، بېشىدا كۆتۈرگەن ئىدى. سىلەرنىڭ مېھرىڭلارنى، ئۆز ئۆيۈمنىڭ مېھرىنى سېغىنىپ قايتىپ كەلسەم بۇ نېمە قىلغىنىڭ ئاكا؟
(http://bbs.oylirim.cn). x. G; w0 f/ ?3 P# |; R5 c. f, H% N-بولغۇلۇق بولۇپ بولغاندا قانداق قىلىپ بېرىمەن ئەمدى؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئۆينى ياندۇرىۋالايلى، ھازىرلا ئۇلارنى ئىزدەپ بارايلى!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-نېمە؟ كاللاڭ جايىدىمۇ سېنىڭ؟ نەدە ئۆينى سېتىپ بېرىپ ئىككى ئايدىن كېيىن يېنىۋالىدىغان ئىش بار؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە توختامدا ‹‹كىم سودىدىن يانسا قارشى تەرەپكە ئوتتۇز مىڭ يۈەن تۆلەيدۇ›› دەپ يېزىلغان تۇرسا، بۇ زىياننى مەن قانداق كۆتۈرىمەن؟ (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئۇنىڭ بىلەن كارىم يوق، كىم سېنى ئۆينى سېتىۋەتسۇن دەپتىكەن؟ ئۆزۈڭ قىلغان ئىشقا ئۆزۈڭ ئىگە بول! قانداق قىلساڭ قىلىپ ئۆينى قولۇمغا ياندۇرۇپ ئېلىپ بەر! (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئۇنداق بولسا توختامدىن يېنىۋېلىش پۇلىنى سەن تۆلە!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئوھوي! تىنچلىقتۇ ئاكا؟! دادامنىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلىدىن ماڭا تەگكەن يەتمىش مىڭ يۈەننىمۇ سەن ئالدىڭ، ماڭا قالدۇرۇلغان بىر يېرىم مو يەرنىمۇ سەن ئالدىڭ، بىر مۇنچە كەپتەر – توخۇلارنىمۇ سەن ئالدىڭ. مەن قەشقەرگە ماڭغاندا ئۆيدىن دۇتارنى قولتۇقلاپلا چىقىپ كەتسەن تۇرسام، نەدە يۈرۈپ بۇنچە جېق پۇل تاپىدىكەنمەن؟ بۇ پۇلنى نەدىن تېپىپ تۆلەيمەن؟ سېنىڭ گەدىنىڭدىكىسى بېرىشنى بىلىپ يېنىشنى بىلمەيدىغان پۇلما؟ نېمىشقا ئۆزۈڭ تۆلىمەيسەن؟
(http://bbs.oylirim.cn)  D  u. E! [% F2 g. M4 V-مەن تاكاللىشىۋاتامسەن بەچچىغەر؟ ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-مەن كىم بولساممۇ، ئىشقىلىپ ساڭا ئوخشاش ئىنىسىنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلغان، دادا چىرىقىنى ئۆچۈرگەن، ئانا مېھرىگە ئاياق قويغان ۋىجدانسىز ئەمەس. بۇ قېتىم يول قويمايمەن، قايتۇرۇپ بەر دېدىممۇ، ئۆينى ماڭا قايتۇرۇپ بەر. بولمىسا سوتتا كۆرۈشۈپ قالىمىز... (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-بولدى ئۇرۇشماڭلار،- دېدى مەرەمنىسا كۆزلىرىگە لىققىدەياش ئېلىپ،- مەن دېگەنتىمغۇ سەيپۇللا ئاكا، كىچىك ئاكام قايتىپ كەلسە سۈرۈشتە قىلىدۇ، ئۆيگە تەگمە دەپ ئەسكەرتكەنتىمغۇ؟! ھەممىمىز بىر قۇرساق قېرىنداشقۇ، ئىنساپ قىل جېنىم ئاكا، كىچىك ئاكامنىڭ ھەققىنى بەخىرامان خەجلەپ قانداق ياشاۋاتىسەن؟ تاپقانلىرىڭ ئۆزۈڭگە يېتىپ ئاشىدۇ، يەنە نېمە نەپسى بالا بۇ؟ بۇنى خۇدايىممۇ راۋا كۆرمەيدۇ. ئەمدى بولسىمۇ ماقۇل دەپ ئۆينى قايتۇرىۋال ئاكا...
(http://bbs.oylirim.cn)- g% A4 k# g" c8 \2 O+ {5 x0 e' w-ئېرىڭ ھەزىلەكنى بىلگىنە سەن ماڭقۇش، كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي يوقىلە ماڭ!..(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ گەپ بىلەن تەڭ مەرەمنىسا مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ كەتتى. ھەمدۇللانىڭ پۈتۈن ئاچچىقى مېڭىسىگە تەپتى. تۈرۈلگەن مۇشتىنى تەستە باشقۇرۇپ ئۆزىنى بېسىۋالدى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-تۈزۈك گەپ قىل ئاكا، ئۇ دېگەن بىزنىڭ سىڭلىمىز جۇمۇ!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-سىڭلىمىز بولسا قانداق قىلىپ بېرىدىكەنمەن؟ ئىككىڭ بولمىغان بولساڭمۇ ئاتا – ئانامدىن قالغان مال – مۈلۈك ماڭا ئوڭچە قالاتتى. كەتكەن يېرىڭدە تۇرۇپ قالماي پوق بار دەپ يېنىپ كەلدىڭمۇ سەن لامزەللىمۇ؟! (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھەمدۇللا ئاران تەستە بېسىۋېلىۋاتقان ئاچچىقىغا ئەمدى ھاي بېرەلمىدى. چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاكىسىنىڭ بۇرنىغا تۈز مۇشت ئۇردى. سەيپۇللا دەلدۈگۈنۈپ كەينىگە ئۇچۇپ چۈشتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقاندا ئۈلگۈرۈپ كەلگەن ھەمدۇللا ياقىسىدىن بوغۇپ سىلكىپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى. ئاڭغىچە مەرەمنىسا تاغاردەك قۇرسىقىنى تاقاشتۇرۇپ ئىككىسىنى ئاجرىتىۋېلىش ئۈچۈن گىرەلەشكەن قوللارغا ئېسىلدى. ھەمدۇللانىڭ ئامبۇردەك قوللىرى سەيپۇللانىڭ ياقىسىدىن ئاجرايدىغاندەك قىلمايتتى. شۇ تەرىقىدە بىر دەم تالاش – تارتىش بولدى. ئاي – كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان مەەرمنىسانىڭ ئىككى ئاكىسىنى ئاجرىتىشقا كۈچى يەتمىدى. ھەمدۇللا سەيپۇللانى قىستاپ تامغا نىقتاپ تۇرۇپ قۇرسىقىغا ئىككىنى تىزلىۋەتتى، ئاندىن مۈرىسىدىن تارتىپ يەرگە دۈم چۈشۈرىۋەتتى. ئۆمىلەپ يۈرۈپ بوسۇغا تۈۋىگە بارغان سەيپۇللا ئورنىدىن تۇرۇش ئۈچۈن تەمشىلىۋاتقاندا مەرەمنىسا قۇرسىقىنى دومبايتقان پېتى بېرىپ ئاكىسىنى يۆلىدى. جان ئاچچىقىدا تۇرغان سەيپۇللا يېنىدا پەيدا بولغان مەرەمنىسانىڭ كۆلەڭگىسىنى ھەمدۇللا دەپ قېلىپ، كەينىگە بۇرۇلغىنىچە ئۇنى كۈچەپ ئىتتىرىۋەتتى. قىلچە تەييارلىقسىز كەلگەن مەرەمنىسا تۇيۇقسىز زەربىدىن قاڭقىپ بېرىپ تامغا يۆلىنىپ قالدى ۋە ئالدىغا قاڭقىپ دۈملا چۈشتى. مەرەمنىسا ئورنىدىن تۇرمىدى ياكى مىدىرلىمىدى. ھەمدۇللا ئۇنى يۆلەپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزغاندا ئاللىقاچان تىنىقتىن قالغان ئىدى. مەەرمنىسانىڭ نەپەستىن قالغىنىنى بىلگەن سەيپۇللا سىڭلىسىنى قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. ھەمدۇللا سىڭلىسىنى ئۆلتۈرگەن بۇ قاتىلدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھويلىنىڭ بىر چېتىدە تۇرغان پالتىنى قولىغا ئالدى ھەمدە يۈگرۈپ بارغان پېتى ئاكىسى سەيپۇللانىڭ بېشىغا كۈچەپ ئۇردى. ئەتىسى ئەتىگەندە بۇ ئۆينىڭ ئىشىكىدىن ئىككى دانە جىنازا ۋە بىر نەپەر مەھبۇس چىقتى...
(http://bbs.oylirim.cn)2 M2 V2 d) m  U0 o) Aئاپتۇرى؛ئايشەمگۈل ئىسمايىل

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

دىۋان
ۋاقتى: 2014-7-12 20:57:37 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ ھىكايە بۇلدىكەن جۇمۇ ھارمىغايسىز باشلىق


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 21:09 , Processed in 2.381873 second(s), 35 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش