يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قىرغىزچە ھەيك...
يوللىغۇچى Xojaniyaz   كۆرۈش 20743   يوللانغان ۋاقتى 2008/3/31 12:41  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
[align=justify]
  
  

 يۇقىرىقى رەسىم ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، پەيلاسوپى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ، قېرىنداش قىرغىز خەلقى مۇستەقىل بولۇپ ئوننەچچە يىلدىن كېيىن، ياش تارىخچى قامچابايىۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ياساپ چىققان قىرغىزچە رەسىمى ئىكەن. بۇنى قىرغىزىستان پۇلىغا بېسىپتۇ؟ ھەتتا قىرغىزىستان بېشكەك ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىغا ھەيكىلىنى قاتۇرۇپتۇ؟ تەتقىق قىلغىنىغۇ ياخشى ئىش، ئەمما ئۇنى قىرغىز دېگىنى نېمىسى؟ .... بىز ئۇيغۇرلارمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ، ئالىي مەكتەپلەرگە بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئەل فارابى ئۇنىۋېرسىتېتى، مەھمۇد قەشقىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەلىشىر ناۋائى ئۇنىۋېرسىتېتى دەپ نام بەرسەك، ياكى ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىغا تىكلىسەك، شىنجاڭنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى قانچىلىك ئۆسە؟ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلقئاراغا قانچىلىك تونۇلار؟ مەدەنىيەت ئارقىلىق، ئىلىم - پەن ئارقىلىق دۇنياغا تونىلمىساق، مال مۈلكىمىزنى سېتىش بىلەن دۇنياغا تونىتالمايمىز...........؟ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنى،.... بۇ ئىشتا ئاپتونوم رايون رەئىسلىرى، مەركەزدىكى ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇپ تۇرغان ئۇيغۇر باشلىقلار كۆپرەك كۈچ چىقىش كېرەك..... ئۇيغۇر بولمىسا سىلەر كىمنىڭ ۋەكىلى بولىسىلەر؟ ئەلۋەتتە ئۇيغۇر بولغان ئىكەنسىلەر ئۇيغۇرنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداشمۇ سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كېلەر.... ئۇيغۇر ئالىملىرىنى خەقلەر تارتىپ كەتسە ئەتە ئۆگۈن بىزنىڭ يەنە قانچىلىك نەرسىلىرىمىزنى باشقىلار بىزنىڭ دەۋالار......؟ قۇدرەتلىك جۇڭگودا ئۇيغۇرغا ئىگە بولۇدىغان رەئىسلەرمۇ بارغۇ.....؟ كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ بارغۇ؟ ئالىمىمىزنى باشقا مىللەت كىشىلىرى تارتىپ كەتسە قاراپ تۇرامدۇق... مۇشۇنداق قاراپ تۇرساق ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى باشقىلار بىزنىڭ دەپ تارتىۋالىدىغان ئوخشايدۇ.....؟ يوللۇق ئىشتا چىڭ تۇرۇشنىمۇ ئۆگىنەيلى! بىزمۇ ئالىملىرىمىزنىڭ ھەيكىلىنى ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا تىكلەيلى! چۈنكى جۇڭگونىڭ سىياسىتىدە ھەممە مىللەت باراۋەر دەپ توۋلاپ كەلدۇق ئەمەسمۇ...؟ خەلقئارادا كۇڭزى ئىنىستىتوتىنى قۇرغان جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسى ئۆز پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرغىمۇ ئۆز ئالىملىرىنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەن روھىنى ئەۋلادلارغا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىغا ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىشقا، تارىختىكى مەشھۇر ئالىملىرىمىزنىڭ نامىنى مەكتەپ نامى قىلىپ ئاتاشقا، ئەلۋەتتە قۇشۇلۇپ مەبلەغ ئاجرىتار ...؟ چەتئەلدىكى نۇرغۇن جايلارغا ھەقسىز ياردەم قىلىمىزيۇ، ئۆزىمىزنىڭ پۇقراسىغا ياردەم قىلساق يامىنى بولماس...... ئۇيغۇر خەلقى پارتىيىدىن تېخىمۇ سۆيۈنۈپ كېتەر.......؟
تۇركىي خەلىقلەرنىڭ ئىتتىپاقلىغىغا قارشى ئەمەسمەن،دوسلۇق ياشىسۇن! ئەمما ھازىر رىيال دۇنيادا ھەرقايسى تۈركىي خەلىقلەر ئايرىم تەۋەلىكلەر بۇيىنچە تۇرىۋاتىمىز ،ھەرقايسى تۈركىي خەلىقلەر ئايرىم نام بىلەن تۇرىۋاتىمىز،مىللىي چېگرالىرى بار.....؟ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى،ئالىملىرىنى،تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ !بىز ئۇيغۇرلارنىڭ گىپىنى قىلىدىغانلار قانچىلىك .....؟ پۇرسەت بولسىلا ئۇلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسىلىرىمىزنى،مەدەنىيىتىىزنى ئۆزلىرىنىڭ قىلىپ تۇنۇشتۇرىۋاتىدۇ.....؟ بۈيۈك تۈرك ئىتتىپاقلىغى دىگەن غايە ؟ئۇقاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ......؟ھەممە تۈركىي خەلىقلەرگە ئورتاق دىگەن گەپ بىلەن بىز ئۇيغۇرلار زىيانغا تۇرمىساق بۇلاتتى .....؟ ھازىرچە ئۇيغۇرنىڭكىنى ئۇيغۇر دەپ، قىرغىزنىڭكىنمى قىرغىز دەپ ئاتىساق ،ئاندىن ھەممە تۈركىي خەلقلەرگە ئوتاق دىسەك توغرا بۇلاتتى ؟ئۇيغۇرلار ھىچقاچان باشقىلارنىڭ ئالىملىرىنى بىزنىڭ دەۋالمىدۇققۇ...؟ غايىنىمۇ ئويلايلى،ئەمما رىياللىقنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى...؟يۈسۈپ بالاساغۇنى قانداق بۇلۇپ قىرغىز بۇلۇپ قالغىدەك ....؟ئۇچاغلاردا قىرغىز خەلقى يېنىسەي-ئاناساي دەريا ۋادىسىدا قىرغىز خانلىقىدا ياشايتى ئەمەسمۇ....؟ قاراخانىيلار خانلىقى(850-1212)نى 840-يىلى قىرغىزلار ئاغدۇرۋەتكەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار غەرىپكە كۆچۈپ كېلىپ قۇرغان خانلىق ئەمەسمۇ .....؟قەشقەر ۋە بالاساغۇن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ باشكەند-ئوردىسى بولغان ئەمەسمۇ...؟ باشقىلارنىڭ ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ،ئۇيغۇرنىڭ ئالىمى ئورتاق بۇلامدۇ......؟! باشقىلار كېلىپ ئۆزەڭلارنىڭ قۇلىدىكى نەرسەڭلارنى تارتىۋېلىپ، ئورتاق دىسە سىلەر نىمە دەپ جاۋاپ بېرەرسىلەر.....؟
قىرغىز خەلقى سىلەر يېنىسەي ۋادىسىدا قىرغىز خانلىقىدا ئۆتكەن ئالىمىڭلارنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇڭلار ،شۇلار سىلەرنىڭ.....؟چۈنكى ئۇيغۇر خانلىقىنى مىلادى 840-يىلى سىلەر ئاغدۇرۋەتكەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار غارىپكە كۆچۈپ كېلىپ قەشقەر ۋە بالاساغۇننى قوش پايتەخىت قىلغان بۈيۈك قاراخانىلار خانلىقىنى قۇرغان. بۇنى پۈتۈن ئىلىم دۇنياسى ئېتىراپ قىلىدۇ...سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن بۈيۈك قارا خانىيلار خانلىقىدا ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىملىرىنى قىرغىز دەيسىلەر..؟سىلەر ھازىرقى قىرغىزىستان ۋادىسىغا 15-ئەسىردىن كېيىن يېنىسەي -.ئاناساي ۋادىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن،ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى قىرغىزلارنىڭ كۆچۈپ كىلىشى18-19-ئەسىرلەرگىچە داۋاملاشقان،...ئۇچاغلاردا سىلەر قىرغىزئىستان تۇپرىقىدا يوق ئىدىڭلار...؟
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالاساغۇندا ياشاۋاتقاندا قىرغىزلار نەدە ياشاۋاتقان ئىدىڭلار..؟
مەھمۇت قەشقىرى <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>دا سىلەرنى دۇنيا خەرىتىسىنىڭ قايسى يېرىدە كۆرسىتىپتىكەن ... ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ قايسى ئەسەردە ئۆز ئىسمىنى قىرغىزچە يېزىپتىكەن..؟ياكى <<قۇتاتقۇ بىلىگ>>نىڭ تىلى قىرغىز تىلى دەيدىغانغا سىلەردە پاكىت بارمۇ...؟ جاھان ئالىملىرىنى بۇنى ئاللا قاچان تەتقىق قىلىپ بۇنى ئۇيغۇر تىلى دەپ ئىسپاتلاپ پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلغان ئەمەسمۇ......؟
قىرغىزئىستان مۇستەقىل بولدى،ئەمدى نىمىلا دىسەك قاملىشىدۇ دەپ ،ھازىرقى قىرغىزئىستان تۇپرىقى، بالاساغۇن ۋە بۇجايلاردا ياشاپ ئۆتكەن ئالىملارنى پاكىتقا ھۆرمەت قىلماي، قىرغىز دەپ تەشۋىق قىلسا بۇلىۋېرەمىدۇ ...؟ بۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس..؟ بەلكى بۇ ئۇيغۇر، قىرغىز ئىككى مىللەتنىڭ دوسلۇقىغا پايدىسىز.. .؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ قارا خانىيلار خانلىقىدا ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى،بۇنى پۈتكۈل ئىلىم دۇنياسى ئېتىراپ قىلىغان...!!!

++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

[align=justify]ئالاھىدە ئەسكەرتىش:  بۇ تېما ئىلىم مەسىلىسىگە چېتىلىدىغىنى ئۈچۈن، مەيلى ئۇيغۇر بولۇڭ ياكى قىرغىز بولۇڭ، ئەگەر كەسپ ئەھلى بولمىسىڭىز، بۇ تېمىغا ئارىلاشماڭ، ئوقۇڭ، كۆرۈڭ ۋە ئۈگىنىڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنى، ئاچچىقىڭىزنى بۇ يەرگە تۆكمەڭ. ئىككى قېرىنداش مىللەت ئارىسىغا ئارازچىلىق سالىدىغان ھەرقانداق گەپ سۆزلىرىڭىزنى بۇ يەردە قىلماڭ. ئەگەر يەنە بۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، قۇتراتقۇلۇق خاراكتېردىكى ئىلمىي بولمىغان سۆزلەرنى قىلسىڭىز، مۇنبەر تۈرمىسىگە قامىلىسىز، ياكى IP  ئادرېسىڭىز چەكلىنىپ، ماتېرىيالىڭىز ئۆچۈرۈلۈپ مۇنبەردىن قوغلاپ چىقىرىلىسىز. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت

ھۆرمەت بىلەن: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېكىتى


تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 123   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 baxbol 1.يۇسۇپ بالاساغۇندا ياشاۋاتقاندا قىرغىزلار نەدە ئدىڭلار ؟ئورخۇن -سېلىنگادا قالغان ئدىڭلارغۇ؟ مۇشۇ نۇقتا بەك مۇھىم.
2.مەھمۇت قەشقىرى دىۋاندا سىلەرنى دۇنيا خەرىتىسىنىڭ قايسى يېرىدە كۆرسىتىپتىكەن قاراڭلار ...........بۇلار سىلەر ئۈچۈنمۇ بىز ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىم.
2008/4/1 23:40
2 palwan يولداشلار ئەمدى يېڭى تېما چىققاندەك قىلامدۇ نىمە؟  ئۆتكەنكى پورتىرىت توغىرىسىدىكى تالاش تارتىشنى مانا ئەمدى دەيدىغان گەپتى، يولداش غازى ئەمەت مەخمۇت قەشقىرىنى سىزىۋىدى ئوخشىمايراق تۇرامدۇ؟ دىيىشتۇق ماۋۇ پۇلنىڭ ئۇستىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوخشاپتۇمۇ؟ ئادەتتە مۇستەققىل دۆۋلەتلەرنىڭ پۇللىرىنىڭ ئۇستىگە شۇ مىللەت ياكى شۇ دۆۋلەتنىڭ مەشھۇر زاتلىرى، ئاتاقلىق ئالىملار، ئەدىپلەر، دۆۋلەت رەھبەرلىرىنىڭ باش سۇرىتىنى بېسىش بىر خىل ئومۇملۇققا ئايلانغان ھازىرقى زامان دۇنياسىدا، قىرغىزىستاننىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك مەشھۇر زاتنىڭ باش سۇرىتىنى ئۆز دۆۋلىتىنىڭ پۇلىغا بېسىشىنىڭ ئۆزىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئورتاق ئوبروت ۋاستىسى پۇل ئارقىلىق قىرغىزىستاندىكى بارچە ئاممىنى <<يۇسۇپ خاس ھاجىپ قىرغىز>> دىگەن ئورتاق تۇنۇشقا ئەكىلىشتىن باشقا مەقسەت بولمىسا كېرەك.
يولداشلا مۇنداق تەسەۋۇر قىلىپ باقايلى، ئەگەردە يولداش ماۋزىدۇڭنى خۇنەن سېرىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ پۇشتىدىن ئىدى دىيىلسە، ئۇچاغدا بارچە ئۇيغۇر ھازىرقى 100 يۇەنلىكتىن تارتىپ 1 يۇەنلىككىچە بولغان خەلق پۇلىغا ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك <<ئېتىقات>> قىلغان بولاتتۇق ئەلۋەتتە.
خۇددى <<نۇرۇز ئۇيغۇردا يوق ئىدى>> دىگەن سۆزدەك. ئەگەر نۇرۇز بايرىمىنى تالاشماي <<ئېيدىس>>ۋېروسى تۇنجى بولۇپ تارقالغان جاي، تارقاتقان مىللەت دىسەك ، بۇنى تالىشىدىغانغا كۆكرەك كېرىپ قايسى مىللەت، قايسى دۆۋلەت چىقالايدۇ. ھەممىلا ئادەم ياخشى بولسام دەيدۇ. (بەلكىم بۇ ئادەمنىڭ ئەسلى تەبىئىتى بولسا كېرەك ). شۇڭا دوسلا، قېرىنداشلا، ۋەتەنداشلا ئۆزىمىزنىڭ خەلىقارادىكى كىملىك ئورنىمىزنى، ئوبرازىمىزنى تىكلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقايلى . بىر مىللەتنىڭ ئەينەن تارىخىنى شۇ مىللەتنىڭ ئوتيۇرەك، ۋىجدانلىق تارىخچىسىدىن باشقا ھىچكىم ئېنىق يۇرۇتىشنى خالىمايدۇ ياكى يازمايدۇ، بولۇپمۇ شانلىق تارىخىنى تېخىمۇ شۇنداق؟؟؟!!! 
2008/4/2 16:05
3 Xojaniyaz بۇيىل 2008-يىلى خەەلىقئارا مەەھمۇد كاشغەرى يىلى  ،بىز ئۇيغۇرلار ئۇلارنى قايسى ئۇسۇل بىلەن قانداق شەكىلدەە خاتىرلەيمىز .......؟ 2008/4/2 18:05
4 yalkan بىز ئوزۇنغا سوزۇلغان، ئايغى چىقمايدىغان تالاش-تارتىشلارنى قىلىپ سىتالىننىڭ روھىنى خوش قىلىۋەرمەيلى. بىر ئائىلىدىن بۆلنۈپ چىققان ئاكا-ئۇكىلار بىر-بىرىنى توغرا چۈشۈنۈپ، ھەقىقىي ئىنسانىي مۇھابىتى بىلەن ئۆز باغرىنى تونىغاندا ئۆزئارا زىددىيەتلىشىشنىڭ ئورنىغا ھىچنىمە تالاشماس بولۇپ قالىدۇ، سىز 5-8 ياشلىق ئاكا-ئۇكىلارغا قاراپ بىقىڭ نۆۋىتىگە كەلگەن ئۆزىنىڭ ئالدىغا چۈشكەن غازاڭنىمۇ تالىشىپ ئۇرشۇپ قالىدۇ. ئەقلىنى تاپقاندا بۇ ئىشلارنى پەقەت قىززىق ئەسلىمە سۈپتىدىلا سۆزلەيدۇ. بىر بىرىنى چىن كۆڭلىدىن باغرىلىرىغا بىسىپ كۆرشىشىدۇ. بىز ئۆزىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرسىدىن بەكرەك رىستورانلارنى تاۋاپ قىلىدىغان بولۇپ كەتكەندىكىن بۇنى ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ كۆرگىنىمىز ياخشى. كىلىڭلار ئۇيغۇر قىرىنداش، قازاق قىرىنداش، قىرغىز قىرىنداش، ئۆزبەك قىرىنداش نەۋرۇزنىڭ سۆيۈملىك ھاۋاسىدا بارلىق ئۇقۇشماسلىقلارنى يۇيۇپ تاشلاپ، يىلتىمىزنى قەدىرلەيلى، يىلتىز قۇرۇپ قالمىسا كۆچەت ھامان كۆكلەيدۇ... 2008/4/2 19:46
5 oguzogli مەن پالۋان ئەپەندىمنىڭ پىكرىگە قۇشۇلىمەن .ئۆزىمىزنىڭ تارىخىمىزنى ،مەدىنيىتىمىزنى ،،،،،جۈملىدىن ئۆزىمىزدىكى بار بولغان ھەممە نەرسىنى ئۆزىمىز قوغدىمىساق باشقىلار بىز ئۈچۈن قوغداپ بەرمەيدۇ .ھەم تارىختىن بۇيان تا ھازىرغىچە قوغداپ بەرمىگەن .ھەم باشقىلارنىڭ قوغداپ بېرىشىگىمۇ مۇھتاج ئەمەس بىز .تارىختىكى نۇرغۇن قانلىق ئەمىلى مىساللار بۇنىڭغا گۇۋاھ بۇلالايدۇ .بىز خەق باشقىلارنىڭ يالغان -ياۋىداق سۆزلىرىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كىتىدىغان خەق .شۇڭىلاشقا تارىختىن بۇيان بىزنىڭ غەلبىمىز مەغلۇبىيىتىمىزگە ئايلىنىپ كىتىۋاتىدۇ . 2008/4/2 22:11
6 kimsiz   ئەينى ۋاقىتتا مەھمۇد قەشقىرىنى قازاقلار تالاشقان ، ئەلىشىر نەۋائىنى ئۆزبەكلەر تالاشقان ئىدى . لېكىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېنىقلا ئۇيغۇر ئالىمى ، پەيلاسوپى ، دۆلەت ئەربابى . بۇنىڭدا شەك يوق .  مەسىلە نەدە؟ ئالىم ، پەيلاسوپ ئا . مۇھەممەتئېمىن ئەپەندى ، تەتقىقاتچى يارمۇھەممەت تۇغلۇق ئەپەندىلەر غەيرەت قىلىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنى تەتقىق قىلىپ ، تونۇشتۇرۇپ بەرمىگەن بولسا ، "قۇتادغۇبىلىك" قالغانلارنىڭ ياستۇقىمىزنىڭ تېگىدە كۈن كۆرمەي سېسىپ كېتەي دەۋاتىدىغۇ؟ ئۆزبەكلەرنىڭ نەۋائىي ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ، ئەمگەكلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ مۇتەپەككۈر ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى نېمە دەپ زارلىغان ئىدى ؟ شۇ ئالىم ، پەيلاسوپلىرىمىزنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشقا " ئەمىلىي كۈچ" ىمىز يوق بولۇپ قالدىمۇ ئەمدى ؟ئەمىليەتتە غەيرەت يوق ، بېسىپ ئولتۇرۇپ تەتقىق قىلىدىغان قوڭ يوق . يەنە كىمدىن ئاغرىنىمىز ؟ كىمگە دەرد ئېيتىمىز ؟ كىم بىزگە ئايرىپ بېرەر ؟  مەن ھەممەيلەننى تەتقىقاتچى بولۇپ كېتىڭلار دەۋاتقىنىم يوق ، ھەم ئۇنداق دېيىشكە سالاھىيىتىممۇ يوق . بىراق مۇشۇنداق بەت يۈزىدە قايناپ ، ئاچچىقتىن يېرىلىپ ئۆلۈپ كەتسەك كىم بىزنى" قەھرىمان" دەيدۇ؟  مازاقتىن مۇردىمىزمۇ يەرلىكىدە خاتىرجەم ياتالماي قالارمىكىن.  بۇ مۇنبەر قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەلۇماتلىق ، ئەقىللىق ، ۋىجدانلىق قېرىنداشلىم ، دەپ ئويلايمەن . ؟بىز تالاش - تارتىشقا ئەمەس ، ھەممىمىز قانچىلىكتىن كۈچ چىقىرالىساق شۇنچىلىك كۈچ چىقارساق ، تېخىمۇ غەيرەت قىلىپ باقساق ، جاھان ئەھلى كورمۇ ئەمەس . سوغۇققانلىق بىلەن ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ ، كاللىمىزنى تەتقىقات ، تەھلىلگە قاراتساق ، ئالدى بىلەن خەلقىمىزگە، ئاندىن دۇنياغا تونۇتساق دەپ قارايمەن . بىز بوغۇلۇپ قالساقمۇ . بۇ دۆلەتنىڭ پۇلى يەنىلا شۇ پېتى بېسىلىپ چىقىدۇ . قىرغىزىستانلىق تۇغقانلىرڭىزمۇ شۇ پۇلنى خەجلەيدۇ، بېرىپ قالسىڭىز سىزمۇ ھەم . سودىگەرلىرىمىزمۇ شۇ پۇلنى كۆزىگە سۆيگۈدەك بولۇشىدىغۇ ؟ كىم قانچىلىك كۈچ چىقىرالىسا شۇنچىلىك چىقىرىپ ، خاس ھاجىپىمىزنى ئۆزىمىز دۇنياغا تونۇتىشىمىز كېرەك. كۆپ سۆزلەپ قويدۇم . ئەپۇ قىلرسىلەر. 2008/4/3 11:20
7 Xojaniyaz   تۇركىي خەلىقلەرنىڭ ئىتتىپاقلىغىغا قارشى ئەمەسمەن،دوسلۇق ياشىسۇن! ئەمما ھازىر رىيال دۇنيادا ھەرقايسى تۈركىي خەلىقلەر ئايرىم تەۋەلىكلەر بۇيىنچە تۇرىۋاتىمىز ،ھەرقايسى تۈركىي خەلىقلەر ئايرىم نام بىلەن تۇرىۋاتىمىز،مىللىي چېگرالىرى بار.....؟ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى،ئالىملىرىنى،تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ !بىز ئۇيغۇرلارنىڭ گىپىنى قىلىدىغانلار قانچىلىك .....؟  پۇرسەت بولسىلا  ئۇلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسىلىرىمىزنى،مەدەنىيىتىىزنى ئۆزلىرىنىڭ قىلىپ تۇنۇشتۇرىۋاتىدۇ.....؟    بۈيۈك تۈرك ئىتتىپاقلىغى دىگەن غايە ؟ئۇقاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ......؟ھەممە تۈركىي خەلىقلەرگە ئورتاق دىگەن گەپ بىلەن بىز ئۇيغۇرلار زىيانغا تۇرمىساق بۇلاتتى .....؟ ھازىرچە ئۇيغۇرنىڭكىنى ئۇيغۇر دەپ، قىرغىزنىڭكىنمى قىرغىز دەپ ئاتىساق ،ئاندىن ھەممە تۈركىي خەلقلەرگە ئوتاق دىسەك توغرا بۇلاتتى ؟ئۇيغۇرلار ھىچقاچان باشقىلارنىڭ ئالىملىرىنى بىزنىڭ دەۋالمىدۇققۇ...؟ غايىنىمۇ ئويلايلى،ئەمما رىياللىقنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى...؟يۈسۈپ بالاساغۇنى قانداق بۇلۇپ قىرغىز بۇلۇپ قالغىدەك ....؟ئۇچاغلاردا قىرغىز خەلقى يېنىسەي-ئاناساي دەريا ۋادىسىدا قىرغىز خانلىقىدا ياشايتى ئەمەسمۇ....؟ قاراخانىيلار خانلىقى(850-1212)نى 840-يىلى  قىرغىزلار ئاغدۇرۋەتكەندىن كېيىن  ئۇيغۇرلار غەرىپكە كۆچۈپ كېلىپ قۇرغان خانلىق ئەمەسمۇ .....؟قەشقەر ۋە بالاساغۇن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ  باشكەند-ئوردىسى بولغان ئەمەسمۇ...؟ باشقىلارنىڭ ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ،ئۇيغۇرنىڭ  ئالىمى ئورتاق بۇلامدۇ......؟! باشقىلار كېلىپ ئۆزەڭلارنىڭ قۇلىدىكى نەرسەڭلارنى تارتىۋېلىپ، ئورتاق دىسە سىلەر نىمە دەپ جاۋاپ بېرەرسىلەر.....؟ 2008/4/3 12:15
8 Kulbilge قىرغىزلار:  "يۇسۇپ خاس ھاجىپ ھەقىقى قىرغىز، ئۇ پەقەت بىز قىرغىزلارغىلا تەئەللۇق، باشقىلارنىڭ ھەققى يوق"  دىدىمۇ، ياكى "يۇسۇپ خاس ھاجىپ بىز قىرغىزلارغىمۇ تەئەللۇق، ئۇ بىزنىڭمۇ ئەجدادىمىز" - دىدىمۇ ؟    مىنىڭچە يوقارقى ئىككى خىل ئەھۋالنى پەرقلەندۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش كىرەك. ئەگەر ئالدىنقى قاراشتا بولسا، ئۇنداقتا توغرا بولماپتۇ. ئەگەر كىيىنكى قاراشتا بولسا، مەن ئۇلارنى قوللايمەن.
يۇسۇپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلغان ئاساسلىق قەبىلىلەردىن كىلىپ چىققىنى ئىنىق. ئەمما قىرغىزلارمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىسىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قەبىلىسى ئۇرخۇن بويلىرىدىن كۆچكەندىن كىيىن بىر قسىم ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قىرغىزلارغا سىڭىپ كەتكەن. كىيىنكى مەزگىللەردە قىرغىزلار يەنەغەربى تەڭرىتاغ ۋە پامىر رايونلىرىغا كۇچۇپ كەلگەندىن كىيىن، بۇ يەرلەردە ئىلگىرى تۇرۋاتقان بىر قىسىم چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى تاشلىمىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە باشقا تۇركى خەلقلەر ئۇلارغا قوشۇلغان، شۇنداقلا  نەچچە ئەسىرلەر جەريانىدا ئۇيغۇر ۋە ئۆزبىك خەلقلىرى بىلەن ئۆزئارا ئارلىشىش نەتىجىسىدە ئاخىرى ھازىرقى زامان قىرغىز مىللىتى شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغان يىرى ھازىرقى قىرغىزىستان تىرىتورىيىسىدە،  مانا مۇشۇ ئامىللار قىرغىز خەلقىنى ئىختىيارسىز ھالدا ئۇلۇغ ئالىم يۇسۇپ خاس ھاجىپ بىلەن باغلايدۇ. شۇڭا  مۇشۇ ئامىللارنىمۇ ئويلىشىش ۋە قىرغىز قىرىنداشلارنىڭ ھىسسىياتىنىمۇ نەزەرگە ئىلىش كىرەك دەپ ئويلايمەن.
يەنە بىر تەرەپتىن بىز ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرى دەپ تىزىۋالغان(جۇملىدىن ئەسەرلىرىمۇ بار) كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىگىمۇ قاراپ باقايلى. ئەگەر قىرغىزلارغا قويغان ئۆلچەمنى ئۆزىمىزگىمۇ تەتبىقلىساق، بىزمۇ نۇرغۇن ئالىملىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز.
ئاخىرىدا يەنە دەيدىغىنىم، زادى قىرغىزلار:  "يۇسۇپ خاس ھاجىپ ھەقىقى قىرغىز، ئۇ پەقەت بىز قىرغىزلارغىلا تەئەللۇق، باشقىلارنىڭ ھەققى يوق"  دىدىمۇ ياكى "يۇسۇپ خاس ھاجىپ بىز قىرغىزلارغىمۇ تەئەللۇق، ئۇ بىزنىڭمۇ ئەجدادىمىز" - دىدىمۇ ؟  (مۇنبەرلەردىكى ئۇششاق بالىلارنىڭ تالاش تارتىشلىرى ئەمەس، بەلكى قىرغىزلار چىقارغان نوپۇزلۇق ئىلمى ماقالىلەر ياكى ھۆكۇمەت ھۆججەتلىرى بولسا مىسال كەلتۇرەيلى)

قىرغىزلار نىمىگە ئاساسەن يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ سۆرىتىنى سىزغاندۇ، بۇنىڭ جەريانىغا قىزىقىپ قالدىم. بىلىدىغان تورداشلار بولسا ئۇچۇر يوللىۋەتكەن بولساڭلار.
2008/4/4 20:16
9 uyghurtekin مەن مۇشۇ تېمىنى كۆرگەندىن بۇيان قانداق قىلىش توغرىلىق ئويلاشتىم .مىنىڭچە بىزمۇ بىرەر ئونۋېرسىتىتقا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نامىنى بېرەلمىسەكمۇ ھەيكىلىنى بولسىمۇ قاتۇرۇپ قۇيايلى . بۇ ھەيكەل چوقۇم شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىغا قۇيۇلىشى كېرەك.
  ئەلۋەتتە بۇ ئىشنى بىز قىلالمايمىز ،بىز ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىگە توردا مۇشۇ توغرىلىق بىر ئوچۇق خەت يازايلى،ھەرقايسى چوڭ تورمۇنبەرلىرىمۇ مۇشۇ ئىشقا ئازراق ئاۋاز قوشسا بۇ ئىش چوقۇم ئەمەلگە ئاشقۇسى ،،،،،،،قېرىنداشلار قوشۇلامدىكىن پىكىرىمگە ..بولسا تېزراق تۇتۇش قىلساق،،،
    ئەركەك بولساڭ ئەل ئۈچۈن ياشا،،
2008/4/4 22:54
10 Kulbilge بۇنداق تەلەپلەر ئەسلى خەلق قۇرۇلتىيىدا خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ھۆكۇمەتكە يەتكەن بولسا تىخىمۇ ئۇنۇمى  بۇلاتتى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى مەدىنىيىتىنى ئەزەلدىن قوغداپ كەلگەن ھۆكۇمەت ۋە پارتىيە  بۇنچىلىك تەلەپلىرىمىزنى قاندۇرار ئىدى.
ئۇ كۇنلەر كەلگىچە باشقىلار بولسىمۇ ئاشۇ مەشھورلىرىمىزنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇپ، مەكتەپلەرگە نام بىرىپ ئەۋلادلارنى تەربىيىلىگەچ تۇرسۇن. ئۇرخۇنغا ئىلىپ بارىدىغان 99 يول بار .
2008/4/5 22:50
 جەمئىي باھا 123  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/13  |<  <<   1 2 3 4 5 6   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009