يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
مېنىڭ ئوسمان توغرىسىدا بىلىدىغا...
يوللىغۇچى Ghunche   كۆرۈش 2447   يوللانغان ۋاقتى 2008/3/28 14:25  ||مۇنبەردە كۆرۈش||

مېنىڭ ئوسمان توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىم

[align=justify]

 



لاتىپ مۇستاپا

1-1940-يىلى چىڭگىل ۋە كۆكتوقايدا يۈز بەرگەن توپىلاڭنىڭ جەريانى

[align=justify]

     1939-يىلى شىڭ شىسەي ھەر قايسى ناھىيلەردىن 3.2 تىن ۋەكىل قاتناشتۇرۇپ ئۈرۈمچىدە قۇرۇلتاي ئاچتى. بۇ قۇرۇلتاي 3 ئاي داۋام قىلدى. شۇ يىلى 11-ئايغا كەلگەندە بىر قىسىم ۋەكىللەر قايتىپ كەتتى. يىغىندا شىڭ شىسەي خەلقنىڭ قولدىكى مىلتىق، قېلىچ، ئوق- دۇرا قاتارلىق قۇراللارنى يىغىۋېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق قىلدى. ھەمدە شىمالىي شىنجاڭدىكى چىڭگىل قاتارلىق 7 ناھىيىگە كىلەر يىلى (1940-يىلى) 8-ئايغىچە قۇراللارنى يىغىچپ ئالتاي ۋىلايەر مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بولۇشىقا سۇرۇك بەردى. لېكىن1939-يىلى 9-ئايدا شېىڭ شىسەي ناھىينىڭ چوڭلىرىنى (بەيسى، تەيجى، ئۇرداي، زالىڭلارنى) ھەتتا شارىپقان تۇرەنىمۇ ئۈرۈمچىگە مەجلىسكە چاقىرىپ توختۇتىۋالغان ئىدى.
      1940-يىلى 1-ئايدا شېىڭ شىسەي يەنە ئېرىسبەك بىلەن كىرىم دۇيجاڭ باشچىلىغىدا 400 ئەسكەر ئەۋەتىپ، چىڭگىل ناھىيسىنىڭ قېپقالغان باشلىقىلىرىنى بايامباي ئۇكۇرداي، بايقادان ئۇكۇرداي، سۇيەن زالىڭ بۇكۇيقان زالىڭ، جاقسى باي، شاقشبايلارنى تۇتۇپ كەتتى.
     1940-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى شىڭ شىسەي يەنە 7 ناھىينىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنى ئالتاي ناھىيسىگە مەجلىسكە چاقىرىدى. ۋە «مەجلىسكە بارمىساڭلار قورال كۈچى بىلەن مەجبۇر قىلىنىدۇ» دەپ تەھدىت سالدى. پۇتۇن ئالتاي رايونى بويىچە 500 كىشى يىغىنغا قاتناشتى. (بۇنىڭ ئىچىدە چىڭگىل ناھىيىسىدىن 60، كۆكتوقاي ناھىيىسىدىن 70 كىشى بار ئىدى)ئالتاينىڭ ۋالىسى يىغىندا سۆزلەپ: «ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ۋەكىللەر يىغىندا، سىلەرنىڭ باشلىقلىرىڭلار خەلقنىڭ قولدا مىلتىق بار دەپ ئېيتى. شۇڭا سىلەر ئاممىنىڭ قولدىكى مىلتىقلارنى يىغىپ توپلاپ ئالتاي ناھىيسىگە ئېلىپ كېلىشىڭلار كېرەك. قۇرۇق قول كىلشكە بولمايدۇ.»دېدى. قەبىلە باشلىقلىرى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئامما ئىچىدىن بىر تالمۇ مىلتىق تاپالمىدى. شېىڭ شېسەي كۆپچىلىكىنى مىلتىق تاپشۇرۇشقا قىستاۋەردى. بۇ چاغدا باشلىقلار:ئەگەر ئالتاي ناھىيىسىگە قۇرۇق قول بارساق بەرىبىر قاماققا ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە بارمايلا قويايلى دىگەن جىيالغا كېلىشتى.
     كۆكتوقاي ناھىيسىنىڭ باشلىقلىرى يىغىۋالالمىدى. ئېسمقان ئۇكۇرايمۇ كۆكتوقاي ناھىيسىگە بارمىدى. كۆكتوقاي ساقچى ئىدارىسى سارنۇغاي باشچىلىغىدا 3 ئەسكەر ئەۋەتىپ ئېسمقاننى چاقىرتتى. ئېسمقان «مەن ئاغرىپ قالدىم بارالمايمەن» دىگەندە، ئەسكەرلەر ئۇنى سورەپ ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. ئىككى تەرەپ جېدەللىشىپ قېلىپ، ئېسىمقان بۇ 3 ئەسكەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن قۇراللىق توقۇنۇش پەيدا بولدى.
     چىڭگىل ناھىيسى مېنىڭ يۇرتۇم. مەن (لاتىپ)مۇ چاقىرتىلغانلارنىڭ بىر ئىدىم. ئۇ چاغدا بىز چىڭگىل ناھىيسىنىڭ ئەتراپىدا تۇراتتۇق. بىز نازەر تەيجىنىڭ ئىنىسى-سىياغالداينى بىزنىڭ قۇرال- ياراق يىقانلىقىمىزنى دوكلات قىلىش ئۈچۈن چىڭگىل ناھىيسىگە ئەۋەتكەنىلىگىمىز ئۈچۈن ئالتاي ناھىيسىگە بارمىغان ئىدۇق. نەتىجىدە ئەۋەتكەن ئادىمىمىزنى ئۆلتۈرۋېتىپتىۇ. دەل شۇ چاغدا ئېسىمقان بالا پاڭنىڭ ئوغلى كاسىبى دىن:3 ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇق، شۇنىڭ بىلەن قۇراللىق توقۇنۇش پەيدا بولدى، دەپ خەت ئەۋەتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ 1940-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى چىڭگىل ناھىيسىمۇ بۇزۇلدى. كۆكتۇقاي بىلەن چىڭگىل ناھىيسىدىكى ئاممىنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىغىمۇ يوق ئىدى. تاياق، توقماق كۆتۈرۈپ شىڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن 40 كۈن سۇقۇشتۇق. ئۇرۇش جەريانىدا 50 تال مىلتىق ئولجا ئالدۇق. بىزگە كۆكتوقاي ناھىيسىدىكى ئېسىمقان ئۇكۇرداي، ئاقىتكەبىي، كادىر بى ۋە چىڭگىل ناھىيسىدىن ئېرىسقان ئۇكۇرداي، مۇسا مەرگەن، كوكسېگىن ئۇكۇرداي، زاتىل بى لار باشچىلىق قىلدى. شېڭ شىسەي ئۈرۈمچى، گۇچۇڭ، ئالتايدىن ياردەمگە ئەسكەر يوتكەپ كەلدى. بىزدىن ئۆلگەنلەر كۆپ بولدى. مەغلۇپ بولۇسىقا كۆزىمىز يەتتى. ئالدىمىزدىن ئەسكەرلەر، ئۈستىمىزدىن ئايرۇپىلان قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقتىن بىز كېتىپ قالدۇق.
     1940-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى 2 مىڭ ئۆيلۈك كىشى بۇلغۈن بىلەن سار بۇلاققا كۆچۈپ كەلدۇق. ئات مىنەلەيدىغان ئەرلەر توپنىڭ كەينىدە ماڭدى. شۇڭا بۇلغۇندىكى جەڭدە نۇغاي باي ئۇكۇرداي قاتارلىق 9 كىشى، ئايرۇپىلانىڭ ئوققا تۇتىشى بىلەن ئۆلدى. زاتىل باي قاتارلىق 7 كىشى پىيادە ئەسكەرلەر بىلەن ئۇرۇشقاندا بىر تاغنىڭ چوققىسىدا ئۆلدى. بۇ قېتىمقى يۆتكۈلۈشتە ئۆلگەن ئادەم ۋە چوڭ-كىچىك چارۋىلارنىڭ سانىنى ئالغىلى بولمايدۇ. قازاق خەلى شۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقنى ھازىرغا قەدەر ئېسىدىن چىقارغىنى يوق. ئۇلار ئۆلگۈر شېڭ شىسەينى ھېلىمۇ تىللايدۇ.
      بىز مەغلۇپ بولدۇق. تەخمىنەن 1500 كىشى (ئاياللار 500 كىشى، قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئەرلەر) دالىغا قېىچپ كەتتۇق. بىز بىر نەچچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ 10 نەچچە كۈن ماڭدۇق. ئەڭ ئاخىرىدا باغ ئېبى دىگەن جايدا توپلاشتۇق. ئادىمىزاتنىڭ قەدىمى باسمىغان چۆل-جەزىرىدە يىمەك-ئىچىمەك كىيىم-كېچەكتىن قىينالدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرۇپىلان بىزنى قوغلاپ يۈرۈپ توققا تۇتتى، كۆڭلىمىز زادى ئارام تاپمىدى. ئۇرۇق-تۈلۈك ۋە پانا جاي تاپقىلى بولمايدىغان يەردە ئۇزۇن تۇرۇش مۈمكىن بولمىدى. بىز قاپتىق دىگەن جايدا توپ-توغرى 30 كۈن دەم ئالدۇق، ئاشلىغىمىز تۈگىسە، ئات ۋە تۆگلەرنى ئۆلتۈرۈپ يىدۇق. ئاخىرى بېرىپ بىر ئادەمدە بىردىن ئات قالدى. ئەمدە قانداق قىلىش كېرەك؟ بىز مەجىلىس ئېچىپ مۇزاكىرلەشتۇق. بىر قىسىم كىشلەر يەنە ئاقىتكە، ئېرىقستان، كوكسېگىن ئۇكۇرداي قاتارلىقلار بارىكۆل ئارقىلىق چىڭخەيگە بېرىپ مابۇفاڭنى تېپىشنى تەشەببۇس قىلدى. يەنە بىر قىسىم كىشلەر يەنى ئېسمىقان كادىرباي، ئۇممۇت باي، لاتىپ قاتارلىقلار بۇ پىكىرگە قارشى چىقىپ چىڭخەيگە باردىغان يول قۇرغاق، ھەمدە بارىكۆلدىن چىڭخەيگە بېرىش ئارلىغىدا مال-چارۋا بۇلاپ ئالمايمىز دىيشىپ، ئالتايدىن ئۆتۈپ، كۆكتوقاي تاغلىرىغا بېرىپ بىر تەرەپتىن چارۋا تېپىپ يەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇرۇش قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدۇق. نەتىجىدە بىرلىككە كېلەلمەي بىز بىلەن بىللە 400 دەك كىشى قاپتىقدىن مېڭىپ ئۇلامباي تېغىدىكى سۇ بويلىرىغا كەلدۇق. بۇ يەردىن قاپتىققا بىر كۈنلۈك كېلەتتى. قاپتىقتا بىزدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئاقتېكە، ئېرسقانلار بىزنىڭ توختاپ تۇرۇشىمىزنى ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كىشى ئەۋەتىپتۇ، بىز ئۇچىراشقاندىن كېيىن 2 كۈن مېڭىپ بەيتىك تېغىغا چىقتۇق. شېڭ شىسەي دابىسىدىن بىر مىڭ ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ بىز بىلەن 3 كۈن ئۇرۇش قىلدى. بىز 13 تۆگە (تۆگىلەردە پۇرچاق ئۇنى بار ئىدى.) 5 ئات، 3 مىلتىق ئولجا ئالدۇق. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاشلىقلارنى يەپ بولدۇق، شېڭ شىسەي يەنە ئىككى مىڭ ئەسكەر 7 ئايرۇپىلان ئەۋەتىپ بىز بىلەن يەنە سوقۇشتى. ئاقىتېكەنىڭ 7 يېرىگە ئوق تېگىپ زەخمىلەندى، بىزنىڭ بەيتىك تېغىدا تۇرىۋىرىشمىزگە مۇمكىنچىلىك بولماي كۆكتوقايغا بېرىشنى قارار قىلدۇق.
     مەن قاپتىقتىن بەيتىك تېغىغا بېرىش جەريانىدا ئوسماننىڭ قېتىم كۆردۈم ۋە ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشتۇم. شۇ چاغدا ئۇ ئېسىمقاننىڭ لاگېرىدا تاماق باشقۇراتتى، ئۇنىڭ ئېيتىشچە ئۇ ئەسلىدە بىر كىچىك سۆدىگەر بولۇپ، ئالتاي تاشقى موڭغۇل ئوتتۇرىسىدا چارۋا سۆدىگەرچىلىگى قىلىپ 1931-يىلى 8-ئايدا تاشقى موڭغۇلىيەدە قاماقتا ياتقان ئىكەن.
     شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى مۆلچەرلىشمىزچە بىزنىڭ ئارمانتېغا بېرىشمىز كېرەك ئىدى. بەيتىكتىن ئارمانېغا بارغىچە بىر كېچە كۈندۈز يول مېڭىپ داپسىندىن ئۆتۈشكە توغرى كىلەتتى. شېڭ شىسەينىڭ چىڭگىل بىلەن كۆكتوقايدىكى كۈچلىرى داپسىنغا مەركەزلەشكەن بولۇپ بۇ يەردە 5000 ئەسكىرى بار ئىدى. ئۇلار بىزنىڭ چىڭگىل بىلەن كۆكتوقايغا بارىدىغان يولىمىزنى توسۇپ تۇراتتى. بىز كېچىدە داپسىندىن كىسىپ ئۆتۈپ 3 قېتىم جەڭ قىلدۇق. 150 تال مىلتىق ۋە نۇرغۇن ئوق-دورىلارنى ئولجا ئېلىپ ئاخىرى ئارمانتېغا يەتتۇق.بۇ يەردە دەم ئالماي ئارقا-ئارقىدىن 6 كۈن ئۇرۇش قىلدۇق. ئاقتېكە شۇ يەردە دۇنيادىن كەتتى.
     قۇملۇقتىن چۆل-جەزىرىلەرگە قېچىپ كەلگەن باندىتلارنىڭ بىر قىسىمى-مۇلقا قەبىلىسىدىن جىلقايدار، شېراۇشى قەبىلىسىدىن سۇلايمان، ماشال موللا قاتارلىقلار بولۇپ تەخمىنەن 200 دەك كىشى ئىدى. ئۇلار ئايرۇپىلانلارنىڭ كېلىپ-كېتىشىلىرىگە قاراپ ئارمانتىدا ئۇرۇش قىلۋاتقانلىغىنى بىلىپ، جىلقاريدار قاتارلىق 3 كىشىنى ئالاقە باغلاشقا ئەۋەتىپتۇ. جىلقايدار بىزگە: «بىز شېڭ شىسەينىڭ چىڭگىل ۋە كۆكتوقايدىن ئەۋەتكەن ۋەكىلىرىنى قويۇپ بەرمىدۇق» دىگەن سۆزنى قىلدى، ئەڭ ئاخىرى كۇرتە دىگەن جايدا ئاقتېكە باشقۇرۇۋاتقان مەسچىتتە ئۇچىراتماقچى بولدۇق. بىز شۇ مەسچىتتە ئۇچىراتقاندىن كېيىن ئىككى كۈن مەسلىھەتلەشتۇق. نەتىجىدە چاكۇرتىدىن كۆكتوقايغا ئىككى كۈن بىر كېچە مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. يول مېڭىش تەس بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يول ئۈستىدىكى سۇ ئېغىزلىرىنى شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى ئىگەللىۋالغاچقا بەك جاپا بولاتتى. شۇڭلاشقا ئومۇمەن تاققا چىقىشنى خالىمىغانلارغا ۋەكىللەر بىلەن بىللە قايتىپ كېتىشكە يول قويدۇق. قايتىپ كېتىشنى خالىمىغانلار تاققا چىقىش تەييارلىغىنى قىلدۇق. چىڭگىلدىن كوكسىگىن ئوكۇرداي باشلاپ ماڭغان 200 كىشى قايتىپ كەتمەكچى بولدى. ئېرىسقان، لاتىپ باشلاپ ماڭغان 200 كىشى كۆكتوقايدىكى باندىتلار بىلەن بىرگە تاققا چىقماقچى بولدۇق.



2. ئوسماننىڭ پوچتاخانىنى بولىغانلىغى

[align=justify]

     قايتىپ كېتدىغان 200 كىشى بىلەن چاكورتىدا خوشلاشقاندىن كېيىن 2-كۈنى ئەتتىگەندە تۇلكى دىگەن جايغا يىتىپ كەلدۇق، ئادەملەرنىڭ ھېساۋىنى ئالغان ۋاقتىمىزدا ئېسىمقاننىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن ئوسمان بىلەن قوشۇلۇپ جەمئى 40 كىشنىڭ يوق ئىكەنلىگىنى بايقىدۇق.يەنە 3 تال مىلتىقمۇ يوق ئىدى. روشەنكى ئۇلار مىلتىقنى ئېلىپ قېچىپتۇ. بۇ ئوسماننىڭ بىرىنچى قېتىم مۇستەقىل ھەركەت قىلىشى ئىدى، بىز ئۇلارنى ئىزدىمەي تاققا چىقىپ كەتتۇق.
     ئوسمان باشچلىغىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر قارا بولغىنغا قېچىپ بېرىپ ئۇ يەردە 30 كۈن ياتقان. ئوسمان بۇ 40 كىشنى: چوڭ ئەتىرەتتە كۆپچۈلۈك بىرلىكتە يۈرسەك ئۇرۇش كۆپ بولىدىكەن، كۆپ چىقىم بولىدىكەن، ئاز كىشلەر ئايرىم ھەركەتلەنسەك ئاسان ئاشكارلىنىپ قالمايمىز دەپ ئېلىپ ماڭغان ۋە ئوزۇق-تۈلۈككە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىغىنى ۋەدە قىلغان ئىكەن. لېكىن، قاچقاندىن كېيىن ئاتلار جۈدەپ، ئوزۇق-تۈلۈكمۇ تۈگىگەننىڭ ئۈستىگە 6-ئاينىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە پاشا كۆپ بولغانلىقتىن كۆپچۈلۈك ئازاپلىنىپ ئوسماندىن ئاغىرىنىشقا باشلىغان. «سەن بىزنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ بىز كېتىمىز» دىيىشكەندە، ئوسمان كۆپچۈلۈككە تەسەللى بېرىپ: «مەن بېرىپ يەيدىغان نەرسە تېپىپ كېلەي» دەپ، جاپسار دىگەن جايدىن يولغا چىقىپ، كۈندۈزى يۇشۇرۇنۇپ، كېچىسى ھەركەتلىنىپ سۆگەت ياغىچىدىن سال ياسىۋېلىپ قوۋئېرىتىشدىن ئۆتۈپ (ئېرىتىش دەرياسىنىڭ باش تەرىپى)كۇرتىغا كېلىدۇ. بۇ جاي ئەسلىدە ئوسماننىڭ قىشلاق جايى بولۇپ كۆكتوقايدىن ئالتايغا ئۆتىدىغان چوڭ يولغا يېقىن ئىدى. يول ياقىسىدا بىر پوچتىخانا بولۇپ 11 ئەسكەر قوغدايتتى. ئۇلاردا 4 تال مىلتىق 100 ئۆچكە 30 تۇياق ئات-كالا بار ئىدى. پوچتىخانا ئەتىراپىدا سارجاس قاتارلىق 7 ئۆيلۈك موڭغۇل بولۇپ ئۇلار تەخمىنەن 30 نەچچە جان ئىدى. كەچ بولغاندا ئوسمان ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ بېرىپ پوچتىخانىنى بۇلاپ 11 نەپەر ئەسكەر ۋە سارجاس قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۋاتقان. ئوسمان بۇ يەرگە پەقەت 4 كىشنى باشلاپ بېرىپ، ئەسكەرلەرنىڭ كىيىمىنى كېيۋېلىپ، پوچتىخاننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئەتراپنى كۆزتۈپتۇ. ئىپى كەلگەندە يەنە بولىماقچى بوپتۇ. ئۇ قالغان ھەمرالىرىنى باشقا جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان. 3 كۈندىن كېيىن ئالتايدىن بىر قازاق بىر خەنزۇ پوچتىخانغا خەت ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، ئوسمان ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ سوراققا تارتقاندا ئۇ ئىككۇيلەن: «بىز بىر پارچە ئالاقە ئېلىپ كەلدۇق دىگەن. ئالاقىدار ئالتايدىن (ھەربى لاۋازىمات) 200 تۆگە كېلۋاتىدۇ. بۇنى پوچتىخانىنىڭ بالائىرتىشكىچە قوغداپ بېرىپ كۆكتوقايدا تۇرۇشلۇق ھەربىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش لازىملىغى ئېيتىلغان». ئوسمان يەنە: «ئەسكەرلەر بىللە قوغداپ كىلىۋاتامدۇ يوق دەپ سورىغان؟ ئۇلار يوق، تۆگە يىتىلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى پۇخرالار» دىگەن. ئوسمان بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھېلىقى خەنزۇنى ئېتىپ تاشلاپ قازاقنى قول ئاستىدا ئىشلەشكە ئېلىپ قالدى. ئوسمان 200 تۆگىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق قولغا چۈشۈردى. (بۇنىڭ ئىچىدە يۈز تۆگىگە گۈرۈچ، بۇغداي، 90 تۆگىگە ھەربى كىيىم، ئۈتۈك قاتارلىقلار، يەنە 10 تۆگىگە تۈرلۈك ئوق-دورىلار ئارتىلغان ئىكەن. بۇ نەرسىلەرنى ئۇ بالا ئېرىتىش ئۇتلىغىغا توپلاپ، ئاندىن قول ئاستىدىكلەرنى ئەۋەتىپ زەينەل ئۇكۇرداينىڭ قەبلىسىنى ئۆزىگە قوشۇلۇشىقا قۇتراتقان. ئۇ: «بىزنىڭ قورالىمىز ناھايىتى كۆپ، خۇيزۇلار بىزگە ناھايىتى چوڭ ياردەم قىلدى، بىز مۇسۇلمانلار بىرلىشەيلى» دىگەن. ئەمىلىيەتتە ئوسمان باشچىلىغىدىكى بۇ كىشلەردە جەمئى 12 تاللا راست مىلتىق بولۇپ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان يالغان مىلتىق ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بالا ئېرىتىش ۋە قارا ئېرىتىش دىگەن جايدىكىلەر ئوسماننىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ قوزغۇلۇشقا باشلىغان ئىدى.
    ئوسمان باشچىلىغىدىكى بۇ قوشۇن 40 كىشىدىن ئاستا-ئاستا كۆپەيدى. 1940-يىلى 9-ئايدا ئوسمان يەنە ئېرسقان، سۇلايمان ئېسىمقانلارنى قۇترۇتۇپ قۇۋ ئېرتىشتىكى قوشۇن بىلەن بىرلىشىپ شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرىنى تاغدىن ھايداپ شەھەرگە چېكىندۈردى. بىر بۇنۇڭغا ئەگىشىپ كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىنى قورشىۋالدۇق. بۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىن ئايرۇپىلان كىلىپ تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تاشلىدى، تەشۋىق ۋاراقلىرىدا «سىلەرنىڭ قانداقلا تەلىۋىڭلار بولسا، بىز ھەممىسىگە ماقۇل بولىمىز سىلەر ئۇرۇشنى توختۇتۇڭلار تەلىۋىڭلارنى يېزىڭلار» دىيىلگەن. بىز مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بىر نەچچە تۈرلۈك تەلەپ قويۇپ شېڭ شىسەي تەرەپ بىلەن تەنپەن قىلىشماقچى بولدۇق.



3- بىرىنچى قېتىملىق تەنپەن ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى


[align=justify]
    1940-يىلى 10-ئايدا شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ قېينى ئاتىسى چېيۇزۇڭ جۇننى تەنپەن قىلشقا ئەۋەتتى. بىز ئىككى تۈرلۈك تەلەپنى بىرىنچىسى: سۇلانغان ئادەملىرىمىزنى قويۇپ بېرىش، ئىككىنچىسى چىڭگىل بىلەن كۆكتوقايدىن ئالتايغىچە بىرەر خەنزۇنىمۇ رەھبەرلىككە قويماسىلىق، ساقچى ئىدارسى قۇرماسىلىقنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. چيۇزۇڭ جۇن تەلىۋىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، بىز بىلەن تەنپەن ئۆتكۈزدى.
     تەنپەندە خەنزۇلارنى رەھبەرلىككە قويماسلىق، لېكىن كاتىپلىققا خەنزۇلار بولسىمۇ بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. كونكىرىت سايلامدا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىلىقىغا بۇقات، مۇئاۋىن ۋالىلىقىغا جانىمىخان، دابىڭ، كۆكتوقاي ناھىيسىنىڭ ھاكىملىقىغا راخات كۆكتوقاي ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا كادىر بەكلەر تەينىلەندى. چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ بىرىنچى ھاكىملىقىغا كۇكسىگىن، چىڭگىل ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا قادىر بەلگىلەندى.
     تەنپەندە يەنە ئاممىنىڭ قولدىكى مىلتىقلارنىڭ ھەممىسنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇش بەلگىلەندى. بىز ئاممىنىڭ قولىدىكى مىڭدىن ئارتۇق مىلتىقنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرۇپ بەردۇق. شۇندىن باشلاپ، ئاممىنىڭ قولىدا پەقەتلا قۇرال قالمىدى. (لېكىن 1941-يىلى 2-قېتىملىق توپلاڭ كۆتۈرۈلگەندە كىشلەر ئوسماننىڭ بىر تال مىلتىق بىلەن بىر دانە دۇربۇن يۇشۇرۇپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ كۆكتوقايدىكى ئامما ئۇنى يۈرەكلىك، ھەققى «قەھرىمان» دەپ قارىدى.)
     تەنپەندىن كېيىن بىز ئۈچ كىشىگە باتۇر دەپ نام بەردۇق. بۇنىڭ بىرسى سۇلايمان، (شېراۋشى قەبىلسىدىن) ئىككىنچىسى ئېرسىقان (چاقاباي قەبىلىسىدىن) ئۈچىنچىسى ئوسمان (مۇلقا ئايتۇغان قەبىلىسىدىن). شېڭ شىسەي بىزنى يوقاتماقچى بولدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئېرسقانغا «قەھرىمان» دىگەن نام بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشپىيۇن جانىمقاننى ئەۋەتىپ ئۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى. جانىمقان بىلەن ئېرىسقاننىڭ ئازىراق توققانچىلىق مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئېرسىقاننىڭ بىر ئاز بېشى ئاغرىيدىغان كېسىلى بار ئىدى. جانىمقان ئۇنىڭغا «يىغىندىن كېيىن، سەن مىنىڭ قېشىمدا تۇر، مەن دوختۇر چاقىرىتىپ كېسلىڭنى ياخشى داۋالىتىپ قويىمەن» دەپ ئۇنى قالدۇرۇپ زەھەرلىك چاي ئىچكۈزگەن. ئېرىسقان زەھەرلىنىپ پۇتۇن بەدىنى ئىشىپ، ئۇزۇنغا بارماي ئۆلدى. بىز ئۇ چاغدا دوختۇر زىيانكەشلىك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئوخشايدۇ. دەپ گۇمان قىلغان ئىدۇق. لېكىن جانىمقان: « مەن ئېرسقاننى ئۆز بالامغا ئوخشاش كۆرىمەن. دوختۇرنىڭ زەھەرلىشىگە ھەرگىزمۇ يول قويمايمەن» دىگەن . بىز جانىمقانغا ئىشەنمىدۇق. كېيىن جانىمقاننىڭ شىڭ شىسەيگە سېتىلىپ جاسۇسلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاندى. ئەمما ئۇنى شىڭ شىسەينىڭ «قارا ئېتى» دەپ ئاتىشاتتى. 1941-يىلى ئۇ ئالدامچىلىق قىلىپ بىزنى تېخىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. ئۇ ئېرسقان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلۈگىنى ئالتايغا ئېلىپ كېتىشكە يول قويماي، قارىمايدىكى چۆللۈككە كۆمدۇردى.
     شىڭ شىسەي بىزنى ئىشپىيۇنلار ئارقىلىق يوقاتماقچى بولغاندىن باشقا يەنە قۇراللىق كۈچ بىلەنمۇ يوقاتماقچى بولدى. 1941-يىلى ئالتۇن قېزىش ئۈچۈن 200 نەپەر خەنزۇ كۆكتوقايغا كەلدى. كېيىن بۇ يەردە ئاليۇن كۆپ ئىكەن، ئەمگەك كۈچىنى كۆپەيتىش كېرەك دەپ يەنە 400 خەنزۇ كەلدى. 6-ئايغا كەلگەندە كۆپۇيۇپ 800 گە يەتتى. ئەمما بۇنىڭ ئەمىلى ئەھۋالغا دىققەت قىلمىدى.
    1941-يىلى 6-ئاينىڭ مەلەم كۈنى كۆكتوقاي ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىغى كادىرباي تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى. ئەتىسى كاتىپ (خەنزۇ) كۆكتوقاي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلىپ: كادىر باي جۇيجاڭ ئاۋۇلغا كەتتى. ئىدارىغا تېخى قايتىپ كەلمىدى. دىگەن. يەنە 5-6 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، كەچتە شېڭ شىسەينىڭ 8 نەپەر ئەسكىرى كۆكتوقاي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە كىرىپ شەنجاڭ بولمغانلىقتىن خىزمەتچى خادىمنى تۇتۇپ كەتتى. ئەتىسى راخات شەنجاڭ ئاۋۇلدىن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە قايتىپ كېلىپ، ئەھۋالنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇ كۈنىلا قېچىپ كەتتى. سۇلايمان باتۇر بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئادەمنى باشلاپ ساقچى ئىدارىسىگە كېلىپ، كادىر باي جۇيجاڭنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەم ساقچى ئىدارىسىنىڭ 30 دانە ئېتىنى بۇلاپ كەتتى. كېيىن ھۆكۈمەت 200 نەپەر ئەسكەرنى سورتېى ئاۋۇلغا ئەۋەتىپ 20 نەچچە ئۆيلۈك قازاقنىڭ چارۋىسىنى بۇلاپ كەتتى ۋە 4 نەپەر ياشنى تۇتۇپ كەتتى. مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندىلا ئاندىن بىز ئاتالمىش ئالتۇن قازغۇچى ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى شېڭ شىسەينىڭ ئەۋەتكەن ئەسكەرلىرى ئىكەنلىگىنى چۈشەندۇق.
     1941-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى كۆكتوقاي ناھىيسدىكى قازاقلارنىڭ باشلىغى بىرلىكتە چىڭگىل ناھىيسىنىڭ باشلىقىغا ئۇختۇرۇش قىلىپ «ھۆكۈمەت بۇلتۇرقى (1940-يىلدىكى) سۆھبەتكە خىلاپلىق قىلدى. بىز يەنە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى. چىڭگىل ناھىيسىنىڭ باشلىغى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ئاۋاز قوشمىدى.
     چىڭگىل ناھىيسىگىمۇ 1941-يىلى 6-ئاينىڭ ئىچىدە ئىككى يۈز نەپەر خەنزۇ يەنىلا ئالتۇن قازغىلى كەلدۇق دەپ كەلگەندە بىزمۇ دىققەت قىلماپتىمىز. 8-ئاي ئىچىدە شېڭ شىسەينىڭ 200 ئەسكىرى بۇلغۇن دىگەن جايغا كېلىپ قازاق چارۋىچىلارنىڭ 20 نەچچە توياق چارۋىسىنى بولاپ كەتتى. ياشلاردىن 9 نى ئۆلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن چىڭگىلمۇ بۇزۇلدى.
     7-ئايدا كۆكتوقايدا، 8-ئايدا چىڭگىلدە ۋەقە يۈز بەردى. شېڭ شىسەي 8 مىڭ ئەسكەر كۈچى توپلاپ بىز بىلەن 6 قېتىم ئۇرۇش قىلدى. 8-ئاينىڭ ئاخىرىسىدا سۇلايمان باتۇر ۋاپات بولدى. خېلىل تەيجى: ئەھۋال ياخىشى ئەمەس، قاراملىق بىلەن ئىشلەشكە بولماسمىكىن دىگەن تۇنۇشقا كېلىپ قالغان ئىدى.



4. 2-قېتىملىق سۆھبەت ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى


[align=justify]
     خېلىل تەيجى شېڭ شسەينىڭ كۆكتوقاي ناھىيسىدىكى ۋەكىلىگە: «بىز ئۇرۇشنى توختۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز. سىلەر تەنپەن قىلشقا ئادەم ئەۋەتىڭلار» دەپ خەت يازدى. شېڭ شىسەي خەتنى كۆرۈپ دەرھاللا جانىمقاننى تەنپەن قىلىشقا ئەۋەتتى. (يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بۇ چاغدىمۇ بىز تېخىچىلا جانىمقاننىڭ جاسۇسلىقىنى سىزىۋالمىغان ئىدۇق).
     جانىمقان كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا: «مېنىڭ ئاغزىمدا خۇدا دىلمدا قۇرئان بار. سىلەر ئۇرۇشنى توختۇتىدىغانلا بولساڭلار ھۆكۈمەت بۇلتۇرقى كېلىشىمگە ئەمەل قىلىپ، كۆكتوقايدىن بارلىق خەنزۇلارنى يوتكەپ كېتىدۇ» دىدى. ئۇنىڭ مۇنداق قەسەم ئىچىپ ۋەدە قىلغانلىقىغا كۆكتوقايدىكى بارلىق قازاقلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە تەيجىلەرمۇ ئىشەندى.
     جانىمقان كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا: «مېنىڭ ئاغىزىمدا خۇدا، دىلىمدا قۇرئان بار. سىلەر ئۇرۇشىنى توختىدىغان بولساڭلار ھۆكۈمەت بۇلتۇرقى كېلىشىمگە ئەمەل قىلىپ، كۆكتوقايدىن بارلىق خەنزۇلارنى يۆتكەپ كېتىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ مۇنداق قەسەم ئىچىپ ۋەدە قىلغانلىقىغا كۆكتوقايدىكى بارلىق قازاقلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە خېلى تەيجىلەرمۇ ئىشەندى.
     بۇ قېتىم تەنپەندە، بىز تەلەپ قويمىدۇق. جانىمقاننىڭ كاپالەتلىك قىلىشىغا ئىشىنىپ، ھۆكۈمەت 1940-يىلىدىكى كېلىشىگە ئەمەل قلىپ، شۇ بويىچە ئىش قىلدۇ، دەپ قوشۇننى تارقىتىۋېتىپ شىڭ شىيسەي ئەسكەرلىرىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيىسىدە بىر نەچچە كۈن مەجلىس ئاچتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئاممىنىڭ قولىدا تارقاپ يۈرگەن مىلتىقلارنى يىغۋېلىپ ھۆكۈمەتكە تاپشۇردۇق.
جانىمقان ھۆكۈمەتكە ۋاكالەتەن، بىزدە سايلام ئۆتكۈزۇشنى يولغا قويدى. ئۇ: « كۆل بۇلاق ئەتراپىدىكى قارا تاش دېگەن جاي مۇۋاپىق ئىكەن، سىلەر شۇ يەردە سايلام ئۆتكۈزسەڭلار ئىناۋەتلىك كاتتىۋاشلارنىڭ ھەممىسى شۇ يەرگە توپلۇنۇڭلار»دېدى.
     سايلام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، خېلىل تەيجى، ئېسىمقان، قالى مەن، راخات، قادىر قاتارلىق 17 باشلىق قاراتاشقا كەلدى. جانىمقانمۇ بۇ يەرگە كەلدى. ئۈرۈمچى تەرەپتىن ئالدى بىلەن ئايرۇپىلان كېلىپ تەييار تۇرغان ئىكەن، جانىمقان ئالداپ 17 كىشنى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇغۇزۇپ، ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى. شېڭ شىسەي ئۇلارنى تۇرمىغا ئالدى.
    لېكىن جانىمقاننىڭ ھېلە-مىكىرلىرى ھېلىگەر ئوسماننى قاپقانغا چۈشۈرەلمىدى. 2-قېتىملىق تەنپەندە ئوسمان جانىمقانغا ئىشەنمىدى. تەسلىم بولۇشنى خالىماي قورال تاپشۇرماستىن 30 دانە كىگىز ئۆينى ئېلىپ قۇمغا كىرىپ كەتتى.



5-ئوسماننىڭ 2-قېتىم ئۆز ئالدىغا ھەركەت قىلىشى

[align=justify]

     شۇ يىلى (1941-يىلى قىش پەسلىدە، ئالتاي تەرەپتىن ئۈچ ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئوسماننى تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلدى. بۇ ئۈچ ۋەكىل ئالتايدىكى ماميلازەنگى، چىڭگىلدىكى ئۇۋاتقان، كۆكتوقايدىكى ماغاۋىيا زالىڭلار ئىدى. ئوسمان ئۇلارغا «سىلەر جانىمقانچىلىكمۇ بولالمىدىڭلار، سۆھبەتكە كەتكەن 17 كىشى نەگە كەتتى» دىدى دە، ۋەكىللەرنىڭ ئاتلىرىنى تارتىۋېلىپ پىيادە قايتۇرىۋەتتى.
     كىلەر يىلى (1942-يىلى) 3-ئايدا كۆكتوقاي ناھىيسى بىر بۆلەك ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ ئوسماننىڭ ئاۋۇلىنى قورشىۋالدى. ئوسمان 4 ئادىمى بىلەن قارامايىل دىگەن جايغا قېچىپ كەتتى. ئەسكەرلەر ئىزدەپ تاپالمىدى. 5-ئايدا ئوسمان كۆكتوقاينىڭ بۇدۇڭقار دىگەن جايىغا قايتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا ئوسماننڭ ئىنسى: سەن بىلەن بىللە سەرگەردانلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىمايمەن، دەپ قايتىپ كەتمەكچى بولدى. ئوسمان ئۇنىڭغا بىر تال مىلتىق بېرىپ ئۇ ئارقىلىق كۆكتوقاي ناھىيسىگە مەنمۇ تەسلىم بولۇشنى خالايمەن دىگەن مەزمۇندا بىر پارچە خەت ئەۋەتتى. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئىنسى كۆكتوقايغا بېرىشى بىلەنلا ناھىيلىك گۇڭئەنجۇي تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. (ئوسماننىڭ پەقەت مۇشۇ بىرلا ئىنسى بار ئىدى. 1943-يىلى ئۈرۈمچىدە شېڭ شىسەينىڭ تۇرمىسىدا ئۆلدى).
     بۇ چاغدا كۆكتوقاي ساقچى ئىدارىسى شىراۋشى قەبىلسىدىكى كېلىسنى شەھەرگە چاقىردى. كېلىس ئالدىنقى يىلى (1941-يىلى) سۇلايمان باتۇر بىلەن ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ جىدەل چىقىرىپ قادىرباي جۇيجاڭنى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ساقچى ئىدارىسنىڭ ئېتىنى بۇلغان ئىدى. كېلىس: بۈگۈنكى كۈندە سۇلايمان ئۆلۈپ كەتتى، يەككە-يىگانە بارغان بىلەن چوقۇم ياخشى ئىش يوق دەپ ئويلاپ ئوغلىنى ئېلىپ قېچىپ كۇرتا قىزىلچاق دىگەن جايدا ئوسماننى تاپتى. ئوسمان كېلىس قاتارلىق 5 كىشى بىلەن بەيتىك تېغىغا يېقىن بولغان قارامايىل دىگەن جايغا قېچىپ باردى. كېلسىنىڭ مالىك ھاجى داموللا دىگەن بىر تۇققىنى بەيتىك تېغىدا تۇراتتى. ئۇلار شۇنى ئىزدەپ تېپىپ، شۇ ئارقىلىق جاھاندىن تىڭ-تىڭلماقچى بولدى. كېلىس بىر ھەمرايىنى باشلاپ بەيتىك تېغىغا چىقىپ باشقا بىر ئاۋۇلغا كېلىپ قالىدۇ. بۇ يەردىكى قازاقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ قاچقۇنچى باندىتلار ئىكەنلىگىنى بىلەتتى. كېلس ئامالسىز: «مەن مالىك ھاجى داموللىنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم. بىز ئۇ ئارقىلىق مارتى (بەيتىك گۇڭئەنجۇينىڭ جۇيجاڭى) غا بېرىپ بىز بارلىغىمىز تەسلىم بولۇشنى خالايدىغانلىغىمىزنى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىل ئەۋەتشنى ئېيتماقچى ئىدۇق» دىدى. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان كىشلەر ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ مالىك ھاجى داموللىنى ئىزدەپ تېپىشىپ بەردى. كېلىس خاتانىڭ ئۈستىگە خاتا بولسۇن دەپ ئۇنىڭغا «سەن ئەتە گۇڭئەنجۇيگە بېرىپ مېنى بىزنىڭ ئاۋۇلغا كېلىپ كەتتى دەپ دوكلات قىلغىن، ھەمدە مەن بىلەن ئوسماننى تەسلىم بولۇشنى خالايدىكەن- سىزنى شارىيېشىك دىگەن جايغا ۋەكىل ئەۋەتىپ بىز بىلەن تەنپەن قىلسۇن دىدى، دەپ يەتكۈزۈپ قوي، ئەگەر گۇڭئەنجۇي سېنى ئەۋەتسە سەن قورقۇپ كەتمەي يۈرەكىلىك ھالدا كېلىپ بىزنى ئىزلە» دىدى. ئىككىنچى كۈنى مالىك ھاجى داموللا گۇڭئەنجۇيگە دوكلات قىلغاندا گۇڭئەنجۇي ئۇنىڭغا ماسەي، سىيىت قاتارلىقلارنى قوشۇپ ۋەكىل قىلىپ شارىيشىك دىگەن جايغا ئەۋەتىپ ئوسماننى ئىزلەتتى. نەتىجىدە ئۇلارنى تاپالماي قايتىپ كەلدى. گۇڭئەنجۇي ئۇلارنى ئوسمان باندىتقا ھېسداشلىق بىلدۈردى، دەپ قولغا ئالماقچى بولدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئۈچ كىشى قېچىپ بېرىپ ئوسمانغا قوشۇلۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلار 8 كىشى قارامايىلدىن كۆكتوقايغا قايتىپ كەلدى.
     ئۇلار كۆكتوقاينىڭ تۇرگىن دىگەن جايغا كەلگەندە بىز 8 كىشى بىللە ماڭساق ئوڭاي ئاشكارا بولۇپ قالىمىز، ئايرىم يۈرسەك خەۋەپسىز بولىدۇ، دەپ مەسلىھەتلەشتى. شۇنىڭ بىلەن كېلىس بىلەن دادىسى ۋە مالىك قاتارلىق ئۈچ كىشى بىر گوروھ بولۇپ، ئايرىلىپ يۈرۈپ ھەرىكەت قىلدى. ئۇلار ئايرىلش ۋاقتىدا مەسلىھەتلىشىپ 9-ئاينىڭ 5-10-15- مۇشۇ ئۈچ كۈندە كۆپچىلىك ساربۇلاق دىگەن جايدىكى بىر ئىگىز چوققىغا بېرىپ كېچىدە ئۇچىرىشىدىغانلىغىنى، كىمكى مۇشۇ ئۈچ كۈن شۇ جايغا كىلەلمىسە بۇ دۇنيادىن يوقالغان بولىدۇ، قالغانلىرىمىز باشقىدىن ھايات يولى ئىزلەيمىز دەپ بەلگۈلەشتى، ئۇلار ئايرىلغاندىن كېيىن ئوسمان قاتارلىقلار قۇمۇچلۇققا، كېلىس قاتارلىقلار كۆكتوقاينىڭ دۇرگۇن سارقارغاي دىگەن جايلىرىغا قېچىپ بېرىپ ئايرىم ھالدا يۇشۇرنۇپ، ئاممىنىڭ ماللىرىنى ئوغۇرلاپ يەپ جان باقتى. ياز ئۆتۈپ 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆزلىرى ۋەدىلەشكەن يەردە ئامان-ئېسەن يۈز كۆرۈشتى. قىش كىرگەندىن كېيىن قۇملۇققا قېچىپ بېرىپ پۇكاڭ ئەتراپىدا چارۋىچىلارنىڭ ماللىرىنى ئوغۇرلاپ يەپ جان باقتى. ئۇ چاغدا ئۈرۈمچى تۇرمىسىدىن قېچىپ چىققان ئىككى كىشى (بىرسىنىڭ ئىسمى ئالتورە)ئۇلارغا قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوسماننىڭ بۇ كىچىك گۇرۇھى ئون ئەزاسى بار بىر ئايلاردا باشقىدىن ئامال ئىزلەشكە باشلىدى.
     ئوسمان 1943-يىلى 7-ئايدىن 1946-يىلى 7-ئايغىچە بولغان بۇ ئۈچ يىل ئىچىدە 10 نەچچە كىشلىك كىچىك بىر گۇرۇھتىن كۆپىيىپ، ئالتاي رايونىنى مۇستەقىل چاڭگىلىغا كىرگىزىۋالغان چوڭ قاراقچىلارغا ئايلاندى. ئۆزىنى قازاقلارنىڭ پادىشاسى دەپ ئاتىدى. 1946-يىلى 8-ئايدا گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.



6. ئوسماننىڭ 3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋىغا قارشى تۇرۇپ گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقانلىقى


[align=justify]
     ئوسماننىڭ سۇلايمان ۋە نۇرخۇجاي ئىسىملىك ئىككى دوستى بار ئىدى. (بۇلارنىڭ ھەممىسى چاقاباي قەبىلىسىدىن ئىدى) 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن كۈچ چىقىرىپ ئۇرۇش قىلغان ئىدى. 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن كېيىن خىزمەت تەقسىم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار كۆڭلىدە نارازى بولۇپ، 1945-يىلى 8- ئايغا كەلگەندە 10 نەچچە كىشىنى باشلاپ گومىنداڭغا تەسلىم بولدى. قۇمغا بېرىپ قىشنى چىقاردى. 1946-يىلى 1- ئايدا ئۇلار نۇر قاسىمنى (نۇرخۇجاينىڭ ئىنىسى) ئۈرۈمچىگە جانىمقان بىلەن كۆرۈشكىلى ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ جانىمقانغا يازغان خېتىدە: «ئالتاي قىزىللىشپ كەتتى، ئوسمانمۇ بىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەگەر بىز ئۈرۈمچىگە بارساق ياخشىلىق بارمۇ-يوق؟ » دېيىلگەن. جانىمقان بۇ ئەھۋالنى گومىنداڭ كاتتىۋاشلىرىغا دوكلات قىلغاندا گومىنداڭنىڭ كاتتىۋاشلىرى جانىمقان ئارقىلپ قاپاسقا: (سۇلايمان، نۇرخۇجايلارنىڭ مورتى، ئوسماننىڭ يېقىنلرى) «سىلەرنىڭ قانداقلا تەلىپىڭلار بولسا، بىز ھەممىسىگە ماقۇل بولىمىز) دەپ خەت يازدى.
     1946-يىلى 2 ئايدا قاپاس جانىمقاننىڭ خېتىنى ئوسمانغا تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جانىمقان ئوسمانغا ئايرىم خەت يېزىپ نۇر قاسىمدىن ئەۋەتتى. خەتتە «ئەگەر يۈز ئۆرۈشكە بەل باغلىساڭلار (3 ۋىلايەتكە قارشى تۇرۇشىنى دېمەكچى) ۋەكىل ئەۋەتىڭلار، جۇلۇڭگەي ئەتراپىدىكى قوملۇققا يېقىن ئايرىم بىر يېزا بار، يېزا باشلىقىنىڭ ئىسمى داشىر تۇڭگان. سىلەرنىڭ ۋەكىلىڭلار داشىرنى تاپقاندىن كېيىن، مەن بىلەن مۇناسىۋەتلەشسە بولىدۇ. سىلەرنىڭ قانداقلا تەلىپىڭلا بولسا جاڭ جژجۇڭ ماقۇل بولىدۇ. بۇ يەردە مەن سىلەر ئۈچۈن ئىشلەيمەن» دېيىلگەن.
    3 ۋىلايەت ئىنقىلابى ئالتاينى ئازاد قىلدى. 1945-يىلى 10-ئايدا ئالتايدا سايلام بولغاندا، ئوسمان سايلامغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى. لېكىن يەنىلا كىشلەر ئۇنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىقىغا سايلىدى. لېكىن، ئوسمان ئالتايغا بېرىپ ۋەزىپىنى ئۆتىمەي، كۆكتوقايدا تۇرۋالىدى. 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىلىدىن ئادەم كېلىپ ئوسمانغا ئۈچ ۋىلايەت بىلەن ئۈرۈمچى تەرەپ ئۆتكۈزىدىغان تەنپەن يىغىنىغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇردى. ئۇ بۇنىڭغىمۇ بارمىدى. كېيىن مەن ۋەكىل بولۇپ، تەنپەنگە قاتناشتىم. مەن 1946-يىلى 6-ئايدا قايتىپ كېلىپ، تەنپەندە ئىمزالانغان 11 ماددىلىق توختامنى ئوسمانغا سۆزلەپ بەرسەم ئوسمان ناھايتى خاپا بولدى. ئۇ چاغدا ئۇ ئۈرۈمچى بىلەن ئاللىقاچان تىل بىرىكتۈرىۋالغان ئىكەن.
     ئوسمان بىر تەرەپتىن سىر بەرمەستىن چارۋا رايونىدا تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن داشىرنى كۆكتوقايغا چاقرىپ يۇشۇرۇپ قويۇپ، 8- ئايدا قانات باي، قاخاشا، داشىر قاتارلىق ئۈچ كىشىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى. جانىمقان بۇنى سۇڭ شىلەنگە دوكلات قىلدى. سۇڭ ئەلۋەتتە ئوسماننىڭ گومىنداڭ قوينىغا ئاتقان ھەركىتىنى قارشى ئېلىپ نۇرغۇن سوۋغا سالام بەردى، يەنى بىر دانە تېلگىرامما ئاپاراتى ۋە ئىككى نەپەر رادىيسىت (خەنزۇ)، بىر دانە جۇۋا، 500 تاختا چاي، 40 تۈپ سوكنا، 50 تۈپ تاۋار، 100تۈپ ھەر خىل گەزمال قاتارلىقلارنى 10تۆگىگە ئارتىپ، تۇڭگان يۇنۇسنى قار توڭكىگىچە قوغداپ ئاپىرىپ قويۇشقا بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى تەرەپتىن ھۈسەيىن شەنجاڭنى 3 نەپەر خەنزۇ خىزمەتچى بىلەن ئوسمانغا ياردەملىشىشكە ئەۋەتتى. (ئوسماننىڭ كاتىپى ۋە تەرجىمالى قورمانباي ئوسماننىڭ ئەھۋالىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ. ئۇ ئوسمانغا ئەگىشىپ، ئوسمان تاكى بارىكۆلگە كەلگەنگە قەدەر بىللە بولغان. بۇ كىشى كېيىن ئالتاي ئورمانچىلىق ئىدارىسىدە تەرجىمانلىق قىلدى.) جانىمقان ئوسماننىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىدى. جانىمقان ئوتتۇردا تىل بىرىكتۈرۈشتە تۆھپە قوشقانلىقتىن شىنجاڭ باج ئىدارىسىنىڭ جۈيجاڭى بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا مالىيە نازارىتىگە نازىر بولىدى.



7- مەن ئەكسىل ئىنقىلابى يولغا قانداق مېڭىپ قالدىم. ئوسمان بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولدۇم؟


[align=justify]
     1946-يىلى قىش كېلىشتىن بۇرۇن، مەن ئالتاي ۋىلايەتلىك باج ئىدارىسىنىڭ جۇيجاڭلىقىغا تەيىنلىنىپ ئالتايدا تۇردۇم. شۇڭىلاشقا ئوسماننىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ئاسىيلىق ھەركەتلىرىنى ئانچە بىلمەيمەن. قىشنىڭ بېشىدا مەن دەلىلقاندىن (سايلامدا دەلىلقان مۇئاۋېن ۋالىي بولغان ئىدى. ئوسمان ئالتايغا بېرىپ خىزمەت ئىشلىمگەنلىكى ئۈچۈن، دەلىلقان ۋاقتىلىق ۋالىي بولۇپ تۇردى). رۇخسەت سوراپ چىڭگىلغا باردىم. كېيىن چىڭگىلدىن ئالتايغا قايتىدىغان چېغىمدا ئوسمان يولنى توسىۋالغانلىقتىن مەن قايتىپ كېتەلمەي ئاخىرى ئوسماننى يوقلاپ باردىم. ئۇ مېنىڭدىن: سەن نەگە بارماقچى ئىدىڭ، دەپ سورىدى مەن « رۇخسەت سوراپ چىڭگىلغا كەلگەن ئىدىم. ئەمدى ئالتايغا قايتماقچى مەن. لېكىن، يول ئېتىلپ قاپتۇ ئەگەر رۇخسەت قىلساڭ سېنىڭ يېنىڭدا تۇرۇپ قالاي، بولمىسا چىڭگىلغا ئۆيۈمگە قايتىپ كەتسەم دەيمەن» دېدىم. ئۇ ماڭا «سەن ئاۋال قونۇپ قال، قالغان گەپ سۆزلەرنى كېيىن دېيىشەيلى» دېدى. ئۇنىڭ ئەتىسى قول ئاستىدىكى 4 ۋىيۋەن ئادىلقان باي، مەخەممەتجان ، خاسەن زەڭگى، مۆمىن باي (بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوسماننىڭ سەنمۇلىرى) بىلەن سۆزلەشتىم. ئوسمان ماڭا: «3 ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكىلەر بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ بېتىمى مېنىڭ ھازىر قولغا كەلتۈرگەن غەلبەمگە يەتمەيدۇ. سەن مىنىڭ كۈچۈمنى كۆرگىن، بىرىنچىدىن رادىيويۇم بار، ئۈرۈمچى بىلەن بىۋاستە سۆزلىشەلەيمەن. ئىككىنچىدىن 3 كۈندىن كېيىن ئايرۇپىلان كېلىدۇ. مۇندىن كېيىن ماڭا لازىم بولغان نەرسىلەرنى ئايرۇپىلان بىلەن يوتكەپ كېلەلەيمەن، ھازىر ئايرۇپىلان ئىستانىسى ياساۋاتىمىز، سەن بېرىپ ئۆز كۈزۈڭ بىلەن كۆرۈپ كەلگەندىن كېيىن چىڭگىلغا قايتساڭمۇ كېچىكمەيسەن» دېدى.
      شۇ چاغدا ئوسماننىڭ قول ئاستىدا 200دەك ئەسكىرى بولۇپ تولىسىنى كۆكتوقايدىكى ۋاقتىدا توپلىغان، قالغانلىرى مانات بۇرۇلنوقايدىن ئېلىپ كەلگەن، 4 ۋىيۇەن ۋە قابباس مۇپتى ئىسىملىك بىر قازىسى بار ئىدى. (بۇ قازىسى جانىمقان بىلەن مەخپى بېرىش كېلىش قىلدىغان كىشى) ئىدى.
     مەن بۇ يەردە 4 كۈن ئايرۇدۇرۇم ياساشقا قاتناشتىم، ئوسمان ماڭا ئىشىنىپ: «سەن ئۆيۇڭگە قايتىپ بىر ئاي دەم ئال. دۇكانغا كىرىپ ئۆزەڭگە ئېھتىياجىلىق نەرسىلەرنى تاللىۋالىغىن» دېدى. مەن بىر سوكنا، بىر توپ چىت، 10 مېتىر سارجا، 15 مېتىر تاۋار، 10 تاختا چاي ئالدىم. مانا بۇلار مىنىڭ ئوسماننى ئىزلەپ بېرىپ ئېرىشكەن نەرسىلىرىم بولدى.
     مەن چىڭگىلغا قايتىپ 11-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئوسمان ئادەم ئەۋەتىپ مىنى چاقىرىتىپتۇ، مەن چىڭگىلدىكى چوڭ-چوڭلار بىلەن بېرىش بارماسلىق توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتىم. ئۇلار ماڭا، «سەن بارمىساڭ ئوسمان بىزنىڭ ماللىرىمىزنى بۇلايدۇ. بىز خاتىرجەم بولالمايمىز. بىز خەت يېزىپ سەن بىلەن ئادەم قوشۇپ بىللە ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەيلى. مۇشۇنداق قىلغاندىلا بىز خاتىرجەم بولالايمىز» دېدى. مەن بىر ئادىمىم بىلەن ئوسماننىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئوسمان: «جاڭ جژجۇڭدىن تېلگىرامما كەلدى. ئۈرۈمچىگە ئادەم ئەۋەتىپ ياردەمنى قۇبۇل قىلشىمنى ئېيتىپتۇ. مەن 4 ۋەكىل ئەۋەتىشىنى بەلگىلدىم. سەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە چۈنكى سەن مالىيە ئىشىنى بىلىسەن ئادىلقان باي باشلاپ بارىدۇ. چىڭگىل خەلقى ھەمكارلىشىشنى خالامدۇ. خالىمامدۇ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. سەن ئۆزەڭ بېرىشنى خالامسەن يۇق؟»دېدى. بىز چىڭگىلىدىكى خەلقلەرنىڭ خېتىنى ئوسمانغا تاپشۇردۇق.
     1946-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى بىز 8 كىشى يولغا چىقتۇق. ئۈرۈمچى تەرەپتىن بىر خەنسو، بىر قازاق قوشۇلۇپ 10 كىشى بولدۇق. ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن جانىمقاننىڭ قوروسىدا تۇرۇدۇق. بىزگە ئالدىن-ئالا ياتاق تەييارلاپ قويغان ئىكەن. 1947-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى جاڭ جژجۇڭ بىزنى قوبۇل قىلدى. بىز ئوسماننىڭ 500 دانە مىلتىق 40 دانە پىلىمۇت، 10 مىڭ تال ئوق ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان خېتىنى تاپشۇردۇق. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن جاڭ جژجۇڭ بىزنى چاقىرىپ، كۆرۈشۈپ بىزگە: «مەن نەنجىڭگە بارماقچى بولدۇم. بۇنىڭغا 2 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. سىلەر ۋاقتىنچە مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، ئوسمان تەلەپ قىلغان ئوق-دورىلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمىز» دىدى. ئۇ بىز بىلەن بىللە بارغان جانىمقانغا: «سەن بۇلارنىڭ ياتاق، يىمەك-ئىچىمەكلىكىگە ناھايىتى ياخشى ئېتىۋار بەرگىن، ئۇلار مىنىپ كەلگەن ئاتلارنى ئەسكەرلەر باقسۇن. قالغان ئىشلارنى ليۇمىشۇجاڭ بىر تەرەپ قىلسۇن،» دىدى.
     بىز ئۈرۈمچىدە 3 ئاي تۇردۇق. جاڭ جژجۇڭنىڭ كەلگەنلىگىدىن خەۋەر يوق. 1947-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا جانىمخان بىلەن ليۇ مشۇجاڭ بىزنى چاقىرىتىپ: «ھازىر ئوسمان بىلەن دەلىللقان ئۇرۇشۇپ قالدى. ئۇرۇشمىسا بولاتتى. سىلەر ئەتىلا قايتىپ ئۇرۇشنى توختۇتۇشنى ئېيتىڭلار. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئالتاي ئوسماننىڭ، بىز ئالتاينى تارتىۋىلىپ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىمىز، دىدى، بىز: «قورال گېپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.» ليۇ بىزگە جاۋاپ بېرىپ: «بىز 300 تال مىلتىق، 20 تال پىلمۇت ئەۋەتتۇق. قالغىنىنى جاڭ جژجۇڭ قايتىپ كەلگەندە چىتەيدىن ئەۋەتىپ بېرىمىز. قالغان كونكىرىت ئەھۋالنى تېلېگىراما ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىشەيلى» دىدى. ليۇ بىز 4 ۋەكىلنىڭ ھەر بىرىمىزگە 5 مىڭ يۈەندىن پۇل تەقدىم قىلدى. (شۇ چاغدا بىر تاختاچاي 8 يۈەن ئىدى.)
     1947-يىلى 4-ئايدا بىز ئۈرۈمچىدىن چىقىپ 6 كۈن ماڭدۇق. ئىككى ئات ھېرىپ ئۆلدى. بىز ئوسمان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئۇرۇشنى توختۇتۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدۇق. بۇ چاغدا ئوسمان بىلەن دەلىلقان 3 قېتىم ئۇرۇش قىلىپ، ئوسمان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا يېڭىلگەن ئىكەن. ئوسمان گەپنى ئاڭلىمىدى. ھوسۇيىن ياندا تۇرۇپ كۈشكۈرتۈپ: «سىلەر ھېچنەرسىنى بىلمەيسىلەر. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا سۇڭ زۇڭ سېلىڭ (سۇڭ شىيليەننى دىمەكچى) قوماندانلىق قىلدى. ئەگەر ئۇرۇش كېڭىيىپ كەتسە چىتەيدىن خەن شىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئالتاينى ئالمىغىچە توختمايمىز» دىدى. ئۇرۇش توختۇمىغانلىقتىن مەنمۇ قاتناشتىم 7-ئاينىڭ باشلىرىدا دەلىلقان بىلەن بولغان بۇ ئۇرۇشتا ماڭا ئوق تەگدى. پۇتۇمنىڭ بىر تال سۇڭىگى ئۈزۈلدى. بەيتىكنىڭ ئۇزۇن بۇلاق دىگەن يېرىدە 3 ئاي داۋالاندىم. بولتۇرقى مۇشۇ كۈنلەرنى خىيال قىلسام مەن دەلىلقان بىلەن ئالتايدا بىرگە ئىشلەۋاتقان ئىدىم. ئۇ ۋالى مەن جۇيجاڭ ئىدىم. بۈگۈنكى كۈندە جاننى تىكىپ قويۇپ قاتتىق ئۇرۇش قىلدۇق. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ مانا بۇ گومىنداڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىق ئىدى.



8- ئوسمان بىلەن سۇڭ شىليەننىڭ تىل بېرىكتۈرىشى





[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]     ئوسمان مەغلۇپ بولۇپ بەيتىكتىن قايتىش ئالدىدا چىتەيدە تۇرۇشلۇق گومىنداڭ قوشۇنلىرىدىن خەن شىجاڭ 60 خۇيزۇ، 40 خەنزۇ جەمئى 100 نەپەر ئەسكەرنى ئوسماننىڭ قوماندانلىغىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ھەمدە 200 تۆگىدە ئوق ئەۋەتتى. ئوسمان ياردەمگە ئېرىشكەندىن كېيىن بارلىق ئەسكىرى كۈچىنى باشلاپ تاغلىق جايلارغا يۆتكەلدى، چېكىنىپ بورۇنغا دىگەن جايغا كەلگەندە دەلىلقاننىڭ ئەسكەرلىرى توسىۋالدى. ئىككى تەرەپ ئېتىشتى. ئۈرۈمچىدىن بىزنى بەيتىك تەرەپكە چېكىنىڭلار دەپ تېلېگىرامما كەلدى. بىز ئائىلە تەۋەلىرىمىزنى چىڭگىلدا قالدۇرۇپ، ئوسمان بىلەن بىرلىكتە 100 ئەسكەر 200 تۆگە بىلەن بەيتىككە كەلدۇق.
     بىز بەيتىككە كەلگەندىن كېيىن خەن شىجاڭ 60 نەپەر خۇيزۇ ئەسكەرلىرىنى چىتەيگە قايتىشقا بۇيرۇق قىلدى، بىز يىغىن ئاچتۇق. يىغىنغا ئوسمان، مانان، خۇسەيىن، يۇنۇس قاتارلىق نۇرغۇن كىشلەر قاتناشتى. يىغىندا ئىككى كىشنى-مانات بىلەن مېنى دەرھال ئۈرۈمچىگە بېرىپ گومىنداڭنىڭ ھەربى مەسئۇللىرىدىن ئادەم قورال-ياراق ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا بەلگىلدى. بىز ئىككىمىز 60 نەپەر خۇيزۇ ئەسكەر بىلەن بىرلىكتە چىتەيگە كەلدۇق. ئالدى بىلەن خەن شىجاڭ بىلەن كۆرۈشتۇق. خەن شىجاڭ بىزنى ماشىنا بىلەن جانىمقاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىگە ئەكىلىپ قويدى، ئۇ چاغدا جانىقخان بانكا بېناسىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى 8-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە خىزمەت قىلدىكەن. ئۇ بىزنى سۇڭ شى لىيەن بىلەن كۆرۈشتۈردى. بىز سۆزلەشكەندىن كېيىن، سۇڭ ئالدى بىلەن 4 ماشىنا ئەۋەتىپ ئوسمانغا ئۇن، چاي يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىغىنى ئېيتتى. مىنى ماشنا بىلەن بىرگە قايتىشقا بەلگىلدى. مانات ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ باشقا ئىشلارنى بېجىرسۇن دىدى. سۇڭ شى لىيەن ماڭا: «قايتىپ بېرىپ ئوسمانغا ئېيتىپ قوي، بىز ھەربى ئەمەلدارلار ئەۋەتىمىز، كونكىرىت ئەھۋالنى ئىگەللەپ، ئوسماننىڭ تەلىۋىنى دىگەندەك قاندۇرىمىز» دىدى. سۇڭ يەنە جانىمقانغا: سەن ئوغلۇڭنى (خەمىت) ۋە خادىۋاڭ (ئەلەنۋاڭنىڭ خوتۇنى) نىڭ ئوغلى (زاكى قان) نى لاتىپ بىلەن بىللە بېرىپ ئوسمان بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشكە ئەۋەتكىن، دېدى. سۇڭ شى لىيەن ماڭا بىر دانە ماۋزىر تاپانچا، بىر پارچە كېگىز تەقدىم قىلپ، سەن ئائىلەڭنى چىڭگىلدە قالدۇرۇپ، ئوسمانغا قۇشلۇقپ يۈرۈپسەن، خاپا بولما ، بىز كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇمىز» دېدى، بىز ئۈچچىمىز چاي ۋە ئۇن قاچىلانغان ماشىنىغا ئولتۇرۇپ چىتەيگە كەلدۇق. بۇ يەردە خەن شىجاڭ بىلەن كۆرۈشتۈق، خەن شىجاڭ چۈكەن بىلەن مافۇگۇەننى قوشتى. بىز بەشەيلەن چاي ۋە ئۇن قاچىلانغا 5 ئاپتۇمبېلىنى ھەم ئارغىماقنى ئېلىپ (بىر ئارغىماقنى جانىمقان، بىرىنى خادىۋاڭ، بىرىنى جۇكەن تەقدىم قىلغان ئىدى بۇ يەردە يەنە قادىر شەنجاڭدىن 100 قويغا تېگىشكەن قارا ئات ۋە خەنشىجاڭ سوۋغات قىلغان 2 چىپپار ئاتمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوسمانغا تاپشۇرۇپ بەردۇق.) 6-ئاينىڭ باشلىرىدا بەيتىككە يېتىپ باردۇق.
     بۇ چاغدا چېڭگىلدىكى ھەسەن ئۇكۇراداي، ئىدىرىس زەڭگى باشچىلىقىدىكى 100 ئائىلە سەكبۇلتەي دېگەن يەردە بۇزۇلۇپ بەتيىككە قاچقان ئىكەن. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئوسمان ئۆزىنىڭ توققىنى زەينەلنى 40 ئادەم بىلەن بېرىپ قارشى ئېلىشقا ئەۋەتتى. بۇ 40 ئادەم يېرىم يولغا كەلگەندە، دەلىلقان ئەۋەتكەن يۈسۈپجان باشچىلىقىدىكى (شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلارنى سارىت دەپ ئاتايتۇق) 60 ئەسكەر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ سوقۇشتى. (دەلىلقان ئۆز ئەسكەرلىرىنى تۈركىستان ئەسكەرلىرى دەپ ئاتتى. ئوسمان بولسا ئۇلارنى «قارلى» دەپ ئاتايتتى. (يەنى بۇزۇقلار دەيتتى. ) نەتىجىدە قوغلاپ كەلگەن ئەسكەرلەر يېڭىدىن، ئۇلانىڭ ئاپتىمبولى قولغا چۈشتى. ھېلىقى 100 ئائىلىنىڭ، ئامان –ئېسەن بەيتىككە قايىتپ كەلدى. كېيىن، چىڭگىلدىكى قۇلقا قەبىلىسى ۋە موڭغۇللارنىڭ بەزى ئاقساقاللىرى: جېلىل ھەيدار، ئىمادۇلدا، قاھارمان، تاقاي ئۇشۇرجاپ، ئۇشۇربات، قابى، قايىن جىلقىچى، ئابدۇقالى قاتارلىقلار 4 ئادەم تەيىنلەپ ئوسمان بىلەن ماڭا: «بىزمۇ سىلەرگە قوشۇلدۇق. ئەسكەر ئەۋەتىڭلار» دەپ خەت ئەۋەتىپتۇ. ئوسمان دەرھال قاپاس باتۇر باشچىلىقىدا 100 ئەسكە ئەۋەتتى. ئۇلار سارتوقايغا كەلگەندە، دەريا سۈيى كۆپۈيۈپ كېىتپ دەريادىن ئۆتەلمەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن يەنە ئادەم ئەۋەتىڭلار دەپ ئىلتىماس قىلغان ئىكەن، ئوسمان مېنى بالا-چاقىلىرىڭنى ئەكەلگەچ سەن بارغىن دەپ بۇيرىدى. بىز 500 كىشلىك ئائىلىنى كۆچۈرۈشتە، يول بويى «قارلى» ئەسكەرلىرى بىلەن سوقۇشۇپ ماڭدۇق، ئېتىمغا ئوق تەگدى، مەنمۇ يارلاندىم. چوڭ قوشۇن چىڭگىل دەرياسى بويىغا كەلگەندە دەيا سۈيى كۆپۈيۈپ كەتكەنلىكتىن، ئۇششاق ماللار «قارلى» لارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى، بىز ماللارنى ھايداپ ئوسماننىڭ قېشىغا كەلدۇق.
     1947-يىلى 7- ئاينىڭ باشلىرىدا چىڭگىل خەلقى ئۇششقا ماللاردىن ئايرىلىپ قالغان بولغاچقا ئالدىن كەلگەنلەر ئاچ قېلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلدى. بۇ چاغدا خەن شىجاڭ 500 ئەسكەر ئەۋەتتى. چىستەيدىكى قازاقلامۇ 200 ئادەم ئەۋەتتى. ئوسمان بۇ ئەسكەرلەرگە قومانداملىق قىلىپ بەتيىكنىڭ شەرقىدىكى رەقىبى سىرتتىن كەلگەن كەلگەن قوشۇن بىلەن بىر ئاي سوقۇشتى. ئوسمان بەيتىكتە بىر يىل ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ كېيىن 1948- يىلى 5- ئايدا جىمسار ناھىيىسىگە يۆتكىلشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ قانداقمۇ جىم تۇرالىسىۇن؟ ئۇ جىمساردىن خۇسەيىن، شىردىمان قانات بەگلەرنى ياردەم تەلەپ قىلشقا ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى. سۇڭ شى لىيەن ئالدى بىلەن ئوسمانغا 2 دانە ئاق ئۆي، 100 توپ رەخ، 3000 تاختا چاي بەردى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا سۇك شى ليەن ئوسماننى ئۈرۈمچىگە تەكلپ قلىپ زاكچىننى ئەۋەتتى. ئوسمان ماقۇل بولدى.
     1948-يىلى 7-ئاينىڭ 10- كۈنى ئوسمان 70 ئاقساقال 100 ئەسكەر بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلمەكچى بولىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى جانىمقاننىڭ چوڭ ئوغلى دەلىلقان زاكىل ۋە قورچاق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى ئەيسا قاتارلىق بىرەر يۈزدەك ئادەمنى ئوسماننى قارشى ئېلىشقا چىقاردى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 10 ئاق ئۆي، 20 چېدىر تەييارلاپ ئوسماننىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنى شۇيموگوغا ئورۇنلاشتۇردى. بىز ئۈرۈمچىدە 8 كۈن تۇردۇق. بۇ يەردە مۇنداق بىر سۆزمۇ بار: ئوسمان ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز كارامىتىنى كۆرسۈتۈشتى، ئوسمانى ئۆزىنى كاتتا قلىپ كۆرسەتتى. گومىنداڭمۇ ساختىپەزلىك قىلىپ كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزدى. ئوسمان يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، چىڭگىل، كۆكتوقايدىكى 270 ئاقساقالىنى جيەبەيخۇغا (چىتەي بىلەن جىمسار ئارىلىقىدىكى بىر جاي) توپلاپ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئابرويلۇق ئادەملەرنى 70 نى تاللاپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرۋالغان ھەم ئۇلارنى ئتائەتچان قىلىپ كۆرسىتپ، گومىداڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىدا ئۆزىنى كۆرستتى. ئۇ يەنە خەلقتىن (ئەمىلىيەتتە بۇلاپ ئالغان) 40 دانە ياخشى ئات توپلاپ گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كاتتىۋاشلىرىغا سوۋغا قىلماقچى بولدى. گومىنداڭ 4- قېتىم كاتتا زىياپەت بەردى. بىرىنچى قېتىمقىسىغا زۇڭ سىلىڭ سۇڭ شيلەن رىياسەتچىلىك قىلدى. 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. 2- قېتىمقىسىغا ۋالىي مەھكىمىسى ساھىپخانلىق قىلدى. 80 نەچچە كىشى قاتناشتى. (قەمبەرخان بىزنىڭ شەرىپىمىزگە ئۇسۇل ئويناپ بەر) 3-قېتىمقىسىنى ئۇيغۇر ئۇيۇشما ئۇيۇشتۇردى.خوجانياز رىياسەتچىلىك قىلدى. بىزگە 200 دانە ماتا 70 دانە چەكمەن سوۋغا قىلدى. 4-قېتىمقىسىنى جانىمقان بىلەن زاكىچىن باش بولۇپ قازاقلار نامىدىن ئۇيۇشتۇردى. ئوسمان نېمە ئۈچۈن چىڭگىل كۆكتوقايدىكى ئاقساقاللىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ؟ گومىداڭ ئەكسىيەتچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئوسماندىن پايدىلانماقچى بولدى.مېنىڭچە بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ، ئوسماننىڭ قولىدا 300 ئەسىكىرى بار ئىدى. بۇنىڭدىكى 100 ئەسكەر ئوسماننىڭ ئايتوغان قەبىلىسىدىن ئېلىنغان. 100 ئەسكەر ئالتاي جېمنەيدىن قېچىپ كېلىپ قوشۇلغان. 100 ئەسكىرى قابا ناھىيىسىنىڭ قادۇتان دېگەن يېرىىدن قېچىپ كەلگەن روس ئەسكەرلىرى ئىدى. ئوسمان مۇشۇ 300 ئەسكەرگە تايىنىپ خەلقنى بۇلىدى ۋە بوزەك قىلدى. بۇ قېتىم ئوسمان بىلەن سۇڭ شى ليەن ئۈرۈمچىدە كېلىشىم تۈزدى. مەزمونى: ئوسماننىڭ قوراللىق قوشۇنىنى 1000 كىشىگە كۆپەيتىش، ھەربىيلەرنىڭ تەمىناتىنى ئۈرۈمچىدىكى مالىيە تارماقلىرى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش، گومىنداڭ قوشۇنى 100 ئادەم ئەۋەتىپ ئوسماننىڭ 1000 ئادىمىنى تەربىيلەشكە ياردەم بېرىش، ئەسكەرلەر جىمسارنىڭ سەنتەي دېگەن يېرىدە تۇرۇش، بىر ئادەم قېلىپ سۇڭ شى ليەننىڭ ئالاقىچىسى بولۇش دېگەنلەردىن ئىبارەت. سۇڭ شى ليەن ئوسمانغا بىر ناگان، بىر دۇربۇن، بىر قېلىچ، 600 تۈپ تاختا چاي، نەچچە يۈز تۈپ رەخ سوۋغا قىلدى. (ئوسمان ھەر بىرىمىزگە ئىككى تاختىدىن چاي، بىر توپتىن رەخ بەردى. ئوسمان قايىم قازىنى سۇڭ شى ليەننىڭ يېنىدا قالدۇرپ، قالغانلار بىلەن جىمسارغا قايتىپ بېرىپ سەنتەيگە ئۇرۇنلاشتى. دەسلەپتە 600 ئەسكەر ئېلىندى. بۇلارغا قابان، مانان، قۇرمان، نۇرەكلەر (تۋەن دەرىجىلىك )باشچىلىق قىلدى. ھەربى تەمىناتىنى قايىم قازى ئۈرۈمچىدىن بىۋاستە ئېلىپ كېلەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئوسمان يەنە جانلىنىشقا باشلىدى.



9-ئوسماننىڭ ماكنان بىلەن تىل بېرىكتۈرۈشى



[align=justify]     1947-يىلى مەن بەيتىكنىڭ ئۇزۇن بۇلاق دىگەن جايدا 3 ئايدەك داۋالاندىم.بىر كۈنى ئوسمان، قانات بەكلەر مېنى يوقلاپ كەلدى.ئوسمان ماڭا ئۆزىنىڭ ئامېرىكا كونسۇلى ماكنان بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراسقانلىق جەرياننى سۆزلەپ بەردى.
     ئۇ مۇنداق دىدى:- ئامېرىكا كونسۇلى 3 ئادەم بىلەن كېلىپ مەن بار ئاۋۇلدا 4 كۈن ياتتى. ئۇلار خەرىتە ئالماقچى ئىكەن. كونسۇل ماڭا:-بەيتىك چوقۇسىغا ئېلىپ چىقساڭ – دىدى. مەن كونسۇلنى بەيتىكنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى ئالات-نۇباغا ئېلىپ چىقتىم. ئۇلار دەل خەرىتىگە ئېلىۋاتقاندا تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرىنى سېزىپ قېلىپ ئوق چىقىرپ كونسۇلنىڭ شەپكىسىنى ئېتىپ چۇشۇرىۋەتتى. كونسۇل ئالاقزادە بولۇپ تاغدىن قېچىپ چۈشۈپ ئۆيۈمگە كىرىۋالدى، دىگەن سۆزلەرنى ئېيتىپ بەردى.
     1948-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئوسمان ئۈرۈمچىگە كېلىپ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا ئەسلىدە بىز بىلەن تۇنۇش (ماشاڭ شەن) يۇنۇس دىگەن بىر خۇيزۇ، ئەسكەر بىلەن كىچىك ماشنىغا ئولتۇرۇپ ئوسماننىڭ شۇيمۇگۇدىكى قۇناق جايىغا كەلدى. ئوسمان مېنى چاقىرتتى. مەن بېرىپ يۇنۇس بىلەن كۆرۈشتۇم. (شۇ چاغدا ئوسماننىڭ كىچىك ئوغلى زبىيمۇ بار). ئوسمان ماڭا:- سىلىڭ (سۇڭ شىلىيەن)ئىككىمىزنى چاقىرتىپتۇ. بۇ مەخپى ئىش، باشقىلار بىلىپ قالمىسۇن. ياخىشىراق كىيملىرىڭنى كىيۋالغىن، دىدى. مەن:-بۇنىڭدىن باشقا ياخشى كىيىم يوق، دىدىم. يۇنۇس: سىلىڭ ئىككىمىزنى ئايرىم مىھمانغا چاقىردى. باشقا يەرگە بارمىغاندىن كېيىن مۇشۇ كىينشىمىزمۇ بولدى، دىدى. ئوسمان پەقەتلا ئاكىسىنىڭ ئوغلى قابۇل بالى بىلەن كۇيوغلى گېشىداننى ئېلىپ باردى. بىز 4 كىشى سۇڭ شىلىيەننىڭ ئىشخانىسغا كەلدۇق. ئىشخانىدا ئىككى ئادەم ئولتۇرۋېتىپتىكەن، سۇڭ شىلىيەن بىزگە بۇنىڭ بىرسىنى تۇنۇشتۇرۇپ: بۇ كىشى بولسا ئامېرىكا كونسۇلى ماكنان ئەپەندى بولىدۇ. سىلەر بەيتىكە كۆرۈشكەن ئېسىڭلاردىمۇـ دىدى.
    ئوسمان:توغرا دىدى. ئەمما مەن ماكناننى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى.
    ماكنان: سىزنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگىنىڭىز بەكمۇ ياخشى بولدى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ياخشى دوس. سىز جۇڭگولۇقلار ئىچىدىكى جىگەرلىك ئەزىمەت، دىدى. ئوسمان:مەن بۇرۇن ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ياخشى دوس ئىكەنلىگىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكىسى بەكمۇ يۇقۇرى دەيدۇ. يېڭى قۇراللاردىن ياردەم بېرىشىڭلارنى سورايمەن، ئاڭلىسام ئامېرىكىدا تاغنىڭ بۇ تەرىپىدىن ئاتسا تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە بېرىپ تىگىدىغان قورال، تاغ ئارتىلىپ يىراقنى كۆرۈدىغان دۇربۇنمۇ بارمىش. ئىككى دۆلەتنىڭ دوستىلىغى ئۈچۈن ماڭا يېڭى قورال بېرىشىڭلارنى سورايمەن،-دىدى. ماكنان ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەندىن :سىزنىڭ نېمە تەلىۋىڭىز بار دەپ سورىدى. مەن: مېنىڭ باشقا پىكىرىم يوق. باتۇر (ئوسماننى دېمەكچى)نىڭ تەكلىۋى بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز،دىدىم. ماكنان:-ئامېرىكىنىڭ قۇدىرەتلىك تېخنىكا كۈچى بار، ئامېرىكا-دۇنيادا تەڭداشىسز كۈچلۈك، ئەگەر ئۈرۈمچى بىرەر خەۋپ-خەتەرگە ئۇچراپ قالىدىغان بولسا ئامېرىكىدا ئايرۇپىلان كۆپ، بىر ئاي ئۇرۇش قىلساق مەسلە ھەل بولىدۇ. يېڭى قۇرال كېرەك بولسا ياخشى، يېڭى قۇرالنى ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەم ئەۋەتىڭ-دىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ماكنان: بۇندىن كېيىن زۇڭ سىلىڭ ئارقىلىق ئالاقە باغلاپ تۇرايلى. سىز بۇ يەردە ئالاقە باغلاش خىزمىتىنى ئۆتەش ئۈچۈن بىر ئادەم ئەۋەتىڭ،ـ دىدى.
     قايىم قازى سۇڭ شىلىيەننىڭ يېنىدا تۇرىۋاتىدۇ-دىدى. 1948-يىلى 10-ئايدا تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن ياشلاردىن 4 نى ئەۋەتتۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە زالبە دىگەندىن باشقىلىرىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن. 1948-يىلى 5-ئايلىرىدىن كېيىن ئوسمان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم تازا دىگەندەك ياخىشى بولمىدى، مەخپى ئىشلارنى ماڭا ئۇختۇرمايدىغان بولدى. ئۇنىڭ ماكنان بىلەن يەنە قانداق مەخپى تىل بىرىكتۈرۈش ئشلىرى بار ماڭا نامەلۈم.
     شىنجاڭ ئازات بولۇش ھارپىسىدا ئوسمان جانىمقانلارنىڭ ماكناننى مەخپى ھالدا ئۈرۈمچىدىن بارىكۆلگە ئېلىپ بېرىپ يۇشۇردى. ئوسمان، جانىمقان، سۇلتان شارىپ، قالقىدەنلار مەسلىھەتلىشىپ ماكنانغا 4 ئادەم قوشۇپ چىڭخەيگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى بەلگىلىدى. ماكناننى بارىكۆلدىن چىڭخەيگە زىراتباي قارىغالار ئېلىپ كەتتى. چىڭخەيدە قام ماكناننىڭ ئالدىغا چىكىپ كۈتۈۋالدى. نېغىمەت دىگەن بىرىسى ماكناننى چىڭخەيدىن چېگراغا يەتكۈزۈپ قويدى.
     ماكنان ئوسمان بىلەن خوشلاشقاندا ئوسمانغا: شىزاڭدىن پاكىستانغا بېرىشتا تەيجىنۇر دىگەن جاي بار. بارلىق قازاقلارنى باشلاپ شۇ يەرگە بارغىن. شۇ يەردە ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولىسەن-دىدى. 1949-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ماكنان شىنجاڭدىن كەتتى.
     يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ئوسماننىڭ ماكناننى قوغداپ قاچۇرۇۋېتىش جەرياننى جىرتەك، يۇنۇسلار ماڭا سۆزلەپ بەرگەن. يۇنۇس ئوسماننىڭ تەرجىمانى ھەم تۇققىنى. ماكنان ئۈرۈمچىدىن بارىكۆلگە كېيىن بارىكۆلدىن چىڭخەيگە بارغان چاغدا يۇنۇس ئوسماننىڭ يېنىدا ئىدى.



10-خەلق بىلەن ئاخىرىغىچە دۇشمەنلەشكەن ئوسمان


[align=justify]
     ئوسمان ساۋاتىسىز، كېلىپ چىقىشى ئۇششاق تىجارەتچى بولۇپ، شەخسىيەتچىلىگى كۈچلۈك، گۇمانخور، دائىم ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان ئادەم.
     1949-يىلى 10-ئايدا جانىمقان، قالىبەك، جانىمقاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى قامىت،ئابىستانباي، خادۋاڭنىڭ ئوغلى زاكىيقان، ئورازباي موللا، شايماردان، تاقمان، باتۇر قاتارلىق 15 كىشى ئوسماننىڭ ئۆيىدە 3 كۈن يىغىن ئېچىپ ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى قازاقلارنى قۇتۇرتۇپ توپۇلاڭ چىقىرىپ, شىنجاڭنىڭ تېنچىلىق بىلەن ئازات بولۇشىغا قارشى تۇرۇشنى مەسلىھەتلەشتى. ئۆزلىرىنڭ شىنجاڭدا پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقىنى بىلگەنلىگى ئۈچۈن ئاممىنى مەجبۇرلاپ چىڭخەيگە ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، سانجى، قۇتۇبى ئەتراپىدىكى قازاقلارنىڭ توپۇلاڭ كۆتۈرۈشىگە جانىمقان، ئورازباي موللا، شايماردانلار. نەنسەن ئەتراپىدىكى قازاقلارنىڭ توپۇلاڭ كۆتۈرۈشىگە قالىبەك، سالىيسلار، فۇكاڭ ئەتراپىدىكى قازاقلارنىڭ توپۇلاڭ كۆتۈرۈشىگە ئالىسقان، مۇمۇنبەك، ئابدۇراخمان بەگلەر جىمسار، گۇچۇڭ، مورى ئەتراپىدىكى قازاقلارنىڭ توپۇلاڭ كۆتۈرشىگە ئوسمان، خۇسەيىن، سالىقانلارنى مەسئۇل قىلدى.
     جانىمقان بانكىدىن 30 تۆگىلىك قىممەتلىك بۇيۇملارنى بۇلاپ ئەكسىلئىنقىلابى ھەركىتى ئۈچۈن دەسمايە قىلدى.
    مەن ئازات بولماستىن بۇرۇن 3 ۋىلايەتكە قارشى تۇردۇم. ھەم ئوسماننىڭ ياردەمچىسى بولدۇم. لېكىن ئوسمان كەڭ كۆلەمدە توپۇلاڭ كۆتۈرۈپ قاچماقچى بولغاندا، ئويلىغانلىرىم ۋە قىلماقچى بولغانلىرىم ئۇنىڭ بىلەن زىت بولۇپ چىقتى. مەن: «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان تۇرۇپتۇ، ھەممە يەر ئوخشاش، ئەتراپتىكى جايلار قىزىللاشتى، بۇنىڭدىن قوتۇلۇش تەس، ئەڭ ياخشىسى ئاممىنى توپۇلاڭ كۆتۈرمەسلىكە، كۆچمەسلىكە دەۋەت قىلىپ ئۇلارنى ئازاپقا قويماسلىغىم كېرەك. ئەگەر راستىنلا ماڭار يولۇم قالمىغان بولسا يالغۇز مېنى ئېتىۋەتىسمۇ مەيلى» دىگەن خىياللارنى قىلدىم. مەن يەنە ئازاتلىق ئارمىيە تەسلىم بولغانلارغا كەڭچىلىك قىلىپ ئۆلتۈرمەيدىكەن دىگەن گەپنى ئاڭلاپ، ئۆزەمنىڭ مۇلقا قەبىلەمگە قايتىپ ئاقساقاللارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئۇلارنى ئوسمانغا ئەگەشمەسلىككە دەۋەت قىلدىم. بۇنىڭ بىلەن قەبىلدىكى 400 ئۆيلۈك كىشى كۆچمەيدىغان بولدى. بۇنىڭدىن باشقا قارى زالىڭ تەۋەسىدىكى 200 ئائىلە، سالىق تەيجى تەۋەسىدىكى 1000 كىشلىك ئائىلە، ۋايىت تەۋەسىدىكى 500 ئائىلىمۇ كۆچمەيدىغان بولدى. فۇكاڭدىن ئوسمان تەرەپكە كۆچۈپ كەلگەن ئادىلقان، مومباي قاتارلىقلار مېنىڭ كۆچمەيدىغانلىغىمنى ئاڭلاپ ئۇلار: «لاتىپنىڭ جىنايىتى بىزنىڭكىدىن كۆپ تۇرۇغلۇق كۆچمىگەن يەردە، بىز تېخىمۇ كۆچمەيمىز» دەپ كۆچمەيدىغان بولدى.
     ئوسماننىڭ بارىكۆلگە قېچىپ كېلىپ ئالدامىچلىق ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىپ، قازاقلارنى توپۇلاڭ كۆتۈرۈشىكە قۇتۇراتقانلىقى، ئازاتلىق ئارمىيگە قارشى چىقانلىقىدىن تارتىپ ئۇنىڭ تىرىك تۇتۇلۇپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا قەدەر بىر مۇرەككەپ جەريان بار. مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئوسمان بىلەن ئادا-جۇدا بولغانلىقىم ئۈچۈن تەپسلى ئەھۋالنى بىلمەيمەن.

[align=justify] 


[align=justify]            مەنبە: شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى 2- سان

[align=justify]       شىنجاڭ خەلق نەشرياتى 1981- يىل 8- ئاي 1- نەشرى










تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 3   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 kimsiz " ئانا يۇرت " رومانىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ، ئوسمان قازاقنىڭ نىيىتى: ئالتاي رايونىنى ئايرىم دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش . بۇ قارا نىيەت ئۇنداق ئاسان ئىشقا ئاشمايدۇ . يۇقىرىقىلاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . 2008/4/6 13:24
2 hazebay 2007- يىلى قازاقىستاندا مۇڭغىليا يازغۇچىسى داۋلەتكەرەي گاي وغىلىنىڭ << وسىمان باتۇر >> رومانى نەشىر قىلىندى. 2008/5/23 20:27
3 kokjal

  نەقىل:
10 - قەۋەتتىكى kimsiz 2008-04-06 13:24 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
" ئانا يۇرت " رومانىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ، ئوسمان قازاقنىڭ نىيىتى: ئالتاي رايونىنى ئايرىم دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش . بۇ قارا نىيەت ئۇنداق ئاسان ئىشقا ئاشمايدۇ . يۇقىرىقىلاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .

وسىمان قازاق دەمەي وسپان سىلام دەپ تۋرا جازىڭىز!
شيىنجياڭدا وسپاننىڭ قازاق ەكەنىن بارى بىلەدى.
2008/9/27 20:45
 جەمئىي باھا 3  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/1  |<  <<   1   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009