يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
1932-1933-يىللار جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەقە...
يوللىغۇچى Ghunche   كۆرۈش 1544   يوللانغان ۋاقتى 2008/3/14 18:10  ||مۇنبەردە كۆرۈش||

     1932-1933-يىللىرى جەنۇبىي شىنجاڭ  ۋەقەسىدىن ئەسلىمە


(1)


(خېۋىر تۆمۈر)

[align=justify]

     ماجۇڭيىڭ 1-قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ قۇمۇلغا قىلغان ھۇجۇمىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ گەنسۇغا قايتىپ كەتكەندە، قۇمۇلدا قېپقالغان ماشىمىڭ 1932-يىلى كۈز ئايلىرى ئارقا يول بىلەن تۇرپانغا چىققاندا، تۇرپاندا مەھمۇت مۇھتى، توخسۇندا توختى ئېلى باشچىلىغىدا خەلق قوزغىلىڭى تەييار بولغان ئىدى. ئالدى بىلەن تۇرپان خەلقى قوزغىلىپ پىچانغا ھۇجۇم قىلدى. لېكىن ھۇجۇم ئوڭۇشلۇق بولمىدى. چۈنكى پىچاندا تۇرىۋاتقان ئاق ئۇرۇس ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرالى خىل بولغاچقا، كۆپىنچە تاياق-توقماق بىلەن قوزغالغان خەلق ئۇلار بىلەن كۈچ ئېلىشالماي تۇرپانغا قايتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇرپانغا ھۇجۇم قىلدى. ماشىمىڭ قىسىملىرىمۇ پىچانغا قىلىنغان ھۇجۇمغا قاتناشتى. لېكىن ئۇ ھەم پىچاندىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىپ لۇكچۈن-دىغاي ئەتراپلىرىدا پاسسىپ ھالەتكە قالغان ئىدى.
     قۇمۇل،پىچان، تۇرپان قاتارلىق ھەممىلا يەردە قوزغىلاڭ كۆتىرىلىپ باش ئايىغىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان قالايىمقان ۋەزىيەت شەكىللەنگەندە،توخسۇندا توختى ئېلى (توختى تۇۋەنجاڭ) باشچىلىغىدىكى خەلق قوزغىلىڭى كۆتىرىلدى. شۇ چاغدا توخسۇندا جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر لىيەن(روتا) ئەسكىرى بار ئىدى. توخسۇنلۇقلار، سەمەت شاڭيۇ قاتارلىق بىر قانچە كىشىنى ۋەكىل قىلىپ ھەربىيلەرگە كىرگۈزۈپ؛ «ھازىر ھەممىلار يەردە قوزغىلاڭ كوتىرىلىپ قالايىمقان بولۇپ كەتتى، شۇڭا سىلەر قۇرالىڭلارنى تاپشۇرۇپ ۋاقتىدا توخسۇندىن كېتىڭلار. قۇرال تاپشۇرساڭلار، ھاياتىڭلارغا كاپالەت بېرىمىز، ئۈرۈمچى تەرەپكە يولغا سېلىپ قويىمىز» دېگەندە جاڭ لىيەنجاڭ باشچىلىغىدا، ھەربىيلەر ماقۇل كۆرۈپ قۇرالنى تاپشۇرىدۇ.توختى ئېلى باشچىلىغىدكى قوزغىلاڭچىلار قۇراللارنى ھارۋىغا بېسىپ چىقىپ، ئۆزىنى قۇراللارندۇرۇپ رەسمى قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ. قوزغىلاڭچى خەلق تولاراق جازانىخور،گورەكەش، ئەپيۇنكەش، تۇڭگۈز باققان خەنزۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۆلتۈرگەنلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغانلار شەھەردە ئولتۇراقلاشقان جازانىخور، گوروكەش ئائىلىلەردىنلا ئىبارەت. توخسۇندا خەنزۇلار كۆپرەك ئورنلاشقان ئىلانلىق رايوندىكى تيەن ئائىلىسى،لى،سۇڭ،مىڭ ئائىلىلىرى ھىچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغىنى يوق. بەلكى ئۇلارنى ئىلانلىقتىكى زايىت قازى دېگەن كىشى ئۆز قوروسىغا توپلاپ ساقلاپ قالغان.
     توخسۇندىكى قوزغىلاڭ بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق بولغىنىنى كۆرگەن ماشمىڭ ئەسكەر تارتىپ توخسۇنغا كېلىپ، قوزغىلاڭچىلار باشلىغى توختى ئېلىغا «تۇەنجاڭ»لىق ئەمەل بېرىپ بىرلىكتە قارا شەھەرنى ئىشغال قىلىشقا ماڭىدۇ. قارا شەھەردە ھاپىز زۇڭجاڭ دىگەن بىر كىشى بار ئىدى. بۇ كىشى ئىچىدىن ماسلىشىپ، قارا شەھەرنى ئوڭايلا ئىشغال قىلغاندىن كېيىن كورلىغا قاراپ ماڭدى. كورلىدا جەن لۇيجاڭ باشچلىغىدا ھۆكۈمەت ئەسكىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر كۈن سوقۇش قىلىپ، كورلا خەلقنىڭ ياردىمى ئاستىدا غەلبە قازاندى. جەن لۇيجاڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئاخىرى بولالمىغاندا، خوتۇن-بالىلىرىنى ئۆزى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، قولىغا ئىككى تاپانچا ئېلىپ ئوچۇق مەيدانغا چىقىپ قانداقتۇر بىر تەرەپكە قاچماقچى بولدى، لېكىن ئۇ قېچىپ كورلا دەرياسىدىكى (شەھەر ئىچى) مۇزلۇققا چىققاندا قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
     توختى ئېلىنىڭ ئاكىسى تۆمۈر ئېلى كۇچاردا ھارۋىكەش باشلىغى (شاڭيۇ) ئىدى. ئاكا-ئۇكا ئىككسىنىڭ قومۇل قوزغىلىڭغا ماسلىشىش توغرىسىدا ئالدىنقى يىللاردىلا مەسلىھىتى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئىنىسى توختى ئاخۇنىڭ كورلا تەرەپكە كەلگەن خەۋىرنى ئاڭلاپ كۇچاردىن كورلىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا توخسۇن، تۇرپان، پىچاننى باستۇرۇش ئۈچۈن شىڭ شىسەي باشچلىغىدا چوڭ قوشۇن چۈشكەن ئىدى. شۇڭا توخسۇنلۇقلار، توختى تۈەنجاڭغا خەت يېزىپ؛ئۈرۈمچى تەرەپتىن چوڭ قوشۇن كېلۋاتىدۇ، چاپسان قايتىپ كېلىڭلار دەپ خەۋەر قىلىدۇ. توختى تۈەنجاڭ توخسۇنغا قايتىماقچى بولۇپ، ئاكىسى تۆمۈر ئېلىگە خەت يېزىپ، ئاكىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپكە يۈرۈش قىلشنى تاپىلاپ، ئۆزى توخسۇنغا قايتىدۇ. قوزغىلاڭچىلار كورلىدىن ئىككى قونۇپ 3-كۈنى توخسۇنغا يېتىپ كەلگەندە، شىڭ شىسەينىڭ ئۈچ ناھىيىنى باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن چوڭ قوشۇنى پىچان، تۇرپاندىكى چوڭ قىرغىنچىلىقلارنى تۈگىتىپ توخسۇنغا كېلۋاتقان ئىدى. توختى تۈەنجاڭ 100دەك ئادىمى بىلەن توخسۇنىڭ خودۇڭ رايوندىكى قارا بۇلاق دىگەن يېرىدە شىڭ شىسەي قوشۇنلىرىنى قەھرىمانلارچە توسايدۇ.
     شىڭ شىسەينىڭ جازا قوشۇندا 5-6 يۈز ئاتلىق ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى، بەيسى نويۇن باشچلغىدىكى 4-5 يۈز ئاتلىق مۇڭغۇل ئەسكەرلىرى ۋە خۇاڭخۇزا (سېرىق ساقال-قىزىل ساقال مەنىسىدە) دەپ ئاتالغان، شەرقىي شىمال پىدايى قوشۇنلىرىدىن ئىبارەت. 2 مىڭ كىشلىك چوڭ قوشۇن ئىدى. ئادەم سانى يۈزگە يەتمەيدىغان توخسۇنلۇقلاردا ھەر قانچە غەيرەت بولسىمۇ، ئۇ قەدەر چوڭ قوشۇنغا تەڭ كېلەلمەي تارمار بولىدۇ. ماشمىڭ قوشۇنلىرى بۇ ئۇرۇشقا قاتناشماي بىر پايمۇ ئوق ئاتماستىن ئارغىبۇلاق تەرەپكە كېتىدۇ توقسۇلۇقلارنىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ، قاچقىنى قېچىپ تامامەن بىچچىت بولىدۇ. توختى تۇەنجاڭ ئۈچ كۈندىن كېيىن قولغا چۈشىدۇ. ئازىراق سوراققا تارتىپ غەربى دەرۋازىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئىنىسى قۇربان ئاخۇنمۇ ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ.
      توخسۇن قوزغىلاڭچىلىرى يوقۇتۇلغاندىن كېين شىڭ شىسەي ئەسكەرلىرى توقسۇندا مىسلىسىز چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىدۇ. 3 كۈن ئۇدا چاپ-چاپ قىلىپ ئۇچرىغان ئەركەكنى ئۆلتۈردى. كىشلەرنىڭ ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا شۇ قېتىمقى چوڭ قىرغىندا 3 مىڭدەك ئادەم ئۆلتۈرۈلدى دەيدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇ قەدەر كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بىرەر مىڭغا يېتىدۇ. شۇ ۋاقتىتىكى چاپ-چاپتا بوينىغا قېلىچ تەككەندىن كېيىن ھۇشىدىن كېتىپ، ئۈلۈكلەرنىڭ ئارىسىغا يىقىلىپ، كېيىن ھۇشىغا كېلىپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغانلاردىن ھازىر مەن بۈلىدىغان ئىككى ئادەم توقسۇندا ھايات بار. ئۇلارنىڭ بوينىدىكى قىلىچنىڭ ئىزى ئانچە يىنىك ئەمەس.



(2)

[align=justify]
     تۆمۈر ئېلى كۇچاردىن چىقىپ، چېدىرغا كەلگەندە ئىنىسى تۆختى تۇەنجاڭنىڭ يازغان خېتى بىلەن ماشىمىڭنىڭ« تۈەنجاڭ» دەپ بەرگەن ئۇنۋان قەغىزىنى تاپشۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۆمۇر ئېلى ئارقىغا قاراپ قايتىدۇ. چېدىر، يېڭىساردىن بىر مۇنچە پىدائىلار قوشۇلىدۇ. دەسلەپ قوشۇلغان پىدائىلار: ئىمىن پالۋان، ھاپىز چاققان، مۇسا (كېيىنكى چاغلاردا پەيجاڭ بولغان)، ئىسمايىل قارى، ھۇسەينەم، ھاپىز (بۇ ھەم پەيجاڭ بولغان)، قادىر موللا، ئېلى ئاقساقال، نەمەت مىراپ، زاكىر (قاززاق)، شاكىر (قاززاق) قاتارلىقلار بۇلار 20 نەچچە ئاتلىق كىشى يېڭىساردىن چىقىپ بۈگۈرگە قاراپ ماڭىدۇ. بۇلارنىڭ قوراللىرى شىراقلىق قارا مىلتىق ئىدى. ئەمما بولار بۈگۈرگە يېتىپ بارغۇچە، تۆمۈر خەلپەت دېگەن ئادەم بۈگۈرلۈكلەر بىلەن شەھەرنى ئېلىپ بۇلاڭ- تالاڭ قىلغان ئىكەن. بۇ ئەسنادا ماشىمىڭ ئەۋەتكەن مالۇيجاڭ دېگەن ساقاللىق تۇڭگان يېتىپ كېلىپ، بىزدىن بىخەۋەر شەھەرنى ئېلىپ ئولجا قىپتۇ دەپ تۆمۈر خەلپىنى گۇناھقا تارتىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. تۆمۈر ئېلىگە بۈگۈردىن يەنە بىرمۇنچە ئادەم ۋە قورال قوشۇلدى. تەخمىنەن 60 دەك ئاتلىق كۇچارغا قاراپ ماڭدى. ماشىمىڭنىڭ ئەۋەتكەن ئادىمىمۇ 50 دەك بار ئىدى. بۇلار كۇچارغا كېلىپ، تۆمۈر ئېلى شامالباغ قەلئەسىگە چۈشتى. خۇيزۇ ئەسكەرلەر ساي بويىغا جايلاشتتى. خۇيزۇ ئەسكەرلەر كۇچارغا كېلىپلا بانا تېپىپ ئىسلامباي دېگەن ئادەمنى باغلاپ ئۇنىڭدىن نۇرغۇن پۇل-مال ئالدى. بۇ ئارقىلىق قورقۇنۇچ سېلىپ باشقا بايلاردىنمۇ پۇل-مال ئالدى. قوزغۇلاڭچىلار يېتىپ كەلگەن ھامان كۇچارنىڭ سېپىل دەرۋازىسى ئېتىلدى. شەھەر ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ئىدارىلىرى ۋە بىر باتالىيۇن (يىڭ) ئەسكەر بار ئىدى. ئۇلار سېپىل ئۈستىدىن قارشىلىق كۆرسىتپ شەھەرنى مۇداپىئە قىلاتتى.
     كۇچاردا تۆمۇر ئېلىغا:- ھەمدەم بەگ ھاجى (كۇچارلىق. قەشقەرگە بارغاندا لۇيجاڭ بولغان)، ئەھمەتخان (كۇچارلىق. قەشقەرگە بارغاندا لۇيجاڭ بولغان)، ھامۇتخان (قۇمۇللۇق. ئەسلى سودىگەر بولۇپ تۆمۈر ئېلىنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى. بۇ ئادەممۇ شۇ يەردە قوشۇلۇپ قەشقەرگە بارغاندا لۇيجاڭ بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن قۇمۇلدا مۇئاۋېن ۋالىي بولۇپ 79-يىلى ۋاپات بولدى)، ئابلا غۇجا قاتارلىق كىشلەر يەنە بىر مۇنچە پىدائىلار قوشۇلدى. ئادەم سانى كۆپەيدى. كۇچار شەھرىگە ھۇجۇم قىلىشنى جۈمە كۈنىگە توختام قىلىپ سەھرا-سەھراغا ئۇقتۇرش چىقاردى.
     كۇچاردا ئەزەلدىن جۈمە كۈنى بازار بولاتتى. لېكىن بۇ جۈمە كۈنى ئادەم تېخىمۇ كۆپ توپلانغان ئىدى. خەلق جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئامىن دەپ تاياق-توقماق كۆتىرىپ ئۇرۇشقا قاتىناشتى. شەھەر سېپلىنى چۆرىدەپ ئامىن دەپ گوكىرەپ خۇدادىن نۇسرەت تىلەشتى. لېكىن شەھەر سېپلىغا يېقىن بارغىلى بولمايتتى. سېپىل ئۈستىدىن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ئوق ئېتىپ يېقىن بارغىلى قويمايتتى. قوزغىلاڭچىلار سېپلنىڭ شامالباغ دەرۋازىسىغا ئوت قويۇشنى پىلان قىلدى.ئوتنى كىم ياقىدۇ؟ بۇ چاغدا بىر نەپەر ساتراچ يىگىت (ئىسمى ئىسمدىن چىقىپ قاپتۇ) مەن بارىمەن دەپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. دەرھال بىر تۇڭ كىرسىننى ئېلىپ دۇمۇلاپ خەندەككە چۈشۈپ دەرۋازىغا قاراپ ئۆمۇلەپ كېتىۋاتقاندا سېپلدىن ئېتىلغان ئوق تېگىپ ئۆلدى. ئاندىن يەنە بىر يىگىت پىدائى بولۇپ بېرىپ كىرسىن تۇڭىنى ئېلىپ چاققانلىق بىلەن دەرۋاز ئەگمىسىگە يېتۋالدى ۋە كىرسىننى چېچىپ دەرۋازىغا ئوت ياقتى. تەخمىنەن يېرىم سائەت كۆيگەندىن كېيىن دەرۋازنىڭ بىر قانتى يىقىلىپ چۈشتى، تۆمۈر ئېلى باشچلىغىدا ئاتلىقلار لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا قارىماي ئات سەكرىتىپ شەھەر ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تاياق-توقماق كۆتۈرگەن ئامما بېسىپ كىردى، بۇ ئەھۋالدا شەھەر ئىچدىكى چوڭ-چوڭ باشلىقلار خوتۇن بالا-چاقىلىرى بىلەن دورا ئىسكلاتنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، ئابدۇرېھىم شىجاڭ (ئون بېشى) ئىسىملىك بىر ئەسكىرىگە بۇيرۇق بېرىپ دورىغا ئوق ئاتقۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دورا پارتىلاپ، پۈتۈن كۇچار شەھرى زىلزىلىگە كېلىپ قارا تۇمان ئاستىدا قالدى، دورىخانىنىڭ ئۆگزىسدىكى ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى تەرەپ-تەرەپكە ئۇچۇپ، بىر پۇتى شامالۋاققا، بىر پۇتى قۇتلۇق ئوردىغا چۈشۈپ تېرى-پىرەڭ بولىدۇ، قوزغىلاڭچىلار ئابدۇرېھىم شىجاڭنى تۇتۇۋېلىپ دورىخانغا ئوت قويدۇڭ دىگەن گۇنا بىلەن ئۆلۈم جازاسى بەردى. شۇنداق قىلىپ كۇچار شەھرى تامامەن ئىشغال قىلىندى.
      كۇچار ئېلىنغاندىن كېيىن تۆمۈر ئېلى ئۆز ئادەملىرىنى بىر قۇر رەتكە سالدى. ھەمدەم بەگ ھاجى ھەربى مۇشاۋىرلىق قىلىپ ئون ئادەم بىر بەن بولىدۇ. 30 ئادەم بىر پەي بولىدۇ.بىر لىيەندە ئۇچ پەي ئەسكەر بولىدۇ دەپ مۇزاكىرلىشىپ ئەھمەتخان (كۇچارلىق) ھامۇتخان (قۇمۇللۇق) لەرنى پەيجاڭ تەيىنلەيدۇ يەنە بىر مۇنچە پەيجاڭلار بەلگىلىنىدۇ.
       شۇ كۈنلەردە شىنخۇا ناھيىسىدىن ھادى ئەلەم دېگەن كىشى شىنخۇانى ئېلىپ تۆمۈر ئېلىگە قوشۇلۇپ ھەركەت قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئادەملىرى بىلەن كۇچارغا كەلگەندە كۇچاردىكى مەپىزۋاڭ، ماشىمىڭنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرلىشىپ، بىزدىن خەۋەرسىز شەھەرنى بۇزۇپتۇ دېگەن گۇنا بىلەن ھادى ئەلەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، بېشىنى كېسىپ بىر خادىغا سانچىپ بازاردا سازايى قىلدى. ئەمىلىيەتتە مەپىزۋاڭنىڭ تىگىندىكى يەر توغرىسىدا ھادى ئەلەمگە كونا ئاداۋىتى بولغانلىقتىن شۇ پۇرسەتتە مەپىزۋاڭ ئوچ ئېلىش تۈپەيلىدىن تۇڭگان ئەسكەر باشلىغى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ھادى ئەلەمگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. بۇ ئىشقا نارازى بولغان تۆمۈر ئېلى، كۇچارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ۋاڭ غۇجىغا تاشلاپ بېرىپ، ئەسكەر تارتىپ ئاقسۇغا يۈرۈپ كەتتى.



(3)

[align=justify]
     باي ناھىيىسىدە ئۇرۇش بولمىدى. ياقائېرىق دىگەن جايغا يېتىپ بىر كىچە قوندى. بۇ چاغدا قەشقەردىن ياڭ تۈەنجاڭ (ياڭ چىمىن) 4-5 يۈز ئەسكەر بىلەن كېلىپ ياقائېرىقنىڭ جەنۇبىدىكى تاجى خوراز دىگەن تاغلىق رايونغا ئورۇنلىشىپ يول توسايدۇ. بۇ خەۋەرنى جاملىق بىر ئادەم ئارقا يول بىلەن كېلىپ تۆمۈر ئېلىگە خەۋەر قىلدى. بۇ خەۋەر ئەتىگەن ناماز ۋاقتىدا ئاڭلاندى. قوزغىلاڭچىلار ناشتىمۇ قىلماستىن ئاتلىنىپ تاققا قاراپ ماڭدى، تۆمۈر ئېلىنىڭ ئەسكەرلىرى 200 ئەتىراپىدا، تۇڭگان ئەسكەرلىرى 50-60 ئەتىراپىدا ئىدى. ئۇرۇش بولغان جاي ياقائېرىقتىن بىرەر كىلومېتىر نېرىسدا بولۇپ كۇن قىزىل بولغان ۋاقتتىن باشلانغان ئۇرۇش تاكى كەچ پىشىنگىچە داۋام قىلدى. ياڭ تۈەنجاڭنىڭ زەمبىرەكچى قىسىملىرى ئۇزلۇكسىز زەمبىرەك ئېتىپ تۇردى، ئۇرۇش ئىنتايىن قاتتىق بولدى. مىلتىق ئوقلىرى خۇددى يوغان قازاندا قوماچ قورىغاندەك تاراسلاپ ئېتىلىپ تۇردى، كەچ پېشىن بولغان ۋاقتىدا 3-4 يۈز ئەسكىرىدىن ئايرىلغان ياڭ تۈەنجاڭ ئازغىنە ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ قاچتى. ئوق ئاۋازلىرى شالاڭلاشتى. تۆمۈر ئېلىنىڭ ئادەملىرى ھەر بىرسى 8-10 تالدىن غەنىمەت ئالغان مىلتىقلارنى ئاتلىرىغا غانجۇغلاپ ياقائېرىقا قايتىپ كەلدى. 2 دانە زەمبىرەك ①ئولجا ئېلىندى، بىر ھارۋىدىن ئوق غەنىمەت ئالدى، ھارۋىنى خۇداۋەردى ئىسىملىك ھارۋىكەش ھەيدىگەن ئىكەن، بۇ ھارۋىكەش شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەرەپكە ئەل بولۇپ ھارۋىنى ھەيدەۋەردى، تۇڭگان ئەسكەرلىرىمۇ ئولجا ئالدى. مۇشۇ ئۇرۇشتا تۇڭگان ئەسكەرلىرى ئۇرۇشقا كۇچ چىقارماي، ئولجىغا كەلگەندە كۇچ چىقارغانلىقى توغرىسىدا ئۇيغۇرلار نارازى بولدى. ئەسىر ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر تۇرۇپ ياڭ تۈەنجاڭغا ئەسكەر بولۇپ بىزگە قارشى ئوق ئاتتىڭمۇ؟ دىگەن گۇنانى قويۇپ باغلاپ كوچىغا ئېسىپ قويدى. خەقلەر بۇ ئەسىرلەرنى ئۇرۇپ ساقال-بۇرۇتلىرىنى يولۇپ جىق ئازاپ سالدى. كېيىن ئۇلارنى توۋا قىلدۇرۇپ ئۆز ئىچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئەسكەر قىلىۋالدى.
     ياڭ تۈەنجاڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ قاچقاندىن كېيىن جامغا بېرىپ، سىلەر قوزغىلاڭچىلارغا خەۋەر يەتكۈزۈپ قويۇپسىلەر دەپ، جام خەلقلىرىنى بىر سارايغا (دەنگە) توپلاپ تەخمىنەن 180 دەك ئادەمنى قىرىپ تاشلاپ ئاقسۇغا ئۆتۈپ كەتكەن.
     ياقائېرىق سوقۇشى ئاخىرلاشقان كۈنى مۇزات تەرەپتىن بىر نەچچە نەپەر قاچقان ئەسكەر چۈشۈپ قالغان ئىكەن. بۇلار ياقائېرىقتىكى ئەھۋالنى بىلمەستىن، تۇيۇقسىزدىن كېلىپ قالغاچقا يا ئارقىغا قايتالماي بىر قوتانغا سۇلۇنۇپ قالدى. بۇ ئەسكەرلەر جاڭ پېييۇەن قىسىملىرىدىن بولۇپ، قۇرالى خىل ئىكەن. قوزغىلاڭچىلار دەرھال بۇلارنى قورشاپ ئۇچ كۈن سۇقۇش قىلدى. ئۇلاردا بەش ئاتار مىلتىق، قوزغىلاڭچىلاردا توققۇز ئاتار، يالاڭ ئاتار ۋە قارا مىلتىق. بۇلار ئۆز ئارا ئوق ئېتىشقاندا بەزەن ئوقلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ مىلتىغىنىڭ ئاغىزىدىن كىرىپ چاقماقنى بۇزۇپ مىلتىق تۇتقۇچىنىڭ قولىنى مەجرۇھ قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولدى.يېڭساردىن قوشۇلغان ھاپىز پەيجاڭ دىگەن ئادەمنىڭ قولى ئاشۇ سۇقۇشتا يارىدار بولغان. دىمەك، قوتان ئىچىدىكىلەر مىلتىق ئېتىشقا ئىنتايىن ماھىر ئىكەن. قوتانغا يېقىنلاپ بېرىش ئىمكانىيتى بولمىدى. تۇڭگان ئەسكەرلىرى بۇ سۇقۇشقا قاتناشمىدى، ئۇيغۇرلار قوتانغا زەمبىرەك ئاتماقچى بولدى. لېكىن زەمبىرەك ئېتىشنى بىلىدىغان كىشى يوق ئىدى. بۇنى قانداق قىلش كېرەك؟ ھەمدەم بەگ ھاجى پىكىر قىلىپ: كۇچاردا خۇداۋەردى ھاجى ئىسىملىك دورىگەر ئادەم بار، ئۇ كىشى ھىندىستاندا زەمبىرەك ئاتقاننى كۆرگەن ئىكەن. بىلسە شۇ ئادەم بىلىدۇ – دېدى. شۇنىڭ بىلەن كۇچارغا ئات چاپتۇرۇپ بۇ ئادەمنى 2-كۈنى يەتكۈزۈپ كەلدى. دىمەك قوتانغا ھۇجۇم قىلشنىڭ 3-كۈنى خۇداۋەردى ھاجى زەمبىرەكنى بەتلەپ بىر پاي ئاتتى. لېكىن ئوق باشقا يەرگە كەتتى. 2-پاي ئوقتا قوتاننىڭ بىر تېمىنى يېقىتتى. قوتان ئىچىدە بىرلا ئادەم ھايات قالغان ئىكەن، بۇ ئەسكەر ئاتلىق قاچتى. قوزغىلاڭچىلاردىن كورلىلىق ئابدۇراخمان (كورلىلىق ئېلى ھاجمنىڭ ئوغلى) ئىسىملىك بىر پىدائى قوغلاپ، تەخمىنەن 5-6 يۈز مېتىرغىچە ئات چاپتۇرۇپ يېقىنلاپ بېرىپ ئولتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ياقائېرىق ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.
      بۇ يەرگە كورلىدىن ئېلى ھاجى،قارا شەھەردىن ھاپىز زۇڭجاڭ دىگەن ئادەملەر ئۆز ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ تۆمۈر ئېلىگە قوشۇلدى. ئادەم سانى كۆپەيدى، قۇراللارمۇ خىللاندى. ئاۋالقى قارا مىلتىقلار بىلەن قۇراللانغاندىن كېيىن ئاقسۇغا قاراپ ماڭدى. جامغا بارغاندا ياڭ تۈەنجاڭ قىرغىن قىلغان ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى تېخى بار ئىكەن. خەلق ۋە قوزغىلاڭچىلار بىرلىكتە يىغا-زار قىلشىپ، ناماز چۈشۈرۈپ يەرلىككە قويدى.


[align=justify]ـــــــــــ
① زەمبىرەك، كالتا، ئاغزىدىن ئوقلايدىغان، 19-ئەسىردىكى زەمبىرەكلەر ئىدى.



[align=justify]

(4)

[align=justify]
      تۆمۈر ئېلى ئاقسۇ كونشەھەرگە كىردى مالۇيجاڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان قىسىملىرى ئاقسۇ يېڭىشەھەرگە جايلاشتى. تۆمۈر ئېلى ئاقسۇدا سىجاڭ (دىۋىزىيە قوماندانى) بولدى. بۇ ئۇنۋان، خۇجانىياز ھاجى تەرىپىدىن كەلدىمۇ ياكى ماجۇڭيىڭ ئەۋەتتىمۇ مەلۇم ئەمەس. تۆمۈر سىجاڭ ئاقسۇ كونشەھەرگە كىرگەندە بىر گۆرۆخانا دۇكىنىدىن تۆمۇر سىجاڭنى نىشانلاپ بىر پاي ئوق ئېتىلىدۇ. بەخىتكە يارشا بۇ ئوق تەگمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەردە يۇشۇرۇنغان دۈشمەن بار ئىكەن، دەپ گۆرۆكەش، ئەپيۇنكەش خەنزۇلارنى، خەنزۇغا تەككەن ئاياللارنى ۋە پاھىشە ئاياللارنى ئۆلتۈرۈپ ئاقسۇنى بېسىقتۇردى.
      بىر رىۋايەتتە، ياڭ چىمىن ئاقسۇ جامدا 180-ئادىمىنى ئۆلتۈگەن پاجەنى كۆرگەن تۆمۈر سىجاڭ، نەق مەيداندا چوقۇم قىساس ئېلىپ بېرىمەن دەپ قەسەم قىلغان ئىكەن، شۇ ۋەدىگە ئاساسەن ئاقسۇدا 180 ئادەم ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ئۆلتۈرۈلگەن خەنزۇلارنىڭ سانى 180 گە توشمىغاندا، ئاندىن بۇزۇق-پاھىشە ئاياللارنى ئۆلتۈرۈپ سانىنى تولدۇرغان دەيدۇ. ئەگەر شۇنداقمىكىن دىسەك، تۆمۈر سىجاڭ ئاقسۇ كونشەھەردە ئىككى نەپەر خەنزۇ بالىسىنى بېقىۋېلىپ بىرسىگە ئىسمايىل يەنە بىرسىگە مامۇت دەپ ئات قويغان.
      بۇ پاكىتلاردىن قارىغاندا جامدا ئۆلگەنلارنىڭ قىساسى تۈپەيلىدىن ئاقسۇ كونشەھەردە ئادەم ئۆلتۈرگەن دېگەن رىۋايەتتىن كۆرە، ئاقسۇ شەھرىگە كىرگەن ۋاقتىدا يوشۇرۇنغا خەنزۇلار ئوق ئاتقان سەۋەپتىن بىر مۇنچە دۇشمەننى ئۆلتۈرگەنلىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن.
      بەزى ماقالىلاردا تۆمۈر ئېلى ئاقسۇدا مىسلىسىز كەڭ قىرغىن قىلدى، ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى قىرغىن قىلمىدى دەپ ئەمىلىي ئەھۋالنى بۇرۇملاپ كۆرسەتمەكتە. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. پاكىتنى بۇرۇمىلاۋاتقانلار ۋەقە ئۈستىدە يوق. چۈنكى بار بولسا تۆمۈر سىجاڭ يۇرگۈزگەن مىسلىسز چوڭ قىرغىنچىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتى. ئۇلار ئۈرۈمچىدە ياكى قەشقەردە تۇرۇپ ئاڭلىغان شاڭخۇ گەپنى ئاساس قىلىپ پاكتىنى بۇرمىلاۋاتىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ ئاقسۇنى ئىشغال قىلشتا، چۈنكى ئاقسۇدا قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچ بولمىغانلىقتىن، ئۇرۇش قىلماي كىرگەن، ئادەم ئۆلتۈرۈشكىمۇ يول قويمىغان ئىدى. بىراق شەھەر ئىچىدىن تۆمۈر سىجاڭنى قەستلەپ ئوق ئېتىلغاندىن كېيىن، ئۆي-دۇكانلارنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ قولغا چۈشكەن خەنزۇلار ۋە پاھىشە يولىغا ماڭغان بۇزۇق ئاياللارنى خەنزۇغا تەككەن ئۇيغۇر ئاياللارنى ئۆلتۈرۈش ئىشلىرىنى قىلدى. لېكىن قانچە ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، سان جەھەتتە ياڭ چىمىن جامدا ئۆلتۈرگەن ئادەم سانىغا يەتمەيتتى. دېمەك تۆمۈر سىجاڭ ئاقسۇدا قىرغىن قىلدى دېگەن سۆز پاكىتقا ئۇيغۇرن ئەمەس پەقەت قەست قىلغانلارنىلا پەس قىلغان.
     ئاقسۇنىڭ مەمۇرىي ئىدارە خادىملىرىنىڭ تولىسى يېڭىشەھەر (ئاسۇق) گە توپلىنىۋالغان بولغاچقا، تۇڭگان ئەسكەرلىرى ئاسۇققا چۈشكەندىن كېيىن، ئۆز –ئارا كېلىشىپ، كۆپرەك ئولجا- غەنىمەتلەرنى، قورال-ياراقلارنى قولغا چۈشۇرۇۋالدى. تۆمۈر ئېلى قۇرۇق شەھەرگە ئىگە بولۇپ غەنىمەتتىن قۇرۇق قالدى. قورال –ياراقلارنى بۆلۈپ بېرىشكە تۇڭگانلارنىڭ كۆڭلى ئۇنماي ئوتتۇرىدا ئازراق ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا بولدى. بۇ ئارلىقتا ماشىمىڭ يەنە بىر تۈركۈم كۈچ ئەۋەتتى. ئۇنىڭ باشلىقى ماجەنچاڭ ئىدى. بۇنى ئالتاي شەھەر تەرەپتە مازىخۇي ياكى چولاق زىخۇي دەپ ئاتايتتى.
     بۇ كىشى كېلىپ ئوتتۇرىدىكى ئىتتىپاقسىزلىقلارنى تۈگىتىپ قەشقەر تەرەپكە يۈۈش قىلدى.
      تۆمۈر سىجاڭ ئاقسۇدا ئۆز قىسىملىرىنى يەنە بىر قۇر رەتلەپ، ھەمدەم بەگ ھاجى، ئەھمەدخان، ھامۇتخان، ھاپىز زۇڭجاڭ ۋە ئېلى ھاجىلارنى تۈەنجاڭ (پولكوۋنىك) لىققا تەيىنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇقادىر فۇگۈەنجاڭ توختى يىڭجاڭ دېگەن كىشلەر تۆمۈر سىجاڭنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان مۇھاپىزەتچى قىسىملار ئىدى، ئاقسۇلۇق بايىز شاڭيۇ،ئاقسۇ تەۋەسىدىن بىر قانچە يۈز پىدائىلارنى توپلاپ تۆمۈر سىجاڭغا قوشۇلدى. بۇ كىشىگە لۇيجاڭ (برىگادا قوماندانى) ئۇنۋانى بەردى.


تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 11   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 BIRLIK1944 ئۇزۇن تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساقمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان قانلىق كۈرەشلىرى ساناپ تۈگەتكۈسىزدۇر،
تېما ئىگىسى << غۇنچە>> نىڭ ھارماي - تالماي يوللىغان تېمىسىدىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق،
ئەڭ سەمىمى تىلەك_____ ئەشۇ قوللىرىڭىزدىن گۈل ئۈنگەي، زىنھار دەرت كەلمىگەي!!!
2008/3/14 19:11
2 Ghunche [align=justify]

(5)

[align=justify]
     تۆمۈر سىجاڭ ئۆز ئەسكەرلىرى بىلەن مارالۋېشىنىڭ تۇمشۇق دىگەن يېرىگە بارغاندا قەشقەردىن كېلىپ مۇداپئە سېپى قۇرغان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ياڭ چىمىننىڭ باشچلىغىدا، قەشقەر، يەركەندىن نۇرغۇن ئەسكەر توپلاپ مارالۋېشنىڭ ئالدىنقى سەپ قىلىپ تۇمشۇقتا مۇستەھكەم ئىستھكام قۇرۇپ، خەندەك-لەخمە قېزىپ، تۆمۈر سىجاڭ ئەسكەرلىرىنى قاتتىق توستى. بۇ يەردە جەمئىي 47 كۈن ئۇرۇش بولدى. تۆمۈر سىجاڭ مازىخۇي ئەسكەرلىرى ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، بۇ سەپنى بۇزۇش ئاسانغا چۈشمىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۇرۇش قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئوغلاق ئويناپ، ناغرا چېلىپ مەرىكە قۇرۇپ كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرىنى قىلدى.شۇڭا قوزغىلاڭچىلار كۈندىن- كۈنگە كۆپيىپ كۈچلەندى. بۇ يەردىكى ئۇرۇش داۋامىدا ھەتتا خوتەن ئىسلام ئاۋات، تەۋەككۈل دىگەن جايلاردىن ئۇبۇلقاسىم بەگ دىگەنلەر كېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئاقسۇ، كەلپىن، ئاۋات، توقسۇ، شايار تەرەپلەردىن توپ-توپ بولۇپ كېلىپ قوشۇلغانلار بەك نۇرغۇن. بۇ جەرياندا بىر كۈن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىردىن 30 ئۇيغۇر پۈتۈن قورالى بىلەن تۇمشۇقتىن قېچىپ جاڭگال ئارقىلىق كېلىپ تۆمۈر سىجاڭ ئەسكەرلىرىگە قوشۇلغان. بۇ 30 ئادەم قوشۇلغىلى كەلگەندە ھەمدەم بەگ ھاجىنىڭ ئەسكەرلىرى تۇتۇۋېلىپ تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئالدىغا باغلاپ ئېلىپ كەلگەندە ھەمدەم بەگ ھاجى سىياسەت قىلىپ: «بۇ ئوغرلارنى تۇتۇۋالدۇق، ئېتىپ تاشلىساق بولارمىكىن؟» دىگەندە ئۇلار قورقۇپ يالۋۇرۇپ: «بىزنى مەجبۇرى ئەسكەرلىككە تۇتۇۋېلىپ چىققان. نەچچە كۈندىن ئۇرۇشتا ئاسمانغا ئوق ئېتىپ كەلدۇق. مۇسۇلمانلارغا ئوق ئېتشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمىدى. شۇڭا مەسلھەتلىشىپ سۇدا ئېقىپ جاڭگالغا ئۆتۈپ، ئاندىن بۇ تەرەپكە كەلدۇق. بىزگە رەھىمە قىلسىلا، پىدئى بولۇپ غازات قىلساق» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر سىجاڭ ئۇلارنى ھەر قايىسى قىسىملارغا تەقسىم قىلىپ بېرىۋەتتى.
      يەنە بىر كۈنى ئىككى نەپەر قىرغىزنى ئەسكەرلەر تۇتۇۋېلىپ كەلتۈردى، ئۇلارنىمۇ باغلاپ، تىڭ-تىڭلاپ كەلدىڭلار دەپ يولدا ئېتۋەتمەكچى بولغاندا، قىرغىزلار: بىزنى تۆمۈر سىجاڭ دىگەن باشلىق بىلەن كۆرۈشتۈر. ئاندىن كېيىن ئېتىۋەتسەڭلارمۇ مەيلى، دەيدۇ. ئۇلارنى تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، بىرسى تومۇغىنى سۆكۈپ بىر پارچە خەت چىقىرىپ بەردى. بۇ خەتنى تۇيۇندىكى ئوسمان ئېلى يازغان بولۇپ، خەتتە: «سىزلەر ئاتا، بىزلەر بالا، بىزغارى تۆمۈرھاجىت خوجانىيازھاجى، غازى تۆمۈر سىجاڭغا بەيئەت قىلىمىز،» دېيىلگەن ۋە قانداق قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق سورالغان. تۆمۈر سىجاڭ بۇ قىرغىزلارغا ئاتۇشلۇق ئابدۇقادىر ئەپەندى دىگەن كىشنى قوشۇپ ئەۋەتتى. بىر دانە بايراققا «ئىنناپەتەھنا»نى يېزىپ، ھازىرچە قەشقەرگە تەگمەي تۇرۇڭلار، ئارقا يول بىلەن مارالېۋشىغا كېلىپ دۈشمەن سېپنىڭ ئارقسىدىن ھۇجۇم قىلىڭلار!» دىيىلگەن.
     قەشقەردىكى ماشياۋۇ (مادوتەي) تۆمۈر سىجاڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر ۋە يەركەندىن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى توپلاپ مارالۋېشىدا توسقاندىن تاشقىرى يەنە قىرغىزلاردىن ئەسكەر ئېلىشنى پىلان قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلۇغچات چېگرىسىغا مەسئۇل بولۇپ تويۇندا تۇرۇۋاتقان چىڭ تۇڭلىڭ (توڭنوڭ)نىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان ئوسمان ئېلى ئىسملىك بىر تەرجىمان قىرغىز بار ئىدى. چىڭ تۇڭلىڭ بۇ كىشى ئارقىلىق قىرغىزلاردىن ئەسكەر ئالىدۇ ۋە ئۇلارغا قورال تارقتىپ بېرىدۇ. بۇ قىرغىزلار كەلپىن، مارالۋېشى تەرەپلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ تىڭ-تىڭلاپ، كېلۋاتقانىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان، ئۇلار خۇدا يولدا غازات قىلۋاتقانلار ئىكەن، مۇسۇلمان تۇرۇپ، مۇسۇلمانغا ئوق ئاتساق چوڭ گۇنا بولىدۇ، دەپ تۇرغاندا، تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن ئادەملىرى كېلىپ ئەھۋالنى خەۋەر قىلىدۇ. ئەۋەتكەن بايراقنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە سۇرتۇپ مىلتىقنىڭ ئۇچىنى دۇشمەنگە قارىتىپ چىڭ تۇڭلىڭنى شۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ.
     بۇ چاغدا تۆمۈر سىجاڭ مارالبېشىدىكى دۇشمەن سېپىنى بۇزۇپ تاشلاپ قەشقەرگە قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. مارالۋېشىدىن تارمار بولۇپ قاچقان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى تەرەپ-تەرەپكە قاچىدۇ. پەيزىۋات يولى بىلەن قېچىپ كېتىۋاتقانلارنى يول ئۈستىدە دىخانلار توساپ پۈتۈنلەي يوق قىلدى. ياڭ چىمىن يارىدار بولۇپ قەشقەرگە قېچىپ بېرىۋالدى. يەركەن تەرەپكە قاچقانلارنى تۇڭگان قوشۇنلىرى قوغلاپ بېرىپ پۈتۈنلەي ئەسىرگە چۈشۈرۈپ ئەسكەرلەرنى ئۆز قىسىملىرىغا قوشۇپ رەتلىۋالدى.
     بۇ چاغدا ئوسمان ئېلى باشچىلىغىدىكى قىرغىزلار قەشقەر كونشەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار سېپىلنىڭ ياۋاغ دەرۋازىسىنىڭ شىمالىي دوخمۇشىنى يانتولاپ چېپىپ ئاتلىق سېپىلگە چىقىدۇ-دە شەھەرنى ئىشخال قىلىدۇ. بۇ 1933-يىلى 3-ئايدىكى ۋەقە. تۆمۈر سىجاڭ قىسىملىرىمۇ دۇشمەننى قوغلاپ قەشقەرگە كىرىدۇ. غالىبىيەتنى تەنتەنە قىلىپ قەشقەر ھېيتكا ئالدىدا، نەچچە يۈزلىگەن ئاتلىقلار توپلىنىپ، ئاسمانغا قارىتىپ 400 پاي ئوق ئاتىدۇ. مادوتەي قەشقەر ھاكىمىيىتى ۋە دۆلەت غەزىنىسى تۆمۈر ئېلىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. تۆمۈر ئېلى كونشەھەر ۋالى مەھكىمىسىگە، ئوسمان ئېلى (قىرغىز، ئوسمان سىجاڭ) يۇمۇلاق شەھەرگە، مازىخۇي قەشقەر يېڭشەرگە ئورۇنلىشىدۇ.
      مادوتەي تەسلىم بولۇپ ھوقۇقىنى ئوتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئىبراھىم لوزۇڭنىڭ بېغىدا تۈردى. ۋالى مەھكىمىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ۋە ئەتراپ ناھىيىلەردىن قېچىپ كەلگەن ئەمەلدارلار (ھەممىسى خەنزۇ) ۋالى مەھكىمىسىنىڭ ئىچىدىكى بىر ھويلىغا جايلىشىپ ياتتى. بىر قىسىملىرى يېڭشەرگە ئورۇنلاشتى. قەشقەردە ئومۇمەن قان توكۈلۈش ئىشلىرى بولمىدى.
     قەشقەرنىڭ غەزىنە ئەھۋالى مۇنداق ئىدى: قەشقەر ۋالى مەھكىمىسىدە ئەزەلدىن تىزا بېسىش، تەڭگە قويۇش، مىس پۇل چىقىرىش كارخانىلىرى (دەستگاھىلىرى) بار ئىدى. غەزنە ئوي 4 ئېغىزلىق بولۇپ ئاز كام بىر قانچە يۈز توننىدەك زاپاس كۇمۇش، 8-10 توننىدەك ئالتۈن بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئوق-دورا، مىلتىق-تاپانچىلار بار ئىدى.
     تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئەسكىرىي كۈچى توۋەندىكىچە بولىدۇ.
     1- ئوسمان ئېلى (سىجاڭ) مىڭدىن ئارتۇق قىرغىز ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن قەشقەر يۇمۇلاق شەھەردە تۈراتتى.
     2-ھەمدەم بەگ ھاجى لۇيجاڭ، كۇچارلىق ئۇيغۇر. نەچچە يۈز ئاتلىق ئەسكىرى بىلەن تۆشۈك دەرۋازا سىرتىدىكى گازارمىدا تۇراتتى.
    3- ھامۇتچان لۇيجاڭ، سېتىۋالدىجان تۇەنجاڭ، ئۆزبېك قوشۇن، دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا تۇراتتى.
    4- يۈسۈپچان، سېتۋالدىجان تۈەنجاڭ، ئۆزبېك قوشۇن، ياۋاغ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا تۇراتتى. بۇ قوشۇندىكلەر ئەسلىدە سوۋېت يېرىدىن قېچىپ ئۆتكەن قوراللىقلار بولۇپ، تۆمۈر ئېلى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن قايتا تەشكىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. قورال خىل، خەڭگۋارلىق كۈچى ئۈستۈن ئىدى.
     5- كىچىك ئاخۇن تۈەنجاڭ، قەشقەر ئاتۇشلۇق، قەشقەردىن ئەسكەر ئېلىپ تەشكىللەنگەن پولك، تۆشۈك دەرۋازىنىڭ سىرتىدا تۇراتتى.
     6- ئەخمەتخان لۇيجاڭ، كۇچارلىق ئۇيغۇر. قەشقەر يېڭساردا تۇراتتى. 
    7- ھاپىز لۇيجاڭ، كۇچارلىق ئۇيغۇر، يەركەندە تۇراتتى.
     8- ئېلى ھاجى تۈەنجاڭ، كورلىلىق، بۇ كىشى قەشقەرگە كەلگەندە تۆمۈر سىجاڭ بۇ قىسىمنى ئالاھىدە جابدۇپ، خوجا نىياز ھاجىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى تەرەپكە يولغا سالدى. بۇ ئەسكەر قىزىل شەلپەردە چاپان كىيىپ ئات ئۈستىگە ناغرا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ناغرا-سۇنەي چېلىپ داغدۇغا ئىچىدە يولغا چىقتى. ئېلى ھالجى قارا شەھەردە خوجا نىياز ھاجى بىلەن ئۇچراشقان.


قەشقەر ۋىلايتىدە ۋالىلار تەيىنلەندى:

[align=justify]
    ئابلا داموللا 1-ۋالى. ئۇيغۇر، توخسۇنلۇق، تۆمۈر سىجاڭنىڭ باجىسى ھەم تۇققىنى. قەشقەرگە كېيىن بارغان. كېيىنكى يىللاردا ئۈرۈمچىدە دېھقانچىلىق-كانچىلىق نازارىتى ۋە مائارىپ نازارىتىگە نازىر بولدى. 40-يىلى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۇرمىدا ئۆلتۈرۈلدى.
     يۇنۇس بەگ مۇئاۋىن ۋالى، تۇرپانلىق ئۇيغۇر. ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە سىياسى-قانۇن مەكتىۋىدە ئوقۇغان. كېيىنكى يىللاردا ئۈرۈمچىدە دېھقانچىلىق-كانچىلىق نازارىتىگە نازىر بولدى. 37-يىلى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۇرمىدا ئۆلتۈرۈلدى.
     سۇجىنشۇ مۇئاۋىن ۋالى، جۇيزۇ، ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە سىياسى-قانۇن مەكتىۋىدە ئوقۇغان. ئازراق چوقۇرى بار، ئىگىز بويلۇق ئادەم. دائىم رەسىم ئاپاراتى كۆتىرىپ يۈرەتتى، بۇ ئادەمنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ماڭا مەلۇم ئەمەس.
     تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە بىر مەكتەپ ئاچتى. ئورنى نوۋېشى دىگەن يەردە بولۇپ، ھۆكۈمەت تەمىناتى بىلەن 2-3 يۈز نەپەر چوڭ ياشلىق بالىلار ئوقۇيتتى. ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم (كېيىنكى ۋاقىتلاردا قەشقەرگە ۋالى بولغان) شۇ مەكتەپكە مۇدىر ئىدى.

2008/3/15 23:09
3 Ghunche

(6)


[align=justify]
     تۆمۈر ئېلى قەشقەردە مۇقىملاشقاندىن كېيىن، خوتەن قوزغىلاڭچلىرى قەشقەرگە ئىتتىپاقىلشىش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كەلدى. خوتەن قىسىملىرىنىڭ باشلىقلىرى ساۋۇت داموللا ھاجى، جانىبەگ قازى، شامەنسۇر (ئابدۇللا بەگ) قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ مېھمانلار ئوبدان قارشى ئېلىدى. بىر قانچە ئورۇنلاردا مېھماندارچىلىق زىياپەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى.  خوتەن قوزغىلاڭچلىرىنىڭ مەقسىدى، تۆمۈر سىجاڭ بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش ئىدى: مۇزاكىرە نەتىجىسىدە پىكىر ئىختلاۋى چىقتى. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى سەۋەپلەر بار ئىدى: تۆمۈر ئېلى توخسۇندىن باشلاپ قەشقەر-يەركەنگىچە ئۇرۇش قىلىپ ئىسلام ئېچىپ كەلدىم دەيدىغان چۈشەنچە بىلەن خوتەنلىكلەرنى كۆزگە ئىلىماسلىقتەك ئەھۋال مەۋجۇت ئىدى؛ خوتەنلىكلەردە بولسا، تۆمۈر ئېلى ئوقۇمىغان، ھارۋىكەش، چوڭ ئىشلارنى باشقۇرالمايدۇ دەيدىغان كۆز قاراش بار. شۇ كۈنلەردە شامەنسۇر قەشقەرگە مېھمان بولۇپ كېلىپ؛ «بۇ ھارۋىكەش چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدۇ، شەھەرنى بىكارلاپ بەرسۇن» دىگەن سۆزنى قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خوتەنلىكلەر تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئىشنى ياراتماي: «ئەسكەر باشلىقلىرىنى پانسەت، ئون بېشى، قۇر بېشى دىمەستىن يەنە شۇ تۈەنجاڭ، ليەنجاڭ دەيدىكەن»، «ئىسلام ئاچتىم» دىگىنى قېنى؟ دەپ مەسخىرە قىلىدۇ. بۇ سۆزلەر تۆمۈر سىجاڭنىڭ قۇلغىغا ئاڭلىنىپ ئاچچىقىنى قوزغايدۇ. شۇ سەۋەپتىن خوتەنلىكلەر پۈتۈنلەي قورالسىزلاندۇرۇپ، ساۋۇت داموللا، جانىبەگ قازى، شامەنسۇر قاتارلىق باشلىقلارنى قاماققا ئالدى.ئەسكەرلەرنى ئەسىر ھىساۋىدا خوتەنگە قايتۇرۋەتتى.
     دەل شۇ كۈنلەردە خوجانىياز ھاجى تەرىپىدىن بىر ئالاقە كەلدى. بۇ خەتنى خوجا نىياز ھاجى گۇچۇڭدىن ئەۋەتكەن. توخسۇنلۇق شېرىپ ئاخۇن دىگەن كىشى قەشقەرگە يەتكۈزۈپ كەلدى. خەتتە: «بىز شىڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاقلاشتۇق، ماجۇڭيىڭ بىلەن ئارىمىز بۇزۇلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قەشقەردىكى تۇڭگانلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ ئارىدىن كۆتىرىۋېتىڭلار» دىيىلگەن.
     تۆمۈر سىجاڭ بۇ خەتنى ئوقۇپ كۆرۈپ: «شىڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاقلاشتى دىگەن قانداق گەپ. ئۇ دىنسز تۇرسا، ماجۇڭيىڭ دىگەن مۇسۇلمان. شىڭ شىسەي دىگەن مېنىڭ ئىنىم توختاخۇننى خوتەندە ئۆلتۈرۋەتتى. مەن شۇ ئىنىمنىڭ قىساسىنى ئالىمەن، شىڭ غا قارشى ئەسكەر تارتىمەن، خوجانىياز ھاجىنىڭ بۇ ئىشىغا قوشۇلمايمەن دىگەندەك سۆزلەرنى قىلدى.
ئوسمان سىجاڭ بۇ خەتتىن خەۋەر تېپىپ يېڭشەردىكى تۇڭگانلارنى يوق قىلىۋاتايلى دەپ پىكىر قىلدى. بۇ مەسىلىدە تۆمۈر سىجاڭ (1) ھەممىمىز بىر مۇسۇلمان، بىر-بىرىمىز بىلەن ئۇرۇشماسلغىمىز كېرەك؛ (2) ماجەنچاڭنىڭ قولىدا 2-3 مىڭدەك خىل ئەسكەر بار. ئۇلار باش توخۇدا ئورنىدىن تۇرۇپ تاڭ ئاتقىچە مەشق قىلىدۇ. ئۇلارنى ئارىدىن كۆتىرىۋېتىش ئاسان ئەمەس؛ (3) ئەگەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلساق، ئۇرۇش ئۇزۇنغا سۇزۇلىدۇ. ئۇ چاغدا نەچچە مىڭ ئاتلىق ئەسكەرگە پۇقرالار ئوتۇن-سامان توشۇپ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغاندىن قىلغىنمىز ياخشى دەپ پىكىر قىلىدۇ. مۇشۇ ۋەجىدىن تۆمۈر سىجاڭ بىلەن ئوسمان سىجاڭ ئوتتۇرىسىدا ئازراق كۆڭۈل قويۇش ئىشلىرى بولدى. لېكىن ھەر ئىككى تەرەپ بىلىندۇرمەستىن بىر مەزگىل ئىتتىپاق بولۇپ ياخشى ئۆتتى.

2008/3/15 23:11
4 Ghunche [align=justify]

(7)



[align=justify]
     1932-يىلى تۆمۈر ئېلى ئاتىسى ئەھمەت ھاجىنى قەشقەر سۆگەتلىككىچە ئۇزىتىپ كېلىپ ھەرەمگە يولغا سالغان ئىدى. 1933-يىلى يازدا ئەھمەت ھاجى بىر توپ شىنجاڭلىق ھاجىلار بىلەن قايتىپ كەلدى. تۆمۈر ئېلى قەشقەردىن بىر قانچە يۈز ئاتلىق ئەسكەر، پوچتا، ماشىنىلار بىلەن يەنە شۇ سۈگەتلىككە چىقىپ ئاتىسى ئەھمەت ھاجى باشلىق ھاجىلارنى كۈتۈۋالدى.
    بىر يىل ئىچىدىكى بۇ ئۆزگىرىش ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى.
    ئەھمەت ھاجى بىلەن بىر سەپەردە 50-60 تەك ھاجىلار بىرگە كەلدى، قىزغىن قارشى ئېلىندى.
     ئەسلىدە شىنجاڭلىق ھاجىلار ھىندىستان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ھاجىلارنى كۈتۈۋېلىپ ھەقسىز پويىزغا ئولتۇرغۇزۇپ ھەر بىر جايدا قوي ئۆلتۈرۈپ تاماق-ياتاق ھەممە جەھەتتە مېھمان قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئەھمەت ھاجىغا «تۆمۈر پادىشاھ» نىڭ ئاتىسى دەپ كاتتا ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىغا كەلگەندە زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ ئەھمەت ھاجنىڭ ئالدىغا بىر پەتنوس تىللا (تەخمىنەن 50 چە بار) قويۇپ دۇئا ئالىدۇ ۋە بىر پارچە خەت بېرىدۇ.
     ئەھمەت ھاجى ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خەتنى تۆمۈر سىجاڭغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، تۆمۈر سىجاڭ بۇ خەتنى ئۆز ئۆيىدە ئوقۇتتى. بۇ خەت ئەنگلىيە ئايال پادىشاسى نامىدىن يېزىلغان بولۇپ، يونۇسبەگ ئوقۇدى. خەتنىڭ باش تەرىپىدە غازى، پادىشا دىگەندەك بىر مۇنچە مەدھىيىلەر ۋە تەبرىك سۆزلەر يېزىلغان. سىز پادىشا بولدىڭىز، قەشقەردە ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇردىڭىز، دوست بولايلى، ئىتتىپاق بولايلى، 10 مىڭ، 20 مىڭ ئەسكىرىي كۈچى لازىم بولسا يەتكۈزۈپ بېرىمىز دىيىلگەن. (خەت ئوقۇلغاندا مەنمۇ بار ئىدىم. گەرچە كىچىك بولساممۇ يۇقىرقى مەزمۇنلار ئېسىمدە قاپتۇ).
     تۆمۈر سىجاڭ خەتنى ئوقۇتۇپ ئاڭلاپ ماقىلىنى چىشلەپ ئولتۇرۇپ:
     «ئۇلار ناسارا دىندىكىلەر تۇرسا، ئىتتىپاق بولۇپ ئۇلاردىن ياردەم تىلگەندىن كۆرە، خۇدادىن نۇسىرەت تىلسەك بولدى دەپ خەتنى ئېتۋارسىز قالدۇردى.
     شۇ كۈنلەردە قەشقەردە تۇرۇشلۇق سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلى بىر چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزدى. زىياپەت ئورنى سەمەندىكى سوۋېت كونسۇلخانسىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولۇپ، كۆلىمى چوڭ، بۇ زىياپەتتە ھەرەمدىن كەلگەن ھاجىلار، قەشقەرنىڭ چوڭ-چوڭ بايلىرى، ئۆلىمالىرى ۋە ھەربى باشلىقلار، ئاتلىق ئەسكەرلەر بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. زىياپەتنىڭ ئاخىرىدا تۆمۈر سىجاڭغا ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ئەھمەت ھاجىغا تون ياپتى ۋە ئىگەر-توقۇملۇق 4 دانە قارا ئارغىماق سوۋغا قىلدى. زىياپەت بېرىلگەن كۈنىنىڭ ئاخشىمى تۆمۈر سىجاڭ ئۆز ئۆيىدە كۈيئوغىلى مەھەممەت قارى ۋە باجىسى ئابلا دامولىلار بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن كىرگەندە تۆمۈر سىجاڭ: «بولشىۋېكىلەر بىزنىڭ بۇخاراشېرىپىنى ۋەيران قىلۋەتتى. بىز يەنە ئۇلار بىلەن بىرلىشىمىزمۇ» دىگەن سۆزلەرنى قىلۋاتقان ئىكەن. بۇنىڭغا قارىغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانسى زىياپەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دوستلۇق-ئىتتىپاقلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدا گەپ-سۆز قىلغان بولۇشى كېرەك. تۆمۈر سىجاڭ ئۇلارنىڭ تەكلىۋىنىمۇ رەت قىلغان.
     شىڭ شىسەي 3-قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن نۇتقىدا قەشقەردە تۆمۈر ئېلى، ساۋۇت داموللىلارنىڭ ھەممىسى قورچاق ھۆكۈمەت قۇرغۇچىلاردۇر دىگەن خۇلاسە سۆز بار. شۇنىڭغا قارىغاندا تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە ئاز ۋاقىت تۇرسىمۇ، ئۆز ئالدىغا بولۇش خاراكتىرىگە ئىگە ئىدى.
     شۇ ۋاقىتلاردا ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم نوۋېشى مەكتەپ مۇدىرى سۈپتىدە بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى سەپكە تىزىپ يېڭشەردىكى مازىخۇيىغا سالام بېرىش ئۈچۈن چىققان ئىكەن. بۇنى تۆمۈر سىجاڭ ئاڭلاپ، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنى دوتەي يامۇلغا قىچقارتىپ نۇرغۇن كىشلەر ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئەيپلىدى.  ئوقۇغۇچىلارنى يېڭشەرگە تىزىمغا ئېلىپ چىقىپ نىمە قىلاتتىڭ؟ ئۇنىڭدىن ئىنئام ئالماقچىمۇ؟ مېنىڭ بەرگەنلىرىم يەتمىدىمۇ؟ ۋاھاكازا. ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم خوش، خوش دەپ قول قوشتۇرۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. 
     ئەمما ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم شۇ ۋاقىتلادا نوپۇزلۇق ھەم باي ئادەم بولغاچقا، تۆمۈر سىجاڭغا قارىشى بەزەن گەپ- سۆزلىرىمۇ بار ئىدى. مەسلەن: «قەشقەرن ھارۋىكەشكە تارتتۇرۇپ قويدۇق» دېگەن سۆزلىرى قەشقەرنىڭ يۇقىرى تەبىقە بايلىرى ئىچىدە ئېقىپ يۈرەتتى. تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئەتراپىغا مەسلەن: ئىبراھىم لۇزۇڭ، ئۆمەر باي، ئابدۇرېھىم بايۋەتچى قاتارلىق نوپۇزلۇق بايلار ئولۇشۇپ، مەمۇرىي ئىشلارغا ئارىلاشقان ئىدى.


2008/3/15 23:14
5 intezar بۇ تارىخلار ھەقىقەتەن يۈرەكنى ئىزىدۇ... 2008/3/16 00:14
6 Ghunche

(8)


[align=justify]
    تۆمۈر سىجاڭ شۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل قارشى كۇچلەر ئوتتۇرسىدا قالغان ئىدى.
   1-ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئېنگىلىز كونسۇلخانىسىنىڭ نارازىلىغى؛
   2- سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ نارازىلىغى؛
   3- مازىخۇي (تۇڭگان) قىسىملىرىنىڭ قارشىلىغى؛
   4- ئوسمان سىجاڭ باشچىلىغىدىكى قىرغىزلارنىڭ قارشىلىغى؛
   5-ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قاتارلىق قەشقەر بايلىرىنىڭ نارازىلىغى ۋە قارشىلغى.
   تۆمۈر ئېلى بۇ خىل قارشىلىقلارنىڭ بارلىغىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇ قەدەر خەۋەپلىك ئىكەنلىگىنى مۆلچەرلىيەلمەيىتتى. ئۆزىنىڭ قارا كۈچىگە تايىنىپ، قارشىلىقلارنى كۆزگە ئىلىمايىتتى.
    خوجانىياز ھاجى تەرەپتىن قەشقەردىكى تۇڭگان قىسىملىرىنى قورالسىزلاندۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇقلار كېلىپ تۇرغاچقا، تۆمۈر سىجاڭ بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىپ باش قاتۇراتتى. شۇنداق پەيتتە، قەشقەردىكى تۇڭگان قىسىملىرى تۆمۈر سىجاڭنى بىخۇتلاشتۇرۇش ياكى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن ماجۇڭيىڭ تەرەپتىن تۆمۈر سىجاڭغا، «سىلىڭ» لىق ئۈنۈۋان بەردى. يېڭشەردىكى مازىخۇي «سىڭلىق» تامغىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ چوڭ زىياپەت بەردى. داغدۇغا قىلىپ تامغىنى بىر كۈن شەھەر چۆگىلەتتى. يېڭشەردە بېرىلگەن زىياپەتكە تۆمۈر سىلىڭ 400 ئاتلىق ئەسكەر بىلەن چىقىپ قاتىناشتى. بۇ زىياپەتتە، تۇڭگان ھەربى باشلىقلاردىن تاشقىرى، ماشياۋۇ (مادوتەي) ياڭ چىمىن دىگەنلەرمۇ بار، زىياپەت ئومۇمەن دوستانە كەيپىياتتا ئۆتتى.
    ئوسمان سىجاڭ ھامان تۇڭگانلارنى قورالسىزلاندۇرۇش، پىكرىدە چىڭ تۇراتتى. يەنە بىر تەرەپتىن تۆمۈر ئېلىنىڭ سىلىڭ بولغانلغىغا بەلكى نارازى ئىدى. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسدا سەمىمىيەت سۇسلاشقان كۈنلەردە تۆمۈر سىجاڭنىڭ روزاخۇن ئىسىملىك يېقىن بىر ئادىمى ئاتلىق يومۇلاق شەھەر ئىچى بىلەن دوتەي يامۇلغا ئۆتۈپ كېتىۋاتسا، دەرۋازىدا پوستا تۇرغان قىرغىز ئەسكەرلەر بۇ ئادەمنى ئاتتىن چۈشمەي ئۆتىمەن دەپ ئىككى ئارىدا جاڭجاللىشىپ قىرغىزلار روزاخۇننى ئاتتىن تارتىپ چۈشۈرۈپ قورالى بىلەن ئېتىنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنى ھايدىۋېتىدۇ. بۇ ئىش ناماز شام پەيتىدە يۈز بەرگەن. دىمەك بۇ ئىش ئاساسى بۇزۇلۇشقا سەۋەپ بولىدۇ- دە، ئوسمان سىجاڭ باشچلىغىدا يومۇلاق شەھەر تۇرۇشلۇق قىرغىز ئەسكەرلەر ئاتلىنىپ تاغقا قاچىدۇ. يول ئۈستىدە لەنگەردە تۇرۋاتقان 10 نەچچە ئەسكەرنىڭ قورال-ياراق،ئاتلىرىنى بۇلاپ كېتىدۇ. بۇ خەۋەر كەلگەندىن كېيىن، تۆمۈر سىلىڭ شۇ ئاخشىمىلا ھامۇتخان لۇيجاڭغا ۋە ماجەنچاڭغا قىرغىزلارنى قوغلاشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇيرۇققا بىنائەن ھامۇتخان لۇيجاڭ قىرغىزلارنى قوغلاپ شۇ ئاخشىمىلا يولغا چىقتى. ئەمما ماجەنچاڭ ھەربى بۇيرۇقنى كېچىكتۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ئەتىسى كۈن چىققان ۋاقىتتا يېڭشەردىن يېتىپ كەلگەن ئىدى.

2008/3/16 16:12
7 Ghunche

(9)


[align=justify]
     شۇ ئەتىسى تۆمۈر سىلىڭ جېپ ماشنىغا ئولتۈرۈپ ۋالى مەھكىمىسىدىن قۇم داۋاننىڭ سىرتىدىكى تۆمۈر سىلىڭنىڭ بېغى (ئەسلى مامۇتخان باينىڭ بېغى) دەپ ئاتىلىدىغان باققا كەلدى. بۇ چاغدا تۆمۈر ئېلىنىڭ ئاتىسى ئەھمەت قاتارلىق 20 دەك توخسۇن، تۇرپان ھاجىلىرى بار ئىدى.تۆمۈر ئېلى بۇ يەردە ھاجىلار بىلەن قوشۇلۇپ بامدات نامىزى ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن، ئۇرۇش ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلىمەن دەپ ماڭماقچى بولدى. ئاتسى ئەھمەت ھاجى باشلىق ھاجىلار بارماڭ دەپ توستى. ئەھمەت ھاجى بالىسىغا «سىز بارماڭ، ھامۇتخان ئەسكەرلىرى بىلەن كەتكەندىن كېيىن شۇ بىر تەرەپ قىلىپ كېلىدۇ» دېدى. تۆمۈر ئېلى بۇ نەسھەتنى ئاڭلىمىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئوسمان سىجاڭنىڭ ئادەملىرىدىن قۇشمەت بەگ باشچىلىغىدا بىر نەچچە نەپەر قىرغىز باشلىقلار سالامغا كىرىپ «بىز ئوسماننى قەيەردە بولسا تۇتۇپ كېلىمىز» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ قۇرئان تۇتۇپ ۋەدە بېرىپ چىقىپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئارقىدىنلا يېڭشەردىن ئوسماننى قوغلاش ئۈچۈن كەلگەن تۇڭگان ئەسكەرلىرى تۇەنجاڭنى (ئىسمى كامازا، كۇمۇشتە دەڭ ئاچىدىغان تۇڭگان) ۋە بىر نەچچە ھەبى باشلىقلار باققا كىرىپ سالام بەرگەندىن كېيىن، بۇيرۇققا بىنائەن بىز كەلدۇق دەپ دوكلات بەردى. تۆمۈر سىلىڭ ئۇلارغا خاپا بولۇپ: «بۇيرۇقنى ئاخشام بەرسەم ئەمدى كەلدىڭلارمۇ؟ كېچچە كونشەر ئەتراپىنى ئايلاندىڭلار، سىلەرنىڭ مەقسىدىڭلار ئوسماننى قوغلاش ئەمەس، مىنىڭ جېنىمنى ئېلىش» دەپ ۋاقىراپ تىللىدى ھەمدە يېنىدا تۇرغان مىلتىقنى پېقىرتىپ تۇڭگان باشلىقلارغا ئاتتى. مىلتىق بىر نەچچە غۇلاچ نېرىسىدا تۇرغان تۇەنجاڭنىڭ يېنىغا چۈشۈپ پارە-پارە بولۇپ كەتتى. تۇڭگان باشلىقلار «خوش-خوش دىگەن پېتى ئارقىچە مېڭىپ چىقىپ كەتتى. تۆمۈر ئېلى بىر ئاز دېمىنى باسقاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ: قېنى «ماڭا دۇئا بېرىڭىزلەر، ئوزەم بېرىپ كەلمىسەم بولمايدۇ» دېدى. بۇ چاغدا ئاتىسى ئەھمەت ھاجى: سىز بارماڭ، باشقىلار بارسۇن دەپ ئالدىغا ئۆتۈپ توسۇۋالدى. تېخى ئاچچىغى بېسىلمىغان تۆمۈر ئېلى «ياق ئوزەم بارىمەن، ئەجىلىم توشقان بولسا، كالىنىڭ مۇڭگۈرىگە كىرىۋالساممۇ بەرىبىر ئۆلىمەن. ئەجىلىم توشمىغان بولسا ئۆلمەيمەن» دىدىدە باغدىن چىقىپ ماشنىغا ئولتۈرۈپ ماڭماقچى بولدى. دەرۋازا ئالدىدىكى ماشنا ئوت ئالماي بىر دەم ھايال بولدى. باغدىكى ئەسكەرلەرنى قىچقىرىپ چىقىپ ماشنىنى ئالدى-كەينىگە ئىتتىرىپ ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن يۈرۈپ كەتتى.
     تۆمۈر سىجاڭ لەڭگەرگە بارسا، ھامۇتخاننىڭ قوشۇنلىرى ئۇرۇش تەييارلىغىدا تۇرۇپتۇ. قىرغىزلارنىڭ قارسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. تۆمۈر ئېلى يىراقلارغا دۇربۇن تارتىپ بىر قۇر كۆزىتىپ، يېقىن ئارىدا ئوسمان سىجاڭنىڭ ئادەملىرى يوقلىغىنى كۆرگەندىن كېيىن، ھامۇتخانغا بىر مۇنچە يوليورۇقلارنى كۆرسىتىپ ماشىنا بىلەن شەھەرگە قايتىدۇ. ئەتىگەن سائەت 10 بولغان چاغدا ماشىنا بىلەن لەڭگەردىن چىقىپ توغراق مازار دىگەن يەرگە كەلگەندە تۇڭگان قوشۇنلىرى شۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن ئىكەن. تۆمۈر سىجاڭ ماشىنا بىلەن كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرگەن 200 ئاتلىقتىن جىقراق تۇڭگان ئەسكىرى يولنىڭ ئىككى چېتىگە بۆلۈنۈپ كاناي چېلىپ قارشى ئالىدۇ. ماشىنا بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. تەخمىنەن 200 مېتىر ئۇزاپ چىققان تۆمۈر سىجاڭ شوپۇرغا ماشىناڭنى توختات، ئارقىغا ياندۇر. مېنىڭ تۇڭگانلارغا سۆزلەيدىغان سۆزۈم بار دەپ ماشىنىنى ئارقىغا قايتۇرۇپ، تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا بېرىپ توختاپ ماشىنىدىن چۈشىدۇ. تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىقلىرى سىلىڭنى ھۆرمەتلەپ ئالدىغا توپلىنىدۇ. ئەتىگەن باغدىكى ئاچچىغىنى داۋاملاشتۇرغان تۆمۈر سىلىڭ ئۇلارغا يەنىلا قاتتىق گەپ قىلىدۇ. شۇ پەيتتە ئاتلىق تۇرغان تۇڭگانلاردىن بىرسى مىلتىق پايىنىگىنى كۆتىرىدۇ. بۇنى كۆرۈپ قالغان ئابلا داموللا بىلەن شاكىر قازاق ئىككىسى تۇڭگانلارنىڭ پەيلى بۇزۇلغانلىغىنى سېزىپ دەرھال تەرەت سۇندۇرۇش بانسى بىلەن يولنىڭ چېتىدىكى قوناقلىققا چىقىپ تۇرۇشىغا پاراس-پۇرۇس ئوق چىقىدۇ. بۇ ئىككىسى قوناقلىق بىلەن قېچىپ قۇتۇلىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ، زاكىر قازاق، ئىمىن پالۋان، ئىبراھىم قارى، شوپۇر ساۋۇت ئاخۇن (خوتەنلىك) بەش كىشى شۇ يەردە ئۆلتۈرۈلىدۇ. تۇڭگانلار تۆمۈر سىجاڭنىڭ بېشىنى كېسىپ لاتىغا چىگىپ ئىگەرنىڭ يېنىغا ئېسىپ، ئات چاپتۇرغان پېتى ئوق ئېتىپ شەھەرگە بېسىپ كىرىدۇ. شەھەردە توختى يىڭجاڭنىڭ دەرۋازىلارغا قارايدىغان ۋە ۋالى مەھكىمىسىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئاز سانلىق ئەسكەرلەردىن باشقا ئەسكەر يوق ئىدى. شۇڭا تۇڭگان قىسىملىرى شەھەرنى ئوڭۇشلۇق بېسىۋالدى.
     شۇ كۈنلەردە ئاففانلار يەركەنگە ھۇجۇم قىلدى دىگەن گەپ پەيدا بولۇپ، سېتۋالدىجاننىڭ ئۆزبېك پولكى يەركەن تەرەپكە كەتكەن ئىدى. تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئانىسى ۋە خوتۇن بالىلىرى، ھەمدەم بەگ ھاجى ۋە ئەھمەتخان لۇيجاڭ قاتارلىقلارنىڭ بالا-چاقىلىرى 70 ھارۋىدا پەيزىۋاتقا يېتىپ كەلگەن بولغاچقا، ھەمدەم بەگ ھاجى پۈتۈن ئەسكىرى بىلەن پەيزىۋاتقا كەتكەن ئىدى. ھامۇتخان لۇيجاڭ لەڭگەردە. شۇڭا تۇڭگان ئەسكەرلىرى قارشىلىقسىز كونىشەرنى ئىشغال قىلىپ، غەزنىدىكى نەچچە توننا ئالتۇن-تىللالارنى ۋە تۆمۈر ئېلىنىڭ خۇسۇسى مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ يېڭىشەرگە يۆتكەپ كەتتى.
     تۆمۈر سىجاڭ ئۆلۈپ 3-كۈنىسى پەيزىۋات تەرەپتىن ھەمدەم بەگ ھاجى، توختى يىڭجاڭ، ھامۇتخان لۇيجاڭ قاتارلىقلار قەشقەر كونىشەرگە ھۇجۇم قىلدى. يەركەن تەرەپتىن سېتىۋالدىجان پولكى، يېڭىساردىكى ئەھمەتخان لۇيجاڭلار كېلىپ قەشقەر يېڭىشەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئوسمان سىجاڭمۇ تاغدىن قايتىپ كېلىپ تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىلەن سوقۇش قىلدى. ئۇرۇش قاتتىق بولدى. كونشەر قانچە قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا، بىر قانچە قېتىم تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. بولۇپمۇ سېتۋالدىجاننىڭ ئوزبېك پولكى غەيرەت بىلەن جەڭ قىلدى. يۇڭ تايلىرىنى دومۇلىتىپ كونىشەر ياۋاغ دەرۋازىسىغا يېقىنلاپ ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى قولغا كىرگۈزدى. بىر قېتىم تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ شەھەر ئىچىدە ئۆزبېك پولكى ئېغىر تەلپاتقا ئۇچرىدى.
     تۆمۈر سىجاڭنىڭ ۋاقتىدا تاماققا ئېلىنغان ساۋۇت داموللا ۋە شامەنسۇر قاتارلىقلار قاماقتىن بوشىنىپ چىقىپ، ئاساسەن ئۆزبېك پولكىغا يوللۇنۇپ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ھۆكۈمىتى قۇردى. بۇ ۋەقە 1933-يىلنىڭ 11-ئاي ئىچىدە بولغان. (بۇ توغرىدا ئايرىم توختىلىمىز)

2008/3/16 16:16
8 Ghunche [align=justify]

(10)


[align=justify]

[align=justify]    1933-يىلنىڭ كۈز ئايلىرىدا خۇجا نىياز ھاجى قارا شەھەر تەرەپتىن چېكىنىپ ئاقسۇغا كەلگەن ئىدى. خۇجا نىياز ھاجى جەنۇبىي شىنجاڭ بوۋى زۇڭلسىلىڭ (قوغداش باش قوماندانى) ئۈنۋانى بىلەن ئاقسۇغا كەلگەندە، مەھمۇت سىجاڭ، سالىھ لۇيجاڭ، سەمەت ھاجى لۇيجاڭ، ئاقسۇدىكى باي سىجاڭ (ئەسلى ئىسمى بايىز) غۇپۇر تۇەنجاڭ ۋە باشقىلار بىللە ئىدى. قەشقەردىكى تۆمۈر سىجاڭ قىسىملىرىدىن ھامۇتخان لۇيجاڭ، ھەمدەم بەگ ھاجى، ھاپىز لۇيجاڭ ۋە باشقىلار خۇجانىياز ھاجىغا سالام بېرىش ئۈچۈن ئاقسۇغا كەلدى. ھامۇتخان لۇيجاڭنى خۇجانىياز ھاجى ئۆز يېنىدا تۇرىدىغان مۇھاپىزەتچى بىرىگادىسى قىلىپ قوبۇل قىلدى. ئاقسۇغا يەنە خوتەن قوشۇنلىرى كەلدى. بۇلار ئىنتايىن زور كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان مافۇيۇەن قىسىملىرىغا قارشى ئۇرۇش تەييارلىغى كۆرەتتى.
    ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىدىن ئاقسۇدا ئايرۇدۇرۇم ياساش بۇيرۇغى كەلگەن ئىكەن. ئاقسۇدىكى يېڭشەرنىڭ شەرقىي جەنۇبى تەرىپىدىكى يارداڭنىڭ ئۈستىدىكى تۈزلەڭگە ئىستانسا تۈزلەش ئۈچۈن، خۇجانىياز ھاجى پۈتۈن قوشۇنغا بۇيرۇق چۈشۈردى. پۈتۈن ئاتلىق قىسىملار بۇ يەرگە توپلىنىپ بىر كۈن مەيدان چىڭدىدى. شۇ ۋاقىتتا ئاقسۇغا توپلانغان ئەسكەرلەرنىڭ كۆپلىگى نامايەن بولغان ئىدى.
    شۇ كۈنلەردە سوۋېت ئىتتىپاقى قاراقول ئارقىلىق خۇجانىياز ھاجىغا قورال-ياراق يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ قورال، ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن دوگۋور بويىچە كەلدىمۇ ياكى خۇجانىياز ھاجى ئاقسۇدا ئۆز ئالدىغا دوگۋور تۈزۈپ ئالدۇرغانمۇ، بۇ جەھەتتە ماڭا مەلۇم ئەمەس. بەزىلەر 200 تۆگە دەيدۇ. ھەر ھالد ساندۇقلارغا قاچىلانغان بەش ئاتار پىلىمۇت بىر نەچچە دانە چاقىلىق پىلىمۇت كەلگەن ئىدى. پىلىمۇت ئېتىشنى قۇمۇللۇق ئەسكەرلەرگە ئۆگەتتى. مىلتىقلار ھەر قايسى قىسىملارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. بىر شۇ خوتەن قىسىملىرى مىلتىق ئالمىدى. خوتەنلىكلەر بىزگە چوماق بولسا بولدى دەپ قورال ئالماپتۇ دەيدىغان گەپ تارقالغان ئىدى.
    مافۇيۇەن قىسىملىرى كۇچاردىن ئاقسۇ تەرەپكە كېلىۋاتىدۇ دىگەن خەۋەر كەلدى. خۇجانىياز ھاجى پۈتۈن قىسىملارنى قارا يۇلغۇنغا بېرىپ توساپ جەڭ قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. خۇجانىياز ھاجى، مەھمۇت سىجاڭ، باي سىجاڭ قاتارلىق ھەممە باشلىقلار ئۆزلىرى بىۋاستە قوماندانلىق قىلدى. بۇلار قىسملار بويىچە ھەر قايسى ئىگىزلىكلەرنى ئىگەللەپ دۇشمەننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ياتتى. خوتەن قىسىملىرى يول بويىدا يۇلغۇنلۇقلارغا مۆكۈنۇپ ياتتى. مافۇيۇەن قىسىملىرىنىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ماڭىدىغان قىسىملىرى 8-10 ماشىنىدا تاغ ئىچىدىن چىقىپ كەڭ ئېقىن ئىچىدە كېلىۋېتىپ يۇلغۇنلۇقلارغا كەلگەندە خوتەنلىكلەر تويۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ چوماقلاپ تۇڭگان قىسىملىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. كېيىن تۇڭگانلار ئۆزىنى ئوڭشۋېلىپ چوماقچى قوشۇننى مىلتىق بىلەن ئېتىپ خوتەنلىكلەرمۇ جىق زىيانغا ئۇچراتتى. ئارىلاشما جەڭ بولغانلىقتىن ھەر قايسى ئېگىزلىكلەردە تۇرغان ئەسكەرلەر ئوق ئېتىپ خوتەنلىكلەرگە ياردەم بېرىشكە ئامالسىز قالدى. بۇ ئارىلىقتا تۇڭگانلارنىڭ ئاتلىق قىسىملىرى يېتىپ كېلىپ ئۇرۇش قىلدى.شۇ جەرياندا باي سىجاڭغا ئوق تېگىپ قۇربان بولدى. بۇ خەۋەر خۇجا نىياز ھاجىغا يەتكەندىن كېيىن ھاجى بىر بۇيرۇق بىلەن چېكىندى. ئاڭلانغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىمقى چېكىنىشكە ئۆز ئورنىدىن قورقۇنچە پەيدا بولۇپ ئاجايىپلا سەت قاچ-قاچ بولغان ئىدى.
    خۇجانىياز ھاجى ئاقسۇغا كېلىپ بىر نەچچە سائەت تۇرمايلا ئۇچتۇرپانغا ئوتۇپ كەتتى. بۇنىڭ ئارقىسىدىن مەھمۇت سىجاڭ ۋە باشقا قىسىملارمۇ ئۇچتۇرپانغا بېرىپ قاقشال يولى بىلەن قەشقەر تەرەپكە كەتتى. بىزمۇ ئەتىسى ئۇچتۇرپانغا يېتىپ بارساق خۇجانىياز ھاجى ئاللىقاچان تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىكەن. مەھمۇت سىجاڭ ھەممىنىڭ ئارقىدىن ماڭدى. بىز بىلەن خوشلاشقىلى كەلگەندە مەن 1-قېتىم مەھمۇت سىجاڭنى كۆرگەن ئىدىم.
     خۇجانىياز ھاجى قاقشال يولىدا كېتىۋاتقاندا قىرغىزلاردىن قۇلبەگ دىگەن كىشى كېچىسى ئوق چىقىرىپ خۇجانىياز ھاجى بىللە ئېلىپ كېتىۋاتقان تۆگىلەردىكى قوراللارنى تارتىۋالماقچى بولغان بىر ۋەقەمۇ بار. خۇجا نىياز ھاجى كەتكەندىن كېيىن، ياقۇپ پۈگەن (شىنخۇالىق) دىگەن بىر كىشى قارا يۇلغۇندىكى قاچ-قاچتىن ئاقسۇ ئايكۆلگە بىرلەپ-ئىككىلەپ كەلگەن ئەسكەرلەرنى توپلاپ 50 تەك ئەسكەر جەملەپ مافۇيۈەن قىسىملىرىنى توساپ قەشقەرگە ماڭغىلى قويمىدى. چوڭ يول بىلەن ماڭاي دىسە، ئاقسۇ دەرياسىدىن ئۆتكۈزمىدى. ئۇچتۇرپان يولى بىلەن ماڭاي دىسە، ياقۇپ پۈگەن ئايكۆلدىن ئۇتتۇرلاپ ئۇچتۇرپانغا ئۆتۈپ توستى. شۇنداق قىلىپ مافۇيۈەن قىسىملىرىنى بىر ئايدىن ئارتۇق ئاقسۇدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ياقۇپ پۈگەن ئۆزىنى تۈەنجاڭ (پولكوۋنىك) دەپ ئاتاپ ئۇچتۇرپاننى ئىشغال قىلىپ بىرەر ئاي بولسىمۇ ئۇچتۇرپانغا ھەم شەنجاڭ، ھەم تۈەنجاڭ بولدى. ياقۇپ تۈەنجاڭ ئۇچتۇرپاندا تۇرغاندا بىر تەرەپتىن تۇڭگان قىسىملىرى ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن قىرغىز قۇلبەكمۇ ئۇچتۇرپانغا ھۇجۇم قىلدى. ياقۇپ تۈەنجاڭ ئاز ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئىككى تەرەپتىن بولغان ھۇجۇمغا تەڭ كېلەلمەي چوڭ يول بىلەن قەشقەر تەرەپكە كەتتى. بۇ ئادەم كېيىنكى ۋاقىتتا مەھمۇت سىجاڭنىڭ قول ئاستىدا ياقۇپ تۈەنفۇ (ئورۇنباسار پولكوۋنىك) دىگەن كىشى شۇ بولسا كېرەك.

[align=justify]

2008/3/16 16:19
9 Ghunche

(11)



[align=justify]
     1934-يىلنىڭ ئەتىيازلىغى 2-،3-ئايلاردا ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى ئۈرۈمچىدىن چېكىنىپ چوڭ يول بىلەن قەشقەر تەرەپكە ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانلارغا سوۋېت قىزىل ئارميىسى پەيدا بولدى. بۇ ئارمىيە شىڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن توختامغا ئاساسەن كەلگەن ئىدى.
      خۇجانىياز ھاجى قاخشال بىلەن قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن پۈتۈن كۈچىنى توپلاپ قەشقەر يېڭىشەرگە ھۇجۇم قوزغاپ ماجەنچاڭ قىسىملىرىنى بىر مەزگىل قامال قىلدى. شۇ چاغدا ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرى قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ خۇجا نىياز ھاجى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغاندا جۇجا نىياز ھاجى تەرەپ يېڭىلىپ قەشقەر ئاغۇ تاغلىرىغا چېكىنگەن. ھاجى ئەركاشتام سوۋېت چېگرسىگە چېكىنىپ بېرىپ بىرەر ئاي تۇرغاندىن كېيىن تاغ يولى بىلەن يەركەنگە ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن تارىم دەرياسىنى بويلاپ شاقۇردىكى قاچ-قاچلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاقسۇغا قايتىپ كېلىپ زۇڭسىلىڭ (باش قوماندان) ھەم ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ تۇردى.
     ماجۇڭيىڭ ئۆزى قەشقەردە تۇرغان مەزگىلىدە بولۇپمۇ ئۆزبېك قىسىملىرىنىڭ بىر قانچە قېتىم قاتتىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ زەربە يىگەندىن كېيىن ئۇچرىغان زىيانلىرىنى قەشقەر پۇقرالىرىدىن ئالماقچى بولۇپ قەشقەردە بىر دەھشەتلىك قىرغىن يۈرگۈزدى. بەختكە يارىشا ماجۇڭيىڭ قەشقەردە ئۇزۇن تۇرالمىدى.ئۆزى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىشكە مەجبۇر بولدى. قالغان قالدۇق قىسىملىرى خوتەنگە چېكىنىپ شۇ يەردە جەم بولدى. ماخۇسەن باشچىلىغىدا خوتەندە تۇرغان ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى تاكى 37-يىلى بىتچىت بولغانغا قەدەر خوتەن خەلقىغە زۇلۇم سېلىپ زار-زار قاخشاتتى. 
     1934- يىلنىڭ كۈر ئايلىرى خۇجا نىياز ھاجى مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۆزى 3-4 ماشنىدا 70-80 دەك ئادەم بىلەن ئالدىن كەلدى. مۇھاپىزەتچى قىسىمى بولغان ھامۇتخان لۇيجاڭ 200 دىن ئارتۇق ئاتلىق ئەسكەر بىلەن كۈر ئايلىرىدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. خۇجا نىياز ھاجىنىڭ تۇرغان يېرى ھازىرقى 2-دوختۇرخاننىڭ قارشىدىكى بىر ئىمارەتتە ئىدى. ھامۇتخان لۇيجاڭمۇ بېقىندىكى بىر سارايدا تۇردى.
      ھاجى مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ كەلگەن بىلەن، ئۇنىڭ ھىچقانداق مەمۇرىي ھوقۇقى بولمىغانلىقتىن ئۈرۈمچىدە كۆرۈنمەي قالدى. پۈتۈن ھەربى-مەمۇرى ھوقۇق شىڭ شىسەينىڭ قولىدا. خۇجا نىياز ھاجىنىڭ ئەسكەرلىرىگە پۇرچاق ئۇنى بېرىپ تۇرمۇشتىن زارلاتتى. شۇڭا ئەسكەرلەر ئىچىدە قاچىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەردى. خۇجا نىياز ھاجىمۇ باشقا ھىچقانداق ئىشقا قىزىقماستىن شاخمات ئوينايدىغان بولۇۋالدى. كېيىنچە ھۆكۈمەت ئىشنى قايرىپ قويۇپ تىجارەت يۈرگۈزدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 10 دەك ماشنا ئالدۇرۇپ يۇڭ-پاختا تىجارىتى قىلدى.
     ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەجلىسلىرىگە قاتنىشىپ تۇردى. دوبەن مەھكىمىسىنىڭ زىياپەتلىرىگە قاتناشتى، بىر كۈنى خۇجا نىياز ھاجى شىڭ شىسەي، لىيۇجۇشى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆز مىھمانخانىسىغا زىياپەتكە چاقىرىدى. چاقىرىغانلار ئالدى-كېيىن بولسىمۇ كېلىپ زىياپەتكە قاتناشتى. شىڭ شىسەي كېلىشتىن بۇرۇن 100 نەپەر ئاتلىق ئەسكەر ئەۋەتىپ خۇجا نىياز ھاجىنىڭ ئوردىسىنى تولۇق مۇھاسىرە قىلىپ ئۆگزىلەرگە پىلىمۇتلار ئورناتتى. بۇ ئىشلار تەق قىلىنغاندىن كېيىن، شىڭ ئۆزى 40 ئاتلىق مۇھاپىزەتچى بىلەن كېلىپ زىياپەت زالىغا كىردى. شىڭ شىسەينىڭ كۆزلىرى چوڭ، پال-پۇل قىلىدىغان (مەن بىرىنچى قېتىم شۇ يەردە كۆرگەن ئىدىم) ئېھتىياتچان، سۈرلۈك ئادەم ئىدى. ئۇ كىرىپلا رەھمەت ئېتىپ نەچچە تال شوكىلات ۋە كەمپۇتلەرنى ئېلىپلا ئالدىراپ قايتىپ كەتتى. قىسقىسى 5 مىنۇتمۇ تەخىر بولمىدى. مۇشۇ ئەھۋالغا قارىغاندا شىڭ شىسەيدە خۇجانىياز ھاجىغا نىسبەتەن دوستلۇق ياكى زەررىچە ئىشەنچىنىڭ بولمىغانلىغىنى كۆرگىلى بولاتتى........



[align=justify]                      مەنبە: شىنجاڭ تارىخ ماتېرىيالىرى 4- سان

[align=justify]                         1981- يىل 8- ئاي 1- نەشرى

2008/3/16 16:27
10 togrfk يۇقارقى ماتىريال ئارقىلىق كاللامدا زىدىيەتلىك تۈگۈن بۇلۇپ تۇرىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى چۈشىنۋالدىم . بۇ قېرىندىىشمىزغا كۆپ ئەجىرلەر بولغاي.!!!! 2009/2/9 19:11
 جەمئىي باھا 11  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/2  |<  <<   1 2   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009