يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچ...
يوللىغۇچى Ghunche   كۆرۈش 10915   يوللانغان ۋاقتى 2008/3/11 01:06  ||مۇنبەردە كۆرۈش||

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى

A Brief History Of Orhun Uyghur Kahghanate

 

[align=justify]

بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ  ماقۇللىغىنى ئالغاندىن كېيىن تورغا يوللاندى


ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق


 ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

[align=justify] 
       ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق 1963- يىلى 12- ئايدا باي ناھىيىسىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1981- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكولتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىق كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان. 1986- يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆز فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان. 1988- يىلى 9- ئايدىن 1994- يىلى 7- ئايغىچە غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئارخېئولوگىيە كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان.
       ئاپتور ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى جەھەتت «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەت تەتقىقاتى» ، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ، «شىنجاڭ تەزكىرچىلىكى» قاتارلىق ئىلمىي ژورناللاردا «ئورخۇن خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا ئىزدىنىش» ، «ئۇيغۇرلاردىكى ئۆرۈمە چاچ قويۇش ئادىتىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا» ، «شىنجاڭدىن تېپىلغان مىس داڭقان (قازان) ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە» ، «يۇرتىمىزنىڭ مەدەنىيەت دەۋرى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە» ، «تەرەققىي قىلىۋاتقان پەن- ئارخېئولوگىيە» ، «غەربىي يۇرتتا ياشىغان قەدىمكى قوۋملارنىڭ جەسەتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش ئادىتى توغرىسىدا» قاتارلىق 40 پارچىگە يېقىن ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى پارچىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنەۋۋەر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بويىچە 2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بىر پارچىسى ئاپتونۇم رايونلۇق 3- نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي پەن مۇنەۋۋەرلەر ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
     مەزكۈر ئەسەر ئاپتورنىڭ تۇنجى يىرىك ئىلمىي ئەسىرىدۇر.
     ئاپتور ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتونىڭ دوتسېنتى، شىنجاڭ مىللەتلىرى تارىخى تەتقىقاتى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت يىتەكچىسى، تارىخ فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.



 كىرىش سۆز


[align=justify]      ئۇيغۇرلار ــــ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى مىللەتلەر ئىچىدە تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقى، ئاپرىدە قىلغان مەدەنىيىتىنىڭ شانلىقلىقى، تارقىلىپ ياشىغان جايلىرىنىڭ كەڭرىلىكى جەھەتتە ئالاھىدە رەڭدارلىققا ۋە جەلپكارلىققا ئىگە بىر تۈركىي تىللىق مىللەت. ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرياللار ۋە ھەر خىل تىللاردا يېزىلغان قەدىمكى يازما ماتېرياللارنىڭ ئىسپاتلاپ بېرىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى قەدەمدە ھازىرقى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى، تاشقى موڭغۇلىيە، خېشى ۋادىسى، يەنە سۇ ۋادىسى، چۈ ۋادىسى، تالاس دەرياسى، سىر دەرياسى ۋادىسى ۋە پەرغانە ئويمانلىقى قاتارلىق كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا تارقىلىپ ياشىغان. قەدىمدە شەرق ۋە غەرپتىكى ھەر قايسى ئەل ۋە مىللەتلەرنىڭ يازما خاتىرلىرىدا ئۇلارنىڭ ناملىرى ھەر خىل ئاتىلىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نامىنى يىراق دەۋرلەردىن باشلاپلا ئىزچىل ھالدا «ئۇيغۇر» دەپ ئاتاپ كەلگەن.
      ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى 7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان تارىخىي دەۋرلەردە ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇپ چىققان بىر قۇدرەتلىك خانلىق بولۇپ، ئۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ چىقىش جەريانىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
       ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي تارىخىدا غايەت زور تەرەققىياتلار ۋە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بۇ دەۋرلەردە موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى تەڭرىتېغىنىڭ ئىتەكلىرىگىچە بولغان جايلاردىكى نۇرغۇنلىغان قېرىنداش تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئەسلىدىكى قانداشلىق، ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، زىمىن- تېررىتوررىيە ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئورتاق ھاكىمىيەت ئاستىغا قويۇشۇپ، «ئۇيغۇر» دېگەن ئورتاق مىللەت نامىنى ئۆز نامى قىلدى. قوشنا ئەل ۋە مىللەتلەر بولسا بەزىدە ئۇلارنى يەنىلا ئەسلىدىكى يۈكسەك ئىتتىپاقىنىڭ نامىدا «ئون ئۇيغۇر» ياكى «توققۇز ئوغۇز» دەپ ئاتاپ كەلدى.
      ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئۆز سەلتەنەتىنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىلىرىدىن كېيىن نەچچە ئەۋلاد دانا قاغانلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە قوشنا ئەللەر بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا، گەرچە سىياسىي ھاكىمىيەت تەركىبىلىرىدە ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ قالدۇقلىرىنى يەنىلا ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە يۈكسەك تەرەققىي قىلىپ، مۇكەممەل فېئوداللىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەينى دەۋرىدە خانلىق ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسىمى چارۋىچىلىق بولسىمۇ، دېھقانچىلىق، قول ھۇنەرۋەنچىلىك، سودا، بىناكارلىق قاتارلىقلارمۇ خېلىلا تەرەققىي قىلدى. 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن بىر ئىلاھلىق مانى دىنىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدئولوگىيىسىدە زور بۇرۇلۇش ياساپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت ئىشلىرىدا زور مۇۋاپپىقىيەتلەر يارىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغىمۇ مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. تارىخنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئورخۇن ئۇيغۇن خانلىقىنىڭ شانلىق تارىخىغا گۇھاچى بولۇپ كېلىۋاتقان ئورخۇن – ينسەي مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى، تۇرپان، دۇنخۇاڭلاردىن تېپىلغان تۈركچە، ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر، ئوردۇبالق قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، تۇۋادىكى قەدىمكى شەھەرلەر خارابىسى، بالاساغۇن قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، بېشبالىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسى قاتارلىق يادىكارلىقلار ۋە خارابە- ئىزلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي- ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلەر يارىتىلغانلىقىنى، ئەينى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە تەرەققىياتىغا، مەدەنىيەت خەزنىسىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە يارىتىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ كېيىنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
      مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل مەزكۈر خانلىقنىڭ تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەنىدىم. ئاخىرى بۈگۈنگە كەلگەندە مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەم ئۆزۈمنىڭ ئىزدەنگەنلىرىم ئاساسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ 7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان تارىخىغا بېغىشلانغان «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقتى.
      ئېنىقكى، مەزكۈر ئەسەر ھەرگىزمۇ ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ (ياكى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ) ئومۇمىي تارىخى ئەمەس. بەلكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خان دەۋر تارىخى. شۇ سەۋەبلك مەزكۈر ئەسەر مەزمۇن جەھەتتىن يەتتە باپقا بۆلۈندى:
     1- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ تارىخىي ماتېريالشۇناسلىق ئاساسلىرى كۆرسىتىلىپ بېرىلدى؛

[align=justify]     2- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە گۈللىنىشىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛

[align=justify]     3- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇلۇشىغا دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛

[align=justify]    4- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە زېمىن دائىرىسىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛

[align=justify]    5- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەبىلىلىرى، نوپۇسى ۋە ئىرقىي ئالاھىدىلىكىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛

[align=justify]    6- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان سىياسىي- ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىلىملىرىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛

[align=justify]    7- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛ ئەڭ ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلىپ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قاغانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار يىلنامىسى بېرىلدى.
    تارىخشۇناسلارغا ئايان بولغىنىدەك، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى شانلىق سەھىپە، شۇنداقلا بىر قەدەر مۈشكۈل تەتقىقات تېمىسى، شۇڭا ئىگەللىگەن ماتېرياللىرىمنىڭ تولۇق بولماسلىقى، سەۋەيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلۇمنىڭ ئانچە ئەتىراپلىق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن مەزكۈر ئەسىرىمدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىنى تولۇق يۇرۇتۇپ بېرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن ئۇستازلارنىڭ، كەسپداشلارنىڭ ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ھەقتە قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا مەزكۈر ئەسىرىمنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ۋە نەشىر قىلىنىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن، مېنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىگەن ئۇستازلىرىمغا، كەسپداشلىرىمغا، دوست- بۇرادەرلىرىمگە چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

[align=justify]

                                            ئەھمەت سۇلايمان قۇتلۇق
                                          2003- يىلى دىكابىر، ئۈرۈمچى





[align=justify]

       1- باب ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ تارىخىي ماتېريالشۇناسلىق ئاساسلىرى

[align=justify] 

     
  تەتقىقات چۇقۇم مول ماتېرياللار توپلاپ، ماتېرياللارنىڭ خىلمۇ- خىل تەرەققىيات ھالىتىنى ئانالىز قىلىش ھەم ئۇنداق خىلمۇ- خىل ھالەتلەرنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ چىقىش زۆرۈردۇر. 

[align=justify]
                                                                             ـــ ك. ماركس

[align=justify]



[align=justify]      ئۇيغۇلار مەمىلكىتىمىز جۇڭگودىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار تارىختا بىر پۈتۈن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا، شۇنداقلا مەمىلكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرىلىرىدىكى سىياسىي، شۇنداقلا ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە غايەت زور تۆھپە قوشقان. ئۇلار مىلادىيە 7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىمىز جۇڭگونىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىدا كۈچلۈك يەرلىك ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئەينى دەۋرىدىكى مەمىلكىتىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرىسىتىپ كەلگەن. بۇ يەرلىك ھاكىمىيەت تارىختا «توققۇز ئوغۇز دۆلىتى» ، «شىمالىي چۆللۈك ئۇيغۇر خانلىقى» ، «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى» ۋە «توققۇز ئۇيغۇر – ئون ئويغۇر خانلىقى» دېگەندەك ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
       ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مەۋجۇت بولغان 7- 9- ئەسىرلەر دۇنيا ۋە جۇڭگو تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قەدىمكى زامان جەمئىيىتى تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن دەۋرلەر بولۇپ، ئۇ دەۋرلەردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر، جۈملىدىن تاڭ سۇلالىسى (618 – 907- يىللار)، كېيىنكى تۈرك خانلىقى (682 – 745- يىلار)، تىبەت خانلىقى (617 – 847- يىللار)، غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت ۋە مىللەتلەر بىلەن سىياسىي، ئىقتىساد مەدەنىيىتى ئالاقىسى گۈللەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تارىخىي شەجەرلىرى ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ يېزىلغان ئورخۇن – يېنسەي مەڭگۇ تاش يازما يادىكارلىقلىرىدىلا ئەمەس، قوشنا دۆلەت ۋە مىللەت تىل- يېزىقلىرىدىمۇ قەلەمگە ئېلىنىپ، مەخسۇس تەزكىرە- قىسسەلەر سۈپىتىدە خاتىرلىنىپ، بۇلارنىڭ بىر قىسىمى بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار نۆۋەتتە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشىمىز ۋە ئۆگىنىشىمىزنىڭ قىممەتلىك تارىخىي ماتېرياللىرى بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭا، ئاۋال تارىخ ئىلمىنىڭ مۇھىم تەتقىقات يۆلەنچۈكى بولغان تارىخ ماتېريالشۇناسلىق جەھەتتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشتە تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى تارىخىي ماتېرياللار، بولۇپمۇ سېستمىلىق، يېتەرلىك دەللىلەشتىن ئۆتكەن تارىخىي ماتېرىياللارلا تارىخ تەتقىقاتىنىڭ پۇختا ئاساسىنى يارىتىپ بېرلەيدۇ. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئېرىشىپ، ماركىسىزىملىق تارىخىي ماتېريالىزىم ۋە دىئالېكتىكىلىق ماتېريالىزىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئاشۇ تارىخىي ماتېرىياللار ئىچىدىن توغرا خۇلاسىلەرنى چىقىرىش تارىخ تەتقىقاتىدىكى بىردىن- بىر توغرا، ئىلمىي ئۇسۇلدۇر. شۇڭا، ئا. كامالۇۋ ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى ھەر تەرەپلىمە تەتقىق قىلىش، قەدىمكى تۈرك يېزىقلىرى يادىكارلىقلىرىسىز، باشقا تىل يادىكارلىقلىرىسىز، شۇنداقلا ئارخېئولوگىيىلىك ھۆججەتلەرسىز ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس» [1] دەپ ئېيتقىنىدەك، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى ئۇنۋېرسال، مۇكەممەل، ئەتراپلىق ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئورخن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا ئائىت قول ئىپتىدائىي تارىخىي ماتېرىياللارنى، ھۆججەت- ۋەسىقىلەرنى، ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرياللارنى ۋە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا بېغىشلانغان ئاساسلىق تەتقىقات ئەھۋاللىرىنى ئىگلەش تولىمۇ زۆرۈر. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، بىز ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تارىخىي ماتېرىياللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھۆججەت تارىخىي ماتېرياللىرى، ئارخېئولوگىيىلىك تارىخىي ماتېرياللار ۋە تەتقىقات ماتېرىياللىرى دەپ ئۈچ توڭ تۈرگە ئايرىمىز.
      بارلىق ھۆججەت تارىخىي ماتېرىىياللىرىنى ئادەتتە يازما تارىخىي ماتېرياللار ۋە غەيرىي دەۋرداش تارىخىي خاتىرلەرگە بۆلۈنىدۇ. دەۋرداش خاتىرلەر مەلۇم ۋەقە يۈز بەرگەن ئەينى دەۋردە، ئاشۇ دەۋر كىشلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان خاتىرىلەرنى كۆرسىتىدۇ. غەيرىي دەۋرداش خاتىرىلەر مەلۇم ۋەقە يۈز بېرىپ، تارىخىي ۋەقەلەرگە ئايلانغاندىن كېيىن، كېيىنكى دەۋر كىشلىرى تەكشۈرۈپ، ئويلاپ يېزىپ چىققان خاتىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقىسىنىڭ تارىخىي ماتېرياللىق قىممىتى كېيىنكىسىنىڭكىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر ھۆججەت تارىخىي ماتېرىياللىرى ئىچىدە دەۋرداش تارىخىي ماتېرىياللارمۇ، غەيرىي دەۋرداش تارىخىي ماتېرياللارمۇ بار. بىز يەنە پەرقلەندۈرۈش ۋە قوللىنىشتا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن بارلىق تارىخىي ماتېرىياللارنى ئۇلارنىڭ تىل- يېزىق تەۋەلىكى بويىچە قەدىمكى تۈركچە تارىخىي ماتېرىياللار، قەدىمكى ئۇيغۇرچە تارىخىي ماتېرىياللار، خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللار، ئەرەب، پارس تىلى- يېزىقىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تارىخىي ماتېرىياللار دەپ بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ تونۇشتۇرىمىز.



[align=justify]           1.پاراگىراف قەدىمكى تۈركچە تارىخىي ماتېرىياللار

      قەدىمكى تۈرك يېزىقى قەدىمكى زاماندا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەت ۋە قەبىلىلەر تەرىپىدىن قوللىنىلغان بىر خىل ھەم ئېلىپبەلىك، ھەم بوغۇملۇق ئارىلاشما يېزىق بولۇپ، جەمئىي 40 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان. تەخمىنەن 6- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي دەۋرلەردە قەدىمكى كۆكتۈرك خانلىقى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ، يېنسەي قىرغىزلىرى ۋە سىبىريىدىكى قورىقان قاتارلىق بىر قىسىم مىللەتلەر بۇ خىل يېزىقنى ئومۇميۈزلۈك قوللانغان. بۇ يېزىقنىڭ شەكلى شىمالىي ياۋروپادا قەدىمكى گېرمانلار تەرىپىدىن قوللىنىلغان رونىك يېزىقىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە ئۇ كۆپىنچە قەدىمكى تۈرك- رونىك يېزىقى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل يېزىقا يېزىلغان ئاساسلىق يازما يادىكارلىقلار موڭغۇلىيەدىكى ئورخۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن ۋە سىبىريىدكى يېنسەي دەرياسى ۋادىلىرىدىن تېپىلغىنى ئۈچۈن، يەنە ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى دەپمۇ ئاتلىدۇ. يەنە بەزىلەر كۆكتۈرك يېزىقى، ئىسلامىيەتتىن ئاۋالقى يېزىق، سىبىرىيە يېزىقى دەپمۇ ئاتايدۇ [2].
      قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ئورخۇنلار ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر يازما تارىخىي ماتېرياللارغا ئاساسەن موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن تېپىلغان. 7- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 9- ئەسىرنىڭ ئوتتورلىرىغىچە بولغان تارىخىي جەريانلاردا ۋۇجۇتقا كەلگەن بىر قانچە چوڭ مەڭگۈ تاش تارىخىي ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەڭگۈ تاش تارىخىي ماتېرىياللىرى ئادەتتە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىتى، ئىقتىسادى ۋە جۇغراپىيىسى قاتارلىق ئەھۋاللىرىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلاردىكى خاتىرىلەر دەۋر جەھەتتىن ئۇزاق ھەم تەپسىلىي. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خاندانلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر ئەھۋاللارغا تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. بۇلار ئاساسەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارغا قېرىنداش قەبىلىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز تارىخى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدىكى بايانلىرى، ئەدەبىي تەسسۋىرلىرى ئەينى دەۋر يايلاق جەمئىيىتىدىكى ئۇيغۇلارنىڭ چارۋىچلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى بىر قەدەر تولۇق نامايەت قىلىپ بېرەلەيدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقداندا، تۈركچە تارىخىي ماتېرىياللارغا مەنسۇپ بولغان قەدىمكى مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى بىزنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىنى توغرا چۈشىنىشىمىزدە سەل قاراشقا بولمغايدىغان مۇھىم بىر تەرەپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ مەڭگۈ تاش تارىخىي ماتېرياللىرى دەۋرداش ۋە غەيرىي ماتېريلارنى تولۇقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىملىرى تۆۋەندىكىلەر:



1. «تېرخىن مەڭگۈ تېشى»

[align=justify]
     بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1957- يىلى موڭغۇلىيىدىكى ھانگاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تېرخىن دەرياسىغا (چاغاننۇر كۆلىگە يېقىن) يېقىن تاريات سۇمۇلىدىن (مەمۇرىي رايۇن) تېپىلغىنى ئۈچۈن، «تاريات مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. رۇس تۈركولوگى س. گ. كىلياشتۇورنىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، مەڭگۈ تاش يېزىقىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خەنزۇچە مەبەلەردە مويۇنچۇر ياكى بايانچۇر دېيىلىدۇ. مىلادىيە 747- 759- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) نامىدىن يېزىلغان. مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ ئاپتورى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ ئوغلى قۇتلۇق تارقان سەنگۈي (يەنە بىلگە تارقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، ئۇنىڭ نامى خەنزۇچەمەنبەلەردە ئىدىكەن قاغان، بۆگۈ قاغان، تەڭرى قاغان دەپ ئاتالغان. بۇ مەڭگۈ تاش ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر ئەڭ دەسلەپكى يادىكارلىقلار بولۇپ، ئۇ «ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ئەلنى سوراپ تۇرغان يىللاردا 753- 756- يىللىرى تىكلەنگەن» [3]. تاش تېكىستىدە ئاساسلىقى ئەل ئەتمىشنىڭ نامىدىن بۆگۈب قاغان (759- 780- يىللار) دەۋرىگىچە بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا بىلگە تارقاننىڭ نامىدىن دادىسى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ تۆھپىلىرى مەدھىيلەنگەن. قىممەتلنك يېرى شۇكى، بۇنىڭدىن بىر قىسىم مەزمۇنلار باشقا مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ۋە كونا، يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ.



2. «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى»

[align=justify]     بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1909- يىلى موڭغۇلىيەدىكى سېلىنگا دەرياسى ۋە شىنە ئۇسۇ كۆلى بويىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن ، يەنە «شىنە ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان دەپ ئاتالغان مويۇنچۇر قاغان (747- 759- يىللىق) نىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن ئورنىتىلغان يەنە بىر يادىكارلىق. مويۇنچۇر ئەسلىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى كۆل بىلگە قاغان (742- 747- يىللار) نىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى تۇريان ئىدى [4]. مەنبەلەردە يەنە ئەل بىلگە يابغۇ ۋە قارا قاغان دەپمۇ ئاتالغان. مەڭگۈ تاشقا جەمئىي 50 قۇر خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مويۇنچۇر قاغان نامىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى دەسلەپكى تارىخى، ئۇنىڭ دادىسىغا ياردەملىشىپ كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارىشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى، كېيىن قارلۇق، توققۇز تاتار باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەرگە ئېلىپ بارغان جازا ئۇرۇشلىرى، تاڭ سۇلالىسىگە قىلغان يۈرۈشلىرى، تابغاچ ۋە سوغداقلارغا سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىق شەھىرىنى سالدۇرغانلىقى قاتارلىق تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دا كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە تىلغان ئېلىنمىغان بىر قىسىم ۋەقەلىكلەر خاتىرلەنگەندىن سىرت، يەنە كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە خاتىرلەرگەن بىر قسىم ۋەقەلىكلەر تېخىمۇ كونكىرېت، تېخىمۇ ئېنىق ۋە تېخىمۇ جانلىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.



3. «تەس مەڭگۈ تېشى»

 

[align=justify]
      بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1976- يىلى موڭغۇلىيەدىكى تەس دەرياسىنىڭ سول قىرغىدىكى نوغۇن تولغوي ئىگىزلىكىنىڭ يېنىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، «تەس مەڭگۈ تېشى» دەپ ئاتالغان. «تەس مەڭگۈ تېشى» ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئېغىرراق. ئەڭ مۇھىم بولغان يازما يادىكارلىق. ئۇنىڭدا بۆگۈ قاغان (759- 780- يىللار) ئەجدادى (دادىسى) بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (مويۇنچۇر، 747- 759- يىللار9 دەۋرىگىچە بولغان ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ تارىخى، جۈملىدىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەقدىرى. كۆل بىلگە قاغان ۋە ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان باشچىلىقىدىكى ئۈچىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپا بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا تەس مەڭگۈ تېشىدىكى مەلۇماتلار زور سېلىشتۇرما قىممەتكە ئىگە. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، «تەس مەڭگۈ تېشى» نىڭ ئاپتورى مويۇنچۇر قاغاننىڭ يېقىن تۇققىنى تۈپەك ئالىپ شۇل دېگەن كىشى بولۇپ، مەڭگۈ تاشنى قاغان يېڭىدىن تەختكە چىققان ۋاقىتتا توغرىسى 761- 762- يىللىرى ئورنىتىلغان، دېيىشكە بولىدۇ [5].



4.«توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۇ تېشى»


[align=justify]
      بۇ يادىكارلىقنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «توققۇز ئۇيغۇر ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» دۇر. ئۇ 1899-يىلى موڭغۇلىيەدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان قارا بالغاسۇن شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى سايرام كۆلى بويىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن،«توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» غا قەدىمكى تۈركچە، سوغدىچە ۋە خەنزۇچە ئۈچ خىل يېزىقتا خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەدىمكى تۈركچە تېكىستى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچۇرىغان، پەقەت ئىنتايىن ئاز قىسىمىلا ساقلىنىپ قالغان، سوغدىچە قىسىمىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان بولۇپ، ئانچە كۆپ ساقلىنىپ قالمىغان، پەقەت خەنزۇچە قىسىمىلا مۇكەممەلرەك ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ساقلىنىپ قالغان قسىمى تەخمىنەن 1600خەت ئەتراپىدا كېلىدۇ. «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىغا دائىر يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئومۇمىي تەزكىرە شەكىلىدە يېزىلغان مۇھىم بىر مەڭگۈ تاش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى كۆل بىلگە قاغان (742-747-)يىللار دەۋرىدىن تارتىپ تاكى ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالپ بىلگە قاغان (يەنى ئادالەت قۇچقان قاغان، 808-821-يىللار تەخىتتە ئولتۇرغان) دەۋرىگىچە بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلقىنىڭ تارىخى، ئادالەت قۇچقان قاغاننىڭ خانلىق ھاكىمىيىتىنى ۋە زېمىن تېررىتورىيىسىنى مۇستەھكەملەش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى،بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىنى قوبۇل قىلىش ، جۇڭغا ۋە تارىم ۋادىلىرىغا يۈرۈش قىلىپ، بېشىبالىق، كۇچار قاتارلىق جايلارنى تىبەتلەردىن قايتۇرۇپ ئالغانلىقى مەدھىيىلەنگەن. خەنزۇچە قىسىمدىكى خاتىرىلەرگە ئاسالانغاندا، بۇ يادىكارلىق ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىدا بىرنەچچە ئەۋلات باش ۋەزىرى بولغان ئىل ئۈگەسى تەرىپىدىن تەخمىنەن مىلادىيە 814-يىلى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتۇرى باغا تارقان دېگەن كىشى ئىكەن[6].



5. «سېۋرېي مەڭگۈ تېشى»

 

[align=justify]

[align=justify]      بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىق 1969-يىلى مۇڭغۇلىيەنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن تۇتىشىدىغان سېۋرېي دېگەن يېرىدىن (يەنى ئىدزىنغۇل دەرياسىنىڭ سۈيى قۇيۇلىدىغان گاخون، سوغ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى كۆلنىڭ شەرقىي شىمالىدا) تېپىلغان. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ بىر يۈزىگە يەتتە قۇر سوغدىچە خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇنچىلىققا ئۇچىرىغان بولغاچقا، بەزى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش خېلىلا قىيىن. رۇس تۈركولوگى كىلياشتورنى بۇ يادىكارلىقنىڭ سوغدىچە قىسىمىدىكى «ئۇيغۇر قاغان»،ۋە قەدىمكى تۈركچە قىسىمىدىكى « ئىنگى ياغلاقار» دېگەنگە ئاساسلىنىپ، سېۋرېي مەڭگۈ تېشى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى بۆگۈ قاغان (759-780-يىلار) دەۋرىگە مەنسۇپ، ئۇ بۆگۈ قاغان تاڭ سۇلالىسىدىكى ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپلىڭىنى باستۇرۇپ بولۇپ چاڭئەندىن ئايرىلىپ موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكى دۆلىتىگە قايتىپ كېتىۋېتىپ چېگرىسىغا كەلگەندە ئورناتقان تۆھپە خاتىرە تېشى، دەپ قارايدۇ. بىراق ئېلىمىز تۈركولوگى گېڭ شىمىن قاتارلىقلار بۇ مەڭگۈ تاشنى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىرىنچى قاغانى دانىشمەن قاغان ( 933-يىلىدىن ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىگە مەنسۇپ، دەپ قارايدۇ[7].



6. «سۇدىجىن مەڭگۈ تېشى»

[align=justify]

[align=justify] 
      بۇ يادىكارلىق 1909-يىلى موڭغۇلىيىنىڭ سۇدىجىن (بەزى ماتىرىياللاردا سۇجى دېيىلگەن) دېگەن يېرىدىن تېپىلغان. مەڭگۈ تاشقا جەمئىي 11 قۇر قەدىمكى تۈركچە خەت ئويۇلغان، يادىكارلىق تېكىستىنىڭ قەھرىمانى بويلا قۇتلۇق تارقان ئىسىملىك قىرغىز قەبىلىسىنىڭ فېئودال ئاقسۆڭىكى بولۇپ، يادىكارلىق تېكىستىدە ئۇبنىڭ ئۇيغۇرلار زېمىنىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئىنتايىن باي كىشى ئىكەنلىكى، ئون قوتان چارۋىسى، سانسىزلىغان يىلقىسى بارلىقى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكى ، ھەتتە ئۆزىنىڭ مانى روھانسىغا 100 چاكار ۋە تۇرالغۇ ئۆي بەرگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن. بۇ يادىكارلىقنىڭ تەۋەلىكى ۋە دەۋرى ھەققىدە تۈركولوگ گېڭ شىمىن ئەپەندى ئۇنىڭ 1-ۋە 4- قۇرىدىكى «مەن ئۇيغۇرلار يېرىدىكى ياغلاقار قاغان تۇرشلۇق جايغا كەلدىم»، «مېنىڭ شۆھرىتىم، نامىم كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈنپېتىشقىچە تارالدى» دېگەنلەرگە ئاساسلىنىپ، «بۇ ۋاقىتتا قىرغىزلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ كونا زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ بولغان، خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن بىلىشىىمىزچە بۇ ۋەقە 840-يىلىدىن كېيىن بولغان، شۇڭا بۇ پىكىرنى رۇس ئارخېئولوگى ئا. ن. بېرنىشتاممۇ قوللايدۇ[8]. سۇدىجىن مەڭگۈ تېشىنىڭ ئىگىسى گەرچە قىرغىز دەپ قارالسىمۇ، بىراق قىرغىزلار كېيىنكى ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يادىكارلىقتىكى يايلاق جەمئىيىتىدىكى چارۋىچى فېئوداللارنىڭ ئائىلەر ئىگىلىكى ۋە مانى دىنىنىڭ ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىرگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى بىر قىسىم تارىخىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلارلىقى شۇكى، س. گ. كىلياشتورنى بويا قۇتلۇق يارقان بويلا قۇتلۇق تارخاندۇر. ئۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاغانىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل، دەپ قارايدۇ.



2. پاراگىراف ئۇيغۇرچە تارىخىي ماتېرىياللار

[align=justify]

      قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى – ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئەرەپ يېزىقىنى قوللىنىشتىن ئىلگىرى ئەڭ كەڭ دائىرىدە قوللانغان ھەم نۆۋەتتە ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەت مىراسلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، بۇ خىل يېزىق ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان قەدىمكى سوغدىلارنىڭ سوغدى يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل يېزىق ئەڭ بالدۇر يەتتەسۇ رايونى ۋە بەشبالىق، تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن. 1955- 1956- يىللىرى موڭغۇلىيىىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئوۋسايىمگىن ئۆلكىسىنىڭ تۇرگانسۇم مەمۇرىي رايونىدا قاراشلىق خارائۇس دېگەن يېرىدىن تېپىلغان دۈرگۈت مەڭگۈ تېشىغا سەككىز قۇر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خەت ئۇيۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىلا بۇ خىل يېزىقنى ئىجدا قىلىپ قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ [10]. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى 19 دىن 20 گىچە بولغان بەلگە- ھەرپلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، (بەزىدە دەۋرلەرنىڭ ئىلگىرى- كېيىنلىكى بىلەن ھەرپ سانلىرىدىمۇ پەرقلەر كۆرۈلىدۇ)، بەزى رايونلاردا تاكى 14 – 15- ئەسىرلەرگىچە ئىزچىل قوللىنىپ كېلىنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا يالغۇز ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوللىنىپلا قالماستىن، باشقا تۈركي خەلقلەر، موڭغۇللار ۋە مانجۇلار تەرىپىدىنمۇ قوللىنىلغان. ئۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، تۆمۈرىيلەر ئىمپېرىيىسى ۋە چاغاتاي دەۋرىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنايۋى ئەسىرى (قۇتادغۇ بىلىك) نىڭ ۋىنا نۇسخىسىمۇ دەل مۇشۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن. نۆۋەتتە بىزگە مەلۇم بولغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي مەزمۇندىكى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت تىپىدىكى ئەسەرلەر بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە بىر قىسىم يازما ھۆججەتلەر ۋە تاش پۈتۈكلەرمۇ بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخخنى تەتقىق قىلىشتا بىر قەدەر مۇھىمراقلىرى تۆۋەندىكىلەر:



1. «ئوغۇزنامە»

[align=justify]
      «ئوغۇزنامە» قەدىمكى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان نەسىرىي شەكىلدىكى ئېپۇس، ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە قوليازما نۇسخىسىدىن بىرسىلا بولۇپ، ھازىر فىرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى «پۇقرالار كۈتۈپخانىسى» دا ساقلانماقتا. بۇ قوليازما قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىرماش شەكلى بىلەن يېزىلغان، باش- ئاخىرى كەم، ھەجىمى 21 ۋاراق 42 بەت، ھەر بىر بېتى توققۇز قۇر خەتتىن تەشكىل تاپقان. 1- بەتنىڭ 2- قۇرىدىكى، 5- بەتنىڭ 9- قۇرۇدىكى، 6- بەتنىڭ 4- قۇرۇدىكى «ئۇشبۇ تۈرۇر» دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇقا، قۇرغۇي ۋە قىئاتنىڭ رەسىمى سىزىلغان. «ئوغۇزنامە» نى مەزمۇن جەھەتتىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ. داستاننىڭ بىرىنچى قىسىمىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان دۇنيانىڭ يارىلىشى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر ۋە بەزى قەدىمكى ئۆرپ-ئادەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى مەزمۇنلار ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخنامىلىرىدىن بولغان «جۇنامە. تۈركلەر تەزكىرىسى»، «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. تۈركلەر تەزكىرىسى»، «ۋېينامە.قانقىللار تەزكىرىسى» ۋە «قۇچۇ ئىدىقۇتلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» دا خاتىرلەنگەن تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ، ئۆرپ-ئادىتى ۋە توتېىم ئېتىقادىغا دائىر خاتىرىلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئالىملار «ئوغۇزنامە» گەرچە كېيىنرەك كىتاب بولۇپ تارقالغان (يەنى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە) بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن مىللەتنىڭ مەنبەسى ۋە توتېىم ئېتىقادى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر «ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى» دە خاتىرلەنگەنلىرى بىلەن ئوخشاش. بۇ «ئوغۇزنامە» ئېپوسنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنىڭ قانقىللار دەۋرىدىلا ئېغىز ئەدەبىياتى شەكلى بىلەن خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ [11]، دەپ قارايدۇ. داستاننىڭ ئىككىنچى قىسىمىدا ئاساسلىق ھالدا ئوغۇزخاننىڭ ئۇرۇش پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان. شۈبھىسىزكى، بۇ ۋەقەلىكلەردە مەلۇم دەرىجىدە تارىخىي ۋەقەلىكلەر ئەكس ئېتىلگەن. بۇ قىسىمدا كىشىنى جەلپ قىلىدىغىنى تۈرك – ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نامىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇپ، تىلغا ئېلىنغان دۆلەت ۋە قەبىلىلەر نامى مەلۇم دەرىجىدە ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئەتىراپىدىكى باشقا مىللەتلەرگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ [12]. «ئوغۇزنامە» ئېپوسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى دىنىي مەزمۇندا بولمىغان يازما يادىكارلىقلارنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشتتىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.



2. «بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىغا كىرىشى»

[align=justify]

     نۆۋەتتە گېرمانىيىدە TM276 a ۋە TM276 b دېگەن نومۇر بىلەن ساقلىنىۋاتقان بۇ يادىكارلىق [13] قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىغا دائىر قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەتتۇر. ئۇ جەمئىي ئىككى ۋاراق، 96 قۇر خەت بولۇپ، ھەر بىر ۋارىقىنىڭ ئالدى- كەينىگە 24 قۇردىن خەت يېزىلغان. بۇ يادىكارلىقتا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى بۆگۈ قاغاننىڭ تاڭ سۇلالىسىدىن كەلگەن تۆت نەپەر مانى مۇخلىسى بىلەن ئىككى كېچە- كۈندۈز مۇنازىرلىشىش ئارقىلىق مانى دىنىغا كىرگەنلىكى، مانى دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن يۇقىرى تەبىقىدىكىلەردىن ئاۋام خەلققىچە ھەممەيلەننىڭ ھېسابسىز خوشاللىققا چۆمگەنلىكى، مانى دىنى ئېتىقادى ھەققىدە مەخسۇس قائىدە- تۈزۈملەر چىقىرىلىپ، مەخسۇس مانى دىنى تەرغىباتچىلىرى بەلگىلىگەنلىكى، شۇنداقلا مانى دىنىنى قۇبۇل قىلىشتىن بۇرۇن خانلىقنىڭ قانۇن- تۈزۈملىرىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى، مانى مۇخلىسلىرىنىڭ دەسلەپتە زور بېسىمغا، قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن مانى دىنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشتا «تاڭنامە» ۋە «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دىكى مەنبەلەرنى تولۇقلاشتىكى ئىنتايىن قىمممەتلىك تارىخىي ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، «8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىنى قۇبۇل قىلىشى بىر چوڭ ئىش بولۇپ، ئۇ شەك- شۈبھىسىز ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنى بىلەن بىللە يەنە بىر قەدەر يۇقىرى مەدەنىيەت يېزىقىنىمۇ قۇبۇل قىلغان» [14].


تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 66   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 BIRLIK نۇرغۇن تارىخى بىلىملەرگە ئىگە قىلغانلىغىڭىڭلار ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەسەر ئاپتۇرى قۇتلۇق ئەپەندىگە ، ئاندىن مۇشۇنداق سورۇن بىلەن تەمىن ئەتكەن مۇنبەر باشقۇرچىلىرىغا ، (مىنى ئارقىغا تىزىپ قۇيۇپتۇ دەپ خاپا بووپ قالماڭ يەنە،،،) ئاندىن قالسا ھارماي - تالماي خەت ئۇرۇپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ ،مۇنبەرنى گۈل- غۇنچىغا پۈركىۋېتىدىغان ئەشۇ سۈيۈملۈك بىر جۈپ قولنىڭ ئىگىسى بولغان سىزگە مىڭ مەرتىۋە رەھمەت! 2008/3/16 14:40
2 Ghunche BIRLIK ئەپەندىم، سىزگە رەخمەت، توغرا دەيسىز، بىزنى ياخشى بىلىملەر بىلەن تەمىنلىگەن ئاپتورلار ھەم بىزنى مۇشۇ سورۇن بىلەن تەمىن ئەتكەن مۇنبەر باشقۇرغۇچلىرىنىڭ ياردىمىدە مۇنبەردە كۆزگە كۆرۈندۇق.
مەن مۇشۇ مۇنبەرنى قۇرغان ياۋۇز ئەپەندىمگە ۋە باشقۇرغۇچلارغا ھەم ماڭا مەدەت ۋە ئىلھام بەرگەن بارلىق مۇنبەرداش دوستلارغا رەھمەي ئېيتىمەن.
2008/3/16 15:24
3 Ghunche

3. «شەجەرەئى تۈرك»

[align=justify]

     «شەجەرەئى تۈرك» 17- ئەسىردە ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق تارىخچى ئەبۇلغازى باھادىرخان (1603- 1665- يىللار) تەرىپىدىن مىلادىيە 1663- 1664- يىللىرى يېزىلغان تارىخىي ئەسەر. بۇ ئەسەر جەمئىي توققۇز باپ بولۇپ، 2- بابىدا ئۇيغۇر، قارلۇق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئەسلى يىلتىزى ھەققىدە بىر قىسىم تارىخىي ئۇچۇلار، ئەپسانە- رىۋايەتلەر بار. يەنە ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز،ئوغۇزخان رىۋايىتى دېگەندەك قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ- جۇغراپىيىلىك دائىر قىممەتلىك خاتىرىلەرمۇ بار [15]. بۇ ئەسەر ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا دوساننىڭ «موغۇل تارىخى» ، راشىدىننىڭ «جامىئۇل تاۋارىخ» دېگەن ئەسىرى ۋە «قۇچۇ ئىدىقۇتلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» نىڭ خەنزۇچە تېكىستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

2008/3/16 15:25
4 Ghunche

4. «قۇتادغۇ بىلىك»

[align=justify]

      «قۇتادغۇ بىلىك» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىرىدە ئۆتكەن بۈيۈك مۇتەپەككۈرى، پەيلاسوپى ۋە دانىشمەن شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1069/1070-1018/1019- يىللار) تەرىپىدىن مىلادىيە 1069 – 1070- يىللىىر تۈرك تىلىدا (يەنى ئۇيغۇر تىلىدا) يېزىلغان دىداكتىك شېئىرىي داستان [16]. ئاپتور بۇ ئەسەرنى يېزىپ تاماملىغاندىن ئەينى دەۋرىدىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. ئەسەر جەمئىي 85 باپ، 13920 مىسرا، ئىككى مۇقەددىمە ۋە ئۈچ قوشۇمچە باياندىن تەركىپ تاپقان. ئالدىنقى 11- بابىدا ئاللاغا، پەيغەمبەرگە، تۆت ساھابەگە ۋە ئۇلۇغ بۇغرا خانغا ئوقۇلغان مەدىھىيلەر، بىلىم، بىل ۋە پەزىلەت ھەققىدىكى بايانلار ھەم مۇئەللىپنىڭ بايانى، كىتابنىڭ نامى ۋە مەنىسى ھەققىدىكى بايانلار بېرىلگەن. 12- بابىدىن باشلاپ مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيىسىنى ئادالەت سىموۋولى كۈنتۇغدى ئېلىگ (ھۆكۈمدار)، بەخت- سائادەت سىموۋولى ئايتولدى (ۋەزىر)، ئەقىل- پاراسەت سىموۋولى ئۆگدۈلمىش (ۋەزىرنىڭ ئوغلى)، قانائەت سىمۋولى ئۇدغۇرمىش (زاھىت) ئارىسىدىكى دىراملىق سۆھبەتكە سىڭدۈرۈپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى قانۇن، بىلىم ۋە ئەخلاق- پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى غايىۋى قاراشلىرىنى بايان قىلغان. ئەسەرنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان، يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنيىتىنىڭ ئۇچرىشىش ئالاھىدىلىكلىرى، ئەرەپ ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەسەر يالغۇز ئەدەبىي ئەسەر بولۇپلا قالماي، بەلكى تارىخ ھەم پەلسەپە رېئال ھاياتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن سىستېمىلىق بىر ئىلىمىي ئەسەردۇر [17]. شۇڭا، «قۇتادغۇ بىلىك» ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ قەدىمكى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ (ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ) پەلسەپە، قانۇن (ھوقۇق)، ئەخلاق، تەلىم- تەربىيە، دىنىي ئېتىقاد، دۇنيا قاراش ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئىلمىي ھەم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممەتكە ئىگە.

2008/3/16 16:02
5 Ghunche

3. پاراگىراف ئەرەب، پارس تىل-يېزىقىدىكى

 تارىخىي ماتېرىياللار

[align=justify]

      قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ۋە ئۆگىنىشتە، خۇددى خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللارغا ئوخشاشلا ئەرەب، پارس تىل-يېزىقىدىكى كلاسسىك تارىخىي-جۇغراپىيىۋى ئەسەرلەرمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەرەبلەردە ئۈمەييە سۇلالىسى( 660-750-يىللار)دەۋرىدىلا تارىخشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئابباسىلار سۇلالىسى (750-1258-يىللار)دەۋرىدە ئەرەبلەرنىڭ غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قەدىمكى مىسىر، يۇنان، پېرسىيە، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كلاسسىك مەدەنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا جۇغراپىيە ئىلىمى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان. نەتىجىدە ئابباسلار سۇلالىسى ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېمپىريە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى قوشنا بولغان ۋە قوشنا بولمىغان يىراق-يېقىن جايلاردىكى دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭمۇ ئەھۋالىنى بىلىشكە قىزىقان. مانا مۇشۇنداق ئېھتىياجلار ئابباسلار سۇلالىسى دەۋرىدە بىر قىسىم ئەرەب سەيياھلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى جاللاندۇرۇپ، دۇنياۋى خارەكتېردىكى مەشھۇر تارىخىي-جۇغراپىيىۋى ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى شەرت-شارائىت بىلەن تەمىنلەىگەن. نۆۋەتتە ھەر قايسى ئەل تەتقىقاتچىلىرىمۇ ئەرەب كلاسسىڭ تارىخىي-جۇغراپىيىۋى ئەسەرلىرىنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ: «مۇسۇلمان جۇغراپىيىشۇناسلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئىسلام دەۋرىدىن بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ماتېرىيال خەزىنىسى»دەپ تەرىپلەشمەكتە.
      تارىخ تەتقىقاتچىلىرىغا مەلۇمكى، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشى بۇ رايونلاردىكى ئەسلىدىكى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىلا ئەمەس، بەلكى تىل-يېزىق ۋە مەدەنىيىتىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ تىل- يېزىق جەھەتتە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن باشلاپ ئەرەب، پارس تىل- يېزىقى ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تۈرك تىل- يېزىقىنىڭ ئورنىنى تەدرجى ئىگەللەشكە باشلاپ، كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردە تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە ئۇيغۇر تىل- يېزىقى بىلنە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. شۇڭا، نۆۋەتتە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللار مۇھىم سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ. ئېلىمىز ئالىمى جاڭ گۇڭدا ئەپەندى ئەرەب، پارس تېل- يېزىقىدىكى تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەرەب پارس ۋە تۈركلەرنىڭ جۇغراپىيىۋىي ئەسەرلىرى پەقەت جۇغراپىيە ماتېرىياللىرىدىنلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، بەلكى كۆپلىگەن مۇسۇلمان تارىخشۇناسلىرىنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىدە زور مىقداردا جۇغراپىيە ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان تارىخىي ماتېرىياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان» دەيدۇ [18].

2008/3/21 23:20
6 Ghunche

1. «يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى»



[align=justify]     «يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى» دېگەن بۇ ئەسەر ئابباسىلار سۇلالىسى (750- 1258- يىللار( دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن كاتتا تارىخىي- جۇغراپىيىلىك ئەسەر. ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئىبنى خۇردادبىخ ھىجرىيە 205- يىلى (مىلادىيە 820- يىلى) ياكى ھىجىيە211- يىلى (مىلادىيە 825- يىلى)تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 300- يىلى (مىلادىيە 912- يىلى) ۋاپات بولغان. ئىبنى خۇردادبىخنىڭ دادىسى خەلىپە مەئمۇن (813- 833- يىللار) دەۋرىدە كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى تابارسىتان رايونىنىڭ ۋالىيسى بولغان. ئىبنى خۇردادبىخ ياش ۋاقتىدا دادىسىنىڭ تەربىيىىدە باغدادتا ئەتىراپلىق بىلىم ئالغان.كېيىن دەسلەپتە ئىراننىڭ غەربىي قىسىمىدىكى جەبىل ئۆلكىسىنىڭ ئۆتەڭ ۋە رابات ئەمەلدارى، كېيىنچە باغداد ۋە سامارا ئۆلكىسىنىڭ ئۆتەڭ- رابات ئەمەلدارى بولغان. خەلىپە مۇتامىد (870- 893- يىللار) دەۋرىدە ئۇنىڭ پىكىردىشى ھەم يېقن سۆھبەتدىشى بولۇپ قالغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىبنى خۇردادبىخ ئۆمىرىدە توقۇزدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئۇ «يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى» دېگەن ئەسىرىنى جەبىل ئۆلكىىدىكى چېغىدا يېزىشقا باشلاپ 846- يىلى پۈتتۈرگەن. 885- يىلى قايتا تولۇقلاپ تۈزىتىپ چىققان. ئۇ بۇ ئەسىرىنى ئابباسىلار خەلىپىلىكىدە ساقلىنىۋاتقان مول ھۆكۈمەت ئارخىپ ماتېرىياللىرى، ئۆزىدىن ئىلگىرى ياشىغان ئەرەب سايياھلىرىنىڭ ساياھەتنامىلىرى ۋە ئۆزى ئىگىلىگەن ماتېرىياللار مەنبەسى بىر قەدەر كەڭ، قىممىتى يۇقىرى بولغان. ئىبنى خۇردادبىخنىڭ بۇ ئەسىرى ئۆز دەۋرىدىلا يۇقىرى بولغان. ئىبنى خۇردادبىخنىڭ بۇ ئەسىرى ئۆز دەۋرىدىلا ئەمەس، كېيىنكى دەۋرىلەردىمۇ ئەرەپ مۇسلمان ئاپتورلىرىنىڭ جۇغراپىيىۋىلىق ئەسەرلىرىگە زور تەسر كۆرسىتىپ كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئۆزى ۋە بۇ ئەسىرى ئىزچىل ھالدا يۇقىرى باھاغا ئېرىشىپ كەلگەن. ئەرەبلەرنىڭ ھىرودۇتى دەپ نام ئالغان مەشھۇر ئالىم مەسئۇدى (956- يىلى ۋاپات بولغان) بۇ ئەسەرگە (ئالغانغا تۈگىمەيدىغان، ئىشلەتكەنگە خۇرىمايدىغان بايلىق، ئۇنىڭ بېشىدىن- ئاخىرىغىچە پايدا ۋە بىلىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ» دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن. ئېلىمىز تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جىلەي 10- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن پارس تىلىدا يېزىلغان دۇنياۋى كاتتا جۇغراپىيىۋى ئەسەر «ھۇدۇدۇلئالەم» مۇ ئىبنى خۇردادبىخنىڭ ئەسرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھەتتا بىر قىسىم مەزمۇنلىرى ئاساسىي جەھەتتىن «يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى» دېگەن ئەسەردىن ئېلىنغان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ [19].
     «يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى» دە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ۋە 8- 9- ئەسىرلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ (قارلۇق، قىرغىز، تۈركەش ۋە ئوغۇز قاتارلىقلار» تارىخ، جۇغراپىيىسىگە دائىر قىممەتلىك خاتىرىلەر بېرىلگەن. بۇ خاتىرىلەردىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە تارىخنامىلىرىدە ئۇچرىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى بىر قىسىم مۇھىم تارىخىي- جۇغراپىيىۋى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان ماتېرىيال قىلىشقا بولىدۇ.

2008/3/21 23:27
7 Ghunche

2. «تەمىم ئىبنى بەھرىنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىغا

 قىلغان ساياھەت خاتىرىسى»



[align=justify]     تەمىم ئىبنى بەھىر ئەل مۇتاۋىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات يوق. ئۇ ئەرەب خەلىپىسىىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئىستېلا قىلغان چاغدا پىدائىي ئەسكەر بولغان ھەم مىلادىيە 760- 821- يىللار ئارىلىقىدا مەلۇم بىر ۋەزىپە بىلەن ئەينى دەۋرىدىكى ئەرەبلەر تەرىپىدىن توققۇز ئوغۇز دۆلىتى دەپ ئاتالغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ساياھەتكە بارغان. ئۇ ئەرەبلەر ئىچىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ئەڭ بۇرۇن ساياھەتكە كەلگەن ھەم ساياھەت خاتىرىسى يېزىپ قالدۇرغان كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسىنىڭ بىر قىسىمى ياقۇتنىڭ «جۇغراپىيە لۇغىتى» گە ۋە ئىبنى ئەل فاتىخنىڭ جۇغراپىيە ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەنلىكتىن ساقلىنىپ قالغان. ئا. ز. ۋەلىدى تۇغان تاپقان، تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىنى گېرمانىيەلىك پروفېسسور ۋالد تاپقان. كېيىن ئەنگىلىيەلىك ئىرانشۇناس ئالىم ۋ. مىنورسكى «تەمىم ئىبنى بەھىرنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىغا قىلغان ساياھەت خاتىرىسى» نى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق ئەللىرى ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا (1984-يىللىق 12-توپلام 2-سانىدا) ئىنگىلىزچە ئىزاھاتىلىرى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلغان[20].
      تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە ئاساسلىقى ئۇنىڭ مىلادىيە 821-يىلنىڭ ئالدى كەينىدە موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ (توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ) پايتەختىگە بېرىش جەريانى بايان قىلىنغان. ئۇ خاتىرىسىدە قاغاننىڭ يۇيرۇقى بويىچە ھەر قايسى ئۆتەڭلەر تەمىنلىگەن ئاتقا مىنىپ، مەھەللەر-كەنت، شەھەر-بازار بولمىغان يايلاقتا 20-كۈن يول يۈرگەنلىكى، كېيىن يەنە ئاھالىلەر قويۇق ئولتۇراقلاشقان جايلاردا 20-كۈن يول يۈرۈپ ئاندىن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پايتەختىگە يېتىپ بارغانلىقى، ئۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى ئاتەشپەرەسلەر ۋە مانى دىنىدىكىلەر ئىكەنلىكى، قاغان شەھىرى ھەشەمەتلىك، 12 چوڭ تۆمۈر دەرۋازىسى بار، سودا-سېتىق گۈللەنگەن، بازارلىرى ئاۋات، ئاھالىسى زىچ، نوپۇسى كۆپ شەھەر ئىكەنلىكى، شەھەرنىڭ ئەتراپىدا مەھەللەر كەنتلەر يېقىن ھەم زىچ جايلاشقانلىقى، تېرىلغۇ يەرلەر بارلىقى، توققۇز ئوغۇز دۆلىتىنىڭ قاغانى جۇڭگو خانى بىلەن قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، جۇڭگو خانى ھەر يىلى قاغانغا 500 مىڭ توپ يىپەك سوۋغا قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى خاتىرىلىگەن.
     تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسى گەرچە بەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ، بىراق ئەرەبلەر تەرىپىدىن يېزىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بىر قەدەر يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ
     بۇنىڭدىن باشقا، ئەرەب جۇغراپىيشۇناسلىرى ۋە تارىخچىلىرىدىن ياقۇبىنىڭ (897-يىلى ۋاپات بولغان) «تارىخىي تاقۇبى»، تەبەرىنىڭ «تارىخىي تەبەرى»، «پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار تارىخى»، ياقۇتىنىڭ «ئەللەر تەزكىرىسى»891-892-يىللىرى يېزىلغان ئىبىنى پاچىخنىڭ « ئەللەر تەزكىرىسى» (903-يىللىرى يېزىلغان)، مەسئودىنىڭ «نەسىھەتنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىمۇ 840-يىلدىن ئىلگىرىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار بار. ئىلگىرى بۇ ئەسەرلەردىكى توققۇز ئوغۇزلار، يەنە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىغا دائىر مەلۇماتلار ۋە خاتىرىلەر دۆلەت ئىچىدىكى تارىخ تەتقىقاتىچىلىرىنىڭ دىققەت –ئېتىبارىنى ئانچە قوزغىيالماي ياكى ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنماي كېلىنگەنىدى. يېقىندا خۇاتاۋ ئەپەندى ئۆزىنىڭ «غەربىي يۇرت تارىخىي تەتقىقاتى (8-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە)» دېگەن ئەسىرىدە يۇقىرىقى ئەسەرلەردىكى سىتىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەرەب ئاپتورلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر خاتىرىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئاساسىي جەھەتتىن ئەينى دەۋردىكى سەيياھلار، جۇغراپىيىشۇناسلار ۋە مەلۇم ۋەزىپىدىكى كىشلەرنىڭ ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرى بولغاچقا، ئۇلاردىكى مەلۇماتلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر خەنزۇچە ۋە قەدىمكى تۈركچە-ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە. شۇڭا، بۇ ئەسەرلەرمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ھېسابلىنىدۇ.

2008/3/21 23:53
8 Ghunche

3. «تۈركىي تىللار دىۋانى»


[align=justify]
    «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتۇرى مەھمۇد كاشغەرى قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى بولۇپ، تولۇق ئىسىمى مۇھەممەد ئىبنى ھۇسەيىن بىننى مەھمۇد كاشغەرى، شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ خانى مۇھەممەد بۇغراخان (1056-1057-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ نەۋرىسى، 1058-يىلى خانلىق تەختىكە ۋارىسلىق قىلغان ھۈسەيىننىڭ ئوغلى. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشغەرى تەخمىنەن 11-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە قەشقەرنىڭ ئوپال دېگەن يېرىدە دۇنياغا كېلىپ، 11-ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرى يەنە ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بولغان. مەھمۇد كاشغەرى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن ھەم ئوردىغا يېقىن جايلاردىكى مەدرىسلەردە بىلىم ئالغان، كېيىن سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە قۇرۇلغان قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە كىرىپ، ئەينى دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسياغا داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەب كاشغەرى قاتارلىق مەشھۇر ئالىملاردىن بىلىم ئېلىپ، ئەينى دەۋر ئىسلام دۇنياسىدا ئىلىم تىلى دەپ قارىلىدىغان ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىي تىل دەپ قارىلىدىغان پارس تىلىنى پۇختا ئىگىلىگەن. كېيىن قەشقەردىن ئايرىلىپ، ئون نەچچە يىل ئىلى ۋادىسى، يەتتۇسۇ ۋادىسى، قىپچاق يايلاقلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنى ئارىلاپ، تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تىلى، جەمئىيەت تەشكىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئىشلەپچىقىرىشى، تۈرمۇشى، تارىخى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارغا دائىر بىرىنچى قول ماتېرىيال توپلىغان. مىلادىيە 1072-يىلى ئەينى دەۋردىكى ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغداد شەھىرىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىل توپلىغان ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ، تۈرگە ئايرىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى قامۇسى بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يېزىشقا كىرىشكەن ۋە تەخمىنەن 1076-1077-يىللىرى بۇ كاتتا ئەسىرىنى پۈتتۈرۈپ چىققان[22].
     «تۈركىي تىللار دىۋانى» جەمئىي ئۈچ توم بولۇپ، تۈرك-ئۇيغۇر تىلىنى ئەرەب تىلىدا ئىزاھلىغان لۇغەت. پۈتۈن كىتاب سەككىز جىلددىن تەركىب تاپقان. ھەر بىر جىلد ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. پۈتۈن ئەسەرگە 7500 دىن ئارتۇق سۆزلۈك كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەزمۇن دائىرىسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، فىلولوگىيە، دىنىي ئېتىقاد، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق، جۇغراپىيە، تىبابەتچىلىك، پەلسەپە، سىياسى- ئىقتىساد، ئېتنوگېرافىيە، كان مەھسۇلاتلىرى، شەھەر –كەنتلىرى، تاغ-دەريالىرى قاتارلىق كۆپ جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ.
     «تۈركىي تىللار دىۋانى» گەرچە 11-ئەسىردە ئىسلام مۇھىتىدا يارىتىلغان ئەسەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تارىخى، ئۇرۇق-قەبىلىلىرى، جۇغراپىيلىك جايلىشىشى، ھاكىميەت چۈشەنچىسى، ئاسترونومىيە-كالېندارچىلىقى ۋە ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا دائىر مەلۇماتلار قارا خانىيلار خانلىقى دەۋرىدىن ئىلگىركى دەۋرلەردىكى تۈركى قەبىلىلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جەمىئىيتىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم تارىخى ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تۈركى قەبىلىلەرنىڭ تارىخى ۋە ئىجىتمائىي تۇرمۇشىنىڭ ئېنسىكلوپېدىيىسىدۇر. شۇڭا، تەتقىقاتچىلار تۈركى تىللار دىۋانىدكى مەلۇماتلار «بىزگە مىلادىيىدىن ئىلگىركى دەۋردىن مىلادىيە 11-ئەسىرگىچە بولغان بۇ ئۇزاق تارىخىي جەريانىدىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەڭ ئىجىتمائىي تۇرمۇشنىڭ قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ بەردى،ئۇلارنىڭ ئىجتمائىي تۇرمۇشنىڭ رەڭگارەڭ تارىخى كارتىېنسىنى بەدىئىي جەھەتتىن سۈرەتلەپ بەردى» [23] دەپ قارايدۇ.
     ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىميەت چۈشەنچىسى، ئاسترونومىيە-كالېندارچىلىقى، ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە باشقا بىر قىسم تارىخى مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۆرنەك قىممىتىگە مۇھىم پايدىلىنىش، سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلش قىممىتىگە ئىگە يازما ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

2008/3/22 00:00
9 Ghunche

4. پاراگىراف خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللار


[align=justify]
     ئېلىمىزنىڭ جۇڭگو ئۇزۇن يىللىق يېزىق تارىخىغا ئىگە، يازما تارىخىي مەدەنىيەت مىلاسلىرى ئىنتايىن كۆپ دۆلەت. ئېلىمىزنىڭ ئاشۇ يازما مەدەنىيە مىراسلىرىنىڭ ئىچىدە مەيلى ھەر قايسى سۇلالە-خاندانلىقلارنىڭ ئوردا تارىخچىلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن رەسنىي تارىخنامىلەر بولسۇن ياكى شەخىسلەر تەرىپىدىن يېزىلغان غەيرى تارىخنامىلەر بولسۇن، زور سالماقنى تەشكىل قىلدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تارىنامىلىرى ھېسابلىنىدىغان «خەننامە»، ھەتتا سۈي، تاڭ، سۇڭ، يۈەن، سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدىكى «ۋېينامە»، «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخ»، «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»،
     «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» ، «يازما ھۆججەتلەر ھەققىدە ئومۇمىي تەھسىل» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە قەدىمدە ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە غەربىدە ياشايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدە بىر قەدەر سېستىمىلىق بايان قىلىنغان، ئۇلار نۆۋەتتە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم بىرىنچى قول مەنبەلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار يەنە قەدىمكى تۈركچە-ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار ۋە باشقا تىللاردىكى ئەسەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەر:

2008/3/23 21:23
10 Ghunche

1.«ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى»(魏书.高车传)

[align=justify]
     «ۋېينامە» شىمالى چى پادىشاھلىقى (557-550-يىللار) دەۋرىدە ئۆتكەن ۋېي شۈ (572-506- يىللار) قاتارلىق تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، شىمالىي ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ (534-386- يىللار) خاس تارىخى خاتىرلەنگەن. جەمئىي 130 جىلدىلىق تەزكىرە- يىلنامە شەكىلىدە يېزىلغان تارىخى ئەسەر. ۋېي شۈ ئەسلىدە شىمالىي ۋېي پادىشاھلىقىدا خىزمەت قىلغان. كېيىن شىمالىي چى پادىشاھلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ھۈدەيچى بەگ قۇشۇمچە پۈتۈكچى بەگلىككە تاينىپ، «ۋېينامە» نىڭ جوڭگو تارىخشۇناسلىقىدىكى ئەڭ زور مۇۋاپىقىيتى شۇكى، ئۇ ئېلىمىز فېئوداللىق جەمئىيتىدىكى «رەسمىي تارىخ»لارنىڭ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام گۇرۇھلىرىنى ھوكۈمرانلىقلار قاتارىغا كىرگۈزگەن. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى سىبىر تابغاچلىرىنىڭ (سىيانپى توغباتلىرىنىڭ) مىلادىيە 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 6- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان تارىخى خاتىرلەنگەن. « ۋېينامە »نىڭ مىللەتلەر تارىخىنى خاتىرلەش جەھەتتىككى بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنۇڭدا تابغاچ قەبىلىسدىن باشقا سىبىر قەبىلىلىرنىڭ تارىخى خاتىرلىنىپ، مەزمۇن دائىرىسى شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال، غەربىي يۇرۇت ۋە شىمالدىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرگە چېتىلغان [24] .
      «ۋېينامە»نىڭ جىلىد «قانقىللار تەزكىرىسى(高车传) دە ئاساسلىقى قانقىللارنىڭ قەدىمكى قىزىل دىللاردىن (赤狄)كېلىپ چىققانلىقى دەسلەپ (狄历)دەپ ئاتالغانلىقى ، كېيىن شىمالدىكىلەرنىڭ چىلى (敕勒)، شىيالىقلارنىڭ قانقىل ، دىڭلىڭ (丁零)دەپ ئاتغانلىقى، قانقىللارنىڭ ئالتە قەبىلىسى، 12 ئۇرۇقنىڭ بارلىقى ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، جۇرجانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ، كېيىن جۇرجانلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئالتاي ۋە تەڭرىتاغ رايۇنلىرىدا قانقىل خانلىقنى قۇرۇش جەريانلىرى، خانلىق قۇرۇلغانىدىن كېيىن جۇرجان، سىبىر، ئېغتالىت قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاخىرقى خاندالىقىنىڭ ئاغدۇرلىشى قاتارلىق ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخى مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن. بۇ مەلۇماتلار كەرچە ئىنتايىن قىسقا، ئاددىي بولسمۇ، لېكىن ئۇ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرنىڭ مىلادىيە 4- ئەسىردىن 6- ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي جەرياندىكى ئەگرى- تۇقاي تارىخىي مۇساپىنى ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلشنىڭ بىرىنچى قول يازما ماتېريالى بولۇپ سانالماقتا. چۈنكى، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر نۆۋەتتە دىڭلىڭ (丁零)، قانقىل (高车) ۋە تېلىلار ((铁勒 نى بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتنىڭ ئەجداتلىرى ، دىڭلىڭ ، قانقىل ۋە تېلىلارنىڭ تارىخىنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتنىڭ يىراق قەدىمكى زامان تارىخىنىڭ مۇھىم تەركىنىي قىسمى [25]، «ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى»دە خاتىرلەنگەن قانقىللارنىڭ ئالتە قەبىلىسنىڭ بىرى بولغان يۈەنخې(袁纥) نامنى ئۇيغۇرلار نامىنىڭ تۇنجى قېتىم خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلنىشى، دەپ ھېسابلايدۇ [26].

2008/3/23 21:37
 جەمئىي باھا 66  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/7  |<  <<   1 2 3 4 5 6   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009