يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
پايدىلىق بىر بىلدۈرگۈ !
يوللىغۇچى TarimDadxah   كۆرۈش 2972   يوللانغان ۋاقتى 2008/3/3 03:57  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
مەن 2008 - يىل 2- ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى كومىتېتىنىڭ بىر ئېغىر ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ، يەنى 1949-يىلدىن كېيىنكى شىنجاڭدا بولۇپ ئۆتكەن ۋاقىئە - ھادىسىلەر يېزىلغان تارىخ ماتېرىياللىرىنى چىقىرىش ( بۇ يىل 50-سانى چىقىرىلىدۇ ) ۋەزىپىسى ماڭا يۈكلەندى. ئەمەلىيەتتە بۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ. شۇ خۇسۇستا مۇنبەرداشلارغا مۇنداق بىر بىلدۈرگۈ يەتكۈزمەكچىمەن :

بۇ تارىخ ماتېرىيالىنى يېزىش بىر قەدەر قىيىن ، تارىخ ماتېرىياللىرى خىزمىتىنىڭ " ئۈچ ئۆز "  پرىنسىپى بويىچە يېزىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ، يەنى ھەرقانداق بىرەر ۋاقىئە - ھادىسىگە ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان بولۇش ، ئۆزى كۆرگەن بولۇش، ئۆزى ئاڭلىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. 1949-يىلىدىن بۇيان بولۇپ ئۆتكەن ھەرقانداق ۋاقىئە - ھادىسىلەر مۇشۇ پرىنسىپ بويىچە يېزىلسا قوبۇل قىلىنىدۇ ھەم قەلەم ھەققى بېرىلىدۇ. شۇنداق ۋاقىئەنى بىلىدىغان شەخسلەرنىڭ دېرىكىنى تەمىنلىگەنلەرمۇ مۇۋاپىق رازى قىلىنىدۇ. يازما ھۆججەت ، سۈرەت قاتارلىقلار بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى. ھەرقايسىڭىزلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشىڭىزلەرنى سورايمەن.

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 11   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 udun 1949-يىلدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان ۋەقەلەرمۇ، ياكى.....
كونكىرىتراق بىرنېمە دەپ بەرسىڭىز بولىدىغاندەك قىلامدۇ نېمە. ۋەقەلەر بەك ئۇششاقلاپ كەتمەسلىكى، تىپىك بولۇشى كېرەكتۇ ھەقاچان.
2008/3/3 04:12
2 TarimDadxah چۈشەنچىڭىز بەرھەق ! تىپىكرەك ۋەقە بولمىقى لازىم. 1949-يىلدىن بۈگۈنگىچە! 2008/3/3 04:50
3 Qutghur qutluq ishken ,
medeniyet inqilawining eptini eyni boyiche ashkarilaydighan purset-de bu .
  likin azp-oqibetlerni o'z  beshidin o'tkvzgenlerning ko'pi baqigha seper qildi .hilimu waxti .
ishliringiz muwappiqiyetlik bolghay .
uyghurche chimidi .
2008/3/3 18:47
4 asma سالام دوستۇم ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىپ سىز ، مەن خۇتەندىن ، مەن بىر ئادەمنى تۇنۇيمەن ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم بىر سورۇندا ئولتۇرغان ئىدىم 1949 - يىلدىن كىيىنكى ۋەقەلەرنى سوزلەپ بەرگەن ئىدى ھەم ئۇنۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىشلارنىمۇ ياخشى بىلىدىكەن ئۇبىر ئۇقۇتقۇچى ، ئەپسۇس تېلفۇن نۇمۇرىنى بىلمەيدىكەنمەن ئۇقۇپ نەچچە كۇن ئىچىدە قالدۇرۇپ قۇياي سىز نى چۇقۇم سىز خۇشال بولغۇدەك رازى قىلىدۇ ، سىز دىگەندەك بىرزى تارىخى ۋەقەلەرگە ئۇزى بىۋاستە قاتنىشىپتىكەن ، ئۇزى قاتناشقان 1956 - يىقى بىر ئىشنى سوزلەپبەرگەن ئىدى 2008/3/3 22:33
5 TarimDadxah رەھمەت ئاسما بۇرادەر  ! مەن تىللا  تېپىۋالغاندەك  خۇشال  بولۇۋاتىمەن ! 2008/3/3 22:43
6 Kulbilge TarimDadxah ئەپەندى بەك ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. سىزدىن بىر ئىشنى ئىنىق سورىۋالغان بولسام، 80-يللاردىن كىيىنكى(ئىنىقراق ئىيتقاندا 1990-2000-يىللاردىكى) ئىشلار بولسا بۇلامدۇ. ئۇرۇمچىدە ئوقۇشسىز قالغان نەچچە يۇزلىگەن نامرات ئائىلىكلەرنىڭ بالىلىرىنى يىغىپ ئوقۇتقان، ئالاقىدار مەمۇرى ئورۇنلارغا ۋە مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشكە ئالاقىدار سىتاتىستىكا مەلۇماتلارنى يوللاپ، ئۇرۇمچىدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ(باشقا يۇرتلاردىن ئۇرۇمچىگە كىلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى) رايون ئاتلاپ ئوقۇش پولىنى كەچۇرۇم قىلغۇزغان، جەنۇبى شىنجاڭ يىزىلىرىدىكى نەچچە مىليونلىغان  مەجبۇرى مائارىپ يىشىدىكى نامرات ئۇقۇغىچىلارنىڭ ئۇقۇش قوشۇمچە راسخوت پۇلىنى كەچۇرۇرم قىلىۋىتىشكە تۇرتكە بولغان(ھىچبولمىغاندا ۋاستىلىق تۇرتكە بولغان) تەسىرلىك ئىش ئىزلار تەلەپكە تۇشارمۇ. (بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزەم ئىشتىراك قىلغان) 2008/3/4 17:00
7 palwan ھەجەپمۇ بىر قۇتلۇق ئىشقا تۇتۇش قىپسىز، ئەمگەك مىۋىڭىزنىڭ تېزرەك چىچەكلەپ مىۋە بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇت قىلىمەن.
  مەنمۇ بىر كىشىنى سىزگە تەۋىسيە قىلسام كۆرۇشۇپ باقسىڭىز، بىيوگىرافىك ئەسەر <<بورانلىق كۈنلەر>> نىڭ ئاپتۇرى ئەخمەت ۋاھىت. ئۇ كىشى ئاقسۇدا بولغان ئىشلارنى چوڭ كىچىك دىمەستىن خاتىرلەپ ماڭىدىغان، بىلىدىغانلاردىن ، كۆرگەنلەردىن سوراپ خاتىرلەيدىغان ئادەتنى يىتىلدۇرگەن .
مەن ئۇ كىشىنىڭ تېلفۇن نومۇرى ۋە ئادىرسىنى پات يېقىندا سىزگە يوللاپ بىرىمەن.
  سىزنى مۇشكۈل بىر ۋەزىپە قۇچاق ئېچىپ كۈتۋالغاندەك قىلىدۇ. مۇرەككەپ سىياسى، ئىجتىمائىي ۋەزىيەت بىلەن يۇغۇرۇلغان 10يىللىق قالايمىقانچىلىقتىكى كۆرگەن بىلگەنلىرىنى يېزىپ ئەۋەتىدىغانلار مانا مەن دەپلا تۇغان گەپ ، سىزنىڭ مۇشكۇللەرنى يىڭىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن.
2008/3/4 18:08
8 TarimDadxah Kulbilge  ،  Palwan  بۇرادەرلەر ،  رەھمەت سىلەرگە ، بولىدۇ ، يېزىپ ماڭا تەگكۈزسەڭلار بولىدۇ ! 2008/3/4 18:30
9 Ghunche ھەقىقەتەن بەك ئەھمىيەتلىك  ئىشقا تۇتۇش قىپسىز، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇغلۇق بولغاي! 2008/3/4 18:33
10 kasimjan ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ئىلىدا باشلانغاندى تاتىپ مىللى ئارمىيىدە ئىشلەپ كىيىن جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى بۇلۇپ پىنسىيىگە چىققان بىرەيلەن بار بۇ كىشى تارىخنى سىز دىگەندىنمۇ بەكرەك بىلىدۇ  بارلىق تارىخنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھىندىستان ئۇرىشىغىمۇ قاتناشقان ئۇ كىشى مىنىڭ ئۆز تاغام بۇلۇدۇ  لىكىن ئەينى تارىخنى دەمدۇ دىمەمدۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئىسمى مەتقاسىموف مىنىڭ تىلىاونىم13899480542    مەتقاسىموفنىڭ تىلىفونى09982584335      بۇكىشى ماۋزېدوڭ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن  بارلىق ئىشلارنىڭ شاھىدى سالامەتلىگى ئىنتايىن ياخشى 2008/9/11 21:42
 جەمئىي باھا 11  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/2  |<  <<   1 2   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009