|
ماقالە مەزمۇنى |
نېمە ئۈچۈن مەشھۇرلىرىمىزنىڭ پور... |
يوللىغۇچى Ulughbek كۆرۈش 21508 يوللانغان ۋاقتى 2008/2/18 20:26 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ پورتىرىتى: &click=1 نېمىشقىكىن،غازى ئەھمەد سىزغان ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئەرەبلەرگە ئوخشۇتۇپ قويىدۇ.مەھمۇد قەشقىرىنىڭ پورتىرىتى سېپى ئۈزىدىن ئەرەبقۇ؟!ئەگەر مەھمۇد كاشىغەرىنى خان ئەۋلادىدىن دېگەن كۆز قاراش پۇت تىرەپ تۇرالىسا ،ئۇ چاغدا ئۇ چۇقۇم ئورخۇن ۋادىسىدىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇر ئاقسۆڭەك قەبىلىلىرىنىڭ پۇشتى.ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، ئۇ زادنىڭ چىرايى قانداقسىگە بۇنداق ئەرەپكە ئوخشاپ قالسۇن؟! ئۇيغۇرلار قارا قاش،قوي كۆز،قاڭشارلىق،لېكىن يەنىلا چىراي جەھەتتە ئەرەپ ۋە پارىسلاردىن روشەن پەرقلىنىدۇ.بۇ مۇھەممەد ھەيدەر كوراگاننىمۇ ھېچكىم قارىسا ئۇيغۇر دېمەيدۇ.نەق ئەرەب،پارىس ياكى شۇ قاتارلىق قەۋملەرنىڭ تىپىك پورتىرىتى.ھېچ بولمىغاندا بىز سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ تۈركلەشكەن(ئۇيغۇرلاشقان)مۇڭغۇل-چاغاتاي ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك ئىدى.مۇڭغۇللار تۇلۇق ئۇيغۇرلىشىپ كەتتى،دېگەن تەقدىردىمۇ ،چىرايى ئۇنداق تىز ئەرەبلىشىپ كەتمەس،ھېچ بولمىغاندا مۇڭغۇللارنىڭ قىسىق كۆزى،پۇچۇق بۇرنى، بۈرتۈپ چىققان مەڭز سۆڭىكى،يوغان يۈز شەكلىنىڭ بىرەرسى بولسىمۇ ئېرسىيەت بولۇپ ساقلىنىپ قالار؟! باشقىنى قۇيۇپ تۇرايلى، بۇ ئىككى زادنىڭ چىراينى قانداقمۇ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلغۇلى بولسۇن؟! |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 151 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | niyazdixan | بۇنداق چىراي ئۇيغۇرلاردىمۇ كۆپ ئۇچىرايدىغۇ . كۆرۈپ باقمىغاندىن كېيىن تەسەۋۋۇرغا ئاساسەن سىزغاندۇ . مۇھەممەت ھەيدەرنىغۇ موڭغۇل ئىرقىغا خاس ئالامەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ سىزىۋەرسە بولىدىكەن . | 2008/2/18 22:14 |
2 | arslanhan | [size=4]بىزدە ھەرقايسى يۇرت كىشىلىرىنىڭ چىرايىدا يەنە بىر خىل خاسلىق بار، چىرايىغا قاراپ بىز تېخى بەزىدە يۇرتىنى پەرەز قىلىپ كېتىمىز. مەسىلىن: مۇشۇ قەشقەر ئۇيغۇرلىرى بىلەن خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق بار. ئىككىلىسى ئات يۈزلۈك، بىراق خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۈزى گۆشلۈكرەك..... بۇ ھەقتە مۇشۇ مۇنبىرىمىزدە بىر بەلەن تېما بولىدىغان. ئۇنى قايسى سەھىپىدە كۆرگىنىمنى پەقەتلا ئەسكە ئالالمايۋاتىمەن. ئالدىراشچىلىقتا تاپالمىدىم. ئىشقىلىپ ئىلتەبىر ياكى تۇران تېكىن ئەپەندى ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ تېمىسى ئىدى. ئۇنىڭدا ھەرقايسى يۇرت كىشىلىرى ئىگە بولغان چىراي ئالاھىدىلىكلىرى، مىجەز-خاراكتىرى.... دېگەندەك مەزمۇنلار بار ئىدى. ياخشى بىر تېما. ئوقۇپ چىقىپ ئويلىنىپ بېقىڭ: سىز قايسى يۇرتتىن؟ بۇنىڭدىكى مەزمۇنلار سىزگە ۋە ئەتراپىڭىزدىكى يۇرتداشلىرىڭىزغا ماس كېلەمدىكەن؟ |
2008/2/18 23:35 |
3 | Ulughbek | [align=justify]ئەگەر مەھمۇد كاشىغەرىنى خان ئەۋلادىدىن دېگەن كۆز قاراش پۇت تىرەپ تۇرالىسا ،ئۇ چاغدا ئۇ چۇقۇم ئورخۇن ۋادىسىدىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇر ئاقسۆڭەك قەبىلىلىرىنىڭ پۇشتى.ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، ئۇ زادنىڭ چىرايى قانداقسىگە بۇنداق ئەرەپكە ئوخشاپ قالسۇن؟! ئورخۇن ۋادىسىدىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار ئېرقى جەھەتتىن ئېنىقكى ھازىرقى شۇ جايلاردا ياشاۋاتقان تۇۋا،ياقۇت،خاككاس كەبى موڭغۇل ئىرقىغا تەۋە تۈركى قەۋملەر بىلەن ئوخشاش بولىشى كېرەك.ناۋادا ئورخۇن ۋادىسىدىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت (تاكى ئورخۇن ۋادىسىدىن كاشىغەر رايۇنىغا كۆچكەن بىر بۈلۈم ئۇيغۇرلار يەرلىك قەۋملەر بىلەن بىللە ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ، مەھمۇد كاشىغەرى تۇغۇلغىچە)كاشىغەردە ئەزەلدىن ياشاۋاتقان كەمەك(پارس تىللىق قەبىلە)،قاتارلىق ئىران تىللىق يەرلىكلەرنى ئاسمىلياتسىيە قىلدى ،دېگەن تەقدىردىمۇ،چىراي جەھەتتە بۇنداق تىز پارسلىشىپ كەتمەيدۇ.دىن تارقاتقىلى غازاتقا كەلگەن ئەرەپلەرمۇ ئۇنداق تىز يەرلىك ۋە يەرلىكلەشكەن تۈركى قەبىلەلەردە چىراي تۈسى جەھەتتە ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىيەلمەيدۇ.يەنى كېلىپ مەھمۇد كاشىغەرىدەك قاراخانىلارنىڭ خان ئائىلىسىدە كۈچلۈك مىللى غۇرۇر بىلەن چوڭ بولغان بىر تۈركنىڭ(ئۇيغۇرنىڭ) بۇ دەرىجىدە ئەرەبكە ئوخشاپ كېتىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.ئېرسىيەت ئىلمىدىن ئېيتقاندىمۇ،مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ ئېرسى گېنى ئەڭ كۈچلۈك.مىسالەن، يۇرتۇمىزدا خەنزۇلار بىلەن توي قىلىدىغان رۇسلار ئىنتايىن كۆپ،ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاساسەن خەنزۇ چىراي،ئازراقمۇ رۇسچە ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ قالمىغانلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ.يىغىپ كەلسەك،مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ پورتىرىتىنى پۈتۈنلەي ئەرەبكە ئوخشۇتۇپ قۇيۇش، تارىخى مەنتىقىغە ھەم ئېرسىيەت بىلىملىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ،دېگەن قاراشتىمەن. |
2008/2/19 10:30 |
4 | abdullah | [align=justify]بۇ قېرىندىشىم ئاجايىپ بىرخىل تېما يوللاپتۇ دېسە بۇرۇتى ئەرەپلەرگە ئوخشاپ قالسا ئەرەپ بوپ قالامدا ، رايۇنىمىزدا روسلارغا ئۆخشايدىغان ئادەملەر ، يېقىندىن بۇيان ياۋرۇپالىلارغا ئوخىشايدىغانلار ، يەنە باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاپ قالغانلار كۆپۈيۈپ كەتتى ھەجەپ ئۇلارنى ناسارى ياكى باشقا مىللەت دېمەستىن يەنىلار ئۇيغۇر دەۋاتمامدۇ ، مەن كېچىك چاغلىرىمدا ئۇنداق بۇرۇتلۇق ئادەملەر قەدەمدە بىر ئۇچۇرايتتى ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئادەملىرى بۇرۇت قۇيغان ساقال قويغان ئادەمگە باشقىچە قارايدىغان بوپ قالدى شۇڭا بۇنداقلار ئازلاپ قالدى ، ئەگەر سىزنىڭمۇ بۇرۇتىڭىز ساقىلىڭىز ئاشۇنداق ئۆسەلىسە شۇ شەكىلدە ساقال بۇرۇت قۇيۇپ كوچىغا چىقىپ بېقىڭ ھېچكىم سىزنى ئەرەپ دېمەيدۇ ،چۇنكى سىز ئۇيغۇر ، ئەگەر گەپلىرىم ياقمىغان بولسا سىز شۇ ئەجداتلىرىمىزدىن بىرەرسىنىڭ رېسىمىنى قەدىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۇپ ئادىتى كىيىم شەكلى بۇيىچە سېزىپتوردا ئېلان قىلىڭ بىز كۆرۇپ باقىلى كۆپچىلىك باھا بېرىپ باقسۇن ؟ غازى ئەمەت بۇ رېسىمنى سىزغانداچۇقۇم شۇ ۋاقىتتىكى تارىخ ئارقا كۆرۇنىشى كېيىم كېچەك ئالاھىدىلىگى مىللەت ئۆرۇپ ئادىتىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ سېزغان. سىز ئويلاپ بېقىڭ 80 يىلنىڭ ئالدىدا دەيلى كىمنىڭ ئاتا بوۋىسى ھازىرقىدەك كېيىم كېچەك كېيەتتى؟ كىم ھازىرقىدەك ساقال بۇرۇتىنى ئېلىۋېتىپ ئاقلىۋاتقان تۇرۇپتەك يۇرەتتى ؟ |
2008/2/19 11:03 |
5 | ATTILA | بۇرادەرلەر ئۇيغۇرلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ تۇرانىد تىپىدا يۇقىرىقى رەسىملەر تىپىك ئۇيغۇر چىراي ئىكەنغۇ؟ مەن خوتەندە، خوتەندە يۇقىرقى چىرايغا ئوخشاش چىرايى بار ئادەملەر ساماندەك ،سىلەر بىزنىمۇ قوشۇپ ئەرەپ ئىرسىيىتى بار دەپ سالمايدىغانسىلەر؟ يا سىلەر ساپلا تۇرپان-قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ سۆزلەۋاتامسىلەر يا؟ دىسەك نىمىشقا دوپپا كىيگەن پورتېرىتتا سىزىلمايدۇ دەيلى ! مىڭ ئۆي سىزمىلىرى ، قەدىمقى خەنزۇ شېئىرلىرى ۋە يازمىلىرىدا ، قەدىمقى رەسىملەردە ئۇيغۇرلار نىمىشقا بەستىلىك،قاڭشارلىق،ئورا كۆز ۋە كۆككۆز رەسۋىرلەنگەن؟ قوڭغا ئۇرۇپلا گەپ تېپىپ تارىخقا چاقچاق قىلمايلى ! |
2008/2/19 11:10 |
6 | Ulughbek | بۇرۇت؟مەسىلە شۇنداق ئاددىمۇ؟قىزىشماڭ.پاكىت بىلەن سۆزلەڭ. | 2008/2/19 11:17 |
7 | altuntarim | [align=justify]مېنىڭچە، ئۇلۇغبەگنىڭ قويغان تېمىسىدا مەلۇم ئاساس بار ..چۈنكى بىز قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز (يەنى تۇرك ياكى ئۇيغۇر ئاتلىق) قالدۇرغان مىراسلارغا نەزەر سالساق ، ئالايلۇق ، بالباللار دا ئەكس ئەتكەن تاشقى قىياپەتتە موڭغۇل ئېرقى خېلى گەۋدىلىك ، شۇنداقلا مىڭ يىلچىلاپ بىر قەدەر ئېرقىي ساپلىقىنى ساقلاپ قالغان ھازىرقى تۈرك مىللەتلىرىدە مەسىلەن( يۇغۇر ،ياقۇت ، تۇۋا قاتارلىق ) قىياپىتىدە موڭغۇل ئېرقىي گەۋدىلىك . راست ، بىز 1000 يىل داۋامىدا ئۆزىمىزگە نۇرغۇن نۇرغۇن تەركىبلەرنى قوشتۇق ، ھەم ھازىرقى زامان ئويغۇر مىللىتى بولدۇق . گەپكە كەلسەك مىڭ يىل ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىياپىتى زادى قانداق ئىدى ؟ قارا خانىيلار تېرتۇيىسىدىكى تۈركلەر قانداق ئىدى ؟ ئىدىقۇت تېرىتورىيسىدىكى ئۇيغۇرلار قانداق ئىدى؟ باشقا تۈرك قەۋملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى قانداق ئىدى ؟ بۇ ئويلىشىدىغان مەسىلە ..شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى بىلەن 1000 يىل ئالدىدىكى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇش ئەھۋالىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان ئاساستا قەلەم تەۋرىتىش كېرەك دەپ ئويلايمەن . | 2008/2/19 11:47 |
8 | Ulughbek | [align=justify]خوتەنلىكلەر ساكلارنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئەۋلادى.يەنى ھازىر ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئىرقى مەنبەئەسى دەپ ئاتىلىۋاتقان ئارىئانلارنىڭ ئەۋلادى.ئەلۋەتتە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى (تىپىك مۇڭغۇل-تۈرك ئىرقىدىكىلەر)كاشىغەرىيە ۋە يەتتە سۇ رايۇنىغا كۆچۈپ كىلىشتىن ئىلگىرىلا خوتەنلىكلەر ئۈزىنىڭ بۈيۈك بۇدداھ مەدەنىيەتىنى ياراتقان.ھەم ناھايتى ئۇزۇن ۋاقىت قاراخانىلارغا بېقىنماي ياشىغان .ئىسلام دىنىغىمۇ نۇرغۇن قارشىلىق،قان تۈكۈلۈشلەر ئارقىلىق ئاران كىرگەن. بۇ توغرۇلۇق بۈيۈك دىۋاندىمۇ مەلۇماتلار بار.خەنزۇلار ،بۇلۇپمۇ تاڭ دەۋرىدە(مەھمۇد كاشىغەرى تۇغۇلۇشتىن نەچچە ئەسىرلەر ئىلگىرى) راستىن ھەم 西域دىكى 胡لار ھەققىدە مەلۇماتلار يازغان.ئەلۋەتتە بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان胡لار شۇ ۋاقىتلاردا تارىم ۋادىسىداياشاپ كەلگەن غۇزلار،توخرىلار،سوغدىلار (ھەممىسى دېگۈدەك غەربى يۇرتتا ئايرىم بەگلىكلەرنى قۇرۇۋالغان،كېيىن تاڭ سۇلالىسى كېڭەيگەندە شۇلارنىڭ تىرىتورىيىسىگە قۇشۇلغان يەرلىك قەۋملەر،كېيىن ئۇيغۇر،تاجىك،ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتكەن.)دەپ قارىلىۋاتقان ئارىئان نەسىللىك خەلقلەردۇر.شۇڭا ئۇلار شۇنداق ياۋرۇپا ئېرقىدىكىلەرگە ئوخشۇتىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ.بۇنىڭدا شەك يوق. ئەلۋەتتە ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئارىئان (ھىندى-ياۋروپا ئېرقىدىكىلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقى ئەجدادى)نەسىللىك قەۋملەر،كوئىنلۇن تېغى ئەتراپىدا ياشىغان چاڭلار،تۇبۇتلەر،ئورخۇن ۋادىسىدىن كۆچۈپ بارغان تۈركى نەسىللىك قەدىمقى ئۇيغۇرلار،قارا قىتانلار ،مۇڭغۇللار،مانجۇلار ......نىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يۇغۇرىلىشىدىن شەكىللەنگەن بىر قەۋم. شۇ سەۋەپلىك بىزدە ھەر خىل ئىرقتىكى كىشىلەرنىڭ ئىزنالىرى تېپىلىدۇ. بۇ تېمىدا بۇ مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنمايدۇ. نەزەرىڭىزنى مەھمۇد كاشىغەرى ياشىغان شۇ دەۋىرگە ئاغدۇرۇڭ.چۈنكى ھازىر گەپ ئورخۇن ۋادىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر -تۈرك خان جەمەتىدىن بولغان مەھمۇد كاشىغەرى ئۈستىدە بۇلىۋاتىدۇ. | 2008/2/19 12:39 |
9 | owqi | شۇنى دەيمەن بۇ مەشھۇرلىرىمىزغا دوپپا ياراشمامدىكەن | 2008/2/19 13:29 |
10 | niyazdixan | قاراخانىلار خانلىقىنى قۇرغۇچىلارنى ئورخۇن ئۇيغۈر خانلىقىدن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار دەپ ئېنىق مۇقىملاشتۇرىۋەتمىگەندۇ تېخى . | 2008/2/19 14:04 |
جەمئىي باھا 151 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|