|
ماقالە مەزمۇنى |
ئىككىنچى ئۇستاز - فارابى |
يوللىغۇچى ketmenbay كۆرۈش 12907 يوللانغان ۋاقتى 2008/2/15 18:11 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
مۇھەممەد ئەبۇ ناسىر فارابى فارابىنىڭ ھاياتى: فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى «ئىككىنچى ئۇستاز». فارابىنىڭ «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشى - ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك ئورنى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن، ئارىستوتىل تەلىملىرىگە پىششىقلىقىدىن، ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە شەرھى يازغىنىدىن ھەم ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن كېيىنكى بۈيۈك پەيلاسوپ بولغانلىقىدىندۇر. شۇنداقلا ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تاراتقۇچىسى بولغانلىقىدىندۇر. ئارىستوتىل «بىرىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتالغاچقا، فارابى ئۇنىڭ ۋارىسى ھەم تەلىماتلىرىنىڭ تاراتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىككىنچى ئۇستاز» دىيىلدى. فارابى دىگەن بۇ نام ئۇنىڭ يۇرتى فارابدىن كەلگەن بولوپ، بۇ ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى بويىغا جايلاشقان بىر يەر ئىدى. بەزىلەر فارابى سىر دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ۋاسىچ كەنتىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋاسىچ كەنتى تەۋە بولغان فاراب ۋىلايىتى دىيىشكە مايىل. فاراب نامىدا باشقا شەھەرلەرمۇ بار. بىرى تۈركىستاندا. يەنە بىرى پىرسىيەدە.ئىبن خەللىكان ۋە بەزى تارىخچىلار فارابى تۈركىستاننىڭ فاراب شەھرىدە تۇغۇلغان دەيدۇ. ئىبنى نادىم ئۆزىنىڭ فارابى ئالەمدىن ئۆتۈپ 38 يىلدىن كېيىن يازغان «كىتابلار مەجمۇئەسى» دە: فارابىنىڭ يۇرتى پىرسىيەنىڭ فاراب شەھىرى، ئۇنىڭ ئاتىسى پارىس، ئانىسى تۈرك. دەيدۇ. فارابى 870-يىلى تۇغۇلۇپ، 950-يىلى ۋاپات بولغان. فارابى ئۆز يۇرتىدا ماتىماتىكا، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى ھەم پارس تىلى، گرىك تىلى، ئەرەپ تىلىنى ئۈگەنگەن. ھىجىرىيە 310-يىلى ئىراققا كەلگەن ۋە بۇ يەردە پەلسەپە، لوگىكا، تىبابەت، ماتىماتىكا، مۇزىكا ھەم ئەرەپ تىلى قاتارلىق مۇھىم تىللارنى ئۈگەنگەن. نۇرغۇن تارىخچىلار فارابىنى 70 خىل تىل بىلەتتى دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇ گەرچە سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولسىمۇ، فارابى ئۆز دەۋرىدە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كۆپ قىسىم ئەدەبىي تىللارنى ئۈگەنگەن. بولۇپمۇ ئۇ ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى، پارس تىلى ۋە ئالىملار، ھۈنەرۋەنلەر تىلى بولغان گرىك تىلىغا بەك پىششىق ئىدى. ئۇنىڭ ئەرەب تىلىنى بىلىشىمۇ مۇشۇ تىلدا شېئىر يازالىغۇدەك سەۋىيەگە يەتكەن. ئۇ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى پەيلاسوپلسر ۋە ماتىماتىكلارنىڭ ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلاردۇر. فارابى ھىجىرىيە 330-يىلى ئىراقتىن سۈرىيەنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردە پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە ھەمەدانى بىلەن ئۇچراشقان. پادىشاھ فارابىنىڭ ئىستىداتىغا قايىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلغان. فارابى بۇ يەردە ئوقۇتۇش ۋە ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ تەخمىنەن ھىجىرىيە 338-يىلى ئەتراپىدا بىر قىتىم مىسىرغىمۇ بېرىپ كەلگەن. زور كۆپچىلىك تارىخچىلار: فارابى ھىجىرىيە 339-يىلى دەمەشىقتە ئالەمدىن ئۆتتى دەپ قارايدۇ. پادىشاھ سەيفۇل دەۋلە ئون بەش نەپەر ئەلەمدار ھەم قەلەمدارلىرىنى باشلاپ، فارابىنىڭ نامىزىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى دەمەشىق شەھىرىنىڭ «كىچىك دەرۋازا» سىرتىغا دەپنە قىلغان. فارابىنىڭ تاللىۋالغىنى تەركىيدۇنيا، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش ئىدى.ئۇ توي قىلمىغان بولۇپ، تۇرمۇشى غورىگول ئۆتكەن ئىدى. ھەر كۈنى پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە خەزىنىسىدىن خىراجىتىگە پەقەت تۆت دەرھەم ئېلىشقىلا ئۇنايتى. فارابى پىكىر يۈرگۈزۈش ئۈچۈن يالغۇزلۇقنى ياقتۇراتتى. فارابىنىڭ زور بىر قىسىم تىرىشچانلىقى پەلسەپە تەتقىقاتىغا قارىتىلغان. بولۇپمۇ گرىك پەلسەپىسىدىكى ئارىستوتىل پەلسەپىسىنى ۋە ئارىستوتىل ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ئۇ ناھايىتى كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلغان ئىدى. ئىبن خەللىكاننىڭ يازغىنىغا كۆرە، فارابى ئارىستوتىلنىڭ «روھ ھەققىدە» دىگەن كىتابىنىڭ ئۈستىگە ئۆز قەلىمى بىلەن، «بۇ كىتابنى يۈز قىتىم ئوقۇدۇم» دەپ يېزىپ قويغان. خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، فارابى يەنە: «پەيلاسوپ ئارىستوتىلنىڭ ‹فىزىكا› ناملىق كىتابىنى مەن قىرىق قىتىم ئوقۇدۇم، بىراق يەنە چوقۇم ئوقۇشۇم كىرەكتەك ھىس قىلىمەن» دىگەنمىش. فارابىنىڭ ئەرەب ئىلىم-پېنىگە قوشقان تۆھپىسى: فارابى - ئەرەب دۇنياسى پەلسەپە تەتقىتاتىنىڭ ھەقىقىي پىشىۋاسى. بۈگۈنكى كۈندە بىز ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى دەپ ئاتايدىغان ئىلىم ئىگىسى دەل مۇشۇ ئادەم. ئۇنىڭدىن كىيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەرەب پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىسى ئىچىدە ئۇنى چىقىش نۇقتا قىلمىغان ئىدىيە يوق دىيەرلىك. فارابى - پەلسەپە تارىخى ۋە ھەر قايسى مەزھەپ مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن ئادەم. ئۇ يەنە ئەپلاتۇن بىلەن ئارىستوتىل ئارىسىدىكى ئوخشاشمىغان قاراشلارنى مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە كۈچىگەن. سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئۇنىڭ شۆھرىتى ھەرگىز پەلسەپە ساھەسىدىكى ئورنىدىن تۆۋەن ئەمەس. مۇزىكا ئىلمى جەھەتتە، فارابى ئۆز دەۋرىنىڭ تالانت ئىگىسى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ «مۇزىكا دەستۇرى» دىگەن مەشھۇر بىر ئەسىرى بار. ئىبن خەللىكان ئۇنى «قالۇن» دىگەن چالغۇنىڭ ئىجادچىسى دەپ ھىساپلايدۇ. فارابى ئەسەرلىرى. فارابى ئەسەرلىرىدىن 40 پارچىسىلا بىزگە يېتىپ كەلگەن. بۇ ئەسەرلەرنىڭ 32 پارچىسى ئەسلى نۇسخا، 6 پارچىسى ئىبرايچە تەرجىمە، 2 پارچىسى لاتىن تىلىدىكى تەرجىمە. «پەن تەرتىپى» بۇ ئەسەر فارابىنىڭ قىممەتلىك ئەسىرى. مەزكۇر ئەسەر 1931-يىلى قاھىرەدە تۇنجى قىتىم نەشردىن چىقىپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشتى. مەزكۇر ئەسەردە فارابى ئىلىمنى بەش رەتكە ئايرىپ، سەككىز تۈركۈم بويىچە تەتقىق قىلىدۇ. فارابى بىرىنچى رەتكە تىلشۇناسلىقنى قويۇپ، ئۇنى يەتتە تارماققا ئايرىيدۇ: (1) تاق سۆز ھەققىدىكى ئىلى. (2) بىرىككەن سۆز ھەققىدىكى ئىلىم. (3) تاق سۆز گىرامماتىكا قائىدىسى ئىلمى. (4) بىرىككەن سۆز گىرامماتىكىسى. (5) توغرا يېزىش قائىدىسى ئىلمى. (6) توغرا ئوقۇش قائىدىسى ئىلمى. (7) شېئىر قائىدىلىرى ئىلمى. ئىككىنچى رەتكە لوگىكىنى قويۇپ، لوگىكىنىڭ ئەھمىيىتى، ئورنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تەقەززالىقنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۈچىنچى رەتكە ماتىماتىكىنى قويۇپ، ئۇنى بەشكە تارماقلايدۇ: (1) ئارفمىتىكا. (2) گىئومىتىرىيە. (3) ئاسترونومىيە. (4) مۇزىكا. (5) دىنامىكا. تۆتىنچى رەتكە فىزىكا بىلەن مىتافىزىكىنى (ئىلاھىيەتنى) قويىدۇ. بەشىنچى رەتكە ئەخلاق ۋە سىياسىينى تۆتكە تارماقلايدۇ: (1) مەىپەت. (2) فىقىھ. (3) كالامىيەت. (4) تەۋھىد. مەزكۇر كىتابتا ئىپادىلەنگەن فارابى ئۇسلۇبىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوچۇق ھەم ئېنىق ۋە يۈكسەك بولۇپ، باشقا ئەسەرلىرىدەك مۇرەككەپ چۈشىنىكسىز ئەمەس. فارابى تۆھپىلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ بۇ كىتابىنى كىيىنكىلەر يېزىقچىلىقنىڭ ئۈلگىسى قىلغانلىقىدا. مەشھۇر پەيلاسوپ ۋە ھەكىم ئىبنىسىنامۇ ئۆزىنىڭ «ئەششىفا» دىگەن كىتابىنى فارابىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان. ئىبنىسىنا فارابىنى ئۆز ئۇستازى قاتارىدا كۆرگەن بولۇپ، ئىبنىسىنادىن فارابى پەلسەپىسىنىڭ ۋارىسلىرىغا خاس خىسلەتنى كۆرگىلى بولىدۇ. فارابىدىن ئىبارەت بۇ پەيلاسوپنىڭ قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى ۋە ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغانلارغا ئىبنىسىنادەك ھاكاۋۇر، چوڭچى، ھەتتا ئەپلاتۇننىڭ پەلسەپىسىنىمۇ ئانچىلا ۋاي دەپ كىتىشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ باھا بەرگەن ئادەمنىڭ فارابىنىڭ ئالدىدىكى كەمتەرلىكىنى ئىشارە قىلىشلا كۇپايە. ئىبنىسىنا مۇنداق ئىتىراپ قىلغان: «مەن ئارىستوتىلنىڭ ‹مىتافىزىكا› سىنى قىرىق قىتىم ئوقۇپ ئازراقمۇ ھەزىم قىلالمىدىم. پەقەت فارابىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن شەرھىي ئەسىرى قولۇمغا چىقىشى بىلەن زېھنىم كەڭ ئېچىلىپ كەتتى». «ئىككى پەيلاسوپنىڭ قاراشلىرىغا مۇرەسسە» بۇ ئەسەر ناھايىتى يۇقۇرى تارىخىي قىممەتكە ئىگە. بۇ ئەسەردە فارابى ئەپلاتون بىلەن ئارىستوتىل ئارىسىدا تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. «ئېسىلبالىق (پەزىلەتلىك شەھەر) ئاھالىسى توغرىسىدىكى قاراشلار» بۇ كىتاب فارابىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى.بۇ كىتابتىن بىز فارابىنىڭ پىكىر دۇردانىلىرىنى ۋە پەلسەپەۋى ئىدىيىسىنىڭ جەۋھىرىنى كۆرەلەيمىز. كىمكى فارابى قاراشلىرىنى بىلمەكچى بولسا، پەقەت مۇشۇ كىتابنى ئوبدان ئوقۇپ كۆرسە بولىدۇ. بۇ كىتاب 37 باب بولۇپ، پەلسەپە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن. (مەنبە: داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەرجىمە قىلغان، مۇسا مۇساۋى(ئىراق) يازغان «ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» 6-باب. تورغا تەييارلىغۇچى: ketmenbay . بۇ تىمىنى باشقا تور بىكەتكە يوللىسىڭىز مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىڭ.) |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 96 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | kimsiz | فارابىنىڭ تەلىماتلىرى ھەققىدە مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئېمىننىڭ "فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى سىستېمىسى " دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇش كۇپايە ،دەپ قارايمەن. چۇنكى موسا مۇساۋىينىڭ كىتابى ئاساسەن دېگۈدەك ئەرەپ پەيلاسۇپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلغان . ىۇددى تەرجىمان ئىلاۋىدە ئېيتقاندەك ، بۇ ئىسىمنى ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلغان .( يۇقىرىقى ئىسىمغا). يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا فارابىنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى بىلىمى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئېراقلىق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرىدۇ. | 2008/5/9 11:16 | |||
2 | ~isyankar~ | بىز فارابىنى ئۇيغۇر دەپ ماختىنىمىز باشقىلار فارابىنى قانداق تونۇيدۇ؟ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرچە ماتىرىياللارنى كۆرۈپ تونىمايدىغۇ دەيمەن؟!(ئۇيغۇرشۇناس بولغاندىن سىرت) تۆۋەندىكى ئادرىسلارنى كۆرۈپ بېقىڭلار: http://en.wikipedia.org/wiki/Al-Farabi#Turkic_origin http://www.islambook.net/xueshu/list.asp?id=3330 http://baike.baidu.com/view/142982.htm بىرسىدە ئەرەب دەپتۇ،بىرسىدە ئاتىسى 波斯(ئۇيغۇرچىسى نېمىكىن) ئانىسى تۈرك دەپتۇ...بەيدۇدىكىسىنى ئۆزگەرتىپ قويىدىغانلار ئېنگلىزچە ئىشەنچلىك مەنبە بولسا كۆرسىتىپ ئۆزگەرتىپ قويساق! |
2008/5/11 14:14 | |||
3 | jazire | فارابى دەۋرىدە ئۇلارنىڭ ئەجدادى چارۋىچىلىق ئەمەس دەشتىباياۋان،تاغ-تۆپىلىكلەردە ئوۋچىلىق قىلاتتى. | 2008/11/10 00:19 | |||
4 | karizci | ئەلۋەتتە فارابى ياشىغان9~10-ئەسىرلەردە قەشقەرىيە مۇسۇلمان بولۇشقا باشلىغان، لېكىن غەرپرەككە جايلاشقان قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرى ئوترار ئەينى چاغلاردا ئاللىبۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، بىز ھازىر تىلغا ئېلىۋاتقان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلامغا بەيئەت قىلىشى دۆلەت ۋە مىللەت نۇقتىسىدىن ئېيتىلغان گەپ. بىر مىللەتنىڭ بىر دىندىن يەنە بىر دىنغا ئۆتۈشى بىر كېچىدىلا تاماملىنىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە مەلۇم ئۆتكۈنچى مۇددەت زۆرۈر، بۇ ئەقەللىي بىر ئىش، ئۇيغۇر زېمىنلىرىنىڭ ئەرەبلەرگە يېقىن جايلىرى ياكى ئەرەب زېمىنلىرى بىلەن كۆپ ئالاقە قىلىدىغان زېمىنلىرى ئىسلامنى بالدۇرراق قوبۇل قىلغان. تۇرپان قۇمۇلدەك شەرقىي زېمىنلىرى كېيىنرەك قوبۇل قىلغان، بەلكى 3-4 ئەسىر كېيىن، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلاملىشىشىغا 500 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن. قەدىمكى شەھەر ئوترار بولسا ئەسلىي ھەربىي قورغان بولغان، فاابىنىڭ ئاتىسى ھەربىي ئادەم، ئوترار قورغانىدا قوماندان بولغان. بۇنىڭدىن ئوچۇقلا بىلىنىپ تۇرمامدۇ. تازنىڭ نېمىسى بار؟ تۆمۈر تاغىقى دېگەن ماقال ئەجەپ توغرا ئېيتىلىپتىكەن-ھە! |
2008/11/10 15:05 | |||
5 | hazebay | قازاق مىللىتىنىڭ پەخىرلىك وغلانى ئەبۋنەسىر ئەلفارابي ھازىرخى قازاقستاننىڭ شىمكەنت ئوبىلاس تۇركىستان ناھياسىنا تان قەدىمكى قالا ئوتىراردا تۇغۇلغان. الفارابي ئوز خاتيرىسدە: << يۇرتىم- ئوتىرار، قابىلەم- قاڭلى قىپشاق >> دەپ يازغان. بۇل قابىلە قازاقنىڭ ىچىدە ھازىرمۇ بار. بىزشە ئالىم جەنۇبي شىنجاڭدا تۇغۇلسا ۇيغۇر ديسەك بولاتتى. ليكىن، شۇ زاماندا تۇركتىڭ بۇيۇك ئالىمى مەھمۇد كاشغاريدىڭ مەلۇمەتىندە ۇيغۇرلار (الفارابي ياشىغان داۋىر870-950 يىللار ئەمەس )11- ئەسىردىمۇ سىلام دىنىگە تيخى كىرمىگەن. بۇتقا شوقىنىدىغان خەلىق ىكەن. گەرچە ئەبۋنەسىر ئەلفەرابينىڭ اتا- بوۋۋلىرىدىن تارتىپ مۇسۇلمان پەرزەنتى. ئونى ۇيغۇر ديىش يۇزدى- يۇز تاريخقا ھۇرمەتسىزدىك. بۇ مۇمكىن ئەمەس. ھازىر خەلقەردا دۇنيا ئالىمدارى الفارابينى قازاق دەپ تونىغاندىقتان ونىڭ قەۋرىسىن سۋريادان قازاقستانغا قايتۇرىپ بەردى. |
2008/11/10 17:40 | |||
6 | ertoghrul | [align=justify]غازبايغا جاۋاپ: فارابىنىڭ « ئۇيۇنۇل ماسائىل » دىگەن ئەسىرىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا فارابىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ نەسىر مۇھەممەت ئىبنى ئۇزلۇق ئىبنى تارخان بولۇپ ھىجىرىيىنىڭ 259- يىلى، مىلادىيەنىڭ 870- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فاراب - ئوترار - جەۋھەر شەھىرىنىڭ «ۋاسىچ» ھەربىي قەلئەسىدە، مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان توققۇز ئۇيغۇر (توققۇز ئوغۇز) چەۋەنداز ھەربىي سەردار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. خەيرۇللايېۋ : « فارابى دەۋرى ۋە تەلىماتى » 1975- يىلى تاشكەنت رۇسچە نەشرى، 212- بەتتىكى نەقىل فاراب ( ئوترار ) شەھىرى سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى قەشقەر - يەتتە سۇ رايونىدىكى ئۇيغۇر ياغما قەبىلىسى يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر - قارلۇق قەبىلىلىرىنى ئاساس قىلغان قاراخانىلار خانلىقىنىڭ مۇسۇلمانلاشقان سامانىلار خانلىقىدىن كېلىدىغان دىنىي، ھەربىي خەۋپىگە قارشى ئالدىنقى قورغىنى ئىدى. گىرىگورىيان " ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران پەلسەپە تارىخىدىن ئوچېرىك " 1960- يىلى موسكۋا رۇسچە نەشرى 154- بەت مىلادىيە 893- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام خانلىقى بولغان سامانىلار خانلىقىنىڭ پادىشاسى ئىسمايىل سامانى قارا خانىلارغا تەۋە بولغان تالاس - فاراب - بالاساغۇن لىنىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ بوستانلىقنى قولغا كىرگۈزىۋالدى. ئوغۇلچاق قىدىرخان قەشقەرگە چېكىندى، نەتىجىدە ئىسمايىل سامانىغا ئەسىرگە چۈشكەن 15 مىڭ كىشى مانىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى، فارابى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن مۇسۇلمان بولدى، بۇ چاغدا فارابى 22 ياشلاردا بولسا كېرەك ........ فارابى 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا قارا خانىلار تەۋەسىدە ياشىدى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنى كۆردى. ئۇيغۇر ( تۈركى ) تىل - ئەدەبىيات ۋە مۇزىكا سەنئىتى، جۈملىدىن پارىس تىلىنىمۇ پىششىق ئىگەللىدى ......... 30 ياشتىن ھالقىغاندىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان باغدات شەھىرىگە كېلىپ، باغداتتا ئەبۇبەكرى ئىبىن سىراجىدىندىن ئەرەپ تىلىنى ئۈگۈنىۋالدى .... مەشھۇر خىرىستىيان ئالىمى ئەبۇ بەشەر مەتتە يۇنۇستىن لاتىن تىلى ۋە لوگىكا ئىلمىنى ئۈگەندى ...... ھىجىرىيىنىڭ 339- يىلى ماھى رەجەپ ئېيىدا (مىلادىيە 950 -يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدا ) سۈرىيىنىڭ دەمەشق شەھىرىنىڭ سىرتىدا لېكسىيە قىلىش سەپىرىدە 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ب . ئا . روزېنفېلىت قاتارلىقلار « ئەلفارابى ھەققىدە ئىلمىي ماقالىلار » 1975- يىلى موسكۋا رۇسچە نەشرى، 30 - بەت |
2008/11/10 21:21 | |||
7 | karol |
مەن ئۇقىغان ئۇ كىتابنىڭ ئىسمى ئېنىق ئىسىمدە يوق ، كىتابنى مەن 18يىلنىڭ ئالدىدا ئۇقىغاندىم ، يىزىقى بۇرۇنقى ئويغۇر يىزقىدا يىزىلغان كىتاپ ، ھازىرقى ئويغۇرچە ئىملاغا بەزى جايلىرى ئوخشىمايدۇ شۇ كىتاپتا ئۇقىشىمچە قازاقلا ئويغۇردىن يۈزنەچچە يىل كىيىن ئىسلام دىنى بىلەن ئۇچراشقان ھەم تۇنۇشقانلىقى قەيىت قىلنىپتىكەن ئۇنداقتا بۇنىڭغا سىز قانداق تەبىر بىرىسىز غازىباي مىرزا ertoghrul ئەپەندىنىڭ دىگىنىگە قانداق جاۋاپ بىرىسىز غازىباي مىرزا |
2008/11/10 21:27 | |||
8 | ertoghrul | ھېلىمۇ ياخشى مەھمۇت بوۋىمىز ئەسىرىنىڭ بىرەر يېرىدە قازاق دىگەن سۆزنى تىلغا ئېلىپمۇ قويماپتىكەن بولمىسا ئۇنىمۇ قازاق دەپ يېتىۋالار ئىكەنسەن، يۇقۇرىدىكى ئىنكاسنى كۆرگەنسەن، ئەل فارابى 22 يېشىدا ئاندىن مۇسۇلمان بولغان، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مانى دىنىدا ئىدى. سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ جەسىتىنى قازاقىستانغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئۇنى قازاق دەپ تونۇغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى قازاقىستانلىق دەپ تونۇغانلىقتىن بولغان، ھېلىمۇ رۇسلار قازاقىستانىڭنى 300 يىل بېسىپ ياتقىنىغا فارابىنى رۇس دەۋالماپتىكەن، ئۇنتۇپ قالما قازاقىستاندا قازاقتىن باشقا يەنە 150 مىللەت بار، قازاقلىرىڭ شەھەر تۇرمۇشىغا ئۆتكىلى ئاران 100 يىلمۇ بولمىدى، تاغدىكى مالچىلاردىن ئۇنداق يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابىدەك پەيلاسوپ ئالىملار چىقمايدۇ، ئىشەنمىسەڭ 200 يىل بۇرۇنقى ئابايدىن بۈيۈك شائىرىڭ، چوقاندىن باشقا زىيالىلىرىڭنى كۆرسىتىپ باقە؟ يەنە فارابى، مىرزا ھەيدەر دەيسەنغۇ دەيمەن، ئەگەر فارابىنى قازاق دىسەڭ ئۇنداق بولسا فارابىدىن كېيىن تاكى ئابايغىچە بولغان ئارىلىقتا مەيدانغا كەلگەن ئالىملىرىڭ، ئۆلىمالىرىڭ قېنى، ئېتىنى مىسال كەلتۈر |
2008/11/10 21:45 | |||
9 | hazebay | ertoghrul بۇ توقۇلماڭ ىچنارسىگە ئەسقاتمايدى. ۇيغۇرلاردا قابىلە بولغان ئەمەس. ئەلفارابي قەشقەردە تۇغۇلمادى. قازاقنىڭ شاھارى ئوتىراردا تۇغىلدى. ونىڭ قابىلىسى << قاڭلى قىپشاق >> ، خاراخانيلار بىلەن ۇيغۇرلارنى شاتىستىرما! ولار ئىككىسى ۇقشىماغان ئىككى خەلىق. مەخمۇد قەشقەرينىڭ مەلۇمىتىندە ۇيغۇرلار 11- ئەسىردە سىلام دىنغا كىرمىگەن << كاپىرلار >>ئىدى. 840- يىللارى ورخوننان شىنجاڭغا كوچىپ كەلىپ، 866- يىلى ئەرەڭ ەدىخۇد خاندىلىغىن قۇرسا، 870- يىلى ئوتتۇرا ئاسيا ئوتىرارغا قانداق بېرىپ قالسۇن؟ بۇ فاكىت اقىلغا ئەركەز سىيمايدى. 1956- يىلى دۇنيا ئالىملىرى ئالمۇتىدا قازاق ئالىمى دەپ ىېتىراپ قىلىپ بولغان. ئەمدى تالاشنىڭ ورنى يوق. قازاقنىڭ ئالىملارى بىلەن تونۇشماق بولساڭ سۋبيخەي ئەپەندىمنىڭ << قازاق مادىنيەت تاريخى >> بىلەن تونۇشۇپ باق! |
2008/11/11 00:21 | |||
10 | selim | ertoghrul نىڭ يازغىنىنى توقۇلما دېسەڭ ، ئۆزەڭ توقۇلما ئەمەسنى ertoghrul غا ئوخشاش ئېنىق قىلىپ ئاپتورى ، كىتاب ، بەت سانى قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرمەمسەن . ھېچبوللمىغاندا 1956 - يىلى كىملەر فارابىنىڭ قەبىلىسى قاڭلى قىپشاق دېگەن . شۇنى بولسىمۇ دەپ باقە . فارابىنىڭ قايسى ئەسىىرىدە مەن قاڭلى قىپشاق دېگەن گەپ بار شۇنىمۇ كەلتۈرۈپ باقە قېنى ؟ قايسى ئەسىرىىڭ قانچىنچى بېتىدە شۇنداق دەپ يازغانكەن . سۋبيخەيدىن باشقا بىرەسىنى مىسال ئېلىپ باقە خەلقارا ئېتىراپ قىلغان . سۇبىخەينى سەندىن باشقا كىم بىلەتتى . فارابىنى ھېچكىم قەشقەردە تۇغۇلدى دېگىنى يوق . |
2008/11/11 00:45 | |||
جەمئىي باھا 96 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|