يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
تۇتقىلى كېلىپ تۇتۇلۇپ قېلىش
يوللىغۇچى niyazdixan   كۆرۈش 4088   يوللانغان ۋاقتى 2008/2/10 20:18  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
تۇتقىلى كېلىپ تۇتۇلۇپ قېلىش

 مامۇت غازى

 ( ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن )

 پىچان بىلەن مورى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمىي يولنىڭ پىچان تەرەپكە 72 كىلومېتىر كېلىدىغان بۆلىكىدە كەرچى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قونالغۇ بار. بۇ يەرگە ئىككى ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەن تۆمۈرخان مېھماندوست، كۆكسى - قارنى كەڭ ئادەم بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلارغا ئاۋۋال نان، چاي بېرىپ، ئاندىن گەپ سورايتتى. 1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرى شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان دەسلەپكى چاغلاردا، ئوسمان باندىت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھەمدە گومىنداڭنىڭ ئاز سانلىق قاچاق ئەسكەرلىرى تاغلارغا قېچىپ بېرىۋېلىپ، قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان ۋاقتىدا، تاغ يوللىرىنى ۋە قازاق تىلىنى پۇختا بىلىدىغان تۆمۈرخان پىچاننىڭ چىقتىم رايونىدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تاغ باندىتلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، يول باشلاش، تەرجىمانلىق قىلىش ۋە تاماق، ياتاقلارنى ھەل قىلىشقا ئوخشاش جەھەتلەردە خىزمەت كۆرسىتىپ، بىرنەچچە قېتىم تەقدىرلىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. بۇ خەۋەرنى مورى تاغلىرىدا تۇرۇپ ئاڭلاپ تۇرغان ئوسماننىڭ قىزى باشچىلىقىدىكى قوراللىق باندىتلار گەرچە ئوسمانغا 1951 - يىلى 4 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرىگە تەن بەرمەي، تۆمۈرخاننى تۇتۇپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالماقچى بولىدۇ. 1951 - يىلى 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئوسماننىڭ قىزى ئىككى قوراللىق ئەر( قازاق ) كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا كەرچىگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا تۆمۈرخان مورىغا ئۆرۈك ئېلىپ ماڭغان ئۈچ ئادەمنىڭ ئېشەكلىرىنى تاقىلاۋاتاتتى. ئايال باندىت ئېتىنى دېۋەيلىتىپ كېلىپ، قامچىنىڭ دەستىسى بىلەن ئۇنىڭ پىشانىسىگە نوقۇپ تۇرۇپ، تۆمۈرخان دېگەن يەكچەشمەسەنمۇ؟، ئوسمان باتۇرنىڭ 36 ياشلىق قىزىنىڭ قولىغا چۈشىدىغانلىقىڭنى ئويلىمىغان بولغىيتتىڭ، ئەمدى قانداق قىلىسەن؟ − دەيدۇ. تۆمۈرخان بولقىنى تاشلاپ، ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ تۇرۇپ قازاق تىلىدا:- يوقسۇ، ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ، ماڭا خەۋەر بەرگەن بولساڭلار ئۆزۈم بېرىپ سىلەرنى باشلاپ كەلمەمتىم، قېنى ئاتتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرىڭلار − دەيدۇ. ئايال: − ئۆيۈڭدە نېمە قىلىمىز − دېسە، ئۇ: − سىلەر دېگەن ئېزىز مېھمان، ئاۋۋال ئۆيگە كىرىپ چاي ئىچىپ، تاماق يەڭلار، ئاندىن قانداق بۇيرۇقىڭلار بولسا مانا مەن قوبۇل قىلىمەن − دەپ تازىم قىلىدۇ.ئۇلارنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ نان، چاي، ئۆرۈك بىلەن كۈتىدۇ، ئۇلار سۇيۇقئاش ئىچىمىز دېگەچكە، ئايالى ئاشقا تۇتۇش قىلىۋاتقاندا تۆمۈرخان: − ئاتلارغا بوغۇز بېرىپ قويۇپ كىرەي، دەپ تالاغا چىقىپ، ھېلىقى مورىغا بارىدىغان ئۈچ كىشىگە: − بۈگۈن بىز بۇ ئۈچ باندىتنى تۇتۇپ باغلىۋالمىساق، ئۇلار ھەممىمىزنى تۇتۇپ كېتىپ قىيناپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاش پىشقاندا سىلەرمۇ ئۆيگە كىرىپ تەييارلىنىپ تۇرۇڭلار، ئۇلار بىر چىنە ئاشنى ئىچىپ بولۇپ، ئىككىنچىسىنى قولىغا ئالغاندا، مەن چۆمۈچنى قازانغا ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ بەلگە بېرىمەن، ئۇلار تەييارلىقسىز تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەر ئىككىڭلار ئىككى ئەرنى تۇتۇپ باغلايسىلەر، مەن ئايالنى تۇتۇپ باغلايمان، دەيدۇ. شۇ پىلان بويىچە قوراللىق باندىتلار بىلەن خېلى ئۇزۇن ئېلىشىپ، ئىككى ئەرنى قورالسىزلاندۇرۇپ، باغلىۋالىدۇ، بىراق تۆمۈرخان ئايال بىلەن ئېلىشىپ كۈچى يەتمەي ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. بىرەيلەن كېلىپ ياردەملىشىپ ئايالنىمۇ قورالسىزلاندۇرۇپ باغلايدۇ.ئۇلارنى تالاغا ئېلىپ چىقىپ، ئاتقا مىندۈرۈپ ئېلىپ ماڭماقچى بولغاندا ئايال: − بىز سېنى تۇتقىلى كېلىپ تۇتۇلۇپ قالدۇق، ئەمدى بىزنى نەگە ئاپىرىسەن، دەپ سورايدۇ. تۆمۈرخان: − سىلەرنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن، يۇۋاش بولۇش، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورال - ياراق، ئاتلىرى بىلەن قوشۇپ، بۇ يەرگە بەش كىلومېتىر كېلىدىغان تۆۋەن كەرچىدە تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.مەن 1978 - يىلى 7 - ئايدا پىچان ناھىيىسىنىڭ كۆكيار سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورنىدىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كەرچىگە كېلىپ تۇرغان چېغىمدا، مەرھۇم تۆمۈرخاننىڭ ماڭا ئەينى چاغدىكى نەق مەيداننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەنلىرىدىن ئوسماننىڭ قىزىغا ئائىت قىسمىنى رەتلەپ چىقتىم.
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىسى 2004 – يىلى 2 – سان


تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 16   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 gadankax     ئەجەپ ۋەتەنپەرۋەر تۆمۈرخان ئىكەن بۇ!!! 2008/2/10 22:06
2 tunpalwini مېنىڭ ئاڭلىشىمچە ئوسمان باتۇرنىڭ قىزىنى ئۇيغۇر قىزىل ئارمىيە قىسىملېرى بىر تاغ جىلغىسىدا قورشىۋېلىپ ، بىر مەيدان جەڭدىن كىيىن ئاندىن تۇتىۋالغان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم . سەۋەبى ئۇ قىزنىڭ ئوقى تۈگەپ كەتكەن ئىكەن . ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلەتتىم ئۇنتۇپ قاپتىمەن . بۇ ئىشنى نەۋرە ئاكامغا بىر پىشقەدەپ قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى سۆزلەپ  بەرگەن ئىكەن . تۇتىۋالغىنى بەلكىم ئوسمان باتۇر بولۇشى مومكىن . 2008/2/12 17:39
3 otirar ئشەنچىلىك بولۇش ئۇچۇن قوشۇلغان ----كۇچى يەتمەي قېلىش----- ئنتايىن چوڭ تەسۋىر ئىكەن، ئستىلىستىكىنىڭ قايسى تۇرىگە تەۋە ئىكەنلىگىنى كىم دەپ بېرەلەيدۇ ؟ 2008/2/12 22:24
4 palwan

  نەقىل:
4 - قەۋەتتىكى otirar 2008-02-12 22:24 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ئشەنچىلىك بولۇش ئۇچۇن قوشۇلغان ----كۇچى يەتمەي قېلىش----- ئنتايىن چوڭ تەسۋىر ئىكەن، ئستىلىستىكىنىڭ قايسى تۇرىگە تەۋە ئىكەنلىگىنى كىم دەپ بېرەلەيدۇ ؟

بەلكىم كۇچەيتمە بولىشى مۇمكىن .
  ئوسماننىڭ قىزى ئارقىدىن قانداق بوپتۇ؟ دىگەن سۇئالنى قويۇپ گېپىنى تىڭشايدىغان يولداشكەنتۇق بۇ. خۇددى ......لېي خۇلەن جادونىڭ ئالدىغا كەلگەندە مەڭسىتمەستىن بېشىنى بىرلا ئىرغىتىپ چېچىنى تۇزلەپ قويدى.... دىگەندەك تەسۋىركەن.
2008/3/7 12:13
5 malxe   تۆمۈرخان  پارتىياغا  سادىق پۇقرا وقشايدۇ ،  ۇسمان ۇرۇشتا ياردار بوپ تۇتۇلغان  ،ىككى ۇغلى1954 يىل تۇتىلغەن 2008/12/20 00:32
6 aqhun تۆمۆۆۆۆۆۆۆخاننىڭ ئەۋلادلىرى نىمىش قىلىۋاتقاندۇ ؟ ئەجەپ ۋەتەنپەرۋەر ، ئەجەپ مەرتكەن ھە . كۈچتۈڭگۈرلۈگنى كۆرمەدىغان تېخى . 2008/12/20 16:38
7 hazebay مەنىڭچە ماۋۇ بىر توقۇلما قەۋەست. مىڭداغان ئادەملىرنى باشلاپ ئۇرۇش قىلغان ئوسىماننىڭ پەرزەنىتلىرى مۇشۇنداق ئاسان قولغا چۇشىدىغان ئاخىماق بولمىسا، قانداق بىر ۇش ديخانغا تەڭ كەلە ئالماي ئەسىرگە چۇشىپ قالغاندۇ؟ 2008/12/20 22:19
8 niyazdixan توقۇلما بولسا راستىنى يېزىڭلا hazebay . 2008/12/20 22:26
9 koruk وسپان باتىر


ۋاليجان وتىنسۇ

2008/12/21 03:17
10 koruk

  نەقىل:
9 - قەۋەتتىكى niyazdixan 2008-12-20 22:26 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
توقۇلما بولسا راستىنى يېزىڭلا hazebay .

ساڭا قانداق پاكىت كاراك قارىندىشىم :
وسمان توغىرلۇق : http://www.ulkum.com/berka/seh/m/osman_batur/

ۋاليجان توغىرلۇق : http://www.ulkum.com/kahramanlar/esar/velican_oduncu/
2008/12/21 03:22
 جەمئىي باھا 16  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/2  |<  <<   1 2   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009