|
ماقالە مەزمۇنى |
يەكەن خاندانلىقىنڭ مەڭگۈلۈك ئاب... |
يوللىغۇچى koktugh كۆرۈش 4602 يوللانغان ۋاقتى 2008/2/9 12:17 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
ساياھەت رايۇنىنىڭ ئاساسلىق ئۈچ چوڭ بۆلىكى- -{ئالتۇن كۆل،ئالتۇن مەسجىد،ئالتۇن مازار(«ئالتۇن» سۆزى قەدىرلىك،ئەزىز ..دىگەندەك مەنىلەرنى بىرىدۇ} بىر-بىرىگە يىقىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ئۈچ چوڭ بۆلەك ئوتتۇرسىغا ئاماننىساخان مەقبەرىسى---مەقبەرە ئۇدۇل تەرىپىدە خانلىق ئوردا قوۋىقى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ھوزۇرۇڭلاردا تارىخ قىممىتىگە ئېگە بولغان قىممەتلىك ،تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان مەدىنىيەت مىراسلىرىمىزدىن بولغان قۇرلۇشلار... خانلىق ئوردا قوۋىقى:(كونا شەھەر رايۇنى) سۇلتان ئابدۇرەھىشىدخان مەقبەرىسى:(ئالتۇن مازار ئاماننىساخان مەقبەرىسى سىرىتقى ۋە ئېچكى كۆرنۇشى:(كونا شەھەر رايۇنى) ئالتۇن مەسجىد: 1533-يىلى ئابدۇرەھىشىدخان تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان.:(كونا شەھەر رايۇنى) سۇلتان سەئېدخان مەقبەرىسى:( كونا شەھەر رايۇنى) ئەجدادلىرىمىز بىزگە شۇنى بولسىمۇ مىراس قىلىپ،بىزگە ئۆتمۈشىمىزنى ئەنە شۇلار ئارقىلىق ئەسلىتىدۇ.ئەنە شۇلار «ئۆز »بەدىلىگە بىزلەرنى تارىخ سەھنىسىگە ئىلىپ چىقىدۇ . مەنبە؛http://bbs.salkin.cn/ |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 18 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | bugrahan | رەھمەت! كۆرمىگەننى كۆردۇم ،قىززىق يېرى خانىشنىڭ قەبرىسى خانلارنىڭكىدىنمۇ ھەشەمەتلىك سېلىنىپتۇ . | 2008/2/9 13:01 | |||
2 | galwang | ئاڭلىشىمچە : ئاماننىساخاننىڭ ئەسلى قەبرىسى سۇلتان ئابدۇرشىتخان قەبرىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى قىزىل يوپۇقلۇق قەبرە تۇتاشتۇرۇلغان يوپۇق يېپىلغان قەبرە. قىزىل يوپۇق يېپىلغان كىچىك قەبرە ئالتە ئايلىق مەلىكىنىڭ قەبرىسى، ئاماننىساخان ئىككىنچى تۇغۇتىدا كۈتۈلمىگەن ھادىسە بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن خانلىق قەبرىستانلىققا " ئالتۇنلۇقۇم قەبرىستانلىقى"غا دەپنە قىلىنغانىكەن. |
2008/2/9 13:45 | |||
3 | uyghurtekin | مەن بۇ جايلاغا بېرىپ كۆرگەن بۇ مازارنى تازا ياخشى ئاسرىمايدىكەن نەگىلا قارىسا ئەخلەت مازار ئىچىدىكى ھېلىقى جۇلدۇر كېپەن سوپىلا،،،،يەنە باشقا يەرلەر مۇ بارغۇ يەكەن شەھەر سېپىلى،نورۇز دوڭ،دېگەندەك،شەھەر سېپىلىنىڭ قالدۇقى بارئىكەندۇك لىكىن بۇ بىر ھەربىي گازارمىنىڭ ئىچىدىكەن ئازراق يېرىلا چوڭ يولغا چىقىپ تۇرىدىكەن سىرتتا تۇرۇپ رەسىمگە تارتسا تولۇق چىقمايدىكەن شۇڭا مەن بۇ گازارمىنىڭ ئىشىكىنى باقىدىغان ھەربىيلەرگە ئىچىگە كىرىپ ماۋۇ دوڭنى رەسىمگە تارتىۋالاي دېسەم ،سەن نىمىش قىلىدىغان ئادەم دەپ بىردەمدىلا ماشىنىلىق باشلىقلىرىنى چاقىرىپ كەلدى مەن دىدىم بۇ بەك چوڭ توپا دۆڭ ئىكەن شۇ مەن قىزىقىپ قالدىم شۇڭا رەسىمگە تارتىۋالاي دىگەن دىسەم ياق بولمايدۇ دەپ ئاپراتىمنى تارتىۋالىمىز دەيدۇ ھەي مەن تېخى تارتمىسام نىمىشقا تارتىۋالىسىلەر دەپ تۇرۇشۇمغا بىر ئۇيغۇر قىز بالا كەپقالدى ئۇ قىز شۇ قورودا ئولتۇرىدىكەن شۇڭا ئۇ قىزنىڭ ياردىمىدە ئاران قۇتۇلۇپ چىقتىم. توۋا دەيمەن بىز زادى قانداق بىر شور پىشانە ئادەملەر ھە ئۆز ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مىراسلارغا ئۆزىمىز ئىگە بولالمايدىغان | 2008/2/9 15:35 | |||
4 | TuranTekin | ئۇيغۇر تېكىن ئەپەندى، يامان يېرىگە كەلگەندە يەنە شۇ قىزچاق ئىشىڭىزنى ئوڭشاپتۇ، يەكەننىڭ قىزلىرىنى بوش چاغلىماڭ جۇمۇ! ![]() |
2008/2/9 16:28 | |||
5 | jewlaniy |
مەنمۇ دەل مۇشۇ تەرىپىگە ھەيران قالدىم. بەلىكىم ئەسلى ئەمەلىيەت galwang ئەپەندى ئېيتقاندەك بولۇشى مۇمكىن |
2008/2/10 02:00 | |||
6 | erghemi | مەن يەركەنگە قىلغان ھەربىر سەپىرىمدە يۇقۇردا سۈرەتلەنگەن تارىخى ئىزلارنى قايتىلاپ زىيارەت قىلىمەن. لېكىن يېقىقى بىر زىيارىتىمدە مەن بىلەن بىرگە زىيارەت قىلغۇچىلارغا ئەھۋال تونۇشتۇرغان يەركەن ناچىلىك پارتېكومنىڭ بىر ھەييەت ئەزاسى، سەئىدىيە خانلىقى بولسا چىڭگىزخاننىڭ كېيىنكى ئەۋلدى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خانلىق، تارىختا چىڭگىزخاننىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى "ئالتۇن ئۇرۇچ"تىن دەپ تەرىپلەنگىنى ئۈچۈن، سەئىدىيە خان جەمەتى مازارلىقى "ئالتۇن مازار"، مازارلىق بىلەن تۇتاشقان مەسچىت "ئالتۇن مەسچىت" دەپ ئاتالغان دەپ تونۇشتۇردى. ئۇ يەنە ئۆز ئەزدادىغا سېغڭنغان ۋە موڭغۇل ئەن-ئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان سەئىدىيە خان جەمەتى ئامانمىساخان خاتىرە سارىيىنىڭ گۇمبىزى بىلەن سۇلتان سەئىدى خاننىڭ گۈمبەزچە يېپىلغان قەبرىسىنى مۇڭغۇللارنىڭ كىگىز ئويى شەكلىدە گۈمبەزلىگەن دەپ چۈشەندۈردى. ( بۇ چۈشەندۈرۈشلەردىن مەن سەل گاڭگىراپ قالدىم) بۇ چۈشەندۈرۈشلەر تارىخى پاكىتلارغا ئۇيغۇنمۇ؟ سەئىدىيە خان جەمەتى راستىلا موڭغۇللار ئۇرۇقىدىنمۇ؟ كۆرۈنۈشتىلا ئۇيغۇر بىناكارلىقى پۇرىقىدىكى شۇ گۈمبەزلەر راستىلا موڭغۇلارنىڭ ئەن-ئەنىسىغە ۋارىسلىق قىلىغانلىقنىڭ ئىپادىسىمۇ؟ ___________چۈشەنجە بېرىلسە! |
2008/10/29 20:37 | |||
7 | mavlan | سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغۇچىلار مۇڭغوللارنىڭ ئەۋلادى دىيش تازا تۇغرا ئەمەس ، تۇغلۇق تۆمۆردىن ھىساپلىساقمۇ سەئىدىخانغا كەلگۈچە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلىشىپ بولغان . سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تۈزۈلمىسى بولسون ياكى بىناكارلىق ئۇسلۇبى بۇلسۇن ۋەياكى مەدەنىيىتى بولسۇن ھەممىسى بۇنىڭ دەللى دەپ قارايمەن .... | 2008/10/29 22:53 | |||
8 | romantik | مۆھتەرەم ئۇستازلار ۋە دوستلار، << خانلىق ئوردا قوۋىقى:(كونا شەھەر رايۇنى) >> بۇسۈرەتتىكى قۇرۇلۇش ( ئالتۇن دەرۋازا رايۇنىغا جايلاشقان)ھەرگىزمۇ، سەئىدىيە خانلىقىغا تەۋە ئەمەس. بۇ قۇرۇلۇش پەقەتلا << ئاماننىساخان >> دىگەن كىنونى سۈرەتكە ئىلىش مۇناسىۋەتى بىلەن ياسالغان بولۇپ، كىيىن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن تۇرپاندا سۈرەتكە ئىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ قۇرۇلۇش تاشلىنىپ قىلىنىپ پەقەت ھىيتلار دا ناغرا سۇناي چىلىنىدىغان .ورۇن بولغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يەكەننىڭ بەلگە خارەكتىرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ قالغان. يەنە بىر مەسىلىە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۈستىدىكى خەنزۇچە خەت بۇ قۇرۇلۇشقا تەۋە ئەمەس، بەلكىم كومپىيۇتېردا كىرىشتىرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكىسى مۇشۇ قۇرۇلۇشنىڭ جۈمە كۈنىدىكى مەنزىرىسى: |
2008/10/30 14:41 | |||
9 | niyazdixan | سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغۇچى سۇلتان سەئىدخان چىڭگىزخان ئەۋلادىدىن ، بۇ خانلىقنى قۇرغۇچىلار موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى دېيىش خاتا ئەمەس . ئۇلار دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتكەن ، بەزى ئۆرپ ئادەتلىرى چىڭگىزخان دەۋرىدىكىدىن ئۆزگىرىىپ كەتكەن بولسىمۇ ، تۈركلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئېىنىق قالدۇرۇلغان نەسەبنامىسى بار . تارىخى رەشىدىدە بۇ توغرۇلۇق تەپسىلى مەلۇمات قالدۇرۇلغان . | 2008/10/30 15:07 | |||
10 | Ulughbek |
توغرا. قازاقلاردەك سۆڭەك سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە ،"سەئىدىيە"خانلىرىنىڭ سۆڭىكى مۇغۇل. لېكىن تىل، ئۆرف-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردىن،يەنى ھازىرقى زامان مىللەت ئۇقۇمى بۇيىچە ئاللىقاچان ئۇيغۇرلىشىپ بولغان "ئۇيغۇر"، شۇلار قەدىمقى ئۇيغۇرلارنى ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا ئۇلاتقان. ھازىرقى ئۇيغۇرلار شۇ "سەئىدىيە " ئاھالەلىرىنىڭ بىرۋاستە ئەۋلادلىرى. |
2008/10/30 15:21 | |||
جەمئىي باھا 18 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|