|
ماقالە مەزمۇنى |
[سۈرەت] ياقۇپبەگ قوشۇنلىرى |
يوللىغۇچى Yawuz كۆرۈش 26735 يوللانغان ۋاقتى 2008/2/8 00:42 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
ياقۇپبەگ تاشكەنتنىڭ شىمالىدىكى پىسكەنت كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن .ياقۇپبەگنىڭ بالىلىق دەۋرى ھەر بىر مۇسۇلمان بالىغا ئوخشاش ئىسلام دىنىدا بەلگىلەنگەن ئىپتىدائى مائارىپنى قۇبۇل قىلغان .12-13 ياشقا كىرگەندە ،ياقۇپبەگ تۇرمۇش يولىنى تاللىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ،يەنى مەدرىستە ئوقۇپ ،ئوقۇش پۈتتۈرگەندە قارى بولۇش كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ئۇلارنىڭ دىندارلىق سالاھىيىتىنى تىكلىشىنىڭ ئاساسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشىنىڭ بىرخىل ۋاستىسى ئىدى. قارىيلىق دەرىجىسىگە ئېرىشكەن كىشى ناۋادا تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالسا ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ،توي- تۆكۈن.ئۆلۈم -يېتىم، نەزىر- چىراغ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپمۇ ئۆز تۇرمۇشىنى قامدىيالىغۇدەك تاپاۋەتكە مۇيەسسەر بولالايتتى. ياقۇپبەگ جەمەتىنىڭ ئەنئەنىسىدىن قارىغاندا، ياقۇپبەگ ئېھتىمال مۇشۇ يولدا مېڭىپ مەدرىستىن ئىبارەت ئالىي دىنىي بىلىم يۇرتىغا كىرىپ ئىسلام دىنىي بىلىملىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھەرقايسى پەنلەرنى ئۆگىنىپ ، بۇخاراغا بېرىپ موللا ئاتالغان بولسا كېرەك. ئەگەر ياقۇپبەگ ئۆزىنى ئىلىمگە ھەقىقى بېغىشلىغان بولسا مىسىرغا بېرىپ قاھىرە ئەزھەر مەدرىسىدە ئوقۇپ شەيخ دەرىجىسىگە دەرىجىسىگە يېتەلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. بىراق ياقۇپ بەگ بۇ يولدىن ۋاز كەچكەن. ياقۇپبەگ دەسلەپكى دىنىي ئوقۇشنى تۈگىتىپلا ئەلنەغمىچىلەر بىلەن ئارىلىشىشقا باشلىغان . بۇ ئەلنەغمىچىلەرنىڭ تەسىرىدە، ياقۇپبەگ نەغمە-ناۋا سورۇنلىرىغا ئىشتىياق باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن بالا ۋاقتىدىلا بەدەن تۈزىلىشى راۋۇرۇس .پۇت- قوللىرى چەبدەس بولغان ياقۇپبەگ تېزلا پىسكەنت كەنتىدە ئۇسۇل بىلەن نام چىقارغان. ياقۇپبەگ 16 ياشقا كىرگەن يىلى مۇھىم بىر بۇرۇلۇشقا دۈچ كەلدى. شۇ يىلى ياقۇپبەگنىڭ بىر ھەدىسى نار مۇھەممەت ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن توي قىلىدۇ..شۇ ۋاقىتتا نار مۇھەممەت تاشكەنتنىڭ ھاكىمبېگى ئىدى. تاشكەنت قوقەنت خانلىقىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر ئىدى.شۇ سەۋەپتىن ، قوقەنت خانلىقىنىڭ يۈزلىگەن،مىڭلىغان مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچىدە نارمۇھەممەد نىڭ ئورنى ۋە ئەمەلىي كۈچى يۇقىرى ئىدى. يۈكسەك ئىمتىياز ۋە ۋە ھوقۇققا ئىگە ھاكىمبەگ بىلەن نەغمە ناۋا سورۇنلىرىدىكى بىر ئۇسسۇلچى قانداقمۇ تەڭ ئورۇندا تۇرالىسۇن ؟ نارمۇھەممەتنىڭ ياردىمى بىلەن ياقۇپبەگ تاشكەنت ھاكىمبېگىنىڭ مۇھاپىزەتچى قوشۇنىغا قۇبۇل قىلىنىدۇ ھەم دەھبېشى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. بۇ چاغدا ياقۇپبەگ بويى ئۆسۈپ قاۋۇل يىگىت بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ قەددى -قامىتى كېلىشكەن،ئۆزى بولسا پالۋان ئىدى. بۇلارغا ياقۇپبەگنىڭ نارمۇھەممەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قوشۇلۇپ ، ئۇ بىر دەھبېشى بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بىلەن تەك دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئەمەلدارلارنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ئىدى. نارمۇھەممەتتىن كېيىن تاشكەنتكە قانائەتشاھ دېگەن كىشى ھاكىمبەگ بولىدۇ. قانائەتشاھنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تاشكەنتنىڭ مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى كۈچەيتىپ چاررۇسىيىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. قانائەتشاھ يولغا قويغان تەدبىرلەر ئىچىدە ھاكىمبەگنىڭ مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنى كېڭەيتىش مەزمۇنىمۇ بار ئىدى.كېڭەيتىپ تەشكىللەنگەن مۇھاپىزەتچى قوشۇندا ياقۇپبەگ يۈزبېشى مەنسىپىگە تەيىنلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ياقۇپبەگنىڭ كىيىنكى سىياسى،ھەربى ھاياتىدا يۈز بېشى مەزگىلىدە يېتىلدۈرگەن مىجەز - خۇلقى ھەمىشە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ ، بولۇپمۇ ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى قاتتىق،ۋاستىسى دەھشەتلىك بولغان. يۈزبېشىلىق مەنسىپىدە تۇرغاندا ياقۇپبەگنىڭ خىزمىتى كۆرۈنەرلىك بولغىنى ئۈچۈن ، قانائەتشاھ باشلىق كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن 1844-يىلى ياقۇپبەگ ئاق مەسچىتكە ئەۋەتىلىپ ،شۇ يەرنىڭ مەمۇرىي باشلىقى- ھاكىمبېگى قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئاق مەسچىت سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان بولۇپ ،تاشكەنتكە 12 كۈنلۈك يول ئىدى .ھەقىقى مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ بىر ھەربى قورغان ئىدى.موللا مۇسا سايرامىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ياقۇپبەگ مىلادىيە 1864-1865-يىللىرى بۇزرۇكخانغا ئەگىشىپ قەشقەرگە كەلگەن . 1865- يىلى 4- ئايدا قەشقەردە يەتتە شەھەر خانلىقىنى قۇرغان ۋە جەنۇبتا خوتەن قارا - قۇرۇم تاغلىرىدىن شىمالدا ئۈرۈمچىگىچە شەرقتە تۇرپاندىن غەربتە پامىر تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى بەدۆلەت دەپ ئاتاپ، پۈتكۈل قەشقەرىيە رايونىنىڭ ھۆكۈمدارىغا ئايلانغان. 1875- يىلى چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن زوزۇڭتاڭ باشچىلىقىدىكى خۇنەن قوشۇنى ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئىستىراتېگىيە جەھەتتىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، سۈلھى تۈزۈشنى ئويلىغانلىقى ئۈچۈن، 1876- يىلى شىمالدىكى زېمىنلار قولدىن كەتكەن ۋە 1877- يىلى 5- ئاينىڭ 29- كۈنى قارا شەھەردە زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. تۆۋەندە سىز كۆرۈۋاتقان بۇ رەسىملەر ئەينى چاغدىكى ئەنگلىيە ئەلچىسى فورسېيىس تەرىپىدىن تارتىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن سۈرەتلەر بولۇپ، بۇ سۈرەتلەر 140 يىل بۇرۇن تارتىلغانلىقى ئۈچۈن بىرقەدەر تۇتۇق، شۇنداق بولسىمۇ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى چۈشىنىشكە پايدىسى بولار دېگەن مەقسەتتە بۇ سۈرەتلەرنى يوللىدۇق.
[align=justify]ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەتقىقاتتا پايدىلانغۇچىلار ئۈچۈن رەسىملەرگە تامغا بېسىلمىدى، شۇڭا باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكىمەڭ، ئەگەر يۆتكىسىڭىزمۇ ئۈچ پارچە يۆتكەپ، قالغىنىغا ئەسلى مەنبەسىنى ئۇلانما قىلىڭ، بىزنى تامغا بېسىشقا مەجبۇرلاپ رەسىملەرنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرمەڭ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 70 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | adil | <<ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەتقىقاتتا پايدىلانغۇچىلار ئۈچۈن رەسىملەرگە تامغا بېسىلمىدى، شۇڭا باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكىمەڭ، ئەگەر يۆتكىسىڭىزمۇ ئۈچ پارچە يۆتكەپ، قالغىنىغا ئەسلى مەنبەسىنى ئۇلانما قىلىڭ، بىزنى تامغا بېسىشقا مەجبۇرلاپ رەسىملەرنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرمەڭ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت>> ماۋۇ گەپنىڭ جېنى بار جۇمۇ. كۆپىنچە تور بەتلەردە ئېلان قىلغان رەسىمگە تامغا بېسىۋېتىدۇ . |
2008/2/8 01:17 |
2 | serdar | كۆزۈم پەنجىرە بولدى ! بەك قالتىس رەسىملەركەن ! 4 - سۈرەتتىكى ئاكىمىزنىڭ قولى كۆزۈمگە چۈشتى ، ئەيتاۋۇر ، قورال تۇتۇپ كۆنگەن قوللار شۇنداق بازغاندەك بولارمىكىن....... مۇشۇنداق ئېسىل رەسىملەرنى كۆپ كۆرمىگەن ئىدىم ،بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم .. كۆپ رەھمەت ياۋۇزكا !! |
2008/2/8 01:35 |
3 | riwayet | تېما ئېگىسىگە كۆپ تەشەككۈر! كورپاتىكىننىڭ "قەشقەرىيە" دېگەن ئەسىرىدىكى تەسۋىرلەر،موللا مۇسا سايرامىنىڭ "تارىخىي ھەمىدى" دىكى بايانلار بىلەن بۇ رەسىملەر قوشۇلۇپ،كاللامدا بىر كىنو ئىشلىنىۋاتىدۇ.......... مەن بۇ رەسىملەردىن پەقەت 4-رەسىمنىلا كۆرۈپتىكەنمەن.قالغىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن.دىققەت قىلىڭلار: بۇ رەسىمدكى ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان ئەسكەرنىڭ كىيىمى ئەتلەسنى ماتېرىيال قىلغانىكەن. |
2008/2/8 01:56 |
4 | totem | تەشەككۈر،ياقۇپبەگ تارىخىنى خېلى ئوقۇغان بولساممۇ،سۈرەتلېرىنى كۆرۇپ باقماپتىكەنمەن.قەلبىم زىلزىلىگە كەلدى. | 2008/2/8 02:07 |
5 | jewlaniy | رەھمەت، شۇ ۋاقىتلارغا قايتىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. توۋا، بەزى ئىشلارنى يەنىلا ئىچىمىزدە بىلگىنىمىز ياخشى. بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي |
2008/2/8 02:18 |
6 | Emeren | Xinjiang, rebel coinage, Yakub Beg, AV Tilla, Kashghar, AH1290 |
2008/2/8 03:15 |
7 | udun | Emeren ئەپەندىنىڭ بۇ يوللانمىلىرى بۇ تېمىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن. | 2008/2/8 04:25 |
8 | TuranTekin | [align=justify]مەن كۆرگەن تور بەتلەردە ياقۇپبەگنىڭ بىرلا رەسىمىنىڭ بارلىقى ئەكىس ئەتكەن. ئەمما بۈگۈن ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان سۈرەتلەرنى كۈرۈۋاتىمەن، مىنىڭچە بۇ بىر يېڭىلىق ھەم بۆسۈشتۇر! تورداشلارنىڭ تارىخىي بىلىملەر بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىشى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىنىم تاپماي ئەجىر قىلىۋاتقان ياۋۈز ئەپەندىگە تەشەككۇر! تەكلىپ: بىر قىسىم سۈرەتلەرگە چۇقۇم تامغا بېسىش كىرەك، تەتقىقاتتا ئىشىلتىدىغان ۋە باشقىچە لازىم بۇلىدىغانلارغا ئېلخەت ئارقىلىق ئايرىم يوللاپ بىرەيلى! |
2008/2/8 10:57 |
9 | kisek | پۇت- قوللىرى چەبدەس بولغان ياقۇپبەگ تېزلا پىسكەنت كەنتىدە ئۇسۇل بىلەن نام چىقارغان......... ياقۇپبەگ بەدەۋلەتنىڭ بۇ سەرگۈزەشتىسى خۇددى تاڭ دەۋرىدىكى 'ئۆڭلۈك"نىڭ ئۇسۇل ئويناپ تاڭ پادىشاھىنىڭ كۆزىگە چېلىقىشىغا سېلىشتۇرما بولىدىكەن،بەدەۋلەت "ئۇسۇلچى"لىقتىن ھەربى بوپتۇ،"ئۆڭلۈك"سىياسى سەھنىگە كىرىش ئۈچۈن ھەربىدىن ئۇسۇلچى بولغان ئىكەن... بۇ ھەقىقەتەن قىممەتلىك ماتىرىياللار ئىكەن،سىزگە تەشەككۈر! |
2008/2/8 12:11 |
10 | Qutghur | ئالتۇن پۇلنىڭ بىر تەرپىگە ئىزچىل "سۇلتان ئابدۇل ئەزىزخان"دەپ چۈشۈرلۇپتۇ يەنە بىر تەرپىگە "كاشىغەردە قۇيۇلدى"دىگەندەكرەك سۆز چۈشۈرلۈپتۇ .ئەرەپچە سۆزدەك تۇرىدۇ ئېنىق ئوقۇيالمىدىم .ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمانىيە سۇلتانى ،خەلىپە ئابدۇل ئەزىزخان نامىغا قۇيۇلۇپتۇ . كۆرمىگەنىكەنمەن . |
2008/2/8 13:30 |
جەمئىي باھا 70 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|