|
ماقالە مەزمۇنى |
ساكلار-توخرىلار تۈركىي مىللەتتۇ... |
يوللىغۇچى tangriqut كۆرۈش 4350 يوللانغان ۋاقتى 2008/1/26 18:09 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
نۇرغۇن مەتبۇئاتلاردا ساكلارنى يوقالىپ كەتكەن خەلق دەيدۇ. ئەمما ساكلار تېخى يوقالغان خەلق ئەمەس،ئۇلار سىبېرىيەدە ئۇزۇن مەزگىل تۇڭغۇز -موڭغۇل تىللىق خەلقلەر بىلەن ئارالاش ياشاش جەريانىدا چىرايى ئۆزگەرىپ كەتكەن،ئەمما تا ھازىرغاچە ئۆز مىللەتىنىڭ نامىنى ۋە تىلىنى ساقلاپ كەلدى.ئەلبەتتە ساكلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن شەرققە كۆچۈش جەريانىدا ھەممەسى تەل تۆكۈس كۆچمەيدۇ.ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆچمەي قالغانلارى بولسا ھازىرقى تۈركىي مىللەت ۋە تاجىكلارنىڭ شەكىللەنىشىگە تۈرتكە بولغان.شىنجاڭدا خوتەن،ياركەنت،پوسكام رايونى شۇنداقلا مارالبېشى،مەركىت،كەلپىن ۋە دولان ئۇيغۇرلارى ساكلارنىڭ كۆچمەي قالغان قىسىمىدۇر، ئېيتماساق بولمىايدىغان يەنە بىر خەلق «توخرىلار»بولۇپ بەزىلەر دولغان ياكى «دولان» نامىنى توخرىلار بىلەن باغلايدۇ.چۈنكى توخرى دېگەن بۇ نام تۈركچە نام بولماستىن تۈركچەگە ھىندۇ-ياۋروپاچەدىن كىرگەن.بۇ نام دەل ھازىرقى دولغان ياكى دولاننىڭ ھىندۇ ياۋروپاچە ئاتالىشىدۇر دەپ قارايدۇ.توخىرىلارمۇ ساك جىنىسىدەكى بىر خەلق。 بىرقىسىم چەتئەللىك تىلشۇناسلار تۈركىي تىلنى مۇنداق تارماققا بۆلەدۇ. 1.ـۇرك تىلى گۈرۈپپىسى : بۇ تىلغا ھازىرقى ئوغۇز تىلى تارماقى،قارلۇق تىلى تارماقى،كۆكتۈرك تىلى تارماقى،قىپچاق تىلى تارماقى كىرەدۇ. 2.ساخا تىلى گۈرۈپپىسى: بۇ تىلغا ھازىرقى ساخا –دولغان تىلى كىرەدۇ. قەدىمكى تىللاردىن توخرى،ساك،ماساگىتلار كىرەدۇ. 3.بۇلغار تىلى گۈرۈپپىسى:بۇ تىلغا ھازىرقى چۇۋاش (سۇۋار)تىلى كىرەدۇ. قەدىمكى تىللاردىن سۇۋار،پەچەنەك،ئۇز،بۇلغار،ئاۋار تىلى كىرەدۇ. .ساكلار ھۇنلاردىن بۇرۇن باش كۆتۇرگەن خەلق ئىدى. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچلۈك ساك ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان.دۇنياغا داڭلىق ئات ئۈستى مەدەنىيەتىنى بەرفا قىلغان.فارسلارنىڭ شاھنامەسىدە ئافراسىياپنى تۇرانلىقلارنىڭ پادىشاھى دەپ تىلغا ئالادۇ.تۇرانلىقلار دەل ساكلاردۇر.تۇخرى دېگەن سۆزنىڭ ئىنتېمولوگىيەسى دەل ھازىرقى دولغان(دولان)،تۇراندېگەن سۆز بىلەن باغلانادۇ،تۇخىارالارنىڭ يەنە بىر ئاتالىشى يۇغار(ئۇغار) بۇلۇپ سۆز باشىدەكى «ي»تاۋۈشىنىڭ «د(ت)»غا ئۆزگەرىشى بىر خىل دېئالېكىتلىق ئۆزگەرىش ئىدى. ئورخۇن ئۇيغۇرلارى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادەكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدەمۇ «ي / د» لىق فەرق بار ئىدى.ھازىرقى سىبېرىيەدەكى تۈركى مىللەتلەرمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادەكى تۈركى تىلنىڭ سۆز باشىدەكى «ي»نى «د»ياكى«ت» بىلەن ئالادۇ. مەسلەن يىل---دىل،يىلان—دىلان،ياڭاق—دائاق،ئۇندىن باشقا «دىش» دېگەن سۆز ئورمانلىق،جىلغا دېگەن مەئنادا كېلەدۇ. بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «يىش»دەپ ئالىنغان. دېمەك «ئۇيغۇر/ئۇغۇر/يۇغار/تۇخار/تۇرا/تۇران»سۆزلەرى ھەممەسى بىر مەنبەدىن كەلگەن. گەپنىڭ قىسقاسى ساكلار،توخرىلار تۈركىي خەلقتۇر.دولان(ياكى دولغان) لار ساكلارنىڭ بىر قەبىلەسى.توخرىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر .1.غەرب مەنبەلەرىدە تىلغا ئالىنغان ئاتالمىش «ساك،توخىرىلار ھىندۇ ياۋروپائىدلاردۇر» دېگەن گەپ بىر قىسىم ساك،توخرىلارنىوڭ ئىرانلاشىپ كېتىشى ۋە ھىندۇلاشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بۇنداق ئىشلار تارىخىتا كۆپ ئۇچرايدىغۇ،بابۇر ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان ئۇيغۇر-ئۆزبېك ئۇلۇسلارى ئاخىرى بارىپ ھىندۇلارغا سىڭىشىپ كەتتىغۇ،موڭغۇل،قىتانلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرغان بىلەن ئۇلارمۇ سىڭىشىپ كەتتى. ئەمما ساك-توخرى خەلقىنىڭ ھىندۇ-ئىرانلاشىپ كېتىشى ئۇلارنىڭ تۈركىي خەلق ئەمەسلىكىنى ئىسفاتلاپ بېرەلمەيدۇ. 2.ساك ئىمپېرىيەسى ئىنتايىن چوڭ ئىمپېرىيە بولۇپ، غەربتە ياۋروپا تۈزلەڭلىكىىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىگەچە يېتىپ بارغان.بۇنداق چوڭ ئىمپېرىيە تەركىبىدە يەنە زور بىر تۈركۈم فارس تىللىق خەلقلەرمۇ بار ئىدى. ساكلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى فەقەت سىبېرىيەدەكى ساخا-دولغانلارنىڭ ئۆزى ئىسفاتلاپ تۇادۇ.بۇ خەلقنىڭ تىلىنى ھېچكىم باشقا تىلغا تەۋە دېيەلمەيدۇ.بۇلارنى ساك ئەمەس دەپمۇ تۇرالمايدۇ. بۇ ياۋروپادا نۇرغۇن ئالىملارنىڭ چىقارغان ھۆكمى.،خالاس. |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 34 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | erkhon | دەرۋەقە دىگىنىڭىز توغرا بولىشى مۇمكىن.بىزدە ئىككى ساك،ئىنساك،ئوغۇزساك،توققۇزساك،...... "دەيدىغان نۇرغۇنلىغان يەر-جاي ناملىرى بار ئەمەسمۇ؟ | 2008/1/27 01:05 | |||
2 | Kulbilge | تەڭرىقۇت ئەپەندى ناھايىتى ياخشى پاكىتلار بىلەن ساك ۋە تۇخارلارنىڭ تۇركى خەلق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قىتىم كۆرسىتىپتۇ. تۇركى تىللاردىكى "ي" بىلەن "ت" نىڭ ئالمىشىش قانۇنىيىتى توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ھازىر بەزى ماقالىلەردە ھەتتا ئوتتورا ئاسىيادىكى قەدىمقى كۆچمەن قەبىلىلەر بولغان تىلى، قانغوي، گۇيفاڭ .... قاتارلىقلارنىمۇ ئارىيانلار ياكى ھىندى-ياۋروپا تىلىدىكى خەلقلەر دەۋاپتۇ. ئەگەر قەدىمقى مەدىنىيەتلەر بولمىغان بولسا، ۋە باشقا تىل سىستىمىلىرىدا سۆزلىشىدىغان ئاق تەنلىكلەر بولمغان بولسا، بەزى پانئارىيانلار (مۇشۇ ئىسىم مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ) پۇتۇن دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ باشلامچىلىرى ئارىيانلار دەپ تۇرۇۋالاركەن. مۇشۇنداق كىتىۋەرسە، پات يىقىندا ئۇلار مۇڭغۇللار، مانجۇلار ۋە ياپۇنلارنىمۇ قەدىمقى ئارىيانلاردىن كەلگەن دەپ تۇرۇۋالىدىغان ئوخشايدۇ. يىقىندا مەن ئامىرىكا دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بىر جوڭگولۇق دوكتۇرنىڭ(ئىسمى ئىسىمدە قالماپتۇ) بىر كىتاۋىنى ئوقۇپ قالدىم.كىتاپنىڭ ئىسمى "شىمالى ئاسىيادىكى كۆچمەن خەلقلەرنىڭ مەنبىئى" ئىكەن. كىتاپتا تۇخار، ساك، ھەتتا شەرقى ياۋروپادا تارىختىن بىرى پەيدا بولغان بەزى ئورال تىللىق خەلقلەرنىڭ مەنبىئىنىمۇ جوڭخۇا مىللەتلىرىگە باغلاپ چۇشەندۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە ئاپتورنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق دەلىل ئىسپاتلىرى باركەن. باشتا كىتاپنى ناھايىتى قىزىقىپ ئوقۇغانتىم، ئەمما بەزى مەسىلىلەر ئىدىيەمدىن ئۆتمىگەچكە ئاخىرغىچە تولۇق ئوقۇپ چىقىشقا تاقەت قىلالمىدىم. سىتىۋىلىش نىيىتىدىنمۇ ياندىم. گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك تارىم ئويمانلىقى ۋە ئوتتورا ئاسىيا رايونىدىن ھىندى-ياۋروپا تىلىدىكى ۋەسىقىلەر چىققاچقىلا، شۇنداقلا شىمالى ئاسىيادىكى بەزى قەدىمقى كۆچمەن خەلقلەر ئاق تەنلىك ئىنسان تۇركۇمىگە تەۋە ئادەملەر بولغاچقىلا ئۇلارنى ئارىيانلار ياكى ھىندى ياۋروپائىدلار دەپ يەكۇن چىقىرىش توغرا ئەمەس. قەدىمقى ئۇدۇن دۆلىتىنى ساكلار قۇرغان دىگەنمۇ پەقەت بىر پەرەز،(ئۇندىن باشقا يەنە تۇخارلار، چاڭلار، دىلار، ھىندىلار ھەتتا خەنزولار قۇرغان دىگەن قاراشلارمۇ بار) ساكلار قۇرغان تەقدىردىمۇ ئۇلار كىلىشتىن بۇرۇنلار خوتەن دىيارىدا ئاللىبۇرۇن ئىنسانلار ياشاپ بولغان. شۇنداقلا خوتەندىن چىققان بىراھمى يىزىقىدىكى ئاز تولا ۋەسىقىلەرگە ئاساسەنلا ساكلارنى ھىندى-ياۋروپا تىلىدىكى خەلق، قەدىمقى ئۇدۇن تىلىنى ساك تىلى دەۋىلىشمۇ توغرا ئەمەس. كۇچا،قارشەھەرلەدىن تىپىلغان بىراھمى يىزىقىدىكى ۋەسىقىلەرگە ئاساسەنلا تۇخارلارنىمۇ(ياكى مەزكۇر تىمىدا دىيىلگىنى بۇيىچە يۇغارلار-- ئىسىمدە قىلىشىچە بۇنى بىر ياپۇنلۇق ئالىم ئوتتورغا قويغانغۇ دەيمەن،خەنزوچە ماتىرىياللاردىكى 月氏 بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ماس كىلىدۇ) ھىندى ياۋروپا تىلىدىكى خەلق دەۋىلىش توغرا ئەمەس. ئەمما دىققەت قىلىدىغان نوقتا، تۇخارلار تارىختا سىياسى ھەيۋىسى ئارقىلىق مۇشۇ تىلدىكى قەدىمقى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغىنى راست، شۇڭا ھازىر خەلقارا ئىلىم ساھەسىدە ھىندى ياۋروپا تىلىنىڭ كىنتىم گۇرۇپپىسىدا سۆزلىشىدىغان ئاشۇ قەدىمقى خەلقلەرنىڭ ئورتاق نامى سۇپىتىدە "تۇخارلار" ۋە "تۇخار تىلى" دىگەن ئاتالغۇنى قوللىنىش ئاساسى جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەندەك قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ خۇددى ئوتتورا ئەسىردىكى ئۇيغۇر ياكى تۇركى خەلقلەرىنىڭ ئەدىبى تىلى چاغاتاي تىلى دەپ ئاتىلىپ قالغاندەك بىر ئىش بولۇپتۇ. تارىخ بەزىدە ماڭا خۇددى "جىنايى ئىشلار دىلوسىدەك" تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ. جىنايى ئىشلار دىلوسىدا دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولمىسا، ۋە ياكى رەت قىلغىلى بولمايدىغان بىرەر قارشى دەلىل ئىسپات بولسىلا پاكىتنى بىكىتكىلى بولمايدۇ، ئەمما تارىخ ئىلمىدە ئازراقلا دەلىل ئىسپات بولسىلا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى سۆزلىسە بولىدۇ، ھەتتا بەزىلەر بۇنى سىياسى مەقسەت ئۇچۇنمۇ خىزمەت قىلغۇزىدۇ. بۇرۇن تارىخىمىز توغرىسىدىكى خىلمۇ خىل ماقالىلارنى كۆرۇپ تولىمۇ قايمۇقۇپ كىتەتتىم، ئەمما ھازىر ئۆزەمنىڭ يۇنۇلىشىنى بىكىتىۋالغاندىن كىيىن، پىكىر قىلىش ئۇسۇلۇمدا ناھايىتى كۇچلۇك بىر تايانچ كۇچنىڭ بارلىققا كەلگىنىنى ھىس قىلالايدىغان بولدۇم. بەزى تەتقىقاتچىلىرىمىز ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىيىلىرىنى شۇ پىتى كۇچۇرۇپ كەلمەي، تىخىمۇ كۆپ زىھنىنى ئۆزىمىزگە قاراتقان بولسا تىخىمۇ ياخشى بۇلاتتى. ئىشىنىمەنكى ئىزدەنسەك بىزمۇ تارىختا ئاجايىپ پارلاق سەھىپىلەرنى ياراتقان خەلق. (گەرچە ئارىيانلار تارىختا ۋە ھازىرقى دۇنيادا ھەقىقەتەن پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان ۋە يارىتىۋاتقان خەلق بولسىمۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ چاپىنىدا ئىسسىنىشقا ئۇرۇنۇش مىنىڭچە ئانچە شەرەپلىك ئىش ئەمەس،) |
2008/1/28 17:21 | |||
3 | Ghalip | http://www.faryad.cn/bbsxp/showpost.asp?id=3291&forumid=170 ساكلار ئارىئانلارنىڭ بىر قىسمىمۇ ياكى ئارىئانلار ساكلارنىڭ بىر قىسىمىمۇ؟ |
2008/1/28 17:34 | |||
4 | udun | ghalip1 ئەپەندى، بۇ تېمىنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسىنى ئەشۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويسىڭىز بولىدىغاندەك تۇرىدۇ جۇمۇ. سىز تەمىنلىگەن ئادرېسقا كىرىپ باقتىم، قايناپلا كېتىپتۇ. بۇنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، |
2008/2/1 02:06 | |||
5 | udun | [quote]2 - قەۋەتتىكى kulbilge 2008-01-28 17:21 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : تەڭرىقۇت ئەپەندى ناھايىتى ياخشى پاكىتلار بىلەن ساك ۋە تۇخارلارنىڭ تۇركى خەلق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قىتىم كۆرسىتىپتۇ. تۇركى تىللاردىكى "ي" بىلەن "ت" نىڭ ئالمىشىش قانۇنىيىتى توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ھازىر بەزى ماقالىلەردە ھەتتا ئوتتورا ئاسىيادىكى قەدىمقى كۆچمەن قەبىلىلەر بولغان تىلى، قانغوي، گۇيفاڭ .... قاتارلىقلارنىمۇ ئارىيانلار ياكى ھىندى-ياۋروپا تىلىدىكى خەلقلەر دەۋاپتۇ. ئەگەر قەدىمقى مەدىنىيەتلەر بولمىغان بولسا، ۋە باشقا تىل سىستىمىلىرىدا سۆزلىشىدىغان ئاق تەنلىكلەر بولمغان بولسا، بەزى پانئارىيانلار (مۇشۇ ئىسىم مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ) پۇتۇن دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ باشلامچىلىرى ئارىيانلار دەپ تۇرۇۋالاركەن. مۇشۇنداق كىتىۋەرسە، پات يىقىندا ئۇلار مۇڭغۇللار، مانجۇلار ۋە ياپۇنلارنىمۇ قەدىمقى ئارىيانلاردىن كەلگەن دەپ تۇرۇۋالىدىغان ئوخشايدۇ. ................................................................................................................................................................................ kulbilge ئەپەندىم، ھەقىقەتەن ئەتراپلىق پىكىر قىلىسىز جۇمۇ. سىز تىلغا ئالغان ئۇدۇن -ساك تىلى، توخرى تىلى ھەققىدىكى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ، مەنمۇ بىر قىسما بولۇپ قالغانىدىم. مېنى بىر قىسما قىلىپ قويغىنى ساك تىلى ۋە توخرى تىلىنىڭ ھىندى-ياۋروپا تىللىرى سېستىمىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ مىللەتلەرگە كەلگۈسىدە شۇنداق بىر ئىسىملارنىڭ قويۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدۇر. تىللارنى سېستىمىغا ئايرىغاندا تىلشۇناسلىق قائىدىسى بويىچە ئاۋۋال شۇ تىلنىڭ پەيدا بولغان مەنبەئى ھېساب قىلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ ئادەملەرنىڭ پەيدا بولغان مەنبەئى ئەمەس. ھون،تۈرك..... لەر ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدا ياشىغان، ئۇدۇن ئالتاي تاغلىرىدىن بەكمۇ يىراقتا، ھىندىغا يېقىن، ساكلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ۋە باش كۆتۈرۈپ چىققان، توخرىلار( ئۇلۇغ ياۋچىلار) مۇ شۇ، .......................................... مۇشۇنداق تىزىپ كېلىپ: نېمە ئۈچۈن ياۋروپا دېگەن جايدىن ساكلارغا ياكى توخرىلارغا ئائىت بىرەر ۋەسىقە تېپىلمايدۇ؟( ئەپسانە بولسىمۇ مەيلى ئىدى) مەھمۇت قەشقىرى " خوتەنلىكلەر تۈرك تىلىنى ياخشى بىلمەيدۇ، ئۇلار بىز چۈشەنمەيدىغان بىر تىلدا سۆزلىشىدۇ" دەپ يېزىش ئارقىلىق ساك تىلىنى دېمىگەن بولغىيتتى؟ ............................. دېگەندەك نۇرغۇن سۇئاللارغا كۆمۈلۈپ قالىدۇ كىشى. udun ئۇيغۇر بولۇپ چىقسا بولاتتىغۇ ئاخىر! |
2008/2/1 04:31 | |||
6 | Kulbilge | ساكلار مەسىلىىسى تاجىك قىرىنداشلارنىڭ تور بىكىتىدە ناھايىتى قىزىپ كىتىپتۇ. ئۆزەمنىڭ مىللەت توغرىسىدىكى بەزى كۆز قارشلىرىمنى يوللاپ قويدۇم. مىللەت ئۇقۇمى توغرىسىدا ئىنىق چۇشەنچىگە ئىگە بولالمايۋاتقان تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن ئۇرخۇنغىمۇ يوللاپ قوياي دىسەم، كۆچۇرگىلى بولمايدىكەن. http://www.faryad.cn/bbsxp/ShowPost.asp?topage=4&id=3291 |
2008/2/10 21:56 | |||
7 | Kulbilge | مىللەت بىلەن قەبىلە پەرقلىنىدۇ. | 2008/2/10 21:58 | |||
8 | barquktekn | قېرىندىشىم يازغىنىڭىز غۇ ياخشى ماتىريال ئىكەن! بىراق بۇلارنى يېزىشتا قايسى ماتىرياللار دىن پايدىلانغانلىقىڭىز نى ئەسكەرتىپ قويسىڭز بۇلۇپتىكەن!؟؟؟ | 2008/3/15 23:01 | |||
9 | Qutghur |
udun خانىم مەھمۇت كاشىغەرىنىڭ قارىشىنى خاتا چۈشىنىپ قالغان ئوخشايسىز ، مەن كونا مۇنبەرگە (ھازىر كىرەلمىدىم ) مۇشۇ ھەقتە بىر ئىنكاس يازغان ،ئەمدىلىكتە كىرەلمەي قالدىم .بۇ ئىنكاس <<تۈركى تىللار دىۋانى>>نىڭ مۇقەددىمىسنىڭ 39-40 بەتلىرىدە(؟) خوتەنلىكلەرنىڭ "تىلى" ھەققىدە ئۇچۇرغا ئاسان يېزىلغانىدى .ھازىر <<دىۋان>>نىڭ 1-قىسمى مەندە بولمىغاچ ،نەقىلنى تولۇق ئېلىش ئىمكانىيتى بولمىدى . ئېسىمدە قېلىشىچە ،بۇ يەردە "خوتەنلىكلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تىلى بار ،تۈركچىنى ياخشى سۆزلەيدۇ..." دەپ ئېلىنغان .ھەرگىزمۇ بۇلار تۈرك ئەمەستى ياكى تۈركچىنى بىلمەيتى دىمىگەن ،تۈركمۇ -ئەمەسمۇ دەپ گۇمانلىش تېخىمۇ ئارتۇقچە .چۈنكى <<دىۋان>>دىكى خەرىتىدە خوتەن ،ياركەنت ،كاشىغەر ،كۇچا ،قاراخوجا...لار تۈرك زىمىنلىرىنىڭ مەرگىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئەمدى <<دىۋان>> دا "ئايرىم تىلى بار" دىگەن شەرەپكە نائىل بولغانلار ،يالغۇز خوتەنلىكلەرلا ئەمەس ،يەنە كاشىغەر ئەتراپىدىكى كەنچەكلەر ،"كاپىر ئۇيغۇرلار" ،ماچىن تابغاچلار ،ئوغۇزلار ،قىپچاقلار ... دىمەك مەھمۇت كاشىغەرى بۇ يەردە شۇ ۋاقىتتىكى كاشىغەر تۈركچىسى بىلەن ئاز-تولا دىئالىكىت پەرقى بولغان يەرلىك شىۋىلەرنى "ئايرىم تىلى بار" دەپ سۇپەتلىگەن .بۇ بۇزرۇك پەدەر ئالىمىمىز دىگەن بىر تىل ئۇستىسى ،شۇڭا ئىشلەتكەن سۆزلىرىگە ئىنچىكىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك ،بىر جۇملە سۆزىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى پۇرمۇلىسىدا چۈشەنسەك ئانچە-مۇنچە ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ .بۇ ھەقتىمۇ كاتتىلىرىمىزنىڭ نۇغۇن چۈشەندۇرۈشلىرى بار . بولسا سىزمۇ شۇ يەرلەرنى بىرەر قۇر كۆرۈپ بېقىڭ ،بۇ بەك مۇھىم ئىش ،يەنە ئورتاقلىشارمىز ![]() ساك تىلىنى دەپ كەلسەك ،بىز كەسپ ئەھلى بولمىغاندىكىن تەپسىلىرەك بىر نىمە دىيەلمەيدىكەنمىز .مىنىڭچە ساك تىلى ھىلى ھەم ھازىرقى تۈركى تىللىرىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى .تىلىمىزدىكى سۆزلۈكلەر مەسىلەن :نۇرغۇن ئىسىملار(يەر-جاي ناملىرى ،قەبىلە ،مىللەت ناملىرى...) گىرامماتىكامىزنىڭ سۆز ياساش ،تۈرلەش ئىقتىدارىغا بوي سۇنماي تۇرىۋاتىدۇ ،ھازىرقى گىرامماتىكەلىق خۇسۇسىيەت بويىچە بەزى سۆزلەرنىڭ تومۇرىنى تېپىش ،تۇرلىنىش خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىگەللەش تولۇق ھەل بولمىدىمىكىن دەپ قارايمەن .مۇنداقچە ئېيىتقاندا تۈرك تىلى تولۇق شەكىللىنىپ بولماي تۇرۇپلا يەنە پارچىلىنىشنى باشتى كەچۈرىۋاتىدۇ . ئەمدى ساكلار ئارىئانلار مۇ ياكى ئارىئانلار ساكلارمۇ دىگەندە ."ئارىئان" سۆزى خۇددى"ھىندى-ياۋرۇپا تىللىرى" دىگەنگە ئوخشاشلا بىر خىل ئىلم -پەن ئاتالغۇسى .ئالىملار قەدىمقى ھىندى -ياۋرۇپالىقلارلارنىڭ ئەدداتلىرى ئىشلىتىپ باقمىغان بىر تىل تۈركۈمىنى"ھىندى-ياۋرۇپا تىللىرى" دەپ ئاتاپ خۇددى ئىنسانلارنى ياۋۇرپادىن ،ھىندىستاندىن تارالغاندەك خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ .مەن كۆرگەن ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ،بۇ "ئارىئانلار'' دەل شۇ ساكلارنىڭ (قەدىمقى خۇراسان ،شىمالى ھىندىستانغا كۆچكەن) ئەۋلادى . ھازىر نۇرغۇن ئىنسانشۇناسلار بۇ ساكلارنى قەدىمقى ئۇرال ئادەملىرى(ئافرىقا-ھىجاز رايۇنىدىن كېلىپ مۇشۇ يەردە ماكانلاشقان)نىڭ ئەۋلادى دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىۋېتىپتىدەك .بۇندىن ئىلگىرى "ئىنسانلار ھىجاز رايۇنىدىن چىقىپ ،مەرگىزى ئاسىياغا كىلىپ ئۇزاق مەزگىللىك گۇللىنىشتىن كېيىن مىسسۇتامپىيەگە ،ئاناتولىيەگە ،كېيىرەك بولسا شىمالى ياۋرۇپاغا ،ھىندىستان ،ئېرانغا كۆچكەن "دىگەن قاراش ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپتىكەن . گىن تەتقىقاتدى ئالدىدىكى قاراشنى قوللايدىكەن ،قەدىمقى دىنى دەستۇرلار ،يازما يادىكارلىق ۋە خاتىرىلەر كىيىنكى قاراشنى قوللايدىكەن .دىمەك مۇساپە خېلى بار . |
2008/3/16 11:11 | |||
10 | kimsiz | مەن سەل قۇسۇرچى. بىر ئىشقا قارىتا ئۆز پىكىرىمنى ئېيتىپ باقاي. رەھمەتلىك ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئېمىن ئەپەندى تارىخىمىزنى بىر ئوبدان يورۇتۇپ بەرگەن ئىدى. ساكلار - توخرىلار تۈركىي مىللەتتىن ئىلگىرى تارىخ سەھنىسىدە كۆرۈلۈپ، شۇ تۈركىي خەلىقلەرنىڭ سېرىق ئەجدادلىرى بىلەن ئۇچىراشقان. تىل نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۇيغۇر تىلى ھەقىقەتەن تۈركىي تىل ئائىلىسىگە مەنسۇپ. بىراق ئېتىنىك جەھەتتىن بىز باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن پەرقلىنىمىز.(قازاق، قىرغىزلارغا قاراڭ). دېمەكچى بولغىنىم، بىز بەكىرەك ئاق ئېرققا مەنسۇپ. باشقا قانلارمۇ كۆپ ئارلىشىپ كەتتى. شۇندىمۇ بىز سېرىق ئېرىق بولۇپ كەتمىدۇق. تۈركىي مىللەتكە ھەقىقىي كىرىدىغىنى دەل قازاق ،قىرغىزلار .تورداشلارغا مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئېمىننىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. تەڭرىقۇتنىڭ ئىزدىنىشىگە بارىكاللا ئېيتىمەن.ئىزدىنىش روھىڭىزغا غىدىق بىرەلىسەم خوشال بولىمەن. | 2008/3/17 12:18 | |||
جەمئىي باھا 34 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|