يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
يېڭى مۇنبەردە بايقالغان مەسىلىل...
يوللىغۇچى admin   كۆرۈش 5305   يوللانغان ۋاقتى 2007/11/18 02:30  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
كەڭ تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئورخۇن مۇنبىرىمىز يېڭىدىن PHPwind6.0  مۇنبەر سىستېمىسىغا كۆچتى.ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا بەزى نورمالسىزلىقلاردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ.شۇڭلاشقا كۆپچىلىك ھەممەيلەن بايقىغان مەسىلىنى مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولسۇن مۇشۇ يازما ئاستىغا يوللايلى.بۇ تېمىدىكى مەسىلىلەر يەكشەنبە كۈنى ھەل قىلىنىپ كەچتە ئۆچۈرۈلىدۇ.

مەن بايقىغان مەسىلىلەر :
1.تېما ، ئىنكاس يوللىغاندا مەن ئەمەلداردىن باشقىلاردا تەستىق كود چىقىۋاپتۇ.
2.سەھىپە تونۇشتۇرۇلۇشى قاتارلىق جايلارنىڭ خەت سانى ئاز بولۇپ قاپتۇ.
3.تەھرىرلىگۈچ قىسمىدا بەزى جايلار ئۇيغۇرچىغا ماس كەلمەي قاپتۇ ھەم خەنزۇچە تۇرىدۇ.
4.باش سۈرەت ۋە ئىپادىلەر بىزگە ماس كەلمەيدىكەن.

ھازىرچە مەن بايقىغان مەسىلىلەر مۇشۇلار.
1-،2-،3- مەسىلىنى مۇنبەر تەمىنلىگەن تېخنىكلار ھەل قىلىدۇ.4-مەسىلىگە قارىتا مۇۋاپىق gif شەكلىدىكى رەسىم تېپىپ قويساڭلار ئالماشتۇرۇپ قويساقلا بولىدۇ.

كۆپچىلىك بايقىغان يەنە باشقا مەسىلە بولسا مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس يازساڭلار بولىدۇ.ھە راست ، باش بەتتىكى تېما قاتارى 10 بولامدۇ ياكى 20 مۇ ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپمۇ؟لېكىن بىر مەسىلە قانچە چوڭ قىلغانسىرى بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىمۇ ماس ھالدا ئاستىلايدۇ.

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 29   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 uyghurqizi مېنىڭ دەسلەپكى بايقىشىمچە سىز دېگەن تەرەپلەردىن باشقا خەتكە رەڭ بېرىش بىرقەدەر قولايسىز بولۇپ قاپتۇ. خەت بەك كىچىك، شەكلى كۆركەم ئەمەس. ئارخىپ ئىچىدىكى ئىمزانى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى يوقتەك تۇرامدۇ قانداق؟ داۋاملىق كۆرگەندىن كېيىن يەنە پىكىر بېرەرمەن. نېمە ئۈچۈن بىزگە ئوخشاش ئادەتتىكى ئەزالارنىڭ تېما سانى بىلەن مۇنبەر پۇلى 0 ھالەتتە كۆرىنىدۇ؟ 2007/11/18 02:48
2 Yawuz يېڭى مۇنبەردە مەن بايقىغان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:
1. تېما، ئىنكاس يازىدىغان يەردىكى 字体, 字号, 段落格式, 所见即所得  دىگەن سۆزلەر يەنىلا خەنزۇچە ھالەتتە قاپتۇ، بۇ يەرلەر تولۇچ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلسا؛
2. خەت نۇسخىلىرى ئارىسىدىكى ئارتۇقچە خەت نۇسخىلىرى چىقىرىۋېتىلىپ خەنزۇچە خەت نۇسخىسىدىن بىرسى، لاتىن ئېلىپبەسى خەت نۇسخىسىدىن بىردىنلا قالدۇرۇپ، قالغىنىنىڭ ئورنىغا UKIJ خەت نۇسخىلىرىدىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆركەمراق خەت نۇسخىلىرىدىن بىرنەچچىسى قوشۇپ قويۇلسا؛
3. نەقىللىق ئىنكاس يېزىش ۋە تەھرىرلەش ھالىتىدە يۇقۇرى دەرىجە ھالىتىگە كىرمىسە ئۇيغۇرچە يازغىلى بولمايدىكەن، بۇ نۇقتا تۈزىتىلسە؛
4. خەت بەك كىچىك ئىكەن، مۈمكىن بولسا ئادەتتىكى ئەڭ نورمال يېزىلىشى 3- نومۇرلۇق خەتكە توغرىلاپ قويۇلسا؛
5. ھېلىقى تېما ئىنكاس يوللىغاندا چىقىدىغان تەستىق كودى دىگەن بەغەرەزنى قەتئىي يوقىتىشنى تەلەپ قىلىمەن، ئادەم تولا ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، قايتا يوللاشقا توغرا كېلىدىكەن.
6. مۇنبەرنىڭ سائىتى خاتا توغرىلىنىپ قالدىمۇ قانداق، مېنىڭ تورغا كىرگەن ۋاقتىم 1970- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى بولۇپ قاپتۇ، بولسا مۇنبەرنىڭ سائىتى توغرىلاپ قويۇلسا؛
7. admin دىن باشقا ئادەم تېما ئىنكاس يوللىسا نومۇر ۋە شۆھرەت ھەم شۇنداقلا پۇل قوشۇلمايدىكەن.

ھازىرچە بايقىغىنىم مۇشۇنچىلىك، قالغىنىنى يەنە ئىشلەتكەنسېرى ئوتتۇرىغا قويارمەن، ئاخىرىدا تورداش دوستلىرىمىزنىڭ باش سۈرىتى قىلغۇدەك سۈرەتلەردىن تەمىنلەشنى ۋە مۇنبەرنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن مەلۇم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن ئۈمۈت قىلىمەن.
2007/11/18 02:54
3 kulqiz بەلكىم سىناق جەرياندا چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
شۇڭا ھەممە ئىقتىدارلىرىنى سىناپ باقىنى.
2007/11/18 03:54
4 Yawuz بايقىغان يەنە بىر خاتالىق، كونا ئەزالارنى بەك ئۆز كۆرۈپ كېتەمدۇ نىمە، ئۇلارنىڭ يوللىغان تېمىسى ۋە يازغان ئىنكاسلىرىغا ئىش ھەققى بېرىلمەيدىكەن، شۇڭا بۇ خاتالىقمۇ تۈزىتىلسە، ئۇلار ھەرقانچە كونا بولسىمۇ، كېيىنچە مۇنبىرىمىزنىڭ بازارلىرىغا چىقىپ قالسا يەنىلا پۇل لازىم بولىدۇ ئەمەسمۇ. 2007/11/18 12:22
5 niyazdixan testiq nomurni yoqatqili bolmamdiken 2007/11/18 13:25
6 niyazdixan كومىيوتعرغا ظذيغذرحە خەتنع نورمال يازغعلع بولمايدعغذ 2007/11/18 13:33
7 niyazdixan ئەمدى سەل نورماللاشقاندەك قىلامدۇ نىمە . بىراق مەن ئالدىنقى ئىنكاسنى بەش مىنۇتنىڭ ئالدىدا يازغان ، بۇ يەرگە 37 يىلنىڭ ئالدىدا يازغان بولۇپ خاتىرىلىنىپتۇ . 2007/11/18 13:43
8 Yawuz

ماۋۇ رەسىم ئارقىلىق ئىنكاس يېزىپ، خەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى تەڭشەش بۇيرۇقىنى بەرسىلا، ئىنكاس يوللانماي مۇنبەر باش بېتىگە قايتىپ كېتىدىكەن، بۇ قېتىم يەنە بىر سىناپ باقاي شۇنداق بولامدۇ يوق
2007/11/18 17:48
9 Yawuz توۋا ماۋۇ تېمىدا ئىنكاس يازسام ئۇنداق بولمايدۇ، لېكىن يەنە بىر تېمىدا ئىنكاس يازسام، يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك بولىۋاتىدا، نىمە ئىشتۇ بۇ، ئاندىن ھېلىقى تەستىق كودى دىگەن ئوقەتنى چوقۇم يوقاتساق. 2007/11/18 17:55
10 erdewil تەرجىمە قىلىنماي قالغان خەتلەر ھەردەمدە بىر چېلىقىپ تۇرۋاتىدۇ،تېخنىك ئۇستاملار يەنە تەكشۈرۈپ بېقىڭلارچۇ..... 2007/11/18 20:18
 جەمئىي باھا 29  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/3  |<  <<   1 2 3   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009