يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
دىيارىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇتتۇرا...
يوللىغۇچى muhtarbay   كۆرۈش 6346   يوللانغان ۋاقتى 2008/1/12 17:06  ||مۇنبەردە كۆرۈش||


دىيارىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇتتۇرا ئاسيا رايۇنلىرىغا كۇچۇشى



يىقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇتتۇرا ئاسيا رايۇنلىرىغا كۇچۇشنى سىياسەت ، ئىقدىساد ، جەمئىيەت قاتارلىق ئامىللارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تۇۋەندىكىدەك بەش مەزگىلگە بۇلۇشكە بۇلىدۇ .

1 . پەرغانىگە كۇچكەن قەشقەرلىك ئۇيغۇرلار ( 18 - ئاسىرنىڭ ئاخىرقى يىرىمىدىن 19 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىرىمىغىچە )

بۇ قىتىمقى كۇچۇشنى ئاق تاغلىق ، قارا تاغلىق غۇجىلارنىڭ ئىچكى نىزالىرى ۋە << يەتتە غۇجا تۇپىلىڭى ( 1847 - يىلى ) >> كەلتۇرۇپ چىقارغان . تۇلۇق بۇلمىغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا بۇ قىتىمقى كۇچۇشتە تەخمىنەن 50 - 60 مىڭ قەشقەرلىك ئۇيغۇر پەرغانىگە كۇچكەن .

2. بەي يەنخۇنىڭ قالدۇق تۇپىلاڭچى قۇشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۇتتۇرا ئاسيا رايۇنىغا مەجبۇرى كۇچۇرۇلگەن ئۇيغۇر . ( 1877 - 1878 )

بەي يەنخۇ 1873 - يىلى كۇتۇرۇلگەن خۇيزۇلار قۇزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى بۇلۇپ ، چىڭ قۇشۇنلىرىنىڭ قۇغلاپ زەربە بىرىشى بىلەن 1873 - يىلى 10 - ئايدا قالدۇق قۇشۇنلارنى باشلاپ دىيارىمىزغا قىچىپ كەلگەن . ئۇنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۇتتۇرا ئاسيا رايۇنىغا سەرگاندان بۇلۇپ چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۇنكىرىت سانىنى ئىنىقلاشقا ئامال بۇلمىسىمۇ . شۇ چاغدىكى تارىخى ماتىرياللارغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ سانىنى 2 مىڭدىن ئارتۇق دەپ پەرەز قىلىشقا بۇلىدۇ .

3 . چاررۇسيە ھۇكۇمىتى تەرىپىدىن ئۇتتۇرا ئاسياغا مەجبۇرى كۇچۇرۇلگەن ئىلى ئۇيغۇرلىرى . ( 1881 - 1884 )
بۇ قىتىمقى مەجبۇرى كۇچۇشتە جەمئىي 45373 تارانچى مەجبۇرى ھالدا كۇچۇرۇلگەن .

4. مىنگۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇتتۇرا ئاسيا رايۇنلىرىغا ئىشلەمچىلىككە ئاپىرىلغان ياكى بارغان ئۇيغۇرلار .
ئىشلەمچىلىككە بارغان ئۇيغۇرلار ئاساسەن چاررۇسيە ھۇكۇمىتىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئەپيۇن تىرىشقا سىلىنغان . شۇ چاغلاردا ئۇتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە ئەپيۇن تىرىش كۇلەملەشكەن بۇلۇپ ، بۇ ئەپيۇنلار ئاساسلىقى جۇڭگۇ بازىرىغا سىلىنغان . ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىنىق سانى مەلۇم ئەمەس .

5 . 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى سۇۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدىكى ئۇتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىغا كۇچكەن ئۇيغۇرلار .
60 يىللارنىڭ باشلىرى جۇڭگۇ سۇۋېت مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە باشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىلىدا تۇرۇشلۇق سۇۋېت كۇڭسۇلخانىسى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى قايمۇقتۇرۇپ << گراژدانلىق كىنىشكىسى >>  << مۇھاجىرلىق كىنىشكىسى >>  << ۋىزا >> قاتارلىقلارنى كەڭ كۇلەمدە تارقىرتىپ ، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى سۇۋېت گىراژدانى بۇلۇشقا رىغبەتلەندۇ . بۇنىڭ بىلەن 50 - 60 مىڭغا يىقىن ئىلى ، چۇچەك ئۇيغۇرلىرى سۇۋېت ئىتىپاقىغا چىقىپ كىتىدۇ .

كىينكى 500 يىللىق تارىخىدا تەغدىرىگە قارار چىقىرىشقا ئامالسىز قالغان بۇ بىچچارە خەلقىمىز كىندىك قىنى تۇكۇلگەن بۇ ئانا زىمىندىمۇ تۇرۇش ھۇقۇقىدىن يۇقىرقىدەك سەۋەپلەر تۇپەيلى مەھرۇم قالغان .

مەنبە : ( << ئۇتتۇرا ئاسيا ئۇيغۇرلىرى >> شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى 2003 - يىلى خەنزۇچە نەشرى 35 - 79 - بەتلەر ) دىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 11   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 Kulbilge بىلىشىمچە ئوتتورا ئاسىياغا بولۇپمۇ ئۆزبىكىستان تەرەپلەرگە كۆچكەن ئۇيغۇرلار سۆۋىتلەر تۇركى خەلقلەرنى  مىللەتلەرگە ئايرىغاندا كۆپىنچىسى ئۆزىنى ئۆزبىك مىللىتى دەپ نوپۇسقا ئالدۇرۇپتىكەن. شۇڭا ئۆبىكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن دىگۇدەك ئۆزبىكلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن ئىكەن.  بۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئىنىق مەلۇمات بارمىدۇ. 2008/1/13 17:01
2 muhtarbay ئۇزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى

ئۇتتۇرا ئاسيادىكى قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، ئۇزبېكىستان ، تاجىكىستان ۋە تۇرىكمەنىستان جۇمھۇريەتلىرىدە خىلى كۇپ ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ . گەرچە ئۇتتۇرا ئاسيا ھۇكۇمەتلىرى ئۇيغۇرلار سانى ھەققىدە تۇرلۇك كىمەيتىلگەن رەسمىي مەلۇماتلارنى ئىلان قىلغان بۇلسىمۇ ، بىراق مەلۇماتلار يەنىلا گۇمانلىق . ئۇتتۇرا ئاسيا جۇمھۇريەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەر تۇرلۇك بۇلۇپ ، بۇگۇنكى كۇندە پەقەت قازاقىستان جۇمھۇريىتىدىلا ئۇيغۇرلار بىر رەسمى بىر مىللى مەدەنىيەت تۇپلۇقى سۇپىتىدە ئۇز باشلانغۇچ ، ئۇتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ، تىياتىر سەنئىتى ، نەشرىيات - ئاخپاراتچىلىقى ئەنئەنىسى ھەم باشقىلارنى ساقلىغان ۋە راۋاجلاندۇرغان ھالدا مۇۋجۇت بۇلۇپ تۇرماقتا . ئۇنىڭدىن قالسا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇز تىلى ۋە مەدىنيىتىنى خىلى ياخشى ساقلىغان بۇلسىمۇ ، لىكىن بۇ جۇمھۇريەتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر بۇلماسلىقى تۇپەيلىدىن مۇتلەق كۇپ ساندىكى ئۇيغۇرلار باشلانغۇچ ، ئۇتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى رۇس تىلىدا ، قىسمەنلىرى قىرغىز تىلىدا ئىلىشقا مەجبۇر بۇلغان .
تۇركمەنىستان بىلەن تاجىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بۇلۇپ ، بۇ ئىككى جۇمھۇريەتتىكى ئۇيغۇرلار سان جەھەتتىن ئەڭ ئاز ھىساپلىنىدۇ . ئۇنداقتا ئۇزبىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قانداق ؟ ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مەسىلىلىرى مەۋجۇت  ؟
بۇ سائاللارغا تاشكەنتلىك ئانالىزچى ئەزىز كامىلۇفنىڭ << ئۇئازىس >> ژۇرنىلىدا ئىلان قىلغان << ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى مەۋجۇتمۇ ؟ >> ماۋزۇلۇق ماقالىسى جاۋاپ بىرىدۇ .
ئەزىز كامىلۇف ئالدى بىلەن ئۇتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇريەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردا سۇۋېت ئىتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئۇتتۇرا ئاسيادا دۇلەت چىگرىلىرى شەكىللەنگەندىن كىيىن ، ئۇزلىرى جايلاشقان دۇلەت تەۋەلىكى بۇيچە بىر - بىرىدىن پەرىقلىق تەرەپلەرنىڭ شەكىللىنىشىكە باشلىغانلىقىنى ئۇتتۇرغا قۇيىدۇ .
ئۇزبىكىستاندا زادى قانچە ئۇيغۇر بار ؟
ئەزىز كامىلۇفنىڭ پىكىرىگە تايانغاندا ، ئۇزبىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مەسىلىسى سابىق سۇۋېت ئىتىپاقى دەۋرىدىن ئىتىبارەن مۇرەككەپ مەسىلە بۇلۇپ ، ئەزەلدىنلا ھۇكۇمەت ئىنىق سانلىق مەلۇمات بەرمىگەن . ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۇپ قىسمى 19 - ئەسىرنىڭ يىرىمىغا كەلگەندە قەشقەر بىلەن تۇتىشىدىغان پەرغانە ۋادىسىغا كىلىپ يەرلەشكەن بۇلۇپ ، 30 - يىللاردا ئەنجاندا ئۇيغۇر تىياتىرى بۇلغان ، تاشكەنتتە قەرەللىك ژۇرناللار ، كۇپ مىقتاردا كىتاپلار ۋە دەرىسلىك ماتىرياللىرى نەشىر قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇر باللىرى ئۇچۇن مەكتەپلەر تەسىس قىلىنغان ، ئۇتتۇرا ئاسيا ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلىرىنى تەربىيلىگەن .
ئاپتۇرنىڭ ئىيتىشىچە ، ئۇتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا ئۇزبىكىستاندا 500 مىڭ ئۇيغۇر ياشىغان بۇلۇپ ، ئۇزبېكىستان دەسلەپتە ئۇيغۇر مەدىنيىتىنىڭ مەركىزى بۇلغان بۇلسا ، كىينچە بۇ مەركەز ئالمۇتىغا كۇچۇرۇلگەن ، بىراق ، سۇۋېت ھۇكۇمىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا ئۇزبىكىستاندىكى ئۇيغۇرلار 1959 - يىلى ئاران 19 مىڭ دەپ ئىلان قىلغان بۇلسا ئۇزبېكىستان ھۇكۇمىتى يىقىنقى ۋاقىتلاردا بۇ جۇمھۇريەتتە 35 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىدىن مەلۇمات بەردى .
شۇنچىۋالا كۇپ ئۇيغۇر نەگە كەتتى ؟
ئۇزبىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس . بىراق ، قازاق ئالىمى چۇقان ۋەلىخانۇف ، 19 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا پەرغانە ۋادىسىدا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن بۇلسا ، بۇ ساننىڭ داۋاملىق كۇپىيىشى تەبىئىي ، ئۇيغۇر سىياسۇنى ئابدۇللا رۇزىباقىيېۋ 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى سۇۋېت تۇركىستان ئاپتۇنۇم جۇمھۇريىتىدە 700 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن بۇلۇپ . ئۇلارنىڭ كۇپ قىسمى ئۇزبېكىستاندا ئىدى . ئۇنداقتا شۇنچىۋالا ئۇيغۇر بۇگۇنكى كۇندە نەگە كەتتى ؟
ئۇزبىكىستان مۇتەخەسسىسى ئەزىز كامىلۇف بۇنى ئىككى سەۋەپتىن چۇشەندۇرگەن . بىرىنجى سەۋەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزبىكلەرگە ئۇزلىكىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بۇلۇپ كىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇزبىكلەرنىڭ مەدەنىيەت ، تىل جەھەتتىكى ئالاھىدە يىقىنلىقى مۇھىم رۇل ئۇينىغان ، ئىككىنجىدىن بۇ ھۇكۇمەتنىڭ ئاھالىلەرنى بىرلەشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ، تۇركىي مىللەتلەرنىڭ مەسلەن ئۇيغۇر ، قازاق ۋە باشقىلارنىڭ كۇپلىگەن ۋەكىللىرى مەجبۇرى تۇردە ئۇزبېك دەپ يىزىلىپ كەتكەن .
ئۇزبىكىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى نىمە قىلىدۇ ؟
ئەزىز كامىلۇفنىڭ دىيىشىچە ، ئۇزبىكىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى پائالىيەت ئىلىپ بارماقتا ، بۇ جەمئىيەت ئۇزبىكىستان جۇمھۇريەتلىك خەلقئارالىق مەدەنىيەت مەركىزى دەپ ئاتالغان ئۇرگانغا تەۋە بۇلۇپ ، مەركۇز ئۇرگاننىڭ تەۋەلىكىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىمۇ ئىش ئىلىپ بارىدۇ . بۇ ئۇرگاننىڭ رازىلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار پەقەت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىلا ئىلىپ بارالايدۇ .
بۇگۇنكى كۇندە جۇمھۇريەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى تاشكەنىت ، ئەنجان شەھەرلىرىدە ئۇز تارماقلىرىنى قۇرغان بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ھەرقايسى جايلاردا ئۇيغۇر سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇش ، ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىنى ئىچىپ ، بالىلارغا ئۇز ئانا تىلى ئۇگىتىش ، ئۇيغۇر زىيالىلىرى ، ئەدىبلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۇتكۇزۇش ھەم باشقىلاردىن ئىبارەت .
ئۇزبىكىستاندىكى ئۇيغۇرلار قانداق تەقدىرگە دۇچ كەلمەكتە ؟
ئاپتۇر ئەزىز كامىلۇف ئۇز ماقالىسىدە كەسكىن ھالدا << نۇۋەتتىكى مەزگىلدە ئۇزبىكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئەڭ جىددى مەسىلە ئاسسىمىلياتسىيە بۇلۇپ كىتىشتىن ئىبارەت ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇزبىكلەر ئارىسىدا تىل ، مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ، ئۇمۇمەن ئۇرتاق تارىخي مەنبەداشلىق مۇناسىۋىتى بار ، 35 مىڭ نۇپۇسلۇق بۇ مىللەتنىڭ 25 مىليۇنلۇق خەلىق ئىچىدە ئۇز تىلى ، ئۇرۇپ - ئادەتلىرى ۋە باشقىلىرىنى ساقلاپ قىلىشى تۇلىمۇ مۇرەككەپ >> دەپ يىزىش بىلەن ئۇزبىكىستاندىكى بۇ خىل مۇرەككەپ ۋەزىيەت تۇپەيلىدىن ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ بەلكى ، يەنە 20  ، 30 يىللار ئىچىدە مەۋجۇت بۇلماي قىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ .
2008/1/13 17:34
3 udun 1881---1884- يىللاردىكى " كۆچ- كۆچ " 3 قېتىم ئېلىپ بېرىلغان. ئىلى ۋادىسىدىكى  شەھەر - يېزىلار ئاساسەن دېگۈدەك قۇرۇقدىلىپ قالغان. ( ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى 1930- يىللاردىن كېيىن قايتىپ كەلگەن)

يەنە 1950- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غۇلجىدا بولغان  " ماي ۋەقەسى " دىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر سوۋېت ئىتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن. ( غۇلجىدىن)
 
1962- يىلىدىكى  " قاچ - قاچ " دىيارىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەڭ ئاخىرقى كۆچۈشى بوپ قالغاندەك تۇرىدۇ. بىراق، چىقىپ كەتكەن ئادەم بەكلا جىق، بۇنى غۇلجىلىقلار ناھايىتى ئوبدان تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ.
يالغۇز تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ ئائىلىسىدىنلا ئۇ ئۆزى يالغۇز قالغان تۇرسا؟  بىر پىشقەدەم خىزمەتدىشىم بولىدىغان، دادىسى بىلەن ئۆزى بۇ يەردە قېلىپ، ئاپىسى 3 ئۇكىسى بىلەن چىقىپ كېتىپتىكەن، ئاپىسىنى بوۋا- مومىسى، 4 قېرىندىشى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنىكەن. بۇ كىشىنىڭ 10 تۇققىنى شۇ يەردە دېگەن گەپ، بۇنداق ئائىلىلەر ئىلىدا جىق. بۇلار ھەممىسى قازاقىستاندا. بىزنىڭ تاشكەنتتە تۇققانلار بولىدىغان . ئۇيغۇرلار بىلەن تويلىشىپ ، مەن ئۇيغۇر دەپ ياشاۋاتىدىغۇ. 
2008/1/15 03:14
4 uygur099     رەھمەت سىزگە قەدىرلىك قررىندېشىم مۇختەرباي،ھارمىغايسىز 2008/6/29 22:25
5 hanihatam كىلەر يىلى ئوزبىكىستانمۇ،قازاقستانمۇ ئۇمۇميۇزلۇك نۇپۇس ئىنىقلاشنى ئىلىپ بارىدۇ، بۇلار ھەر 10 يىلدا بىر قىتىم يۇرگۇزىدۇ، ئالدىنقى چوڭ نۇپۇس تەكشۇرۇش 1999-يىلى يۇرگۇزۇلگەن، 2008/11/15 23:00
6 KALIGAY777         18 -ئەسىرنىڭ ئاخىرى  19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەرغانىگە كۆچكەن قېرىنداشلىرىمىز ئۆزبەكلەرگە سىڭىشىپ ، ھازىر مەۋجۇت بولماي قالدىغۇ ئەنە ؟ بىزنىڭمۇ بېشىمىزنى سىلايدىغان دادىمىز بولسا ئىدى ، ھەرگىز ئۇنداق بولماستى ! ئىسىت ... 2008/11/22 04:55
7 ilxat بۇنىڭدىن قارىغاندا ھەقىقەتە ن قاباھەتلىك بوپتىكەن 2008/12/6 23:11
8 malxe 2009_يىل بارى ايدىڭ بۇلۇدۇ    2008/12/11 15:52
9 yyygogogo ياخشى  تېما  ئكەن                  رەھمەت  سىزگە... 2009/1/7 20:30
10 yyygogogo رەخمەت سىزگە  ياخشى  تېما  ئكەن. 2009/1/7 20:32
 جەمئىي باھا 11  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/2  |<  <<   1 2   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009