يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
ئۇيغۇر تارىخ يىلنامىلىرىنى رەتل...
يوللىغۇچى ulukroh   كۆرۈش 718   يوللانغان ۋاقتى 2009/3/28 21:28  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
ئەسسالام ھۆرمەتلىك ئورخۇن مۇنبىرىنىڭ قورغۇچىللىرى ،قولىغۇچىللىرى ۋە ئۇقۇرمەنلىرى مەن ئورخۇن تور بىكىيىنى بىلگندىن باشلاپ ئىزچىىل
مۇشۇ مۇنبەرنى ماكان تۇتقاندىن بىرى مۇنبەرگە يوللانغان ھەربىر تېمىنى دىگۈ دەك ئۇقۇپ چىقتىم .ھەم ئۇيغۇر توربەتلىرىنىڭ ئىچىدە مۇشۇنداق
بىر تور بەتنىڭ بولغانلىقىدىن سۈيۈندۈم.
  مەن ئۆتكەندە قىرغىز تارخىى يىلنامىسى دىگەن ئەسەرنى كۈرۈپ چىققاندىن كىيىن كاللامدىمۇ ئۇيغۇر تارىخى يىلنامىسى تۇرغۇزۇپ چىقىش ئۇيى
پەيدا بولغان  ئەمما ماتىريال مەنبەسىنڭ چەكلىك بۇلۇشى ئەتراپىمدىكى مۇھىتتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن بۇ ئىشقا يالغۇز قۇربىم يەتمەيدىغانلىقى
ھىس قىلىپ بۈگۈن ئورخۇن مۇنبىرىدىكىلەرگە تەكلىپ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن بولسا كۆپنىڭ كۈچى بىلەن مۇكەممەل ۋە تەپسىلى بولغان ئۇيغۇر نامى
كۈرۈلگەن قەدىمكى زاماندىن ھازىرغىچە بولغان مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ ھىچقايسىسى چۈشۈپ قالمىغان ئاساستا مۇشۇنداق بىر يىلنامىنى تۈزۈپ چىقساق

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 33   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 tonyuquq ئۇلۇغ روھىڭىزنى جارىي قىلدۇرۇپ ئۆزىڭىز بىر باشلاپ باقمامسىز،  قانچىلىك بىلسىڭىز شۇنچە، ھەممىز تەرەپ-تەرەپتىن تولۇقلىما قىلساق بولىدۇ. راستتىنلا ئىش باشلاپ قالسىڭىز، ھېچ بولمىسا مەنبە بولسىمۇ كۆرسىتىپ بېرىشكە يارايمىز. 2009/3/29 03:55
2 mavlan مەن ئۆزەم بىلگەننى دەپ باقاي :
1. ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ بوۋىسى «تۇر» ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىرنىچى شەخس ، چۈنكى «تۇر»«تۇرا » «تۇران» «تۈرك»ئاتالغۇلىرى مانا مۇشۇ شەخسنىڭ ئىسمى بىلەن قولىنىلغان دەپ قارايمەن .
2. ئالىپ ئەرتۇڭا
3.ئوغۇز قاغان (باتۇر تەڭىرقۇت )
بۇ دەۋىردە  يەنى ھون قاغانلقى دەۋىردە ، زۇر تۈركۈمدىكى تۇرا قەبىلىرى بىرلىشىپ «ئۇيغۇر » ئاتالغان ، بۇ  مەزگىلدىكى ئۇيغۇر ئاتالغۇسى مىللەت ئاتالغۇسى بولماستىن قەبللەر ئىتتپاقى نامىدىكى سىياسى نام ......... ئوغوزنامە بۇنىڭ دەللى دەپ قارايمەن .

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ⅩⅣ ئەسىردە گۇيفاڭ چۈنچيۇ ۋە جەنگو دەۋرلىرىدە «دى» دەپ ئاتالغان، 戎روڭ دەپمۇ ئاتالغان ،روڭ ئىچىدىكى بۆرە روڭ 犬戎ئەڭ كۈچلۈك ئىدى ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى شيەنيۈ قەبىلىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 507- يىلى جۇڭشەن 中山国) ) بەگلىكىنى قۇرغان
2009/3/29 12:10
3 tonyuquq ھە مانا ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. داۋاملىق، مەنمۇ ئېنىق ئىشەنچلىك مەنبە تاپقاندىن كېيىن قىستۇرما قىلاي، چۈنكى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى تارىخىمىز سەل قاراڭغۇ، 2009/3/29 12:19
4 ulukroh 1.بۇنىڭدىن تەخمىنەن 6-7مىڭ يىللار ئىلگىرى : شىنجاڭ رايۇنىدا ئىنسانلار ياشىغان .

2.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 209-يىلى : ھونلار تەڭرىقۇتى مۆتې تەخىتكە چىققان .

3.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 176-يىلى : توخرىلار دۇنخۇاڭ . چىليەنشەن تېغى ئەتراپىدىكى غەربكە كۆچۈپ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى ئىگىلىگەن .

4.مىلادىدىن ئىلگىرىكى161-يىلى : ئۈسۇنلار چوڭ توخرىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى ئىگىلىگەن .

5.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138-يىلى : جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا تۇنجى قېتىم ئەلچىلىككە كەلگەن.

6.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 119-يىلى : جاڭ چىيەن غەربىي يۇرتقا ئىككىنچى قېتىم ئەلچىلىككە كەلگەن.

7.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 105يىلى : خەن سۇلالىسى مەلىكىسى شى جۈن ئۈسۇنلارنىڭ كۈنبېيى ئېلجاۋبىيغا ياتلىق بولغان .

8.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 101-يىلى : خەن سۇلالىسى بۈگۈر . چېدىردا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈلگەن ، « يالۋاچ چېرىكچى » تەسىس قىلىپ باشقۇرغان.
2009/3/29 13:49
5 ulukroh ---------------------------------------                      
     مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن
    
   ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى قىسمغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئۇلار ئالتۇن تاغ ( ئالتاي تېغى ) نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئىدى . بۇزېمىننىڭ شەرقى قىسمى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە ، غەربى قىسمى بولسا بايقال كۆلى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ئارلىقىدىكى جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
        
مىلادى 4 -ئەسىرلەردە تۇغلۇقلار جەنۇپقا پىيادە يۈرۈش قىلدى . شەرقى تۇغلۇقلار ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا ، غەربى تۇغلۇقلار تىيانشاننىڭ شىمالىي ۋە غەربى قىسمىدىكى يايلاقلاردا كۆچمەنلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى . بۇچاغقا كەلگەندە تۇغلۇقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنى تۇرالار دىگەن نام ئىگەللىدى . شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھارۋىسىنىڭ چاقى ئىگىز بولغانلىقتىن ، ئىگىز قاڭقىللار( ئېگىز ھارۋىلىقلار ) دەپمۇئاتالدى . ئون ئوغۇز دېگەن نام بارلىققا كەلدى . بىرقىسىم قاڭقىللارنىڭ سىلىنگادالاسىدا ياشىدى .
                            
مىلادىنىڭ 429-يىلى  

بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى ئېگىز قاڭقىللارنىڭ شەرقىي قىسمىدىكىلەردىن نەچچە ئونمىڭ كىشى ۋېي سۇلالىسىگە ئەل بولدى .
                          
مىلادىنىڭ487-يىلى                                                                              

ئىگىز قاڭقىلار بوركلى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاۋۇزلۇ چوڭچىلار ، ئۆزقەۋمىدىن 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ ئېگىز قاڭقىلارنىڭ غەربىي شىمالىغا كۆچۈپ بېرىپ ، ئۆز ئالدىغا خانلىق تىكلىدى .
                      
مىلادىنىڭ 490-508-يىللىرى

مىلادى 490- يىلى ئاۋۇزلۇ سودىگەر خۇيۇ جېنى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ پايتەختىگە ئەۋەتىپ ئىككى دانە ئوقيا تەغدىم قىلدى ...
                          
مىلادىنىڭ 951-يىلى

  قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى جۇسۇلالىسى پادىشاھىغا تۇتۇق ئەۋەتىپ ، ئىچكىرى بىلەن بولغان  ئىقتىسادى ، مەدەنىي مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن . كېيىنكى جۇسۇلالىسى ھۆكىمىتى تەدبىر قوللىنىپ ، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان خەلق ئوتتۇرسىدىكى سودىنى كەڭ قۇيۇۋەتكەن . ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئاساسلىقى قاش تېشى ، يۇڭ ، تېرە ، دورا - دەرمەكلەرنى ئالتۇن كۆمۈشكە ئالماشتۇرغان .
                      
مىلادىنىڭ 956-يىلى
  سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتتى . ئۇنىڭ جەسىتى ئاتۇشقا دەپنە قىلىندى . ئوغلى بايتاش ( مۇسا بىننى ئابدۇكېرىم ) خانلىققا ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۆزىنى « ئارىسلانخان » دەپ ئاتىدى ۋە قەشقەردە تۇردى . سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 2 - ئوغلى سۇلايمان بالا ساغۇنغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى .
                        
مىلادىنىڭ 960-يىلى

200 مىڭ ئۆيلۈك تۈرك خەلقى ئىسلام دىنىغا كىردى . مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم ئارىسلانخان ئسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىدى .  
                    
   مىلادىنىڭ 981-يىلى

ئىدىقۇت ئۇيغۇر پادىشاھى ئۆزىنى شىجۇدىكى جىيەن شىر ئارسلانخان دەپ ئاتاپ ، موسوۋىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى . سۇڭ سۇلالىسىمۇ ، جاۋابەن ۋاڭيەندى قاتارلىقلارنى سۇجۇغا ئەۋەتتى .  
                      
مىلادىنىڭ 982-يىلى

ۋاڭ يەندى بەشباللىقتا ئۇيغۇر خانى بىلەن كۆرۇشتى . ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا تارتۇق تەقدىم قىلدى . 983 - يىلى ۋاڭ يەندى قايتىدىغان چاغدا ، ئىدىقۇت پادىشاھى 100 كىشلىك ئەلچىلەر ئۆمىكىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى .
                      
مىلادىنىڭ 990-يىلى
  قارخانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بۇغراخان ھەسەن لەشكەر تارتىپ ئىسىپىجان شەھرىنى ئالدى .
                    
   مىلادىنىڭ 992-يىلى  

بۇغراخان ھەسەن ماۋرا ئۈنھەرىگە ھۇجۇم قىلىپ سەمەرقەند بىلەن بۇخارانى ئشغال قىلدى . شۇنىڭدىن تارتىپ سامانلار خانلىقى زەئىپلىشىشكە يۈزلەندى .
                        
مىلادىنىڭ 999-يىلى  
قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئىلىك ناسىرى سامانلار خانىلىقىنى ئۇزۇل -كېسىل يوقاتتى .
                    
مىلادىنىڭ 1069-1070-يىللىرى

بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتادقۇ بىلىك » داستانىنى يېزىپ چىقتى .
                    
مىلادىنىڭ 1072-1074يىللىرى

قەشقەرلىك مەھمۇت قەشقىرى « تۈركى تىللار دىۋانى » نى يېزىپ چىقتى .
                    
مىلادىنىڭ 1141-يىلى  


غەربىي لياۋ لەشكەرلىرى سەمەرقەندنىڭ شىمالىدىكى كاتۋان يايلىقىدا سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشتى ، سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى يىڭىلىپ قالدى . ماۋرا ئۈنەھرى رايونى لياۋنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن غەربىي قاراخانىيلار سۇلالىسى غەربىي لياۋغا قارام بۇلدى .
                  
  مىلادىنىڭ 1211-يىلى

  نايمانلار خانى كۈچلۈك گورخان غەربىي لياۋ پادىشاھى چورۇقنىڭ خانلىق ئورنىنى تارتىۋالدى. غەربىي لياۋ سۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى .
                  
مىلادىنىڭ 1212-يىلى
خارەنزىم شاھى مۇھەممەت بىننى مەسئۇد سەمەرقەندنى ئىشغال قىلىپ ، غەربىي قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ئوسمان بىننى ئىبراھىمنى ئۆلتۈردى . غەربىي قاراخانىلارسۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى .
                  
مىلادىنىڭ 1219-يىلى

چىڭگىزخان لەشكەر تارتىپ چىقىپ غەرىبكە يۈرۈش قىلدى . قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىقۇتى تۈمەنمىڭ لەشكەربىلەن چىڭگىزخانغا قوشۇلدى .  
                
    مىلادىنىڭ 1225-يىلى
  
چىڭگىزخان ئۆزى بويسۇندۇرغان جايلارنى ئوغۇللىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى . 2- ئوغلى چاغاتايغا ۋە 3- ئوغلى ئوگدايغا غەربتىكى كەڭ زېمىننى بەردى .  
قوجۇ ئىدىقۇت مۇڭغۇللارغا ھەممىدىن بۇرۇن قارام بولدى . شۇڭا قۇجۇ رايونى يەنىلا ئۆزىنىڭ قارمىقىدا بولىۋەردى .  
                          
   مىلادىنىڭ 1251-يىلى      

مۇڭغۇللار بەشباللىق قاتارلىق جايلاردا ئۆلكە دىۋان ۋازارىتى تەسسىس قىلىپ ، غەربىي رايوننىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى . بۇ تارىختا غەربىي رايون بويىچە ھەممىدىن ئەۋزەل تەسسىس قىلىنغان ئۆلكە ۋازارىتى ئىدى .
                          
مىلادىنىڭ 1274-يىلى    

يۇەن سۇلالىسى ئودۇن ، يەركەنلەردە 13 سۇلۇق ئۆتەڭ قۇردى ۋە خوتەن قاش تېشى ئىشچىلىرىنى ھاشغا تۇتۇشنى كەچۈرۈم قىلدى .
                            
مىلادىنىڭ 1275-يىلى  

چاغاتاينىڭ نەۋرىسى دۇۋا قاتارلىقلار 12 تۈمەن لەشكەر تارتىپ چىقىپ ، قۇجۇنى ئالتە ئايغىچە مۇھاسىرە قىلۋالدى . ماھاسىرە تۈگىگەندىن كېيىن ئىدىقۇت قۇجۇنىڭ جەنۇبىدىكى قۇمۇلدا بوز يەر ئاچتى .
                          
مىلادىنىڭ 1324-1328-يىللىرى

ئۇيغۇرلار زىمىنىغا كېيىنكى چاغاتاي خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلدى .
                            
مىلادىنىڭ 1346-يىلى
    
مۇڭغۇل قەبىلىلىرىدىن دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى پىداجى چاغاتاي جەمەتىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنى خانلىققا كۆتۈردى ( ئاقسۇدا ).
                            
مىلادىنىڭ 1370-يىلى  
      
چاغاتاي خانلىقى مۇنقەرىز بولدى .
                            
مىلادىنىڭ 1383-يىلى  
    
تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئوغلى قىدىر خوجا بەشباللىقنىڭ چاغاتاي خانىلىقىغا كۆتۈرۈلدى .
                            
مىلادىنىڭ 1391-يىلى
    
قىدىرخان خوجا ئەلچى تەيىنلەپ مىڭ سۇلالىسىگە تارتۇق ئەۋەتتى . مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىمۇ ئەلچى تەيىنلەپ قىدىرخان خوجىغا نامە يوللاپ مىڭ سۇلالىسىنىڭ سىياسىتىنى ئىزھالىدى . شۇنىڭدىن كېيىن تاكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭلار يىلىغا قەدەر قىدىر خوجا ھەريىلى دېگۈدەك مىڭ سۇلالىسىغا تارتۇق ئەۋەتتى .
                            
مىلادىنىڭ1403-يىلى
    
قۇمۇل ۋاڭى ئوڭغۇ تۆمۈر مىڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ 4700 ئات تارتۇق قىلدى . مىڭ سۇلالىسىمۇ پۇل قايتۇردى . تارتۇق قىلىنغان ئاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چىگرا قوغدۇغۇچى ئاتلىق ئاتلىق ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بەردى .
                        
مىلادىنىڭ 1404-يىلى
    
مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قۇمۇل ۋاڭنى ئوڭغۇ تۆمۈرنى ساداقەتلىك ، ئىتائەتمەن دەپ ئاتىدى ھەم ئالتۇن مۆھۈر ئىنھام قىلدى .
                        
مىلادىنىڭ 1680-يىلى
    
17- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇبى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان خوجىلار « ئاق تاغلىق » « قارا تاغلىق » « ئاق تاقىيە » « قارا تاقىيە » دەپ ئىككگە بۆلۈندى ، ۋە ئۆزئارا ھوقۇق تالاشتى .
    17 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە بۇلار ئوتتۇر سىدىكى زىدىيەرت كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلەشتى . يەركەن خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئىسمايىل خان قارا قاغلىقلارنى قوللاپ ، ئاق تاغلىقلار نىڭ غوجىىسىنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقاردى . ئاپئاق دالايلاما ۋە جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان بىلەن كۆرۈشۈپ ، جەنۇبى شىنجاڭ دىكى سەئىدىيە دۆلىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەربىي ياردەم سورىدى . شۇيىلى غالدان قوشۇپ بەرگەن ئەسكەرلەرنى باشلاپ كېلىپ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى . ئاپئاق خوجا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قورچاق خانى بولدى . بۇ قورچاق خانلىق ھەريىلى جۇڭغارلارغا 100 مىڭ سەر كۈمۈش خىراجەت ، 100 مىڭ ئۇلاغ ماتاچەكمەن تۆلىدى .
                        
مىلادىنىڭ 1696-يىلى
    
جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان ئۆلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا چىۋان ئاراپتان ۋارىسلىق قىلدى . جەنۇبىي شىنجاڭدىكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى .
                          
                                
مىلادىنىڭ 1700-يىلى
  
چىۋان ئاراپتان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتا بويسۇندۇردى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكىمرانلىق ھوقۇقى ئاق تاغلىقلار قولىدىن قارا تاغلىقلار قولىغا ئۆتتى . جۇڭغار خانى چىۋان ئاراپتان قارا تاغلىقلارنىڭ ئاقساقىلى دانىيال خوجىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خانى قىلىپ تەيىنلەپ ، ھەر يىلى جۇڭغارلارغا ئون تۈمەن كۈمۈش پۇل ئولپان تاپشۇرۇشنى بەلگىلەپ ئىلىغا قايتىپ كەتتى .
                                
مىلادىنىڭ 1755-يىلى
  
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ ، ئۇنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى .
                                
مىلادىنىڭ 1759-يىلى
  
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى لەشكەر تارتىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ- چوڭ خوجا ( بۇرھاندىن خوجا ۋە خوجا جاھان ) لارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ شىنجاڭ رايونىنى يىڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈردى .
                                  
مىلادىنىڭ 1762-يىلى
  
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى شىنجاڭغا قارىتا ھەربىي مەككىمە تۈزىمىنى يولغا قويۇپ ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىنى تەسس قىلدى .
جاڭجۈن مەھكىمىسى ئىلىدىن كۈرەدە تۇردى . ئۇنىڭ قارمىقىدا ، مەسلىھەتچى ئامبال ، دوتۇڭ ، ئىش باشقۇرغۇچى ئامبال ، لەشكەر بېشى ئامباللار بېكىتىلدى .
    ئۇيغۇرلار رايونىدىكى بەگلەرنىڭ نەسەپ بويىچە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ ، بەگلەرنىڭ ھۇقۇقىنى چەكلىدى ۋە تارقاقلاشتۇردى .
                                      
مىلادىنىڭ 1765-يىلى
  
ئۈچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا ، يەرلىك فېئوداللارنىڭ ئېزىشىگە قارشى قوزغىلىپ ئۈچتۇرپاننى ئازات قىلدى . قوزغۇلاڭ يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قەشقەر ، ئاقسۇ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن ئەسكەر يۆتكەپ بۇ قوزغىلاڭنى باستۇردى .
                                      
مىلادىنىڭ 1815-يىلى
    
قەشقەر ئۇيغۇرلىرى زىياۋۇدۇنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ، بۇ ۋەقە چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا يېزىلغان كىتابلاردا « زىياۋىدىن ۋەقەسى » دەپ ئاتالدى .
                                      
مىلادىنىڭ 1822-1828-يىللىرى
  
بۇرھاندىن خوجىنىڭ نەۋرىسى جاھانگىر خوجا  جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىڭسۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغۇلىڭىغا باشچىلىق قىلدى .
    1826-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى لەشكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنى باستۇردى . 1828-يىلى جاھانگىر خوجىنى ئەسىر ئىلىپ ، بېيجىڭغا باردى ، ۋە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى .
                                            
مىلادىنىڭ 1848-يىلى
  
جاھانگىر خوجىنىڭ جىيەنى مۇھەممەت ئىمىن ( كاتتا خوجا ) بىلەن ۋەلى خان قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى يەتتە خوجا قوقەندىن لەشكەر تارتىپ كېلىپ قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەسكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتتى . جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېغىر قىرغىنچىلىق يۈز بەردى . خەلق بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىدى .
                                              
مىلادىنىڭ 1857-يىلى
    
ۋەلىخان تۆرە يەنە بىر  قىتىم توپىلاڭ كۆتۈردى ، بۇ ،  بىر قانچە قېتىملىق خوجىلار توپىلىڭىنىڭ كېڭىيىشى ئىدى . توپىلاڭ تۆت ئاي داۋاملاشتى . چىڭ سۇلالىسى توپىلاڭنى ئاخىر تىنچىتتى. ئۇزاق ئۆتمەي كۇچاردىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر ئالۋاڭ -ياساققا ، خورلۇققا قارشى قوزغۇلاڭ كۈتۈردى . قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە بىرئاز يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى .
                                        
مىلادىنىڭ 1864--يىلى      
  
كۇچاردىكى ئۇيغۇر ، خۇيزۇ خەلىقلىرى ئالۋاڭ -ياساق ، خورلۇق ، سىتەمگە قارشى ئۇمۇميۈزلۈك قوزغۇلاڭ كۆتۈردى . قوزغۇلاڭ يالقۇنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىڭى رايونلارغا كېڭىيىپ ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭى بۇلۇپ شەكىللەندى .
                                          
مىلادىنىڭ 1865-يىلى

قوزغۇلاڭ نەتىجىسىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ ، بىر -بىرىگە بىقىنمايدىغان بەش ھاكىميەت شەكىللەندى . ئۈرۈمچىدە خۇيزۇ تودىلىن ھاكىمىيتى ، كۇچاردا راشىدىن خوجا ھاكىميىتى ، قەشقەردە سىدىق بەگ ھەكىميىتى ، جىڭ شاڭيىڭ خۇيزۇ ھاكىميىتى ، ئىلىدا مىزامزات ھاكىميىتى مەيدىنغا كەلدى .
    قەشقەردىكى سىدىق بەگ بىلەن شاڭيىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن قوقەند خاندانلىقىدىن ياردەم سورىدى . قوقەند خاندانلىقى جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇك خوجا بىلەن قوقەندنىڭ قۇربىشى ياقۇپ بەگنى لەشكەر بىلەن جەنۇبى شىنجاڭغا ئەۋەتتى .
                                    
مىلادىنىڭ 1865-1867-يىللىرى

ياقۇپ بەگ قەشقەر ، يەكەن ،خوتەن ، ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان ، كۇچار ، كورلا ، قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلىپ ، ئۆزىنى « بەدۆلەت» دەپ ئاتاپ قەشقەردە يەتتە شەھەر خانلىقىنى قۇردى .
                                          
مىلادىنىڭ 1870-يىلى

ياقۇپ بەگ نىڭ ئەسكەرلىرى تۇرپان ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلدى . شىمالىي شىنجاڭدا ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى ماناسقىچە كېڭەيدى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىرقىسىم رايونلىرى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى .
                                          
مىلادىنىڭ 1875-يىلى

چىڭ سۇلالىسى ياقۇپ بەگ ھاكىميىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ، زوزۇڭتاڭنى چىنچەي داجىن ھەم شىنجاڭنىڭ ھەربىي دوبەنى قىلىپ تەيىنلىدى .
                                          
مىلادىنىڭ1876-يىلى
زوزۇڭتاڭ قوماندانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ  ، ياقۇپ بەگكە ھۇجۇم قىلدى . فۇكاڭ ، كومودى، ئۈرۈمچى ، قاتارلىق جايلانى قايتۇرۋىلىپ ، داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلىدى .
                                        
مىلادىنىڭ1877-يىلى

چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى تۇرپان ، توقسۇن ، داۋانچىڭ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگ كورلىدا باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى .
    چىڭ ئەسكەرلىرى داۋاملىق ئىلگىرلەپ كورلا ، كۇچار ، باي ، ئاقسۇ لارغا كىردى . ياقۇپ بەگ  14 يىل ئىشغال قىلغان قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن ، خوتەنلەرنىمۇ ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگكە قارشى تۇرۇش بىر يېرىم يىل داۋامقىلىپ 1878 - يىلى 1- ئايدا غالىبە بىلەن ئاخىرلاشتى .
                                        
مىلادىنىڭ 1884-يىلى

چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى شىنجاڭنى مەمۇرى ئۆلكىگە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاپ ، ليۇ جىڭتاڭنى پاشاپ بەگلىككە ، خې كوڭتاڭنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئامباللىقىغا تەيىنلىدى . 1885 - يىلى ليۇ جىڭتاڭ قاتارلىقلار ئارقا -ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى .
                                        
مىلادىنىڭ 1911-يىلى

جۇڭگودا سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىي پارتىلدى . ليۇ شەنجۇن باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار ئۈرۈمچىدە قوراللىق قوزغۇلاڭ كوتۈردى .  قوزغۇلاڭغا « گېلاۋخۇي » جەميىتىنىڭ ئەزالىرىدىن 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى .
                                      
مىلادىنىڭ 1912-يىلى
  
ياڭ زەيشۇي قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاپچىلار ئىلىدا قورالىق قوزغۇلاڭ كۆتۈردى . ئىلى چىگرا مۇداپىئەسىدە تۇرۋاتقان چىڭ سۇلالىسى چىرىكلىرىنى تېزلا تارمارقىلىپ ئىلىنى ئىشغال قىلدى . ئىلى جاڭجۈنى ئۆلتۈرۈلدى . ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، مانجۇ ، مۇڭغۇل ، زاڭزۇ لاردىن ئىبارەت « بەش مىللەت ئورتاق ئىلگىرلەش جەميىتى » ۋە« يىڭى ئىلى چوڭ دودو مەھكىمىسى » قورۇلدى . ئىلى ئىنقىلاپچىلىرى  قوشۇنى شەرىققە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلەپ ، جىڭ ناھىيەسىدە چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرىنى تارمار قىلدى . شىنجاڭنىڭ پاششەپ بېگ يۇەن داخۇ جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى . شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى .
شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە ئامبىلى قوشۇمچە ئۈرۈمچىنىڭ ۋالىسى ياڭ زىشىن دودو لىققا تەيىنلەندى. شۇ يىلى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە ، خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ياڭ زىشىن ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈلدى . خوتەندە چىريە ناھىيسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چار روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى يەنى « چىرا ۋەقەسى » پارتىلدى .
                                    
مىلادىنىڭ 1928-يىلى  

بىر قەدەر ئىلغار ئىدىيىگە ئىگە بولغان ، كونا سىياسەتنى ئسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلدىغان فەن ياۋنەن باشچىلىقىدىكى بەزى ياش ئەمەلدارلار 7 - ئاينىڭ 7-كۈنى سىياسى ئۆزگىرىش قىلپ ، ياڭ زىشىننى ئۆلتۈردى. بۇۋەقە  شىنجاڭدا « 7 -ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتالدى . سىياسىي تېزلا بېسىقتۈرۈلدى . شىنجاڭ مەمۇرى ئىشلار نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى جىڭشۇرىن پۇرسەتتىن پايدىلنىپ  شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولىغا كۈرگۈزۋالدى .
                                  
مىلادىنىڭ1931-يىلى

قۇمۇلدا خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى پارتىلدى . گەنسۇدىكى خۇيزۇ ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلىشىپ جىڭشۇرىن قىسىملىرىغا زەربە بەردى . ئۇزاق ئۆتـمەي بۇ قوزغىلاڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيدى .
                                  
مىلادىنىڭ1933-يىلى

  4-ئاينىڭ 12 -كۈنى جىڭشۇرىن ھۆكىمىتىدىكى ياش ئەمەلدار تاۋمىڭيۇ ، ئۈرۈمچىنى مۇداپىئە قلۋاتقان ئاق ئورۇس سالداتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ، ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ جىڭشۇرىننى ھەيدىۋىتىپ ، ليۇۋىنلۇڭنى ۋاقىتلىق ھۆكمەتنىڭ رەئىسى ، شىڭ شىسەينى چىگرا مۇداپىئە دوبەنى قىلىپ تەيىنلەيدۇ .
    شۇيىلى 11-ئايدا قەشقەردە سابىت داموللا « شەرقىي ئىسلام جۇمھۇرىيتى » قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى . ئەمما جۇڭگودىن ئايرىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى .
                                  
مىلادىنىڭ 1935-يىلى    

مۇشۇ يىلى 6-ئايدا يوشۇسۇڭ قاتارلىق كىشىلەر شىنجاڭغا كېلىپ ، تەشۋىقات ، تەشكىللەش خىزمەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ كومپارتىيەنىڭ تەسىرنى كېڭەيتتى . شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەككەملەش ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە سوۋىت ئىتپاقى بىلەن دوست بۇلۇش ، كومپارتىيەنى ھىمايە قىلىش پوزىت سىيىسىنى بىلدۈردى . ئۇ جۇڭگو كومىنىستىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە تەسىرى ئاستىدا ، « جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش'» ، « سوۋېت بىلەن دوست بۇلۇش » ، « مىللەتلەر ھوقۇقى باراۋەر بۇلۇش » ، « تىنىچلىقنى ساقلاش » ، « شىنجاڭنى ئىسلاھ ۋە تەمرقىلىش » دېگەن ئالتە بۇيۈك سىياسەتنى ئوتتۇرغا قويدى .
                                  
مىلادىنىڭ 1937-يىلى
9- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈرۈمچىدە 9- يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باشقارمىسىنى قۇردى . بۇ  دەسلەپ قۇرۇلغاندا چىڭ يۈن مەسئول بولغان ئىدى ، كېيىن دىڭفا ، چىڭ تىيەنجۈ لەر مەسۇل بولدى .
                                      
مىلادىنىڭ 1942-يىلى

شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئاشكارلىدى . شۇ يىلى 9- ئايدا چىڭ تىيەنجۇ ، ماۋزىمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلارنى قولغا ئالدى ۋە 150 نەپەر كىشىنى نەزەربەند قىلىپ كېيىن ئۇلارنى تۈرمگە قامىدى .
                                      
مىلادىنىڭ1943-يىلى

چىڭ تىيەنچۇ، ماۋزىمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق كوممۇنىستلار شىڭ شىسەي تەرپىدىن مەخپى ئۆلتۈرۈلدى .
                                    
مىلادىنىڭ 1942-يىلى

شىڭ شىسەي ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرپىدىن دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق ۋازارىنىڭ ۋازىرلىقىغا  تەيىنلىنىپ شىنجاڭدىن كەتتى .  شۇ يىلى 9 - ئايدا نىلقا ناھىيسىنىڭ خەلقى ئات تەقدىم قىلىشقا قارشى تۇرۇپ ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى . 11- ئايدا خەلىقمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غۇلجىنى ئىشغال قىلدى ، ۋە ۋاقىتلىق ھۆكىمەت قۇردى . قوزغۇلاڭ ناھايىتى تېزلا ئىلى ، تارباغاتاي ، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتكە كېڭەيدى ۋە « ئۈچ ۋىلايەت ئنقىلابىي » دەپ ئالدى .
                                  
مىلادىنىڭ1946-يىلى
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1945-يىلى 10- ئايدىن باشلاپلا  ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكىمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . 1946- يىلى 6- ئايدا تىنىچلىق بىتىمى ئمزالىنىپ ، شىنجاڭدا مىللىي بىرلەشمە ھۆكىمەت قۇرۇلدى . مەسئۇد سەبۇرى ئۆلكە رەئىسى ، ئەخمەتجان ئەپەندى ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف باش كاتىپ بولدى .
                                  
مىلادىنىڭ 1947-يىلى

مۇشۇ يىلى 2- ئاينىڭ 25 -كۈنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى «25- فېۋرال » ئەكسىيەتچىلىك ۋەقەسىنى پەيداقىلىپ ، «تىنىچلىق» بىتىمىنى يىرتىپ تاشلىدى،ۋە بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرى ئىلىغا قايتىپ كەتتى . 5-ئايدا مەسۇد سەبۇرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ رەئىسى بولدى .
                                  
مىلادىنىڭ 1949-يىلى
شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكىمەت ئۆزگەر تىپ تەشكىل قىلىندى . بۇرھان شەئىدى ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ رەئىسى بولدى. 8- ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان ئەپەندى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ،ئېسھاق بېك ، دەلىلقان سۈرگۈن بايوف ۋە لوجىسلار جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىغا قاتناشماقچى بولۇپ يولغا چىقتى . ئۇلار سوۋېت ئىتپاقى تەۋەسىدىن ئۆتۈپ كېتۋاتقاندا ۋەقەگە ئۇچراپ  مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ۋا خەلق دېموكراتىيە ئىنقىلابى ئىشلىرى يولىدا شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى .
      شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 25-26 - كۈنلىرى ئاۋسىيۆ ، بۇرھان شەھىدىلەر تېرگىرامما يوللاپ ھەقىقەتكە قايتتى ... 1949 -يىلى 10-ئايدىن 1951-يىلى 1-ئايغىچە خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى 600 چاقىرىم يول يۈرۈپ  شىنجاڭغا  يۈرۈشقىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقلابى مىللىي ئارمىيىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ، جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى بىلەن ئۇچراشتى ، ۋە بۇ ئارمىيە جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى .
            
مىلادىنىڭ 1955-يىلى  

10 -ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى . دوڭبىۋو جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزى كومىتىتىغا ، مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە رەئىس  ماۋزۇدوڭغا ۋاكالىتەن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى .  

http://www.bostan.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=306
2009/3/29 13:59
6 ulukroh مەن ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي توردىن تاپقانلىرىم بولسىمۇ 2009/3/29 14:00
7 ulukroh ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدىكى ئەڭ قەدىمى مىللەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ مەن بىلىدىغان يىلنامىلەت تۆۋەندىكىچە
: تارىختىكى« ئايال خاقان تۇمارىس»نىڭ قىسقىچە تارىخى


       ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئانىسى ، ئەقىل-پاراسەتلىك ، باتۇر يۈرەكلىك ،ۋەتەنپەرۋەر تۇران ( 7-ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلار تۇران دەپ ئاتالغان )خوتۇن-قىزلىرىنىڭ شانلىق ئۈلگىسى بولغان ،سىر دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ماساجىتلارنىڭ ئايال خاقانى مەلىكە تومېرىس( يەنى ، ئەسلى تۆمۈر بولۇپ،يۇنانچە ئاتىلىشى تۇمارىس، تۆمۈرىس دەپ  ئاتىلىپ كەلگەن) ئالپ ئەرتوڭا (تۇران ئېمپىراتۇرلىقىنىڭ خاقانى بولۇپ،دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر خاقانلاردىن بىرى )نىڭ ئەۋرىسى ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا ناھايتى يىقىن.
      رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئىران -ئەھمانىلار سۇلالىسىنىڭ پادشاھى كەيكاۋۇس(  يۇنانچە كىروس)


      ماساجىتلارنىڭ ئايال خانى تومېرىسقا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويغان،تومېرىس بۇنى رەت قىلغاندىن كيىن، كەيكاۋۇس بۇنى ئۆزىگە ھاقارەت بىلىپ،ماساجىتلارنىڭ يۇرتىغا ھۇجۇم قىلغان.
       ئۇرۇشتا تومېرىسنىڭ باش قوماندان ھەم ۋەلىئەھدى بولغان ئوغلى سىيارغاس يارىدار بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن، سىيارغاس ئەسىرلىكىنى ئۆزىگە نۇمۇس بىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان.
      ئوغلىنىڭ ئۆلۈمدىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن ئايال خاقان تومېرىس چوڭ بىر قوشۇن بىلەن كەيكاۋۇسقا ھۇجۇم قىلدۇ،رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ زامانغىچە ،ھىچبىر بۇنداق مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇزۇن ۋە قانلىق ئۇرۇش خېلى زامانغىچە داۋام ئېتىدۇ، ئاخىرى،ماساجىتلار غەلبە قىلىپ ئېران قوشۇنلىرىنىڭ بۆيۈك قىسمى ئۆلۈپ،ئاز بىر قىسمى قېچىپ قۇتۇلىدۇ.
       مەلىكە تومېرىس ئۆلگەنلەرنىڭ ئارسىدىن كەيكاۋۇسنىڭ جەسدىنى تاپقۇزۇپ،بېشىنى كىسىپ، قان بىلەن تولدۇرۇلغان تولۇمغا ئېسپ قويۇپ؛«مەن غەلبە قىلدىم ھەم ياشاۋاتىمەن! سەن ھىيلە بىلەن ئوغلۇمنى مەندىن ئايرىدىڭ! قانغا  تويمىغان قانخور ،ئەمدى مەن سىنى قانغا تويغۇزىمەن!» دەپ ئۆچىنى ئالغانمىش.(مىلادىدىن ئىلگىرى 520-يىلى)

مەنبە؛ «ئۇيغۇر  خەلق ئەدەبىياتى»،سىماچىيەننىڭ «تارىخى خاتىرلەر»دىن ئېىلىندى.
2009/3/29 14:18
8 ulukroh

ھون خانلىرى ۋە سەلتەنەتلىرى

1ھۇن تەڭرىقۇتلىرىسەلتەنەت سۈرگەن ۋاقتى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى يىللار)
2تۈمەن تەڭرىقۇت؟-209
3باتۇر تەڭرىقۇت209-107
4قايۇق تەڭرىقۇت  (ئاغا تەڭرىقۇت ياكى كىئوك تەڭرىقۇت)173-161
5كۈن تەڭرىقۇت160-126
6ئېچىغسە تەڭرىقۇت125-114
7ئۇۋىي تەڭرىقۇت113-105
8ئۇشىلۇ تەڭرىقۇت104-102
9گۇيلىقۇ تەڭرىقۇت101-101
10چەتقۇ تەڭرىقۇت100-96
11قۇلۇقۇ تەڭرىقۇت95-85
12قۇياندى تەڭرىقۇت84-68
13شۈرۈچانچۇتەڭرىقۇت67-60
14ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت      تۇغتان59-58
15خۇخەنيې تەڭرىقۇت  (قوغۇشار تەڭرىقۇت )  جىخۇشان57-31
16فۇجۇرجۇتى تەڭرىقۇت     دياۋتاۋ30-20
17سۇشجۇتى تەڭرىقۇت   چەمىش19-12
18چەياجوتى تەڭرىقۇت      چىمچە11-8
19ۇجۇرجوتى تەڭرىقۇت      نانكىياسمىلادىيەدىن بۇرۇنقى 7- يىلىدىن مىلادىيە 13- يىلىغىچە
20ئۇلجۇتى تەڭرىقۇت        شىيەنمىلادىيە 14- يىلىدىن مىلادىيە 18- يىلىغىچە
21قۇتارشى داۋگاۋ تەڭرىقۇت    يۈ مىلادىيە 18- يىلىدىن مىلادىيە 46- يىلىغىچە
22

پايدىغانلانغۇچىلارغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۈچۈن جەدۋەللەشتۈرۈلۈپ قويۇلدى ــــــــ ياۋۇز

2009/3/29 14:20
9 ulukroh ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانلىرى

  840  - يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى ئىچىكى نىزا ، تەبىئىي ئاپەت ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن غەرب ۋە جەنۇپقا قاراپ كۆچكەن . غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار پان تېكىننىڭ باشچىلىقىدا ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ خېشى كارىدورى ۋە غەربى يۇرتقا يېتىپ كەلگەن ھەمدە بۇ جايلاردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ گەنجۇ (كەڭسۇ) ئۇيغۇر خانلىقى ، قاراخانىيلار (خاقانىيە) خانلىقى ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ خانلىقنى قۇرۇپ چىققان . ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى خاقانلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە :

1 . پان تېكىن ----- ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ، خانلىقنىڭ مۇھىم يولباشچىلىرىدىن بولغان پان تېكىن 15 قەبىلىلىك ئۇيغۇر ئاھالىسىنى باشلاپ ئالتاي تېغىنىڭ غەربىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چۇ دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان جايلارغا كۆچكەن ھەمدە ئىلگىرى بۇ جايلاردا ياشىغان قارلۇقلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان .

2 . بۆگۇ تېكىن ----- بۆگۇ تېكىن بەزى ئۇيغۇرچە تەرجىمە ماتىرىياللىرىدا "بۇقا تېكىن" ، "بۇقۇ جۇن" ، "بارغۇت تېكىن" ، "بۇقا خان" دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان . ئۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنچى خاقانى بولۇپ ، ئۇنىڭ تۇنجى خاقان پان تېكىن بىلەن بولغان ۋارىسلىق مۇناسىۋېتى يوق .

3 . ناگارۋىش ------ ناگارۋىش ئەينى دەۋردىكى كۈسەن خاقانى . ئۇنىڭ بۆگۇ تېكىن بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى ئېنىق ئەمەس . ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە قوش خانلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ ، قوچۇ ۋە بېشبالىق چوڭ خانلىقىنىڭ ، كۈسەن كىچىك خانلىقىنىڭ مەركىزى قىلىنغان .

4 . پراجنياتالوي ------ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى كۈسەن خاقانلىرىنىڭ بىرى . شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادى مۇناسىۋېتىگە بېغىشلانغان بەزى مەنبەلەردە پراجىنياتالوي تۆت قېتىم كۆزگە چېلىقىدۇ .

5 . بىلگە تېكىن ----- 12 - ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرى ئىدىقۇت ئيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانى بولغان .

6 . ئاسان تېمۇر ------ غەربىي لىياۋ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاقانى .

7 . بارچۇق ئارت تېكىن ---- ئاسان تېمۇرنىڭ ئوغلى . ئۇ غەربىي لىياۋ ئۆلكىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىن موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانى بولغان .

8 . چۈشمەس (قۇسمايىن) ------ بارچۇق ئارت تېكىننىڭ چوڭ ئوغلى .

9 . سالۇن تېكىن ------ چۈشمەسنىڭ ئىككىنجى ئىنىسى . ئۇ ئوگداي خاننىڭ تۇل خوتۇنى تۈرگىنە خاتۇن نايىپ خانلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

10 . ئۇگرۇنچ تېكىن ----- بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ، سالون تېكىننىڭ ئىنىسى .

11 . مامۇراق تېكىن ------ "ئىدىقۇت قوچۇ تۆھپىسى مەڭگۈ تېشى" دا تىلغا ئېلىنىشىچە ، مامۇراق تېكىن بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئوغلى ئۇگرۇنچ تېكىننىڭ ئىنىسى بولۇپ ، ئۇگرۇنچ تېكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن خاقانلىق تەختىگە ئولتۇرغان .

12 . قوچقار تېكىن ------ مامۇراق تېكىننىڭ ئوغلى . 1266 - يىلى قۇبلەي خاننىڭ تەيىنلىشى بىلەن ئىدىقۇت ئيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانى بولغان ھەمدە قۇبلاي خانغا يېقىندىن ماسلىشىپ ، قۇبلايغى قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ئوگداي ، چاغاتاي ئەۋلاتلىرى --- قايدۇ ۋە دۇۋاغا قارشى جەڭ قىلغان .

13 . نۇرىن تېكىن ------ قوچقار تېكىننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ 1308 - 1318 - يىللىرى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خاقانى بولغان .

14 . تېمۇر بۇقا ------ نۇرىن تېكىننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇگداينىڭ نەۋرىسى مەلىكە باباچادىن تۇغۇلغان .

15 . سەڭگى تېكىن ----- نۇرىن تېكىننىڭ ئىككىنجى ئوغلى ، ئوگداي خاننىڭ نەۋرە قىزى مەلىكە باباچادىن تۇغۇلغان .

16 . تايپان (ئاسايىش تېكىن) ----- نۇرىن تېكىننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ، قۇبلاي خاننىڭ ئەۋرە قىزى مەلىكە ئۇراجىندىن تۇغۇلغان .

17 . يۇر تېمۇر ------ تايپاننىڭ ئوغلى . ئۇ تايپان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

18 . سىڭگا --------- يۇر تېمۇرنىڭ ئوغلى . "يېڭى يۇەن سۇلالىسى تارىخى . بارچۇق .ارت تېكىننىڭ تەرجىمىھالى " دا يۇر تېمۇرنىڭ تايپاننىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقى ، يۇر تېمۇر ئۆلگەندىن كېيىن ئورنىغا ساڭگانىڭ تەخت ۋارىسى بولغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان .
http://erkstudio.com/bbs/read.php?tid=790
2009/3/29 14:22
10 mavlan ئۇلۇق رۇھ   : سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز كۆرۆپ تولمۇ خۇرسەن بولدۇم ،بىراق قىلىپ قالغان ،يەرلىرى بەك جقتەك تازا يۈزەكى ،بىرتەرەپلملكتىن مۇستەسنا ئەمەسكەن ،سىزنىڭ  بايانىدا كۆك تۈرك خانلقى،  ئورخون ئۇيغۇر خانلقى، كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلقى ، سەئىدىيە خانلقىغىغا مۇناسىۋەتلك مەزمۇنلار پەقەتلا يوق .
مەنچە مۇنداق يازساق بولماسمىكىن ،مەنچە بىزنىڭ تارىخمىزنى يورۇتقۇچى نۇرلادىن ئۆزىمىزنى ئىلىپ قاچماي ، نەزىمىزنى تىرك ئابدىلەرگە قارتايلى  :
1. تۇران (تۇر ، تۇرا ،تۇران ،تۈرك )
2.ھون (تۈرك يۈچۈن بۇدۇن ) ئۇيغۇر بىرلەشمە قەبللەر ئىتتپاقى
3. تۈرك ،
4. ئۇيغۇر ،سارغۇر،ئورتاغۇر  ،ئۇنۇغۇر (ئون ئۇيغۇر ، ياۋرۇپا ھۇنلىرى  )
5. كۆك تۈرك
6.تۇغلۇقلار (قانقىللار )  خەنچە يازىمىلاردا بايان قىلنغان دى،بۆرە روڭ  
7.ئورخون ئۇيغۇرلىرى (شەرقى تارماق ئۇيغۇرلار ) غەربى تارماق ئۇيغۇرلار ،سىرق ئۇيغۇرلار
8. ئىدىققۇت ئۇيغۇر خانلقى، قارخانىلار خانلقى، كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلقى ،
9. چاغاتاي خانلقى ،
10. سەئىدىيە خانلقى ..................................................
2009/3/29 14:24
 جەمئىي باھا 33  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/4  |<  <<   1 2 3 4   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009