يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
موررىسوننىڭ خاتىرىلىرى
يوللىغۇچى Yawuz   كۆرۈش 214   يوللانغان ۋاقتى 2009/3/28 19:19  ||مۇنبەردە كۆرۈش||

بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمە ھوقۇقى ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىگە مەنسۇپ، باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈش قارشى ئېلىنمايدۇ.

موررىسوننىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار خاتىرىلىرى ھەققىدە
سۇگاۋارا جۈن



G. E. Morrison (1862-1920)

[align=justify]
ياپونىيە شەرق كۇتۇپخانىسى كىتاب فوندىنىڭ مەركىزى ھېسابلانغان موررىسون بۆلۈمچىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان دوكتور جورجى ئېرنېست موررىسون (Dr. George Ernest Morrison ، 1862-1920)نىڭ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسى بولغان 1910-يىلى شىنجاڭغا ساياھەتكە بارغانلىقى ۋە بۇ قېتىمقى ساياھەتنىڭ ئادەتتىكى ساياھەت ئەمەسلىكىنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك. موررىسون ياش ۋاقتىدا ئاۋسترالىيە، يېڭى گىۋىنىيە، جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىغا قىلغان كەڭ كۆلەملىك ساياھىتى ئارقىلىق داڭق چىقارغان. كىشىلەر ئۇنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىكى ساياھىتى، "تايمېس" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك مەسلىھەتچىسى بولغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىرانلىق مەزگىلىدىكى ساياھىتىنى ئانچە بىلمەيدۇ. سىرىل پېئارل يازغان (Cyril Pearl) موررىسوننىڭ تەرجىمىھالى ھېسابلانغان "بېيجىڭدىكى موررىسون" دېگەن كىتابتىمۇ ئۇنىڭ قىرانلىق دەۋرىدىكى ساياھىتى ھەققىدە كۆپ مەلۇمات بېرىلمىگەن.20ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە دائىر تارىخىي ماتېرىياللار 19 - ئەسىرگە ئائىت ماتېرىياللارغا قارىغاندا كۆپ بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تولۇق ئەمەس. ھازىر ساقلىنىۋاتقان تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسەن چىڭ سۇلالىسى دائىرىلىرى يازدۇرغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قالغانلىرى مۇسۇلمان تۈركلىرىنىڭ خاتىرىلىرى، ئەينى چاغدا قەشقەردە تۇرغان ئەنگلىيە، روسىيە كونسۇللىرى، مىسسىئونېرلارنىڭ خاتىرىلىرى ھەمدە شىنجاڭغا ساياھەتكە بارغان سەيياھلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن ئىبارەت. موررىسۇننىڭ 1910- يىلدىن ئىبارەت بۇ نازۇك مەزگىلدە شىنجاڭغا ساياھەتكە بارغانلىقى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم ساھەسىدە ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ساياھىتى ۋە ساياھەت خاتىرىسىگە كۆڭۈل بۆلۈنمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتۈش ئەھمىيەتلىك بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مەن موررىسوننىڭ ئاۋسترالىيە مىچېل كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان خەت-چەكلىرىدىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن.
ئوتتۇرا ئاسىيانى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ لوندونغا بېرىشنى كۆزلىگەن موررىسون 1910-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن يولغا چىققان. شىئەندىن ئۆتۈپ گەنسۇغا كىرگەن.سۇجۇ، يۈمېن، شىڭشىڭشيا، قومۇللارنى بېسىپ ئۆتۈپ، گۇچۇڭ، فۇكاڭ ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، غەربىي شىمالغا بۇرۇلۇپ، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى غۇلجىغا يېتىپ بارغان. يەنە غۇلجىدىن مۇزداۋان ئارقىلىق تەڭرىتاغدىن ئېشىپ، ئاقسۇ ئارقىلىق قەشقەرگە يېتىپ بارغاندا، قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە كونسۇلى ماكارتنېي ئايالى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كۈتۈۋېلىشقا چىققان. موررىسون چىنىۋاغ (ئەنگلىيىنىڭ كونسۇلخانىسى تۇرۇشلۇق جاي)دا ئون كۈندەك تۇرۇپ ئالاي ئارقىلىق چېگرىدىن ئۆتۈپ، مۆلچىرىدىن بىر ئاي بۇرۇن يەنى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەنجانغا يېتىپ بارغان. ئەنجاندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ موسكۋا، سانكىت پېتېربۇرگلار ئارقىلىق 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى لوندونغا يېتىپ بارغان.
موررىسوننىڭ سەپەر پىلانى ئىنچىكە ھېسابلانغاچقا،ئۇنىڭ مۆلچىرى خاتىرىلەنگەن دەپتىرىدىمۇ ھەقىقەتەن تەپسىلىي كۈنتەرتىپ يېزىلغان. موررىسوننىڭ خەت - چەكلىرى ئىچىدە يەنە ئۇنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە سۇنغان سەپەر ئىلتىماسىنىڭ ئېنگلىزچە كۆپەيتمە نۇسخىسى كىرگۈزۈلگەن. ئىلتىماستا ئۆزىنىڭ غەربىي جۇڭگونىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ سودا يولى ۋە مائارىپقا دائىر ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ "تايمېس"گېزىتىگە يوللاش مەقسىدى ناھايىتى ئېنىق يېزىلغان. موررىسوننىڭ شىنجاڭنى تولۇق كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى بولغاچقا،شىنجاڭنى لوندونغا بېرىشتىكى بىر مەنزىل سۈپىتىدە تاللاپلا قالماي، بەلكى يەنە تەكشۈرۈش نىشانى قىلىپ تاللىۋالغان.بېيجىڭدىن ئەنجانغىچە بولغان مۇساپە 3750 مىل بولۇپ، بۇ مۇساپىنى بېسىپ بولۇشقا 175 كۈن كەتكەن. موررىسون سەپەر جەريانىدا مول تەجرىبىگە ئىگە مۇخبىر بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ھەرقايسى جايلارنىڭ قاتناش - ترانسپورت، ئىقتىساد، ئارمىيە، ئەپيۇن مەسىلىسى،مائارىپ، سودا- سانائەت، تارىخ، دىن ۋە سىياسىي قاتارلىق ساھەلىرىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا چىنلىق بىلەن خاتىرىلەپ لوندونغا يەتكۈزۈپ تۇرغان. ئۇنىڭ بۇ مەلۇماتلىرى "جۇڭگو ۋە نى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش" دېگەن تېمىدا "تايمېس" گېزىتىنىڭ 12سانىغا ئۇلاپ بېسىلغان.
بۇ مەلۇماتلارنى ئەنگلىيە خانلىق جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى كەلتې (Keltie)"< ئىقتىساد، ئىشلەپچىقىرىش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كىشىلەرنىڭ ئىدارىسىگە كىرگۈزۈش>نىڭ مۇھىم نەتىجىسى" دەپ ماختىغان. موررىسوننىڭ بۇ ساياھىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگلىيە خەلقىگە جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇشتا چوڭ رول ئوينىغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: ئەنگلىيە بۇ ساياھەت خاتىرىسىدىن شىنجاڭنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگەندىن كېيىن قەشقەردىكى كونسۇل ماكارتنېينىڭ ئەمىلىنى باش كونسۇللۇققا ئۆستۈرگەن. ماكارتنېينىڭ باش كونسۇللۇققا ئۆستۈرۈلگەنلىك ھەققىدىكى رەسمىي ئۇقتۇرۇش قەشقەرگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، موررىسون ئۇنىڭغا تەبرىك خېتى يېزىپ بۇ ئىشتا ئۆز تۆھپىسىنىڭ بارلىقىنى پەش قىلغان.
موررىسون ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ لوندوندىن بېيجىڭغا قايتقاندىن كېيىنمۇ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويمىغان. شىنجاڭغا ساياھەتكە بېرىش ئىستىكى بار دوست - يارەنلىرىدىن سەمىمىي تەكلىپلىرىنى ئايىمىغان. ماكارتنېي ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق باشقا مىسسىئونېر دوستلىرى بىلەن دائىم خەت - ئالاقە قىلىپ تۇرغان. شىنجاڭدا كۆتۈرۈلۈۋاتقان سىياسىي داۋالغۇشلار،چەت ئەللىكلەرنىڭ تەسىرى، پان ئىسلامىزم ھەرىكىتى، تۈركىيىلىكلەرنىڭ مەخپىي ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلار موررىسوننىڭ دىققەت مەركىزىدە بولغان."بۈيۈك برىتانىيە جاھانگىرلىكى"نىڭ بىر ئەزاسى بولغان موررىسون جۇڭگونىڭ كەلگۈسىي ئىستىقبالىغا قىزىققان. جۈملىدىن ئۇ موڭغۇلىيە،تىبەت مەسىلىلىرىگە ئوخشاشلا شىنجاڭغىمۇ ئالاھىدە قىزىققان.موررىسوننىڭ كۆزىتىشى ئەينى چاغدا شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ياخشى خاتىرە بولۇپ، ئۇ مۇخبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسىلىلەرنى چىنلىق بىلەن خاتىرىلىگەن. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى موررىسوننىڭ بۇ ساياھەت خاتىرىسىگە يىراق شەرق مەسىلىلىرىگە دائىر ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ ئىشەنچلىك خەۋەر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.ساياھەت خاتىرىسىنىڭ مۇشۇ تەسىرىدىن قارىغاندا، ئەنگلىيە شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە چوقۇم موررىسوننىڭ دوكلاتىدىن پايدىلانغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ دوكلاتنى تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن مۇلاھىزە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
موررىسوننىڭ ماتېرىياللىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنجى قېتىم تونۇشتۇرغان ئېنوكې كازۇئو ئەپەندى "<موررىسون ئويلىمىغان يەردىن ئېرىشىپ قالغان بۇ ماتېرىياللار >موررىسوننىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ياشىغان 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى جۇڭگونى مەركەز قىلغان شەرقىي ئاسىيانى چۈشىنىشتىمۇ ئەڭ مۇھىم ماتېرىياللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ"دەپ يازغان. ئېنوكې كازۇئو ئەپەندى 1970 - يىلى مىچېل كۇتۇپخانىسىغا بېرىپ، موررىسوننىڭ خەت - چەكلىرىنى تەكشۈرگەن. بۇ خەت - چەكلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ مىكرو فىلىمىنى شەرق كۇتۇپخانىسىغا ئېلىپ كەلگەن ھەمدە رەتلەنمىگەن ماتېرىياللارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى "موررىسوننىڭ مىچېل كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان خەت-چەكلىرى توغرىسىدا" دېگەن تېمىدا تونۇشتۇرۇپ "شەرق كۇتۇپخانىسىنىڭ كىتاب خەۋەرلىرى" ژۇرنىلىنىڭ 2 - سانىدا ئېلان قىلغان. ئېنوكې ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىدىن 10 يىل كېيىن يەنى 1980-يىلى ناكامى تاتسۇئو ئەپەندى شۇ كۇتۇپخانىغا بېرىپ،موررىسوننىڭ1977-يىلى رەتلەنگەن خەت-چەكلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈردى.
ئۇ "موررىسونىڭ يېقىندا رەتلەنگەن خەت چەكلىرى"("شەرق كۇتۇپخانىسىنىڭ كىتاب خەۋەرلىرى"ژۇرنىلىنىڭ 1980 - يىللىق12- سانى(دېگەن ماقالىسىدا مىچېل كۇتۇپخانىسى رەتلىگەن موررىسون خەت-چەكلىرىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ۋە ھەرقايسى ھۈججەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئايرىم-ئايرىم تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. ناكامى تاتسۇئو ئەپەندى موررىسوننىڭ خەت-چەكلىرى ئارىسىدا چاغاتاي تۈركچىسىدە يېزىلغان قوليازمىلار ۋە كاتىپ خوندا كوماتارونىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىلىدا تۇرۇشلۇق خاياشىدې كېنجىروغا موررىسوننى تونۇشتۇرۇپ يازغان خېتىنڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى يازغان.مەن 1997 -يىلى 7 -ئايدىن 9 -ئايغىچە سىدنېيدا تۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، شۇ جەرياندا مىچېل كۇتۇپخانىسىغا بېرىپ، موررىسوننىڭ خەت - چەكلىرىنى تەكشۈردۈم. بۇ ماقالەمدە مەن موررىسون خەت - چەكلىرىنى كۆرۈش يوللىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى شىنجاڭغا ئائىت خەت - چەكلەرنى تۇنجى قېتىم تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
مىچېل كۇتۇپخانىسى يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شتاتلىق كۇتۇپخانا سېدنېي شەھىرىنىڭ مەركىزىي رايونىدا بولۇپ، خايد باغچىسىدىن شىمالغا سوزۇلغان ماكۇرىي كوچىسى ( Maqcuarie street ) بويىدىكى سانت جېمىس چېركاۋى، سابىق پۇل قۇيۇش ئىدارىسى، شىتاتلىق يىغىن زالى قاتارلىق تارىخىي قۇرۇلۇشلارنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. دوماين دەپ ئاتالغان سۈنئىي ئوتلاقنىڭ ئالدىدىكى ۋىكتورىيە ئۇسلۇبىدىكى قوڭۇر رەڭلىك ھەشەمەتلىك بىنا شىتاتلىق كۇتۇپخانىنىڭ مىچېل بۆلۈمچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مانا مۇشۇ بىنانىڭ ئىچىدە موررىسوننىڭ خەت - چەكلىرى ساقلىنىۋاتقان يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شىتاتلىق كۇتۇپخانىنىڭ تارمىقى بولغان مىچېل ۋە دىكسون كۇتۇپخانىلىرى بار. مىچېل كۇتۇپخانىسىنىڭ كەينىدە زامانىۋى بىر بىنا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر قىرائەتخانىسى ۋە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېچىلغان دۇكان بار. بۇ ماكۇرى بۆلۈمچىسى دەپ ئاتىلىدۇ"يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شىتاتلىق ئاممىۋى كۇتۇپخانا" دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان كۇتۇپخانىنىڭ مىچېل بۆلۈمىگە كىرىپ،تاسماننىڭ خەرىتىسى بار ئارىلىقتىكى زالدىن ئۆتسە ئېگىز تورۇسلۇق زالغا كىرگىلى بولىدۇ. زالنىڭ تۆت ئەتراپىدا پۈتۈنلەي ئۈچ قەۋەتلىك كىتاب ئىشكابى بار بولۇپ،ھەقىقىي كۇتۇپخانىدەك كۆرۈنىدۇ. ياۋروپادىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى غۇۋا كېلىدۇ، ئۇنىڭغا قارىغاندا بۇ كۇتۇپخانا يورۇق، ئازادە بولۇپ، كىشىگە ئازادە كەيپىيات بېغىشلايدۇ. بۇ زال ئەينەك تام ئارقىلىق ئىككىگە ئايرىلغان بولۇپ، بىر تەرىپى ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر قىرائەتخانىسى،يەنە بىر تەرىپى قوليازما ۋە قىممەتلىك كىتابلار قىرائەتخانىسىدۇر. 17 يىل ئىلگىرى بۇ يەرگە كەلگەن ناكامى ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە: بۇ ماتېرىياللارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىككى تونۇشتۇرۇش خېتى لازىم بولاتتىكەن. لېكىن ھازىر ئوقۇرمەننىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرىدىغان ئېنگلىزچە ئىككى خىل ئىسپات ماتېرىيالى بولسىلا كۇپايە قىلاتتى.كۇتۇپخانىدىكى ئايال مۇلازىمەتچى ماڭا كىتاب كۆرگەندە قېرىنداش قەلەم ئىشلىتىشنى،خەت-چەكلەرنى ئېلان قىلىشقا توغرا كەلگەندە مەسئۇل كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشىم كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن، ماڭا ئۈچ يىللىق ئوقۇلۇش كارتۇچكىسىنى بەردى.كۇتۇپخانىغا بارماقچى بولغان كىشى ئالدى بىلەن ئىنتېرنېتتىن كۇتۇپخانىنىڭ تور بېتىنى كۆرۈپ ئەھۋال ئىگىلىشى كېرەك. بەزى لازىملىق ماتېرىياللارنى ئېلېكترونلۇق پوچتا(E-mail) ئارقىلىق ئېلىشقىمۇ بولىدۇ.موررىسون ئەپەندىنىڭ خەت - چەكلىرىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولماقچى بولغان كىشىلەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئېنوكې ۋە تاكامى ئەپەندىلەرنىڭ ماقالىلىرىغا ھەمدە ئىنتېرنېتتىن تور بېتىگە مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ.ھازىر بۇ كۇتۇپخانىدا موررىسونغا تەئەللۇق 329پارچە خەت - چەك ۋە خاتىرە ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ ماتېرىياللارنىڭ مەزمۇنلار بويىچە تىزىملىنىش تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:كۈندىلىك خاتىرىلەر(2-72)، ئېلان قىلىنغان ۋە ئېلان قىلىنمىغان ماقالىلەر(28-34)،خەت-چەكلەر(35-115، ئەنگلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى ماكارتنېينىڭ ئەھۋالى ھەمدە ماكارتنېينىغا ماشىنكىدا يېزىپ ئەۋەتكەن يەتتە پارچە خەتنىڭ كوپىيىسىمۇ مۇشۇلار قاتارىغا تىزىملانغان)، ئاساسىي تېمىسى باشقا نامدا ئاتالغان خاتىرىلەر ،ھەر خىل تېمىدىكى ماقالىلەر(265-208) گېزىتلەر ۋە گېزىتلەردىن كېسىۋېلىنغان مەزمۇنلاردىن باشقا يەنە رەسىم-سىزمىلاردىن ئىبارەت.







 

(مىچېل كۇتۇپخانىسىنىڭ سىرتقى ۋە ئىچكى كۆرۈنىشى)

[align=justify]
ياپونچە"شەرق كۇتۇپخانىسى كىتاب خەۋەرلىرى"ژۇرنىلىنىڭ 1998-يىللىق 29-سانىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمە قىلغۇچى: خوتەن مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن ئۆمەرجان نۇرى


تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 0   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
باھا يوق ياكى تاقالدى
 جەمئىي باھا 0  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/0  |<  <<     >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009