يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
شىياۋجۇاڭ خانىش يېنىدىكى سىرلىق ...
يوللىغۇچى koxuk   كۆرۈش 998   يوللانغان ۋاقتى 2009/3/27 19:11  ||مۇنبەردە كۆرۈش||


چىڭ سۇلالىسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە ، سۇمور(سۇمالاگۇ)تارىختا ھەقىقى ئۆتكەن بىر ئاجايىپ شەخىس .مىللىتى موڭغۇل بولۇپ، قۇرتچىن قەبىلىسىدە كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تۇغۇلغان زامان مىڭ سۇلالىسى ۋەنلىنىڭ 40-يىلى (1612-يىلى ) ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ. ئەڭ بۇرۇنقى ئىسىمى سومۇر بولۇپ  مەنىسى «يۇڭدىن توقۇلغان ئۇزۇن خالتا » دىگەن مەنىدە. شۇنجىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ياكى كاڭشى زامانىدا سۇمالا دەپ ئاتالغان. ئۇ قازا قىلغاندىن كېيىن ئوردىدىكلەر  ئۇنى ھۆرمەتلەپ سۇمالاگۇ دەپ ئاتىغان.
      سۇمالاگۇ چىرايلىق ، ئەقىللىق، كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى كۆپ بولغاچقا  قۇرتچىن قەسىرىدىكلەرنىڭ كۆزى چۈشۈپ ئۇنى بېيلى جايساننىڭ ئىككىنچى قىزى بېنبۇچىن (بۇمۇبۇچىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ يېنىدىكى كېنزەك قىلىپ تاللىغان. بۇ قىز  كېيىنكى زامانلاردا نامى جاھانغا تارالغان شىياۋجۇاڭ خانىش ئىدى. 1625-يىلى  ئاران 13 ياشقا كىرگەن  بېنبۇچىن  چىرايلىق ، ناھايىتى چېچەن ،ئەقىللىق بىر قىز ئىدى. بۇ يىلى ئۇ كېينكى جىن ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ، نۇرخاچنىڭ ئوغلى 8-خانزادە قۇنتەيجىگە ياتلىق قىلىندى. شۇ چاغدا قۇنتەيجى 34ياشتا ئىدى. سۇمالاگۇ بېنبۇچىننىڭ يېنىدىكى خاس كېنزىكى بولغاچقا ، خوجايىنى بىلەن ئوردىغا تەڭ كەلدى.
       1644-يىلى ، چىڭ قوشۇنلىرى شەنخەيگۇەندىن كىردى.سۇمالاگۇ خانىش بېنبۇچىنغا ئەگىشىپ بېيجىڭغا كەلدى ۋە ھەشەمەتلىك خان ئوردىسى _ زىجىنچىڭغا كىردى. بۇ يايلاقتىن كەلگەن قىز قۇرتچىن قەسىرىگە كىرگەندىن بېرى كۆزى ئېچىلىپ،بىلىم سەۋىيىسىمۇ تېزلا كۆتۈرۈلدى. بۇ موڭغۇلچىنى ياخشى سۆزلەپلا قالماي بەلكى يەنە مانجۇچە ۋە خەنزۇچىلارنىمۇ تېزلا ئۆگىنىۋالدى. بولۇپمۇ مانجۇچە خېتى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ پۈتكۈل ئوردىدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خانىش شىياۋجۇاڭنىڭ ئەمرىگە بىنائەن كاڭشىنىڭ بىرىنچى مانجۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولدى. ئۇنىڭ كاللىسى چاققان، قولى ئەپلىك بولۇپ، تىككۈچىلىككىمۇ ئېپى بار ئىدى.ئۇ تىككەن كىيملەر چىرايلىق، يارىشملىق بولۇپ ، خان ئوردىسىنىڭ كىيىم -كېچەك تۈزۈشىگە قاتناشقان. ئۇ يايلاقتا چوڭ بولغاچقا ئات مىنىشكە ماھىر بولۇپ، شىياۋجۇاڭ ئۈچۈن ئىش بېجىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىققاندا ئاتقا مىنىپ چىقاتتى.
     سۇمالاگۇ خانىش شىياۋجۇاڭنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي 60 نەچچە يىل خىزمەت قىلدى. بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى خانىش بىلەن كېنزەك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ھالقىپ كەتكەنىدى.  قۇنتەيجى ئۆلگەندە شىياۋجۇاڭ 31 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۆزىنى چۈشۈنىدىغان ئادەمگە موھتاج ئىدى. ياش-قورامى جىق پەرق قىلمايدىغان سۇمالاگۇ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى نامزاتى بولالايتتى. رەسمى سورۇنلاردا ئۇلار خانىش  بىلەن كېنزەك مۇناسىۋىتىدە بولسىمۇ ، لېكىن ئادەتتە ئاچا-سىڭىلدەكلا ئىدى. سۇمالاگۇنىڭ ئوردىدىكى ئورنىمۇ يۇقىرى بولۇپ،ھەممىسى بىردەك ھۆرمەت قىلاتتى.كېيىن شىياۋجۇاڭ ئۇنىڭغا 格格 يەنى مەلىكىلىك ئۇنۋانى بەرگەن. بۇنداق بولغاندا ئۇ شۇنجى خان بىلەن قۇرداش ھېساپلىناتتى. كاڭشى ئۇنى “额涅”、“额娘” يەنى ئانا دەپ ئاتايتتى. خانزادىلەر چوڭ ئانا دەپ ئاتايتتى. شۇنداق بولسىمۇ سۇمالاگۇ ئۆزىنى ناھايىتى تۇتىۋالغان بولۇپ، شىياۋجۇاڭ خانىشنى يەنىلا ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى، خىزمىتىنى قىلاتتى.  ئۆزىدىن 40ياش كىچىك كاڭشى ئالدىدا ئۆزىنى «قۇللىرى» دەپ ئاتايتتى.
    كاڭشىنىڭ 26-يىلى (1687-يىلى) شىياۋجۇاڭ خانىش كېسەل بىلەن قازا قىلدى. سۇمالاگۇ روھى جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، ناھايىتى چۈشكۈنلەشتى، شۇ چاغدا ئۇ 70تىن ئاشقانىدى. بۇ ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن زىيانلىق ئىدى. كاڭشى خان 庶妃万琉哈氏 (كىينىكى دىڭ بانۇ) تۇققان 12-خانزادە ينىتاۋنى سۇمالاگۇنىڭ تەربىيلىشىگە بەردى. بۇنىڭدىن كاڭشىنىڭ سۇمالاگۇغا ناھايىتى ئىشىنىدىغانلىقى بىلگىلى بولاتتى. بۇ چاغدا  خانزادە ئاران 3 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئوردىنىڭ قائىدىسى بويىچە پەقەت توقال خانىشتىن يوقىرىلارلا خانزادىلەرنى بېقىش سالاھىيىتى بولاتتى. سۇمالاگۇمۇ خاننىڭ شاپائىتىدىن تەسىرلىنىپ پۈتكۈل ئانىلىق مېھرى ۋە زېھنىنى خانزادە يىنتاۋنى تەربىيلەشكە بېغىشلىدى. شىياۋجۇاڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى 18 يىلدا ئۇ يەنىلا ئوردا ئىچىدە ياشىدىن يىنتاۋ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئاخىرقى يىللىرىنى بۇددا مۇخلىسى بولۇپ ئۆتكۈزگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئىككى ئالاھىدىلىكى بارئىكەن.  ئۆمۈر بويى يۇيۇنمىغان، پەقەت دۇنيادىن كېتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئاز مىقداردىكى سۇدا بەدىنى يۇيغان. يەنە بىرى ئۇ قەتئى دورا يىمەيدىغان بولۇپ، ئاغرىقى قانچە  ئېغىرلاپ كەتسىمۇ دورا يىمەيدىكەن. ئۇنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، 90نەچچە ياشقىچە ياشىغان. ئۇ كاڭشىنىڭ 44-يىلى (1705-يىلى) قازا قىلغان.كاڭشى زامانىدا خانىش شىياۋجۇاڭنىڭ قەبرىسى پۈتكۈزۈلمىگەنىدى. قەبرە يۇڭجىڭ زامانىدا پۈتكۈزۈلگەن. سۇمالاگۇ ئەيسېنگېرو جەمەتىدىن بولمىغاچقا،ھەم خانىشلاردىن بولمىغاچقا شىياۋجۇاڭ خانىش دەپنەقىلىنغان ئورۇنغا قويۇشقا بولمايتتى.  يۇڭجىڭ خان سۇمالاگۇ ۋاپات بولغاندا 28 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ سۇمالاگۇنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى. يۇڭجىڭ سۇمالاگۇغا ئاتاپ شىياۋجۇاڭ خانىشنىڭ قەبرىسىدىن 1.5 كىلومېتىر يىراقلىققا قەبرە ياساتقۇزغان. سۇمالاگۇنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ بار.




تەرجىمە قىلغۇچى : قوشۇق
كېلىش مەنبەسى :http://club.discovery.tom.com/item_821_1932_0_0.html  ۋە بەيدۇ تورى.

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 1   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 kumluk138 ئەجرىڭىزگە رەھمەت دوستۇم ، بۇنداق ماھارەتلىرىڭىزنى يەنىمۇ ئىشقا سېلىڭ ! 2009/3/27 22:31
 جەمئىي باھا 1  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/1  |<  <<   1   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009