|
ماقالە مەزمۇنى |
مۇستافا كامال ۋە مائارىپ |
يوللىغۇچى ketmenbay كۆرۈش 631 يوللانغان ۋاقتى 2009/3/25 22:32 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
******************************** مۇستافا كامال ئاتاتۈرك ۋە مائارىپ ******************************** - ئۇلۇغ داھى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ مائارىپقا قوشقان ئەھمىيەتلىك خىزمەتلىرى (2009-03-23)تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: يېڭى تۈركىيىنىڭ ئىجادچىسى، ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاشلا مائارىپ ساھەسىدىمۇ تۈركلەرگە داغدام يول ئېچىپ بەرگەن ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك، تۈركىيىنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئىستېلاسىدىن قانداق قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولسا، جاھالەت ئىستىلاسىدىنمۇ شۇنداق قۇتۇلدۇرغاندۇر. ئاتاتۈرك، ئازادلىق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېپيېڭى بىر تۈرك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۈيۈك تۈركىيە غايىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە تۈرلىرىنى يولغا قويغان، ھەمدە بۇ بۈيۈك غايىنىڭ ئۇل تېشىنىڭمۇ مائارىپ ئىكەنلىكىنى ھەمىشە تەكىتلەپ كەلگەن. ئاتاتۈرك، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن تەڭ، كەڭ كۆلەملىك مائارىپ سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان. 1972–يىلقى تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە كۆرە، تۈركىيىدە ئوقۇش–يېزىشنى بىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى پەقەت يۈزدە 10.6 پىرسەننى تەشكىل قىلاتتى. ئاتاتۈرك ئېچىپ بەرگەن پارلاق يولنى بويلاپ قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئىپتىخارلىق بىلەن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، تۈركىيە نۆۋەتتە ئوقۇ–ئوقۇتۇش ساھەسىدە زامانىۋىلاشقان ۋە تەرەققىي تاپقان ھەرقانداق بىر دۆلەتنى بېسىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، ھەرگىزمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايدۇ. نۆۋەتتە، تۈركىيە 73 مىليون نوپۇسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە دىنامىكىلىق دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. مانا بۇ 73 مىليون نوپۇسنىڭ 21 مىليونىنى ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر تۈركىيىدە باشلانغۇچ مائارىپىدا مەكتەپلىشىش نىسبىتى يۈزدە يۈز پىرسەنگە يەتتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مائارىپ ساھەسىدە كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، پرىنسىپ، سىياسەت ۋە پىلان جەھەتتىن خەلقنىڭ زامانغا ماس ھالدا ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەمدە زامانىۋى مائارىپنىڭ پۈتكۈل ئۇل تاشلىرى سېلىندى. ئاتاتۈركنىڭ مائارىپ سىياسىتى، ئوقۇ–ئوقۇتۇشتا بىرلىك، مىللىيلىك، سېكۇلارىزىملىق يەنى دىن بىلەن سىياسەت بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن سىستېما ۋە زامانغا لايىق مائارىپ ئېڭىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان ئەڭ ئاساسلىق قىممەتلىك جەۋھەردۇر. 1921–يىلقى بىر نۇتقىدا «مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك مېنىڭ بىردىن بىر شوئارىمدۇر» دېگەن ئاتاتۈرك، ئوقۇتقۇچىلارغا بەرگەن باياناتىدا بولسا «ھېچقاچان شۇنى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭلار كېرەككى، جۇمھۇرىيەت سىلەرنىڭ ئەركىن پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، ئەركىن ۋىجدان ۋە ئەركىن ئاڭغا ئىگە نەسىللەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىڭلارنى تەلەپ قىلماقتا» دەپ كۆرسەتكەن. ئاتاتۈركنىڭ نۇتۇقلىرى بىلەن باياناتلىرىنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇنىڭ بىردىن بىر ئارزۇ قىلىدىغىنى، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىدە ئىجادكارلىق روھى، مىسلىسىز ئەقىل-پاراسەت، تىرىشچانلىق، ئەركىنلىك، يۈكسەك ئەخلائىي پەزىلەت ۋە زامانغا ماسلىشىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى، ئەلۋەتتە. ئاتاتۈرك، بىر تەرەپتىن زامانىۋى، مۇستەقىل، سېكۇلارىزىملىق يەنى دىن بىلەن سىياسەت بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن سىستېمىغا ئىگە ۋە دېموكراتىك بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئاساسلىق ئامىللىرى بولغان ئالەمشۇمۇل قىممەت ئۆلچەملىرى، مەڭگۈلۈك پرىنسىپلار ۋە زامانىۋى ئۇسۇللارنىڭ ئۇل تاشلىرىنى سېلىپ بەرگەن. ئاتاتۈرك بىر نۇتقىدا «ئەڭ مۇھىم، شۇنداقلا ئەڭ ئاساسلىق نۇقتا مائارىپ مەسىلىسىدۇر. مائارىپ شۇنداق بىر ھالقىدۇركى، ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلغان ھەر قانداق بىر مىللەت، ئۆز ئەركىگە ئېرىشەلەيدۇ ۋە مۇستەققىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولالايدۇ، شۇنداقلا شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يامىشىپ چىقالايدۇ؛ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغان مىللەتلەر بولسا، قۇللۇققا ۋە خار زەبۇنلۇققا مەھكۇمدۇر» دېگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي مۇستەقىللىقنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ مائارىپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئاتاتۈرك «بىر تەرەپتىن زۇلمەتلىك جاھالەتنى يوقىتىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتتا كۈچكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دەسلەپكى مەلۇماتلارنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ بېرىش، مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاساسىي بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. قىسقىسى، ئاتاتۈركنىڭ ، ئىنساننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىشى ئۈچۈن، ھەر جەھەتتىن مائارىپنىڭ ھەم ئىنسان ھەم جەمئىيەتكە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىمۇ، مەملىكىتىمىزدە كەڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلغان زامانىۋى مائارىپ ئېڭىنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئاتاتۈرك، مائارىپقا قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق نامايان قىلغان. ئاتاتۈرك بىر نۇتقىدا، «ھۆرمەتلىك ئۇستازلار! ياش ئەۋلادلارنى ئىلىم–پەن، پەن–تېخنىكا، ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن تولۇق يېتىلدۈرۈپ چىقىش جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. يېڭى ئەۋلادلارنى مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بويىچە يېتىشتۈرۈپ چىقىش سىلەرگە باغلىقتۇر» دېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، شۇ ئۇلۇغۋار غايىنى تىكلەپ بەرگەن: «ئەڭ مەدەنىيەتلىك ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك پەللىسىگە يېتىشكە مەجبۇرمىز.» تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭلا مائارىپ خىزمىتىگە ناھايىتى زور مەبلەغ ئاجرىتىلغان. «دۈيۇنۇ ئومۇمىيە» دەپ ئاتىلىدىغان ئوسمانلى دۆلىتىدىن قالغان دۆلەت خىراجەتلىرىنىڭ يۈزدە 20 گە يېقىن قىسمى ئايرىلغان بولۇشىغا قارىماي، مائارىپ مىنىستىرلىكىگە يۈزدە 4.5 پىرسەنت مەبلەغ ئايرىلغان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ھامان، بۈيۈك تۈرك ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىسى ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «مىللىي مائارىپنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرى شۇكى، ساۋاتسىز ھېچقانداق بىر گراژدانىمىز قالماسلىقى، ئېھتىياجلىق بولغان تېخنىك خادىملىرىنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشى، مىللىي غايە ۋە بۇ غايىنىڭ ئىدىيىسىنى پىلانلاپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان، ھەمدە بۇ غايىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان شەخسلەرنىڭ يېتىشتۈرۈپ چىقىلىشى ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى شەرت.» ئاتاتۈرك يەنە بىر نۇتقىدا «قىز – ئوغۇل ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مائارىپ ئېڭى ئوخشاش سەۋىيىدە يېتىلدۈرۈلۈشى كېرەك. تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئەۋلادلىرى مائارىپنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا، شۇنداقلا قتىسادىي ھاياتتا پائالىيەتچان، تۆھپىكار ۋە غالىب ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىلىشى لازىم» دەپ يوليورۇق بەرگەن. تۈرك مىللىي مائارىپىنى زامانىۋى ۋە ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزۈش پىلانلىرىنىڭ ئۇل تېشىنى سېلىپ بەرگەن ئاتاتۈرك، مائارىپنىڭ غايىسىنى مۇنداق دەپ تەكىتلىمەكتە: «مائارىپنىڭ غايىسى، مائارىپنىڭ ئاساسىي، مائارىپنىڭ ئالاھىدىلىكى ناھايىتى بۈيۈكتۇر. ئەگەردە بۇ ھەقتە خاتا يولدا مېڭىپ قېلىپ، خەلق زاۋاللىققا قاراپ يۈز تۇتسا، بۇنىڭ بىردىن بىر جاۋابكارى، بۇ يولدا سابىت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ياخشى نىيەتلىك، ئەقىل پاراسەتلىك، ئىجتىھاتچان ۋە خەلقى ئۈچۈن ھېچنېمىسىنى ئايىمايدىغان رەھبەرگە ئىشەنگەن بىچارە خەلقتىنمۇ كۆرە، شۇ خەلقنى خاتا يولغا باشلىغانلار ئەمەسمۇ؟ ئىلغار ۋە مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كەلگۈسىدىمۇ يەنە زامانىۋى ئىلغارلىقنىڭ دەل مەركىزى نۇقتىسىدا ياشايمىز. بۇنىڭغىمۇ پەقەت ئىلىم-پەننىڭ كۈچى ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئىلىم–پەن قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى شۇنى يەردىن ئېلىپ، مىللىتىمىزدىن ھەر بىر ئىنساننىڭ مېڭىسىگە يەرلەشتۈرىمىز. ئىلىم–پەنگە ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى يوقتۇر...دۇنيادا ھەممە نەرسە ئۈچۈن، جۈملىدىن كۈندىلىك ھايات ئۈچۈنمۇ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ يەنىلا ئىلىم–پەن بولمىسا زادى بولمايدۇ. شۇڭا، بىز ياشاۋاتقان شۇ دۇنيانىڭ جۈملىدىن ئىلىم–پەننىڭ كۈنسېرى قانداقسىگە ئۇچقانداك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا ئىلىم–پەننىڭ ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشىمىزگە زادى بولمايدۇ.» بۈيۈك دۆلەت ئەربابى، يىراقنى كۆرەلەيدىغان زات ۋە بىلىم مەستانىسى بولغان ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك ئۇل تېشىنى سېلىپ بەرگەن زامانىۋى ۋە مەدەنىيەتلىك بىر پارلاق يولدا غەلىبىسىرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، قانچىلىغان ئىلمىي جەمئىيەتلەرنى قۇرۇپ چىققان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيانىڭ ساناقلىق بىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ سىزنىڭ يەنە بىر مەنزىلىڭىز - «ئۇيغۇر قامۇس تورى» http://www.uyghurqamus.cn/uy/index.php ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 14 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | niyazdixan | 1972–يىلقى تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە كۆرە، تۈركىيىدە ئوقۇش–يېزىشنى بىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى پەقەت يۈزدە 10.6 پىرسەننى تەشكىل قىلاتتى. ئاتاتۈرك ئېچىپ بەرگەن پارلاق يولنى بويلاپ قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئىپتىخارلىق بىلەن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، تۈركىيە نۆۋەتتە ئوقۇ–ئوقۇتۇش ساھەسىدە زامانىۋىلاشقان ۋە تەرەققىي تاپقان ھەرقانداق بىر دۆلەتنى بېسىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، ھەرگىزمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايدۇ. ++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++ قانداق گەپ بولدى بۇ ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ 50 يىلدىن كېيىن ساۋاتلىقلار نىسبىتى 10.6 پىرسەنتنى تەشكىل قىلسا يەنە ئۇنى ئالەمشۇمۇل نەتىجە دەمدىكىنا ؟ ----------------------------------------------------------------------------------- نۆۋەتتە، تۈركىيە 73 مىليون نوپۇسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە دىنامىكىلىق دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++ بۇلارمۇ پونى زەي سالماي ئاتامدۇ نېمە ؟ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ۋاقتى 300 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىش تۇرسا نۆۋەتتە دەپتۇ ؟ دىنامىكىلىق دۆلەتلىرى دېگەن قانداق مەنىدىكى گەپكىنا ئۇ ؟ |
2009/3/26 10:33 |
2 | Qutghur | قانداق گەپ بولدى بۇ ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ 50 يىلدىن كېيىن ساۋاتلىقلار نىسبىتى 10.6 پىرسەنتنى تەشكىل قىلسا يەنە ئۇنى ئالەمشۇمۇل نەتىجە دەمدىكىنا ؟ ========================================== شۇنى دىمەمدىلا بۇرادەر ،700 يىللىق كونا ئىمپىرىيەنىڭ ۋارىسلىرى 72-يىلىغا كەلگەندە ساۋاتلىقلار 10.6 پىرسەنت ئەمەس 72 پىرسەنت بولغاندىمۇ ماختانغۇدەك ئىش ئەمەس .تولۇق كۇرس مەلۇماتىدىكىلەر 30% دىن ئاشسا مۇۋاپىق بولاتتى . ئەملىي نەتىجىگە قارىغاندا تەشۋىقاتقات سالمىغى كۆرىنەرلىك . دىمەك ئولىما-ئىلىم ئەھلىلىرىنى قىرغىن قىلىش ،يېزىق ئالماشتۇرۇش ،مىللى ئۆرپ ئادەتتتىن ۋاز كەچتۇرۇش قاتارلىق سىياسى مۇستەبىتلىكلەر خەلىقنىڭ ھوشىنى قويمىغان بولىشى مۈمكىن .ياكى ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتمەي ئاتا-تۈركنىڭ يول-يورۇقلىرىنى يادلامدىكىنە ؟ لىكىن رومانىيە ،ئەرمەنىيە ،بۇلغارىيەلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئختىسادى نەتىجىلىرى يامان ئەمەس دىيشكە بولادۇ. ئۆلمىگەندە ئۈمىت بار دىگەندەك ،يېقىندىن بۇيان تۈركلەرنىڭ قەددى كۆتۈرۈلۈپ ،پەلەستىن توقۇنىشىغا ،ئافرىقا ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى . |
2009/3/26 11:55 |
3 | pis-pas | دىنامىك دىگىنى ئېنگىلىزچىدىكى dynamic تىن كەلگەن بولىشى مۈمكىن. مەنىسى تەرەققىيات كۈچى زور، ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى زور ... قاتارلىقلار بولىشى مۈمكىن |
2009/3/26 14:21 |
4 | millatqi | مۇستاپا كامالنىڭ ئىراننىڭ سابىق پادىشاھى پەھلىۋى بىلەن ئوخشاشلىغى بار، | 2009/3/26 19:16 |
5 | Bolivar | مۇستاپا كامالغا ئاتاتۈرك دېگەن نامنى بېكارغا بەرمىگەندۇ؟ | 2009/3/27 06:24 |
6 | kimsan | بىزنىڭ مۇستاپا كامالغا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق تەبىر بەرگۈدەك سالاھىيىتىمىز يوق.ئىشقىلىپ ئۇ ئۆزى خىزمەت قىلغان دۆلەت، خەلق تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئەڭ ئۇلۇغ داھىي ئاتىلىپ ،ئېتىراپ قىلىنىپ بولغان. | 2009/3/27 14:36 |
7 | Pichak | تۈركىيەنىڭ ماۋزىدۇڭى مۇستاپا كامال | 2009/3/27 18:30 |
8 | turpantur | 1926 - يىلى3 - ئايدا، تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى مۇستافا كامالنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ مەقسىتىگە يېتەلمەسلىك ۋەقەسى يۈز بەردى. كىشىلەر ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتكەن شۇ پەيتتە، مۇستافا كامال ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن: «مېنىڭ جىسمىم ھامان بىر كۈنى يەرگە كۆمۈلىدۇ، ئەمما تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۇ دۇنيادا مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ» دېدى.مۇستافا كامال (1881 −1938 - يىللار) بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى، ئېگىي دېڭىزى بويىدىكى شەھەر − سالونىكا شەھىرىدىكى بىر ياغاچ سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ۋەتىنى بۇ دۆلەتنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىقى بىلەن چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ئېزىشىگە ئۇچراۋاتاتتى ئۇ كىچىكىدىلا دادىسىدىن يېتىم قالغان، نامرات تۇرمۇش كەچۈرگەچكە، جاپالىق شارائىت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان قەيسەر ئىرادە يېتىلدۈرگەن؛ ھەربىي ئىشلارغا ناھايىتى قىزىققاچقا، قىسىمدا ئۇزاق مۇددەت ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە دېموكراتىك ئىدىيىنىڭ تاۋلىشى ئارقىسىدا، ئۇ ئىنقىلاب ۋاسىتىسى ئارقىلىق ۋەتىنىنى ئازاد قىلىشقا بەل باغلىغان ھەمدە فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان ئىنقىلابقا ئاتلانغان. 1918 - يىلى1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، تۈركىيە گېرمانىيىگە ئەگەشكەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دۆلەت قاتارىغا كىرىپ قېلىپ، زېمىنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، گرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان. مىسلى كۆرۈلمىگەن مىللىي كرىزىس يۈز بەرگەن ئەنە شۇنداق پەيتتە، گېنېرال دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ بولغان مۇستافا كامال قەتئىي غەيرەتكە كېلىپ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈرەشكە ئاتلانغان ھەمدە تۈركىيە ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى بولۇپ قالغانئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا قوماندانلىق قىلىش جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، جايلاردىكى تارقاق پارتىزانلار ئەترىتىنى قاتتىق مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن مۇنتىزىم قوشۇنغا ئايلاندۇرغان. ئۇ ھەرقانچە جاپالىق، قىيىنچىلىق شارائىتتىمۇ چوقۇم غەلىبە قىلىشقا تولۇق ئىشەنچ باغلاپ، پۈتۈن ئارمىيىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرگە: «ۋەتەننىڭ ھەربىر غېرىچ يېرىنى قېرىنداشلارنىڭ قېنى چىرىپ كېتىشتىن ئىلگىرى قولدىن كەتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ» دېگەن. بىر قېتىملىق جەڭدە، مۇستافا كامال ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۇۋالغان، ئەمما تاكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغانغا قەدەر قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغان. تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇستافا كامال سۇلتانلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، مىللىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، يېزىقنى ئىسلاھ قىلىش، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىشلىگەن. فېئودال كۈچلەرنىڭ سۇيىقەستى ئالدىدا، ئۇ ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىدىن قىلچە تەۋرەنمىگەن. «غەربىي ئاسىيانىڭ كېسەل كۆرپىسى» دەپ ئاتالغان تۈركىيە قىسقىغىنا ئون نەچچە يىلدا مىللىي گۈللىنىش يولىدا مېڭىپ، بارا - بارا تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.مۇستافا كامال ئۇلۇغ مىللىي قەھرىمان، شۇنداقلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇنىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، تۈركىيە پارلامېنتى1934 - يىلى ئۇنىڭغا «تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئاتىسى» دەپ نام بەرگەن. |
2009/3/27 21:22 |
9 | turpantur | ئاتاتۈرك ھەر قانداق بىر مۇتەئەسسىپلىككە قارشى ئىدى. بۇ ھەقىقەتنى ئۇ مۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئېنىق كۆرسەتكەن:<<تۈركلەر ئىسلامغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، بۇزۇلۇشقا ۋە چۈشكۈنلىشىشكە دۇچ كەلدى. ئۆتمۈشنىڭ باتىل ئادەتلىرى ۋە ئېتىقادلىرى بىلەن ئىسلامىيەتنى ئارىلاشتۇرىۋېلىپ، ھەقىقىي ئىسلامىيەتتىن يىراقلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھەقىقىي ئىسلامنىڭ ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە ناھايىتى قىممەتلىك ھەقىقەتلىرىنى دېگەندەك قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرمىدى. چۈشكۈنلىشىشىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرىنى دەل مۇشۇ نوقتا تەشكىل قىلىدۇ.»(40) دېمەك، ئاتاتۈرك ئىسلام دىنىنى غەيرى چۈشەنچىلەردىن تازىلاپ ساپ ۋە ھەقىقىي ھالىتى بىلەن تۈرك مىللىتىگە بىلدۈرۈشكە تىرىشقان. ھەرگىزمۇ دىننى ئىسلاھ قىلىشقا ئۇرۇنغان ئەمەس. ئۆزىمۇ <<مەن ليۇتېر بولمايمەن»(41)،دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئىسلام دىنى ھەققىدە مۇشۇنداق ئۇلۇغ پىكىرلەرگە ئىگە بولغان ۋە ھەرقانداق مۇھىتتا بۇ چۈشەنچىلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ ماڭغان ئاتاتۈرك ئاللاھتىن قورقىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى قولىدىن كىلىشچە ئورۇنداشقا تىرىشقان تەقۋادار بىر مۇسۇلمان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ھەرىكەت شەكىللىرىدە ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىدا <<قۇرئان كەرىم>>دە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسىل سۈپەتلىرى سۈپىتىدە بىلدۈرۈلگەن خاراكتېرلەرنىڭمۇ نامايەن بولغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، كەمتەرلىك، نۇمۇسچانلىق، كەڭ قۇرساقلىق، تىنچلىقنى سۆيۈش، كېڭىشىش، باشقىلار بىلەن يارىشىش، تىرىشچانلىق، يېقىملىق سۆز قىلىش، ئىللىق مۇئامىلە قىلىش، ھېسسىيلىكتىن يىراق تۇرۇش، ئەقىلچىل بولۇش، ئەخلاق ئىگىسىگە ئايلىنىش، مەۋقەسى مۇقىم بولۇش، پاكىزلىقنى سۆيۈش، ياخشى ياسىنىش، سەنئەت ۋە ئېستېتېتكىغا ئەھمىيەت بىرىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى دەل ئىسلام ئەخلاقىدىن مەنبەلەنگەنىدى.(42) قىسقىسى، يۇقىرىدىكى بايانلىرىمىز ئاتاتۈركنىڭ دىندار كىشى ئىكەنلىكىنىڭ يىتەرلىك پاكىتلىرىدۇر. <<قۇرئان كەرىم>>دە <<يالغان سۆزلىگەن ۋە باشقىلارغا قارا چاپلىغانلار مۆئىمىن ئەمەستۇر>> دېيىلىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ روھى بىلەن شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئىنكار قىلغانلار ياكى ئۇنىڭغا قارا چاپلىغانلار <<قۇرئان كەرىم>> دىكى ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلغانلاردۇر. |
2009/3/27 21:22 |
10 | turpantur | 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈرك ئىمپىرىيىسى ئاۋستىرىيە، گېرمانيەلەر بىلەن بىللە دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ قولدىن كەتكەن شان-شۆھرىتىنى قايتۇرىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ بىراق ئىتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئۈمىدىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇش بىلەنلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ زىمىنىدىن مەھرۇم قىلدى. كۈنسېرى كىچىكلەۋاتقان دۆلەت زىمىنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمپىرىيە تەۋەسىدە تۈرك مىللەتچىلىك ھەركىتى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. تۈركىيە مىللى قەھرىمانى مۇستاپا كامال گۈللىنىش ھەركىتى قوزغاپ مىللى پارلامېنت ھۆكۈمىتى قۇردى، 1922-يىلى 11ئايدا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى مۇھەممەدVI نىڭ تۈركىيەدىن كېتىشى بىلەن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە خاتىما بېرىلدى. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيتى رەسمى قۇرۇلدى | 2009/3/27 21:22 |
جەمئىي باھا 14 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|