يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقى ۋە ئاي تە...
يوللىغۇچى mavlan   كۆرۈش 365   يوللانغان ۋاقتى 2009/3/24 16:54  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقى ۋە ئاي تەڭىردە قۇت بولمىش قاغان
ئەسكەرتىش :
بىلىمىنىڭ كەمچىللكى تۈپەيلى ئەسەر خاتالقلاردىن خالى ئەمەس ،كەڭ ئۇستازلارنىڭ تەكلىپ پىكىر بىرشىنى سۇرايمەن .
ئەسەر ئورخون تارىخ مۇنبىرگىلا مەنسۈپ.



     مىلادىيە 3- ئەسىرلەرگە كەلگەندە، قەدىمكى مەنبەلەردىكى «دىڭلىڭ» دېگەن ئىتتىپاق تەدرىجىي «قاڭقىل» (高车)، «تېگرىك» (铁勒) دېگەن ناملارغا ئالمىشىشقا باشلىدى. ياكى «قاڭقىل» دېگەن نامنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاشۇ قەۋملەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئاتىشى بولماستىن، ئۇلارغا قوشنا بولغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقىنىڭ ئۇلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئېگىز چاقىلىق ھارۋا ئىشىلتىشنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ قويۇۋالغان ناملىرى بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە «ھارۋا» ياكى «چاق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرەتتى .ئەنە شۇ قاڭقىللار (ئەمەلىيەتتە دىڭلىڭلار) باشچىلىقىدىكى شىمال قوۋملىرى، ھونلار ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي قۇدرەت تېپىشقا باشلىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھونلاردىن قالغان شىمالىي دالىنى ئىگىلەپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش ئارزۇسى، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن سىيانپى ۋە ئاۋار ھۆكۈمرانلىق ئاپراتلىرى تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلاندى. كىيىنچە ئاۋار خانلىقىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن قاڭقىللار 487- يىلى ئاپۇرغۇر باشچىلىقىدا زور كۆلەمدە غەربكە كۆچۈپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شەرقىي ۋە شىمالى رايونىدا «قاڭقىل ئۇيغۇر خانلىقى» نى قۇرۇپ چىقتى. قاڭقىللارنىڭ ئاساسى قىسمىنىڭ غەربكە كۆچۈپ كېتىشى بىلەن قاڭقىللار يېتەكچىلىكىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاجىز قەۋملارنىڭ ئىتتىپاقى ئۆزلۈكىدىن يىمىرىلدى. قالغانلىرى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ باشچىلىقىدا تەدرىجىي تىگرىكلار ئىتتىپاقى بولۇپ شەكىللەندى. 6- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئالتاي ۋادىسىدا كۆك تۈركلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى، ئۇيغۇرلار باشچىلىقىدىكى تىگرىكلار ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي دالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش نىيىتىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار تۈرك خانلىقىنىڭ بويسۇندۇرۇلغان بېقىندى قەبىلىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ كۆك تۈركلەر دەۋرىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قوشۇلۇش دولقۇنىغا كىرىپ كەتتى. 7- ئەسىرنىڭ باشلىرى شەرقىي تۈرك خانلىقى ھالاكەتكە يۈزلەنگەن دەۋرلەردە بولسا، ئۇيغۇرلار كۆك تۈركلەردىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، مۇستەقىل سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقىشقا يۈزلەندى.

مىلادىيە 552- يىلى ئاشىنا قەبلىسىدىن چىققان   "تۈمەن" جورجانلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۈزىنى ئېل قاغان دەپ جاكارلاپ، ئۆتۈكەننى مەركەز قىلغان كۆكتۈرۈك خانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ مەزگىلدە پۈتكۈل تۈرىكلەرگە ئاشنا قەبلىسى باشلامچىلق قىلدى . مىلادى 554-يىلدىن مىلادى 574-يىلغىچە يەنى تۈركلەرنىڭ ئۇلۇق قاغانى ئاشنا مۇقان دەۋىدە كۆك تۈركلەر قاغانلقى ئالتۈن دەۋىگە قەدەم ئىدى . مۇقان قاغاندىن كىيىن ئىنىسى ئاشنا تاۋار قاغان مىلادى 574-يىدىن مىلادى 581يىغىچە تەختتە ئولتوردى ،بۇ دەۋى كۆك تۈرك ئىمپىيىسىنىڭ ئەڭ كۈچەيگەن دەۋى ئىدى . 581يىلى ئاشنا تاۋار قاغان تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى ، ئاشنا تاۋار قاغان ئۇغۇللىرى بىلەن ئاشنا مۇقان قاغان ئۇغۇللىرى ئوتتۇرسىدا تەخت تالىشش كۈرىشى ئەۋىجگە چىقتى .

مىلادىيە 583- يىلى كۆكتۈرۈك خانلىقى ئالتاي تېغىنى پاسىل قىلغان ھالدا شەرقى تۈرۈك خانلىقى ۋە غەرىبى تۈرۈك خانلىقى دەپ ئىككىگە بۈلۈنوپ كەتتى .

مىلادىيە 605- يىلى شەرقى تەڭرىتاغ ئىتەكلىرىدىكى ئوغوز قەبىلىلىرى ئىچىدىكى بۆگۈ(بارغۇت)، توڭرا، چۆبە(قاپىش)، سىر-تاردۇش قاتارلىق قەبىلىلەر غەرىبى تۈرۈكلەرنىڭ ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۈتۈرگەن. قەبىلە باشلىقلىرى ئۆزلىرىنى «ئېركىن» دەپ ئاتىدى.

مىلادىيە 627- يىلى شەرقى كۆك تۈرۈكلەرنىڭ ھۈكۈمرانلىقىدىكى سىر-تاردۇش، ئۇيغۇر،بايىرقۇ قاتارلىق توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرى شەرىقى تۈرۈكلەرگە قارشى ئىسيان كۈتۈرگەن. ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى بوسات 5000 ئاتلىق چەۋەنداز بىلەن ئىلىگ قاغاننىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قۇشۇنىنى مازوڭشەن تېغىدا مەغلۇپ قىلىپ، شەرىقى تۈرۈكلەرنىڭ ھۈكۈمىرانلىقىدىن ئايرىلىپ چىققان ھەم تۇغلا دەرياسى بۇيىدا ئۆز بارىگاھىنى قۇرغان، بۇ ئاشنا قەبلىسىنىڭ باشلامچىلق ئورنىغا خىرس پەيدا قىلدى ، كۆپلگەن قەبللەر ياغلاقار قەبلىسىنىڭ باشلاچىلقىغا بويسۇندى .

يەنە بىرمەسىلە شۇكى :  شەرقى كۆك تۈرك خانلقنىڭ كىيىنكى قىسقا گۈللىنىش دەۋىرى ، يەنى ئۈچ قاغان دەۋى دەپ ئاتدۇق .  ئاشنا ئىلتەرىش قۇتلىق (مىلادى 682-692)، ئاشنا قاپاغان قاغان( مىلادى 692-716 يىلى) ۋە  ئاشنا بىلگە قاغان (مىلادى 716-734  يىلى) دەۋىردۇر .
ئاشنا قەبلىسى قايتىدىن باشلامچىلق ھوقوقىنى تارتۋالغان يەنە بىر قىسقا ئالتۇن دەۋرگە كىرگەن ئىدى ،بويەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىشىمىزگە ئەرزىدىغان مەسلە  شۇكى بۇ مەزگىلدە تۈنيۇققۇق ۋە ئاشنا ئىلتەرىش قۇتلىق قاغاننىڭ كچىك ئوغلى كۆلتىكىن ئاتلق ئىككى گىگانىت شەخس مەيدانغا كەلدى .
مانا بۇ ئۈچ قاغانغا بىر دانىشمەن" بۇيرۇق " تۇنيۇققۇق  ھەمدەمدە ئىدى .  
تۇنيۇققۇق ---ئادىز قەبلىسىدىن چىققان زېھنى ئوچوق بۇ ئادەم ياش ۋاقىتلىرىدا "چاڭئەن " بىلىم ئاشۇرغان ،ۋەتەنپەرۋەر -خەلقپەرۋەر  ئەلەم ۋە قەلەمدە تەڭ يىتىشكەن ھەربى ئىشلار ئالىمى ئىدى ،  تۇنيۇققۇق مەڭگۈ تىشى بۇنىڭ گۇۋاچىسىدۇر .
كۆلتىكىن ... پۈتكۈل تۈرك تىكىنلىرنىڭ ئۈلگىسى ۋە تىللاردا داستان بولغان قەھىرىمان.

مىلادىيە 646- يىلى ئورخون ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى ياغلاقار تومىد، بۆگۈ، توڭرا قاتارلىق توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ سىر-تاردۇش خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.  تومىد ئۈزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ،  كۆك تۈرۈكلەرنىڭ تۈزىمى بۇيىچە ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى تەسىس قىلىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى . مانا بۇ پۈتكۈل تۈركلەرگە ياغلاقار قەبلىسىنىڭ باشلامچىق قىلشىدىن دىرەك بەردى .

ئورخون ئۇيغۇر خانلقى(مىلادى605-يىلدىن1369يىلغىچە) ،كۆك تۈرك خانلقنىڭ داۋامى ۋە ھەققى ۋارىسى سۈپىتىدە مىلادى 745-يىلى "كۆل بىلگە قاغان "تەرپىدىن  قايتىدىن قەد كۆتەردى ، چۈنكى كۆك تۈرك خانلققا تۈركلەرنىڭ ئاشنا قەبلىسى باشلامچى بولۇپ ھەممە تۈرك قەبلىىرنى بىر تۈغ ئاستىغا يىققان بولسا ، ئورخون خانلقىغا تۈركلەرنىڭ ياغلاقار قەبلىسى باشلامچى بولوپ بارلق تۈرك قەبلىرىنى قايتىدىن بىر تۈغ ئاستىغا يىغدى ،بۇ پەقەت ھاكىميەتىنىڭ قىرنداش قەبللەر ئارا ئالمىششىلا بولدى خالاس ، ئۇرخون خانلقمۇ ،كۆك تۈركلەرنىڭ مۇقەددەس بىلگەن "ئۆتۆكەن " پايتەخت قىلدى . ناھايىتى تىزلكتە كۆك تۈرك خانلقنىڭ بارلق زىمىلىرنى قايتىدىن بىرلككە كەلتۈردى .

بۇ يەردە ئورخون ئۇيغۇر خانلقنى 605-يىلدىن 1369يىلغچە دەپ يىزشقا كەلسەك :
605 -يىلى سۇركىن ئۆزىنى "ئىركىن" دەپ ئاتاپ قاغانلق تەختىگە چىقىشى بىرنىچى باسقۇچ ، 627-يىلى بۇسات تىكىننىڭ ھاكىيەتنى مۇستەككەملىشى ئىككىنچى باسقۇچ، 646-يىلى ياغلاقار تۈمىد ئىلتەبىرنىڭ قاغانلق تەختىدە ئولتورشى ئۈچىنچى باسقۇچ ، 745-يىلى كۆلبىلگە قاغاننىڭ بارلق تۈرىك قەبللىرىنى بىرلككە كەلتۈرىشى تۆتىنچى باسقۇچ ، 840-يىلى تەبىئى ئاپەت ۋە ئىچىكى نىزا ،قىرغىزلارنىڭ ئاسيلقى تۈپەيىلى پانتىېكىننىڭ ئاستاننى "پايتەخىت " نى ئۆتۆكەندىن ئىدققۇتقا يۆتكىشى بەشنچى باسقۇچ ،1369-يىل ئىدىقۇت خانلىقى موغۇلىستان خانلىقى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغانلقى ئالتىنچى باسقۇچ.

ئورخون ئۇيغۇر خانلقى كۆلبىېلگە قاغان ،مۇيۇنچۈر قاغان دەۋىلىردە گۈللەنگەن خانلق ھەم كۆكتۈركلەرنىڭ بارلق زىمىنلىرنى كونتىرۇل قىلغان سەلتەنەت دەۋى ئىدى ، بۆكۆقاغان( مىلادى 759-779)نىڭ مانى دىنى ئورخونغا ئىلىپ كىلىشى بىلەن شامان دىنى بلەن مانى دىنى ئوتتورسىدىكى كۆرەش قاغانلقنى ھالسىراتتى . ئايچۇرقاغان( مىلادى 790-795)تەختتە ئولتورغان مەزگىلدە  قاغانلق ئىچىكى -تاشقى جەھەتتىن ئىغىر كىرزىسقا دۇچ كەلدى،ھەم تىبەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا ئارقا ئارقىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچىردى .
    
مانا بۇمەزگىل تاڭ سۇلالىسى، ئۆڭلۈك -سۈيگىن توپىلىڭى ۋە چىركلىشىپ  ئاجزلاپ تىبەتلەر بارا-بارا كۈچىۋاتقان  مەزگىل بولوپ ، تىبەتلەر داۋاملق تۈردە خەلقئارا سودا يول (يىپەك يولى ) ھوقوقىنى تالشىش باسقۇچىغا بىرىپ " دەشتىئاتا" "بىشبالق " قاتالق مۇھىم خەلقئارالق شەھەرلەرگە بولغان تاجاۋۇزنى باشلغان ئىدى .

مىلادى 805-يىلى ئاي تەڭردە قۇد بولمىش قاغان (مىلادى 805-821 )خانلق تەختىگە چىقىشى ئۇرخون خانلقنى يەنە قايتىدىن ئەسلگە كەلتۈردى ۋە گۈللەندۈردى .

ئايتەڭردە قۇت بولمىش قاغان (مىلادى 805-821)ئۇيغۇر قاغانلىرى ئىچىدە ناھايىتى باتۇر،دانا  ،  ئىستىدات ئىگىسى بولوپ ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقنىڭ كۈچىنى دۇنياغا يەنە بىرقىتىم مەشھۇر قىلغان ئۇلۇق قاغان  ،ئاي تەڭردە قۇت بولمىش  قاغاننىڭ تەختكە چىقىشى  ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقنىڭ يەنە بىر قۇدىرەتلىك ، سەلتەنەت دەۋرىگە كىرگنلكىدىن دىرەك بەردى .

مىلادى 808-يىلى ئاي تەڭىردە قۇت بولمىش قاغان 200مىڭ قوشونغا يىتەكچىلك قىلىپ  يىپەك يولنىڭ موھىم ئۆتكىلى ئىككىنچى ئاستانە بىشبالقنى ئىگلىۋالغان تىبەتلەنى مەغلۇپ قىلىپ تىبەتلەرنى بىشبالقتى قوغلاپ چىقاردى ،شۇنڭ بىلەن بىرگە  كەڭسۇدىكى ئۇۋىنى ئىگىلىدى .
مىلادى 810-يىلى ئاي تەڭىردە قۇت بولمىش قاغان   795-يىلدىكى ئىچىكى قالايمىقانچىلقتىن پايدىلنىپ مۇستەقىل بولۋالغان جەڭگىۋار  قىرغىزلانى قايتىدىن بۇيسۇندۇردى .  

مىلادى 815-يىلى ئاي تەڭىردە قۇد بولمىش قاغان غەربكە ئومومىيۈزلۈك جازا يۈرۈشكە ئاتلاندى ، باشتا بىشبالقنى قايتا بىسۋالغان تىبەتلەرنى ئۈزۈل كىسىل مەغلۇپ  قىلدى ،ئارقىدىن كۈسەن شەھىرنى قۇرشاۋغا ئالغان تىبەتلەنى مەغلۇپ قىلدى ،  تىبەت قۇشۇنى قاراشەھەر ئەتراپىدكى تولوق مەغلۇبىيىتى ئۇلارنى بۇتەرەبلەرگە 40يىلدىن كىيىن قايتا تاجاۋۇز قىلىش دەرجسىگە چۈشۈرۈپ قويدى يەنى 848-يىلى تىبەتلەر قايتا بىشبالققا تاجاۋۇزچىلق ھەركەتلىنى باشلىغان بىراق پانتىكىن ۋە ئىدققۇد خانىلقنىڭ باشقا قاغانىلىرى ئۇلانى تەلتۆكۆس قوغلاپ چىقىرىپ مەڭگۈ بوتەپلەرگە كەڭ كۆلەملك قەدەم باسماس ھالەتكە كەلتۈرگەن.

تىبەتلەر تارمار بولغاندىن كىيىن ئاي تەڭىردە قۇت بولمىش قاغان ئاساسى قوشۇننى سۇلى "قەشقەر" ئارقىلق پەرغانە يەتتە سۇرايۇنغىچە يۈرۈش قىلىپ ئۇيەردىكى تۈركەشلەرنى قايىدىن بويسۇندۇرۇپ ئۇرخون قاغانلقنى ھەممە زىمىنلىرىنى يەنى كۆك تۈرك ئىمپىريسىنىڭ بارلق زىمىنلىرىنى قايتۇرۋىلىپ پايتەخت قارا بالغانسۇنغا قايىتتى .

مىلادى 821-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇق قاغانى ئاي تەڭىردە قۇت بولمىش قاغان ئالەمدى ئۆتتى .
مەنبە :
قەدىمى مەركىزى ئاسىيا

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 0   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
باھا يوق ياكى تاقالدى
 جەمئىي باھا 0  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/0  |<  <<     >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009