|
ماقالە مەزمۇنى |
بەيبارىس-سۇلتان |
يوللىغۇچى hanihatam كۆرۈش 1014 يوللانغان ۋاقتى 2009/3/24 00:11 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
سۇلتان بەيبارىس ئەرەپچەئىسمى( ئالاەر ركن ئالدين بيبرس ئالبندقداري - ءئال-مالىك ءئاز-زاحىير رۋكن ءئاد-ءدىن بايبارىس I ءئال-بۇندۋقتارىي ءئاس-ساليح) – 1260-1271-يىللىرى مىسىردا ھۇكۇمران سۇلتان بولغان.1225-يىلى قىپچاق ئۇلۇسىنىڭ بەرىش قەبىلىسىدە تۇغۇلغان.شۇ چاغدا بەرىش قەبىلىسى قىرىمدا(ھازىر قازاقستاننىڭ ئاتىراۋ ئوبلاستىدا ياشىغان) كىچىك ۋاقتىدا قىپچاق دالىسىدا ئەسىرگە ئىلىنىپ،قۇللىقتىن مەشھۇر زاتقا ئايلىنىپ،مىسىردا سۇلتان بولغان قازاق تارىخىدىكى مەزھۇر زاتلارنىڭ بىرى،1250-يىلى مەملۇكلەرنىڭ ھەربى ئامىرى بولغان.بەيبارىس سۇلتان مىسىر بىلەن شام ئەللىرىدە سۇلتان بولغان 1260-1277-يىللىرى كىرەست تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن موڭغۇل قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ،سىياسى مۇقۇملىقنى، خەلىقنىڭ ئال-ئوقەتىنى ياخشىلاپ،يىراق -يىقىن دۇلەتلەر بىلەن ئوڭۇشلۇق مۇناسۋەت ئورنىتىپ،شۇ دەۋىردىكى مىسىر بىلەن شامدا دۇنياغا داڭلىق ئىگىز ئىمارەتلەرنى، مەسچىتلەرنى،ئىگىز سىپىل ۋە قەلئەلەرنى ، كۇتۇپخانىلارنى سالدۇردى، بۇ تارىخى قۇرۇلۇشلار ھازىرمۇ مۇكەممەل ساقلىنىپ قالدى. ئۇ پۇتۇن ھاياتىدا كەمباغال خەلق پۇقراسىنىڭ غىمىنى يەپ، ئولارنى ئۇرۇش،قىرغىنچىلىق ئوتىدىن خالاس قىلىپ، 1277-يىلى7-ئاينىڭ 1-كۇنى ھازىرقى سىرىيە نىڭ داماسكى شەھرىدە ۋاپات بولۇپ، ئەز-زاخاريا كۇتۇپخانىسى گۇمبەزىنىڭ تىگىگە قويۇلدى. مەنبە: http://www.kultegin.com/bbs/view ... &extra=page%3D1 |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 25 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | tonyuquq | شۇ چاغدا بەرىش قەبىلىسى قىرىمدا(ھازىر قازاقستاننىڭ ئاتىراۋ ئوبلاستىدا ياشىغان) كىچىك ۋاقتىدا قىپچاق دالىسىدا ئەسىرگە ئىلىنىپ،قۇللىقتىن مەشھۇر زاتقا ئايلىنىپ، بۇرادەر بۇ جۈملە چۈشىنىكسىزغۇ، ئەسىرگە چۈشكىنى قەبىلىمۇ ياكى بەرىشمۇ؟ زادى قايسى ئوقۇلۇشى توغرا، بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى نەچچە خىل ئوقۇپ قويۇپسىز، بەيبارىس، بەرىش دېگەندەك. مېنىڭچە بايبارىس بولۇشى كېرەك. بارىس دېگەن يولبارس(يولۋاس)قۇ؟ باي سۆزى تۈركىي تىللارغا ئورتاق. ئەگەر بەي ئوقۇسىڭىز ئۇ <بەگ> سۆزىنىڭ ئوغۇز-ئوسمانلىچە ئوقۇلۇشى بوپقالىدۇ. يەنە بىرسى بۇ ئادەمنىڭ ئەرەبچە توغرا ئوقۇلۇشى مۇنداق بولۇشى كېرەك: ئەززاھىر رۇكنىددىن بايبارىس بۇندۇقدارى. بىراق، يەنە ئالدىغا ئەلمالىك، كەينىگە ئەسسالىھ سۆزلىرى قوشۇلۇپ قاپتۇ. |
2009/3/24 16:29 | |||
2 | mavlan | قايسى خانلققا سۇلتان بولغان خانلقنىڭ ئىسمى باردۇ ؟ ئەسىرگە چۈشۈپ قانداق قىلىپ سۇلتان بولغان بولسا تەپسىلىرەك يازغان بولسىڭىز بورادەر !!!!! | 2009/3/24 17:17 | |||
3 | kisek | سۇلتان بايبارسنىڭ كېلىپ چىقىشى توغۇرسىدا ئانچە مۇنچە تالاش تارتىشلار مەۋجۇت. ھازىر ئاساسەن ئومۇمىلاشقىنى بۇ كىشى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى دەشتى- قىپچاقتا تۇغۇلغان دىگەن قاراش، قازاقىستان تارىخچىلىرى بۇ كىشىنى بېرش قەبىلىسىدىن دەپ يەكۈن چىقارغان ۋە ئاتىراۋ شەھرىنىڭ مەركىزى مەيدانىغا خاتىرە ھەيكىلىنى تۇرغۇزغان ئىكەن. قىرىملىقلارنىڭ قارىشىدا بولسا بۇ كىشىنىڭ ئانا يۇرتى قىرىمىيە يايلىغى، تارىخنەمىلەردە يېزىلغىنىدەك، سۇلتان بولغاندىن كېيىن بايبارس يۇرتى قىرىم شەھەرلىرىدىن سولخات ( ھازىرقى ئەسكى قىرىم ) قا نۇرغۇن پۇل ۋە ماددى بۇيۇملارنى ئىنئام قىلغان، ئۇ تەقدىم قىلغان پۇللارغا قۇرۇلغان مەسچىتنىڭ خارابىسى ھازىرقى دەۋرگىچە ساقلانغان. سۇلتان بايبارس ئىنئام قىلغان 2000دىنار ئالتۇنغا قۇرۇلغان ئەسكى قىرىم ( سولخات ) مەسچىت خارابىسى، 1287-1288-يىللىرى قۇرۇلغان. كۇمانلاردىن بولغان بايبارس دەسلەپكى يىللىرى بۇلغار تۈركلىرى تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنىپ دەمەشقلىق سودىگەرگە 800دەرھەمگە سېتىلغان، كېيىن مىسىردىكى مەملۈك ئەمىرى ئالائىددىن ئايتېگىن ئەل- بۇندۇقدار سېتىۋېلىپ ئەتىۋارلاپ تەربىيەلىگەن، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ ياش بايبارس ئەل- بۇندۇقدار دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان ئىكەن. ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا يەنى مىلادى 860- يىللىرى مىسىرغا سۇلتان بولغان قۇللۇقتىن چىققان كىشى توققۇز ئوغۇزدىن بولغان ئەخمەت ئىبنى تۇلۇن دىگەن كىشى ئىكەن. مىسىر مەملۈكىلەر تارىخىدا كۇمان- قىپچاق- چەركەس تۈركلىرىدىن چىققان قۇللار ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ كېيىنچە مىسىرنى ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. ۋېكىپىدىيە |
2009/3/24 20:28 | |||
4 | koruk | باشقا ئەلدە سۇلتان بۇلغىچە ، ئۆز ئيلىڭدە ئۇلتان بول . دەپ كەينىگە سۆز قالدۇرغۇچى قپشاق پۇشتىدىن بولغان بەيبارىس سۇلتان مازىرى..... |
2009/3/25 01:54 | |||
5 | kokjal | بەيبارىس سۇلتان قازاقتىڭ قىپشاق ۇلىسىنان شىققان باتىر خان. | 2009/3/26 00:04 | |||
6 | kisek |
840-يىلىدىن كېيىن ئېرتىشتا پەچەنەگ - قىماق-قىپچاق تەشكىلى ياسىغانلار __ ئۇيغۇرنىڭ كىبى قەبىلىسى (俟蔽) ئىكەنلىگىە كۆز يۇمامسىز؟ كۇمانلار ساپ ئۇيغۇر، قازاقنىڭ قەيەردىن كەلگىنى زادىلا نامەلۇم ... |
2009/3/26 00:46 | |||
7 | kisek | 840- يىلدىن كېيىن 300مىڭ چېدىر ئۇيغۇر ئالتايغا كەلگەن... كۇمان بولسۇن ياكى قىبى- قىبچاق، بۇلار ئىنتايىن روشەن ئاق تەنلىك ئىرقىغا تەۋە، قازاق قانداقسىگە پولوۋىتس بولىدۇ؟؟؟ | 2009/3/26 00:54 | |||
8 | ertoghrul | تۇققانلار شۇنداق بولغاندا ماڭا بىر نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار. 1. قىپچاق دىگەن قازاققا تەۋەمۇ ياكى قازاق دىگەن قىپچاققا تەۋەمۇ؟ 2. ئەگەر قىپچاق قازاققا تەۋە بىر قەبىلە دەپ قارالسا، ئۇ ھالدا ھازىر ئىلىم دۇنياسىدا قىپچاقلارغا تەۋە دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان قىرغىز، قارا قالپاق ۋە «بابۇرنامە » دە «يات ياغى ئۆزبېكلەر» تىلغا ئېلىنغان قىپچاقلارمۇ قازاقمۇ؟ 3. ئەگەر قازاق قىپچاققا تەۋە بىر قەبىلە ياكى قىپچاقلاردىن شەكىللەنگەن بىر مىللەت دەپ قارالسا، ئۇ ھالدا قىپچاقلاردىن چىققان بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قازاق دېيىش تارىخى پاكىتلارغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟ تېما ئىگىسى hanihatam ئەپەندى ۋە قىپچاقلارنىڭ ھەممىسى قازاق دەپ تۇرىۋالغان kokjal مىرزالار بۇنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار؟ |
2009/3/26 01:05 | |||
9 | Qutghur | قىپچاقلار دەشتى قىپچاقنىڭ قەدىمى تۈركى ئاھالىسى .ئۇلار قازاق ،قىرغىز ،ئۆزبىك(ئەسلى ئۆزبىكلەر كۆزدە تۇتىلىشى كرەك)،قاراقالپاق ،نوغاي قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە غولۇق ئېتنىك تەركىپ بولۇپ قاتناشقان . قىپچاقلارنىڭ بۇ مىللەتلەردىكى ئېتنىك تەركىپ سالمىغىدىن ئۇلانى شەكىللەندۈرۈشكە كۆرسەتكەن مەدەنىيەت تەسىر سالمىغى تېخىمۇ چوڭ ،دەپ قارايمەن .تاتارلارمۇ ئوخشاشلا قىپچاق مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدىكى تۈركى مىللەت بولسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ ئاساسى ئېتنىك تەركىۋى ئېدىل بولغارلىرى بولىشى مۈمكىن . شۇڭا قىپچاقلارنى قىپچاق ئېتنىك تەركىپلىك مىللەتلەرنىڭ ئەژدادى دەپ قاراشقا بولىدۇ ،يەنى بۇلار ئەژدات ،قازاق قاتارلىق مىللەتلەر ئەۋلاد دەپ قارىلىشى ئىلمىلىك .ئۇلارنى'' قازاقلارنىڭ قەبىلىسى دەپ ''قاراش ،''ئاتىسىنى بالام ئىدى'' دىگەندەكلا مەنتىقىغە سىغمايدىغان كۈلكىلىك گەپ . باشقا قىپچاق مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ ھىسياتىغا يامان تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن . |
2009/3/26 10:54 | |||
10 | hanihatam | قازاق خانلىقى تارىخ سەھنىسىگە چىقىشتىن ئىلگىرى ،ھازىرقى قازاق مىللىتىنى تەشكىل قىلىدىغان ،قەدىمقى قازاق دالىسىدا ياشىغان ئەتنىكالىق ئۇلۇسلارنىڭ ھەممىسى قىپچاقلار دىيىلگەن، ھازىرقى كۇندىكى قازاقنىڭ 3يۇزىگە قاراشلىق ھەممە ئۇلۇسلارشۇ چاغدىكى 92 باغلىق قىپچاقلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنى تەشكىل قىلغان.قازاق خانلىقى ئاساسەن مۇشۇ قىپچاق خانلىقىنىڭ زىمىنى بىلەن خەلقىگە ۋارىسلىق قىلغان،قىپچاق خانلىقىنىڭ سىياسى،ھەربى ھۇقۇقلىرى قازاقنىڭ ھازىرقى ئوتتۇرا يۇزىدىكى قىپچاقلار بىلەن قاڭلى ئۇلۇسىنىڭ قولىدا بولغان،كىيىنكى كۇنلەردە، قىپچاق،قاڭلى ئۇلۇسىنىڭ خەلقى ئاساسەن قازاقلارغا بىر قىسىمى ھازىرقى ئوزبەكلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن، ئوزبەكلەردە قەبىلە يوقاپ كەتكەن، لىكىن ھازىرغىچە،ئوزبىكىستاندىكى بەزى خەلق ئوزىنى''قىپچاق-ئوزبەك بولىمىز''،''قاڭلى-ئوزبەك بولىمىز''-دەيدۇ، بۇدان شۇ چاغدىكى قىپچاقلارنىڭ بىر قىسىمى ئوزبەك بولۇپ كەتكەنلىكىنى كورەلەيمىز،قازاق خانلىقى قۇرۇلغاندىن كىيىنمۇ، باشقا خەلىقلەر ۋە تارىخى يازمىلاردا قازاق خانلىقى زىمىنىدە ياشىغان ھەممە خالىقنى قىپچاقلار دەپ ئاتاشقا كونۇپ كەتكەن،بۇ ئەھۋال قازاق خانلىقى 3يۇزگە ئايرىلغىچە داۋاملاشقان،بۇندىن'' قىپچاق'' ئاتالغۇسى قازاق مىللىتىنىڭ ھەر دەۋىرلەردە باشقىچە ئىسىم بىلەن دىيىلگەنلىكىنى،ھەم يىقىنقى ئەسىرلەرگىچە داۋاملاشقىنىنى، پەقەت، رۇسلارنىڭ پارچىلاش سىياسىتى ئەمەلگە ئاشقاندىن كىيىن، ئاست-ئاستا ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى كورسىتىدۇ، | 2009/3/26 11:18 | |||
جەمئىي باھا 25 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|