|
ماقالە مەزمۇنى |
ياۋۇز ئەپەندىنىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپا... |
يوللىغۇچى iltebir كۆرۈش 2300 يوللانغان ۋاقتى 2009/3/18 18:03 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
|
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 51 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | Qutghur | قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن ، اللە ياۋۇز بۇرادەر ۋە ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىنى سەبرى-تاقەتلىك قىلغاي ! |
2009/3/18 18:26 |
2 | utuken | ئاللاھتىن ئۇ ئانىمىزغا ئاخرەت ساۋابىدىن ئەجىر بىرىشىنى تىلەيمىز! ئى يەر ئەھلى سىلەرگە سالام بولسۇنكى، سىلەر بىزدىن بالدۇر كەتتىڭلار ، شۆھبىسىزكى بىزمۇ ئۇزۇن قالماي ئارقاڭلاردىن يېتىپ بارىمىز! |
2009/3/18 18:36 |
3 | boiled | رەھمان ۋە رەھيم ئاللا مەرھۇمەگە ئۇ دۇنيالىق بەخت-سائادەت ئاتا قىلغاي! | 2009/3/18 19:32 |
4 | uyghurtekin | قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن سەۋر قىلىڭ،،،،،،،،،،، مەرھۇم ئانىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن ئامىن |
2009/3/18 20:46 |
5 | barhan | ئانادېسەم باغرىم تولۇر، سۆيگۈم تولۇر،زېھنىم تولۇر. ئانا دېسەم چەككەن جاپا،كەچمىش،مۇشەققەت ئۇنتۇلۇر. مەنمۇ، مەرھۇم ئانامنىڭ ئىللىق باغرىنى ئەسلىسەم كۆزۈمدە ياش لىغىلدايدۇ. يۇرتۇمغا ئۆلۇم-مەرىكىلەرگە بارغىنىمدا قېرىنداشلىرىم بىلەن قۇچاقلىشىپ بىرەر ئىككى پەدە يىغلىۋالمىسام زادىلا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ. دۇنيادا ئانىغا نېمە يەتسۇن ! مەن ئانامنىڭ نۇرلۇق سىماسىنى ئۆيدە ئولتۇرغان ھالەتتە ئەمەس،بەلكى ئىشچانلىق ھالىتىدە: سەھەردە قوپسام ئانام يېنىمدا يوق، يوتقاندىن قوپقۇنۇمدا يوغان سۆۋەتنى ئۇلاق ئوتى، گازىرنىڭ بېشى، ئوتۇن-چاۋا ياكى قوناق بېشى لىققىدە قولتۇقىدا كۆرەتتىم. ئۇنىڭ بىكار تۇرۇپ باققىنىنى ئۆمرۈمدە كۆرگىنىم يوق... پىژغىرىن ئىسسىقتا ھېلى گازىر سوقىۋاتقان، ھېلى ئۆگزىدە گازىر سورىۋارقان، بۇغداي ئۆگىتى راسلاۋاتقان، كامىناغا دولقۇنغا ۋە ئىشقا چىقىۋاتقان، دادامنىڭ تاغار،خۇرجۇن توقۇش دۇككىنى ئۈچۈن يىپ ئىگىرىۋاقان ھالەتتىلا ئەسلىيەلەيمەن، ئانام، مەن شىنجاڭ ئونۋىرسىتىدە ئوقۇۋاققان ۋاختىمدا 1985-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈگەپ كەتكەن. نەچچە رەت ئانامنى چۈشەپ ئەنسىرەپ ئۆيگە خەت يازغىنىمدا خىزمەتچى ئاكا قېرىنداشلىرىم تەرار مېنى يوقلاپ چىقسا قېرىنداشلىق مېھرى شۇنداق ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئەسلى ئانامنىڭ ئۆلىمىنى ماڭا ئۇقتۇرماسلىق ئۈچۈن باشقىلارغا تاپىلىغىلى چىققان ئىكەن. 7-ئايدا تەتىلگە قايتىپ تاكى ئۆيگە كىرگەندە ئاندىن ئۇقتۇم. مەن ئۆينىڭ كەنجىسى بولغاچقا، جان ئانام مېنىڭ جازىدىكى رەسىمىمگە تەكرار قاراپ جان ئۈزۈپتۇ... قانداق قىلاي...قانداق قىلاي،،،قانداق چىداي...يۇرتۇمدا قانداقلا ئۆلۈم بولسا شۇ بانادا ئانا..ئانا... جېنىم ئانا دەپ ...ھازىرغىچە توۋلاپ مانا 50ياشقىمۇ كىرىپ قالدىم. چوڭ بولۇپ،خىزمەتكە چىقىپ جان ئانامغا بىر پىيالە چاي، بىر قاچا ئاش بېرەلمىگىنىمگە تولىمۇ ئۆكىنىمەن. يېقىدا يۇرتۇمغا بېرىپ ئانام يىپىنى ئېگىرگەن،دادام ئۆز قولى بىلەن توقۇغان خۇرجۇننى ئۇچرۇتۇپ قالدىم. ئائىلە ئېگىسىنىڭ دېيىشىچە 30يىل بۇرۇن دادامدىن ئۈچ يۈەنگە سېتىۋاپتىكەن. مەن پۇل تەڭلىسەم بىكارغا بەرسەك بېرىمىز، پۇلغا ساتساق بولمايدۇ دېسىمۇ 10يۈەنگە سېتىۋېلىپ، كەچقۇرۇندا ئۆيۈمگە خۇرجۇننى يۈدۈپ بۆقىرەپ يىغلاپ كىرسەم بالا-چاقام ناھايىتى قورقۇپ كەتتى... مەن ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم ئەشۇ خۇرجۇننى سىلاپ ياش تۆكىمەن... سىز نېمىلا بولمىسۇن ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدىڭىز، كېسەل كارۋىتىدا ياتقان ئانىڭىزنىڭ مېھرىبان، پەرزەنتىگە باغرى قانماس مۇلايىم كۆزلىرىگە تەكرار-تەكرار، يېنىش-يېنىشلاپ قانغۇدەك قارىۋالدىڭىز. سەبرە قىلىڭ...سەبرە قىلىڭ... ئامىن...ئاللاھ، مېھرىبان ئانىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي...ئاللاھۇئەكبەر! |
2009/3/18 21:47 |
6 | taktimakan | قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن . سەۋىر قىلىڭ ياۋۇز ئەپەندى.اللاھ سىزدەك مىللەتسۈيەر،ئالىجاناب ئەرنى بۇدۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان سۈيۈملۈك ئانىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي. |
2009/3/18 21:53 |
7 | farabi | مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بۇلسۇن. | 2009/3/18 22:20 |
8 | TarimDadxah | قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن ! مەرھۇمەنىڭ ھەق رەھمىتىگە يول ئالغانلىقىنى كېچىكىپ بىلدىم، ئاللاھ ياۋۇز ئىنىمدەك پازىل ، ئەردەم ئىنساننى تۇغقان ئانا ئۈچۈن جەننەت ماكان بېرىدىغانلىقىدىن شۈبھىلەنمەيمەن ! سەۋر قىلىڭ قېرىندىشىم ! | 2009/3/18 22:20 |
9 | kumluk138 | قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن ياۋۇز ئاكا ، قاتتىق سەبرى قىلىڭ ، ھەممىمىزنىڭ تېنىدە ئامانەت جان بار ،قاچانكى ۋاقتى يەتسە ھەققە بوي ئەگمەي ئامالىمىز يوق . ئاللاھ ئانىڭىزغا جەننەت نېسىپ قىلسۇن ئامىن ! |
2009/3/18 22:28 |
10 | edil | مەرھۇمنىڭ جانى جەننەتتە بۇلسۇن. | 2009/3/18 22:48 |
جەمئىي باھا 51 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|