|
ماقالە مەزمۇنى |
تارىخى يۇرت تۇرپان |
يوللىغۇچى turpantur كۆرۈش 996 يوللانغان ۋاقتى 2009/3/17 02:19 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
تۇرپان — تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، دۇنياغا مەشھۇر قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئاساسىي تۈگۈنىگە جايلاشقان. مەشھۇر ئىدىقۇت تاغ تىزمىسى بۇ رايوننىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ «ئوت يۇرتى» دېگەن نامى بار. تۇرپان پەنجىگاھ مۇقامىدىن ئارىيە ئەگەر فىلىم چىقمىسا بۇ يەردىن كۆرۈڭ : http://www.56.com/u85/v_MzQ0NzQ2OTA.html تۇرپان تارىختا ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، تۇرپان «تارىخىي خاتىرىلەر. پەرغانە تەزكىرىسى»دە «قوش» دەپ ئاتالغان. «قوش» — ئەسلىي «قۇتىئوش»نىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر «قۇتىئوش» — شىمالىي ھون تەڭرىقۇتىنىڭ ئىسمى. خۇددى «ئىدىقۇت» ھەم پادىشاھ نامى ھەم يەر نامى بولغىنىغا ئوخشاش قۇتىئوش ھەم شىمالىي ھون تەڭرىقۇتىنىڭ نامى ھەم يەر نامى ئىدى توقسۇن — تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۈچ ناھىيە ئىچىدە ئەڭ ئويمان يەرگە يەنى دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن بولغان ئايدىڭكۆل ياقىسىغا جايلاشقان. توقسۇن ناھىيە بازىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولۇپ، ئېلىمىز بويىچە ئەڭ تۆۋەن ناھىيە بازىرى ھېسابلىنىدۇ بۇ يەرنى چىكىپ مەن ئىشلىگەن فىلەشنى كۆرۈڭ : بۇنىڭدىن ئىككى مىل يىل ئىلگىرىلا تۇرپان ئويمانلىقىدا ھەيۋەتلىك شەھەرلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى تارىخىي خاتىرىلەرگە پۈتۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىرقى ئىز ساقلىنىپ قالغانلىرىدىن — قەدىمكى ئىدىقۇت شەھىرى ۋە يارغول شەھىرىدۇر. شىنجاڭدىكى قەدىمكى شەھەر ۋە ئىمارەتلەر مەملىكىتىمىزدىكى تارىخىي مەدەنىي مىراسلارنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ – ئادەت قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تارىخى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى زېمىنىدا كان بايلىقى مول ئىدى. مىلادى 981– 984– يىللار ئارىلىقىدا سۇڭ سۇلالىسىدىن ئىدىقۇتقا كېلىپ، ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇزغان ۋاڭ يەندې «ئۇيغۇرنىڭ قولى ئەپچىل، ھۈنەرگە ئۇستا، ئالتۇن – كۆمۈش، مىس، تۆمۈر تاۋلاشقا ماھىر، بۇ مېتاللاردىن ھەر خىل ئەسۋاب ياسىيالايدۇ، يەنە ئەسۋابلارغا نەقىش ئويۇشنىمۇ بىلىدۇ. كۈسەندىن ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، قەلەي چىقىدۇ. ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ مېتاللاردىن ئەسۋاب ۋە سايمان ياسايدۇ» دېگەن تارىخىي مەلۇماتلارنى يېزىپ قالدۇرغانىدى «كارىز» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا سۈپسۈزۈك سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېرىق ۋە بۈككىدە دەرەخلەر بىلەن ئورالغان زۇمرەتتەك سۈزۈك كۆل كۆز ئالدىغا كېلىدۇ. كارىزچىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بولۇپمۇ، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا تۇرپاننىڭ ھۆل – يىغىن ئاز، قۇرغاق ئىسسىق، دەريا ئېقىنلىرى ئاز، يەر يۈزى شىمالىي ۋە شەرقىي ئېگىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئاساسىدا كەشىپ قىلغان ئۆلمەس مىراسى تۇرپان ئويمانلىقى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ تۆۋەن ئويمانلىق بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن ئورنى ئويمانلىقنىڭ مەركىزى ئايدىڭكۆلگە جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن 155 مېتىر تۆۋەن. تۇرپان ئويمانلىقى دېڭىز يۈزىدىن 392 مېتىر تۆۋەن بولغان ئىئوردانىيىدىكى ئۆلۈك دېڭىزدىن قالسىلا، دۇنيا بويىچە 2– ئورۇندىكى تۆۋەن جاي بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۈزۈمى ئەڭ تاتلىق. تۇرپان ئېلىمىزدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، ئۈزۈم سورتلىرى ئەڭ كۆپ (200خىلدىن ئارتۇق) جاي بولۇپ، كىشمىش ئۈزۈم تۇرپانىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى. ئۇنىڭ قەنت تەركىبى دۇنيا بويىچە 1– ئورۇندا تۇرىدۇ. مەنبەسى :ھەرخىل رەسىم قىستۇرما ھۆججىتى: 7ed3ba9fd733979a2307c03fcbcc23bd.jpg 2009/3/17 02:19, 47 B, چۈشۈرۈلۈش سانى: 1 ![]() رەسىم قىستۇرما ھۆججىتى: 1212430065_93725300.jpg 2009/3/17 02:19, 45 B, چۈشۈرۈلۈش سانى: 1 ![]() رەسىم قىستۇرما ھۆججىتى: 1212567560_92985400.jpg 2009/3/17 02:19, 100 B, چۈشۈرۈلۈش سانى: 1 ![]() رەسىم قىستۇرما ھۆججىتى: 1212661606_72221700.jpg 2009/3/17 02:21, 50 B, چۈشۈرۈلۈش سانى: 2 ![]() رەسىم قىستۇرما ھۆججىتى: 1212782130_77920300.jpg 2009/3/17 02:21, 41 B, چۈشۈرۈلۈش سانى: 2 ![]() رەسىم قىستۇرما ھۆججىتى: 1214123531_10543700.jpg 2009/3/17 02:21, 64 B, چۈشۈرۈلۈش سانى: 2 ![]() رەسىم قىستۇرما ھۆججىتى: aafd5003eb055a78541d04d543799b38.jpg 2009/3/17 02:21, 41 B, چۈشۈرۈلۈش سانى: 2 ![]() |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 3 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | untulux | تۇرپاندىكى ۋە تۇرپاندىن تىپىلغان مەدىنيى يادىكارلىقلارئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىي بايلىقلىرى ئىچىدە ناھايتى زور سولماقنى ئىگىلەيدۇ!يارغۇل قەدىمقى شەھرى،ئىددىقۇت قەدىمقى شەھرى،تۇرپان تىكىستلىرى،بىزەكلىك مىڭ ئۆيى،ئوغۇزنامە ،مايتىرى سىمىت،چىننىستانى ئىلىك بەگ،كارىز قاتارلىقلارئۇيغۇرلارنىڭ تەڭداشسىزئىسىل مەدىنىي يادىكارلىقلىرىدۇر!ئۇ گۆھەرلەر خەلقىمىزگە غايەت زور مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلماقتا! | 2009/3/18 14:57 |
2 | uyghurtekin | مۇشۇ تۇرپان ھەقىقەتەن ئېسىل يۇرت ،،،،،،،،،،،،،،، ئەجدادلار ياشىغان قۇدرەت تاپقان يۇرت،،،،،،،،،،،، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەۋرىلىرى بۈگۈنكى كۈندە نادان مەدەنىيەتسىز ۋىجدان غورورسىز ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن قالايمىقان قېزىلماقتا...........قەۋرىلەردىكى تەۋەرۈكلەرنى ياتلارغا سېتىپ خەجلىمەكتە،،،،،،،،،،،،،،،، بۇ ئىشلار ھازىرمۇ بولىۋاتىدۇ،،،،،،،،،،،، بۇلار ئۆزىنىڭ قېنىنى ساتماقتا ۋىجدانى ساتماقتا ،،،، |
2009/3/18 20:57 |
3 | ketmenbay | تۇرپاندىكى «سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى» ئىمارىتىنى بۇ مەنزىلدىن زىيارەت قىلىڭ: http://uzuyghur.blogspot.com/2009/03/sulaymanwang-munari.html |
2009/3/20 12:49 |
جەمئىي باھا 3 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|