يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
نەۋرۇز بايرىمى مەنبەسى
يوللىغۇچى qutluq   كۆرۈش 2527   يوللانغان ۋاقتى 2009/3/8 05:31  ||مۇنبەردە كۆرۈش||








مەجۇسىي يەنى زەردۇشت دىنى ---  ئوتقا چوقۇنغۇچى كاپىرلارنىڭ (باتىل)دىنىدۇر.  2004 - يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە، 124 دىن 190000 غىچە بولۇپ، ئۇلار :
2001 - يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە، ھىندىستاندا 70 مىڭ؛ پاكىستاننىڭ كاراچىدا 500 دىن ئارتۇق؛ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە 18 مىڭدىن 25 مىڭغىچە؛ ئىراندا 21 مىڭ؛ ئوتتۇرا ئاسىيادا (ئافغانىستاننىڭ بەلخ ۋە تاجىكىستاندا) 10 مىڭ؛ ئاۋىستىرالىيىدە 3500؛

مەجۇسىيلەرنىڭ دىنى بايرىمى نەۋرۇز(پارسچە: يېڭى كۈن) بولۇپ، شەمسىيە كالىندارى يىل بېشى يەنى باھار پەسلىنىڭ بىرىنچى كۈنى باشلىنىدۇ. بۇ كۈن  مىلادىيە ھېسابى بويىچە 21 - مارت كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ بايرامنى قەدىمدىن ھازىرغىچە، پارس،كۇرد، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر  ناھايىتى تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.  ئەرەبلەردە بۇ بايرام ئاساسەن ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. پەقەت ئىراقنىڭ جەنوبىدىكى بەزى ئەرەبلەرلا ئۆتكۈزىدۇ.
بايرامنى كېچىسى مەشئەلگە ئوت ياندۇرۇش، ئەتىگىنى سۇ چېچىش مۇھىم پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. بايرام ئالتە كۈن ئۆتكۈزىلىدۇ. مەجۇسىي پارسلارنىڭ ئېتىقادىدا: ئاللاھ مۇشۇ نەۋرۇز كۈنى نۇرنى ياراتقان، بۇ كۈننى بايرام قىلىش سەۋەبى شۇكى، پادىشاھ جەمشىد بۇ كۈندە خالايىققا ھاياتلىق ئاتا قىلغان، ئۇلارغا مەڭگۈ، ئېسىل ھاياتلىقنى ۋەدە قىلغان. ئىلاھ خەلقنى مۇشۇ كۈندە ياراتقان، ھەم بۇ قەدىمكى ئىلاھلارنىڭ كۈنىمىش.
نەۋرۇز كۈنىدە كىشىلەر ئوت ئەتىراپىغا توپلىشىپ: ئى قىپقىزىل ئوت! ماڭا پاكلىق ئاتا قىلغايسەن، دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. بۇ كېچىسى ياشلار مەشئەلنى كۆتۈرگىنىچە، تاغ ئۈستىدە مەشئەلنى لاۋىلدىتىدۇ.
نەۋرۇز كۈنى كىرىدىغان كېچىسى ئائىلىلەردە <<يەتتە سىن داستىخىنى>> غا داخىل بولىدۇ. بۇ، پارسچە <<س>> ھەرپى بىلەن باشلانغان يەتتە خىل خۇرۇچتا ئېتىلگەن تاماق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار:
1 - سەبزى: كۆكتاتلار؛ 2 - سىيب: ئالما؛ 3 - سەنجىد: خورما؛ 4 -  سير: سامساق؛ 5 - سەككە: كان بايلىقلىرىدىن؛ 6 - سىركە: ئاچچىقسۇ؛ 7 - ۋەسمىنۇ: بۇغداي قاتارلىقلار.

پايدىلانغان مەنبەلەر: ۋېكپىدىيە تورى ، تارىخ مۇنبىرى. شەرھۇ سەلاسىياتى مۇسنەدى ئەھمەد، ئەلمۇغنى لىبنى قۇدامە.





خۇلاسە:



خوش، بۇ بايرام يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىغا تارىلىپ، ئەسلىدىكى دىنى بايرامدىن ئۆزگىرىپ باھار پەسلىنىڭ كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىغان بىر خىل بايرامغا ئايلاندى...

شۇنىڭ بىلەن نەۋرۇزنىڭ ئەسلىدىكى ئىسلامغا قارشى دىنىي بايراملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،مەجۇسىيلەرنىڭ دىنىي بايرىمىنىغا قاتناشقانلىق ئۇلارنىڭ دىنىغا مايىل بولغانلىق. شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق بىلىپ - بىلمەي ئېزىپ كېتىشىنى ئويلىشىپ،بۇ بايرامنى يەكلەيدىغان ئالىملار توپى ئوتتۇرغا چىقتى. ساھابىلەردىن ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: كىمكى، رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: كىمىكى، ئەجەم(پارس) يۇرتىدا پارسلارنىڭ نەۋرۇز ۋە مېھرىجان بايرىمى( كۈزدە كېلىدىغان بايرام)نى ئۆتكۈزپ ئۇلارغا ئوخشىۋېلىپ ھايات كەچۈرسە، قىيامەت كۈنىمۇ شۇلار بىلەن بىرگە بولىدۇ.(ئىبنى قەييىم: سەھىھ سەنەد)

كېيىنكى سەلەف ئالىملىرىدىن  ئەڭ قاتتىق مەيداندا تۇرغان كىشى شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە بولۇپ،بۇ كىشى:  نەۋرۇز ۋە مېھرىجان قاتارلىقلار مۇشرىكلارنىڭ بايرىمى،ئۇنىڭغا قاتنىشىش ھارام، دېگەن.


  يەنە بىر تۈركۈم ئالىملار: مۇسۇلمانلار دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نەۋرۇز گەرچە، مەجۇسىيلەردىن تارالغان بولسىمۇ ھازىر ئۆزگىرىپ تەبىئەت بايرىمىغا ئايلاندى. شۇڭا، بۇنىڭغا قاتناشسا گۇناھ بولماس، دەپ قارىدى.


دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دوكتور يۈسۈپ قەرەزاۋىي: ئالىملار نەۋرۇز بايرىمىدەك بايراملارغا قاتنىشىشنىڭ يامانلىقى توغرۇلۇق ئىسپاتلارنى كەلتۈرۈشكەن. بىراق، نەۋرۇز باھارنىڭ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزۈلۈپ  دىنى مەنە ئىپادىلەنمىسىلا قاتناشسا بولىدۇ،دېگەن.



خۇلاسىنىڭ پايدىلىنىش مەنبەسى: قەرەزاۋى، جەزىرە توك مۇنبەرلىرى

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 46   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 Yawuz تەكلىپ:
qutluq ئەپەندى نورۇز بايرىمىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى ۋىكىپېدىيە ۋە تارىخ مۇنبەرلىرىدىكى تېمىنىڭ ئادرېسىنى قالدۇرسىڭىز.
گەرچە ماقالىدە نورۇز بايرىمى مەجۇسى پارىسلارنىڭ بايرىمى دىيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقىنىغا مىڭ يىللارچە بولدى، بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە مەھمۇد كاشىغەرى ھەزرەتلىرىنىڭ باغداتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەر يىل ئۆزى مۇدەررىسلىك قىلىۋاتقان مەدرىستە نورۇز ئۆتكۈزىدىغانلىقى ۋە ھەر جايلاردىن كەلگەن ئالىم ئۆلىما ۋە تالىپلارنىڭ ئۆزى نورۇزغا ئاتاپ يازغان شېئىر قەسىدىلەرنى ئوقۇيدىغانلىقى ۋە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەدرىسە يېنىدىكى بۇلاققا تاشلاپ ئېقىتىدىغانلىقى ۋە مۇشۇنىڭ تەسىرىدە بۇ بۇلاقنىڭ «نورۇز بۇلاق »دەپ ئاتالغانلىقىنى قەيت قىلىش مۈمكىن.
گەرچە ماقالىدا كۆرسىتىلگىنىدەك بۇ ئەسلى مەجۇسىيلارنىڭ بايرىمى بولۇش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ لېكىن مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر بۇنى بىر دىنىي بايرام سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايرىمى ۋە تەبىئەت بايرىمى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىق سەۋەپلىك بۇنى بىدئەت قاتارىغا چىقىرىپ ئۆتكۈزمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئاساسىي يوق دەپ قارايمەن.
2009/3/8 12:30
2 rawajlan بىزنىڭ ئۆتكىزىۋاتقىنىمىز تەبىئەت بايرىمى تسىنى ئالغان. يەنى قىش كېتىپ باھار باشلىنىدىغان كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. جۇغراپىيە ئىلمىدۇمۇ 3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 23- كۈنىگىچە بولغان مەزگىل (كۈندۈز ئۈزارغان)نى شىمالىي يېرىم شارنىڭ يازلىق يېرىم يىلى دەپ قارايدۇ. 2009/3/8 12:52
3 Awral   نورۇز _ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قۇتلۇق ، ئەڭ چوڭ ، ئەڭ زور تەن تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزىدىغان قەدىمى يىڭى يىل بايرىمى . شەمسىيە كالىندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ يىڭى يىل كىرگەن كۈنى ، مىلادى كالىندارى بويىچە ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ .
   نورۇز ئۇيغۇرچە « يىڭى كۈن » دىگەن سۆز . تارىختا پارىسلار بىلەن بولغان دىنى ، ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشى بىلەن كىلىپ چىققان «پارىس تىلى قىزغىنلىقى » ئارقىسىدا تىلىمىزدىكى  «يىڭى كۈن » دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا  پارىسچە «نەۋرۇز » سۆزى قوللىنىلىدىغان بولغان . «نەۋرۇز » ئىستىمال جەريانىدا  تەدرىجى تاۋۇش  ئۆزگۈرىشى يۈز بىرىپ  «نورۇز »شەكلىگە كەلگەن .
      يىڭى يىل ئۆتكۈزۈش ئادىتى بىر خىل مەدىينىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك ئومۇملۇققا ئىگە بىر ئادەت .
     ئەجدادلىرىمىز ئۇرۇق ، قەبىلىلەر بويىچە ئۇزۇن بىر مۇددەت ئوۋچىلىق ، كۆچمەنچىلىك ، قوشۇمچە ھالدا قىسمەن دىھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان . بۇ جۇغراپىيىلىك شارائىتى مۇرەككەپ ، قىشلىقى قارمۇز دۇنياسىغا ئايلىنىدىغان رايۇنلاردا ياشىغاچقا ، ئەجدادلىرىمىز ئۈچۈن ئىيتقاندا ، كۆڭۈلسىز جۇت- زىمىستان قىشتىن ئۆتۈپ ، كۆڭۈللۈك  باھار پەسلىگە ئۇلىشىش ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى . ئۇلار تەكرار ئەمىليەتىدە 3- ئاينىڭ 22- كۈنىنى كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلىشىپ يىل - پەسلىدە ، جۈملىدىن  پۈتۈن كائىناتتىكى شەيئىلەردە يىڭى باشلىنىش بولغانلىقىنى بايقىغان . دىمەك باھار پەسلىگە ئۇلۇشۇپ جىنى ياشارغان ئەجدادلىرىمىز  قايتىدىن ئوۋغا چىقىش ، ، مال - ۋارانلىرىنى يايلاققا كۆچۈرۈش ، تىرىلغۇ قىلىش ئالدىدا ھەممە ئىش - ئوقىتىگە ئوڭۇشلۇق ، بەرىكەت ، تۇرمۇشىغا باياشاتلىق تىلەپ  ھەرخىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ ھاياتى بەخىش باھارنىڭ باشلانغان كۈنىنى  تەنتەنە قىلىپ ئادەتلەنگەن . مۇناسىۋەتلىك تارىخى خاتىرلەر ۋە خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەرمۇ « نەۋرۇز  » نىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى مىللى بايرىمىمىز ئىكەنلىكىنى  ئىسپاتلايدۇ .
    تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن تارىخشۇناس خۇيلىننىڭ  « مۇزىكا تەپسىرى » دىگەن ئەسىرىدە  « نۇرۇز بايرىمى » توغرۇسىدا توختۇلۇپ ، بايرام ۋاقتىدا « ئارغىماق ئۇسۇلى » «سالما تاشلاش ئۇسۇلى » ،«سۇ - مۇز ئۇسۇلى » قاتارلىق  نىقاپلىق ئويۇنلارنى ئوينىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ .  بۇددا ئالىمى قەشقەرلىق ئۇيلاننىڭ ( 762- 820 ) « نوم سۆزلىكلىرىنىڭ شەرھى » دىگەن ئەسىرىدە  « سۇ - مۇز » غەربى يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ سۆزى دەپ شەرھىلىگەن . شاڭدا ئەپەندىنىڭ « تاڭ دەۋرىدىكى غەربى دىيار ۋە چاڭئەن مەدىنىيىتى » دىگەن ئەسىرىدە  « نورۇز » پائالىيىتى ئۈستىدە توختۇلۇپ « سۇ - مۇز » ئەسلى « غۇر تىلى» دەپ قەيت قىلغان .  بۇ ئىككى ئەسەردە تىلغا ئىلىنغان « يەرلىك تىل » ۋە » «غۇر تىلى » ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ .

                      
                   نۇرۇز قوشاقلىرى
نۇرۇز كەلدى جاھانغا ، باھار بولۇر كۈدۇر بۈگۈن ،
دەرەخلەرگە سۇ يۈگرۈپ، بىخ ئۇرار كۈندۇر بۈگۈن .
دىھقانلار قوش ھەيدەپ ، ئۇرۇق سالۇر كۈندۇر بۈگۈن ،
ئىش بىشى سائەت كۈنى ، ئامبار تولۇر كۈندۇر بۈگۈن .
كەلدى نۇرۇز يىل باشى ، كەتتى كۆڭۈل چىركىنى ،
نۇرۇز دىبان كىلۇرلەر خاتۇنلارنىڭ تۈرگىنى .
گۈللەر قىسىپ قىز - ئوغۇل ، ئەگرى قويار بۇ كۈنى ،
مىلىس قىلىپ ئوينىشار ، قاچۇر كۆڭۈل مۇلكىنى .
شاتىۋاندا تون كىيىپ ، جۇۋا - تۇماقنى تاشلىدۇق ،
كۆكۈلچىلىكتە ئولتۇرۇپ ، نەغمە - ناۋا باشلىدۇق .
بەيگە- ئوغلاق ئالىپ مەشرەپ قىلۇر كۈندۇر بۇگۈن ،
قايغۇ- ھەسرەتلەر كىتىپ يايرار شۇر كۈندۇر بۇگۈن .
كەلدى نۇرۇز يىل باشى، ئەلدە تاماشا ئارىلاش ،
بولدىلەر راھەت جاھان ، يوق بولدى جاپا ئارىلاش .
كوچىدا قىلدى گاداي ، شاھلار تاماشا ئارىلاش ،
بارچە خوشلۇق يىتىپ كەلدى تاماش كۆپ بۈگۈن .

نۇرۇز كەلدى يىل باشى ، يوقتۇر ئانىڭ تەڭدىشى ،
نۇرۇز كۈندە ئىپتىدا قىلسا ئىشى .
ھىچ زايا كەتمەس ، ئۇشبۇ كۈن قىلغان ئىشى ،
مۇرادى ھاسىل بولۇر مەقسىتىگە يىتەر كىشى ،
ھەممە ئىشنىڭ ئەۋزىلى ، غايەت مۇبارەكتۇر بۈگۈن .
كەلدى نۇرۇز يىت سىلىڭ ، سويغان قوينىڭ يىغىدا ،
مىھمانلارنى چاقىرىڭ ، ئولتۇرغۇزۇڭ ئايۋاندا .
نازۇ - نىممەتلەر تولدۇرۇڭ ، مىھمانلارنىڭ ئالدىغا ،
ئاشلىرىڭ ئوبدان بولۇر ، ئىش ئىپتىدا كۈندۇر بۈگۈن .
كەلدى نۇرۇز يىل باشى ، كۆپ سائادەتتۇر بۈگۈن .
نۇرۇز قىلماق كۆپكە ئادەتتۇر بۈگۈن ،
تەجرىبە قىلساڭ ئەگەر ، كۆپ ئالامەتتۇر بۈگۈن .
ئۆيدىن - ئۆيگە ھىيتلىشىپ مىھمان بولۇر كۈندۇر بۈگۈن .

كىگىزلەرنى قىقىش تۇرۇپ ، ئۆيلەرنى قىلغىن يۇرۇق ،
بۇلۇڭلاردا قالمىسۇن پايتىما - ئەسكى چورۇق .
بولسۇن مۇھىت پاكىز ، ئەخلەت - چاۋادىن ئەسىر يوق ،
كەلسە مىھمانلار كۆرۈپ ، كۆڭۈللىرى بولسۇن ئوچۇق ،
بەھۇزۇر كەيىپ سۈرۈپ ، يايرىسۇن مىھمان بۇ كۈن .

نۇرۇز كەلدى جاھانغا ئوۋقىلغىلى چىقارمىز ،
قايغۇ باسقان كۆڭۈللەرنى تاغدا يۈرۈپ ئاچۇرمىز .
جىرغىلاردا ئاڭ ئاتىپ بۇغا كىيىك ئاشارمىز ،
تىرىسىنى تاسما قىلىپ ، مۈڭگۈزىنى ساتارمىز ،
قول پۇتىنىڭ پاچىقى قامچىغا دەستە بۈگۈن .

« نۇرۇز بايرىمى »  ئۇزۇن تارىخ ، چوڭقۇر ئىجدىمائى تەسىر ۋە كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغاچقا ، ئىسلام دىنى ئومۇملاشقاندىن كىيىنمۇ  داۋاملىشىپ كەلگەن .
2009/3/8 18:17
4 qutluq گەرچە ماقالىدا كۆرسىتىلگىنىدەك بۇ ئەسلى مەجۇسىيلارنىڭ بايرىمى بولۇش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ لېكىن مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر بۇنى بىر دىنىي بايرام سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايرىمى ۋە تەبىئەت بايرىمى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىق سەۋەپلىك بۇنى بىدئەت قاتارىغا چىقىرىپ ئۆتكۈزمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئاساسىي يوق دەپ قارايمەن.
=========
سالام، ياۋۇز ئەپەندى.
يازمىدا نەۋرۇزغا قارىتا ئىككى خىل تاللاشنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن. دېمەك، ھەركىمنىڭ شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا تاللاش ئىختىيارلىقى بار. شۇڭا، يازمىڭىز ئارتۇقچە، دەپ قارايمەن.

ئېنىق بوپكەتكەيكى، مەن نەۋرۇزنى شەرىئەتكە خىلاپ ھەرىكەت بولمىسىلا  ئۇنىڭغا قاتنىشىش نورمال، دېگەن قاراشتا. بۇ، ھەرگىزمۇ بۇنىڭ مەنبەسىنى دېمەسلىكىمگە سەۋەبچى بولالمايدۇ. مۇسۇلمان دېگەن: قىلىۋاتقان، قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشىنىڭ توغرا - خاتالىقىنى شەرىئەت ئۆلچىمىگە سېلىشى شەرت. شۇڭا، باشقىلارنىڭ ئاچچىقى كېلىشى بىلەن كارىم يوق ھالدا دەيدىغىنىمنى دەۋېرىمەن. تاكى ھەممە مۇنبەر ماڭا ئىشكىنى تاقىۋالغۇچە.

سىز دېگەن ئادرېسنى ئۆچۈرۈۋېتىپتىكەنمەن. ئىزدەپ يېزىپ قوياي.
2009/3/9 00:47
5 Yawuz

  نەقىل:
引用第4楼qutluq于2009-03-09 00:47发表的  :

سالام، ياۋۇز ئەپەندى.
يازمىدا نەۋرۇزغا قارىتا ئىككى خىل تاللاشنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن. دېمەك، ھەركىمنىڭ شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا تاللاش ئىختىيارلىقى بار. شۇڭا، يازمىڭىز ئارتۇقچە، دەپ قارايمەن.

ئېنىق بوپكەتكەيكى، مەن نەۋرۇزنى شەرىئەتكە خىلاپ ھەرىكەت بولمىسىلا  ئۇنىڭغا قاتنىشىش نورمال، دېگەن قاراشتا. بۇ، ھەرگىزمۇ بۇنىڭ مەنبەسىنى دېمەسلىكىمگە سەۋەبچى بولالمايدۇ. مۇسۇلمان دېگەن: قىلىۋاتقان، قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشىنىڭ توغرا - خاتالىقىنى شەرىئەت ئۆلچىمىگە سېلىشى شەرت. شۇڭا، باشقىلارنىڭ ئاچچىقى كېلىشى بىلەن كارىم يوق ھالدا دەيدىغىنىمنى دەۋېرىمەن. تاكى ھەممە مۇنبەر ماڭا ئىشكىنى تاقىۋالغۇچە.

.......

سالام قۇتلۇق ئەپەندى:
ئىنكاسىم بەلكىم ئارتۇقچە بولۇپ قالغاندۇ، لېكىن مەنمۇ بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش ئۆتكۈزمەسلىك ھەققىدە گەپ قىلمىدىم، پەقەت ئەجداتلىرىمىزنىڭ مىڭ يىللار ماباينىدە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم، ھەم مېنىڭمۇ ھىچكىمنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاش ياكى ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش ھوقۇقۇم يوق، لېكىن سىزنىڭ ئاۋۇ «باشقىلارنىڭ ئاچچىقى كېلىشى بىلەن كارىم يوق ھالدا دەيدىغىنىمنى دەۋېرىمەن. تاكى ھەممە مۇنبەر ماڭا ئىشكىنى تاقىۋالغۇچە» دىگەن گېپىڭىز ئورخۇنغا ئارتۇقچە، بىز ھازىرغىچە ھىچكىمگە ئىشىكنى تاقىۋالمىدۇق، ھەممە ئىلمىي كەيپىيات بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدىغان ھەرقانداق ئادەمگە ئورخۇننىڭ ئىشىكى ھەر ۋاقىت ئوچۇق.
2009/3/9 01:21
6 qutluq «باشقىلارنىڭ ئاچچىقى كېلىشى بىلەن كارىم يوق ھالدا دەيدىغىنىمنى دەۋېرىمەن. تاكى ھەممە مۇنبەر ماڭا ئىشكىنى تاقىۋالغۇچە»
=========
شۇنداق، بۇ گەپ ئورخۇنغا ئارتۇقچە. دېيىش توغرا كەپقالغاچقا دەپ سالدىم.
2009/3/9 01:27
7 gazibag كىچك چاغلىرىمدا  ، بىزنىڭ  يۇرتتا  باش باھار كىلىشى بىلەن مەسچىتنى ئاساس قىلىپ  ھەربىر مەھەلىدە پائالىيەتلەر ئۆتكۇزۇلدىغان بۇلۇپ، يەرلىك چوڭلار  بۇنى '' تەلەپ نەزىر''  ''  سارا '' دىيىشىىدىغان .ئۇرۇق - تۇققان دوس -بۇرادەرلەر   ئۈز -ئارا چىللىشىپ مېھمان بۇلۇشۇپ بىر- بىرىگە ياخشى ئارزۈ تىلەكلىرنى بىلدۆرۈشىدىغان . ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ مەسچىتلەرگە سۇنىدىغان جامائەت بولسا دۇئا - تەگبىر ئوقۇپ شۇ يىلنىڭ بەركەتلىىك مول -ھوسۇللۈق  بۇلۇشىنى تىنىچ  ،ئىناق -ئىتىپاق ئۇتىشىنى ئۈمۈت قىلىدىغان پائالىيەتلەر بار ئىدى   بۇنى دىنى تۈس ئالغان باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش دەپ چۇشەنسەك بۇلامدۇ؟ ئۇستازلار تەلىم بەرگەن  بولسا !؟ 2009/3/9 21:54
8 uyghuryax نورۇز كۈنى تۈن بىلەن كۈن تەڭلىشىدىكەن ھەم كۆكلەم باشلىنىدىكەن شۇڭا بۇ كۈننى ئاتا بوۋۇمىز دىنغا چوقۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باھارنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن پائالىيەت ئىلىپ كەلگەنئىكەن ......
نورۇز بايرىمىنى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى خەلىقلىرنىڭ باھار بايرىمى دىسەك توغرا بولىدۇ دەپ قارايمەن
2009/3/10 20:36
9 uyghuryax كىچىك چاغلىرىمدا يۇرىتتا نورۇز كۈنى ھەرخىل ئەنئەنىۋى  ئوغلاق تارتىش، چىلىشىش دىگەندەك بائالىيەتلەرنى ئىلىپ باراتتى ............ھازىر يوق بوپ كەتتىغۇتاڭ........ 2009/3/10 20:40
10 pis-pas نېۋرۇز ھازىر پەقەتلا  تەبىئەت بايرىمى بولۇپ قالدى، مەيلى ئۇ قايسى يەردىن تارالغان بولسۇن، بۇن دۇنيادىكى20 نەچچە مەملىكەت خەلقى ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتىدۇ.
http://payvand.com/1388/

2009/3/11 11:13
 جەمئىي باھا 46  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/5  |<  <<   1 2 3 4 5   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009