|
ماقالە مەزمۇنى |
قەدىمكى ئۇيغۇر باش كىيىمى – قالپ... |
يوللىغۇچى tarhan كۆرۈش 2297 يوللانغان ۋاقتى 2009/2/25 18:40 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
مۇختار قادىر ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ كىيىم – كىچەك سەنئىتى شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . تارىخ چاقى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئۇيغۇر كىيىم – كىچەكلىرى ئىچىدىكى باش كىيىمنىڭ تۈرلىرىمۇ تىنىمسىز دولقۇن ئىچىدە يېڭىدىن – يېڭى شەكىللەرگە ئىگە بولۇۋاتقان بولسىمۇ ، يەنىلا ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق تارىخىمىزدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەنئەنىۋى باش كىيىملىرى ھېلىمۇ تۇرمۇشىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈپ كەلمەكتە . قالپاق ئەنە شۇلارنىڭ بىرى . 1979 – يىلى لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالىدىن قېزىۋىلىنغان جەسەتنىڭ بېشىغا بىر نەچچە تال پەي قىستۇرۇلغان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولۇپ ، بۇنىڭدىن 4000 يىللار ئىلگىرىكى باش كىيىمى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان . چەرچەندىكى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ كانايسىمان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن ، ھەر بىر قالپاققا يەتتە ياكى توققۇز تالدىن قۇش پېيى قادالغان ، ئىلىدىن تېپىلغان مىس لەشكەر قونچاقنىڭ قالپىقى ئۇچلۇق بولۇپلا قالماستىن ئىككى ھەسسە ئېگىز ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرىكى بويۇملار ، كۇچا قىزىل مىڭ ئۆيىدىكى تام رەسىملىرىدە بېشىغا تاجىسىمان گۈللۈك قالپاقلارنى كىيىپ ، ھەر خىل چالغۇلارنى چېلىۋاتقان سازەندىلەر تەسۋىرلەنگەن . تۇرپاندىكى بېزەكلىك مىڭ ئۆيىدىمۇ بېشىغا كەينى ئېگىز ، ئالدى پەس ، ئۇچى ئۇچلۇق باش كىيىمى كىيگەن قوچۇ خانىنىڭ رەسىمى بار . ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا : «ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا ، تۈرك قاغانى ئۇنىڭغا قارىشى 4000 ئادەم ئەۋەتكەن ، ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن ...»دېگەن مەلۇماتنى قالدۇرغان . بۇ پاكىتلاردىن قالپاقنىڭ قەدىمكى باش كىيىم بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى سەنئەتچىلەر ، ئەسكەرلەر ۋە پادىشاھ – ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئارزۇلىنىدىغان سەلتەنەتلىك كىيىم ئىكەنلىكىنى كۆرۋالالايمىز . ھازىرقى زامان قالپاقلىرى قەدىمكى زامان قالپاقلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ . ئەمما زور تۈركۈمدىكى قالپاقسىمان باش كىيىملەر (تەلپەك ، ئاق تۇماق ، كۆرپە تۇماق ، سەرپۇش تۇماق قاتارلىقلار) خەلقىمىز تەرىپىدىن ھېلھەم ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، قالپاقتىن ئىبارەت بۇ باش كىيىم ئانا دىيارىمىزدا يېڭلانماي ، چەت ئەللەردە ئۆزگەرتىپ ئىشلىنىپ نازايىتى تېزلا يەنە بىزنىڭ بازارلىرىمىزغا كىردى . بۇ يېڭى قالپاقلارنىڭ پاسۇنى ئۆزگىچە بولۇپ ، كۆركەم ، نەپىس ، كىيىشكە ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئىستىمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى » 1993– يىلى 10–ئاينىڭ 14- كۈنى |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 30 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | Yaglakarhan | خا-خا! كۇلكىلىك دە كۇلكىلىك! قالپاق قانداقسىگە ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى بولۇپ قالىدۇ؟ ئۇنداقتا قىرغىزلار ۇيغۇرلاردىن قالپاقنى كىرگۈزۈپ، ئاندىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قىرغىزلارنىڭ ھەممىسى قالپاق كىيىپ، ئۇيغۇرلار كەيمەي قالغانمۇ؟ |
2009/2/25 21:13 | |||
2 | Yawuz | Yaglarkahan ئەپەندى ئۇنداق ئىنكارچىلىق قىلماڭ، بۇنداق ئىنكاس يېزىشتىن نومۇس قىلىڭ، بۇ يەردە ھىچكىم قىرغىز قالپىقىنىڭ گېپىنى قىلغىنى يوق، ياكى قۇرئان كەرىمدە قالپاقنى پەقەت قىرغىزلا كىيىشى كېرەك دەپ پۈتۈپ قويۇپتىكەنمۇ، بىلسىڭىز شىلەپىمۇ قالپاقنىڭ بىر تۈرى، يە دۇنيادىكى ھەممە قالپاق قىرغىزلارنىڭكىدەك بولۇشى كېرەكمۇ، نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەمكەنسىز، ئادەم دىگەندە نومۇس تۇيغۇسى بولمىسا ئىشەكتىن پەرقى بولمايدۇ. | 2009/2/25 21:57 | |||
3 | otlan | مەن ئەخلىمنى بىلسەم مىنىڭ چوڭ بوۋام خامان تەپكەندە، ھارۋا ھەيدىگەندە قالپاق كىيدىكەن.....قالپاقنىڭ ، ئىسسىق ئۈتۈشنىڭ ئالدىنىنى ئېلىشتا ياخشى باش كىيمى ئىكەنلىگىنى سۆزلەيدىغان..... شۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ كۇچار دىيارىدا كۆپۈنچە دىققانلىرىمىز قالپاق كىيەتتى.... قىرغىز قېرىنداشلىرىم بۇ ئىنكاسىمنى كۈرۈپ كۇچالىقلارنى قىرغىز دىمەيدىغانسىلەر ھە.....؟؟؟؟؟ قالپاق بولسا كىسىپ ئېيتىش كېرەككى ئويغۇرلارنىڭ باش كىيمى.... |
2009/2/25 22:15 | |||
4 | barhan | otlan ئەپەندى، بەك بالدۇرلا كېسپ ئېيتىۋەتتىڭىزمۇ قانداق ؟ قىرغىزلارمۇ تاكى ھازىرغىچە قالپاق كېيىپ كەلگەن، ئۇلار قالپاقنى بەكلا قەدىرلەيدۇ. ئۇلار ئۆز قالپىقىنى تا ھازىرغىچە ساقلاپ. مىللى ئۆرپە - ئادەت سورۇنلىرىدا بۇ ئەن- ئەنىۋى كېيىمى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. قىرغىزلارنى قالپاقنىڭ ھەغداسى دېگىنىگىمىز پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلىرىگە ۋاكالىتەن ھەغدالىق. ئىسكەندەرنى ھەيرەتتە قالدۇرغان لاچىن قانىتىغا ئوخشايدىغان قالپاق دەل <<ئىنان خۇزخۇرەند>>لەرنىڭ قالپىقى. دىمەك قالپاقنىڭ بۇ جەھەتتىكى يىلتىزى بىر. |
2009/2/25 22:35 | |||
5 | Awral | Yaglakarhanنىڭ ئىنكاسى يەتتە ياشلىق بالىنىڭكىدەكلام ئوماق چىقىپتا خا..خا،،خا قالپاقنى نۇرغۇن مىللەتلەر كىيىدۇ . سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە قالپاق كىيگەننىڭ ھەممىسى قىرغىز ئوخشىمامدا ؟ | 2009/2/25 23:07 | |||
6 | Yaglakarhan |
ھۆرمەتلىك مۇنبەر باشلىقى ئەپەندىم! مېنىڭچە، سىز ئۇنداق ئەيىبلەپ كەتكىدەك، چېچىلىپ كەتكىدەك گەپ قىلمىدىم، سىز دىگەندەك نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان گەپ قىلمىدىم. لوپنۇرلۇقلار ھەققىدىكى مۇلاھىزىدىمۇ مۇشۇ ھەققىدە گەپلەر بولغان، سىز تەپسىلىي ئوقۇپ چىقسىڭىز كېرەك. مىنىڭچە مىنىڭ يۇقۇرىقى ئىنكاسىم ئشەكنى تىلغا ئىلىپ رەددىيە بېرىدىغان گەپلەر ئەمەس. مۇنبەر باشلىقى ئەپەندى، بۇ ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت مەۋھۇم ھەم ھەقىقىي دۇنيادا سىزدەك يىتەكچىنىڭ ھەر بىر گېپى بىزدەك ئەزالارنىڭ دىققىتىنى كۆپرەك بۇرايدۇ. |
2009/2/25 23:13 | |||
7 | Moiunqur | ھاي-ھاي Yawuz ئەپەندى، «نومۇس» نى تەكىتلەپ، ئارقىدىن «ئىشەك»نى تىلىڭىزغا ھەمرا تىللاش قورالى قىلغىنىڭىز نىمىسى؟ بۇيەرگە ئاچچىق بىلەن تىللاشقىلى كەلمىدۇق، بىلمىگەنلەر سۈكۈت قىلساق، بىلگەنلەر ئىلىمىي ھالدا مۇنازىرە قىلساق، چۈشىنىشمەسلىكلەرنى ئىلىمىي ھاسىلات بىلەن ھەل قىلساق دەيمىز. خوش، ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك ،1. يۇقارقى ماقالە بەكمۇ يۈزەكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.بۇ دىگىنىمىز :«1979 – يىلى لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالىدىن قېزىۋىلىنغان جەسەتنىڭ بېشىغا بىر نەچچە تال پەي قىستۇرۇلغان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولۇپ ، بۇنىڭدىن 4000 يىللار ئىلگىرىكى باش كىيىمى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان . چەرچەندىكى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ كانايسىمان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن ، ھەر بىر قالپاققا يەتتە ياكى توققۇز تالدىن قۇش پېيى قادالغان ، ئىلىدىن تېپىلغان مىس لەشكەر قونچاقنىڭ قالپىقى ئۇچلۇق بولۇپلا قالماستىن ئىككى ھەسسە ئېگىز ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرىكى بويۇملار ...»دىيىلسىلا كۇپايە قىلمايدۇ .ئۇ قانداق ئىسىم ياكى نومۇر قويۇلغان،يا نىمە دەپ نام بىرىلگەن جەسەت؟قايسى ئالىم «قەدىمكى ئۇيغۇر باش كىيىمى»دەپ ھۆكۈم چىقارغان؟دەلىل كېرەك.بولمىسا ھەركىم ھېسسىي ھۆكۈملىرىنى «چىن پۈتۈۋەرگەندىن» تارىخ دەلىللىنمەيدۇ، بۇ ھەممىگە ئايان. 2.ماقالىدە دىيىلگەندەك« جەسەتنىڭ بېشىغا بىر نەچچە تال پەي قىستۇرۇلغان كېگىز قالپاق،جەسەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ كانايسىمان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن ، ھەر بىر قالپاققا يەتتە ياكى توققۇز تالدىن قۇش پېيى قادالغان »،لېكىن ئۇنى قايسى ئارخولوگ ئۇيغۇرنىڭكى دەپ ئىسپاتلىغان؟ شۇنداق بولىشى مومكىن دىگەن تەقدىردىمۇ، قىرغىز قالپىقى «كىگىز» لىكىدىن باشقا،يۇقارقى قالپاقتىن بىر نەچچە ياسىلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ. دىمەك ، ئۇ ئارىئانلارنىڭمۇ ياكى باشقىنىڭمۇ تەتقىق ئاساسىدا دەلىللەپ ھۆكۈم چقىرىشقا توغرا كىلىدۇ. 3.قىرغىز قالپىقى ئۇزۇن تارىخى، ھەر قانداق قالپاقلادىن پەرقلىنىدىغان ئىنچىكە ياسىسىلىش ئالاھىدىلىكى نىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولالايدۇ.بۇ ھەقىقەت.شۇڭا«otlan ئەپەندى: مەن ئەخلىمنى بىلسەم مىنىڭ چوڭ بوۋام خامان تەپكەندە، ھارۋا ھەيدىگەندە قالپاق كىيدىكەن»دىگەندەك، مەيلى قانداق قىلغاندا كەيسۇن، قالپاقنىڭ ياسىلىش ئالاھىدىلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، ئاندىن ماۋۇ قىرغىز قالپىقى ئىكەن دىسەك،«قىرغىز قېرىنداشلىرىم بۇ ئىنكاسىمنى كۈرۈپ كۇچالىقلارنى قىرغىز دىمەيدىغانسىلەر ھە.....؟؟؟؟؟ قالپاق بولسا كىسىپ ئېيتىش كېرەككى ئويغۇرلارنىڭ باش كىيمى....»بولمايدۇ.«قالپاق»كۆپ غۇ ؟يەنە كىلىپ بىر كىم دۇنيادىكى ھەممە قالپاق قىرغىز نىڭ دىمىدى.ياسىلىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ھۆكۈم چىقىرىش لازىم.كىسىپ ئىيتالايمەنكى،كۇچالىقلارنىڭ قالپىقى قىرغىز قالپىقىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. قېرىنداشلار !قارىغاندا ئاق كىگىز، تۆت تالالىق قىرغىز قالپىقىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ...(ماتىرىيالىغا، ياسىلىش ئالاھىدىلىكگە قاراپ)قالپىقى ،روس قالپىقى، ئىنگىلىز قالپىقى... دەپ بۆلۈش دەۋرى كەلگەن ئوخشايدۇ... |
2009/2/25 23:17 | |||
8 | otlan | ئەگەر قىرغىزلار قالپاقنى قىرغىزنىڭ باش كىيمى دىسە مىنىڭ باشقا پىكىرىم يوق.... بىراق قالپاق كەيگەننىڭ ھەممىسى قىرغىز بۇلىشى ناتايىن.... شۇڭا بۇ مەسىلىدە يەنىمۇ كەڭ دائىردىن تەپەككۈر قىلىشى كېرەك بولمىسا پۈتۈن ئويغۇرنىڭ ھەممىسى قىرغىز بۇلۇپ قالمامدۇ.....؟ | 2009/2/25 23:22 | |||
9 | Moiunqur | شۇ ئەمەسمۇ !دۇنيادا قالپاق كۆپ.قىرغىز قالپىقى روشەن مىللىي ياسىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، باشقىلارمۇ شۇنداق.ھېچكىم قالپاق كەيگەننىڭ ھەممىسى قىرغىز دىمىدى. ناۋادا قىرغىز قالپىقىنى كەيگەن باشقا مىللەت ئەزاسىنى كۆردۈم دىگەندىمۇ، دەماللىققا قىرغىز بولۇپ قالمايدۇ.«ئامىرىكا قالپىقىنى »بىزمۇ گاھىدا كىيىپ قويىمىز،لېكىن ئىنگىلىز بولۇپ قالمايمىز. |
2009/2/25 23:34 | |||
10 | Awral | ئۇيغۇر قالپىقى ئۈچ خىلغا بۆلىنىۇ : بىر خىلى ئاق ياكى قارە پاخلان يۇڭىدىن بىسىپ چىقىرىلىدۇ . بۇنىڭ شەكلى شىلەپەسىمان كىلىدۇ . ئىككىنچىسى _ پاقلان يۇڭىدىن مەخسۇس بىسىلغان كىگىزدىن تىكىلىدۇ . ئۇ تاشلىك ، تاشسىز ئەمما ئەستەرلىك كىلدۇ . شەكلى ئىككى خىل بولۇپ بىر خىلى سوزۇقراق ، ئالدى، كەينىدە چىكى بار ئىككى يىنى قانات شەكلىدە ئۈستىگە قايرىقلىق كىلىدۇ . ئۇ ئاچا قالپاق دىيىلىدۇ . يەنە بىر خىلى تۇماقسىمان بولۇپ ، ئايلانما << كۈنلۈك >> چىقىرىلىپ << كۈنلىكى >> ئۈستىگە قايرىقلىق كىلىدۇ . بۇ ئىككى خىل قالپاق ئىچىگە پاختا ئىلىپ شىرىپ تىكىلىدۇ . ئۈچۈنچىسى كۇلا : كۇلانىڭ شەكلى ئۇچلۇق بولۇپ ، ئاساسەن رەختىن تىكىلىدۇ . ئادەتتە تاشلىق بىلەن ئەستەر ئوتتۇرسىغا نىپىز كىگىز ياك پاختا ئىلىنىدۇ . ھەر - بىر مىللەتنىڭ باش كىيىمى تىكىلىشى ، شەكلى جەھتتە بىر - بىرسىدىن پەرەقلىق بولىدۇ . |
2009/2/25 23:44 | |||
جەمئىي باھا 30 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|