يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
تورداشلاردىن جىددى ياردەم سوراي...
يوللىغۇچى udun   كۆرۈش 530   يوللانغان ۋاقتى 2009/2/20 19:01  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
مەن قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا جىددى ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىم. تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىنى ئايىماي ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تېما دائىرىسى مۇنداق:
1)قۇمۇلدا ۋاڭلىق تۈزۈمى قاچان ، قايسى پادىشاھ تەرىپىدىن ئورنىتىلغان؟
2)ئەڭ دەسلەپكى قۇمۇل ۋاڭى كىم؟ بۇ ۋاڭنىڭ نەسەبى كىمگىە تۇتىشىدۇ؟بۇلار چاغاتاي ئەۋلاتلىرى بىلەن بىرمۇ؟
3)قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى، يۈرگۈزىدىغان ھوقۇقلىرى قانداق؟
4)قۇمۇل  ۋاڭلىرىنىڭ قانداق ئىمتىيازلىرى بولىدۇ؟
5)قۇمۇل ۋاڭلىرىنى يەنە نېمە ئۈچۈن « چىڭۋاڭ» دەپ ئاتىغان؟
6)قۇمۇل ۋاڭلىرىدىن جەمئى قانچە كىشى ئۆتكەن؟بۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ھازىرمۇ بارمۇ؟


........................
تورداشلىرىمنىڭ ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ھۆرمەت بىلەن :   ئۇدۇن
                                                                                    2009-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۈمە

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 10   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 TuranTekin تۈۋەندىكى ئادىرىسقا كىرىپ قاراپ بېقىڭ، بەلكىم سىزگە لازىملىقلىرى چىقىپ قالار.
/bbs/read.php?tid=2045&uid=1666
2009/2/20 21:42
2 TuranTekin بۇ مەنزىللەرنىمۇ كۈرۈپ بېقىڭ:
http://www.sazgu.com/new/BookShow.asp?ID=573
http://www.millitim.com/Mediniyet
http://www.izimiz.com/uyghur/YCMS_ShowArt.asp?id=67
http://bbs.bagdax.com/simple/index.php?t4485.html
http://altuntarim.com/list.asp?unid=341
2009/2/20 21:51
3 koxuk 2)ئەڭ دەسلەپكى قۇمۇل ۋاڭى كىم؟ بۇ ۋاڭنىڭ نەسەبى كىمگىە تۇتىشىدۇ؟بۇلار چاغاتاي ئەۋلاتلىرى بىلەن بىرمۇ؟
**************************************************************************************

«قومۇل تارىخى ماتىرىياللىرى» دىگەن كىتاپتا قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن ئىكەنلىكى توغىرسىدا بىر ماقالە كۆرگەندەك ئېسىمدە. ئۇنىڭدا بىر نەسەپنامىنى شاخلاتقان بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ تۇغلۇق تۆمۈرخانغا تاقىشىدىغانلىقى(تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغلى خىزىرخانغا تۇتىشامتى ،ئۇنتۇپ قاپتىمەن) ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانلىرى بىلەن تۇققان ئىكەنلىكىدەك مەزمۇنلارنى كۆرگەندەك قىلىۋىدىم. قولۇمدا ئۇ كىتاپ يوق(قانچىنچى قىسمى ئىدى ئېسمىدە قالماپتۇ)، بولسا ئەۋەتىپ قويار ئىدىم.
2009/2/21 00:48
4 udun /bbs/read.php?tid=2045&uid=1666
قوشۇق ئەپەندى « قۇمۇل تارىخ ماتىرىياللىرى» دىن ئېلىپ يوللىغان بۇ يازمىدا مۇنداق بايانلار بار ئىكەن:

16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىسلام دىنى قۇمۇلدا تېز راۋاجلانغان بولسىمۇ ، قۇمۇلدا يەنىلا يۈەن سۇلالىسى خان ئەۋلادلىرىدىن بولغان موڭغۇل ۋاڭلىرىنىڭ پۇشتىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغانىدى. 17-ئەسىرگە كەلگەندە مۇنداق ئەھۋال ئۆزگەردى. جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن بولغان ۋاڭلار ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى دەۋالغان بىر قىسىم خوجىلار تەرىپىدىن كونتىرول قىلىۋېلىندى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن بولغان ۋاڭلارنىڭ ئۇستازلىرى بولۇپ ، خېلى زور ئىمتىيازغا ۋە ناھايىتى كۆپ بايلىققا ئىگە بولىۋالغان. ئەمىليەتتە شۇ جايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ب خوجىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىدى. بۇ ۋاقىتتا قۇمۇلدىمۇ مۇھەممەتشاھ غازى ئىسىملىك بىر خوجا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئاتىسى يارى مۇھەممەت غازى ، بوۋىسى باقى غازى ، ئۇلۇغ بوۋىسى ھەسەن غازى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قۇمۇلدا ياشاپ كەلگەن بەگلەر ئىدى. مۇھەممەتشاھ غازى ئېھتىمال خوجا دىگەن نامدىن پايدىلىنىپ ، قۇمۇلدىكى موڭغۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئۇستازى بولىۋېلىپ، چوڭ ھوقۇقنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغان بولىشى مۇمكىن ( بۇ چاغدا قۇمۇل تۇرپان ھۆكۈمرانلىقىدىن يەكەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەنىدى).
كاڭشىنىڭ 17-يىلى (1678-يىلى) جۇڭغارلارنىڭ خانى  غالدان پۇرسەتتىن پايدىنلىپ ئەسكەر چىقىرىپ، يەكەن خانلىقىنى يوقىتىپ،  تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىنى بېسۋېلىپ، ئاق تاغلىقلارنىڭ باشلىقى ئاپپاق خوجىنى ئۆزىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. كېيىنىكى يىلى (1679-يىلى) ئۇ يەنە قۇمۇل ۋە تۇرپاننى بېسىۋالىدۇ. قومۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  شۇ ۋاقىتتىكى باشلىقى مۇھەممەدشاھ غازىنىڭ ئوغلى ئەبەيدۇللا تارخان بەگ ئىدى. ئۇ، قۇمۇلدىكى ئاق تاغلىقلار( ئاق تەقىيلىك ئۇيغۇرلار) نىڭ باشلىقى بولۇپ، جۇڭغارخان ئۇنىڭغىمۇ «تارخان» دېگەن نامنى بەرگەنىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ، جۇڭغارخاننىڭ قۇمۇلدىكى گۇماشتىسى بولۇپ قالىدۇ.
........................................................................
ئەبەيدۇللا تارخان بىرىنچى ۋاڭ ئىكەن، ئۇ چاغاتاي ئەۋلادىدىن ئەمەس ئىكەن.
2009/2/21 01:36
5 udun ئالتۇن تارىم تور بېتىدە « قۇمۇل ۋاڭلىرى» ھەققىدە مۇنداق يازمىنى كۆردۈم:
....... 1605-يىلى سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ 4-سۇلتانى مۇھەممەت خان ( خاقانى ئەزەم) خان نەسەبىدىن بولغان مۇھەممەت شاھبەگنى قۇمۇلغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلەيدۇ. .............. مۇھەممەت شاھبەگ جۇڭغارلار بىلەن بولغان بۇ ئۇرۇشتا نۇسرەت قازىنىپ، مۇھەممەت غازى تارخان بەگ ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تارخان بەگلىك ئورنى ئوغلى ئەبەيدۇللاغا قالىدۇ.
...............................................................................
بۇ مەلۇمات بويىچە بولغاندا قۇمۇل ۋاڭلىرى چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن بولغان بولىدۇ.
2009/2/21 02:47
6 udun كۆپ رەھمەت، تېز سۈرئەتتە ياردەم ئالالىغانلىقىم ئۈچۈن سىلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. 2009/2/21 03:19
7 oguzhakan ما يەردىمۇ ياخشى ماتىرياللار بار كۆرۈپ بېقىڭ .
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-60194.html
2009/2/21 12:50
8 tughtekin بۇ يەرگە قاراپ بېقىڭ:
www.altuntarim.com
http://altuntarim.com/list.asp?unid=1603
2009/2/21 16:15
9 qalatakkanok نىمە ئۆچۆن قۇمۇل <ۋاڭلىرى> دەپ يېزىلىدۇ قۇمۇل<خانلىقى>دەپ ئاتالمايدۇ 2009/3/5 23:26
10 barhan

  نەقىل:
引用第5楼udun于2009-02-21 02:47发表的  :
ئالتۇن تارىم تور بېتىدە « قۇمۇل ۋاڭلىرى» ھەققىدە مۇنداق يازمىنى كۆردۈم:
....... 1605-يىلى سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ 4-سۇلتانى مۇھەممەت خان ( خاقانى ئەزەم) خان نەسەبىدىن بولغان مۇھەممەت شاھبەگنى قۇمۇلغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلەيدۇ. .............. مۇھەممەت شاھبەگ جۇڭغارلار بىلەن بولغان بۇ ئۇرۇشتا نۇسرەت قازىنىپ...
...............................................................................
بۇ مەلۇمات بويىچە بولغاندا قۇمۇل ۋاڭلىرى چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن بولغان بولىدۇ.

  
  بايانىڭىزدا،  مۇھەممەت شاھبەگ چاغاتاي(موڭغۇل) ئەۋلادى تۇرۇپ جۇڭغار(موڭغۇل)لارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتەك قارمۇ - قارشىلىق باردەك قىلىدۇ. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئاسمىلاتسىيىلىشىپ كەتكەن، ئىسلام ۋە ئۇيغۇر روھىتى بىلەن تويۇنغان 17-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى شاھ ئەۋلادى، 13-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى چاغاتاي بىلەن ئىرسىيەت ۋە گىن ئۇدۇمىدا باراۋەرلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھەقتە ئايرىمچە ئىزاھات بېرىش زۆرۈرمۇ قانداق ؟
2009/3/6 00:14
 جەمئىي باھا 10  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/1  |<  <<   1   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009