يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
قىرغىزلارنىڭ مۇھىم تارىخ يىلنام...
يوللىغۇچى Moiunqur   كۆرۈش 4417   يوللانغان ۋاقتى 2009/2/18 14:35  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
ئەسكەرتىش :بۇ قىرغىز تارىخى مۇھىم يىلنامىلىرى داڭلىق تارىخچى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوتسېنتى،شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلغۇچى ئالىم،مەرھۇم ئەنۋەر بايتۇرنىڭ«قىرغىز تارىخىدىن ئومومىي ساۋات» ۋە بەلەك سولتونويەفنىڭ«قىزىل قىرغىز تارىخى»ناملىق دەلىللىنىپ،ئىتىراپ قىلىنغان كىتابلاردىن ئىلىندى.تارىخچىلارنىڭ نەزەرىگە سۇنىمىز.
1.ئەڭ قەدىمكى قىرغىز تارىخى مىلدىدىن ئىلگىرىكى 7مىڭ،10مىڭ يىللاردىكى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدىن باشلىنىدۇ.(يىڭى تاش قوراللار دەۋرى).
2.ھازىرىقى قىرغىز فىن،موغول،ھون،ئەڭ قەدىمىي قىرغىزدىن شەكىللەنگەن.
3.قىرغىز دىگەن مىللەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە:- «ئادەم ئەلەيھىسسالام »بايانى2.قىرغىزباي بايانى3.قىر-ئوغۇز بايانى4.قىر-ئۆگۈز(ئۆگۈز- قەدىمكى قىرغىز تىلىدا دەريا دىگەن مەنىدە)بايانى5.قىرىق قىز بايانى6.قىر كەز بايانى7.جىرجىس ئەلەيھىسسلام بايانى قاتارلىقلار بار.(مەن قىر -ئوغۇز بايانىنى توغرا دەپ قارايمەن).
4.قەدىمىىي خەنزۇ تارىخى كىتاپلىرىدا قەيت قىلىنغىنىغا ئاساسلانساق.  مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلى قىرغىز خانلىقى( بۈيۈك جەنكۈن مەملىكىتى)قۇرۇلغان.ئۇ چاغدا قىرغىزلار يىزا ئىگىلىك،مال چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.
5.شۇنىڭدىن كىيىن ھونلار قىرغىزلار نىڭ خانىنى ئۆلتۈرۈپ،قىرغىزلارنى مۇنقەرىز قىلغان.قىرغىز خانى ئۆلگەندىن كىيىن،ئۇنىڭ بالىسى لۇ ساۋمى(خەنزۇچە تەلەپپۇزى)قىرغىزلارغا خان بولغان.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 105-يىلى خەن سۇلالىسىدىن قىرغىز خانلىقىغا ئەلچى كەلدى.مەقسەت:قىرغىز بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ،ھونلارنى يوقىتىش ئىدى.لۇساۋمى خەن پادىشاھسىنىڭ قىزىنى ئالماقچى بولىدۇ.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 103-يىلى خەن پادىشاھى قىزىنى لۇ ساۋمىغا ياتلىق قىلغان.
6.لۇساۋمى ۋاپات بولغاندىن كىيىن يەنسەيدىكى قىرغىزلارغا ئۇنىڭ سانتسىزۇ (خەنزۇچە تەلەپپۇزى)ئىسىملىك نەۋرىسى ۋارىسلىق قىلىپ،خان بولغان.ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن، لۇساۋمىنىڭ يەنە بىر نەۋرىسى ئۇنغۇيمە خان بولدى.ئۇنغۇيمە باتۇر چىقىپ، ھونلارغا ھۇجۇم قىلىپ  تۇرار ئىدى.ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن، گۇۋ نان(خەنزۇچە تەلەپپۇزى)ناچار چىقىپ،خانلىقنى باشقۇرالماي،قىرغىزلار ئىككىگە بۆلىنىپ كىتىدۇ.
7.ھونلار بىلەن قىرغىزلار قاتتىق جەڭ قىلىپ، قىرغىزلار يېڭىلگەندىن كىيىن، بىر قىسمى تەڭرىتاغ(تىيانشان) تەرەپكە كېلىپ ، «چىگۇ(قىرغىز)»مەملىكىتىنى قۇرغان.پادىشاھى دارۇ بولغان.ئاقسۇنىڭ غەربىنى(ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى)خانلىق مەركىزى قىلىپ، 120 مىڭ تۈتۈن،630 مىڭ نوپۇس، 188 مىڭ لەشكىرى بار ئىدى.
8.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 71- يىلدىن باشلاپ، يەنسەيدىكى قىرغىزلار ھونلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان.ھونلار بېسىۋالغان باشاقا مىللەتلەرمۇ توپىلاڭ قوزغاپ، ھونلار ۋەيران بولغان.
9.يەنسەي تۇنجى قىرغىز مەملىكىتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 51-يىلى قۇرۇلغان.شۇ چاغدىكى تېرتورىيىسى شەرقىي بايقال كۆلى،غەربتە تەڭرىتاغلىرى، تالاس دەرياسىنىڭ ئەتراپى، شىمالدا يەنسەي دەرياسى، جەنۇبتا گوبى چۆلى(ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلىيىدە)ئىدى.
10.يەنساي تۇنجى مەملىكىتى دەۋرىدە قىرغىزلار ئۆز يىزىقىنى ئىجاد قىلدى.بۇ «رۇنىك يېزىقى»(ئورخۇن-يەنسەي يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئىدى.
بۇ يېزىق كىيىن قىرغىزدىن تۈرۈككە،قارلۇققا،ئۇيغۇرغا، باسمىلگە كېڭەيگەن.(شاۋاپىن<فرانسىيە>،فىللئۇد تومسەن<دانىيە>ئالىملىرى دەلىللىگەن).
11.يەنسەي قىرغىز مەملىكىتى مىلادى 4-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ھۆكۈم سۈردى.شامان دنىغا ئىتىقاد قىلدى.
12.مىلادى 5-،6-ئەسىرلەردە قىرغىزلار قاڭقى قەبىلە بىرلەشمىسىگە كىرىپ تۇرغان.(بۇ بىرلەشمىدىكى قەبىلىلەر بىر-بىرىگە بېقىىنماستىن، پەقەت ئۇرۇش
يىللىرىدىلا ئىتتىپاق تۈزگەن).
13.شۇ چاغلاردىلا يەنسەيدىمۇ، تەڭرىتاغدىمۇ قىرغىزلار ياشايتتى.
14.مىلادى 552-يىلى ئاشناستۈركلىرىنىڭ .ئاقساقىلى تۈمەن قاخان «تۈرك خانلىقىنى »تىكلىدى.مىلادى554،555-يىللىرى يەنسەيدىكى قىرغىزلار بۇ خانلىققا قاراشلىق بولدى.
15.مىلادى 582-يىلى تۈمەن قاخان بىلەن ئۇنىڭ ئۇكىسى ئستەمى قاخاننىڭ بالىلىرى تەخت تالىشىپ،ئۇرۇشۇپ،خانلىق ئىككىگە بۆلۈنگەن.يەنسەي قىرغىزلىرى «شەرقىي تۈرك خانلىقى»غا، تالاس، تىيانشان قىرغىزلىرى «غەربىي تۈرك خانلىقىغا»قاراشلىق بولدى.
16.مىلادى 618 -يىلى تاڭ پادىشاھى بىلەن تۈرك خانلىقى دوست بولدى.كىيىن تۈرك خانلىقى تاڭ پادىشاھلىقى چېگرىسىغا ھۇجۇم قىلدى.مىلادى 629-يىلى تاڭ پادىشاھى 100 مىڭ ئەسكەر بىلەن تۈرك خانلىقىغا ھۇجۇم قىلدى.مىلادى 630-يىلى تاڭ پادىشاھى شەرقىي تۈرك خانلىقنى ئۆزىگە قاراتتى.قىرغىزلار بۇ ئۇرۇشلارغا قاتناشمىدى.
  17.مىلادى 640- يىلى يەنسەي قىرغىزلىرى ھۇجۇم قوزغاپ،تۈرك خانلىقىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدى.
  18.مىلادى 643-يىلى قىرغىزلار چاڭئەن شەھەرىگە ئەلچى ئەۋەتتى.
    19.مىلادى 647-يىلى تاڭ سۇلالىسى لەشكەر چىقىرىپ،تەڭرىتاغ ئىتەكلىرىدە غەربىي تۈرك خانلىقى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى.يەنسەي قىرغىزلىرىنىڭ ئاقساقىلى ئىشبارا ئاجان بۇ چاغدا چاڭئەنگەكىلىپ، تاڭ تەيزوڭغا قارايدىغانلىقنى بىلدۈردى.تاڭ تەيزوڭ قىرغىز رايونىغا تۇتۇق بەك
مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، ئىشبارا ئاجاننى تۇتۇق قىلىپ ئەۋەتتى.
     20.مىلادى659 -يىلى تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈرك خانلىقنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ،ھەر جايغا دۇخۇ مەھكىمىسى تەسىس قىلدى.يەنسەي قىرغىزلىرى يان ران(ئۇلانباتور) دۇخۇ مەھكىمىسىگە، تەڭرىتاغ قىرغىزلىرى بېشبالىق(جىمسار) دۇخۇ مەھكىمىسىگە تەۋە بولدى.
      21.مىلادى684-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا ئايال پادىشاھ ۋۇ زىتىيەن پادىشاھ بولغاندان كىيىن تاڭ سۇلالىسى قاتتىق ھالسىزلاندى. بۇ چاغدا، كۆك تۈرك خانلىقى تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ھەمدە«كۆك تۈرك» خانلىقىنى تىكلىدى.بۇلار قىرغىزلارنىمۇ بېسىۋالدى.قىرغىزلار ئۇلارغا قارشى 47 قېتىم قاتتىق جەڭ قىلدى.مىلادى 708-يىلى قىرغىزلار تاڭ سۇلالىسىدىن لەشكەر ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى،تاڭ سۇلالىسىمۇ لەشكەر چىقىرىپ، ياردەم قىلدى.
        22.كۆك تۈرك خانى قىرغىزلاردىن قاتتىق ئۆچ ئىلىپ، مىلادى 709-،710-يىللىرى كۆك تۈرك خانزادىسى كۆلتەگىن يىرىم كىچىدە قىرغىز خانى ئىنال  قاخاننىڭ ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۆلتۈردى.يەنسەي قىرغىزلىرىنى قاتتىق تالان-تاراج قىلىپ،قايتتى.
       23.مىلادى718- يىلى تاڭ سۇلالىسى 300 مىڭ ئەسكەر چىقىرىپ، جەنۇپتىن كۆك تۈرككە ھۇجۇم قىلدى.يەنسەي قىرغىزلىرىنىڭ خانى ئىنال قاخاننىڭ ئورنىغا چىىققان قىرغىز خانى قۇتتۇ بىلگە قاخان تاڭ لەشكىرىدىن يېڭىلىپ قاچقان كۆلتەگىننى قوغلاپ بېرىپ،مەركىزىنى ئىگەللىدى،كۆك تۈرك خانى كۆلتەگىن تالاس، تەڭرىتاغ قىرغىزلىرى تەرەپكەقېچىپ بېرىپ،ئۇ يەرلەردىكى قىرغىزلارنى بېسىۋالدى.
          24. دەل شۇ چاغلاردا بىر قىسىم قىرغىزلار كۆلتەگىننى قوغلاپ كېلىپ، تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا تۇرۇپ قالغان.(بۇ قىرغىزلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم
تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىغا كېلىپ، ماكانلىشىشى).
            25.مىلادى 744-يىلى ئۇيغۇر، قارلىق، باسمىل قەبىلە بىرلەشمىلىرى بىرىكىپ، كۆك تۈرك خانلىقىنى يوقىتىپ، «ئورخون ئۇيغۇر خانلىقىنى»
تىكلىدى.قىرغىزلار مىلادى 758- يىلى بۇ خانلىققا تەۋە بولدى.
               26.بىر مەزگىل قىرغىزلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقتا بىللە تۇردى.مىلادى 766 -يىلىدىن باشلاپ، قىرغىزلار ئۇيغۇرلارغا قارشى مۇستەقىللىق
ئۇرۇشى ئىلىپ باردى،
                 27،مىلادى 836 -يىلى قىرغىزلار ئۇرۇش قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن ئارىلىپ چىقتى ،شۇنىڭ بىلەن يەنسەي 2- مەملىكىتى قۇرۇلدى.
            28.مىلادى 840 -يىلى يەنسەي قىرغىز خانى 100 مىڭ لەشكەر بىلەن، ئۇيغۇر خانىغا ھۇجۇم قىلىپ، تارمار قىلدى.
                                 (داۋامى بار)

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 74   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 mavlan سىزنىڭ بۇ بايانلىرىڭىزنى ئۇقۇپ شۇنداق تونوشقا كەلدىمكى «قىرغىزلار  »بىلەن تۈركلەرنى ئايرىپ بايان قىپسىز ،چەك چىگرا ئايرلغان ھالەتتە بايان قىپسىز ،«قىر -ئۇغۇز » نى شەرھىلىمەپسىز ،نىمە ئۈچۈن نىمە سەۋەپتىن شۇنداق ئاتالغىننى شەرھىلىمەپسىز ، ئۇلۇق ھۇن ئىمپىريىسى ، كۆك تۈرىك ئىمپىريىسى . ئاخىرىدا «قىرغىزلار »  تۇركى مىللەت ئەمەس دىگەنگە يەكۈنلەپسىز !!!!!!!!!!!!  يەنە «تۈرك رۇنىك يىزىقى» نى كەشىپ قىلغۇچىلارنىڭ داستانلارنى ئىغىزچە قالدۇرغىنىغا ھەيرانمەن .... بۇقانداق گەپ .
گەپلەرگە ئىشەنمىسەڭ ماۋۇ خەنزۇچە ماتىرياللارغا قارا .
柯尔克孜族是中亚地区的土著民族之一。属蒙古人种西伯利亚类型。
柯尔克孜族现有17.1万人。柯尔克族主要居住在新疆维吾尔自治区西南部的克孜勒苏柯尔克孜族自治州,其
余散居在新疆各地,少数人居住在黑龙江省富裕县,是200多年前迁去的
 柯尔克孜族绝大部分人信仰伊斯兰教。他们早在16世纪中叶就已经开始信奉伊斯兰教了。他们信仰伊斯兰教逊尼派的哈纳菲派。礼拜寺是教徒活动的主要场所。礼拜寺多数建在城市。教规五功:“念功”、“拜功”、“课功”、“斋功”、“朝功”。
柯尔克孜族很早就有自己的文字,据考古资料证明,七至十世纪,回鹘、黠戛斯使用的文字都是突厥文
16世纪下半期,有些穆斯林“沙亦黑”在柯尔克孜地区传播伊斯兰教,但与此同时,他们又称柯尔克孜人为“卡菲尔”,意即“不信教的人”。由此可推知,伊斯兰教在柯尔克孜人中得以广泛的传播,最早也在17世纪以后,或18世纪前半期。产生于这一时期的柯尔克孜民间史诗《玛纳斯》,把他们反抗准噶尔的战争描写成一种宗教战争,可为一佐证。
于18世纪中叶被清朝强迫迁去黑龙江富裕县的柯尔克孜人,由于居住环境的影响,则信奉当地的主要宗教——萨满教

         http://baike.baidu.com/view/4580.htm
مەنبە :http://mw.jl.gov.cn/jlmz/mzgk/t20051225_107532.htm
http://www.soouo.com/baike/2358.htm
。خەنزۇچە ماتىرياللاردا قىرغىزلار 16-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يىرىمىدىن كىيىن ئىسلام دىنىغا  ئىتقات قىلغان دىيىلگەن ،بىز يەنە ئىككى ئەسىرنى قۇشقان تەغدىردىمۇ 14-ئەسىر دىگەن گەپ ، «جۈسۈپ بالاساغۇنى » خيالى يەنە بىر قىتىم سۇغا چىلاشتى .......................
2009/2/19 12:01
2 abahan   رەخمەت Moiunqur ئەپەندى !
  چارچىمىغايسىز!
   مىللىتىمنىڭ تارىخىنى سىسز چىلىك بىلمىگىنىمگە نومۇس قىلىۋاتىمەن.   داۋامىغا تەشنامەن!
   ئۇز ئارا چۇشۇنۇش ئتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى. داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ، بولسا تاجىك . شىبە...... قاتارلىق مىللەتلەرنىڭكىنى يوللاپ قويسوڭلار....  
2009/2/19 16:33
3 kisek    ياخشى تېما ئىكەن، تېما يوللىغۇچى ئەپەندى كۆرسەتكەن قىرغىز نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى مەيلى «قىر- ئوغۇز» دىن كەلگەن كۆز قارىشى بولسۇن ، ياكى قىر- گەز( قىرىقگەز-- ئىگىزلىكتە ياشىغۇچى ، تاغلىق قەۋم مەنىسىدە) بولسۇن ئۇلار ئەڭ قەدىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ( خەنزۇ مەنبەلىرىدە 丁零 دەپ ئاتالغان ، قەدىمى خەنزۇچە ئوقۇلۇشى « تىيەنلىيەن» بولغان ، كۆپ قىسىم تارىخشۇناسلارنىڭ دەلىللىشىچە ئەمىلىيەتتىكى «تۈرك» نامىنىڭ بۇزۇلۇپ خەنزۇچە تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن كېلىپ چىققان نام) قەبىلىلىرىدىن ئىكەنلىگىگە قوشۇلغان. تارىخشۇناسلار قەدىمى ئۇيغۇر ۋە شۇنىڭدەك  قىرغىزلارنىڭ بۇرۇنقى تارىخنامىلەردە 丁零 دەپ ئاتىلىدىغان تاشقى قىياپىتىدە روشەن ئاق تەنلىك ئىرق ئالاھىدىلىگى بولغان قەۋمگە تەۋە ئىكەنلىگى دەلىللەنگەن. قىرغىزلار قەدىمى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئاساسى گەۋدىدىن شىمالدىراق ئىگىزلىكتە ياشىغان 丁零لار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا شىمالغا كەلتۈرۈلگەن خەنزۇ ئەسكەرلەرنىڭ قوشۇلىشىدىن سېرىق تەنلىك ئىرقىي ئالاھىدىلىگى روشەنلىشىشكە باشلىغان يېڭىراق بىر قەبىلە تۈركۈمى شەكىللىنىشكە باشلىغان( خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق سانغۇن لىلىڭ--李陵 ۋە ئەسكەرلىرى مانا  مۇشۇ قىرلارغا، قىرىقگەز ئىگىزلىكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىسالى  قاتارلىقلار). شۇڭا «قىر- ئوغۇز» نامى، ياكى تاغلىق قەۋمنى بىلدۈرىدىغان «قىرىقگەز»  نامى بولسۇن بۇ نامنىڭ ھەقىقىي كېلىپ چىقىشى  مۈمكىن.
    بۇنىڭغا دەلىل، موڭغۇللار قەدىمىي دەۋرلەردە قىرغىز قېرىنداشلىرىمىزنى «بۇلۇتلار، 布鲁特» دەپ ئاتىغان بولۇپ موڭغۇلچىدىكى مەنىسى « تاغلىق خەلق، ئىگىزلىكتە ياشىغۇچى». بۇ دەل «قىرىقگەز»، ياكى «قىر- ئوغۇز» ئاتالغۇچىسىنىڭ موڭغۇلچە تەرجىمىسىنى بىزگە ئەسلىتىدۇ. ..

    ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرچە ئىنكاس مۇشۇ  يەرگىچە بولسۇن، باشقا مەسىلىلەر توغۇرلۇق  تورداشلارنىڭ  كۆز قاراشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
  
2009/2/20 14:04
4 abahan   نىمىگە ئاساسەن قىرغىزنى ۇيغۇرنىڭ قەبىىلىرىدىن دەپ ئاتايسىز؟؟؟  چۈشەندۇرۇپ قويسوسۇڭ .
  
2009/2/20 15:11
5 ertoghrul

  نەقىل:
引用楼主Moiunqur于2009-02-18 14:35发表的 قىرغىزلارنىڭ مۇھىم تارىخ يىلنامىلىرى :
ئەسكەرتىش :بۇ قىرغىز تارىخى مۇھىم يىلنامىلىرى داڭلىق تارىخچى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوتسېنتى،شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلغۇچى ئالىم،مەرھۇم ئەنۋەر بايتۇرنىڭ«قىرغىز تارىخىدىن ئومومىي ساۋات» ۋە بەلەك سولتونويەفنىڭ«قىزىل قىرغىز تارىخى»ناملىق دەلىللىنىپ،ئىتىراپ قىلىنغان كىتابلاردىن ئىلىندى.تارىخچىلارنىڭ نەزەرىگە سۇنىمىز.
.......

moinchur ئەپەندى، ئالدى بىلەن سىزنىڭ قېرىنداش قىرغىز خەلقىنىڭ مۇشۇنداق بىر يىلنامىسىنى بىزلەرگە سۇنماقچى بولغانلىقىڭىزغا رەھمەت.  قىزىقارلىق گەپلەر باركەن.
ئەنۋەر بايتۇر كۆپ قىسىم ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى ۋە تارىخ ھەۋەسكارلىرىغا تونۇشلۇق بولغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىم، ئەمدى ماۋۇ بەلەك سولتونويەف دىگەننى ئاڭلاپمۇ باقمىغان شەخس ئىكەن، قېنى داۋامىنى يازسىڭىز، بۇنىڭ گەپلىرىنىڭ قانچىلىكىنىڭ «دەلىللەنگەن»، قانچىلىكىنىڭ « ئېتىراپ قىلىنغان » لىقىغا ئوبدانراق قاراپ باقارمىز. ئەنۋەر بايتۇرنىڭ « شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى » دىگەن ئەسىرى ۋە ئۇنىڭدىكى قىرغىزلارغا ئائىت بايانلار كۆپلىگەن ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرىغا ناھايىتىمۇ تونۇش، لېكىن مەن بۇ « يىلنامە»دىن بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىمنىڭ قاراشلىرىنى ناھايىتى ئاز كۆردۈم، قارىسام كۆپ قىسمى ئاۋۇ بەلەك سولتونويەفنىڭكىدەك قىلىپ تۇرىدۇ، بىز ساقلاپ تۇرايلى ئاۋال سىز يوللاپ بېقىڭ، ئاندىن بىر - بىرلەپ مۇھاكىمە قىلىپ دەلىللەپ باقارمىز، بۇ بەلەك سولتونويەفنىڭمۇ ئالدىنقى قېتىمقى تېمىدىكى قامچىباي ئارتىقبايېفتەك تارىخچى بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، قامچىباي ئارتىقبايېفنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قىرغىزچە سۈرىتى دىگەن بۇ تېمىدا بولسۇن، ئاۋال بۇ تېمىنىڭ 3- بېتىدىن باشلاپ ئاندىن داۋامىنى يوللاشنى ئويلىشىپ باقارسىز
2009/2/20 18:01
6 Moiunqur قىرغىزلارنىڭ مۇھىم تارىخ يىلنامىلىرى
  29.ئورخون خانلىقىنى ئاغدۇرغاندىن كىيىنكى قۇرۇلغان قىرغىز خانلىقى ئەڭ بۈيۈك گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.قىرغىز پادىشاھى ياغلاقاراخاننىڭ تېررىتورىيىسى يەنسەينى(قىرغىزچە ئانا ساي دەپ ئاتىلىدۇ)پۈت ئىگەللەپ، شەرقتە لىيۇخى دەرياسى، غەربتە تەڭرىتاغلىرى، جەنۇبتا گوبى چۆلى(موڭغۇلىيەدە)، شىمالدا سىبىرىيىگىچە بولغان كەڭ زېمىن ئىدى. نوپۇسى 300 مىڭدىن 500 مىڭغىچە بولغان.
    30 .مىلادى 916 -يىلى كىدان (خىتاي)مەملىكتى قۇرۇلدى.947-يىلى كىدان  مەملىكىتى ئانا سايدا «قىرغىز   خاندانلىق مەھكىمىسى»دىگەن مەھكىمە قۇردى.
       31. كىيىنكى قىرغىز بۈيۈك خاندانلىقى 836-يىلى قۇرۇلۇپ، 1207- يىلى موڭغۇل خانلىقى تەرىپىدىن
يوقىتىلدى.
          32.  9-،10- ئەسرلەردە قىرغىزلار تىيانشاننىڭ ھەممە يېرىدە كەڭ كۆلەملىك ئولتۇراقلاشتى.
            33.   1218-يىلى تىيانشان قىرغىزلىرى چىڭگىزخان بىلەن قاتتىق تىركىشىپ، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، موڭغۇل خانلىقىغا بېقىندى.
                     34.      1227-يىلى چىڭگىزخان ئۆلۈپ،كىچىك ئوغلى تولىنى ئۆز زىمىنىغا ۋارىس قىلدى.
ئانا ساي قىرغىزلىرى تولىنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتۈپ، تايبۇقا دىگەن قىرغىزنى باشقۇرۇشقا قويدى،بىۋاستە موڭغۇل ئەمەلدار ئەۋەتىپ قىرغىزلارنى باشقۇرمىدى. تىيانشان قىرغىزلىرى چاغاتاينىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتتى.
                 ( داۋامى  بار )
2009/2/20 22:00
7 kisek     تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى، «ئوغۇزخان» ئېپوسىدا «قىرغىز» دىگەن بىر نام ئۇچرىمايدۇ، لېكىن ھازىرغىچە مەۋجۇتلىغىنى ساقلاۋاتقان، ياكى قوشۇلۇپ كەتكەن،  ئوغۇزخاننىڭ «ئۇيۇشقۇچى--ئۇيغۇر» لىرىدىن «قالاچ»لار مەۋجۇت، قالغان قىپچاق، قارلۇق، ساك(لاب)، ... قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ ئۇيغۇر-قازاق، قىرغىز-تۈركمەن، ئازەرى- تاجىك دىگەندەك يېڭىچە ناملار ئىچىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. تارىخىي ئىزچىللىغى داۋاملىشىدۇ  ئەلۋەتتە.

   قىرغىز قەۋمىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغۇرلۇق ئىنتايىن قىزىقارلىق تارىخىي رىۋايەتلەر مەۋجۇت، لېكىن رىۋايەت داۋاملىق رومانتىك تۈسنىلا ئالغان ئەمەس، ھەتتا ئوقىغاندا بىزنى دائىم خۇشھال قىلماسلىغىمۇ مۈمكىن.

     ئاباقان ئەپەندىنىڭ قىرغىز قەۋمى ئۇيغۇر سېستىمىسىغا كىرەمدۇ؟ دىگەن سۇئالىغا ئېلېكترونلۇق پوچتا ئارقىلىق كۆزقارىشىمنى، ياكى ئىگەللىگەن ئۇچۇرۇمنى دىسەم بولارمۇ؟

  
2009/2/21 00:40
8 abahan kisek  ئەپەندىم، بولسا قالغان تورداشلامۇ خەۋەردار بولسا مۇنبەردە اساسلىق مەزمۇنىنى يىزىپ قالدۇرسىڭىز.    تارخقا بولغان كۇز قاراش وقشاش بولمايدىكەن توغرا چۇشۇنۇشكە بولىدۇ. قىسقىسى 50يىلنىڭ ئالدىدىكى تارىخنىمۇ ئۇقالماي ۋاتساق،1000يىلدىن اشقان تارىخنى قانداقمۇ قىلغىلى بولىسۇن
    بىزنىڭ تارىخىمىزنى يازغان خەنزۇ يولداشلارنىڭمۇ پىكىرى بىردەك ئەمەستەك قىلامدۇ نىمە؟
http://www.youtube.com/watch?v=zw8JJ_MI9sY
   بولمىسا مىنىڭ پوچتا :zalkar5621@163.com
2009/2/21 01:05
9 ark_xamili ئۇيغۇر- ئۇي ئوغۇرلار (ئۇي ئوغۇزلار،توققۇز ئوغۇزلار) بىلەن قىرغىزلار-قىر ئوغۇزلىرىنىڭ بىر ئۆينىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ.
ئەمما ما تارىخى يىلنامە ئالامەت پۈتۈلۈپتۇ . خۇددى قىرغىز دىگەن بۇ  قەۋىم تاشقى پىلانىتتىن  پوككىدە يەر شارىغا چۈشۈپ قالغاندەك!ئۆزۆمنى تارىخ ئوقۇماپتىمەنلا دىدىم .
تىخى قىرغىزلارنى ھونلار بىلەن،تۈركلەر ،ئۇيغۇرلار بىلەن خۇددى ئاق تەنلىك بىلەن قارا تەنلىك پەرىقلەنگەندەك  پەرىقلەندۈرۈپ ئايرىۋالغىنىدىن ئۆرگىلەي!
2009/2/21 01:29
10 mavlan مۇيۇنچۇر ئەپەندى :مانا خەلقئارانىڭ تۈرك قىرىنداشلىرىمىز قۇرغان خانلقلار بار تارىخ تورى قىرغىز خانلقى دەپ بارمىكىن قاراپ بىقىڭە ، تۈرك -رۇنىك يىزقىنى كىم كەشىپ قىلدىكىن قاراپ بىقىڭە ،كىم ھوننىڭ ئەجدادىكىن قاراپ بىقىڭە ؟
http://untaka.spaces.live.com/
2009/2/21 13:01
 جەمئىي باھا 74  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/8  |<  <<   1 2 3 4 5 6   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009