|
ماقالە مەزمۇنى |
1920-يىللاردىكى ئۈرۈمچى كوچىلىرى |
يوللىغۇچى lopnuri كۆرۈش 15771 يوللانغان ۋاقتى 2009/2/13 23:54 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
ياڭخاڭ مەسچىت يېنىدىكى كوچا ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق كوچىسىدا كېتىۋاتقان ھارۋا سىۋىن ھىدىننىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش شىتابى تۇرۇشلۇق كوچا ھەممىمىز ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى ئاۋات تەرەققىي قىلغان ھالىتىنى كۆرگەن.لىكىن ئۇنىڭ بۇرۇنقى تەرەققىي قىلمىغان ھالىتىنى كۆپىنچىلىرىمىز كۆرۈپ باقمىغان.ھازىرقى ياشلىرىمىز ئۈرۈمچىنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى تەسەۋۇرمۇ قىلالمايدۇ.بۇ سۈرەتلەر شىۋىتسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سىۋىن ھىدىن تەرپىدىن 1920-يىللىرى ئەتىراپىدا تارتىلغان.ھەمدە1927-1935يىللىرىدىكى ئاسىيا ئېكىسپىدىتسىيە تارىخى" دېگەن كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن.بۇ سۇرەتلەر بىزنىڭ ئۆتمۈشنى ئەسلىشىمىزگە شۇ دەۋىردىكى خەلقىمىزنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنى ئاز-تولا بولسىمۇ چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ سۇرەتلەر لوپنۇرى بلوگىغا تەۋە باشقا جايغا كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ. ئەسلى ئادرىسى : http://lopnuri.blogbus.com/logs/35160012.html |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 11 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | تۈرك | ئۈستىدىكى ياڭخاڭ(نوغاي) مەسچىتى يېنىدىكى كوچا بولسا، ئۇنداقتا ھازىرقى كونسۇل كونسۇل كوچىسى شۇكەندە. راسىت بۇ كوچا كونسۇل كوچىسىغا ئازراق ئوخشاپ قالامدۇ قانداق، بولۇپمۇ كوچىنىڭ ئەگىرلىگى، رەسىمنىڭ بۇرجىكىدىن سەل كۆرىنىڭ قالغان دەرەخ ھازىرقى يوغان قارا ياغاچ بولمىسۇن يەنە، شۇنداق بولغاندا بۇ ياغاچ ھارۋۇ (新华南路) غا ماڭغان ئوخشىمامدۇ، ئىشقىلىپ بۇرۇنقى ئۇ قىياپەتتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق!!! ھە راست ئارقىدىكى مەسچىت ھازىرقى ياڭخاڭ مەسچىتى شۇمىدۇ؟ |
2009/2/14 00:17 | |||
2 | jazire | ئەگەر ئاۋۇ كۆرۈنىپ تۇرغان ھازىرقى نوغاي مەسچىدى بولسا ئۇنداقتا ،بۇ يول چوقۇم جەنۇبى قوۋۇقتىن ئۈچتاشقا بارىدىغان چوڭ يول بولىدۇ،ئادەملەر توپلىشىپ تۇرغان جاي دەل ھازىرقى 1-يول بېكەت(ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىگى تەرەپتىكى) .يىراقتا يېنى شىمال تەرەپتىكى (مەسجىدنىڭ ئارقىسىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان) يامالىق تېغى. | 2009/2/14 00:51 | |||
3 | kumluk138 | نىمانچە پاراكەندە ، ھازىر بەك ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ. | 2009/2/14 12:52 | |||
4 | nida1974 | مەنمۇ جەزىرە ئويلىغاندەك ئويلىدىم، ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، ئەگەر بۇ كوچا كونسۇل كوچىسى بولغان بولسا، كونسۇل بۇ چاققىچە جەنۇبىي ئازادلىق يولىدەك چوڭ يولغا ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى، شۇڭا بۇ كوچا كونسۇل كوچىسى ئەمەس. | 2009/2/16 01:59 | |||
5 | erdewil | ئاۋۇ ئىككىسى قاقاقلاپ مېڭىپتۇ،بىراق ئىۋۇ بىچارىلەر(چوقۇم يەرلىكلەرمىكىن دەيمىنا)نېمىلەرگە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغانداۇ..ھەي ھەي....ئۇيغۇرۇم | 2009/2/17 09:57 | |||
6 | turpantur | بىرىنچى رەسىمنى تۇنۇۋالدىم ماۋۇ يەرنى تۇنۇۋالدىم ، بۇ بۇلاقبىشى يەنى سەنشىخاڭزىنىڭ مىللەتلەر كوچىسى يىنىدىن جەنۇپقا قايرىلىپ لەمپۇڭچى ،كاۋاپچىلار بار كوچىدىن مىڭىپ مەسچىتتىن ئۆتسە كۆرىدىغان كۆرىنىش ، بۇ يەر ھازىر بەك ئۆزگىرەپ كىتىپتۇ |
2009/2/17 21:37 | |||
7 | turpantur | ئىشەنمىسەڭلەر بىرىپ كۆزەتسەڭلەر نەق مەن دىگەن جاۋابقا ئىرىشەلەيسىلەر ( لىكىن خاتا بوپ قالسا تىللىماڭلار جۇمۇ )ھى ھىھ | 2009/2/17 21:40 | |||
8 | palwan | ئەگەر ئۆتمۇشكە شۇنچىلىك قىززىقسىڭىز سىزمۇ خاتىرە قالدۇرۇڭ. 1920-يىلنى قويۇپ تۇرايلى. ئاقسۇ رايۇنىنىڭ 1990-يىللاردىكى كۈرىنىشى بىلەن ھازىرقى ھالىتىدە ئاسمان زىمىن پەرقى بار. ئۆي كۆچۇرۇش، شەھەر قۇرۇلۇش پىلانى مۇناسىۋىتىدە ئىچكىردىن چىققان ئۆي-مۇلۇك سودىگەرلىرىنىڭ ئاقسۇغا كەلتۇرگەن ئۆزگۇرۇشلىرىمۇ ئاز ئەمەس(يۇر-يۇرتلاردا شۇنداق بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن) ئاقسۇدىكى ھازىرقى پىيادىلەر كۈچىسى بۇرۇن تۇمۇرچى مەھەللىسى ئىدى. ۋاڭ سەن دىگەن نام ئۆزگەرمىگىنى بىلەن ئۇ يەرنىڭ قىياپىتى تۇپتىن ئۆزگەردى. ئەمدى بىر ئاز ئۆزگەرمىگەندىن يېڭى بازار، لەنگەر، يېڭى ئاۋات قالدى. قەشقەرنىمۇ ئۆزگەرتىش قۇرلىشى باشلىنىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق، مۇمكىن بولسا خاتىرە قالدۇرۇڭ. يەنە يۇز يىلدىن كېيىن تەرەققىيات بىزگە يەنە نىمىلەرنى سوغا قىلىدۇ بۇنى بىر ياراتقان ئىگەم بىلىدۇ. رەخمەت. | 2009/2/18 18:07 | |||
9 | nida1974 |
سۈرەت ئاستىدىكى چۈشەندۈرۈشتە ياڭخاڭ مەسچىد دېمىگەن بولسا، مەنمۇ نەق سىز دېگەن كوچا شۇ دەيتىم، ئاۋۇ مەسچىدنىڭ كۆرۈنۈشىمۇ ھازىرقى سىز دېگەن كوچىدىكى بەيتۇللا مەسچىدكە بەكرەك ئوخشاپ تۇرىدۇ، ياڭخاڭ مەسچىدكە ھېچ ئوخشىتالمىدىم، ياڭخاڭ مەسچىد(نوغاي مەسچىد)نىڭ كونا پوسۇنى بۇنىڭغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيتتى، مەسچىد گۈمبىزىمۇ بۇنىڭكىدەك قىلمايۋاتاتتى. |
2009/2/21 05:53 | |||
10 | nida1974 | شۇ چاغلاردىكى جەمئىيەت ئامانلىقىمۇ بەك مۇقىم بولسا كېرەك، قاراڭ ئاۋۇ 3-سۈرەتتىكى چارلىغۇچىلارغا قولىغا پەقەت كالتەك ئېلىپلا چارلاپ يۈرىدىكەن، 1-سۈرەتتىمۇ مەسچىدنىڭ ئۇدۇلىغا قارىسىڭىز قاراياغاچقا ئۇدۇل كېلىدىغان يەردە، ھارۋىنىڭ كەينىدە، سول تەرەپتە بىر چارلىغۇچى ساقچى كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. دېمەك، ھەممە كوچىدا، بەلگىلىك ۋاقىتتا ساقچىلار چارلاپ مېڭىپ يۈرىدىكەن. | 2009/2/21 05:59 | |||
جەمئىي باھا 11 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|