www.fendou163.cn قۇراشتۇرما باش بېتىم - خۇشكەپسىز
يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
كىروران گۈزىلىنىڭ بەدىنىدىن پىت ...
يوللىغۇچى lopnuri   كۆرۈش 3232   يوللانغان ۋاقتى 2009/2/10 01:35  ||مۇنبەردە كۆرۈش||


كروران گۈزىلىنىڭ سىرى

(بۇ كىتاپتىكى ئەسلى تېما،يوللىغاندا تېمىنى باشقىچە قويۇپ قويدۇم)





1980 -يىلى4-ئايدا شىنجاڭ ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسى"يىپەك يولى"فىلىم ئىشلەش گۇرپىسىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن،"كروران ئارخىلوگىيە ئەتىرىتى"تەشكىللەپ،كىروران رايۇنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە پروفىسور مۇ شۈنپېڭ باشچىلىقىدىكى ئارخىلوگىيە ئەتىرىتى لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالى چېتىدىن كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى"铁板河(خەنزۇچە مۇشۇنداق بىر دەريانىڭ نامىنى دەپتىكەن.لىكىن بۇنىڭ قايسى دەريا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم،شۇڭا بىۋاستە خنزۇچىسىنىلا يېزىپ قويدۇم.بىلىدىغانلار بولسا دەپ بەرسەڭلار كىين ئۆرگەرتىپ قويىمەن)"نىڭ چىقىش ئېغىزىدا ئىلگىركى كرورانلىقلارنىڭ قەبرىسىنى بايقىدى.ھەمدە پۈتۈنلەي مۇككەممەل ساقلانغان كروران ئادىمىنىڭ قۇرۇغان جەسىتىنى قېزىپ چىقتى.بۇ قەبرە"铁板河"نىڭ كونا دەريا ئىقىنىنىڭ شەرقىدىكى يەر يۈزىدىن7-8مېتىر ئىگىز تۆپىلىكتىكى يالغۇز قەبرە بولۇپ،ئۇزۇن تۆت چاسا تىك قۇدۇق شەكىلدىكى قەبرىدۇر.شەرقتىن غەرپكە چوڭقۇرلۇقى1مىتىز،ئۇزۇنلىقى1.74مىتىر،كەڭلىكى بولسا0.7مىتىر؛قەبرىنىڭ ئىگىسى بولسا 40ياش ئەتىراپىدىكى بىر ئايال بولۇپ سىرتقى شەكلى مۇككەممەل ساقلانغان.ئۇنىڭ يۈزى ئورۇق،بۇرنى ئىگىز ھەم ئۇچلۇق،كۆزلىرى ئورا،چاچ،تېرە،تىرناقلىرى ساپمۇساق،ھەتتا ئۇزۇن كىرپىكلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.چېچى قۇيۇق سېرىق قوڭۇر رەڭدە،چېچىنىڭ ئۇزۇنلىقى 20-25سانتىمىتىر بولۇپ مۇرە قىسمىدا ئەركىن تاشلىنىپ تۇرىدۇ.تېرىسى كۈلرەڭگە مايىل زەيتۇن رەڭدە،ساغرا قىسمىنىڭ تېرىسىنىڭ تېخچە ئىلاستىكىلىقى يوقالمىغان.

جەسەت قېزىلغاندا يۈز قىسمىغا ئەخلەت ئالغۇچ شەكىلدىكى ئۇزۇن ياپىلاق سېۋەت يېپىلغان بولۇپ،ئۇنىڭ تۆۋەنكى ئۇچى كۆكرەك قىسمىغىچە سوزۇلغان.سېۋەتنىڭ ئۈستىگە30سانتېمىتىر قېلىنلىقتىكى قۇرۇق دەرەخ شاخلىرى يېپىلغان.دەرەخ شاخچىلىرىنىڭ ئۈستىگە يەنە10سانتىمىتىر قېلىنلىقتىكى قۇمۇشنى بېسىپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قېلىنلىقى10سانتىمىتىر ئەتىراپىدا ئىنچىكە دەرەخ شاخلىرىنى تاشلىغان.ئۈستىنى قۇم توپىلار بىلەن بېسىۋەتكەن.جەسەت يالىڭاچ ھالەتتە بولۇپ،بەلدىن يۇقىرى قىسمى قېلىن يۇڭ رەخت بىلەن ئورالغان.يۇڭ رەخت كۆكرەك قىسمىدىكى تۇتاشقان جايدىن ئۇچلانغان دەرەخ شاخلىرى بىلەن چېتىپ قويۇلغان.بەلدىن تۆۋەن قىسمى بىر پارچە ئاشلانغان قوي تېرىسى بىلەن ئورالغان.بېشىغا كىگىز قالپاق كىيگەن.پۇتىغا ئۆرۈلگەن تېرىدىن ئاياق كىيدۈرۈلگەن.ئاياقنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى قىسمى قوي يۇڭىدىن ئىشىلگەن قېلىن يىپتا تىكىلگەن.پايپاق كىيگۈزۈلمىگەن.

قەبرىدىكى ھەمدەپنە بويۇملىرى ناھايىتى ئاددى بولۇپ،كىيىمدىن باشقا،پەقەت باش قىسمىنىڭ سول تەرپىگە يىكەن بىلەن چىغدىن توقۇلغان كىچىك سېۋەت قويۇلۇپ،ئۇنىڭ ئىچىنى توپا بىلەن توشقۇزۇپ قويغان.بىلىكىنىڭ يېنىدىن يەنە بىر دانە ياغاچ تارغاق بايقالغان.تاغاقنىڭ چىشلىرى ئۇچلۇق يۇمۇلاق قىلىنىپ،بىردىن بىردىن تاغاق غولىغا كىرگۈزۈلگەن.تاغاق غولى قېلىن تېرە بىلەن چىڭ باغلىنىپ،ئارىسىغا شىلىم قۇيۇلۇپ ياسالغان.قەبرىنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىن ساپالدىن ياسالغان ھېچقانداق بويۇم تېپىلمىغان.

بۇ قەدىمكى جەسسەتنىڭ يىل دەۋرىنى بېكىتىش ئۈچۈن1981-يىلى3-ئايدا شىنجاڭ ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى جەسەتنىڭ بەدىنىگە ئورالغان قوي تېرىسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ،جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنىغا كاربۇن14 ئانالىزى قىلىشقا ئەۋەتكەن.ئۆلچەش ئارقىلىق جەسەتنىڭ يىل دەۋرىنىڭ 3800يىل ئەتىراپىدا ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.بۇ كىيىنكىلەر تەرپىدىن "كىرورەن گۈزىلى"دەپ ئاتالغان جەسەتتۇر.

بۇ ھازىرغا كەلگۈچە مەملىكىتىمىزدىن تېپىلغان ئەڭ قەدىمكى جەسەت ھېساپلىنىدۇ.ئىلگىرى شاڭخەي،ياپۇنيە قاتارلىق جايلاردا كۆرگەزمە قىلىنغان.ئۇنىڭ بايقىلىشى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان.تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان بولسىمۇ،لىكىن يەنىلا نۇرغۇن تۈگۈنلەر تېخىچە سىر پېتى تۇرماقتا.

بۇ قەدىمكى جەسەت ئىنسانلارنىڭ قايسى تىپىغا تەۋە؟مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر بۇ جەھەتتە ئىنچىكە تەقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ،يەنىلا ئۇنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىدى.ھازىر پەقەت تومتاق ھالدىلا ئۇ قەدىمكى ياۋرۇپا ئېرقىغا ياكى قەدىمكى لوپلۇقلارغا تەۋە دېيىلمەكتە.قەبرە ئىگىسى ھايات ۋاقتىدا نەدە تۇرغان؟ئارخىلوگلار قەبرە ئەتىراپىنى خېلى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ،ھازىرغىچە بۇ ئەتىراپتىن ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان ئىزىنى تاپالمىدى.مۇتەخەسىسلەر لوپنۇر كۆلى رايۇنىدا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بارغان دەۋرىنى ئون مىڭ يىلدىن ئىككى مىڭ يىلغىچە دەپ قارىماقتا.قەدىمكى جەسەتنىڭ قېزىلىشى لوپنۇر كۆلى رايۇنىدا قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ تۆت مىڭ يىل بۇرۇنلا تاش ۋە ياغاچ قوراللارنى،ھەتتا ئوقيالارنى ئىشلىتىپ،كېمە ياساپ،ئۆي سېلىپ ياشىغانلىقى،ئىپتىدائىي گۈزەللىك قارىشىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى،بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.ئۇلار ئاللىقاچان ئولتۇراقلاشقان،ئەمما فار-فۇر بويۇملارنى ياساشنى بىلمىگەن.كىيىم تىكىشنى بىلمىگەن.بۇ قەدىمكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان جايىنى تېپىش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

جەسەتنىڭ ئۆپكە قىسمىنى سىپىكتىر ئارقىلىق تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ ئۆپكىسىدە تۆمۈر،ئالىيومىن،ماگنىي،تىتان،خروم،بور قاتارلىق ئېلىمىنتلارنىڭ بارلىقى بايقالغان.ھازىرقى جەسەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يۇقارقى ئېلىمىنتلارنىڭ مىقدارى خېلى يۇقىرى،ئۇنىڭ ئىچىدە تىتاننىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ.ئەمما ھازىرقى جەسەتلەرنىڭ ئۆپكىسىدە خروم بىلەن بور بايقالمىدى.چېچىدا ئاز مىقداردا تۆمۈر،قوغۇشۇن،ماگنىي،نىكىل بايقالدى.لىكىن مىقدارى يەنىلا ھازىرقى ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپ.بۇ ھادىسە نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

ئادەم بەدىنىدىكى پارازىت قۇرتلار قانداق قىلىپ جەسەت بىلەن تەڭ تۆت مىڭ يىل ساقلىنىپ قالدى.بۇ قەدىمكى جەسەتنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بىئولوگىيە ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇرغان بىر بايقاش بولغان.قەدىمكى جەسەتنىڭ چاچ يىلتىز قىسمىدا،كىرپىك،دوۋسۇن تۈكى قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن پىت ۋە پىت لىچىنكىلىرى يەنە بىر دانە چۇسا بايقالغان.پىت ۋە پىت لىچىكىلىرىنىڭ شەكلى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ،پىتنىڭ سەزگۈ تۈكچىلىرىدىن تۇتۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.بۇ ھاشارەتشۇناسلىق تارىخىدىمۇ ناھايىتى ئاز كۆرىلىدىغان ئەھۋال.بىز ئادەم بەدىنىدىكى پىتنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى،ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن بەدەننىڭ سوۋۇپ كېتىدىغانلىقىنى،بەدەن سوۋۇپ كەتسىلا پارازىت قۇرتلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.ئەمما بۇ جەسەتتە پىتلار خوجايىنغا "كۆزى قىيمىغاندەك"بىر جايدا تۆت مىڭ يىل ھەمرا بولۇپ تۇرغان.بۇ ھادىسە ھازىرغا كەلگۈچە بىئولوگىيە ئالىملىرى يىتەلمىگەن سىر.



ياڭ شىنسەي يازغان2004-يىلى شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشىرياتى نەشىرقىلغان"شىنجاڭنىڭ سىرى"ناملىق كىتاپتىن تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى



بۇ ماقالە لوپنۇرى بلوگىغا تەۋە باشقا جايغا يۆتكىمەكچى بولسىڭىز،مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.



2009-يىل2-ئاينىڭ9-كۈنى

ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://lopnuri.blogbus.com/logs/34882738.html


تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 21   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 azizrosulkam   بۇ قىپقىزىل ئىغۋا،،،،،،،،،،شانلىق تارىخقا قىلىنغان كورەلمەسلىك! 2009/2/10 14:38
2 Ghalip

  نەقىل:
- قەۋەتتىكى   دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
  بۇ قىپقىزىل ئىغۋا،،،،،،،،،،شانلىق تارىخقا قىلىنغان كورەلمەسلىك!

بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئەمدى؟؟؟يا راستۇ يا يالغان.....شۇنداقتىمۇ ھېچبىر كۆرەلمەسلىكنىڭ سايىسى يوققۇ؟2000يىل بۇرۇن ئادەملەر پىتلىمايدۇ دېسە مەن ئىشەنمەيمەن....
2009/2/10 15:32
3 mavlan قىزىقتە بۇلار پىتتىن تۈنۈگۈنلا خوشلاشتۇققۇ تىخى كىچىك چاغلىرىمىزدا ھەممىز پىتلغان ھە !!!1990-يىلى بىلەن مىلادىن بۇرۇنقى 2000-يىللارنى سىلىشتۇرۇپ باقايلى بۇ بىر ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس ،ئۇندىن سىرىت لۇشۈننىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ پىت ئالامەت تەسۋىرلىندىغۇ !!!!  بۇ ئەسەردىكى  مەسىلە "پىت "ئەمەس ، بەلكى پىتنىڭ شۇ جەسەتكە ھەمرا بولوپ 4000-يىل ياششى مانا بۇ سىر  ،ئۆزەمنىڭ كەسپىم  بولغان بىئولوگيە تىخنىكىسى ئىلمىدە بۇ مۇمكىن بولمايدىغان بىرئىش ،قانداق موميا تىخنىكسىدۇ بۇ !!!   2009/2/10 15:58
4 afrasyap

  نەقىل:
- قەۋەتتىكى   دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
قىزىقتە بۇلار پىتتىن تۈنۈگۈنلا خوشلاشتۇققۇ تىخى كىچىك چاغلىرىمىزدا ھەممىز پىتلغان ھە !!!1990-يىلى بىلەن مىلادىن بۇرۇنقى 2000-يىللارنى سىلىشتۇرۇپ باقايلى بۇ بىر ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس ،ئۇندىن سىرىت لۇشۈننىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ پىت ئالامەت تەسۋىرلىندىغۇ !!!!  بۇ ئەسەردىكى  مەسىلە "پىت "ئەمەس ، بەلكى پىتنىڭ شۇ جەسەتكە ھەمرا بولوپ 4000-يىل ياششى مانا بۇ سىر  ،ئۆزەمنىڭ كەسپىم  بولغان بىئولوگيە تىخنىكىسى ئىلمىدە بۇ مۇمكىن بولمايدىغان بىرئىش ،قانداق موميا تىخنىكسىدۇ بۇ !!!  

چۈشىنىپ ئوقۇدىڭلارمۇ يا؟؟
ئاۋۇ يەردە پىت پايقالدى دەپتۇ، 4000 يىل ياشىدى دىمەپتىغۇ؟
كىروران گۈزىلنىمۇ تىرىككەن دىمەڭلار يەنە.
2009/2/10 17:03
5 mavlan

  نەقىل:
- قەۋەتتىكى   دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :

چۈشىنىپ ئوقۇدىڭلارمۇ يا؟؟
ئاۋۇ يەردە پىت پايقالدى دەپتۇ، 4000 يىل ياشىدى دىمەپتىغۇ؟
كىروران گۈزىلنىمۇ تىرىككەن دىمەڭلار يەنە.

ئادەم بەدىنىدىكى پارازىت قۇرتلار قانداق قىلىپ جەسەت بىلەن تەڭ تۆت مىڭ يىل ساقلىنىپ قالدى.بۇ قەدىمكى جەسەتنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بىئولوگىيە ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇرغان بىر بايقاش بولغان.قەدىمكى جەسەتنىڭ چاچ يىلتىز قىسمىدا،كىرپىك،دوۋسۇن تۈكى قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن پىت ۋە پىت لىچىنكىلىرى يەنە بىر دانە چۇسا بايقالغان.پىت ۋە پىت لىچىكىلىرىنىڭ شەكلى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ،پىتنىڭ سەزگۈ تۈكچىلىرىدىن تۇتۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.بۇ ھاشارەتشۇناسلىق تارىخىدىمۇ ناھايىتى ئاز كۆرىلىدىغان ئەھۋال.بىز ئادەم بەدىنىدىكى پىتنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى،ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن بەدەننىڭ سوۋۇپ كېتىدىغانلىقىنى،بەدەن سوۋۇپ كەتسىلا پارازىت قۇرتلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.ئەمما بۇ جەسەتتە پىتلار خوجايىنغا "كۆزى قىيمىغاندەك"بىر جايدا تۆت مىڭ يىل ھەمرا بولۇپ تۇرغان.بۇ ھادىسە ھازىرغا كەلگۈچە بىئولوگىيە ئالىملىرى يىتەلمىگەن سىر.
2009/2/10 18:10
6 udun پىت بايقىلىپتۇ، بەلكى بۇ ئاللىقاچان ئۆلگەن، بىراق چىرىپ كەتمەي، ئىگىسىدەك ساقلىنىپ قالغان پىت ئىكەن.
ئەسلىدە ئادەم بەدىنىدە ئىسسىقلىق قالمىغاندىكىن، بۇ پىتلار ئۆلۈكنى دەپنە قىلىپ بولغىچە ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئايرىلىپ كېتىشى كېرەك ئىدى. ھەيران قالارلىقى بۇ پىتلار بۇ كىشى تىرىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ قەيىرىدە ياشىغان بولسا، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ شۇ يەردە تۇرغان. راستلا ھەيران قالارلىق ئىكەن.
مۇنداق گۇمان تۇغۇلۇپ قالىدىكەن:(1)شۇ چاغلاردا جەسەتنى دەپنە قىلىشتىن بۇرۇن يۇيىدىغان ئادەت يوق بولسا كېرەك.(2)بۇ جەسەت ھۇشسىزلاندۇرۇلۇپ تىرىك كۆمۈۋېتىلگەنمۇ يە؟(3)ياكى تىنىقى توختىغان زامات ئالدىن تەييارلانغان گۆرگە كۆمۈلسە كېرەك.
بۇنىڭ ھەممىسى پەرەز، بىراق ئاۋۇ پىتلار ئەمىلىيەتكەن. زادى نېمە ئۈچۈن؟يېشىلمەيدىغان سىر يوق.
<< كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى>> دېگەن خاتىرىدە لوپلۇقلار( لوپنۇرلۇقلار)نىڭ كېسەلنى خام باستى قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقى يېزىلغان جايلىرى بار ئىكەندۇق. مەنمۇغۇ جىق ماتىرىيال كۆرمىدىم كىروران گۈزىلى توغرىلىق، تورداشلارنىڭ بىلىدىغانلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
2009/2/10 22:22
7 uiguria

  نەقىل:
- قەۋەتتىكى   دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :

چۈشىنىپ ئوقۇدىڭلارمۇ يا؟؟
ئاۋۇ يەردە پىت پايقالدى دەپتۇ، 4000 يىل ياشىدى دىمەپتىغۇ؟
كىروران گۈزىلنىمۇ تىرىككەن دىمەڭلار يەنە.

سىز ئەڭ ياخشىسى بۇتېمىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ كۆرۈڭ!
2009/2/10 22:32
8 karol بۇ گەپلىرىم تېما ئىگىسىگە ھەرگىز تېگىپ كەتمىسۇن، بۇ ئىسپاتلار يالغان تەتقىقاتقا قارىتىلغان.....
بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىگە قويغان ئىسپات:
كىرورەن گۈزىلى 80_يىللارنىڭ بېشىدا بايغالغان بولۇپ جۇڭگو ئالىملىرىدىن بەكرەك ياپونىيە ئالىملىرى بۇ جەسەتنى ئەڭ توغرا ئانالىز قىلالىغان شۇنداقلا كىرورەن گۈزىلىنى ئۇيغۇر ئېتىنىك
گۇرىپىسىغا تەۋە دەپ جاكارلىغان بولۇپ، ماۋۇ  تېمىنىڭ ئىشىغا كەلسەك ياپونىيە
ئالىملىرى قەۋرىدىن ئەڭ ئۇششاق كىچىك ئىلمىنتلارغا قەدەر نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تولۇق خاتىرە قالدۇرغان بولۇپ ھەتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك ھېسابلىنىدىغان ئىلمېنتلارغىچە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنداقتا پىت بولسا بايىقى كىچىك ئىلمېنتلار بىلەن
سېلىشتۇرۇلغاندا غايەت چوڭ ھېسابلىنىدىغان جانلىققا كىرىدۇ، ،،ئەمىسە ياپونىيە ئالىملىرى
ئەجىبا بۇنى ئۇنتۇلۇپ قالغانمىدۇ؟ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئىلمېنتلارغىچە خاتىرلىگەن
ئالىملار ئۇنى بايقىۋالالمىغانمىدۇ؟؟؟؟؟؟
بۇ ماقالە ئىگىسىنىڭ يازغانلىرىنىڭ  يالغانلىقىغا ئىسپات:
كىرورەن گۈزىلى تەتقىقاتىدا، ياپونىيە ئاساسلىق رول
ئوينىغان بولۇپ ، ئۇنى ئاساسەن دىگۈدەك ياپونىيە ئالىملىرى دۇنياغا تونۇتقان،
ئەمدى يەنە بىر مەسىلە يەنى كىرورەن گۈزىلىنىڭ قەبرىسىنىڭ <ناھايىتى ئاددى ئىدى>دىيىلگەن
تەتقىقات نەتىجىسىگە كەلسەك، ياپونىيە ئالىملىرى بۇ توغرىسىدا، كىرورەن
گۈزىلىنىڭ قەبرىسى ناھايىتى ئېسىل ياسالغان بولۇپ ئوڭ قولىدا شاھانە تاغاق،سول قولىدا نېمىلىكى ھازىرمۇ سىر بولۇپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئاجايىپ شەكىلدىكى سىرلىك ئۈسكۈنە،<كىيىن ئۇ ئۈسكۈنە تۇيۇقسىز غايىپ بولغان>
ئاستى تەرىپىدە قىزىل ۋە يېشىل مەخمەل كۆرپە، ئۈستى شاھانە ياپقۇچ بىلەن يېپىلغان بولۇپ
بېشىنىڭ تۆۋىنىگە ئالتۇن قىسقۇچ ۋە كۈمۈش ساپلىق پىچاق قويۇلغان...مانا بۇ ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى،....مانا بۇ  ئىلىم پەنگە ھۆرمەت قىلمايدىغان بى نومۇس ئالىملارنىڭ يالغانچىلىقىغا قويۇلغان ئىسپات.........

ئەمدى نىمە ئۈچۈن بۇنداق تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىدىغانلىقىغا كەلسەك:


بۇ نداق ماقالىلەرنىڭ مەقسىتىگە كەلسەك، بۇ ئۇيغۇر ئېتىنىك پىسخىلوگىيىسىنى خۇنىكلەشتۈرۈش،
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھى پىسخىكىسىنى چۈشۈرۈش، شۇنداقلا بۇنداق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان يالغان تەتقىقاتنى ئۇيغۇر توربەتلىرىدە ھەرخىل ئۇسۇلدا ئېلان قىلىش ئارقىلىق

ئاخىرىدا پۈتۈنلەي بۇزۇلغان بىر پىسخىلوگىيىلىك
ھالەتنى مەقسەت قىلىدۇ...................................
بارلىق تورداش  قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇنداق پەس نىيەت چۈپرەندىلەرنىڭ ماقالىسىغا
قارشى ھالدا كىرورەن گۈزىلىنىڭ ئەسلى تەتقىقات نەتىجىسىدىن يۇقارقىدەك ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى
ھەم بۇنداق تەتقىقات نەتىجىسىگە ھۇشىيار تۇرۇپ باشقىلارنىڭ مەقسىتىنى
تەھلىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...............
2009/2/11 10:39
9 lopnuri ھۆرمەتلىك كارول ئەپەندى،قايتۇرغان ئىنكاسىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم.مەنمۇ دەسلەپتە بۇنى ئوقۇپ نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم.بۇنداق ،ماقالىلەر مەن يازمىنىڭ ئاخىردا كۆرسەتكەن كىتاپتا خېلى بار ئىكەن.بىز مۇشۇنداق ئىشلارنى ۋاقتىدا بايقاپ ئۇلاغا رەدىيە بەرگۈدەك بولسا رەدىيە بېرىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە.بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاشتىكى مەقسىدىممۇ،زادى بۇ ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىغا جاۋاپ تېپىش ئىدى.بۇنىڭ يالغان ياكى راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز. 2009/2/11 11:46
10 tunyukut ھۆرمەتلىك كارول ئەپەندىم،سىز نىڭ يازمىڭىزنى ئوقۇپ ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم،سىز ياپۇنىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتى توغۇرلۇق كەڭ ئورخۇن ئەھلىنى تەمىن ئەتكەن بولسىڭىز سىز دىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتۇق،رەخمەت. 2009/2/11 12:11
 جەمئىي باھا 21  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/3  |<  <<   1 2 3   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009