|
ماقالە مەزمۇنى |
ئىمىن ۋاڭ مۇنارىنىڭ ئىككى خىل ھا... |
يوللىغۇچى lopnuri كۆرۈش 1364 يوللانغان ۋاقتى 2009/2/9 23:32 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
بۇ سۈرەت گىرمانىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى ۋون لىكوك تەرپىدىن 1904-يىلى تارتىلغان.ھەمدە ئۆزىنىڭ" جۇڭگۇ تۈركىستانغا كۆمۈلگەن جاۋاھىراتلار"ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن. بۇ ئىمىن ۋاڭ مۇنارىنىڭ ھازىرقى ھالىتى سۇلايمان ۋاڭ مۇنارىنىڭ تۇلۇق نامى<ئىمىن خۇجا ۋاپادارلىق مۇنارى >دەپمۇ ئاتىلىدۇ بۇ مۇنار تۇپان شەھەر رايونىنىڭ تەخمىنەن 4كىلومېتېر شەرقىي جەنوبىغا جايلاشقان .تۇرپاننىڭ 2-ۋاڭى سۇلايمان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاتىسى ئىمىن خۇجىغا ۋاڭلىق مەنسىپىنى بەرگەنلەكى ۋە < ۋاڭلىق ئورنىنى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا قالىدۇ >دەپ قىلغان ئىلتىپاتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھەم ئاتىسىنى ياد ئىتىش يۈزىسىدىن ،ئاتىسى ئالەمدىن ئۈتۈپ بىر يىلدىن كىيىن يەنى 1778-يىلى بۇ مۇنارنى سالدۇرغان .ئىمىن خۇجا'كاڭشى يوڭجىڭ چىيەنلوڭ خان دەۋرلىرىدە چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرىگە ياردەملىشىپ جۇڭغار ۋە چوڭ -كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى تىنجىتىپ،قايتا-قايتا ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن .ئىلگىرى كىيىن بولۇپ< زاساق> <ئەل ئىشلىرى ياردەمچىسى بەگ> <ئەلنى تىنىچلاندۇرغۇچى بەگ> ۋە < ۋاڭ > بولغان ھەم پادىشاھ چىيەنلوڭنىڭ<ۋاڭلىق ئورنى ئەۋلاتتىن ئاۋلاتقا قالىدۇ> دىگەن ئىلتىپاتىغا ئىرىشكەن. ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:"شىنجاڭ ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتى" ناملىق كىتاپ ماقالىنىڭ توردىكى مەنبەسى:ئەنۋەر سوفىت تورى قەدىمى نۇسقىدىكى رەسىمنى يوللىغۇچى لوپنۇرى،باشقا جايغا كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز،مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ ئەسلى ئادرىسى : http://lopnuri.blogbus.com/logs/34851326.html |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 7 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | kumluk138 | سۈرەت يوققۇ ، مېنىڭكىدە چىقمىدى | 2009/2/9 23:45 |
2 | lopnuri | مۇنبەر باشقۇغۇچى سۇرەتلەرنى يوللىشمدا چاتاق يوق،كۆپىنچە دوستلار تېما يوللىساملا سۈرەت چىقماپتۇ دەيدۇ.ئۆيۈمدىكى كومپىيوتىر چاتاق ئوخشايدۇ دەپ، مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپتىكى بىر نەچچە كومپىيوتىرنى ئېچىپ سىناپ باقتىم.ھەممىسىدە نورمال.ماڭا سۈرەت يوللاش ئۇسۇلىنى بىر دەپ بەرسىڭىز.سىزنىڭ دېگىنىڭىز بويىچەسۈرەتلەرنى قايتا يوللىسام. | 2009/2/10 01:51 |
3 | HALKQIL | سۈرەتلەرنىڭ چىقىشىدا مەسىلە يوق. شۇنداق ئېنىق. بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بۇ مۇنارغا چىقىپ ئەڭ ئۈستىدىكى پەنجىرىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ ئوينايتتۇق. ئەپسۇس ھازىر مۇنارغا كىرىش ئشىكىنى تاقىۋەتتى بۇمۇ مۇنارنى ئاسراش ۋە كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بولسا كىرەك. تېما يوللىغۇچىغا كۆپ رەخمەت. |
2009/2/10 11:03 |
4 | azizrosulkam | تۇرپاننىڭ' ئاق قۇناق' ماركىلىق ھارىقىنىڭ قېپىغا مۇنارنىڭ رەسىمى چۇشۇرۇلگەن، | 2009/2/10 14:46 |
5 | Ghalip | Internet explorer دا سۆرەت چىقمىدى،Firefox دا سۆرەتلەر ياخشى چىقتى! | 2009/2/10 16:46 |
6 | turpantur | سۇلايمان ئىنانچىخان مۇنارى بۇرۇنقى ئىگىزلىكى 66مىتىر كىلىدىغان بۇلۇپ ،60-يىللاردىكى بوراندا ئۈستىنكى قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە رىمىنوت قىلىنىپ ھازىرقى ھالىدىگە كەلتۈرۈلگەن )تۇرپان تارىخى ماتىرياللىرى 4-قىسىم ( ھازىرقى ئىگىزلىكى 48مىتىر دەپتۇدەك يىڭى شەھەرگە تۇڭگان چوڭى ماجوڭيىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇنار سالماقچى بولغان ،لىكىن پۈچەكلەر مۇنارنى 15مىتىر قوپۇرۇپ بولغىچە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ،پۈچەكلەر سالغان تۇڭگان مۇنارىنىڭ رەسۋا ھالىتى ھازىرمۇ يڭي شەھەردىكى تۇڭگان مەسچىتىدە بار |
2009/2/11 22:24 |
7 | tawlan109 | مەندە ئۇرخۇندا يوللانغان قىممەتلىك رەسىملەنىڭ كوپىنچىسى بار | 2009/2/13 12:14 |
جەمئىي باھا 7 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|