www.fendou163.cn قۇراشتۇرما باش بېتىم - خۇشكەپسىز
يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
خوجىنىياز ھاجىلارغا مۇناسىۋەتلى...
يوللىغۇچى lopnuri   كۆرۈش 3547   يوللانغان ۋاقتى 2009/2/7 14:51  ||مۇنبەردە كۆرۈش||




بۇ رەسىمنىڭ نامى ماجۇڭيىڭنىڭ ئارمىيسىگە قوشۇلۇش ئۈچۈن قۇمۇلدىن تۇرپانغا كېتىۋاتقان تۈرك ياشلىرى

رەسىمىنىڭ تارىخى قىممىتىنى ئويلىشىپ ھېچقانداق تامغا بېسىلمىدى. باشقا يەرگە چاپلىماقچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.



ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ "ئويغانغان زىمىن" ناملىق رومانىنى ئوقۇغانلارنىڭ ئېسىدە بولىشى مومكىن. ئەينى ۋاقىتتا خوجىنىياز ھاجىلار شىڭ شىسەيگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن گەنسۇدىكى ئاچ قالغان باندىت ماجوڭيىڭنى ياردەمگە چاقىرغان. بىز روماندىكى تەسۋىرلەردىن قۇمۇل قوشۇنلىرىنىڭ بۇ توڭگانلارنى قانداق قارشى ئالغانلىقىنى، كىيىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدۇق. شىۋىتسىيىلىك داڭلىق ئېكىسپىدىتسىيىچى سىۋىن ھىدىن ئەنى ۋاقىتتا ماجڭيىڭ بىلەن ئۇچىراشقان. ماجۇڭيىڭ ئۇنىڭغا بىر مۇنچە ئاۋارچىلىقلارنى تېپىپ بەرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ "قاچقۇن ماجۇڭيىڭ" دېگەن كىتابىدا بۇ باندىت ھەققىدىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن. تۆۋەندىكى بىر پارچە سۈرەت قۇمۇل قوشۇنلىرىنىڭ ماجۇڭيىڭغا قوشۇلۇش ئۈچۈن ماڭغان ۋاقتىدا تارتىلغان. بۇ سۈرەتنى سىۋىن ھىدىن ئۆزىنىڭ "1927-1935 يىللاردىكى ئاسىيا ئېكىسپىدىتسىيە تارىخى" نىڭ 3-تومىغا قىستۇرما قىلىپ بەرگەن. بۇ سۈرەتنى كۆرگەندىن كىيىن بىزئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تەسۋىرلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق ئەسكە ئالالايمىز. ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ئۈچۈن قانچىلىك جاپا-مۇشەقەت تارتقانلىقىنى ئاز تولا بولسىمۇ چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.

ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://lopnuri.blogbus.com/logs/34200661.html

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 18   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 nafesa321 مەن ھەقىقەتەنمۇ خوش بولدۇم بۇ سۈرەتىن  ،بولسا كۆپرەرەك  تەمىنلگەن بولسىڭىز بەك خۇرسەن بولاتتۇق ،رەھمەت سىزگە... 2009/2/7 18:01
2 kumluk138 بولسا يەنە كۆپرەك يوللارسىز 2009/2/7 20:23
3 honqan مەن  بۇ   رەسىمنى   كۆرۈپ   شۇنداق   زىدىيەتلىك   ھىسسىياتتا  ،نىمە  دىيىشىمنى   بىلەلمىدىم،  چۇنكى   ئۇيغۇرۈم  شۇنچىلىك  ئىنقىلاپلارنى  قىلدى،دەريا -دەريا  ئىسسىق  قانلىرىنى  تۆكتى،جانلىرىنى  مىللەت  ئۈچۈن  ئاتا  قىلدى،ئۇيغۇرۈمنىڭ ئەركىنلىگى،ئازاتلى
غى  ئۈچۈن  نەچچە  يۈزمىڭ  ئۈت  يۈررەك  پالۋانلىرىمىز   جەڭگاھلاردا   شەھىت  بولۇپ
قەۋرىسىز   قالدى.لېكىن  ........
مۇشۇنداق  مەزمۇندىكى  ماتىرىياللارنى  كۆرسەلا  خىيال قۇشۇم  يىراق  ئۆتمۈشلەرگە  پەرۋاز
قىلىپ  ئارامىم  بۇزۇلىدۇ.   ھەي ي......................................................
2009/2/8 00:34
4 كۆكنۇر   بەك قىممەتلىك سۈرەتكەن. 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قۇمۇلنىڭ ئاستانە دېگەن يېزىسىدا خوجىنىياز ھاجىنىڭ كىچىك ئوغلى بىلەن كۆرۈشكەن چېغىمدا، ئۇ ئەينى يىللاردىكى سۈرەتلەرنى ئوبدانراق ساقلاپ قويالمىغىنىنى ئېيتىپ، ئەپسۇسلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيىدە پەقەت ھاجىمنىڭ يالغۇز چۈشكەن سۈرىتىنىڭ تامغا ئېسىقلىق ئىكەنلىكىنىلا كۆرگەن ئىدىم. 2009/2/8 01:01
5 pan-tikin شۇ تارىخنى ئۇقۇسا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىچى ئېچىشىدۇ ، ئازاپ ھەم ئىبىرەت شۇ تارىخنىڭ بىردىن بىر نەتىجىسى بولسا كىرەك . 2009/2/8 01:39
6 AlipTigin   ئۇلار نىمىشقا خوجىنىياز ھاجىغا قوشۇلماي ماجۇڭيىڭ تەرەپكە ئۆزىنى ئاتىدۇ؟ بۇ نىمە ئۈچۈن؟
  مىنىڭچە خەلقىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىمىزگە ئىشەنمەي ئۆزى بۈلمەيدىغانلارنى ئەۋلىيا ساناپ شۇنداق قىلدى، بۇبىزدە ئەجداتتىن ئەۋلاتقا مىراس بولۇپ كىلىۋاتقان ئىللەت.
   بۇنىڭغا خوجىلار دەۋرى تىپىك مىسال بولالايدۇ.
2009/2/8 16:26
7 halipjan   پالۋانلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئىسسىق قانلىرىنى تۆكۇشى بىز ئۈچۈن ئەمەسمىدى لىكىن ......... ھەي ، ئىسىت !!!! 2009/2/9 13:01
8 yalpuz01 تارىخ ھامان قان بىلەن يىزىلدۇ .شۇ ڭا بىز تارىخمزنى ئىسمزدە ساقلىشىمىز لازىم . 2009/2/9 16:09
9 ahgpn بۇ سۈرەتلەرنى يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت.
  
    <ئويغانغان زېمىن>نىڭ 3_بۆلۈمىنى كېم يازاكىن،بۇنېڭ دىن ئۇچۇر بارمىدۇ؟
2009/2/9 16:32
10 togrfk ھەي . تۈمۈر خەلىپە باسقان خاتا يولنى خۇجىنياز ھاجى باستى، تارىخىمىزغا قاراپ باقساق بۇنداق خاتالىقلار شۇنچىلىك كۆپ ۋە تەكراريۈز بەردى. بۇ كىشنى تۇلىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. 2009/2/9 17:56
 جەمئىي باھا 18  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/2  |<  <<   1 2   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009