يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
خې. خور. خۇيخې (ئۇيغۇر) توغرىسىدا
يوللىغۇچى QINMAQIN   كۆرۈش 925   يوللانغان ۋاقتى 2009/1/22 14:14  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
                          
                                   خې،خور،خۇيخې ( ئۇيغۇر) توغرىسىدا
                                    
                                                   گۇپىڭياڭ
              «كۇمار نەزمىلىرى» ئا پارچىسىنىڭ ئاخىرىغا « خې كۇمار»،ب پارچىسىنىڭ ئاخىرىغا
«كۇمار »دىگەن ئىسىم يېزىلغان،روشەنكى،كۇمار نەزمە ئاپتۇرى ۋە كۆچۈرگۈچىنىڭ ئىسمى،خې
(纥) ھەرپى بولسا باشقا مەمبەدىن كەلگەن،. گومۇرۇنىڭ « كۇمار نەزمىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش
» دىگگن ماقالىسىدە،خې ھەرپى خۇيخېې (  回纥 ) يەنى ئۇيغۇر دىگەن سۆز بۇلۇپ،كۇمارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈدۇ،دەپ قارالغان.مىنىڭ قاملاشمىغان ماقالەم _ «< كۇمار نەزمىلى
رى> گە ئائىت بىر قانچە تارىخى ۋەقە» (غەربى يۇرت تەتقىقاتى نىڭ 1992يىل 2-سانىغا   بېسىلغان) دە گومۇرۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىنغان ھەمدە ئۇنى خىەنزۇچە شەكىللىدىكى ئىسىم -فامىلىگە تەقلىد قىلغان،يەنى ئۆز مىللتىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىدىكى 2- ھەرىپنى ئۆز فامىلىسى قىلغان بولسا كىرەك،دەپ قىياس قىلىنغان.مەسىلە مۇشۇنىڭ بىلەن ھەل بۇلۇپ كەتتىمۇ؟ئۇنداق ئەمەس،ئەلبەتتە.بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئىزدىنىشكا توغرا كىلىدۇ،تۈبۈت يېزىقىدىكى متىرىياللار بىزنى بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ھەم قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ،گومۇرۇنىڭ ھۈكۈمىنى كۈچلۈك دەلىلگە ئىگە قىلدى.[align=justify]


        ئالدى بىلەن مەشھۇر پېللئۇت ئىلان قىلغان 1283-نۇمۇرلۇق تۈبۈتچە پۈتۈكنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى تۈۋەندە قىسقارتىپ نەقىل كەلتۈرۈمىز.پۈتۈكنىڭ باش ئابزاستىكى سۆز قىزىل رەڭ بىلەن يېزىلغان بۇلۇپ،مەنىسى مۇنداق :« بۇ ،بارلىق شىمال پادىشالىرىغا مۇناسىبەتلىك ئەسەر،بۇ مەلۇمات خور مىللىتىنىڭ بەش نەپەر ئەلچىسى تەرىپىدىن يۇقۇرىغا سۇنۇلغان،بۇ ئەلچىلەر ئىلگىرى خور پادىشاھىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن،زىيارەتتە ئەۋەتىلگەن بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ مەخسىدى شىمالدىكى پادىشاھلارنىڭ نەسەب سېستىمىسىنى تەكشۈرۈش ئىدى.بۇ ئەسەر ئارخىپتىكى بىر جىلىدقول يازمىدىن كۈچۈرۈۋېلىندى».@پۈتۈكتە بەش نەپەر
خور ئەلچىسىنىڭ يولغا چىققان جايى جى-يۇر دېيىلىدۇ،تۈركچە باكىر بالىق دىيىلىدۇ دىيىلگەن؛
ئۇنىڭ يۇقۇرى تەرىپىدە تۈرك بەگچورنىڭ 12 قەۋمى بار.بەگچورنىڭ غەربىدە توققۇز تۈرك قەۋمى
بار،ئۇلارنىڭ سەردارى ئۇيغۇر تۇتۇق ( ئۇيى-كىر- دۇ-تاغ) دەپ ئاتىلىدۇ،خەنزۇلار ئۇنىڭغا قاغان دەپ نام بەرگەن،ئۇلارنىڭ ئىتنىك نامى ياغلىقار؛بۇ قەبىلە خويوخور دەپمۇ ئاتىلىدۇ،پۈتۈكتە قىتان توغرىسىدا بىرىلگەن مەلۇماتتا ،ئۇلار خويوخورلار بىلەن گاھ ئۇرۇشۇپ،گاھ يارىشىپ ئۈتۈدۈ
دىيىلگەن؛خور-گىدلار توغرىسىدا بىرىلگەن مەلۇماتتا ،ئۇلار خورلارغا بويسۇنۇدۇ ھەم تىيىن تىرىسى ئولپان تاپشۇرۇدۇ دىيىلگەن؛يېدرى يەتتە قەۋمى توغرىسىدا بىرىلگەن مەلۇماتتا،ئۇلار خورلار بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرۇدۇ دىيىلگەن؛تۇباسلار توغرىلىق بىرىلگەن مەلۇماتتا،ئۇلار ھايۋان تىرلىرى بىلەن ئولپان تاپشۇرۇدۇ دىيىلگەن؛قۇشۇلار توغرىسدا بىرىلگەن مەلۇماتتا،ئۇلار خورلارنىڭ يۆتكىشىگە بويسۇنمايدۇ ، يەنە كىلىپ دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرۇدۇ دىيىلگەن؛قىرغىزلار توغرىلىق بىرىلگەن مەلۇماتتا،ئۇلار خورلا بىلەن گاھ ئۇرۇشۇپ ،گاھ يارىشىپ ئۈتىدۇ دىيىلگەن؛باسمىل بەش قەۋمى توغرىلىق بىرىلگەن مەلۇماتتا،ئۇلار خورلار ۋە قارلۇقلار بىلەن ئىلگىرى ئىتتىپاق تۈزگەن،كىيىن يەنە يۈز ئۆرۈپ كەتكەن دىيىلگەن؛ئوغراقلار توغرىلق بىرىلگەن مەلۇماتتا ،ئۇلار چوڭ خويوخور ۋە مانى دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىيىلگەن#.
           بۇ پۈتۈكنى مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قانچە مەشھۇر ئالىملار باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ،بەلگۈلۈك نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن.بۇ يەردە ئەشۇ تەتقىقاتلار ئاساىسدا «خور» دىگەن نام ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر ئاز تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچىمەن.
            بىرىنچى،« ئۇ - يى كېر ياكى خويوخور» دىگەن سۆز _ روشەنكى ئۇيغۇر دىگەن نامنىڭ تۈبۈتچە يېزىلىشى ۋە ئاھاڭ تەرجىمىسى،كونكىرىتنى قىلىپ ئېيتقاندا،چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر خانلىقىنى كۆرسۈتۈدۇ،بۇ خانلىقنىڭ خانى دەل ياغلىقار قەبىلىسىدىن بۇلۇپ،ئەسلى تاڭ سۇلالىسى تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ تۇتۇقى ئىدى،كىيىن تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭغا خاقان دىگەن نامنى ئۇتۇغات قىلىپ بەرگەن،خانلىقنىڭ زىمىنى ئاساسەن كىيىنكى تۈرك خاقانلىقىنىڭ بۇرۇنقى زىمىنى بىلەن تەڭ ئىدى،بۇ چاغدا كىيىنكى تۈرك خانلىقى ھالاك بۇلۇپ ،ئۇنىڭ قالدۇق قىسمى جەنۇپقا بېرىپ تاڭ سۇلالىسىگە ئەل بولغان،تۈرك بەگچورنىڭ 12 قەۋمى دىگىنى ئەنەشۇلاردۇر.جوغراپىيەلىك نۇقتىدىن ئالغاندا،ئۇيغۇر خانلىقى شىمالدا،تۈركلەر جەنۇپتا دىيىلىشى كىرەك ئىدى،پۈتۈكتە نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر خانلىقى غەرىپتە دىيىلدى؟ئېھتىمال،بۇ،ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى يۈز بەرگەندىن كىيىن،قۇجۇ ۋە بەشبالىقتا تۇرۇشلۇق تاڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرى ئىچكىرىگە يۆتكەپ كىتىلگەن بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر كۈچلىرى غەرىپكە كېڭىيىپ ئىىۋىرغول،قۇجۇ ۋە بەشبالىق ئەتراپىغا كىرگەنلىكىدىن بولسا كىرەك.ئەگەر پاكىت شۇنداق بۇلۇدىغان بولسا،ئۇ ھالدا،يۇقۇرىقى سۆز ھېلىقى بەش نەپەر خور ئەلچىسىنىڭ تەخمىنى يولغا چىققان ۋاقتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.پۈتۈكتە نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر خانلىقى توققۇز تۈرك دىيىلىدۇ؟بۇ بەلكىم ئاپتۇر ۋە تۈزگۈچىنىڭ تۈرك بىلەن توققۇز تېلىنى («توققۇز ئۇغۇزنى» شۇنداق دىگەن بۇلۇشى كېرەك. تىما يووللۇغۇچىنىڭ ئىزاھى)تۇلۇق ئايرىيالمىغانلىقىدىن بولسا كىرەك.«يېڭى تاڭنامە.تۈركلەر ھەققىدە قىسسە»دە تۈرك پۈتۈنلەي ھالاك بولغاندىن كىيىنكى ئەھۋال بايان قىلىنغاندىمۇ:« كېيىن پادىشاھقا سوۋغا تەقدىم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى كونا توققۇز قەۋىم ئىدى» دىيىلگەن،بۇنىڭدىمۇ تۈركلەر بىلەن توققۇز تېلى تۇلۇق پەرىقلەندۈرۈلمىگەن.
    ئىككىنچى،قىتان، ئوغراقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خويوخورلارمۇ ،شۆبھىسىزكى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر خانلىقىنى كۆرسۈتۈدۇ؛قىرغىز ۋە باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان خورلار قايسى مىللەتنى ياكى دۈلەتنى كۆرسۈتۈدۇ؟ تەھقىقكى،بۇمۇ چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر خانلىقىنى كۆرسۈتۈدۇ،خور بىلەن ئۇيغۇرنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى پۈتۈكنىڭ ئۈزىمۇ يىتەرلىك ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.ئۇنىڭدا باسمىللار توغرىسىدا بىرىلگەن مەلۇماتتا ،ئۇلار خور ۋە قارلۇقلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ،بەگچۇر خاقاننى مەغلۇپ قىلغان ،باسمىل قەبىلىسىنىڭ باشلىقى قاغانلىق تەختىگە چىققان،كېيىن خورلار يەنە قارلۇقلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باسمىل قاغاننى ئۆلتۈرگەن دىيىلگەن.بۇ سۆزدىكى خورنى ئۇيغۇر دەپ ئالماشتۇرساقلا،ئۇ چاغدا بۇ سۆزگە ئالاقىدار خەنزۇچە خاتىرلەردىن گۇيا خەتمۇ-خەت ،جۈملىمۇ _جۈملە كۈچۈرۈلگەندەك بۇلۇپ چىقىدۇ.يەنە تۈبۈتچە «ئۇدۇن دۆلىتى ھەققىدە خاتىرە»دە مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان:«لى جەمەتى قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە خەن،چىنمىيەن،سۇبى،درۇ-گۇ،ۋە خور قاتارلىق دۈشمەنلەر ھەدەپ ھەركەت قىلىشقا باشلىدى،ئۇلارنىڭ تۇقۇنۇشى تۈپۈيلىدىن ئۈچ دۆلەت پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى».دۇنخۇاڭدىكى مەشھۇر بۇددا شىراماسى (راھىبى) فاچېڭ تۈبۈتلەر دۇنخۇاڭنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە بۇ كىتاپنى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىپ چىققان،يۇقۇرىقى سۆزنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق:« ئۇدۇن قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە خەنزۇ، چىنمىيەن،سۇبى،تۈرك،ئۇيغۇر قاتارلىق قاراقچىلار سۇقۇش قىلىپ پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتىدۇ»،بۇنىڭدىن مەلۇمكى،ئۇ چاغدا تۈبۈتلەرنىڭ ۋە تۈبۈت ھاكىميىتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى خەنزۇ ،ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە خور بىلەن ئۇيغۇر پۈتۈنلەي ئوخشاش سۆز ئىدى،ھازىرقى مەسىلە شۇكى،مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئۇخشاش تۇرۇغلۇق ،ئەينى بىر پۈتۈكتە نىمە ئۈچۈن ئۇخشاش نام قوللۇنۇلماي،ئۇخشاش بۇلمىغان ئىككى خىل نام قۇللۇنۇلۇدۇ؟مېنىڭچە،مەسىلە ناھايىتى ئاددى،چۈنكى بەزىدە تۇلۇق ئاتىلىشى،بەزىدە قىسقارتىلغان ئاتىلىشى قوللۇنۇلغان؛تەلەپپۇزدىكى قىسقارتىلغان ئاتىلىشى دەل تۇلۇق ئاتىلىشىنىڭ كىيىنكى يېرىمى،خەنزۇچە مەنبەلەردە ،جۈملىدىن دۇنخۇاڭدا ساقلىنىپ قالغان تۈبۈت ( 吐蕃 ) دىگەن نامنىڭ ھەمىشە قىسقارتىلىپ بۇت ( 蕃 ) دەپ ئاتىلىشى،ھۆرمەت يۈزسىدىن چوڭ بۇت (大蕃 )دەپ يېزىلىشى مانا بۇنىڭ كۈچلۈك مىسالى.
             شىنئەنشىياۋفۇ ئەپەندى خور قىسقارتىلغان ئاتىلىشى دىگەن قاراشقا باشقىچە پىكىردە چىڭ تۇرماقتا،ئۇ ئۆز ماقالىسىدە تۈرلۈك ئاساسلارنى كۆرسۈتۈپ يۇقۇرىقى قاراشقا رەددىيە بەردى،
ئۇ دۇنخۇاڭدىكى تۈبۈتچە ھۆججەتلەرنى مىسال قىلىپ،تۈبۈتلەر خېشىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە ياسالغان ئىبادەتخانىنى  تەبرىكلەپ يېزىلغان پۈتۈكلەردە تۈرك،تاڭ سۇلالىسى،نەنشاۋنى ھەمىشە تەڭ قاتارغا قۇيغان،لېكىن خورنى تىلغا ئالمىغان،بۇنىڭدىن مەلۇمكى،ئۇ چاغدا كىشىلەر ئۇيغۇرنى تۈرك دەپ ئاتىغان،دەيدۇ.ئەمەلىيەتتە،ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ چىگرىسىنى ئارلاشتۇرۇۋېتىش ئۇ چاغلاردىكى خېلى ئۇمۇمىيۈزلۈك ھادىسە بۇلۇپ،يالغۇز تۈبۈتلەرلا شۇنداق قىلغان ئەمەس،بۇنى يۇقۇردا دەپ ئۆتتۈق.ئۇ يەنە مىسال كۆرسۈتۈپ ،خور دەپ ئاتالغانلار يالغۇز ئۇيغۇرلا ئەمەس،يەنە كىيىنكى مۇڭغۇللار ۋە 17-ئەسىردىكى،ھەتتا ھازىرقى زاماندا تىبەتنىڭ شىمالىدا تۇرۇۋاتقان زاڭزۇدىن غەيرى مىللەتلەمۇ بار،دەيدۇ.بۇمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس،ئىتنىك نامنىڭ ئۆزگىرىپ بېرىشى،ھەتتا بىرىنىڭ نامىنى يەنە بىرنىڭ نامىغا ئالماشتۇرۇپ قۇيۇلۇشى تارىختا ھەمىشە ئۇچراپ تۇرۇدۇ،بۇ يەردە بىر مىسالنى كۆرسەتسەكلا مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ. «سىخەي»دە تاتار دىگەن سۆز مۇنداق ئىزاھلانغان«قەدىمقى مىللەت نامى، يەنە 达坦,达旦 ,达达,塔塔尔  دەپمۇ ئاتىلىدۇ،بۇ نام ئەڭ بۇرۇن تاڭ دەۋرىدىكى خاتىرىلەردە ئۇچرايدۇ،تۈركلەرنىڭ ھۈكۈمرانلىقىدىكى بىر قەبىلە ئىدى،تۈركلەر ھالاك بولغاندىن كىيىن،تاتارلار كۈچلۈك قەبىلىگە ئايلاندى،ئىككى سوڭ،لىياۋ،جىن دەۋىرلىرىدىكى تاتارلارنىڭ ئۆز قەۋىملىرىدىن باشقا،يەنە چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى موڭغۇل قەبىلىلىرىمۇ تاتار دەپ ئاتالدى،چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدىكى ئونغۇت قەبىلىسىمۇ ئاق تاتار دەپ ئاتالدى،موڭغۇللار باش كۈتۈرۈپ چىققاندىن كىيىن،تاتار قەبىلىسى موڭغۇللار تەرىپىدىن ھالاك قىلىندى،لېكىن غەرىپ ئەللىرى ئادەتتە موڭغۇللارنى تاتار دەپ ئاتايدۇ.يۇەن سۇلالىسى يۇقالغاندىن كىيىن،مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شەرقى موڭغۇلارنىڭ چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرىغا تەۋە قەبىلىلەر يەنە تاتار دەپ ئاتالدى .ئۇنىڭدىن باشقا،كەڭ مەنىدە قوللىنىلغاندا،تاتار دىگەن نام بەزىدە جۇڭگۇنىڭ شىمالىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۇمۇمى نامى بۇلۇپ قالدى»ھازىر روسسىيە فىدىراتسىيەسىدە يەنە تاتار رىسپوپلىكىسى بار يەنە مەملىكىتىمىزدىمۇ تاتار مىللىتى بار.بۇ يەردە مۇھىمى،خور دىگەن بۇ نامنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىنىقلاش مەسىلىسى.سىنئەنشىياۋفۇ ئەپەندى بۇنى دەلىللەشتە،تۇماس بىلەن خۇفماننىڭ خور دىگەن خەنزۇچە« 胡 »دىگەن سۆزنىڭ فۇنىتىكىلىق ئۆزگىرىشى دىگەن قارىشىغا قۇشۇلماي،خەنزۇچە « 匈奴 » (شىوڭ نۇ) دىگەن سۆزدىكى (شىيوڭ)ھەرىپىنىڭ فۇنىتىكىلىك ئۆزگىرىشى دىگەن قارىشىنى ئۇتتۇرغا قويدى،ھەمدە 19-ئەسىرگە تەئەللۇق تىبەتچە بىر كىتاپتىكى «خۋۇ-ئۇ» دىگەن سۆزگە بىرىلگەن ئىزاھقا ئاساسەن،«شىيوڭ»دىگەن خەت« 恶 » (يامان) ۋە «شىماللىقلار» دىگەن قوش مەنىگە ئىگە دىگەن خۇلاسىنى چىقاردى.ئىلىمىزدىكى بەزى ئالىملارنىڭ دەلىللىشىچە،شىيوڭنۇ دىكى 匈 ھەرىپى ھۇنلارنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى «胡 »نىڭ ئىتىمۇلۇگىيەسى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ،ھەر ئىككىلىسىلا ھۇن مىللىتىنىڭ ئۆز نامىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى،شۇڭئا شىيوڭ(匈 ) دىگەن خەتتىن 恶 (يامان) دىگەن مەنىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ؛«شىماللىقلار»دىگەن سۆزگە كەلسەك،بۇمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كىيىنكى چاغلاردا كېڭئەيتىپ چىقىرىلغان كۆچمە مەنىگە ئىگە سۆز بۇلۇپ،ھەرگىزمۇ شىيوڭ دىگەن خەتنىڭ ئۆز مەنىسى ئەمەس.دەل شۇنداق بولغاچقا،سىنئەنشىياۋفۇ ئەپەندى ئۆز پىكرىدە ئانچە چىڭ تۇرالمىغان بۇلسا كىرەك.لېكىن «خور دىگەن سۆزنىڭ ئىتمۇلۇگىيەسى ئىنقلانمىغان »ئەھۋال ئاستىدا ،ئۇ ئەپسۇسلۇق بىلەن:«خور تىبەتنىڭ شىمالىدىكى خەنزۇ مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەردۇر،يەنە كىلىپ تىبەتنىڭ بىۋاستە زىمىنى بىلەن تۇتۇشىدۇ»دىگەن خۇلاسىنى چىقارغان،ئەمەلىيەتتە قىپقالغىنى يەنىلا ھەل بولمىغان مەسىلە.ئەگەر بىز ئۇنى خويوخور دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى،ئۇنىڭ مەنىسى تاتار قاتارلىق قەبىلىلەر نامىغا ئوخشاش بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن دەپ قارىساق،مەسىلە ئوڭايلا ھەل بۇلۇدۇ.
        ئۈچۈنچى،بەش نەپەر ئەلچىنى شىمالدىكى بىر قانچە خانلىققا زىيارەتكە ئەۋەتكەن خور خانى ۋە ئۇنىڭ پۇخرالىرى قايەرلەرگە جايلاشقان؟ ئۇلار شىمالدىكى ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدەمۇ ؟ئالدى بىلەن ئىنىقلاشقا تىگىشلىكى شۇكى،بۇ ئادەملەر توپى گەرچە خور دەپ ئاتالسىمۇ،لېكىن ئۇلار چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ئوخشاش بىر پۈتۈن گەۋدە ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرىتۇرىيە جەھەتتىنمۇ بىر-بىرىگە تۇتاشمايدۇ،بۇ نۇختىنى شىنئەنشىياۋفۇ ئەپەندى ناھايىتى مۇپەسسەل دەلىلىگەن،ئارتۇقچە سۆزلەش ھاجەتسىز.ئىككىنچىدىن،بۇ خورلارنىڭ شۇ چاغدا گەنسۇنىڭ غەربى قىسمى،خېشى ۋە غەربى يۇرۇتنىڭ زور قىسمىنى ئىگەللەپ بولغان تۈبۈتلەرنىڭ ھۈكۈمرانلىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىتىراپ قىلىش كىرەك.چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ،ئاندىن خورخانىنىڭ ۋەزىر -ۋۇزىرالىرى نىمە ئۈچۈن ئالاقە مەكتۇپلارنى تۈبۈت يېزىقىدا يازغانلىقىنى چۈشەندۈرگىلى بۇلۇدۇ؛گەرچە بەزىلەر بۇ پۈتۈكلەرنى خەنزۇچىدىن ياكى تۈركچىدىن تۈبۈتچىگە تەرجىمە قىلغان بۇلۇشى مۈمكىن دەپ گۇمانلىنىدۇ،بىراق بۇنداق دىيىشكە ئاساس كەم،يەنە كىلىپ بۇ پۈتۈكلەر تۈبۈت ئەمەلدارى قول سۇنسىلا ئالالايدىغان ئارخىپ ئامبىرىدا بىجىرىم ساقلانغان، بۇنى ئۆز ۋاقتىدا خور خانى تۈبۈت زەنبۇسىغا يوللىغان ،دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بۇلامدۇ-يوق؟
             باشقا ماتىرىياللاردىن قارىغاندا،ئەينى چاغدا تۈبۈت ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقدىكى خېشى-شاجۇ ئەتراپلىرىدا ھەقىقەتەن خورلار جايلاشقان.سىنئەنشىياۋفۇ ئەپەندى پ.ت.1294-ۋە1166-نۇمۇرلۇق پۈتۈكلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ،تۈبۈتلەرنىڭ مەشھۇر ئەربابى جانكىرى سوم بىجىرنىڭ قول ئاستىدا خور ئادەملىرى بولغان دەپ قارىغان،«يېڭى تاڭنامە.تۈبۈتلەر ھەققىدە قىسسە»گە ئاساسلانغاندا،شاجۇ ئايمىقىىنى ھۇجۇم بىلەن ئالغان كىشى جانكىرى سوم بىجىر،شاجۇنى ئالغاندىن كىيىن ئۇ يەرنى ساقلاپ تۇرغۇچىمۇ جانكىرى سوم بجىر،ئۇنىڭ ھۈكۈمرانلىقىدىكى خورلارنىڭ تۇرغان جايى شاجۇ ياكى ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى جايلار بولسا كىرەك.جانكىرى سوم بىجېر باش ۋەزىر بولغان،ئۇ شاجۇدا داۋاملىق تۇرغانمۇ يوق.بۇنىسى نامەلۇم،بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى: (1) بۇ ۋەقە باشقا تارىخ كىتاپلىرىدا كۈرۈلمەيدۇ،بۇ ۋەقە تۈبۈتلەر ھۈكۈمرانلىقىدىكى يەرلەردە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق كىچىك كۆلەمدىكى ئىسياندىنلا ئىبارەت بۇلۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.(2) ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭغۇتلارنىڭ تەڭلا تىلغا ئېلىنغانلىقى بۇ ئككى مىللەتنىڭ يېرى بىر-بىرىگە تۇتاش ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈدۇ،تاڭغۇتلارنىڭ ئەسلى جايلاشقان ئورنى تۇيغۇنلارنىڭ جەنۇبىدا بۇلۇپ بۇلۇپ،غەرىپ تەرىپى غەربى تۈركلەرگە قوشنا ئىدى،كېيىن تۈبۈتلەرنىڭ تەھدىدىگە ئۇچراپ،ئاساسى قىسمى شەرىققە كۈچۈپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭجۇ ئايمىقى (ھازىرقى گەنسۇنىڭ چىڭياڭ ناھىيىسى)تەۋەسىگە بارغان،«يەر-زىمىنى تۈبۈتلەرگە قالغان،ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلىرى تۈبۈتلەرگە بويسۇنغان،»ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە جانكىرىسوم بىجىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلار ئەنە شۇ تۈبۈتلەر تەرىپىدىن «بۇيسۇندۇرۇلغان» تاڭغۇتلار بولسا كىرەك، ئۇلارنىڭ يىرى شاجۇدىن(دۇڭخۇاڭ يەنى دەشتئاتا)دىن ئانچە يىراق بولمىسا كىرەك ،بىزنىڭ بۇ دەلىللىشىمىز سىنئەشىياۋفۇ ئەپەندى نەقىل كەلتۈرگەن يەنە بىر تۈبۈتچە ماتىرىيالغىمۇ ماس كىلىدۇ،:« <دانىشمەنلەرنىڭ شاتلىق زىياپىتى>دىگەن پۈتۈكتە خور بىياجۇرىن پو ئىسىملىك بىر شەخىس ئۇچرايدۇ،ئۇ سوم -پانىڭ باشلىقى،بۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ،تۈبۈت تىلىدا ئىسىمنىڭ باشلىنىش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا ،خور دىگەن بۇ سۆز شۈبھىسىزكى ئۇلۇس ياكى ئۇرۇق -قەبىلە نامى.ۋاھالەنكى،شەنكۇ ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا،سوم-پا خەنزۇچە ماتىرىيالدىكى بەيلەندىن ئىبارەت،ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى تىبەتنىڭ شەرقىدە دىگەندىن كۆرە،چىڭخەينىڭ جەنۇبىدا دىيىش تۈزۈك» بۇ يەردە شۇنى كۆرسۈتۈپ ئۈتۈش كىرەككى،سوم-پانى بەيلەن دەپ بىكىتكەندىن كۆرە،سۇبى دەپ بىكىتىش تۈزۈك،ھازىرقى چىڭخەي،شىنجاڭ،شىزاڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە - رايۇنىدىن ھالقىغان بۇ سۇبى قەبىلىلىرى تارىختا ناھايىتى مەشھۇر بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى خەنزۇچە خاتىرلەردە ئۇچراپلا قالماي،قارۇشتى،تۈبۈت قاتارلىق يېزىقلاردىمۇ ئۇچرايدۇ.تاڭ سۇلالىسىنىڭ جىنگۈئەن يىللىرىدا ،كاڭدىيەن تاڭ پادىشاسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن لوپنۇرنىڭ جەنۇبىدا چاقىلىق قاتارلىق بەش شەھەرنى بەرپا قىلغان،ئۇنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى بىر شەھەرنىڭ نامى سابى بۇلۇپ،غەرىپ تەرىپىنىڭ چاقىلىق بىلەن بولغان ئارلىقى 400 چاقىرىندىن كۆپرەك كىلەتتى؛بۇ جاينىڭ يەر شەكلى خەتەرلىك ھەم مۇھىم بۇلۇپ،سابى كۆلىگە يېقىن ئىدى،تۇيغۇنلار ۋە تۈبۈتلەر بۇ جايغا دائىم كىلىپ -كىتىپ تۇراتتى. خور بىيا چۇرىن پۇ ئېھتىمال مۇشۇ ئەتراپتىكى جايلارنىڭ سەردارى بولسا كىرەك،ئۇنىڭ قول ئاستىدا باشقا خور ئادەملىرىنىڭ بۇلۇشى چۇقۇم.بۇ جايلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىزچىل تۈردە شاجۇ ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بۇلۇپ كەلگەن؛تۈبۈتلەر شاجۇنى ئىشغال قىلغان مەزگىللەردە،بۇ جايلامۇ تۈبۈتلەرنىڭ شاجۇدا تۇرۇشلۇق ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئەمەلدارىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان بۇلۇشى مۈمكىن،سىنئەشىياۋفۇ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:«شىزاڭ كىتاپلىرىدا نان-لام-سىتاگ-سگراكلۇ-گۇن (خەنزۇچە ئىسمى ماجۇڭيىڭ) دىگەن بۇ ئادەمنىڭ يىراق شىمالدىكى خور دۆلىتىگە يۈرۈش قىلغانلىقى،ئۇ يەردىكى ئىبادەتخانىدىن بوت ھەيكەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مال-مۈلۈكلەرنى بۇلاپ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىن خور (بخاتاخور)نىڭ قوغدۇغۇچى ئىلاھى پېخارىنى تاللاپ ئۇنى ساڭيۇئەن ئىبادەتخانىسىنىڭ مال-دۇنياسىنى قوغدىغۇچى ئىلاھى قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ». ماجۇڭيىڭ تۈبۈتلەرنىڭ باش سانغۇنى بۇلۇپ،764-يىلى تۈبۈت قۇشۇنى چاڭئەنگە بېسىپ كىرگەندە ،ئۇ مۇشۇ ئىشقا قاتناشقان؛تۈبۈتلەرنىڭ ساڭيۈئەن ئىبادەتخانىسى 779-يىلى ياسالغان،ئۇنىڭدىن ئۇزاق ئۈتمەي تىكلەنگەن ساڭيەئەن ئىبادەتخانىسى ئابىدىسىدىمۇ ئۇنىڭ نامى يېزىلغان.يۇقۇرىقى ۋاقىت ئىچىدە بۇددا دىنىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك خور دۆلىتى قايەردە؟ كىيىنرەك يېزىلغان تىبەتچە كىتاپلاردا بخار-تا-گور ئىبادەتخانىسى يەنە گەنجۇ ئايمىقى بىلەن باغلاپ قۇيۇلغان،شۇنىڭ بىلەن بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ خور دۆلىتى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەپ قارىغان،ۋاقىت جەھەتتىن ئېيتقاندا،مۇنداق بۇلۇشى مۈمكىن ئەمەس،بۇ خور دۆلىتىنى گەنجۇدىن باشقا تۈبۈتلە ھۈكۈمرانلىق قىلغان رايۇنلاردىن ئىزدەش كېرەك.
             تۈبۈت ھاكىميىتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى خورلارنىڭ جايلاشقان يېرى ۋە پائالىيەتلىرىنى يىتەرلىك چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان ماتىياللار ھازىرقى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى قىسمىدىن قېزىۋېلىنغان تارشا -پۈتۈكلەر ھىساپلىنىدۇ،ئەلبەتتە. تۈۋەندە ئۇنىڭ مۇناسىبەتلىك قىسمىنى كۈچۈرۈپ كۆرسۈتىمىز(پۈتۈكنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان رەقەملەر خىنزۇچە تەرجىمە تىكىستىگە قۇيۇلغان نۇمۇرلار)
        100....بۇيسۇنغان خور قەبىلىسىدىن ئونلىكىن پىشامشانغا سۆھبەتكە ئەۋەتىلدى،ساڭشىياڭگۇر بىلەن زېگۇر...
       146....ئۇياڭبېيزى،يان تەرەپتە يۇشۇرۇنغان بىر نەپەر خور پايلاقچىسى بار...ۋۇشىياڭزەن دۈشمەن قۇشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى،ئەھۋال ئېغىر،....ئىلگىرى بىر قېتىم ئىزلىگەن،پىشامشان پايلاقچىلىرى پىشامشانغا توپلاندى....ۋۇشىياڭزەننىڭ سىڭلىسى ....ۋۇشىاڭزەننى تاپالماي شۇ يەردە قالدى.
           235.ۋۇزىبا قەبىلىسىدىكى خور نېشى.
          255.خور قەبىلىسىگە ئەل بولغان جىياڭماجى،شىياڭ قەبىلىسىدىن قېلىمېن،جوڭزام قەبىلىسىنىڭ بەينام دىگەن يېرىدىكى ئەيپىڭمۇ شىياڭدوڭ،ئەل بولغان خور قەبىلىسىدىن جىياڭماجى.
          256.خور ئادىمى ناۋشۇڭ مەلۇم قىلدى.
                 يۇقۇرىقى ئۈزۈندە تىكىسلەردىكى خور دىگەن سۆزنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە تەرجىمىسىدە ئۇيغۇر (回纥 ) دەپ يېزىلىپ،ئەسلى تىكىسكە ئاساسەن تىرانپىكسىيە بىرىلگەن،يەنە تۇماسنىڭ «لوپ (نوپ) رايۇنىدىكى تىبەتچە پۈتۈكلەر توغرىسىدا»دىگەن ئەسىرىدە ئىلان قىلىنغان مەركۇز ماقالىمىزغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈكلەر تۈۋەندىكىچە:(پۈتۈكنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان رەقەنلەر ئىلان قىلىنغان چاغدىكى نۇمۇرلادۇر)
           30.ماجىدىن كەلگەن ئالاقىگە ھەمدە يېلان يىلى يازدا ھەربى بارگاھ يىغىنى ئۈتكۈزۈلگەن گىتسوس مۇگلىگ دىگەن جايدىن كەلگەن جىددى ئالاقىگە بىرىلگەن جاۋاپ.مەھكىمە قارمىقىدىكى پوقرالار تەرەپتىن دىڭبۇللڭنىڭ ئۈچ قىسىم يەتكەپ تۇشۇش كارۋىنى كەلدى،خورلاردىن بەنيۈسا،ئۇلار بىر ئەركەك قۇتاز،ئىككى چىشى قۇتاز نى ئارتۇق ئېلىپ كەپتۇ،ئۇلار قۇتازلارنى ياخشى ساقلىيالماپتۇ،گېگۇڭدا رىتۇغ بىلەن سگالدرا ھەرگىزمۇ يوق ،تاپشۇرۇش ۋاقتى بۇ يىل كۈزنىڭ 2-ئېيى(كەبىسە كۈز ئاي)نىڭ 5-كۈنى،تاپشۇرۇلىىدىغان جاي كىچىك لوپقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى.(ئاخىرى قىسقارتىلدى)
            43-يىلان يىلى باھارنىڭ تۇنجى ئېيى، يېڭى ئاينىڭ مەلۇم كۈنى،جېرلۇن،زۇچۇ ۋە لو. ياڭبوبېما قاتارلىق كىشىلەر سۇرۇندا بار.ئەرىز قىلغۇچىلار بەنسەيبەيچەن بىلەن دوچاڭ باۋۇكوڭ،بۇ ئىككى نەپەر تۇشۇغۇچى لاڭ فامىلىلىك چوڭ ئاكا بىلەن 2-ئاكا،كىچىك ئىنىسى لۇدۈ،دەنبىيەتوڭ ۋە لەنچاڭبەنلى قاتارلىقلارنى ياللىغان.ئەرىز قىلغۇچى بەيچۈن قاتارلىقلار مۇنداق دەپ ئەرز قىلدى:بىز كىچىك لوپتىن كەلدۇق،سەككىز نەپەر خور ھاممالچىسىنى ياللىدۇق...چوڭ لوپقا كەلدۇق.(ئاخىرى قىسقارتىلدى)
          خور دىگەن سۆزنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە تۈرك دەپ تەرجىمە قىلىنىپ،تىرناق ئىچىگە ئىزاھلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.ئالدىنقى بەش پارچە پۈتۈك خۇتەننىڭ شىمالىدىكى مازارتاغدىن قېزىۋېلىنغان بۇلۇپ،ھەممىسى تارشا پۈتۈك؛كىيىنكى ئىككى پارچىسى مىرەن قەدىمقى شەھرىدىن قېزىۋېلىنغان بۇلۇپ ھەممىسى قەغەز پۈتۈك.يۇقۇرىقى ئەھۋال شۇنى چۈشەندۈرۈدىكى ،شۇ زامانلاردا ھازىرقى مىرەندىن خۇتەنگىچە بولغان رايۇنلاردا ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان خورلار يەنى ئۇيغۇرلار جايلاشقان.بۇ خورلارنى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ توپقا ئايرىش مۈمكىن: (1)ئۆز مىللىتىنىڭ ئەسلىدىكى قەبىلە تەشكىللىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغانلار،مەسىلەن ئونلىكىن تەۋە بولغان خور قەبىلىسى ۋە جىياڭماجى تەۋە بولغان خور قەبىلىسى،ئۇلاردىن باشقا يەنە خور قەبىلىسىنىڭ بار يۇقلىقىنى بىلىش تېخىمۇ تەس،مەيلى قانداق بولسا بۇلسۇن،بۇ قەبىلىلەر مۇشۇ رايۇنغا جايلاشقان خورلارنىڭ ئاساسى قىسمى دەپ ھىساپلاشقا بۇلۇدۇ.(2)باشقا قەبىلىگە كىرگۈزۈلگەن خورلار.(3) قەبىلىگە قاتناشمىغان خورلار.مەسىلەن پايلاقچىلىق قىلىدىغان خورلار.بۇ خۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسىمۇ ،لېكىن ھەممىسى تۈبۈت ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى پوقرالاردۇر.تۈبۈتلەرنىڭ بۇ جايلاردا قۇرغان ھۈكۈمرانلىق ئاپاراتلىرى توغرىسىدا،مىرەندىن قېزىۋېلىنغان تۈبۈتچە تارشا پۈتۈكلەردە ئىنىق مەلۇمات بار،
         328....چوڭ لوپنىڭ جېر باش بۇغى بۇيرۇق چۈشۈرۈلسە.
         334.چوڭ لوپنىڭ جېر باش بوغى تۈۋەنگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ (قوغدىسا)
          351.....مەن چوڭ،كىچىك لوپنىڭ كۈزلۈك يېغىنىغا نازارەت قىلغۇچى ئەمەلدارلىرى بىلەن.....چوڭ كىچىك لوپنىڭ ھەربى ئەمەلدارلىرى ۋە شەھەر باش بوغلىرىدىن كەلگەن خەتتە مۇنداق دېيىلىگەن.
         393...... بۇ ئالاھىدە كۈزەتكۈچى نازىر تەرىپىدىن تەستىق سېلىنىپ ،چوڭ لوپنىڭ جېر باش بوغى ۋە شاڭلۈنگە تاپشۇرۇلدى.
           جېر (节儿 ) دىگەن سۆز تۈبۈت تىلىدىكى رتىسى-رجې دىگەن سۆز بۇلۇپ ،تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھىراۋۇل دىگەن مەنسەپ بىلەن ئوخشاش،ئۇ تۈبۈت ھاكىميىتنىڭ بىر دەرىجىلىك ھەربى-مەمۇرى ئۇرگىنى .
          خور توپى تۈبۈت باش سانغۇنى ماجۇڭيىڭ ھۇجۇم قىلغان ھېلىقى خور دۆلىتىمۇ قانداق؟ شۇنداق بۇلۇشى تامامەن مۈمكىن.ھەممىگە مەلۇم،تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى باشقا قەدىمقى دۆلەتلەرگە ئوخشاش،قەدىمقى پىشامشان دۆلىتىگىمۇ بۇددا دىنى بۇرۇنلا تارقىلىپ كىرگەن بۇلۇپ ،سۈي،تاڭ دەۋىرلىرىدە تازا راۋاجلانغان ئىدى،ماجۇڭيڭ شىمالدىكى خور دۆلىتىگە يۈرۈش قىلغان چاغلاردا،تۈبۈتلەر ئاساسلىقى بېن دىنىغا ئىتىقات قىلاتتى،ئۇلار يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغان بۇددا دىنى ۋە بۇددا مەدىنىيىتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن،ئۇنىڭدىن يېڭىلىق ھىس قىلىپ ھەم ئۇنىڭغا ھېرىسمەن بۇلۇپ،بۇددا دىنىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس نەرسىنى ۋە ئۇنىڭ مال-دۇنياسىنى قۇرال كۈچى بىلەن ئۈزىنىڭ قىلىۋېلىشى پەرەز قىلغىلى بۇلمايدىغان ئىش ئەمەس، ئەلبەتتە.ئۇ چاغلاردا چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا مانى دىنىغا ئىتىقات قىلاتتى،بۇ،ماجۇڭيىڭنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق بىر ئىش،خورلاردىن ئىبارەت بۇ ئادەملەر توپى بەش نەپەر ئەلچىنى شىمالدىكى دۆلەتلەرگە ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن خور دۆلىتى بۇلۇشى مۈمكىنمۇ-قانداق؟ تامامەن مۈمكىن.بىراق ئەلچى ئەۋەتىشتىكى مەخسەت پۈتۈكتە دىيىلگەندەك ئۇنداق ئاددى بۇلۇشى ،يەنى:«شىمالدىكى خانلارنىڭ نەسەبىنى تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇلۇشى ناتايىن.ئۇنداق زور كۆلەمدىكى پائالىيەتنى تۈبۈت ھۈكۈمدارلىرى قۇشۇلغان شارائىتتىلا ئېلىپ بېرىش مۈمكىن،ئەلچى ئەۋەتىش تۈبۈت ھۈكۈمرانلىرىنىڭ يۇليۇرۇقى بۇيىچە بولغان بۇلۇشى،ئۇنىڭدىكى مەخسەت شۇ ئەللەرگە بېرىپ ۋەز ئېيتىش،ئالاقە باغلاش،شۇ ئارقىلىق تۈبۈتلەرنىڭ ھۈكۈمرانلىق ئورنىنى كۈچەيتىش ۋە ھۈكۈمرانلىق دائىرىسىنى كېڭئەيتىشتىن ئىبارەت بۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
            يۇقۇردىكى ئەھۋال شۇ چاغلاردا ئىككى خورلار توپى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.بىرى، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى مەشھۇر ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بۇلۇپ ،ئۇرقۇن  تۈرك يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئابىدىلەردە ئۇيغۇر دىيىلگەن.تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خەنزۇچە يېزىقتا خۇيخې ياكى خۇيگۇ دەپ ئاتالغان.دەسلەپتە ئۇلار توققوز تېلېنىڭ بىر قىسمى دىيېلگەن،كېيىن توققوز تېلىنىڭ ئۇمۇمى ئاتىلىشى دىيىلگە. مۇسۇلمانچە مەنبەلەردە ئۇلار كۆپ ھاللاردا توققوز  ئۇغۇز ياكى توققوز غۇز دىگەن  نام بىلەن ئاتالغان،ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى قىسمى غەرىپكە كۆچكەندىن كېيىن ،ئۇيغۇر دىگەن نام كۈرۈلۈشكە باشلىدى.يۇقۇرقى بىر نەچچە خىل يېزىقتىكى خاتىرىلەردە قىسقارتىلغان ئاتىلىشى چېلىقمايدۇ.غەربى يۇرتتىن بەش نەپەر خور ئەلچىسى شىمالغا زىيارەتكە بارغاندا،خور دەپ ئاتاش باشلاندى،لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خويوخور دەپمۇ ئاتالدى،شۇڭئا چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر دىگەن نام يەنە قىسقارتىلىپ خور دەپ ئاتالدى؛
يەنە بىر خورلار توپى غەربى يۇرتتا بۇلۇپ ،ئۇلارنىڭ ئادەم سانى ئازراق،ئوينىغان رۇلىمۇ كۈرۈنەرلىك ئەمەس ئىدى.شۇڭئا كىشىلەر ئۇلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى،،مەزكۇر ماقالىمىزدە تەكشۈرمەكچى ۋە دەلىللىمەكچى بۇلغۇنىمىز ئەنە شۇلاردۇر.ئۇلارنىڭ خور دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى ،روشەنكى،ئاۋۋال تۈبۈتلەر شۇنداق دەپ ئاتىغان،كېيىن ئۇلار ئۈزىمۇ ئۈزىنى شۇنداق دەپ ئاتايدىغان ( بەلكى ھۈكۈمەت ھۆججەتلىرىدە شۇنداق ئاتىغان بۇلۇشى مۈمكىن. تىما يوللۇغۇچىنىڭ ئىزاھاتى) بولغان.بەش نەپەر ئەلچى شىمالغا زىيارەتكە بارغاندا،چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنى خويوخور،يەنە خور دەپ ئاتىغان،بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداق دەپ ئاتايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.تۈبۈتلەر خېشى كارىدورىغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە،تۈبۈتچە خور دىگەن سۈزنىڭ خەنزۇچە خۇيخې (ئۇيغۇر) دىگەن سۈز بىلەن ئوخشاشلىقىنى يۇقۇرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن دۇنخۇاڭدىكى مەشھۇر راھىپ فاچىڭنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە،دۇنخۇاڭدا ساقلىنىپ قالغان 10-ئەسىردىكى تۈبۈتچە پۈتۈكلەردە،ئۇيغۇرلارنى يەنە خۋې-خور ياكى خۋې- خۇر دەپمۇ ئاتىغان.شۇڭئا،غەربى يۇرتتىكى خورلارنى كەم دىگەندىمۇ تۈبۈتلەر ھۈكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، يەنە غەربى يۇرت ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتاشقا بۇلۇدۇ. تۈبۈتچە پۈتۈكتىكى خويوخور دىگەن سۆز خەنزۇچە پۈتۈكتىكى خۇيخې بىلەن ئوخشاش،خور دېگەن سۆز خويوخور دىگەن سۈزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولغان ئىكەن،ئۇ ھالدا مىللەت نامى بولغان خې (纥 )ھەرپىنى خۇيخې ( 回纥 ) دىگەن نامنىڭ قىسقارتىلمىسى دەپ  ئىزاھلاش ھەمدە ئۇنى تۈبۈتچە پۈتۈكتىكى خور  دىگەن سۆز بىلەن ئوخشاش دىيىشىمىزنىڭ قائىدىگە سىغىدىغانلىقى ئۆز ئۈزۈدىن مەلۇم.

                                مەنبە:«شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» 1993-يىللىق(ئۇيغۇرچە نەشرى) 2-سانى . ( بەزى يەرلىرى قىسقارتىلدى.)
              

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 6   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 555rikabatqi داۋامىغا تەشنا مىز چاققانراق داۋامىنى يوللارسىز !! 2009/1/22 15:03
2 Ghalip 回纥,回鹘خەتلىرىدىكى 回خېتى 回纥,回鹘دېگەن مىللەت ناملىرى پەيدا بولغان شۇ دەۋرلەردە weiدەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن،مۇشۇ ھەقتە ماقالىلەر بار.شۇنداق بولغاندا 回纥,回鹘دېگەن بۇ سۆزلەر wei he,wei hu دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ دېگەن سۆز.شۇنىڭ بىلەن بەزىلەرنىڭ 回纥,回鹘لارنى خۇيخۇ،خۇيخۇر دەپ تەلەپپۇز قىلىشىنىڭ باھانىسى ئازلايدۇ.مۇشۇنداق تۇرسىمۇ بەزىلەر قەستەن ئۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر دەپ ئالماي خۇيخۇ،خۇيخۇر دەپ ئالىدۇ.نېمىلەرنى ئويلايدىكىن تاڭ؟؟؟!!! 2009/1/22 17:41
3 kimsan

  نەقىل:
- قەۋەتتىكى   دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
回纥,回鹘خەتلىرىدىكى 回خېتى 回纥,回鹘دېگەن مىللەت ناملىرى پەيدا بولغان شۇ دەۋرلەردە weiدەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن،مۇشۇ ھەقتە ماقالىلەر بار.شۇنداق بولغاندا 回纥,回鹘دېگەن بۇ سۆزلەر wei he,wei hu دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ دېگەن سۆز.شۇنىڭ بىلەن بەزىلەرنىڭ 回纥,回鹘لارنى خۇيخۇ،خۇيخۇر دەپ تەلەپپۇز قىلىشىنىڭ باھانىسى ئازلايدۇ.مۇشۇنداق تۇرسىمۇ بەزىلەر قەستەن ئۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر دەپ ئالماي خۇيخۇ،خۇيخۇر دەپ ئالىدۇ.نېمىلەرنى ئويلايدىكىن تاڭ؟؟؟!!!

بەزىلەر شۇنداق بۆلۈشكە ئامراق. تارىخنى قويۇپ ھازىرنى،بىزنى قويۇپ باشقىلارنىمۇ كۆزئالدىمىزغا كەلتۇرۇپ باقايلى ھازىرقىي قىرغىزلارنىمۇ ئىككىگە بۆلۈپ ئاتاۋاتمامدۇ
2009/1/22 18:12
4 qaraboran ساقلىۋالسام بۇلۇپتىكەن.بۇرۇنقىدەك پاپلاپلا ساقلىغىلى بولماس بۇلۇپتۇ.ئەپسۇس. 2009/1/23 11:30
5 QINMAQIN     گۇپىڭياڭ ئەپەندىنىڭ يۇقۇرقى ماقالىسىنى 90-يىللاردا ئۇقۇغان بولساممۇ ،دىگەندەك دىققەت قىلىپ كىتەلمىگەن ئىكەنمەن،بۇ قېتىم كىتاپلارنى رەتلىۋېتىپ بۇ ماقالىغا يەنە كۈزۈم چۈشتى،قايتا -قايتا ئۇقۇپ چىقتىم،ئۇقۇغانسىرى بەزىبىر ئۇچۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇقۇش جەريانىدا بىزگە، يەنى ھازىرچە (مەن يەغلىق بىر قىسىم ھەۋەسكارلارغا نىسبەتەن) كۈرۈش نىسىپ بولمىغان، بەزى مۇھىم تارىخ ئۇچۇرلارنىڭ  ئۇتتۇرغا قۇيۇلىشى ،ھەمدە، بەزى تارىخچىلاردەك ،ئۇيغۇرلار، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كىيىن، ھازىرقى تۇرۇۋاتقان يەرلەرگە كۈچۈپ كەلگەن ،بۇرۇن بۇ يەردە ئۇيغۇر يوق ئىدى،دەيدىغان قاراشلىرىغا ئوخشىمايدىغان قاراشنى، يەنى ،گومورو ئەپەندىنىڭ قارىشىنى ياقىلاپ چىققانلىقىنى، شۇنداقلا بەزى ئۇچۇرلاردىن ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىپ قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ، تورغا يوللاپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم،ھەمدە مەزكۇر ماقالىدە ئۇتتۇرىغا قۇيۇلغان مەزمۇنلار توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزەمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
        ماقالىدە تۈبۈتچە( ھازىرقى زاڭزۇچە) بىز ئۇيغۇر توغرىلىق ئاز بولمىغان  تۈۋەندىكى ئۇچۇرلارنى بىزگە يەتكۈزىدۇ:
        1 . ھازىرقى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى،شەرقى بۇلۇپمۇ خۇتەن چاقىلىق،لوپنۇر قاتارلىق يەرلاردە بىر تۈركۈم ،تۈبۈتلەر« خور» دەپ ئاتايدىغان(ھۈكۈمەت ھۈججەتلىرىدە بۇلۇشى مۈمكىن) ئۇيغۇرلارنىڭ ياشايدىغانلىقى،ئۇلارنىڭ ئونلىكىن قاتارلىق قەبىلىلەرگە ئۇيۇشقانلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بىرىدۇ.بۇ ئۇچۇرنى ،«ھۇدۇدۇل ئالەم» دىكى ئۇچۇرلارنى تۇلۇقلايدىغان مۇھىم پاكىت قىلىشقا بۇلۇدۇ.
       2. بۇ ماقالىدىكى خور خانىنىڭ 5 نەپەر ئەلچىنى شىمالدىكى خانلىقلارنىڭ نەسەبىنى ئىنىقلاشقا ئەۋەتكەنلىكىدىن ،شۇ مەزگىلدىكى خۇتەن ۋېيسارا جەمەتى خانلىقىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى بىكىتىشكە مۇھىم ماتىرال مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
      3.شۇ مەزگىلدىكى خور دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوللانغان كىشى ئىسىملىرىنىڭ شەكلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ياردىمى بۇلۇدۇ.
     4.قاراخانىلار خانلىقى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى، ھەمدە ،ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى پارچىلىنىپ ،بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ غەربى رايۇنغا، (ئانا يەرگە)كۈچۈپ كىلىشتىن بۇرۇنقى، غەربى يۇرتنىڭ ،جۈملىدىن خۇتەن، چاقىلىق،لوپنۇر رايۇنىنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى يۇرۇتۇپ بىرىشكە پايدىسى بار دەپ قارايمەن.
     ٪5.بەش نەپەر خور دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر ئەلچىسىنىڭ مەلۇماتىدا، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى توققوز تۈرك دەپ ئاتىغان ، گەرچە مۇئەللىپ بۇنداق ئالماشتۇرۇپ قۇيۇش شۇ چاغلاردا دائىم بۇلۇپ تۇرۇدىغان ئىش ئىدى دىگەن بۇلسىمۇ ،ئۇنىڭ دىگىنىدەك ئۇنداق ئاددى ئىش بۇلۇشى ناتايىن.بۇنى توققوز ئۇيغۇر خاقان مەڭگۈ تېشىنىڭ بېشىدىكى:
            « بۇ ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش بىلگە جاغاننىڭ ....ئابىدىسى.....
      بۇ ھۈكۈمران،تەڭرى ھۈكۈمرانلىقىنى ئاتا قىلغان ئۇلۇغ تۈركلەرنىڭ جاھان ھۈكۈمرانى ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش (ئالىپ بىلگە جاغان)....تىگىر ئۈگە بىز بۇ ئابىدىنى تىكلىدۇق»       دىگەن ئۇچۇرلار بىلەن بىر قەدەر ماس كىلەمدۇ قانداق،يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دىگەن ئاتالغۇنى شۇ مەزگىلدە ئۈزۈنىڭ نامى ياكى ئۈزى ھۆكۈمرانلىقىدىكى قەۋىملەرنىڭ يەنە بىر نامى قىلغانمۇ،بۇ مەخمۇت قەشقەرىي بوۋىمىزنىڭ  تۈركمەن يەنى ئۇغۇزلارنى ،قارلۇقلارنى تۈركمەن كاتاگۇرىيەسىگە كىرگۈزىشى ،ھەمدە، ئۇندىن باشقا ،قەشقەر ،خۇتەن ئاقسۇ،پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى تۈرك كاتاگۇرىيەسىگە كىرگۈزىشى(بۇ يەردە دىيىلگىنى كۆپلۈك ئەمەس)،شۇنداقلا تۇرپان قاتارلىق يەرلەرنى ئۇيغۇر ئىلى دەپ ئۇنىڭمۇ ئۇيغۇر ئاتلىق بىر مەملىكەت ئىكەنلىكىنى ....بىزگە ئىنىق قىلىپ ئۇچۇر بىرىشى بىزنى ئويلاندۇرماي قۇيمايدۇ.
        6. ئۇيغۇرلانى تۈبۈتلەر خورلار دىگەن ئىكەن، بۇ ئاتالغۇ نەدىن كەلگەن،بۇ ئۇيغۇرنىڭ قىسقارتىلمىسىمۇ ياكى توققوز ئۇغۇزنىڭ بۇزۇپ ياكى قىسقارتىپ ئاتىلىشى بولغان توققوز غۇز نىڭ قىسقارتىلمىسىمۇ .بۇ مەسىلىنى يىشىشكە توغرا كىلىدۇ.
      
2009/1/23 18:40
6 arkim ئاڭلىسام تىبەت ئىگىزلىكىدە ھازىرمۇ تىبەتلەر تەرپىدىن خور دەپ ئاتىلىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر ياشايدىكەن...ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئۇيغۇر...تىبەتلەر ھازىرغىچە ئۇلارنى خور دەپ ئاتاپ ئۆز تەركىبىگە قوشماي كېلىۋېتىپتۇ... 2009/1/24 15:47
 جەمئىي باھا 6  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/1  |<  <<   1   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009