|
ماقالە مەزمۇنى |
بەگلەر جەمەتى توغرىسىدا يىڭى ئىز... |
يوللىغۇچى turpantur كۆرۈش 1066 يوللانغان ۋاقتى 2009/1/21 21:04 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
گەپنى ئاۋال چڭ سۇلالىسىنىڭ مەمۇرىي كەنت تۈزۈمىدىن باشلايمىز : چىڭ سۇلالىسى تۇرپاننى ئىدارە قىلىپ تۇرغاندا مۇساگوڭنى چىئەنلۇڭ خان بىيجىڭغا چاقىرتىدۇ ،مۇسا گۇڭ ساچىڭزىغا يىتىپ بارغاندا ئاكىسى تۇرپان ۋاڭى سۇلايمان بۇنىڭغا ئىچى تارلىق قىلىپ ئادەم ئەۋەتىپ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ ،بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان چىئەنلۇڭخان سۇلايماننى بىيجىڭغا يالاپ ئىلىپ بىرىپ كاللىسىنى ئالىدۇ ،بۇ سەۋەبلىك يەنە تۇرپان ۋاڭلىرىنىڭ ھوقوق دائىرىسىنى كىچىكلىتىپ ئۇلارنى جازالايدۇ ، 1780-يىلى تۇرپانغا ئىچكىرىدىن يىشىل تۇغلۇق مانجۇلار قىسىملىرى تۇرغۇزۇلۇپ 7مەمۇرىي كەنت تۇرغۇزۇلىدۇ ،بۇ 7مەمۇرىي كەنتنىڭ ھازىرقى ناملىرىمۇ شۇ بۇيىچە ئاتالماقتا ، ئاشۇ مەمۇرىي كەنتكە يۆتكەلگەن ئاھالىلەر ئاساسلىقى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش نامى بىلەن تۇرغۇزۇلغان بۇلۇپ مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ئىچىدە ھازىرقى بەگلەر مەھەللىسى ئورۇنلاشقان جاي يار مەھەللىسىگە يىقىن بولغان قىزىلتۇر گۇڭشاڭمۇ بار ، بۇ پاكىت بەگلەر مەھەللىسىنىڭ ئەسلىدىلا چىڭ سۇلالىسىغا بىۋاستە قاراشلىق رايۇن ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بۇلىدۇ ياقۇپبەگ باسمىچىلىرى تۇرپانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كىيىن بەگلەر ياقۇپبەگنى ئوزۇق تۈلۈك بىلەن تەمىنلىگەن دىگەن گەپنىڭ ئاساسىي يوق )1(خۇجابدۇللا بەگ ئىمىن ۋاڭنىڭ كۈيئوغلى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئىمىن خۇجىنىڭ ۋاڭلىق سەلتەنىتىنى قوغدىسا بولاتتى (2) خوجابدۇللا بەگ ياقۇپبەگكە ياردەم قىلدى دىيىلسە ئۇنداقتا ياقۇپبەگ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كىيىن بەگلەرنىڭ تەغدىرى ۋە ھوقوق دائىرىسى يەنە شۇ پىتى تۇرىۋېرەمدۇ ؟ چىڭ سۇلالىسى ياقۇپبەگ باسمىچىلىرىغا ياردەم قىلغان بۇ بەگلەرنى بوش قويىۋېتەرمۇ ؟ چىڭ سۇلالىسى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن قىزىلتۇر گۇڭشاڭغا قويۇلغان چىرىكلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ ؟ (3)1780-يىلى چىڭ سۇلالىسى تۇرپاندا ۋازارەت تەسىس قىلىپ ھازىرقى تۇرپان شەھىرى تەۋەسىدىن قاراغۇجا ئاستانىگىچە بولغان دائىرىنى تۇرپان لەشكەر بىشى خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرىشىغا قويغانىدى .... ياقۇپبەگ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن بۇ ئامبال داۋاملىق ئىش ئىشلىگەن ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىئەنلۇڭ يىلنامىلىرىدە بەگلەر ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇماتمۇ قالدۇرۇلمىغان ،ئۇنداقتا بۇ بەگلەر نەدىن پەيدا بولدى ؟ ئەمدى مەن يار يىزىسى تەۋەسدىكى پىشقەدەملەرنىڭ بۇ ھەقتە ئىيتقانلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن : بەگلەر جەمەتى بولسا تۇرپاندىكى چوڭ جەمەتلەردىن بىرى بۇلۇپ ئەينى ۋاقىتتا تۇرپاننىڭ دىننىي ئىشلىرىنى مۇشۇ جەمەت باشقۇراتتى ، خۇن داۋاسى بولسا ئامبال بىۋاستە سورايتتى ،ئادەتتىكى ئائىلە ماجرالىرى دىننىي ئىشلارغا ھۆكۈم چىقىرىش ئىشلىرىنى مۇشۇ جەمەت باشقۇراتتى ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىلىل قازى دەپ بىرىنىڭ بولغانلىقىنى بىلىدىكەنمەن دىدى 93ياشلىق تۇرپان يىڭى شەھەردە ئولتۇرۇشلۇق بىر دىننىي زات .............. بەگلەر ئەسلى شەيىخلەرنىڭ پۇشتى بۇلۇپ بۇلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرى بىيجىڭدىكى پاتىشانى بىر دەريادىن ئەپسۇن ئوقۇپ ئۆتكۈزۈپ قويىدىكەن ،شۇنىڭ بىلەن پادىشا بۇلارغا بەگلىك مەرتىۋىسى بىرىپ تۇرپانغا ۋاڭ قىلىدىكەن دىدى مويسىپىتلاردىن بىرى يۇقىرقى ئەھۋاللار بۇ جەمەتنىڭ تىگى تەكتى ھەققىدە كىشلەرنىڭ بىلىدىغىنىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى تەسىر دائىرىسىنىڭمۇ ئانچە زور بولمىغان جەمەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ بەگ جەمەتىنىڭ ئىمتىيازلىرى ھەققىدە گەپ بولغاندا دىننىي ئۆلىما مۇنداق دەيدۇ : (كىشى ئىسىملىرى يۇشۇرۇن ئىلىندى ) بەگلەردىن پەقەت قازى بولغان ئادەملا دىننىي جەھەتتىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقىغا ئىگە ئىدى ،قازىلار ئاساسەن دىننىي سوراقچىلار بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ھوقوقى دىننىي ئۆلىمالارغىلا ئىشلەيتتتى،پۇقرالارنىڭ ئەرز داۋالىرىنى ئامبال سورايىتتى ، ئامبال بىلەن قازىلار ئىچقۇيۇن تاشقۇيۇن بۇلاتتى ،قازىلار ئامبالغا دائىم پۇل بىرىپ ئۆزىنىڭ ھوقوق نئىمتىيازىنى قوغداپ قىلىشقا ئۇرۇناتتى ئاتاقتا قازى بولغان بىلەن قازى سورىغان ئىشلارنى ئامبال سورىيالايتتى لىكىن ئامبال سورىغان ئىشلارنى قازىنىڭ سوراش ھوقوقى يوق ئىدى ، بۇلار ئوتتۇرىسىدا بىقىنىش مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى مۇشۇنىڭدىن چۈشۈنىۋالغىلى بۇلىدۇ مەندىمۇ جەمەت تارىخىغا ئائىت بىر كىتاپ بار بۇ كىتاپتا تۇرپاندىكى داڭلىق جەمەتلەر توغرىسىدا توختالغان لىكىن بۇ كىتاپتا بەگلەر جەمەتى توغرىسىدا ھىچنىمە دىيىلمىگەن تارىخىي ئەمىنىيەگە كەلسەك : بۇ كىتاپ ئەپسانە ۋە دىننىي تۈس بىلەن توشقۇزۇلغان بۇلۇپ بۇنى ھەقىقىي تارىخ دىيىشكە بولمايدۇ ،بۇ بىر مەۋھۇم تارىخ كىتابى ،ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم ئىبارىلەر خاتا ئىلىنغان ، تارىخىي پاكىتقىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ، ياقۇپبەگ توغرىسدىدا گەپ بۇلۇنغاندىمۇ پىشقەدەملەر يەنە بەگلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ياقۇپبەگ (تۇرپان شىۋىسدا بى دۆلەت ) نى بەگلەر جەمەتىدىكىلەر تۇرپانغا باشلاپ كەلگەن ۋە خۇيزۇلارنى قىرغىن قىلغان ، خۇيزۇلار مانجۇرلارنى باشلاپ كەلگەن بۇ بىر رېىۋايەت تۈسىنى ئالغان تۇرپاندىكى ھەممە خەق بىلىپ كەتكەن ئاتالمىش تۇڭگان تىراگىدىيىسى بۇلۇپ تۇرپاندىكى يەر جاي ناملىرىنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدە رىۋايەت تۈسىنى ئالغان يالغان تارىخنى شەرھىلەيدۇ قىسقىسى تۇرپان تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن جەمەتلەر : ئابدۇراخمان مەخسۇم جەمەتى ، مۇھىتىلار جەمەتى ،ۋاڭلار جەمەتى ، قاتارلىق كاتتا جەمەتلەر تەركىبىدىمۇ بۇ جەمەت كۆرۈنمەيدۇ ، |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 16 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | ark_xamili | تولىمۇ تالىشىپ ياقا سىقىشقۇدەك بولاپ كەتتىڭلار مۇشۇ بەگلەر -ۈستىدە. بۇ بەگلەرنىڭ تۇرپاندىكى چوڭ جەمەت بولمىغانلىقىنى -ىسپاتلاشنىڭ نىمىگە زۆروريىتى تۇغۇلۇپ قالدى -ەپەندىلەر؟ |
2009/1/21 22:31 | |||
2 | 555rikabatqi | بۇ بەگلەر بىرتوپ غالچىلاركەنغۇ ،غالچىلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى تالىشامسدىكەن ؟بۇنى ئىسپاتلىسا يەنا نىمىگە پايدىسى ....................بۇنداق ئىشلار ھەممە يۈرتتا بارمۇ نىمە ............... | 2009/1/22 12:04 | |||
3 | Sayil | تۇرپانتۇر ئەپەندىنىڭ بارلىق ماقالە ۋە ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ تەھلىل قىلسا،ئۇنىڭ يازمىلىرى ئىلمىي تونغا ئورالغان سىياسىي تەشۋىقاتتەك تەسىرات بېرىدىكەن كىشىگە. | 2009/1/22 16:38 | |||
4 | gazibag | قارىغاندا ،تۇرپان تۇر ئەپەندى سڭزنڭ تۇخۇمدىن تۇك ئۇندۇردىغان ئاينى ئېتەك ياپدىغان باشقىلار كۇلسە سىز يىغلايدىغان كسىلىڭىز بارمۇ قانداق ؟ | 2009/1/23 15:15 | |||
5 | Sayil | يۇقىرى قەۋەتتىكى بۇرادەر نېمە دەۋاتىدۇ؟ ھىچنېمىنى چۈشىنەلمىدىم. بەزى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئىملا قائىدىسىگە دىققەت قىلمايدىغاندۇ.چەتئەللەردە ئىملا قائىدىسى(توغرا يېزىش قائىدىسى)نى باشلانغۇچ مۇئارىپتىلا ھەل قىلىپ بولىدۇ.ۋەھالەنكى،ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئالىي مەكتەب پروفېسسورلىرىنىڭ يازمىلىرى ھەتتا تېلېۋىزور ئېلانلىرى،نەشر ئەفكارلىرىدىمۇ ئىملا خاتالىقى كۆرىلىپ تۇرىدۇ.كەسكىنرەك قىلىپ ئېيتقاندا بۇ خىل ئەھۋال مەدەنىيەتسىزلىك ۋە نۇمۇس قىلارلىق كەمچىللىكتۇر. | 2009/1/23 18:05 | |||
6 | HALKQIL | turpantur سەن زادى نىمە دىمەكچى؟ بەگلەر ۋە بەگلەر مەھەللىسى دىگەن تېمامغا قارىشى چىقىش ئۈچۈن مۇشۇ < ئىزدىنىش تېماڭ > نى يوللىدىڭما؟ قارىغاندا سەن مىنىڭ يۇقارقى تېمامنى تازا چۈشۈنۈپ ئوقۇمىغان ئوخشايسەن. بىلەمسەن تارخ سەھنىسىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان بىرەر يازما سىنىڭچە بىر ھەپتىلىك تەكشۈرۈش، بىر ئايلىق تەكشۈرۈش ۋە ياكى بىر يىللىق تەكشۈرۈش بىلەنلا قولغا كېلەمدۇ؟ مەن < بەگلەر ۋە بەگلەر مەھەللىسى > دىگەن بۇ تېمىنى ئورخۇنغا 2009 - 1 - 17 - كۈنى يوللىغان ئىدىم، ئەجىبا سەن 2009 - 1 - 23 - كۈنى بۇ يېڭى < ئىزدىنىش > تېماڭنى يوللاش بىلەنلا ئاغدۇرىۋېتەلەمسەن؟ كۈلكۈلۈك ئارىلىكتا ئاران 6 كۈن ئۆتكەن، سەن مۇشۇنداق قىلىپ ئۆزەڭگە يۈز كېلەلەمسەن؟ بىلەمسەن تۇرپاننىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا كۆپ ھەسسىلەرنى قوشقان، پىشقەدەم جامائەت ئەربابى ھېمىت نىياز ئەپەندى < بەگلەر ۋە بەگلەر مەھەللىسى > دىگەن بۇ ماتىرىيالنى يېزىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت، كۆپ كۈچ سەرپ قىلىش، شۇنداقلا 225 ئائىلە باشلىقلىرىنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا بۇ ماتىرىيالنى يېزىپ چىققان بولسا، سەن 2009 - 1 - 17 - كۈنىدىن 1 - 23 - كۈنىگىچە بولغان 6 كۈنلۈك ئىزدىنىش ۋە 93 يازلىق بىر مويسىپىت، ۋە يەنە بىر ئىسمىنى يوشۇرۇن ئالغان كىشى، بولۇپ جەمى 2 ( زىيارەت قىلغان ئادىمەڭ ئېنىقسىز بولسىمۇ ) ئادەمدىن ئاڭلىغان گېپىڭ بىلەنلا < بەگلەر ۋە بەگلەر مەھەللىسى > دىگەن بۇ يازمىنى ئىنكار قىلماقچىمۇ سەن؟ ئەگەر سەن ھەقىقەتتە تۇرالايدىغان ھەقىقى ئەركەك بولساڭ تۇرپان بەگلىرى ھەققىدە يەنىمۇ ئېنىقراق چۈشەنچىگە ئىگە بولاي دىسەڭ، مەن ساڭا < بەگلەر ۋە بەگلەر مەھەللىسى > نىڭ ئاپتورى، جامائەت ئەربابى ھېمىت نىياز ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىنىڭ تېلىفۇن نومىرىنى قالدۇراي ئۆزەڭ ھېمىت نىياز ئاكىغا تېلفۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈپ كۆرەسەن !!! 0995 - 8557858 . ئېسىڭدە بولسۇن < بەگلەر ۋە بەگلەر مەھەللىسى > دىگەن بۇ يازما تۇرپان گېزىتىنىڭ 2001 - يىل 8 - 31 - كۈنى يەنى 1744 - سانىغا بېسىلغان. مەن يوللىغان بەگلەر ھەققىدىكى تېما /BBS/read.p ... ;toread=&page=2 نىڭ 16 - قەۋىتىدىكى ئىنكاسىڭدا < كىلەر قېتىم بەگلەرنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئاچىدىغان تېما يوللاپ سېنى قايىل قىلىمەن > دىگەن ئىدىڭ. سىنىڭ مىنى قايىل قىلىدىغان 6 كۈنلۈك ئىشدىنىشىڭنىڭ نەتىجىسى مۇشۇما؟ بۇ بەكلا چولتۇلۇق بولۇپ قاپتۇ كىچىك بالىنىڭ ئىشى بولۇپ قاپتۇ؟ يەنە بىرى ھېمىت نىياز ئەپەندىنىڭ < بەگلەر ۋە بەگلەر مەھەللىسى > دىگەن يازمىسىدا < تارىخى ھەمىدى > دىگەن كىتاپتىن مىسال كەلتۈرۈلگەن. ئەمما سەن يۇقارقى تېماڭدا < تارىخى ئەمىنىيە > دەپ ئەپسەن، بۇمۇ سېنىڭ چولتىلىقىڭنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. يەنە تېخى < تارىخى ئەمىنىيە > دىگەن بۇ كىتاپنى بىلىملىك، ئۇقۇمۇشلۇق شۇنچە كۆپ كىشىلىرىمىز چوڭ بىلىدىغان تۇرسا ئەجىبا سەن ياراتماپسىنا؟ سەنچۇ ئۈمرۈڭدە بىرەر گېزىتكە بىرەر بەت خەۋەر ياكى ئەدەبىي ئاخپارات يوللاپ باققانمۇ؟ مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس، ئۇنچىلىك نەرسە يازالايدىغان ئادەم بۇ يەردە سېنىڭدەك 6 كۈنلۈك ئىزدىنىشىنى پەش قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. ئەگەر يەنە سورايدىغان يەرلىرىڭ بولسا بىۋاستە پېقىردىن سورىساڭمۇ بولىدۇ. پېقىر تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكىمىتى قارمىقىدا ئىشلەيدۇ . tel - 13579557955 ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن شۇنچىلىك يازاي .................... |
2009/1/24 17:53 | |||
7 | HALKQIL |
turpantur نىڭ كۆڭلىدىكىدەكلا سۆز قالدۇرۇپسىزغۇ، دوستۇم. مىنىڭچە بەك ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىۋېتىپسىز . |
2009/1/24 18:01 | |||
8 | HALKQIL |
راست دەيسىز . |
2009/1/24 18:03 | |||
9 | turpantur | خەلقچىل بەگ نىمىچۇن چىڭ ھۆكىمىتى ياقۇپبەگنىڭ گۇماشتىسى بولغان بەگلەرنى ئۆلتۈرمەي ئۇلارغا ھوقوق بىرىدۇ ؟ (ئۇلارنىڭ تالانتىغا قايىل بولدى دىمىگىن يەنە ) ؟ بەگلەرگە بۆلۈپ بىرىلگەن زىمىن نىمىشقا چىڭ سۇلالىسىنىڭ بىڭتۈەنى بولغان قىزىلتۇر گۇڭشاڭنى ئاساس قىلىدۇ ؟ مانىڭغا جاۋاب بىرەلەمسەن ؟ |
2009/1/27 22:19 | |||
10 | HALKQIL |
نىمىچۈن شىنجاڭ، جۇڭگونىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى؟ شۇنى بىلسەڭ، يۇقۇرىدىكى سۇئالىڭغا ئۆزەڭ جاۋاپ تاپالايسەن. |
2009/1/27 23:23 | |||
جەمئىي باھا 16 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|