يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
بۇئۇيغۇرتىل-يېزىقى ئىسلاھاتى لا...
يوللىغۇچى kimsan   كۆرۈش 2479   يوللانغان ۋاقتى 2009/1/21 19:59  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
مەن ئويلايمەن ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى ئەرەپچىدىن لاتىنچىغا ئۆزگەرتسەك؛ بۇنىڭدا تۇركىيە تۇركلىرى يېزىقىغا ماسلاشتۇرساق؛تىلىمىزدا كۆرۇلگەن [ئا]،[ئە]تاۋۇشلىرىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلۇش خاتاقىلمىشىنى تۇزىتىپ ئۇلارنىڭ ئەينىنى ئەسلىگەكەلتۇرسەك؛ تىلڭمىزغا قەدىمقىي ئۇيغۇر تىلىدىن كۆپلەپ سۆزلۇك قۇبۇل قىلىپ تىلىمىزنى ساپلاشتۇرساق ۋە بېيىتساق؛ ۋە شۇنداقلا تۇرك تىللىرىدا ئەزەلدىن كۆرۇلۇپ باقمىغان[ئې]تاۋۇشىنى سىقىپ چىقىرىۋەتسەك.چۇنكى [ئې] تا ۋۇشى [ئا][ئە]لەرنىڭ ئاجىزلاشتۇرىشىدىن كېلىپ چىققان فونتىكىلىق ھادىسە.ئەگەر [ئا]،[ئە]لەرنىڭ سۆزتومۇرلىرىدىكى قاتتىقلىقى ئەسلىگە كەلتۇرۇلسە [ئې] تاۋۇشىمۇ بارا-بارائستىمالدىن قالىدۇ.ئەلۋەتتە بۇھازىر ئەمەلگەئاشمايدۇ.بۇبىر پەرەز،خالاس.  

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 37   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 boiled مېنىڭغۇ يېزىق جەھەتتىكىدىن باشقا ئىسلاھات لايىھىلىرىڭىزنى قوللىغۇم بار، ھۆكۈمەت نېمە دەيدۇكىن؟ 2009/1/21 20:10
2 nida1974 ئۇنداقتا "ئېيىق" نى "ئايىق" ياكى "ئەيىق"، "ئېرىق"نى "ئارىق" ياكى "ئەرىق" دەيدىكەنمىز-دە؟ 2009/1/21 20:31
3 hakan بۇنىڭغا كۆنگەن يەردە ئۇنىڭغىمۇ ئالدىرىماي كۆنۈپ قالىسىز .مەنبۇ تىمىنى يوللىغان كىشىنىڭ پىكرىنى قوللايمەن.گەرچە ئۇ ھازىر ئەمەلگە ئاشمىسىمۇ.................... 2009/1/21 22:22
4 erdewil      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
      كۆنۈش دېدىڭىزمۇ؟ سىزچە كۆنۈشكە يەنە قانچىلىك ۋاقىت كېتەر ھە؟ يەنە قانچىلىك كىشىلەر  ئېلىپبە ئۆگىنىمىز دەپ يۈرەر ؟بۇرۇنغۇ ھۆكۈمىتىمىز تىل-يېزىق ئىشلىرىمىزنى ناھايىتى ئوبدان قوللاپ قوياتتى، مۇشۇ نازۇك يىللاردا مۇبادا يېزىق ئۆزگەرتىشتىن كېلىپ چىققان تاساددىبىي زور ئاۋارىچىلىقلار كۆرۈلسە كىممۇ باش بولۇپ ھەل قىلار؟(ئەستايىدىل بولايلى، ئۆزىمىزنىڭ ھېسسىياتىغا ياكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىر تەرەپلىمە پىكىرىنى ئاڭلاپلا يولدىن ئېزىپ قالمايلى ،خاتا قاراشقا بېرىلىپ كەتمەيلى....) مېنىڭچە بۇ پەقەت ھېسسىياتىڭىز ئارلاشقان شەخسىي تەكلىپقۇ دەيمەن...
       بۇرۇن(1996-يىللىرىدىن 2003-يىللىرىغىچە) مۇشۇ توغرىسىدا گېزىت ژورناللاردا زور بەس-مۇنازىرە بولغان ھەم ئۇزۇن ئۆتمەي بېسىققان(چۈنكى يېزىق ئۆزگەرتمەسلىك تەرەپتارلىرىنىڭ قىممەتلىك ئىلمىي پىكىرلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنى قايىل قىلغان ئىدى) ئىدى. مېنىڭچە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە قىلىدىغان ئىشلىرى ناھاىيىتى كۆپ، ئۆگىنىدىغان باشقا بىلىملەرمۇ قۇمدەك.مەن ئويلايمەن، ئەمدى مۇشۇ تىل-يېزىقىمىزنىڭ ھازىرقى گېرامماتىكا قائىدىسىنى ئىزچىل ساقلاش بىلەن بىرگە يەنىلا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىشىمىز زۆرۈر(نېمىشقىلىقىنى بۇرۇنقى ژورناللارىن كۆرۈڭ، بۇ يەردە يەنە سۆزلەشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق). تىل-يېزىق ئۈستىدىكى مۇنازىرىگە سەرپ قىلغان ۋاقتىمىزنى ئەڭ ياخشىسى باشقا ئىشلارنى(چەتئەل تىلى ئۆگىنىش،كومپىيۇتېر بىلىملىرىنى ئىگىلەشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ،بۇرۇنقى تىللىرىمىزدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئاتالغۇلارنى قىزىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋەھاكازلار) قىلىشقا سەرپ قىلايلى!
     يېزىقىمىز يەنىلا مۇشۇ يېزىق بولىدۇ،مۇھىمى تىرىشساقلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق! بۇ يېزىقىمىز بىزگە ھەرگىز يۈك ئەمەس! كۆپ سۆزلەپ قويدۇم كەچۈرۈڭ. گەپ تامام!
2009/1/21 22:53
5 E=MC.C بۇرادەر !!!!تىلىمىزدىكى ئارتۇقچلىقنى بايقىيالمىغان ئوخشايسىز !!!<<خاتا قىلىمىش >>دەپ بەك ئارتۇق دەۋەتتىڭىزغۇ دەيمەن !!!!سىزنىڭىچە ئانا تىلىمىز شۇنداق نامراتما !!!شۇنداق ساپسىزما!!! 2009/1/21 23:11
6 كۆكنۇر    يېزىقىمىزدا ھەقىقەتەنمۇ بەزى يېتەرسىزلىكلەر بار. ئەمما شۇنى دەپلا يېزىق ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش ھەقىقەتەنمۇ ئارتۇقچە. ئېردەۋىل ئەپەندى ئوبدان دەپتۇ، بىزنىڭ قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار، يېزىق بەلگە بولۇش سۈپىتىدە تىلنى يازما شەكىلدە ئىپادىلەپ، ئۇزاققىچە ساقلاش رولىنى ئۆتەيدۇ. مۇھىمى تىلىمىزنىڭ بۈگۈنى ۋە تەقدىرى. بەزى ھەرپلەرنىڭ قوشۇلۇپ قالغىنىغا قوسىقىمىزنى كۆپۈرۈپ يۈرمەي، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئاشۇ ھەرپلىرىمىزدىن تولۇقراق پايدىلىنىپ، تىلىمىزنى بېيىتساق تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئې ھەرپىنى يوقىتىمەن دېگۈچە خەلقىمىزنىڭ تىلى كەلمەي قىينىلىۋاتقان، شۇ تۈپەيلى بىر يولىلا خەنزۇچىسىنى ئشىلىتىۋاتقان سۆزلۈكلەرنى يېڭىلىساق، يېڭى چىقىۋاتقان نەرسىلەرگە ئىسىم قويساق تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ 2009/1/21 23:16
7 barhan     <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>: قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ تازا گۈللەنگەن سەلتەنەتىگە توغرا كېلىش بىلەن تۈركىي تىللىق مىللەتلەر،قەبىلە،قەۋىملىرىنى يىلتىز بىرلىكسېپى بويىچە تۆت ئەسىرلىك قېرىنداشلار قۇچاقلىشىشىغا ئەسلىنى تېپىشنىڭ تىل جەھەتتىكى ھولىنى سېلىش ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ تىلغا ئاجايىپ مۇھەببەت بىلەن قارىغان قان -قېرىنداشلىرىمىز ئۆز پەرزەتلىرى ئارقىلىق ئىپتىخار بىلەن يۈزلىنىپ، تۇران تىل تۈركىمىنىڭ ئورتاق تىل لەۋھەسىنى دېموگراتىك تەرىقىدە جەۋلان قىلدۇرغان ئىدى.
    ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئىسلاھاتى دەۋىرنىڭ تەقەززاسىمۇ ياكى ئوغۇزلار ۋەسۋەسىسىگە ۋە ئاتالمىش<<ئىستان>>لارنىڭ دەبدەبىسىگە خوشامەتچىلىك بىلەن ماسلىشىشمۇ ؟
    <<دىۋان>>ئوردۇ كەنت تىلىغا يەنى تات ئۇيغۇرلارغا ئەمەس بەلكى ئىسلامى ئۇيغۇرلار زۇۋانىغا ئاساسلىنىپ، كېيىنى ۋاقىتلاردا ئىمان پەرقىدىكى ھەر ئىككى ئۇيغۇرنى بىرلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغان. بىز يەنە نېمىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرىنىمىز ؟
    ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش جەريانىدىكى <<يول ئېچىپ يېڭىلىق يارتىش>>روھىمىز پەقەت ۋە پەقەت تىل جەھەتتىلا ئىپادىلىنىشى كېرەكمۇ ؟
    تەرەققىياتىمىزنىڭ تۈنجى قەدىمى تىل ئىسلاھاتىدىن باشلىنىشى <<دىۋان>>نىڭ ئەپسۇسلىنىشى بولۇپ قالماسمۇ ؟
    مېنىڭچە 17-قۇرۇلتاي روھىدىكى<<ئىلمى تەرەققىيات قارىشى>>نىڭ بىرىنچى موھىم مەزمۇنى: تەرەققىيات. ئىككىنچى قېتىملىق مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا ماۋزېدۇڭ:<<مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسى ئىقتىسادى خىزمەت>>دېگەن. بۇ ئىككى سۆزدىن قارىغاندا، تەرەققىيات ئاۋال ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەرەققىيات بولىشى كېرەكمۇ قانداق ؟
    
     بۈگۈنكى ياخشى ۋەزىيەتتە، مەھمۇد بوۋىمىز بىلەن ھەمداستىخان بولۇش تاماسىدىكى كىشىللىرىمىز ئاۋامنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىسىدىن يانداپ ئۆتۈشنى ئويلاپ باققاندىمۇ ؟  
     چوڭلاردىكى:<<لاچىننى دېلىغۇل قىلغان، غازنىڭ قاتار ئۇچۇشى>>دېگەننى قايتا تەھلىل قىلىپ باقساق ! ؟
2009/1/21 23:39
8 merifetname مەن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن  يېزىق ۋە ئىملا ئىسلاھاتى تەشەببۇسكارلىرىغا !!!
كاللاڭلارنى قاتتىق سىلكىۋاتارسىلەر ئەپەندىلەر !!!
2009/1/22 00:53
9 kim

  نەقىل:
ئاپتور  نىڭ  دە يوللىغان يازمىسى   نەقىل ئېلىندى  
...... ۋە شۇنداقلا تۇرك تىللىرىدا ئەزەلدىن كۆرۇلۇپ باقمىغان[ئې]تاۋۇشىنى سىقىپ چىقىرىۋەتسەك......  

بۇ گېپىڭىزگە چۈشەنچە بېرەمسىز قانداق؟


ھەربىر ئىنكاسنىڭ ئاستىدىكى "چۇققا" دېگەن نېمە گەپ ئەمدى؟ باشقۇرغۇچىلار ئىملاسىنى توغرىلاپ قويساڭلار.
2009/1/22 10:17
10 kulke تېما يوللىغۇچىنىڭ بۇ گەپلىرى ئورۇنلۇق, ئەمما سىز ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ ئىملايىڭىزنى بىر توغرىلاپ ئاندىن بۇ ھەقتىكى ئىشلارنى ئويلىسىڭىز ياخشى بولارمىكىن... ئىملايىڭىزغا قاراپ بېقىڭا نېمانداق خـاتا... 2009/1/22 10:39
 جەمئىي باھا 37  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/4  |<  <<   1 2 3 4   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009