|
ماقالە مەزمۇنى |
ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ھەققىدە |
يوللىغۇچى uyghurqizi كۆرۈش 2357 يوللانغان ۋاقتى 2009/1/15 22:15 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ھەققىدە يۇقىرىدىكى تەبىئىي ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ھازىرقى ۋاقىتتىن ئون نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئى ئىقلىمى ھازىرقىغا قارىغاندا نەم بولۇپ، ھـۆل - يېغىن كۆپ ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، قەدىمكى چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسيىادىكى تاغلارنىڭ مۇزلۇق، قارلىق چوققىلىرى ۋە ئېگىز قىيالىرىدىن كۈن نۇرىدا ئېرىپ ھاسىل بولغان سۇلار ناھايىتى مول سۇلۇق دەريالارنى، چوڭ - چوڭ ئىچكى دېڭىزلارنى، كۆللەرنى پەيدا قىلغانىدى. بۇنداق تەبىئى شارائىت ئوتتۇرا ئاسىيادا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەندىن تاشقىرى، ئورمانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ قولاي شارائىت يارىتىپ بەرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمى (ئاساسەن تارىم ۋادىسى) ۋە غەربىي قىسمى (سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسى) ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ناھايىتى مۇنبەت ۋە مول ھوسۇللۇق رايونلىرى ئىدى. شۇ چاغلاردا تارىم ۋادىسىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى، جۇڭغارىيىدىكى قۇربان تۇڭغۇت (قازانقۇم) قۇملۇقى، تۈركمەنىستاندىكى زىلقۇم چۆللۈكى، ئۆزبېكىستاندىكى قاراقۇم قاتارلىق چۆللۈكلەر يوق ئىدى. ھازىرقى سايرام، باغراش، لوپنۇر، بارىكۆل (بارسكۆل)، بالقاش، ئارال كۆللىرى ناھايىتى چوڭ كۆللەر ئىدى. تارىم دەرياسى، ئىلى دەرياسى، سىر دەرياسى، ئامۇ دەرياسى، چۇ دەرياسى، تالاس دەرياسى قاتارلىق دەريالارنىڭ سۇلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارماق غوللىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى خۇددى ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك قاپلاپ تۇراتتى. گېئولوگىيە ۋە ئارخېئولوگىيە ئىلمىنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەكشۈرۈشلىرى ئارقىلىق چىقارغان توغرا ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىتىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، قۇرغاقچىلىق يۈزبەرگەن. شۇ سەۋەبتىن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ئاسىيانىڭ شەرق ۋە غەرپ تەرەپلىرىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي بۆلىكى بولغان تارىم ۋادىسىدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ئالتاي ئارقىلىق كۆچۈپ، ھازىرقى موڭغۇلىيە ۋە بايقال كۆلى (قەدىمكى چاغلاردا «بايكۆل» دەپ ئاتالغان) ئەتراپلىرىغا كەتكەن. مىلادى 840 - يىلى موڭغۇلىيىدن شىنجاڭغا كۆچكەن شەرقىي ئۇيغۇرلار بولسا بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇن تارىم ۋادىسىدىن موڭغۇلىيىگە ۋە بايقال كۆلى ئەتراپلىرىغا كۆچكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەۋلادى ئىدى. بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇنقى كۆچۈشتە تارىم ۋادىسىدىن لاداق يولى ئارقىلىق شىمالىي ھىندىستانغا كۆچكەن ئەجدادلىرىمىز ھىندىستاننىڭ ئەسلى يەرلىك خەلقى بولغان داراۋىدلارنىڭ قەدىمكى ھىندىستان مەدىنىيىتىگە ئۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتكەن. XX ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى ئارخېئولوگىيە ئالىملىرى ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى ھاراففا (پەنجاپ شىتاتىدا)، مۇھىنجۇدارا (پاكىستاننىڭ سىندى ئۆلكىسىدە) قاتارلىق قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ خارابىلىرىنى تەكشۈرگەندە، تېپىلغان ھەيكەللەر ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈرك (ئۇيغۇر) تىپىغا كىرىدىغان ۋە بېشىدىكى چاچلىرى قىيىقچە (لىنتا) بىلەن باغلانغان بىر ھەيكەل چىققان. بۇ ھەيكەل بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇن تارىم ۋادىسىدىن شىمالىي ھىندىستانغا كۆچكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىيانلار ھىندىستانغا كۆچۈپ كېلىشتىن بىر نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا ھىندىستاننىڭ ئاساسىي يەرلىك خەلقى داراۋىدلار بىلەن بىللە ياشىغان دەۋرىگە مەنسۇپ. شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى 1971 - يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئىپتىدائى قەبرىستانلىقتىن بىر ياش ئايال بىلەن بىر كىچىك بالىنىڭ جەسىتىنى تاپقان. نەنجىڭ داشۆسى جۇغراپىيە فاكۇلتېتى كاربون 14 تەجرىبىخانىسى قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ياغاچلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق جەسەتلەر (ياش ئايال بىلەن كىچىك بالا جەسىتى) نىڭ بۇنىڭدىن 6412 يىل بۇرۇن دەپنە قىلىنغان جەسەت ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەر «خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ (ئۇيغۇرچە) 1981 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جەسەتلەر توغرىسىدا شىنجاڭ گېزىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ جەسەتلەر يەر يۈزىدىن ئېگىزرەك بولغان قۇرغاق قۇم دۆۋىسىدىن قېزىۋىلىنغان. گۆرنىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ياغاچ قويۇلغان بولۇپ، يەر ئۈستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. گۆر تىك قىلىپ قېزىلغان. جەسەتلەر گۆردە ئوڭدا قىلىپ ياتقۇزۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغاچ تاختاي ۋە تاختاينىڭ ئۈستىگە قوي تېرىسى بىلەن چىغ توقۇلما يېپىلغان. جەسەت ناھايىتى قوپال توقۇلغان يۇڭ رەخىتكە ئورالغان بولۇپ، ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا كىگىز قالپاق كىيگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ سېرىق، ئۇزۇن چاچلىرى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. كۆزلىرى يوغان، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، قاڭشارلىق.... بۇ قەدىمكى جەسەتلەر بىلەن بىللە قېزىۋىلىنغان ئاخىرەتلىكلەر ئىچىدە ناھايىتى نەپىس تۇقۇلغان چىغ سېۋەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە زىرائەت دانلىرى سېلىنغان، ئەمما بۇ دانلار چىرىپ ئونغا ئايلىنىپ كەتكەن. بالا جەسىتى بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سېۋەتتىن ئۆز پېتى ساقلانغان بۇغداي چىقتى بۇ ئىككى جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقى بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇنقى كۆچۈشتە باشقا جايلارغا كەتمەي تارىم ۋادىسىدا داۋاملىق ياشاپ قالغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتنىك خۇسۇسىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى (دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، ھۈنەر - سەنئەت) نى تەتقىق قىلىشتا بىباھا ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنى ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، تارىم ۋادىسىدا ياشىغان قەدىمكى يەرلىك ئاساسىي خەلق سېرىق تەنلىكلەرگە مەنسۇپ بولماستىن (سېرىق تەنلىكلەر قاڭشارلىق، سېرىق چاچ بولمايدۇ) ۋە شۇنىڭدەك ئارىيان نەسىللىك خەلقمۇ بولماستىن (ئارىيانلار مىلادىدىن 1700 يىللار بۇرۇن ئىران ئېگىزلىكى ئارقىلىق ھىندىستانغا كۆچكەن)، دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى. ھازىرقى گېرمان، پارس، ھىندى خەلقلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان ئارىيانلار مىلادىدىن 1700 - 2000 يىللار بۇرۇن كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبىدىن كۆچۈپ، ھىندىستانغا بېسىپ كىرىشتىن بۇرۇن، ھازىرقى ھىندىستاندا ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىشتېمىسىدىكى تىلدا سۆزلىشىدىغان، ئېتنىك كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن ئارىيان نەسلىگە مەنسۇپ بولغان ھازىرقى ھىندىلار ئەمەس، بەلكى ئاۋسترو ئاسىيا تىك ھىندونوز ئىرقىغا مەنسۇپ بولغان، قاراچاچ، پاناق دارۋىدلار ياشىغانىدى. ئارىيانلار مىلادىدىن تەخمىنەن 2000 يىللار بۇرۇن ھىندىستانغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاساسىي يەرلىك خەلقى بولغان داراۋىدلارنى قىستاپ، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىغا قوغلىغان. ھازىرمۇ ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدا داراۋىدلار ياشىماقتا . تارىم ۋادىسىنىڭ كۆكنۇر (چىڭخەي) غا (شەرقىي جەنۇپ تەرەپتىن)، تىبەتكە (جەنۇپ تەرەپتىن) تۇتىشىدىغان يېقىن جايلىرىغا ھازىرقى تىبەتلىكلەرنىڭ ئەجدادى بولغان چاڭلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىز قالدۇرغانلىقى تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كـۆرە (موھىمى ئۇرۇش نەتىجىسىدە)، مىلادى VII - VIII ئەسىرلەردە يۈز بەرگەن. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ھىندى – ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىدا شۆزلىشىدىغان خەلقلەردىن دىن تارقاتقۇچىلار (بۇددا، ئاتەشپەرەسلەر دىنى، مانىي دىنى، نېستورىيان دىنى قاتارلىق دىنلارنى تارقاتقۇچىلار)، سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، ئاندا - ساندا ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلار مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدىلا تارىم ۋادىسىغا كەلگەن. ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ كېلىشىگە خەلقلەر ئارىسىدىكى تارىخىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، دىنىي مۇناسىۋەتلەر سەۋەب بولغان. مەسىلەن: كۇشان ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 50 - يىلىدىن مىلادى 420 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) ئىمپېراتورى قەنىشقا II نىڭ ۋاقتىدا (مىلادى 78 - يىلىدىن 123 - يىلىغىچە) ھىندىستاندا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى كېڭەيتكەن ۋە مۇستەھكەملىگەنىدى. قەنىشقا II نىڭ كۇشان ئىمپېرىيىسىگە ئىمپېراتور بولغان دەۋرنىڭ ئاخىرىدا خوتەن، ياركەنت، قەشقەر خانلىقلىرىنى ئۆز ئىمپېرىيىسى تەركىبىگە قوشۇۋالغان. كېلىپ چىقىشى ئۇلۇغ ياۋچىلاردىن بولغان قەنىشقا II بۇددىزمنىڭ سادىق ھىمايىچىسىلا ئەمەس، بەلكى بۇددا دىنىنىڭ كۇشان ئىمپېرىيىسىدە ياشىغان تۈرلۈك خەلقلەر ئارىسىدا ئاساسى، ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ھارماي - تالماي كۈرەشكەن. شۇ سەۋەبكە كۆرە، قەنىشقا II نىڭ ۋاقتىدا، ھىندىستاندىن كۆپلىگەن ھىندى بۇددىسىتلىرى تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەلگەن بولسا، تۈركىي ۋە ھىندى تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئەمەلدارلارمۇ تارىم ۋادىسىغا كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئاق ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ئېتالانوسنىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ، ئاخىرقى ئاق ھۇن ئىمپېراتورى ×× غىچە بولغان 87 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر دەۋردە (مىلادى 480 - يىلىدىن 567 - يىلىغىچە) خوتەن، ياركەنت، قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچا قاتارلىق ئۇيغۇر خانلىقلىرى ئاق ھۇن ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغانىدى. مانا شۇ چاغدا، ھىندىستانغىمۇ ھۆكۈمران بولغان ئاق ھۇنلارغا ئەگىشىپ، ھىندىستاندىن بۇددىسىتلار، سودىگەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە باشقىلار تارىم ۋادىسغا كەلگەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۇشانلار ۋە ئاق ھۇنلار دەۋردە تارىم ۋاسىغا ھىندىستاندىن كەلگەنلەر يەرلىك ئاساسىي خەلق بولغان ئويغۇرلار ئارىسىدا پەقەت ئاز سانلىق كىشىلەر ئىدى، خالاس. يېقىنقى يىللاردا تارىم ۋادىسىدىكى تۈرلۈك جايلار (كۆنچى دەرياسى بويى، چەرچەن، چارقىلىق ئەتراپلىرى) دىن تېپىلغان قەبرىلەرگە دەپنە قىلىنغان كىشىلەرنىڭ (ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) بېشى شەرققە، پۇتى غەربكە قارىتىلىپ دەپنە قىلىنغان. بۇنداق ئەھۋال نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ئەجدادلىرىمىز ئەڭ بۇرۇنقى زامانلاردا شامان دىنىغان ئېتىقاد قىلغانىدى. شامانلار كۈنگە، ئايغا، كۆك (ئاسمان) كە، يەرگە ۋە سۇ ئىلاھلىرىغا چوقۇناتتى. مانا شۇ شامان ئېتىقادىغا كۆرە، ئەجدادلىرىمىز چىدىر ـــ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكىنى كۈنچىقىشقا قارىتىپ ئاچاتتى. تۈركلەر ۋە شەرقىي ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاغانلىرى (ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىرى) بەزى مۇراسىملار (تەنتەنىلىك كۆڭۈل ئېچىش، توي قاتارلىق مۇراسىملار) كۈنچىقىش (شەرق) قا قاراپ ئولتۇراتتى ۋە كۈنگە توققۇز قېتىم تەزىم قىلىپ چوقۇناتتى. ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ بۇنداق ئادەتنى ئەسلىتىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ قاغانى چوڭدىخان (مىلادىنىڭ 821 - يىلىدىن 824 - يىلىغىچە قاغان بولغان) كۈن تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش ئالپ كۈچلۈك بىلگە قاغان (كۈن تەڭرىدىن ئۇلۇغ بولۇپ تۆرەلگەن كۈچلۈك دانا قاغان) دەپ ئاتالغان. تارىخىي يازما مەلۇماتلار :جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخچىلىرى ۋە يۇنان، رىم، ئەرەب تارىخچىلىرى، سەيياھلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغان جايلىرى توغرىسىدا بىر قەدەر ئېنىق، ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار بار. جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخچىلىرىدىن سىماچىيەن (مىلادىدىن 145 - يىل بۇرۇن تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن) «تارىخنامە ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىىرىنى «دىڭلىڭ» دەپ يازغان بولسا، بەن گۇ (مىلادىنىڭ 32 - يىلى تۇغۇلۇپ 92 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) «خەن سۇلالىسى يىلنامىسى ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە «دىلى» دەپ يازغان. سىماچىيەن بىلەن بەن گۇنىڭ «دىڭلىڭ»، «دىلى» دەپ يازغانلىرى «تۇرا» دېگەن نامنىڭ خەنزۇچىغا قىلىنغان ئاھاڭ تەرجىمىلىرى ئىدى. مانا شۇ تۇرالار مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ھازىرقى بايقال بويلىرىدا ياشىغان شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئىدى. سىماچىيەن بىلەن بەن گۇ مىلادىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ئېرتىش بويلىرىدىن تارتىپ بالقاش كۆلى ئەتراپلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشىغان غەربىي تۇرالار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇلار توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەن. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، سىماچىيەن بىلەن بەن گۇ مىلادىدىن كۆپ ئەسىرلەر بۇرۇن ھازىرقى جۇڭغارىيىدە ياشىغان ئوغۇزلار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. سىماچىيەن مانا شۇ ئۇغۇزلارنى «خۇجيې» ............................................ دەپ يازغان بولسا، بەن گۇ «ۋۇجيې » .................. دەپ يازغان. مانا شۇ ئوغۇزلار مىلادىدىن كۆپ ئەسىر بۇرۇنلا ھازىرقى ئالتاينىڭ غەربىي جەنۇبى ۋە چۆچەك ئەتراپلىرىدا ياشىغان. تۈركشۇناس، پروفېسسور ماچاڭشۇ ئەپەندى مۇنداق دەپ يازىدۇ: «سۈي سۇلالىسى ۋە تاڭ سۇلالىسى قاتارلىق ئىككى سۇلالە دەۋردە ۋۇخو ياكى ۋۇخې دەپ ئاتالغانلار ئەسلىدە جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا ياشىغان ‹ئوغۇزلار› بولۇپ، ئۇلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ۋۇجيې دەپ ئاتالغان. بەن گۇنىڭ «خەن سۇلالىسى يىلنامىسى. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» بابىدا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلۇغ ئوغۇز - ھۇن تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ مەشھۇر تەڭرىقوتى ئوغۇزخان – باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىدىن ئىلگىرىكى 209 - يىلىدىن 174 - يىلىغىچە تەڭرىقۇت بولغان) مىلادىدىن 200 يىللار بۇرۇن بايقال كۆلى ئەتراپلىرىدا ياشىغان تۇرالارنى بويسۇندۇرغان. ئوغۇزخان مىلادىدىن ئىلگىرىكى 176 - يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 220 - يىلىدىن مىلادى 207 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) پادىشاھى خەن ۋېندىغا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 179 - يىلىدىن 157 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) يازغان مەكتۇبىدا مۇنداپ دېگە: «لولان (كروران)، ئۇيسۇنلار، ئوغۇزلار (ئوغۇزلار شۇ چاغدا ئالتاينىڭ غەربىي جەنۇب، چۆچەك ۋە زايسان ئەتراپلىرىدا ياشايىتتى) نى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى 26 دۆلەتنى ھۆكۈمرانلىقىمغا ئالدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى (ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ھۇنلار دۆلىتى تەركىبىگە كىردى. ئوقيا كۆتۈرگەن خەلقلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە بولۇپ بىرلەشتى. شىمالدىكى ئۆلكىلەر (بايقال بويلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ھۆكۈمرانلىقىمغا ئۆتتى. تۈركشۇناس، پروفېسسور سىن جۇڭمىيەن، ئاتەشپەرەسلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابى « ئاۋستا » دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ قەدىمكى چاغدا تۈركلەرنىڭ «تۇرا» ئاتلىق بوۋىسى ئۆتكەنلىكىنى، شۇڭا تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى شۇ بوۋىسىنىڭ نامى بىلەن «تۇرالار» دەپ ئاتىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇلۇغ پارس شائىرى ئۇبۇلقاسىم فىردەۋسنىڭ «شاھنامە» سىدە، ئىرانلىقلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇشقان ئۇلۇغ بوۋىمىز ئالپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ) پادىشاھلىق قىلغان دۆلەت «تۇران» دەپ ئاتالغان. «كۇشان سەنئىتى» ناملىق كىتابتا ئوتتۇرا ئاسىيا ساكلىرى «قەھرىمان تۇرالار» دەپ يېزىلغان. جۇڭگونىڭ مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇن ياشىغان تارىخچىسى سىماچىيەندىن تارتىپ مىلادى VII ئەسىرگىچە ئۆتكەن مەشھۇر تارىخچىلىرى ئۇيغۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان «تۇرالار» نى ئۆز ئەسەرلىرىدە «دىڭلىڭ» (L)، «تيېلى» (L)، «چېلى» (L)، «دىلى» (L) قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىغان بولسىمۇ، شۇ ناملارنىڭ ھەممىسى «تۇرالار» دېگەن ئاتالغۇنىڭ خەنزۇچىغا قېلىنغان ئاھاڭ تەرجىمىسىدىنلا ئىبارەت. جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخچىلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى تۇرالارنىڭ ياشىغان جايلىرىنىڭ جۇغراپىيىۋى ئەھۋالىغا قاراپ، تۇرالارنى «غەربىي تۇرالار» ۋە «شەرقىي تۇرلار» دەپ ئىككىگە ئايرىغان. مىلادى III ئەسىردە ياشىغان (مىلادى 196 - يىلى تۇغۇلۇپ 250 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) جۇڭگو تارىخچىسى يۈخۇەن «ۋېي خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» (L) ناملىق ئەسىرىدە، غەربىي تۇرالار ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئوغۇز دۆلىتى... ئۇيسۇنلارنىڭ غەربىي شىمالىغا، قاڭلى خانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. ئۇلارنىڭ ھەربىي قوشۇنىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق جەڭچى بار. ئوغۇزلار چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن ياخشى ئات چىقىدۇ. ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز بار. قىرغىزلار دۆلىتى (يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىدىكى قىرغىزلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ) قاڭلى خانلىقىنىڭ (ئارال كۆلى ۋە بالقاش كۆللىرىنىڭ ئارىسىدىكى جايلاردا) غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، 30 مىڭ ئەسكىرى بار. ئۇلار چارۋىچىلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇرتىدا يىلپىز كۆپ، ياخشى ئات چىقىدۇ. تۇرالار دۆلىتى قاڭلى خانلىقىنىڭ شىمالىدا بولۇپ 60 مىڭ كىشىلىك ھەربىي قوشۇنى بار. خەلقى چارۋىچىلىق قىلىدۇ.... يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى قىرغىزلار دۆلىتىنىڭ مەركىزىدىن ھۇن تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ ئۇرخۇن دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئوردىسىغا بېرىش ئۈچۈن 7000 چاقىرىم يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. قىرغىزلار دۆلىتىنىڭ جەنۇبىدىن ئارقا قوشۇ (L) ۋە ئالتە دۆلەت (شەرقى جۇڭغارىيىدىكى بەگلىكلەر) گە بېرىش ئۈچۈن 5000 چاقىرىم يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. قىرغىزلار دۆلىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن قاڭلى خانلىقىنىڭ چېگرىسىغىچە بېرىش ئۈچۈن 3000 چاقىرىم يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. قىرغىزلار دۆلىتىنىڭ غەربىدىن قاڭلى خانلىقىنىڭ پايتەختىگە (ھازىرقى تاشكەنتنىڭ غەربىي شىمالىغا توغرا كېلىدىغان قەدىمكى كىش شەھىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) بېرىش ئۈچۈن 8000 چاقىرىم يول مېڭىشقا توغرا كىلىدۇ. يۇقىرىدىكى تارىخىي خاتىرىلەردىن بىز غەربىي تۇرالارنىڭIII ئەسىردىكى ئەھۋالىنى خېلى ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. III ئەسىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ بىر تارمىقى بولغان شەرقىي ئوغۇزلار ھازىرقى زايسان كۆلى، ئالتاي تېغى ئەتراپلىرىدا ياشىغان بولسا، قىرغىزلار ھازىرقى يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمى بىلەن ئوب دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىدا ياشىغان. غەربىي تۇرالار بولسا بۈگۈنكى بالقاش كۆلىنىڭ غەربىدىن تارتىپ شەرقتە ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمى ئارىسىدىكى جايلاردا ياشىغان. يۇقىرىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، مىلادى III ئەسىردە غەربىي تۇرالارنىڭ سانى 300 مىڭدىن كۆپ بولسا كېرەك. چۈنكى، غەربىي تۇرالارنىڭ ھەربىي قوشۇنىدا، 60 مىڭ جەڭچى بارلىقىنى نەزەردە تۇتساق، بەش كىشى ئىچىدىن بىر كىشى ھەربىي قوشۇنغا قاتناشقاندىمۇ ئۇلارنىڭ ئادەم سانى 300 مىڭدىن كەم بولۇپ چىقمايدۇ. شۇ چاغدا شەرقىي تۇرالارنىڭ سانىمۇ 300 مىڭدىن كەم ئەمەس ئىدى. «خەن سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ «سۇۋۇ ھەققىدە قىسسە» بابىدا، مىلادىدىن تەخمىنەن بىر ئەسىر بۇرۇن شەرقىي تۇرالارنىڭ ئاھالە سانىنىڭ بىر نەچچە تۈمەن ئىكەنلىكى بايان قېلىنغان. بىر نەچچە ئەسىردىن كېيىن (مىلادىدىن بىر ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىنىڭ III ئەسىرىگىچە) شەرقىي تۇرالارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپ غەربىي تۇرالارنىڭ سانىغا يېقىنلاپ بارغان. مانا شۇ پاكىتقا ئاساسلانغاندا، شەرقىي ۋە غەربىي تۇرالار دەپ ئاتالغان ئەجدادلىرىمىز ئۆز زامانىسىدا سان جەھەتتىن باشقا قېرىنداشلىرى (قاڭلى، قىرغىزلار)غا قارىغاندا ناھايىتى كۆپ بولغان. جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخچىلىرىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي تۇرالار ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتى تارىخىي جەھەتتىن خېلى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بولسىمۇ، تۇرالارنىڭ ياشىغان جايلىرىنىڭ دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىكەنلىكىنى تولۇق بايان قىلالمىغان. بۇ بوشلۇقنى سوۋېت ئارخېئولوگىيىە ئالىملىرى تولدۇردى. سوۋېت ئارخېئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ 1940 - يىللىرى جەنۇبىي سىبىرىيىدە ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلىرىنىڭ نەتىسىگە ئاساسلانغاندا، تۇرالار مىلادىدىن مىڭ نەچچە يۈز يىللار بۇرۇن شەرقتە بايقال كۆلىنىڭ بويىدىن تارتىپ غەربتە بالقاش كۆلىنىڭ شىمالىدىلا ياشاپ قالماي، بەلكى غەربتە ئۇرال تاغلىرىدىن تارتىپ، شەرقتە ئالتاي تاغ تىزمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىپايان تېررورىيىدە ياشىغانلىقى ئىسپاتلاندى. بۇنىڭدىن شۇ نەرسە مەلۇم بولدىكى، تۇرالار مىلادىدىن مىڭ نەچچە يۈز يىللار بۇرۇنلا ئالتاي تاغلىرى بىلەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئارىسىدىكى جۇڭغارىيە دالاسىدىمۇ ياشىغان.جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخچىلىرى شەرقىي ۋە غەربىي تۇرالار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك خۇسۇسىيىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرەلمىگەن. سىماچىيەن بىلەن بەن گۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىنى جاڭ چىيەننىڭ خەن ۋۇدى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 140 - يىلىدىن 87 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) غا يوللىغان مەلۇماتىدىن ئالغان. سىماچىيەن بىلەن بەن گۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ كۆپرەك شەھەرلەردە ياشايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قانچە ئون خانلىق بارلىقى توغرىسىدىلا مەلۇمات بەرگەن. مانا شۇ تارىخچىلار «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتالغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ (تارىم ۋادىسدىكى) ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك خۇسۇسىيىتى، تىل، ئۆرپ - ئادەتلىرى توغرىسىدا بىر قەدەر ئېنىق مەلۇمات بېرەلمىگەن. بۇنداق بولۇشى تەبىئى ئىدى. چۈنكى، شۇ چاغدا جۇڭگو تارىخچىلىرى «غەربىي يۇرت» توغرىسىدا ئەلچىلەر، سودىگەرلەر ئارقىلىق ئىگىلىگەن يۈزەكى ماتېرىيالدىن باشقا ئەمەلىي خاتىرىلەنگەن، ئەتراپلىق، تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىدىن يىراق ئىدى. ئەسىردە يېزىلغان «ۋېي سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ «ئېگىز ھارۋىلىقلار ھەققىدە قىسسە» بابىدا، شەرقىي تۇرالار (L) دەپ يېزىلغان. قەدىمكى چاغلاردا شەرقىي تۇرالار (شەرقىي ئۇيغۇرلار) موڭغۇلىيىنىڭ ئالاھىدە بولغان جۇغراپىيىۋى شارائىتى (يايلاق، دالا، چۆل، قۇملۇق) نى ھېساپقا ئېلىپ، ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلەتكەن. مىلادى IV ئەسىردىن VI ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە: «چېگرىغا يېقىنراق جايلاردا ياشىغان خەنزۇلار تۇرالارنىڭ يايلاقلاردا (موڭغۇلىيە يايلاقلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ساياھەت قىلغاندا ياكى تۇرمۇشقا كېرەكلىك ماللارنى توشۇغاندا، دائىم بىر تۈرلۈك ئېگىز چاقلىق ھارۋىلاردا ئولتۇرۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ‹ئېگىز ھارۋىلىقلار› دەپ ئاتىغان. پايدىلانغان مەنبەلەر. «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە». «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» <<شىنجاڭ ئارزۇ مۇنبىرى>>دىن يۆتكەلدى. |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 23 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | ziddiyat | تېما ئىگىسىگە رەھمەت. ئەجدادلىرىمىزنىڭ يايلاقلاردا ئات چاپتۇرۇپ، زەپەر قۇچۇۋاتقان چاغلىرىنى ئەسلەتتىڭىز. | 2009/1/16 01:32 |
2 | Qutghur | يېڭى قاراش ،يېڭى يەكۈنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ . ياخشى يېزىپسىز ،ھارماڭ ! ئارئانلارنىڭ كىم بولىشى ،كىمنىڭ ئەددادى بولىشىدىن قەتئى نەزەر بىز ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ ئېتنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىگىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىق كېرەك دەپ ئويلايمەن .ھازىرقى ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىدە قەدىمقى ئارىئانلارنىڭ گىن نۇسخسى دەپ قارىلىۋاتقان R1a ,R1b گىنى ئۇنغۇرلارنىڭ تېنىدە %40 دىن ئارتۇق .بۇ جەھەتتە ئىران ،ھىندى مىللەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدن يۇقىرى تۇرىدۇ .مىنىڭ بىلىشىمچە شۇنداق . ھازىر مەن گاڭگىراپ قېلىۋاتقان مەسىلە كىروراندىكى ئەدداتلارنىڭ R1b ( غەربى ئارىيان تىپى-غەربى ياۋرۇپالىقلاردا ئاساى ئورۇندا) بىلەن دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ساك ئەژداتلارنىڭ R1a (شەرقى ئارىيان تىپى-شەرقى ياۋۇرپا ،تۈركىلەردە ئاساسى ئورۇندا) دىگۈدەك تەڭ نىسبەتتە بولغابلىغى ۋە قانداق بولۇپ بۇ ئىككى تىپتىكى گىن نۇسخىسىنىڭ پەيدا بولىشى قاتارلىقلار ،بۇنىمۇ كېيىنچە بىلىپ قالارمىز . بۇنىمۇ |
2009/1/16 10:38 |
3 | Turkk | تورداش سىز R1a ,R1b لارنى ئارىيان گىن تىپى دەيدىغانغا نىمە ئىسپاتىڭىز بار. ياكى ھىلىقى "ئۇيغۇرلارنىڭ گىن تىپى" دىگەن كىلىش مەنبىئى ئىنىق بولمىغان، ئىنسانشۇناسلىق گىن تەتقىقاتىغا ئۆزىنىڭ شەخسى قاراشلىرىنى ھىچقانداق دەلىل ئىسپاتسىزلا ئارلاشتۇرۋالغان ماقالە سەۋەپ بولدىمۇ. R1a ,R1b لار ئارىيان گىن تىپى ئەمەس، بەلكى غەربى،جەنۇبى ياۋروپادىكى ئىپتىدائى خەلقلەر ۋە ئوتتورا ئاسىيانىڭ جەنۇبى، تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان ئىپتىدائى خەلقلەردە كۆرۇلۇش نىسبىتى بىر قەدەر يوقۇرى بولغان گىپ تىپى خالاس، ئۇنى ئارىيانلارغا مەجبۇرى تىڭىشنىڭ ھىچقانداق دەلىل ئىسپاتى يوق. | 2009/1/16 12:42 |
4 | Qutghur | R1a,R1b لارنىڭ قانداق مەخلۇق ئىكەنلىگىنى بىكىتىش ئىنسانشۇناس ،گىنشۇناسلارنىڭ ئىشى .بۇنىڭغا نىمە ئۈچۈن "ئارىئان گىنى" دەپ ئات قويۇشمۇ شۇ بەغەرەزلەرنىڭ ئىشى .ئۇيغۇرلارنىڭ ئەژدادىنىنىڭ گىنىنى"ئارىئان" دىگەن ھىندىستانلىق ئادەملەرنىڭ نامى بىلەن ئاتاشقا مەنمۇ قايىل ئەمەس ،چۈنكى ئارىئان پەيدا بولغىلى ئاران 4000 يىلمۇ بولمىدى .لىكىن بۇلار بىزنىڭ ئارزۇيىمىزغا باقمايدىكەن .ئىلمى ھادىسىلەرگە ئىسىم قويۇش ھوقۇقىنى شۇ "ئارىئان"لارنى ياخشى كۆرىدىغانلار مونۇپول قىلىۋالغان گەپ ،بۇ ئۇيۇن قائىدىسىنى بىلەرسىز ھەقاچان . بىز ئات قويۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئەھۋالدا باشقىلار ئات قويىدىغان ئىشكەن .بولمىسا سىز تىرىشىپ بېقىڭ ، |
2009/1/16 13:38 |
5 | Kulbilge | مەزكۇر تىمىنى يازغان تورداشنىڭ خىلى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئىزدەنگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. تىما ئىگىسى ۋە تىما يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت. ئەمدى ئارىيان مەسىلىسى ۋە گىن تىپى مەسىلى توغرىسىدا يەنە ئىككى ئىغىز گەپ قىستۇرۇپ قويۇشقا توغرا كەلدى. ئارىيانلارنىڭ شەرقى شىمالى ياۋروپا قارا دىڭىز بويلىرىدا پەيدا بولغان ھىندى-ياۋروپ تىلىدىكى خەلق ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭ پەقەت مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللاردىن باشلاپ ئاندىن باشقا رايونلارغا تارقىلىپ، ئىران، ھىندىستان،ئوتتورا ئاسىيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا ھىندى-ياۋروپا تىلىنى ئىلىپ كەلگەنلىكى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن بولسۇن ياكى ئىرقى نوقتىدىن بولسۇن خەلقارادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالىملار تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىپ بولۇنغان تارىخى پاكىت. بۇرۇنقى تىبەتتىن كىلىپ چىقىش، ھىندىستاندىن كىلىپ چىقىش ۋە ياكى ئوتتورا ئاسىيادىن كىلىپ چىقىشتەك تۇرلۇك پەرەزلەرنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغانلىقى شۇنداقلا ئۇنداق پەرەزلەرنىڭ خەلقارا ئارىيانشۇناسلار ئارىسىدا كۇنسىرى بازىرى قالمايۋاتقانلىقىمۇ ئىنىق. ئەمدى R1a ,R1b گىن تىپىغا كەلسەك، بۇنى ئارىيانلارغا مەجبۇرى تىڭىشنىڭ ھەقىقەتەن ھىچقانداق ئىلمى ئاساسى يوق. بۇ تىىپنىڭ غەربى-جەنۇبى ياۋروپا، ھىندىستان ۋە تارىم ئويمانلىقىغا ئوخشاش جەنۇبى ياۋرو-ئاسىيا رايونىنىڭ چەت رايونلىرىدا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرىشىدەك غەلىتە ئەھۋالنى مۇنۇ تارىخى پاكىت ئارقىلىق چۇشەندۇرۇش مۇمكىن. ئىنسانشۇناسلىق ماتىرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن 10نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرلا(يەنى مۇز دەۋرى ئاخىرلاشقان دەۋرلەردە) ئىپتىدائى ئوتتورا دىڭىز ئىرقى تىپىدىكى ئىنسانلار تۇركۇمىنىڭ غەرپتە جەنۇبى ياۋروپادىكى ئىسپانىيە، پورتوگالىيەدىن تارتىپ، شەرقتە ئەرەپ يىرىم ئارىلى، ئىران ئىگىزلىكى،ئوتتورا ئاسىيانىڭ جەنۇبى قىسمى، شىمالى ھىندىستان ۋە تاكى تارىم ئويمانلىقىغىچە بولغان جەنۇبى ياۋرو-ئاسىيادىكى سوپتروپىك بەلباغ رايونلىرىغا كەڭ تارالغانلىقى. بۇ ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ رايونلاردىكى كونا تاش قورال دەۋرىدىكى ئەڭ قەدىمقى يەرلىك ئاھالە ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان. ئىپتىدائى ئوتتورا دىڭىز تىپىدىكى بۇ خەلقلەر ھىچقانداق بىر مىللەتكە تەۋە بولماستىن بەلكى كونا تاش قورال دەۋرىدىكى بىر ئىپتىدائى ئىنسانلار توپى خالاس، ئۇلار ھازىرقى جەنۇبى ياۋرو-ئاسىيا رايونىدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە قاتناشقان جۇملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ قاتناشقان. R1a ,R1b گىن تىپلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ شىمالى ياۋروپاغا قارىغاندا جەنۇبى ياۋروپادا كۆپلىكى، شەرقى ياۋروپاغا قارىغاندا غەربى ياۋروپادا كۆپلىكى؛ ياۋوپا ئارىيانلىرىنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى بولغان ھازىرقى گىرمانلاردا ئاز، ئەكسىچە غەربى جەنۇبى ياۋروپادىكى شالغۇت لاتىن مىللەتلىرىدە كۆپ بولۇشى؛ جەنۇبى ئاسىيا ئارىيانلىرىنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى ھىساپلانغان تاجىك، پارىسلاردا ئاز، ئەكسىچە ھىندىستانلىقلاردا ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىدە كۆپ بولۇشى ... مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى R1a ,R1b گىن تىپلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ شىمالدىكى كۆچمەن ئارىيانلارنىڭ گىن تىپى ئەمەس، بەلكى تىخىمۇ قەدىمى بولغان ئىپتىدائى ئوتتورا دىڭىز تىپىدىكى قەدىمقى يەرلىك ئىنسانلارنىڭ گىن تىپى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. R1a ,R1b لارنىڭ جۇغراپىيىلىك تارقىلىش ئەھۋالىمۇ ئىپتىدائى ئوتتورا دىڭىز تىپىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا پۇتۇنلەي ماس كىلىدۇ، ئەمما ئۇ ئارىيانلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا، يەنى ھىندى-ياۋروپا تىللىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قىلچە ماس كەلمەيدۇ. ئارىيانلار ياكى ھىندى- ياۋروپا تىلى جەنۇبى ياۋروپادىن شىمالى ياۋروپاغا ئەمەس، شىمال ياۋروپادىن جەنۇبى ياۋروپاغا تارالغان، غەربى ياۋروپادىن شەرقى ياۋروپاغا ئەمەس، شەرقى ياۋروپادىن غەربى ياۋروپاغا تارالغان(مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئارىيان ياكى گىرمان كۆچمەن قەبىلىلىرىنىڭ ياۋروپاغا تارقىلىشى ۋە لاتىن مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى). ئارىيانلارنىڭ زىيادە قاڭشارلىق ۋە قارچۇغىدەك كەلگەن بۇرنى، قاردەك ئاپپاق تىرىسى، چاچ، كۆزلىرىنىڭمۇ سۇس پىگمىنتلىق رەڭلەردىن تەشكىل تاپقانلىقى قاتارلىق ئىرقى ئالاھىلىكىمۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبى ياۋروپادا ئەمەس، بەلكى شىمالى ياۋروپادىكى سوغۇق رايونلاردا پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھالبۇكى بۇ خىل ئىرقى ئالامەت ھازىرمۇ شىمالى ياۋروپادا ئەڭ كۆپ. لىكىن R1a ,R1b گىن تىپلىرى بولسا شىمالى ياۋروپادا ئەڭ ئاز. شۇڭا R1a ,R1b لارنى ئارىيانلارنىڭ گىن تىپى دىگەن بۇ سەپسەتىنى ياۋروپالىقلار بولۇپمۇ گىرمانلار ھەرگىزمۇ قۇبۇل قىلالمايدۇ. ئۇندىن باشقا R دىگەن بۇ گىن تىپى تىنچ ئوكياننىڭ ئۇ قىتىدىكى ئامىرىكا ھىندىئانلىرىدىمۇ خىلى كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. بۇنى چۇشەندۇرمەك تىخىمۇ تەس ئەلۋەتتە. شەرقى شىمالى ياۋروپا يايلاقلىرىدا تۆرەلگەن، بۇرنى زىيادە قاڭشارلىق، قارچۇغىدەك ئەگىمەچ كەلگەن، تىرىسى قاردەك ئاپپاق، چاچلىرى سىرىق كەلگەن ئارىيانلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللىرى ئۆز يۇرتلىرىدىن كۇچۇپ بىر قىسمى ئوتتورا ئاسىيا ئارقىلىق ئىران ، ھىندىستانغا باستۇرۇپ كىرگەن ھەمدە يەرلىك ئىپتىدائى ئوتتورا دىڭىز تىپىدىكى ئادەملەرنى يوقۇتۇپ ياكى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ ھازىرقى شالغۇت پارىسلار، تاجىكلار ۋە شىمالى ھىندىستاندىكى "چىرايلىق ئەرتىسلەر"نى شەكىللەندۇرگەن. شۇڭا ھىلىمۇ بۇ خەلقلەر ئىچىدە بولۇپمۇ تاغلاردا ياشاپ ساپلىقىنى بىرقەدەر ياخشىراق ساقلاپ قالغان تاجىكلاردا (شىنجاڭدىكى تاجىكلار ئانچە ساپ ئەمەس) بۇرنى زىيادە قاڭشارلىق ۋە قارچۇغىدەك ئەگىمەچ، كۆزى زىيادە ئورا، قارىماققا ياۋروپالىقلاردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان "قاملاشقان ئادەملەر'نى خىلى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن خىلىلا بەك "ياۋروپا چىراي". ئەمما ئۇلاردا R1a ,R1b لارنىڭ ئاز، ئەكسىچە ئۇيغۇرلاردا كۆپ بولۇشىمۇ R1a ,R1b لارنىڭ ھەرگىزمۇ ئارىيان گىنى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئىلگىرى ئۇرخۇندا "ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئەڭ ساپ ئارىيانلار" دىگەن مەزمۇندىكى بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇغاچقىمىكىن، بۇ قىتىم ئاتۇشقا بارغىنىمدا شەھەر-يىزا-قىشلاقلاردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قىتىم كۇزىتىپ چىققان ئىدىم، ھەم يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىكلاردىن(ھەقىقى ساپ تاجىكلاردىن) كەسكىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ، گەرچە ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىدىمۇ تۇرلۇك ئىرقى ئالامەتلەرنىڭ مەۋجۇدلىقى (مەسىلەن، ئارىيان، كاۋكاز،ھىندى-ئافغان،مۇڭغۇل دىگەندەك)، ئەمما يەنىلا بۇي بەستى نورمال، تىرىسى ئاققا مايىل ياكى سەل بۇغدايئۆڭ،چىچى قارا ياكى سەل قوڭۇر(توپا رەڭ)، كۆزى قوي كۆز ئەمما بەك ئورا ئەمەس، بۇرنى قاڭشارلىق ئەمما تۇز كەلگەن ئوتتورا ئاسىيالىقلارغا خاس ئىرقى ئالامەتنىڭ مۇتلەق ئۇستۇنلۇكتە تۇرىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. ئاتالمىش ئارىيان، كاۋكاز ياكى ھىندى-ئافغان تىپىغا ئوخشاپ قالىدىغان ئىنتاين ئاز ساندىكى ئادەملەرمۇ چىراي شەكىل ۋە بوي بەستى جەھەتتە يەنىلا ئۇيغۇرلارغا بەكرەك يىقىن بولۇپ، ئۇلارنى ھىچكىم خاتالىشىپ چەتئەللىك دەپ قالمايدىكەن، شۇڭا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر دىيارىغا بارسا، يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن قىلچە پەرقلەندۇرۋالغىلى بولمايدۇ، باشقا يۇرتنىڭ ئۇيغۇرلىرىمۇ ئاتۇشتا يۇرسە قىلچە چىنىپ قالمايدۇ. ئەمما ئاتۇش بازارلىرىدا يۇرگەن تاجىكلار، پاكىستانلىقلار ۋە ياۋروپالىق ساياھەتچىلەر يەرلىك ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىدىن ئاسمان زىمىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلارنى بىرلا قاراپ تونىۋالغىلى بولىدۇ. گەپنى يەنىلا ئارىيانلارغا بۇرايلى. شەرقى ياۋروپادىكى ھىندى-ياۋروپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەجدادى بولغان كۆچمەن ئارىيانلار نىمە ئۇچۇن م ب 2000-يىللىرى توساتتىن شەرقى ياۋروپادىكى ئانا يۇرتلىرىنى تاشلاپ غەربى ياۋروپاغا ۋە جەنۇبى ئاسىياغا كۇچۇشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى مىلادىدن كىيىنكى دەۋرلەردىكى گىرمان قەبىلىلىىرنىڭ ھونلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ يەنىمۇ غەرپكە سۇرۇلۇشىگە سىلىشىتۇرغىلى بولامدۇ؟ ئارىيانلارنى ئانا يۇرتى بولغان قارا دىڭىز يايلاقلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان كۇچ زادى قانداق كۇچ؟ ئۇ تۇرانلارنىڭ زەربىسىمۇ ياكى تىخىمۇ شىمالدىكى سىرىق چاچ، كۆك كۆزلۇك ئورال خەلقلىرىنىڭ زەربىسىمۇ ، ئۇغۇزخاننىڭ ھەربى يۇرۇشلىرى ئارىيانلارنىڭ كەڭ كۇلەمدە كۇچىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغانمۇ؟ئەلۋەتتە يوقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى پەرەز، ئارىيانلارنىڭ زادى نىمە سەۋەپتىن شەرقى ياۋروپا يايلاقلىرىنى تاشلاپ كەڭ كۇلەمدە كۇچۇشى تىخى يىشىلمىگەن بىر سىر. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللىرى ئارىيانلار مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن شەرقى ياۋروپا يايلاقلىرىدىن غەربى ياۋروپا ۋە جەنۇبى ياۋروپاغا كۆچكەنلىرى ھىندى ياۋروپا تىلىنى ۋە سىرىق چاچ، كۆك كۆزلۇك ئىرقى ئالامەتنى بۇ رايونلارغا ئىلىپ كىلىپ ھازىرقى جەنۇبى ياۋروپادىكى لاتىن مىللەتلىرى(ئىسپان، پورتوگال، ئىتالىيانلار ...) نىڭ ئەجدادى بولۇپ قالغان. (ئارىيانلار كىلىشتىن بۇرۇن بۇ رايونلاردا باشقا تىل سىسىتىمىسىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ياشىغان بولۇپ ، ئاشۇ قەدىمى خەلقلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ پورتوگالىيەدە ئاز سانلىق مىللەت سۇپىتىدە ساقلىنىقلىق) . ئارىيانلارنىڭ يەنە بىر قىسمى كاسپى دىڭىزىنى بويلاپ جەنۇپقا سۇرۇلۇپ ئىرانغا كىرگەن ، ئاندىن ھىندىستانغا باستۇرۇپ كىرگەن. ئەمما ئارىيانلار ساملارنىڭ توسقۇنلىقى سەۋەبىدىن ئەرەپ يىرىم ئارىلىغا كىرەلمىگەن،ھەمدە تۇرانلارنىڭ توسقۇنلىقى سەۋەبىدىن ئوتتورا-شىمالى ئاسىيا ۋە شەرقى ئاسىياغىمۇ كىرەلمىگەن. قىزىقارلىقى ئارىيانلار گەرچە شەرقى ياۋروپادىكى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى يۇرتلىرىدىن "قوغلاپ چىقىرىلغان بولسىمۇ" ئەمما غەربى-جەنۇبى ياۋروپا ۋە جەنۇبى ئاسىيادىكى ئاجىز دىھقان قەۋملەر رايونىغا كۇچۇپ بارغاندىن كىيىن ، ئاشۇ ئاجىز قەۋملەرنىڭ ئالدىدا جەڭگىۋار، قۇدرەتلىك ھىساپلىنىپ قالغان. ئارىيانلار جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىران، ھىندىستان ۋە ئوتتورا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلارغا ھىندى ياۋروپا تىلىنى ۋە شىمالى ياۋروپا ئىرقى ئالامەتلىرىنى ئىلىپ كەلگەن. بۇ ئالامەتلەر ھازىرمۇ بۇ رايونلاردا ئاندا ساندا ئۇچرايدۇ. ئارىيانلار ئىران ئارقىلىق ئوتتورا ئاسىياغا كىرگەندە تۇرانلار بىلەن قايتا دوقۇرۇشۇپ قالىدۇ ۋە شاھنامىدىكى "ئىران-تۇران ئۇرۇشلىرى" يۇز بىرىپ نەچچە مىڭ يىلغىچە داۋاملىشىدۇ. جەڭگىۋار تۇرانلار ئوتتورا ئاسىيانى ئارىيانلارغا تارتقۇزۇپ قويمايدۇ. تارىم ئويمانلىقىنىمۇ ئارىيانلارغا تارتقۇزۇپ قويمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن جەڭگۋارلىقتا ئارىيانلاردىن ئىشىپ چۇشىدىغان تۇرانلار ئىران-ھىندى ئارىيانلىرىنىڭ نەزىرىدە جەڭ ئىلاھى، ئالۋاستى سۇپەت قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى جەنۇبى ئاسىيادىكى مۇنبەت يىزا ئىگىلىك رايونلىرىنى ئىگەللىۋالغان، شۇنداقلا مىسىر، مىسوپوتامىيە، بابىل، ھىندىستان مەدىنىيەت چەمبىرىكىگە بىۋاستە خوشنا بولىۋالغان ئارىيانلار سىياسى-ھەربى رىقابەتتە تۇرانلار تەرىپىدىن قايتا-قايتا مەغلۇپ بولسىمۇ ئەمما مەدىنىيەت جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە جوغراپىيىلك ئورنىدىن پايدىلىنپ، تۇرانلار شۇنداقلا پۇتكۇل ئوتتورا ئاسىيا رايونىغا كۇچلۇك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەتتا ئوتتورا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى بىر قسىىم تۇرانلارنى تەتۇر ئاسمىلاتسىيە قىلىۋىتىش دەرىجىسىگىمۇ ئاز قالىدۇ. بۇ خىل مەدىنىيەت جەھەتتە پارىسلىشىش جەريانى ھەتتا ئوتتورا ئەسرلەردىمۇ داۋاملىشىدۇ(ئەلشىر ناۋايىنىڭ پارىسلىشىشقا قارشى كۆكرەك كىرىپ چىقىپ تۇرك تىلى ۋە تۇرك مەدىنىيىتىنى قوغدىشى بىزنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۇرىدۇ). ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، تۇرانلار مۇقەددەس ۋەتىنى ئوتتورا ئاسىيانى جۇملىدىن تارىمنى ئارىيانلارغا تارتقۇزۇپ قويمايدۇ. بۇ مۇقەددەس زىمىنىغا كۆز قىزارتقان، تۇران خەلقىنى تالان تاراج قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق دۇشمەننى ئاقىۋەت رەسۋاسىنى چىقىرۋىتىدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئەلۋەتتە. مىللەتنى ياكى مەلۇم بىر قەۋمنى قانداقتۇر مەلۇم بىر ساپ ئىرق بىلەن ياكى مەلۇم بىر سىرلىق گىن تىپى بىلەن ئۆلچەم قىلىپ ئايرىشقا ئۇرۇنۇش مەڭگۇ نەتىجىسى چىقمايدىغان بىھۇدە ئاۋارىچىلىق. ئوتتورا ئاسىيا رايونىدا كەم دىگەندىمۇ 10مىڭ يىلار ئىلگىرلا تۇرلۇك ئىرقلارنىڭ ئارلىشىشى باشلىنىپ بولغان. تۇرانلار ئوتتورا ئاسىيادىكى تۇرلۇك ئىرقلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئارلىشىشى نەتىجىسىدە ئىرقى جەھەتتە نىسبى خاسلىققا ، مەدىنىيەت جەھەتتە نىسبى مۇستەقىللىققا، تىل جەھەتتە ئوتتورا-شىمالى ئاسىيا رايونىغىلا خاس بولغان تىل سىستىمىسغا ئىگە بولغان، تارىختا ئاجايىپ ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى ياراتقان جەڭگىۋار قەۋم. شەرقتە قىدىرخان تاغلىرىدىن غەرپتە ئورال تاغلىرىغىچە بولغان مۇشۇ بىپايان زىمىندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئورتاق بىر مەدىنىيەت، ئورتاق بىر تىل سىسىتىمىسى ، ئورتاق بىر روھ "تۇران روھى" ئۇچۇن ئىزدىنىشى ، كۆرەش قىلىشى ھەرقانداق بىر ئوتتورا ئاسىيا پەرزەنتىنى سۇيۇدۇرىدۇ. مانا مۇشۇ تۇران خەلقلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋە جۇڭخۇا مەدىنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ غايەت زور تۆھپە قوشقان يەنە بىر مۇھىم خەلق، بىز بۇنىڭدىنمۇ پەخرىلىنىشكە ھەقلىقمىز. -------------------------------------------------------------------------------------- ئۇزۇن بولۇپتىكەن تورغا چىقمىغىلى، بىكارچىلىقتا يەنە بىرمۇنچە قۇرۇق گەپ سىتىۋەتتىم. قۇتىغۇر ئەپەندى ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسىز جۇمۇ. |
2009/1/16 16:22 |
6 | Kulbilge | ئوتتورا-شىمالى ئاسىيا خەلقلىرنىڭ جەڭگىۋارلىقى،باتۇرلىقى، ئۇرۇش سەنئىتى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ماھىرلىقى پۇتۇنلەي بۇ رايوننىڭ جاپالىق مۇھىتى ۋە تەبىئەت بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان تۇرمۇش شارائىتى تەرىپدىن بەلگىلەنگەن. بۇ خەلقلەر تارىختا شەرقى ئاسىيادىن غەربى ياۋروپاغىچە، ھىندىستاندىن تارتىپ، بابىل،مىسىر لارغىچە كۇچلۇك تەسىر كۆرسىتىپ ئىنسانىيەت مەدىنىيتىىنىڭ ئالغا بىسىشىغا تۇرتكە بولۇپ كەلگەن. ئەلۋەتتە بۇ جەريانلار ئىنسانپەرۋەرلىككە زىت بولغان قىرغىنچىلىقلاردىن خالى بولالمىغان، شۇ سەۋەپتىن ئوتتورا-شىمالى ئاسىيادىكى ئاشۇ جەڭگىۋار خەلقلەر تارىختىكى نۇرغۇن كىشىلەر (ئاتالمىش مەدىنىيەتلىك ئەللەرنىڭ ئالىملىرى) تەرىپىدىن ھاقارەتلەنگەن، ھەتتا تۇرلۇك دىنلاردىكى "يەجۇج-مەجۇجلەر"نىڭ ئەسلى مەنبىئى بولۇپ قالغان(بۇ قاراشنى ئوسمان تۇركلىرى ھەربى كۇچىگە تايىنىپ ئۆزگەرتكەن). تەرەققى قىلالمىغانلار مەغلۇپ بولىدۇ،ئاجىزلار يوقۇلۇدۇ، بۇ تەبىئەتنىڭ ۋە ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ قانۇنىيىتى. ياۋرو-ئاسىيادىكى ئاتالمىش مەدىنىيەتلىك ئەللەر ھەر قىتىم ئۆزلىرى ياراتقان مەدىنىيەت كىشەنلىرى تەرىپىدىن تۇنجۇقۇپ، بىر ئىزدا توختاپ قالغاندا، ئوتتورا-شىمالى ئاسىيا دىكى كۆچمەنلەرنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنى خۇددى بوراندەك باستۇرۇپ كىلىپ، كونا قاششاق مەدىنىيەتنى سۇپۇرۇپ تاشلاپ، يىڭى بىر تىخىمۇ ئىلغار مەدىنىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۇرتكە بولغان. ئوتتورا ئاسىيا خەلقلىرى ياۋرو-ئاسىيا مەدىنىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا دەل ئەنە ئاشۇنداق تۇرتكۇلۇك رول ئوينىغاچقا، يەتتە قىتئە ئىچىدە پەقەت ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلىقىلا ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنىڭ باشلامچىلىرى بۇلالىغان. ئەپسۇس، كىيىنكى مەزگىللەردە ئوتتورا ئاسىيا رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك شەرت-شارائىتى ياراتقان، ئوتتورا ئاسىيا خەلقىنىڭ خاس روھى تۆۋرۇكى بولغان تۇرانچە ئىدولوگىيە سىسىتىمىسىنىڭ ئىغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرۇشى، سىرتتىن كىرىپ ئوموملاشقان ئەمما ئوتتورا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ خاراكتىرى ۋە روھى خاسلىقىغا قىلچە ماس كەلمىگەن تۇرلۇك ئىدولوگىيەلەرنىڭ چىرىتىشى (مەسىلەن بۇددا دىنى ۋە باشقا دىنلار) سەۋەبىدىن ئوتتورا ئاسىيا خەلقى ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى يوقاتتى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالىنى "ئۆزىنىڭ ئەسلى روھىنى يوقۇتۇپ قويۇپ باشقا روھ چىرمىشۋالغان،جىن چاپلاشقان ساراڭ ئادەم" بىلەن سىلىشتۇرۇش مۇمكىن. زاماننىڭ ئۇتۇشى بىلەن ئىدولوگىيە ساھەسىدىكى زەنجىر كىشەننى بۇزۇپ تاشلىغان غەربى ياۋروپا خەلقلىرى قۇدرەت تىپىپ دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۇتۇپ كەتتى. سانائەت ئىنقىلابى پۇتكۇل يەرشارىدىكى ئىنسانلارنىڭ قان-گۆش ۋە روھ بىلەن ئۆلچىنىدىغان رىقابەت ئەندىزىسىنى بۇزۇۋەتتى. ئات ئۇستىدە يارىتىلغان "روھ" تۇمۇر زەمبىرەك، تانكا، ئايروپىلان ئالدىدا تولىمۇ ئاجىز ئورۇنغا چۇشۇپ قالدى. غەربى ياۋروپاغا خوشنا بولغان روسلار ۋە دىڭىز ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىلغار مەدىنىيىتىنى قۇبۇل قىلغان شەرقى ئاسىيالىقلارمۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تەرەقىيات يولىغا كىرىپ كەتتى. ئىچكى قۇرۇقلۇقتا قاپسىلىپ قىلىپ دۇنيانىڭ ئومومى تەرەققىيات ئىقىمىدىن ئايرىلىپ قالغان،ئەسلىدىكى ئوتتورا ئاسىيا " روھى " نى يوقۇتۇپ باشقا "روھ"لار تەرىپىدىن چىرمىۋىلىنغان ۋە ساراڭلاردەك ئۆزئارا سوقۇشۇپ يۇرگەن ، ئاقىۋەت زەئىپلىشىپ كەتكەن ئوتتورا ئاسىيا خەلقلىرى بىشىغا كىلىۋاتقان قارا بۇلۇتنىڭ سايىسىنى كۆرگەندە ئۆزىلىرىنىڭ تولىمۇ ئاجىز ئەھۋالدا قالغىنىنى ھىس قىلدىيۇ ئەمما نىمە ئىش بولغانلىقىنى، نىمە سەۋەپلىكىنى بىلىپ بولغۇچە قارا بوران ۋە يامغۇر ئاستىدا قالدى. بۇ قارا بوران ئوتتورا ئاسىيا خەلقىنى ئۇزۇندىن بۇيان چىرمىۋالغان تۇرلۇك زەنجىر كىشەننى پاچاقلىۋىتەلەمدۇ، چاپلىشىپ قالغان يامان روھلارنى قوغلىۋىتەلەمدۇ، ئۇزۇندىن بۇيان يىغىۋاتقان بۇ يامغۇر- تەڭرىنىڭ كۆز يىشى - ئۇلارنىڭ دىلىنى يۇيۇپ تازلىيالامدۇ، كۆزىنى ئاچالامدۇ؟ ياكى ئوتتورا ئاسىيا خەلقىنىڭ تارىخى بۇرچى راستىنلا ئادا بولۇپ بولغانمۇ؟ بۇلارغا پەقەت كەلگۇسى تارىخ جاۋاپ بىرەلەيدىغان ئوخشايدۇ. ئەمما ئۇمۇدۇم يەنىلا شۇكى : يامان "روھ"لار خەلقىمنى، قىرىنداشلىرىمنى قويۋىتىڭلار، ئۆزەڭلارنىڭ پەيدا بولغان يىرىگە -جەنۇبى ئاسىيادىكى ھىندى چۆللۇرىگە ۋە ئەرەپ قۇملۇقلىرىغا - قايتىپ كىتىڭلار. سىلەر ئوتتورا ئاسىيا خەلقىنىڭ تەڭرى ئاتا قىلغان ئەسلى "روھى" ئەمەس، سىلەر بىزگە تەئەللۇق ئەمەس. |
2009/1/16 17:56 |
7 | Kulbilge | ئالىپ ئەرتۇڭا راست ئۆلدىمۇ؟ «ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ ئىيسىز ئاژۇن قالدىمۇ ئۆزلەك ئۆچىن ئالدىمۇ ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر» (ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ، بىۋاپا دۇنيا ئۇنىڭدىن قۇتۇلدىمۇ، پەلەك ئۇنىڭدىن ئۆچىنى ئالدىمۇ؟ ئەمدى يۈرەكلەر پارە - پارە بولماقتا.) «ئۆگرەيۈكى مۇنداغ ئوق مۇندا ئازىن تىلداغ ئوق ئاتسا ئاژۇن ئوغراپ ئوق تاغلار باشى كەرتىلۇر» (زاماننىڭ ئادىتى شۇنداق، بۇندىن باشقا بىرمۇنچە قورقۇنچلۇق سەۋەبلەرمۇ بار. زامان چەنلەپ ئوق ئاتسا، تاغلار بېشىمۇ پارە - پارە بولۇپ كېتىدۇ.) ئالىپ ئەرتۇڭا راستىنلا ئۆلدىمۇ؟ http://vhead.blog.sina.com.cn/pl ... 9401&uid=1579907640 |
2009/1/16 18:38 |
8 | Qutghur | R1a,R1b لار R1 نىڭ ئاز-تولا ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن تىپ دەپ چۈشىنىۋاتىمەن .بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولمىغاچقا مۇشۇنچىلىك چۈشەندىم . لىكىن Kulbilge ئەپەندىنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن ئازراق ئوخشىماسلىق بار . 黄色R1a : 印欧人东支 狭义的雅利安人,也就是进入印度伊朗东欧的雅利安人 红色R1b :印欧人西支 连同黄色的R1a一起被称为广义的雅利安人。印欧人除广义雅利安人外还包括吐火罗人。 粉红I : 有的学术资料称其为波罗的人,但从图中看出波罗的海人I 并不太多。一般称其为原始北欧土著人。 暗红N:芬兰-乌戈尔语系的人种。 他们同阿尔泰-突厥人有联系。 古匈奴贵族和王族的基因就是N. Q:吐火罗人基因。我国古代的西域印欧人和大月氏人,塞种人的一部分就是吐火罗人,属于印欧人种 G和J都是闪米特人基因,其中G是高加索类型 E3b:北非阿尔及利亚人等摩尔人基因 1- R1b تىپى ئارىئان غەربى تىپى دەپ قارىلىدىكەن ،ئوتتۇرا دېڭىز تىپىدىكى لاتىن ئەۋلادلىرىدا كۆپ بولماستىن بەلكى ئىسپانىيەدىكى باسىك لاردا بەك يۇقرىكەن ئاندىن قالسا كىرىتلاردا (凯尔特) لاردا ،ئىرلاندلاردا بەكرەك يۇقىرىكەن .پولەكلەردە ھەتتا گىرمانلاردىن يۇقىرى ئىكەن .دىمەك گېتلېرنىڭ "ئارىئان ساپ" نەزىرىيەسى قۇرۇق گەپ خالاس . بىزنىڭ كىروران ئانىمىزنىڭ تىپىمۇ مۇشۇنىڭغا تەۋە ، 据了解,从20世纪70年代以来,中国科学家在塔里木河地区干涸的荒漠中,也发现了不少白皮肤干尸。20多年来,随着这些白皮肤干尸一个接一个地出土,科学家心目中自然而然升腾起一个疑团:他们究竟是谁? 可是,随着考古发掘工作的不断深入,尤其是一些时间久远到公元前1800年-公元前1200年前的白皮肤干尸出土(他们距今已有近4000年历史!),疑团便逐渐增大:这些白皮肤的古人究竟是属于蒙古人种还是欧洲人种? 上个世纪90年代以来科学家们对这些3000多年前的白皮肤干尸作了DNA鉴定。基因测试的结果显示,这些新疆出土的白皮肤干尸不是属于亚洲的蒙古人种,而的的确确是欧洲人种 2-R1a بولسا ئارىئان شەرقى تىپى دىيىلىدىكەن ،بۇ تىپ ئورۇسلاردا كۆپرەككەن ، ئۇيغۇرلاردىن باشقا قىرغىزلارنىڭ ئاتىلىغىدا 40%دىن ئارتۇغراق كىلىدىكەن ،ئۇيسۇنلاردا 90%دىن ئارتۇق مۇشۇ تىپكەن ،بۇ ئىككى مىللەت قەدىمدىلا "تۈرك"تامغىسى بېسىلغان ئەددات مىللەت ھىسابلىنىدۇ .شۇڭا بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۇ تىپنى جەنۇبى روسسىيە يايلاقلىرىدىن كېلىپ ئىران بىلەن ھىندىستاننى ماكان تۇتۇپ بىر قىسىمى مەرگىزى ئاسىيادا ياشاپ قالغان دىسەك تازا قاملاشماسمىكىن .ئالدىراپ ئەدداتلارنى خاتا تونۇپ قالمايلى دەيمەن . مىنىڭ بىلشىمچە گىن بەلگىسى ئارقىلىق بىرەر مىللەتكە ھكۈم قىلىدىغان دەرجىگە يەتمىدۇقمىكىن . R نىڭ پەيدا بولغان قەدىمقى ماكانىنىڭ ئاسىيا (مەرگىزى ئاسىيا) ياكى ياۋرۇپامۇ دىگەن مەسىلە تېخىچە ھەل بولمىدى .ئەگەر R نىڭ ماكانى مەرگىزى ئاسىيا بولۇپ قالسا بۇنىڭ ئىككى نۇسخىسىنى پەيدا قىلغۇچىلار ئۇيغۇرلار بولۇپ قېلىشى ھەم مۈكىن .شۇڭا كېسىپ ھككۈم قىلىش بالدۇر دەپ قارايمەن . |
2009/1/16 19:44 |
9 | kimsan | مېنىڭچە ئارىيان بىلەن ساك ئوخشاش بولۇپ تۇرانىيلارنىڭ ئەجدادى ئۇلارنىڭ ئاپىرىدە بولغان جايى ــ دەل تۇران. تۇك ئېرقىي ـــ موڭغۇلۇئىد تەسىرىگە ئۇچراپ ، ئېرقىي ئۆزگېرىش ياساپ تارىخقا كېرگەن ئارىيان - ساكلار | 2009/1/16 20:18 |
10 | Bore | كروران گۇزىلى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادلىرىنىڭ بىرى. تۆۋەندىكىسى كروران گۇزىلىنىڭ ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن سۆرەتلىرى. رەسىملەردىكى ئايالنىڭ چىراي تۇرقى تاجىك-پارىسلارغا ياكى ياۋروپالىقلارغا ئەمەس بەلكى ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا تىخىمۇ يىقىن كىلىدۇ. ئەلۋەتتە ھازىر كروران گۇزىلىگە ئوخشىمايدىغان، قارا چاچ، قارا كۆزلۇك ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. بۇنىمۇ ئىتىراپ قىلماي بولمايدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلار ئىچىدە كروران گۇزىلىگىمۇ ئوخشىمايدىغان،ياۋروپالىققىمۇ ئوخشىمايدىغان، شۇنداقلا سىرىق تەنلىكلەرگىمۇ ئوخشىمايدىغان قارا چاچ، قارا كۆز، بۇغداي ئۆڭلۇك ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. بۇلار ئىپتىدائى ئوتتورا دىڭىز تىپىدىكى ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئىنسانشۇناسلار كروران گۇزىلىدە بىرقانچە خىل ئىرقى ئالامەتنىڭ ئارلاشقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي رايونىدىكى قەدىمقى كۆچمەن خەلقلەرنىڭ ئىرقى تىپى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئىنىقلاپ چىققان بولۇپ، شۇ چاغلاردىمۇ تارىم رايونىدا تۇرلۇك ئىپتىدائى ئادەملەرنىڭ ئارلىششى باشلىنىپ بولغان. دىمەك ئالتاي،سىبىرىيە قاتارلىق شىمالى تۇران رايونىدىكى تىرىسى ئاققا مايىل، چىچى توپا رەڭ كەلگەن ئادەملەر بىلەن تارىم ئويمانلىقى ۋە ماۋرەئۇننەھىردىكى قارا چاچ، قارا كۆزلۇك ئادەملەر ئارلىشىشقا باشلىغان. مانا بۇلار ئوتتورا ئاسىيا ئاھالىلىرنىڭ ئورتاق ئەجدادلىرى.بۇلار نەچچە مىڭ يىل ئوخشىمىغان مۇھىتتا ياشىغانلىقى ئۇچۇن تىرىسى ۋە چاچ رەڭگىدە پەرق كۆرۇلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇلاردىن باشقا يەنە سىرىق چاچلىق ئورال خەلقلىرى، قارا چاچلىق كاۋكازلار ، ھىندى ئافغانلار ۋە شەرقتىكى سىرىق تەنلىكلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشگە قاتناشقان. ئەمما ھازىر ھىچكىم ئۆزىنى مەن ماۋۇ تىپقا تەۋە دىيەلمەيدۇ. پەقەت ئۆزىنى ئۇيغۇر، تۇركى تىللار ئائىلىسىنڭ بىر ئەزاسىلا دىيەلەيدۇ. مانا بۇ مەدىنىيەت ئامىلىنىڭ ئىرقى ئامىلدىن كۇچلۇك ئىكەنلىكىنڭ ئىسپاتى. |
2009/1/16 20:59 |
جەمئىي باھا 23 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|