|
ماقالە مەزمۇنى |
ئوغۇل ئىسمىدىن ياردەم |
يوللىغۇچى Hun كۆرۈش 3198 يوللانغان ۋاقتى 2009/1/11 13:47 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
مەن سىلەردىن بىر ياردەم سورىماقچى، مېنىڭ بۇ تېمام قەتتى بۇ سەھىپىگە ماس كەلمەيدۇ. لېكىن بۇ بەتنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقىنىنى كۆزدە تۇتۇپ سىلەردىن بىر ياردەم سوراشقا جۈرەت ئۈىلدىم ( ئەگەر تەستىقلاشتىن ئۆتسە تور باشقۇرغۇچىلارنىڭ ماڭا 3 كۈنلۈك رۇخسەت بېرىشىنى ئىلتىماس قىلمەن. ) مىنىڭ بىر ئوغۇل جىيەنىم تۇغۇلغان ئىدى شۇنىڭغا بىر ھەقىقى ئۇيغۇرچە ( ئەرەپچە ئەمەس)ئىسىم ،قويماقچى ئىدۇق شۇڭا سىلەردىن ياردەم سورۇدۇم، توغرا چىشىنىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلمەن. كوپچىلىككە رەھمەت بۇ تېما ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆچۈرىلىدۇ. |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 45 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | Ghalip | قۇتلۇق،تۇغلۇق،ئۇزلۇق،ئارسلان،ئارتبەگ،قۇتبەردى،ئۆتكۈر،ئۇزلان،قۇتلان،تۇغلان،ئەركىن،ئارتقىن،ئۇزغۇن،كەزگىن،سەزگۈر،ئۇزغۇر،تۇرسۇن،تۇرغۇن،توختى،تۇردى....... | 2009/1/11 17:25 | |||
2 | yakupjan | http://karamet.5d6d.com/thread-65-1-1.html مۇشۇ يەرگە قاراڭ، ئۇيغۇرچە ئىسىملار مەنىسى بىلەن ئىزاھلانغان ئۇيغۇر ئاتلىرى قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار ( ئىسىملار ) _ ( مەنىسى ) ئابا _ دادا ، ئاتا ، شۇنداقلا ئاپا ، ئانا دېگەن مەنىسىمۇ بار ئابام ئۇلۇغ _ ئەبەدىيلىك ، مەڭگۈلۈك ئابامبەگ _ ئەبەدىيلىك بەگ ئابىنچۇ _ خۇشاللىق ، كۆڭۈلنى ئالغۇچى ئابىنچۇ قاتىن _ كۆڭۈلنى ئالىدىغان خېنىم ، خانىش ئابىنىق _ بەختلىك ، تىنچ ئاچارى _ ھەزرەت ، ئۇستاز ئاچىق _ چوڭ ئاكا ئاچۇق _ ئوچۇق ئادام توغرۇل _ توغرۇل ( بىر خىل يىرتقۇچ قۇش )دەك چېۋەر ئادەم ئادايۇ _ ئېزىز ، قىممەتلىك ئادۇغ ( ئادىغ ) _ ئېيىق ئاغارلاغ _ ھۆرمەتكە لايىق ، شەرەپلىك ، ئۇلۇغ ئاغىر _ قەدىرلىك ، ئېزىز ، شەرەپلىك ، ئۇلۇغ ئاغۇش _ ئۇرۇق ، جەمەت ئاجھۇن _ دۇنيا ، دەۋر ئالپ _ جەسۇر ، باتۇر ، قەھرىمان ئالپ ئاتا ( ئەلپەتتا ) _ باتۇر ئاتا ئالپ ئايا _ ئەڭ ياخشى قەھرىمان ئالپ ئەرتۇڭا _ قاپلاندەك باتۇر ئەر ئالپ تېكىن _ باتۇر شاھزادە ئالپاغۇت _ يېڭىلمەس قەھرىمان ، تاغ يۈرەك باتۇر ئالقا _ مەدھىيىلىمەك ئالقىش _ بەخت ، خۇشاللىق ، تەنتەنە ئالتۇن _ (1) ئالتۇن ، (2) زۆھرە يۇلتۇزىنىڭ ئىسمى ئالتۇن قارا : ئالتۇن : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى ئامساق _ ھەۋەس ئامۇل _ تەمكىن ، ئېغىر – بېسىق ئاناچ _ ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى بىلەن ھەممىگە ئانىدەك تۇيۇلىدىغان قىز ئانۇغ _ ئۈمىد ، ئارزۇ ئاقاش _ ئاكا ، ئاكاش ئاقى _ مەردانە ، جەسۇر ، مەرد ئاقخان _ ئاق : ئىسمى ، خان : قوشۇمچىسى ئارا بۇغا _ ئوتتۇرا ھال بۇغا ئارغۇ _ ئىككى تاغ ئارىسى ئارغۇن _ ئارغىماق ئارىغ _ پاكىز ، ساپ ئارىش _ تازا ، پاك ، پاكىزە ئارقار _ ياۋا قوي ئارقىش _ كارۋان باشلىقى ، خەۋەرچى ئارقۇ _ باھالىق ، قىممەتلىك ئارسلان _ شىر بالىسى ئارتۇن _ زىرە ( ئۆسۈملۈك ) ئارتۇق _ ئارتۇق ، ئېشىپ كەتكەن ، جىق ، نۇرغۇن ئاسغۇ _ مارجان ( بويۇنغا ئاسىدىغان ) ئاشان _ ھۆرمەتلەن ، غىزالان ئاشان توغرۇل _ توغرۇلدەك غىزالان ئاشاي _ غايە ، مەقسەت ئاشتال _ كەنجى ئوغۇل ئاسىغ _ نەپ ، پايدا ، مەنپەئەت ئاسقىن _ ئېسىل ، ئالىيجاناب ئاتابېك _ ئوردا تەربىيىچىس ، تەربىيىچى ئاتاش _ ئاتەش ، ئوت ئاتات _ تاي ، قۇلان ئاتاي _ بالا ، باچكا ئاتىم _ مەرگەن ...... ئاپتورىنىڭ رۇخسىتىسىز مۇشۇ يەرگە بىر قىسمىنى كۆچۈرۈپ قويدۇم، ئاخىرىنى ئۇشبۇ بەتتىن كۆرىۋېلىڭ |
2009/1/11 19:41 | |||
3 | Kulbilge | يوقۇرقى تورداشلار ناھايىتى ياخشى ئىسىملارنى تەمىنلەپتۇ، تۇركىيە تۇركلىرىنىڭ ۋە قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار قىرىنداشلارنىڭ ئىسمىدىنمۇ ناھايىتى چىرايلىق ساپ تۇركچە ئىسىملارنى تاپقىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا قەدىمقى تۇركى تىللار ياكى ھازىرقى ساپ تۇركى تىللار فوندىمىز ئاساسىدا ئۆزىڭىز يىڭى بىر مەنىلىك ئىسىم قوراشتۇرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە بالىنىڭ ئىسمىنى ئاتا ئانىنىڭ ئسىمى ۋە ئاتائانىنىڭ بالىدىن كۇتكەن ئارزۇ ئۇمۇدى ئاساسىدا قويىدىغان گەپ. سىزنىڭ يوقۇرقى ئامىللار ئاساسىدا ئىزدىنىپ ماس كىلىدىغان، چىرايلىق تۇركچە ئىسىملارنى تاپالىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. "ئالفىرە" (چوشقىنىڭ كۇچۇكى) دەيدىغان بۇنداق بىمەنە ئەرەپچە ئىسىملارنىڭ خەلقىمىزدە ئازىيىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. |
2009/1/11 20:04 | |||
4 | hakan | مەنچە ئورخان،بايانچۇر،ئىلتەرىش،شىراق،گوكخان،تۇران،ئوغۇز،شاھىن،قۇتلۇق،فارابى،قاتارلىقلار...................... | 2009/1/11 20:25 | |||
5 | eynek | بالىڭىزغا تۈركچە ئىسىم قويۇش شەرت ئەمەس ، سىز ئۇيغۇر بولغاندىن كېيىن بالىڭىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ بالىسى بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن ، مېنىڭچە بالىڭىزغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغىنىڭىز مۇۋاپىق . مەسىلەن : نۇر تېكىن. ئەرتېكىن. ئەرىكئال دېگەندەك . | 2009/1/11 22:58 | |||
6 | zirek |
مۇنداق تۈرك ئاتالغۇسىنى بەك ئىتتىكلا بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز قىلىپ قويماڭلار دەيمەن. ئۇيغۇر دېمەك تۈرك دېمەك. تۈرك دېمەك ئۇيغۇر دېمەك. سىز نېمىشقا ئۇيغۇر بىلەن تۈركنى ئايرىۋېتىسىز؟ |
2009/1/12 00:36 | |||
7 | Ay~chiwar | تەڭرىقۇت ، بۇ ئىسىم قانداقكەن ؟ | 2009/1/12 01:20 | |||
8 | mavlan | توغرۇل ، ئىستەمى ، قۇتادمىش ، قۇتامىش ، بارس ، ئارسىلان ، ئېركىن،ئورخون دىگەندەك ئىسىملار بولارمۇ سىزچە ، | 2009/1/12 12:04 | |||
9 | HALKQIL | مەن سىزگە مۇنۇ ئىسىملارنى تەۋسىيە قىلاي ------ ئەل دان - مەنىسى ئەل، جامائەت، خەلق. دان - دانىشمەن، ئەقىللىق، بىلىملىك، ئەل ئىچىدىن چىققان دانىش. ئەل قۇت -- مەنىسى ئەل، جامائەت، خەلق. قۇت - قەدەمىي ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى پادىشاھ دىگەن مەنىدە، قۇتلۇق بولسۇن دىگەن مەنىدە، شاد - باياشات بولسۇن دىگەن مەنىدە. ئېلىنى، خەلقىنى، مىللىتىنى قۇتقۇزغۇچى دىگەن مەنىدە. تۇلۇق ئېيتقاندا - ئەلقۇت. مۇستافا - مەن جىيەنىڭىزنىڭ خۇددى مۇسـافا كامالدەك ئادەم بولۇپ چىقىشىگە تىلەكداشمەن. جۈملىدىن مىنىڭ ئوغلۇمنىڭ ئىسمىمۇ مۇستافا. قوش باي - قوش خوشاللىق، ھەممە جەھەتتىن غېمى يوق دىگەن مەنىلەردە. يۇقارقى ئىسىملار تۇلۇق ئۇيغۇرچە مەنىگە ئىگە ۋە تارىخىلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىسىملار بولوپ مىنىڭچە ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ ماس كىلىدۇ. دوستۇم ئەگەر مۇشۇ تېمىڭىزدا سىزگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ، سىزگە ئىسىم تاللىشىپ بەرگەن تورداشلاردىن بىرەسىنىڭ ئېيتقان ئىسمىنى لايىق تېپىپ جىيەنىڭىزگە قويۇپ جالسىڭىز ئېغىر كۆرمەي شۇ تورداشقا ئۇچۇر قىلىۋېتەسىز ياكى مۇنبەردە رەخمىتىڭىزنى ئېيتىپ قوياسىز !!! بۇ ھەم سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز ۋە شۇ تورداشنىڭ خوشاللىقى، خوشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولغايسىزلەر !!!. خوش ئاخىرىدا سىزگە ئۇتۇق تىللەيمەن. |
2009/1/12 16:53 | |||
10 | zahir | مىنىڭچە ،ماۋۇ ئسىملارمۇ بۇلىدۇ، تىلىۋالدى، بەگمۇھممەد، سۇلتان ئەلى، ئاللھ قۇلى، مىرزا ئەلى ، ئايمۇھممەد ، يارمۇھممەد ....دىگەندەك ئسملارمۇ بۇلىدۇ. " تارىخى رەشدى" دە بۇنداق ئسملار كۇبقۇ!؟ | 2009/1/12 19:05 | |||
جەمئىي باھا 45 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|