|
ماقالە مەزمۇنى |
ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچىشىدىكى ... |
يوللىغۇچى turpantur كۆرۈش 2206 يوللانغان ۋاقتى 2008/12/21 22:51 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
(1) ئېتقادنىڭ ئالمىشىشى :ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى شامان دىنغا ئېتقات قىلىدىغان مىللەت بۇلۇپ غەرپكە كۆچكەندىن كىيىن بىر قىسمى كەڭسۇ (گەنسۇ)رايۇنىغا كۆچۈپ ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ پەيدا بۇلۇشىغا ئاساس بولدى. يەنە بىر قىسمى قۇجۇ رايۇنىغا كۆچۈپ كىلىپ قانقىل قەبىلىسى(ئۇيغۇر تاشقى 9قەبىلىسىدىكى بىر قەبىلە )بىلەن بىرگەئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنى قۇردى .شۇندىن ئىتبارەن ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىدىكى شامان دىننىي ئەقىدىلىرىنىڭ ئورنىنى مانىي دىننى ئالدى. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆز قارىشىچە ئىسلام دىننى 15-ئەسىردە تۇرپان رايۇنىغا كىردى دىيىلمەكتە .ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋەسىقىلىرىدە ئىدىقۇت خاننىڭ قاراخانىيلار خانىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دىيىلگەن :قارىخانىيلار زىمىنىدا 500مانىي د ىننىي مۇخلىسى بار ، ئىدىقۇتتىكى ئىسلام مۇخلىسلىرى بولسا ئۇنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر ،جانابىڭىز مانىي دىننىي مۇخلىسىدىن بىرنى ئۆلتۈرسىڭىز ئىسلام مۇخلىسىدىن 3نى ئۆلتۈرىمەن . بۇ 10-ئەسىردىلا ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ دۆلەت دىنىنىڭ مانىي دىننى ئىكەنلىكىنى ئۇندىن باشقا ئىسلام دىننىڭ 10-ئەسىردىلا بۇ رايۇنغا كىرگەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى . (2)پائاليەت دائىرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى :ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى پائاليەت ئېلىپ بارغان رايۇنلار شىمالدا سىبىرىيەدىن جەنۇپتا تاڭغۇت زىمىنىغىچە ،غەرپتە تۇران تۈزلەڭلىكىدىن شەرقتە جىيايۈگۇەنگىچە ئىدى. شىمالدىكى تاشقى توققۇز قەبىلە غەرپكە كۆچكەندىن كىىيىن تارىم ۋەجۇڭغار دالىسىدا پائاليەت ئېلىپ بېرىپ ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان . (3)ئىگىلىكنىڭ ئالمىشىشى :ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى ئەسلىدە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ئۆمۈر سۈرگەن، غەرپكە كۆچكەندىن كىيىن ئۇلار دىھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتتى .ئىنسانىيەت تەرەقىياتىدىكى يەنە بىر باسقۇچ ئۇيغۇرلاردىمۇ تاماملاندى. ئۇيغۇرلار كۆچمەن تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە تۇنجى بۇلۇپ شەھەرلەشكەن مىللەتتۇر . (4)ئىجتىمائىي تۈزۈم :قۇللۇق تۈزۈم غەرپكە كۆچكەندىن كىيىن تەدرىجى يىمىرىلىپ ئۇنىڭ ئورنىنى يېرىم قۇللۇق يېرىم فىئوداللىق تۈزۈم ئالدى. ئىدىقۇتتىن تېپىلغان قۇل سېتىش توغرىسىدىكى ۋە بەگتۆرىلەرنىڭ ۋەسىقىلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ .بۇ دەۋردە ئۇرخۇن يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇر قەدىمىي يېزىقى ئالدى تاۋارنى تاۋارغا ئايرىۋاشلاش ۋە مىتال پۇل ئىشلىتىش تەڭلا قوللىنىلدى. قەبىلە تۈزۈمى يىمىرىلدى ،جەمەت تۈزمى ئورنىتىلدى . (5)تىل تەرەقىياتى :ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى ئىشلەتكەن تىل ئىچكى توققۇز قەبىلە ئىشلەتكەن تىل بۇلۇپ بۇنى مەن ئۇيغۇر قەدىمى تىلىنىڭ ئۇرخۇن شىۋىسى دەپ ئاتاشنى تەۋسىيە قىلىمەن، تارىم ۋادىسى ۋەيارىش يازىقى (جۇڭغار دالاسى) دا ئىشلەتكەن تىلنى ساك شىۋېسى دەپ ئاتاش كىرەك ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچىشى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. باشقا تۈركى مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدىنيىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلاشتى، بۈگۈنكى كۈندىكى ھەرخىل ئېرقى تىپقا تەۋە بولغان ئۇيغۇرلار شۇ دەۋىردىكى روشەن ئاسىملاتسىيەنىڭ بەلگىسى . قىسقىسى غەرپكە كۆچۈش ئۇيغۇرلار تارىخي تەرەقىياتىدىكى بىر قېتىملىق بۈسۈش بۇلۇپ شۇندىن ئېتۋارەن ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن خوشلىشىپ يىقىنقى زامان ئۇيغۇر تەرەقىياتى ئۈچۈ ن ئاساس ياراتتى . |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 25 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | koktash | مېنىڭچە، شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلىشىش 1926- يىلى باشلانغان! ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ ئۇيغۇر دەپ خەلق بولغان، لېكىن ئۇزۇزن يىللىق ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى، خانلىقلارنىڭ ئالمىشىشى، كۆچۈش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە «ئۇيغۇر« نامى ئەستىن چىقىپ كەتكەن ياكى ناھايىتى قىسمەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. 1920- يىللاردىكى غەربىي تۈركىستان گوبىرناتورلىقىدىكى تۈركلەرنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ بىر تۇتاش مەخپىي ۋە سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مىللەتلەرگە بۆلۈنۈشكە باشلىدى. چۈنكى غەرب تەرەپتىكى «ئوسمانىيلار» مىللىتى ئۆزلىرىنىڭ نامىنى «تۈرك» كە ئۆزگەرتكەن ئىدى. بۇنداق بولغاندا، غەربىي تۈركىستاندىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ «تۈرك» نامىنى داۋاملىق ساقلاپ قالسا، يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت - تۈركىيە، شۇنداقلا ھازىرقى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى تۈركلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتسە، يەنە بىر غايەت زور ئىمپىرىيىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۈمىد زور ئىدى. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئورتا ئاسىيا تۈركلىرىنى مىللەتلەرگە بۆلۈپ، مىللىي ئاپتونومىيە قۇرۇپ بېرىش كېرەك ئىدى. بۇنى ئىلغارلىق دەپ بىلگەن شىنجاڭدىن كۆچۈپ بارغان تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ يۈرتىدىكىلەرگە بىر ئىسىم قويمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قلىشقان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىم ئورتا ئاسىيادىكى مەلۇم بىر قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كەڭ تارقالغان ئىدى. مانا بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۇيغۇرلىشىش بولدى. مېنىڭچە، «ئۇيغۇر» دېگەن نام تۇرپان، قومۇل، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشى جەريانىدا، ئەڭ غەرپكە كۆچكەن ئاتۇشلۇقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ پەقەت مېنىڭ پەرىزىم. كۆپچىلىك يەنە داۋاملىق ئىزدىنىپ باقسا بولىدۇ. |
2008/12/22 22:57 |
2 | mavlan | "مېنىڭچە، «ئۇيغۇر» دېگەن نام تۇرپان، قومۇل، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشى جەريانىدا، ئەڭ غەرپكە كۆچكەن ئاتۇشلۇقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ پەقەت مېنىڭ پەرىزىم. كۆپچىلىك يەنە داۋاملىق ئىزدىنىپ باقسا بولىدۇ" قاچان كۆچكەن ؟ 840-يىلىمۇ ؟ ئۇندىن بۇرۇن ئۇيغۇر يوق دىمەكچىمۇ ؟ |
2008/12/22 23:14 |
3 | kkk | ئۇيغۇر دىگەن نام ناھايىتى قەدىمى نام بولۇپ 840-يىلىدىن بۇرۇن بولغان، شۇنداقلا 1921- يىلى ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا بىرىلگەن يېڭى ناممۇ ئەمەس، جاۋابى مۇشۇ ئورخۇننىڭ تاغدىن_ باغدىن سەھىپىسىنىڭ<< قەستەنلىكمۇ-سەۋەنلىكمۇنىڭ5-بېتىدە>> مېنېڭ جاۋابىم بار . | 2008/12/22 23:53 |
4 | TarimDadxah | غەربكە كۆچۈش ؟ كىم غەربكە كۆچۈپتۇ ؟ پەقەتلا باشكەنت ئالماشتۇرغان ئىشقۇ بۇ ؟ ھېچكىمنىڭ غەربكە كۆچكىنى يوق ، سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم ، بولمىسا تەپسىلىيراق توختالغان بولاتتىم ، سىلەر كىملەرنىڭ دېپىغا سەكرەۋاتىسىلەر ؟ ياڭ شېڭمىننىڭ ؟ بارتولدنىڭ ؟ ياكى بۈگۈنكى توردۇنياسىدىكى نامسىز " تارىخچى " لارنىڭ قۇرۇقتىن - قۇرۇق ئەپقاچتى يازمىلىرىغىمۇ ؟ | 2008/12/23 00:08 |
5 | mavlan | شەرىقى تارماق ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەن كۆچكىنلا كۆرگەن كۆزلىرى بىر پۈتۈن ئۇيغۇرنى كۆچتى دىگەن يەكۈنگە ئەكەلمەكتە ، ساراڭمۇ سىلەر ،ئورخوندىن كۆچكەنلەربىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ پەقەت بىر تارمىقى خالاس . سياسەتۋازلار ئويونلىرى ............................................ |
2008/12/23 13:08 |
6 | AlipTigin | 840-يىلىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ غەرىپكە كۆچكىنى راست لىكىن، بۇ كۆچۈش ئەمەس ھاكىمىيەت مەركىزىنىڭ يۆتكۈلىشى. ھازىرقى شىنجاڭ ئەزەلدىنلا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى ئىدى. ئىسىم ئۆزگەرتىشكە كەلسەك بۇ ئېغىزىغا كەلگەننى جۆيلىگەنلىك. بۇنى خەنزۇچە مەنبەلەردەخاتىرلەنگەن "يۈەنخې"،"خۈيخې"دىگەن ئىسىملار بىلەنلا ئسپاتلاش مۇتلەق مۇمكىن . |
2008/12/23 18:51 |
7 | Awral | ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى غەربىدىيارغا كۆچۈشتىن بۇرۇن ، غەربى دىياردا ئۇيغۇرلار يوقمىتى ؟ كىرۇرەن گۈزىلى كىم ؟ ئافراسىياپچۇ ؟ | 2008/12/23 20:37 |
8 | hjran | مىنىڭچە غەرىپكە كۆچۇشنى پەقەت شۇ دەۋىردىكى ھاكىميەت تۇتقان ئاز بىر قىسىملارنىڭ كۆچىشى دىسەك بولار ،كىسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ھازىرقى ئۇيغۇر زىمىنى ئەزەلدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنى بۇ يەرگە بىز كۆچۇپ كەلمىگەن بەلكى بۇرۇندىن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچۇپ كەلگەنلەر قوشۇلۇپ ئەسلىدىكىدىن كۈچەيگەن خالاس. | 2008/12/23 20:59 |
9 | turpantur | غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار چارۋىچى ئۇيغۇرلاردۇر سىرىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوق سىرىق ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتتا شەرققە كۆچكەندۇر ، شەرقىي ئۇيغۇرلار (غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ) بۈگۈنكى تۇرپان قۇمۇل جىمسار قاتارلىق جايلارغا كىلىپ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى بەرپا قىلغان ،بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغان نۇقتا :شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرنىڭ بىر پوتۈن گەۋدىسى بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرلار بىرلىككە كەلگەن ،ئىسلامنىڭ تارقىلىشى ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىرلەشتۈرگەن بۇنى ھەرگىزمۇ ھەممە ئۇيغۇر غەربكە كۆچتى دەپ چۈشەنسەك بولمايدۇ ،ئەگەر غەربكە كۆچكەنلەرنى ئۇيغۇرلار ئەمەس دىسەك ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىنى ئىتراپ قىلمىساق بۇلىدۇ ،غەربكە كۆچۈش ئۇيغۇرلارنىڭ تىروتورىيە سىنىڭ كىچىكلىگەنلىكىنى كۆرسەتتى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان موڭغۇلىيە ئىگىزلىكى يات تائىپىلەرنىڭ قۇلىغا ئكتۈپ كەتتتى لىكىن قىزغىزلار ئۇرخۇندا خانلىق قۇرغانمۇ يوق ؟ شەھەرلەشكەنمۇ يوق ؟ بۇنى تەتقىق قىلىپ باقساقلا بۇ زىمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىگە شۇنداقلا شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتىكى ئۇيغۇرلار زىمىنىغا كۆچۈپ بارغانلىق تارىخىنى ئىتراپ قىلالايمىز |
2008/12/23 22:14 |
10 | TarimDadxah | تۇرپانتۇر ئۇكام ، يەنىلا ئۆگەنگىنىڭىز تۈزۈكتەك قىلىدۇ ! | 2008/12/24 00:31 |
جەمئىي باھا 25 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|