|
ماقالە مەزمۇنى |
ئۇيغۇر تىلى يوقىلامدۇ؟ |
يوللىغۇچى boyak كۆرۈش 4174 يوللانغان ۋاقتى 2008/12/18 00:01 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
1. نوپۇسى مىليوندىن ئاشىدىغان ۋە توپلىشىپ ئوتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ تىلى (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مىليوندىن ئاشىدۇ ۋە توپلىشىپ ئولتۇرارقلاشقان)؛ 2. يازما مەدەنىيەت مىراسلىرىغا، جۈملىدىن زامانىۋىي نەشرىيات ھوقۇقىغا ئىگە تىللار(ئۇيغۇر خەلقى تا ئورخۇن دەۋرىدىن تارتىپ گۈللەنگەن بىر مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى، تارقاتقۇچىسى ۋە ۋارىسى سۈپىتىدە مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدىن تارتىپ <<ئالتۇن يارۇق>>، <<مايتىرى سىمىت>> قاتارلىق بۇددىزىم مەزمۇنىدىكى، <<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك>>، <<قۇتادغۇبىلىك>>، <<ئەتەبەتۇل ھەقايىق>> كەبى ئىسلام مۇھىتىدىكى ۋە 600 يىللىق چاغاتاي تىلى دەۋرىدە ناۋايى ۋەكىللىكىدىكى كاتتا يازما مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلار ئېلىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە زامانىۋىي نەشرىياتچىلىق خىزمىتىىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. يىرىك رومانلىرىمىزلا 100دىن ئاشىدۇ.)؛ 3. فونېتىكىسى، لېكسىكىسى، گرامماتىكىسى تەتقىق قىلىنغان، بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات ئەسەرلىرى بار تىللار (ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە يېزىلغان مەخسۇس ئەسەرلەر 10دىن، ئىلمىي ماقالىلار نەچچە مىڭغا يېتىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تارتىپ ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى كاتتا ئالىملارغىچە، تەكلىماكان باغرىدا ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتىلىرىدىن ئېلىمىزدىكى داڭلىق خەنزۇ ئالىملىرىغىچە ئورتاق تىرىشىپ يورۇقلۇققا چىقارغان. دۇنيادا فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى تەتقىق قىلنغان تىللار 500 ئەتراپىدا)؛ 4. بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋىي ئۇچۇر ۋاسىتىسى ئىنتېرنېتتا ئورۇن تۇتالىغان تىللار (ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلىرى مىڭغا يېتىدۇ. ھازىر سەرخىل توربەتلىرىمۇ كۆپەيمەكتە.)؛ 5. سەرخىل زىيالىلىرى بولغان تىللار (ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن ئانا تىل تەربىيىسىدە يېتىشىپ چىققان ۋە چىقىۋاتقان بىر تۈركۈم سەرخىل زىيالىلار بار.)؛ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلى خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئەمما بۇ بىرىنچى قېتىملىقى ئەمەس، ئۇيغۇر تىلى 600 يىللىق چاغاتاي تىلى دەۋرىدە مەدرىسلەردە، زىيالىلارنىڭ قەلىمىدە بويۇن قىسىپ قالغانىدى، ھەتتا <<ئەرەبى ھەسەل ئەست، فارىسى شەكەر ئەست>> ( ئەرەب تىلى ھەسەلدۇر، پارس تىلى شېكەردۇر) دېگەن شۇئار بىلەن ئەرەب، پارس تىلى يۈكسەك ئورۇنغا، ئۇيغۇر تىلى تۆۋەن ئورۇنغا قويۇلغانىدى. بۈرۈك ئەدىبب ئەلىشىر ناۋايى ئۆز ئىجادىيىتى بىلەن <<تۈركى ھۈنەر ئەست>>(تۈرك تىلى ھۈنەر -- ئىجادىىيەت تىلىدۇر) دەپ جاكارلىغان. ئەمما، ئەنە شۇ 600 يىللىق بوران -چاپقۇندىن ئامان ئېسەن دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلى ئىككىنچى قېتىم خىرىسقا دۇچ كەلدى. بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئانا تىلغا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، سەمىمىي مۇھەببىتىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلالىساق، ئۇنى كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىساق يەنە نەچچىنچى ئەۋلادىڭىزمۇ ئۇيغۇر تىلى قاچان يوقىلىدۇ دەپ سورىمايدۇ. ئۇنى ئاسراش قانداق بولىدۇ؟ ئۇنى ئاسراش ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنى سۆيۈشتىن، ھۆرمەتلەشتىن باشلىنىدۇ؛ سىز ئۇنى ئانىڭىزنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلىسىڭىز، كىيىمىڭىزنى ئاسرىغانچىلىك ئاسرىسىڭىز ياۋ سەن ياۋ لىڭ جۇ جۇ...... دېمەيسىز! ئۇنى ئۆز نام-ئابرويىڭىزنى قوغدىغاندەك قوغدىسىڭىز، ئۇنى بالىڭىزنى سۆيگەندەك سۆيسىڭىز شىندا، نوڭدا دېمەيسىز!ئۇنى يانفۇنىڭىزنى قەدىرلىگەنچىلىك قەدىرلىسىڭىز، قۇرسىقىڭىزغا ئامراق بولغانچىلىك ئامراق بولسىڭىز، ئۇيغۇرچە خەت يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلىسىز! ئەمدى قانداق قىلىش ئىختىيارىڭىزدا! |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 41 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | ulukroh | ئۇيغۇر تىلى ( مۇخەممەس ) بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى ، مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى ، بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى ، مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ، بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى . ئانا تىل ھەردەم قوۋۇم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى ، ئانا تىل پەن - مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ، ئانا تىل چوڭكىچىكنىڭ يۈرىكى ، تاغ يۆلىكى ، ئانا تىل ۋاستە - قۇرال ئالاقىدە قەلىب ئەينىكى ، بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى . پەنگە ئاشىق - بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم ، تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەرقاچان ئەنبەر تىلىم ، ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال - شېكەر ، كەۋسەر تىلىم ، بولدى ئەل دۈشمەنلىرگە تىغ - تەبەر ، نەشتەر تىلىم ، ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى . «ئا» بىلەن كىردى ئېغىزغا ، تىل - زۇۋانغا مەڭگۈ تەم ، قىلدى تىل ئاقىل ، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇم پەم ، تىل چېچىلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم ، تىل بىمار ، ئاجىز - ئورۇققا ئەم - داۋا ، ئاچلارغا يەم ، خاسىيەتلىك تىلتۇمار ، قالقان - سىپەر ئۇيغۇر تىلى . يۈرۈكۈمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام ، مەن ئىجاد ئەتتىم مۇشۇ تىلدا ، قىلىپ پەرۋاز داۋام ، مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام ، مۇشۇ تىل بەردى چىدام ، مەردلىك ، ۋاپادارلىق مۇدام ، قان قېرىنداشلارغا رىشتە ، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى . سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل - ئالتۇن بۇلاق ، ئۇ - چىراغ ، پەرۋانە بىز ، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق ، ئانا تىل يىلتىز ، ئوزۇق ئالغۇچى بىز - نوتا - ئۇلاق ، ئانا تىلدا دەرىس ئېلىپ ، تاپتۇق ئەقىل ، سەمرىپ قۇلاق ، بىزگە پۈتمەس كان ، خەزىنە شام - سەھەر ئۇيغۇر تىلى . قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا ، تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك باھا ، ھەر تەرپتىن ياغدى ئالقىش ، « مىڭ ياشا ! » دېگەن سادا ، مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى ، سالدۇق ساما ، ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى . شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان ، مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان ، مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ ، ھەزرەت نەۋائىي تاپتى شان ، مۇشۇ تىلغا جان بېرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان ، مەڭگۈ ئەڭگۈشتەر ، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى . مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق ، بىباھا ، مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا ، خاتا ، مۇشۇ تىل مەڭگۈ قەدىردان ، مېھرى ئاتەش جان ئانا ، مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات ، جاننى ئاتا ، پىر بولۇپ بىرگە ئۆگـەتتى كەسىپ - ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى . ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار ، ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غورۇر ۋە ئىپتىخار ، ئانا تىلىنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۈلباھار ، ئانا تىل بار - ئەلمۇ بار ، ھېكمەت ، مۇھەببەت ... ھەممە بار ، بىزگە ئاش - ناندەك زۆرۈردۇر ، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى . بولغۇسى قەدرىم پاخال - خەس ، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم ، ئۆز تىلىم بار ، ئاي ، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم ، بارمۇ مەندەك باي جاھاندا ، ئۆتتى شاد ھەر ھاي ، يىلىم ، ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم ، ماڭا ئۇستاز ، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر ، ئۇيغۇر تىلى . خىسلىتى يازغانغا پۈتمەس ، تىل ھايات ، بىزمۇ ھايات ، مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق ، ئەل يۇرت ئاۋات ، كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات ، مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن ، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد ، ئۆتتى مەيلىمنى ، بېرىپ دىل ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى . تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارنىڭ ، باش قاشلىما ، بولسا بىل كۆپ تىل ، ئەقىل ، كۈچ تاپ ھامان ، يانپاشلىما ، بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى ، كېيىن كۆز ياشلىما ، شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما ، قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر ، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى . ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا ، شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا ، ئانا تىلسىز گال ، كېكەچ مەن ، بولىمەن جاندىن جۇدا ، چىن يۈرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا : سۈيىدە ئاق ، ئوتىدا كۆي ! دۇر - گۆھەر ئۇيغۇر تىلى !.... ئابدۇرېھىم زۇنۇن جۇڭگو مىللەتلىرىدىن ئېلىندى . ( ئاپتور خوتەن پېداگوگىكا تېخنىكومىدا) |
2008/12/18 16:52 | |||
2 | oqya | ھەرقانداق سوئال تومتاق سورالمىغاندەك جاۋاپمۇ تومتاق بېرىلمەيدۇ. ئەمما تىلشۇناسلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پورمۇلاسىغا قاراپلا ئۇنىنغا يەكۈنى توغرا دەپ قارالسا مۇقەررەر خاتالىققا يول ئاچىدۇ. ئۈزۈم پىش ئاغزىمغا چۈش ئەمەس، ئۈزۈمنى پىشۇرۇپ ئاندىن ئاغزىمىزغا چۈشۈرسەك ئاندى ئۈزۈم ئۈزۈمدەك تۇرىدۇ. تىلمۇ شۇنداق! تىلىمىزنىڭ كەلگۈسىنى بەلگۇلەيدىغان تىلشۇناسلارنىڭ پورمۇلاسى ئەمەس بىزنىڭ ئۇنىنغا كەلگۈسى ئۈچۈن چىقارغان كۈچىمىز، بىز ئۇنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدۇق ۋە قىلىۋاتىمىز. ئەگەر ھازىرقى تەرەققىيات بويىچە ماڭسا تىلىمىز يوقىلىدۇ. Herqandaq sual tomtaq soralmighandek jawapmu tomtaq bérilmeydu. Emma tilshunaslarning otturigha qoyghan pormulasigha qarapla uningha yeküni toghra dep qaralsa muqerer xataliqqa yol achidu. Üzüm pish aghzimgha chüsh emes, üzümni pishurup andin aghzimizgha chüshürsek andi üzüm üzümdek turudu. Tilmu shundaq! Tilimizning kelgüsini belguleydighan tilshunaslarning pormulasi emes bizning uningha kelgüsi üchün chiqarghan küchimiz, biz uning saqlinip qélishi üchün nime ish qilduq we qiliwatimiz. Eger hazirqi tereqqiyat boyiche mangsa tilimiz yoqilidu.
|
2008/12/18 19:04 | |||
3 | erdewil | شۇنداق، ئانا تىلنى(ئۇيغۇر تىلىنى ھەم يېزىقىنى) قوغداش مىللىتىگە ،خەلقىگە،ۋەتىنىگە چىن مۇھاببىتى بار ھەر بىر ئۇيغۇر (ئىنسانى )ئۈچۈن باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيەت! مەسئۇلىيىتىمىزنى ئوبدان ئادا قىلىش-قىلالماسلىقىمىز ئۆزىمىزگە باغلىق،خالاس!!! دابازا ئەمەس چوڭ بازار.... دىيەنشى ئەمەس تېلېۋىزۇر.... بىڭگۈەن ئەمەس مېھمانخانا.... شۇۋجى ئەمەس يانفون..... بۇنداق مىساللار قۇمدەك كۆپ......... ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭمۇ كىنو تەرجىمە قىلىشتىكى مۇدداسى كىنودىن ھۇزۇرلىنىشلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر يېزىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش!!! http://www.uyterjime.com/bashbet.asp ئانا تىلىمىز مەڭگۈ يوقالمايدۇ! بۇنىڭغا ھەربىر ئۇيغۇر ئىشىنىشى شەرت! |
2008/12/18 19:07 | |||
4 | pan-tikin | راسىت ئۇيغۇر تىلى مەڭگۇ يۇقالمايدۇ ، بىراق بىزمۇ بىركۇنى ئاخىرقى دەرىسنى ئۇتۇشكە مەجبۇر بۇلۇپ قالساق ئاخىرقى دەرىسنى ئۆتكۇچى چىقارمۇ ، نەۋائىدەك شۇئار تولاپ زاماننىڭ ئالدىدا مېڭىپ قوغدايدىغان زەبەردەسىت ئەرلىرىمىز چىقارمۇ ، بىز تىلىمىزدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىمىزغا تايىنىپلا بۇ تىلنى ساقلاپ قالىمىز دەپ ئولتارماي دوستلار دىگەندەك ھەممىمىز بۇ تىلنى سۈيىشىمىز كىرەك ، ھازىرقى دەۋىرنىڭ رېتىمى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تىز ، بۇرۇنقى دەۋىردە 600 يىلدا ئورۇنلانغان ئىشلار ھازىرقى دەۋرىمىزدە 60 يىلدا ئورۇنلىنىشى تامامەن مۇمكىن ، بۇرۇن بىر مەدىنيەتكە تەسىر كۇرسۇتۇدىغان ئامىللار ھازىرقىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ ، كۇچلۇك مەدىنيەت جەھەتتىكى غىدىقلىنىش ۋە ئارلاشمىلىق سەۋەبىدىن ھازىر دۇنيادىن ساپ مەدىنيەت تاپماق بەك تەس ، بىز بۇ تەرەپلەرنىمۇ كۆزدە تۇتۇشىمىز لازىم دەپ ئويلايمەن . | 2008/12/18 19:35 | |||
5 | urdek | ئۇيغۇر تىلى يوقۇلىشى ئۇچۇن تۇركىيە، قازاغىستان، ئۇزبىكىستان،قىرغىزىستان،تاتارىستان،ئەزەربەيجان ھۇللاس 250 مىللىئون تۇركى قوۋۇم يەر يۇزىدىن يوقۇلىشى كىرەك! شۇ چاغدىلا تىلىمىزنى يوقاتماقچى بولغانلار مەخسىتىگە يىتەلىشى مۇمكۇن، لىكىن بۇ مۇمكۇن ئەمەس! | 2008/12/18 21:23 | |||
6 | uyghurqizi | ئۇيغۇر تىلى مۇقەددەس تىل، يوقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز لازىم. قەدىرلىشىمىز، سۆيۈشىمىز، ئاسرىشىمىز لازىم، باشقىلار يوقىتىش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلسا، بىزمۇ تەڭ ماسلاشساق يوقىلىشى تېزلىشىدۇ، قوغداشتا چىڭ تۇرىدىغانلار كۆپەيسە، ئۇ ھالدا ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. تەڭ تىرىشچانلاق كۆرسىتەيلى. | 2008/12/18 22:28 | |||
7 | boyak | ئوقيا ئەپەندى، تېچلىقمۇ؟ تىلشۇناسلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى قانداقتۇر بىر ئۆلۈك <<فورمۇلا>> ئەمەس، تىل ئىجتىمائىي نەرسە، يەنە كېلىپ ئالاھىدە بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە. تىل خەلقنىڭ نۇتقىدا ياشايدۇ، سىزنىڭ <<ھازىرقىدەك ماڭسا >> دېگىنىڭىز نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە ئىشەنچ باغلىشىمىز ۋە ئاندىن ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشىمىز لازىم. دۈشمەن كېلە- كەلمەيلا <<مەن چوقۇم مەغلۇب بولىمەن>> دېسىڭىز راستلا مەغلۇب بولىسىز! |
2008/12/19 01:39 | |||
8 | urdek | دەرۋەقە ئارىمىزدا (بەش مو پارتىيىسى) نىڭ ئادەملىرى بار ئىكەن، شۇڭا ئوقيا دەك سۇزلەيدىغانلارنىڭ بولىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. | 2008/12/19 02:05 | |||
9 | koktash | "قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى" مۇقەددەس تىل، لېكىن "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى" ئۇنداق ئەمەس! ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرتىلى يېقىنقى 5- 10 يىلدا يوقاپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ خالىسا يەنە 40- 50 يىلدىن كېيىنمۇ كۆپچىلىك بىلەن توردا مۇشۇنداق مۇنازىرلىشىپ ئولتۇرىشىمىز مۇمكىن. لېكىن، مىللىي مائارىپىمىز، ئىجتىمائىي تەشۋىقات (خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش تەشۋىقاتى) مۇشۇ بويىچە مېڭىۋېرىدىغان بولسا، نەۋرىمىزنىڭ نەۋرىسى دەۋىرىگە كەلگەندە، ئۇيغۇر تىلى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ، بۇنىڭغا كەم دېگەندە 100 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇيغۇر مىللىتى يوقالمايدۇ، بەلكى مانجۇ ياكى تۇڭگاندەك ياشاۋېرىمىز. ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يولى- باشقا تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىش، تىل ئورتاقلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلار بىلەن ئامال بار ئورتاق تىل ۋە ئورتاق يېزىقنى ئىشلىتىش. ئۇيغۇر تىلى ۋەياكى ئۇيغۇرتىلىغا ئوخشاش تىللارنىڭ ئىجتمائىي ئاساسىنى كېڭەيتىش. پەقەت شىنجاڭ دائىرىسىدىلا ئەمەس. ئاناتىلنى سۆيۈش ياخشى قالقان، لېكىن ئاناتىلنى سۆيۈپ، قەدىرلىگەن بىلەن، سۆزلىيەلمىسە يەنىلا ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس دېگەن گەپ. ئۇيغۇر تىلىنى سۆزيىدىغان، لېكىن سۆزلىيەلمەيدىغانلار جەمئىيىتىمىزدە يوق ئەمەس! بۇلار ئۇيغۇر تىلىنى سۆيگەن بىلەن، پەقەت خەنزۇ تىلىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ياخشىلاشقا تۆھپە قوشالايدۇ. |
2008/12/19 02:43 | |||
10 | tengriqut | مەن بۇ مۇنازىرىدىن ئاڭلىغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك،،،ئەڭ قايىل قىلارلىق تەشەببۇس:بىز ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قېرىنداشلار بىلەن ئورتاق يېزىققا،،مۇمكىن بولسا ئورتاق تىلغا ئىگە بۇلۇشنى (دېمەكچى ئورتاق تۈركىي تىل، لاتىن ھەرىپى ئاساسىدىكى ئورتاق يېزىق) ئىشقا ئاشۇرساق بىزنىڭ تىلىمىز نىڭ يۇقىلىشى، زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىدىن ئەنسىرەشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.......... لېكىن مەن ھېچ چۈشەنمىدىم،،بىرقىسىم كىشىلىرىمىز لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلببەنى ئىشلىتىشكە شۇنچە قارىشى ئىكەن..ئۇلار ئەقىل بىلەن ئويلاپ باققانمىدۇ؟؟ دەۋىر يۆنىلىشىگە ماسلاشقانلار ساقلىنىدۇ..باشقىلىرى شاللىنىدۇ...... توغرا ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا ھەممىمىزنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىمىز بار ،،،لېكىن دوسىتلار ، ھازىرقى ۋاز كىچىش پەقەت كىيىنكى زور يوقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر..خالاس........ |
2008/12/19 10:04 | |||
جەمئىي باھا 41 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|