|
ماقالە مەزمۇنى |
[چۈشۈرىۋېلىڭ] دىۋاننىڭ تۆت تىللى... |
يوللىغۇچى Yawuz كۆرۈش 7778 يوللانغان ۋاقتى 2008/12/4 13:25 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
[align=justify] ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ لۇغەت داۋاملىق ياخشىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەرقايسى تور بېكەت باشلىقلىرى ۋە بلوگ ئىگىلىرىنىڭ بۇ لۇغەتنى تارقىتىشتا ئورخۇندىكى مۇشۇ ئادرېسنى ئۇلانما قىلىپ قويۇشىنى ۋە ئۆز تور بېكەتلىرىدە خالىغانچە تارقاتماسلىقىنى ئۇقتۇرىمىز. [align=justify]ھۆرمەت بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى[align=justify] [align=justify]يۇمشاق دېتال چۈشەندۈرۈشى ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپ خىل تىل-يېزىق ئۇچۇر تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى بېيجىڭدا چاقىرىلغان "مەھمۇت كاشىغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى " ئۈچۈن تەييارلاپ ھەقسىز تارقاتقان « "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك"نىڭ كۆپ تىللىق (تۈركچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە) ئېلېكترونلۇق لۇغىتى». تور بېتىمىز مەزكۇر تەجرىبىخانىنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتى بىلەن بۇ لۇغەتنى توردا تارقىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تەجرىبىخانىدىكى بارلىق تەتقىقاتچى خادىملارغا ئالاھىدە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز . قاتتىق دېتال تەلىىپى: CPU Pentium (R) 4 1.6GHz دىن يۇقىرى؛ ئىچكى ساقلىغۇچ 60Mb دىن يۇقىرى؛ قاتتىق دېسكىدا MB 250 دىن چوڭ بوشلۇق بولۇشى كېرەك. سىستېما تەلىپى: Windows Server 2003/ Windows XP/ Windows Vista بەت يۈزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى: 1. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى دائىرە شەكىللىك خەرىتە. 2. كىرگۈزۈش بۆلىكى. بۇ ئورۇنغا ئىزدىمەكچى بولغان سۆز كىرگۈزىلىدۇ. 3. تېما سىتونى. بۇ ئورۇنغا مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ ئىسمى چىقىدۇ. 4. ئىزدەش كۇنۇپكىسى. بۇ كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز، كىرگۈزۈش بولىكىگە كىرگۈزگەن، سۆزنىڭ مەزمۇنىنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئىزدەيدۇ. 5. ئالدىنقى سۆزگە يۆتكەش كۇنۇپكىسى. بۇ كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز نۆۋەتتىكى سۆزنىڭ ئالدىكى سۆزنى چىقىرىپ بېرىدۇ. 6. كېيىنكى سۆزگە يۆتكەش كۇنۇپكىسى. بۇ كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز . نۆۋەتتىكى سۆزنىڭ كېيىنكى سۆزنىڭ مەنىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. 7. ياردەم كۇنۇپكىسى. بۇ كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز ، مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك ياردەم ئۇچۇرى چىقىدۇ. 8. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ سىزما رەسىمى .(غازى ئەمەت سىزغان) 9. تۈركچە سۆز سىتونى 10. سۆزنىڭ ترانسكرىپسىيىسى. 11. سۆزنىڭ ترانسلېتىراتسىيىسى . 12. تۈركچە تەرجىمىسى. 13. تۈركچە نەشرىدىكى بەت ئورنى. 14. ئۇيغۇرچە سۆز سىتونى 15. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ترانسكرىپسىيىسى. 16. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 17. ئۇيغۇرچە نەشرىدىكى ئورنى. 18. خەنزۇچە سۆز سىتونى. 19. خەنزۇچە تەرجىمىسى.. 20. خەنزۇچە نەشرىدىكى ئورنى. 21. ئېنگلىزچە سۆز سىتونى. 22. ئېنگلىزچە تەرجىمىسى. 23. ئېنگلىزچە نەشرىدىكى ئورنى. 24. تاللاش بۆلىكى رايونى. بۇ رايوندا تۆت خىل تاللاش بۆلىكى بولۇپ (ṭr (تۈركچە) ،Uy (ئۇيغۇرچە)،Zh (خەنزۇچە)، ēEn(ئېنگىلىزچە) ئاپتۇماتىك ھالدا مەلۇم بىر سۆزنىڭ تۆت خىل تەرجىمىسى كۆرىنىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن. ئەگەر سىز مەلۇم بىر بۈلەكنى تاللىمىسىڭىز . مەلۇم بىر سۆزنىڭ شۇخىل تىلدىكى تەرجىمىسى كۆرۈنمەيدۇ. 25. سۆزلەر ئىندىكىس رايونى. بۇ رايونغا بارلىق سۆزلەرنىڭ ئىندىكىس ھالەتتە كۆرىنىدۇ. 26. تاللاش بۆلىكى. ئەگەر سىز بۇ بۆلەكنى تاللىسىڭىز، كىرگۈزۈش بۆلىكىگە كىرگۈزگەن سۆزنى شۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن ئىزدەيدۇ. مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى تەييارلىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر [align=justify] مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ياسىغان ئورۇن : شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپ خىل تىل-يېزىق ئۇچۇر تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ياساشقا قاتناشقۇچىلار: باش تۈزگۈچى: تۇرگۈن ئىبراھىم (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى ئىنىستىتوتى) پروگراممىسىنى ئىشلىگۈچى: مەھمۇد مەمەت، ھەسەن ئۆمەر (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى ئىنىستىتوتى) تېكىست كىرگۈزگۈچىلار: تەشكىللىگۈچى ۋە تۈركچە قىسمىنى كىرگۈزگۈچى: ئابدۇرېھىم راخمان (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىولوگىيە ئىنىستىتوتى) ئۇيغۇرچە قىسمىنى كىرگۈزگۈچى:مەھمۇد مەمەت خەنزۇچە قىسمىنى كىرگۈزگۈچى: ئىمام مىجىت، ئەمەتجان ئىنگلىزچە قىسمىنى كىرگۈزگۈچى: نىزامىدىن مۇقاۋىسىنى ۋە بەت يۈزىنى لاھىيىلىگۈچى: ياسىنجان
各语种蓝本 ئۇيغۇرچە نەشرى ئۈچۈن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى نەشرگە تەييارلاش گۇرۇپپىسى نەشرگە تەييارلىغان . نەشرگە تەييارلىغۇچىلار (ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە): ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇرېشىت قارىم سابىت، خەلىم سالىخ، ئوسمان مۇھەممەتنىياز، سابىت روزى، ئىبراھىم مۇتىئى (مەسئۇل مۇھەررىر)، ئىمىن تۇرسۇن (مۇھەررىر)، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ (مۇھەررىر) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1-توم 1980-يىل8-ئاي 1-نەشرى، 1981-يىل 9-ئاي 1-بېسىلىشى؛ 2-توم 1983-يىل 6-ئاي 1-نەشرى، 1984-يىل 3-ئاي 1-بېسىلىشى؛ 3-توم 1984-يىل 1-ئاي 1-نەشرى، 1984-يىل 5-ئاي 1-بېسىلىشى.
[align=justify]شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپ خىل تىل-يېزىق ئۇچۇر تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىكى بۇ خىزمەتكە قاتناشقان تۈرگۈن ئىبراھىم باشلىق بارلىق تەتقىقاتچى خادىملارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز چۈشۈرۈش ئادرېسى: /Yawuz/Diwan.rar [align=justify]لۇغەتنى نورمال ئىشلىتىش ئۈچۈن بۇ يەردىن Microsoft .NET Framework 3.5 Service Pack 1 نى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. تۆۋەندىكى ئۈچ ئادرېسنىڭ خالىغان بىرسىدىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. 1- ئادرېس:[align=justify] http://www.microsoft.com/downloa ... 7&displaylang=zh-cn 2- ئادرېس: http://news.mydrivers.com/1/95/95071.htm [align=justify]3- ئادرېس: [align=justify] http://www.crsky.com/soft/4818.html بۇ يەردىن دىۋاننىڭ PDF نۇسخىسىنى چۈشىرىۋېلىڭ، لېكىن سەل كېيىنرەك |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 23 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | Ghalip | كۆپ رەھمەت،شەرەپ بىلەن چۈشۈرىۋالدۇق. ھېيتلىقنى ئالدىراپ بېرىۋېتىپسىز ھە؟؟!!! جاپا چەكتىڭىز ،ئەجرىڭىزگە جىق رەھمەت!!! تولۇقلاپ،تۈزۈتۈلىدىغان يېرى راسىتلا خېلى باركەن...... |
2008/12/4 13:42 | |||
2 | kariz | رەھمەت، مەن بەك ئېھتىياجلىق ئىدىم. نورمال ئىشلىدى.... | 2008/12/4 15:42 | |||
3 | Qutghur | ![]() ھېيـلىقنى ۋاختىدا تاپشۇرۇپ ئالدۇق ! سىناپ كۆردۇم ،تولىمۇ قولايلىقكەن . سەمىمى ،چىن يۈرەكتىن رەھمەت ! ئۇيغۇر بىزدىكى باللاغىمۇ خەۋەر قىلىۋېتەي ،بىلمەي يۈرمىسۇن . |
2008/12/4 17:51 | |||
4 | Kulbilge | رەھمەت، بۇ بىباھا گۆھەرنى مەنمۇ ساقلىۋالدىم. ياۋۇز ئەپەندى ۋە ئۇرخۇن تورى ئۇچۇن كۇچ چىقىرىۋاتقان بارلىق قىرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت. | 2008/12/4 18:55 | |||
5 | jewlaniy | كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!! بۇ دىۋاننىڭ تور بولشلۇقىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
2008/12/4 19:07 | |||
6 | erdewil | توۋا مۇشۇ ياۋۇزكام دائىم ئۇشتۇمتۇت ئېسىل نەرسىلەرنى يوللاپ قويىدۇ جۇمۇ،ئالامەت سىز ھە؟ پۇرسەت غەنىمەت.... ![]() ماۋۇسى خەلق نەشرىياتى ئۆتمۈشتە نەشىر قىلغان كونا نۇسخسى ، بۇنىمۇ ساقلاپ قويۇڭ ،ھەرۋاقىت چۈشۈرەلەيسىز، مۇمكىن بولسا باشقىلارغىمۇ تەشۋىق قىلىڭ ، ئۇلارمۇ چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويسۇن ، مۇقىم بوشلۇقتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدۇ. تېز چۈشۈرۈڭ:http://www.piqqat.com/Erdewil/TurkyTillarDiwani.rar |
2008/12/4 20:22 | |||
7 | afrasyap | تۈركچە-ئۇيغۇرچە لوغەت تاپالماي يۈرەتتىم، بەك ياخشى بولدى. ھازىر تۈركىيىدە ئىشلىتىلۋاتقان تۈرك تىلى بىلەن بۇ لوغەتتىكى تۈرك تىلىدا ئاز-تولا پەرق بارمۇ قانداق؟ مەن كۆرۈۋاتقان تۈركچە كىنودىكى بەزى سۆزلەرنى ئىزدىتىپ باقسام ئوخشىماي تۇردۇ. |
2008/12/4 20:48 | |||
8 | Ghalip |
بۇ لۇغەتنىڭ ئىقتىدارى مېنىڭچە: 10-ئەسىردىكى تۈرك(ئۇيغۇر)تىلىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر،تۈرك،خەن،ئىنگىلىز تىللىرىدىكى يەشمىسىنى ئىزدەش. ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈركچىسىدىكى سۆزلەرنى ئىزدەش ئىقتىدارى يوق بۇ لۇغەتتە! |
2008/12/4 21:01 | |||
9 | serdar | بۇ بەك ياخشى بوپتۇ ! چۈشۈرۈۋىلىشنى تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ! |
2008/12/4 22:57 | |||
10 | KokTekin | بۇ لوغەتتە دىۋاندىكى سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە كونا يېزىقتا يېزىلىشى بويىچەمۇ ئىزدەشكە بولىدۇ، ئىزدەش كۆزنىكىگە ئۇيغۇرچە سۆز كىرگۈزسەڭلار سول تەرەپتىكى دىۋاننىڭ سۆزلەملىرى ئۇيغۇرچە كونا يېزىققا ئاپتوماتىڭ ھالدا ئالمىشىدۇ، ئىشلىتىش جەھەتتە يەنە قانداق مەسلىلەر بولسا سوراڭلار ھۆرمەت بىلەن كۆكتېكىن |
2008/12/4 23:04 | |||
جەمئىي باھا 23 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|