يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
<<دىۋان>>غا<<ئۇرخۇن>>ئەھلىدىن مۇشا...
يوللىغۇچى barhan   كۆرۈش 2062   يوللانغان ۋاقتى 2008/11/30 00:36  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
     مۇبارەك ئۇرخۇن ئەھلى !  <<خەلقارا مەھمۇدكاشغەرى يىلى>> ئىپتىخارىدا،<<دىۋان>>نىڭ مۇئەللىپى، تۈركىي تىلىنىڭ پىر -ئۇستازى بۇ ئۇلۇق بوۋىمىزغا، ئىككى كەلىمە يۈرەك سۆزىڭىزنى نەسرى ھەم شېرىي ئىلھام بىلەن ئىپادە قىلماقچى بولىۋاتقانسىز. دۇرۇس، تارىختىكى پاساھەتلىك تىلىمىز بىلەن بۈگۈنكى قاباھەتلىك تىلىمىزنىڭ پەرقىنى مۇشائىرە سەيناسىغا تاشلاپ، <<دىۋان>> ئۇدۇمىدىن ئەۋلاتلىرىمىزنى ۋاقىپلاندۇرايلى !


                
                 1- مۇشائىرىنى barhan  باشلىۋەتتى




ئايا قۇدرەت كامالىڭدىن نۇرى-نۇسرەت ئىمان كەلدى،
سۇتۇق ئەلباش جىمى تۈركىي سادا<<ئويخور>>پىغان كەلدى.

<< بىلاساكھون>> بېغى مەھكەم تۇران پۇشتى دىلى تىل بىر،
ئەبۇل مۇقتەد بىئەمرىللا قوبۇل لەۋھە <<دىۋان>>كەلدى.

تۇرار بىر ئاق ساقال بۇزرۇك ئىگىز كۇرسىدا ھەيۋەتتە،
تىلى يىلتىز- تۇران- تۈركىي پاساھەتلىك زۇۋان كەلدى.

 
    


   

  

     مۇشائىرىنى ئىككى مىسرا بويىچە داۋاملاشتۇرايلى: مەسىلەن،



كۆچۈرمەن، رەڭ،دۈۋەت راسلاپ تەئىلىق- پەي قەلەملەردىن،
ئەتىر فۇرقى، زىبا خۇلقى، ھۆسىندار مېھرىبان كەلدى.




كۆچۈرمەن  - بۇرۇنقى خەتتاتلار.

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 33   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 Yawuz ھاھاھا barhan ئەپەندى مەھمۇت كاشىغەرى يىلىنى ئورخۇندا بۇ ئۇسۇل بىلەن تەبرىكلىمەكچى بوپتۇدە، ئەپسۇسكى مەن مۇشۇ شېئىر دىگەنگە بەك گال، ئورخۇندا barhan ئەپەندىم بىلەن مۇشائىرە ئېيتىشالىغىدەك شائىرلار بارمىكىن. قېنى سورۇنغا مەرھەمەت. 2008/11/30 12:52
2 mavlan ئىلىم بىرلە چاقنار  بوۋام ، يوروق يولتۇز  كامالدا ،
ئەختەر  كەبى ،  ھۆسنى سەردار  يۈسۈپ  كەلدى .
2008/11/30 13:01
3 barhan ئەلف لەبزىڭ مۇقەددە تىل، ياراشقاي ياخشىلىق قۇتتىن،
ئوغۇزچە ھەمنەپەس-ھەمدەم جىمى تۈركى قىيان كەلدى.



  <<ئەلف: ئاپ\\ئەپ -بىرەر نەرسىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ...>>(<<دىۋان>>1-قىسىم47-بەت)
2008/11/30 13:39
4 barhan    

  ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھىدىن  مۇشائىرە:


تىلى گەر بولسا بىر خەزنە، جاۋاھىر قەۋمىنىڭ مېھرى،
ئۇدۇمغا رەھناما بىرچال<< ژىلى مەھمۇد>> زامان كەلدى.
2008/11/30 14:09
5 barhan << ئالماس >>روھىدىن مۇشائىرە:


كىسىپ ئېيتىش كېرەك مەغرۇر: سۈرى<<بېيدىڭ>>دا ھون ئاتلىق،
يەنە ئۈچ رەڭ: قارا، بوز، ئاق، تىلى<<ئىم>>دىن راۋان كەلدى.



<<بېيدىڭ>> - م.بۇرۇنقى 192-يىلقى <<بېيدىڭ قورشاۋى>>...
<<ئىم - ھەربى قوشۇنلاردا باشقۇماندان تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن مەخپى بەلگە...>>(<<دىۋان>>1-قىسىم54-بەت)
2008/11/30 14:28
6 mavlan شەرىقتە ئاق ئات مىنگەن 100مىڭ قۇشون ، غەربتە قارائات مىنگەن 100مىڭ قۇشون ،جەنوبتا تاغل ئات مىنگەن 100كىشلىك قوشون ،شىمالدا بوزئات مىنگەن 100مىڭ قوشون ،دۇنياغا مەشھۇر  بېيدىڭ قورشاۋى . 2008/11/30 14:40
7 barhan    <<ئۆتكۈر>> روھىدىن مۇشائىرە:


كۆڭۈل ئاقلىق،دىلى ئاقلىق تەڭرتاغنىڭ پايانىغا،
تىلى ئۆزگە،زىمىن ھالقىپ، سېلىپ نەشتەر چايان كەلدى.


<<تىلى ئۆزگە>> - بىرىنچى،ئىككىنچى جاھان ئۇرىشىدىكى پەرەڭلەر تالاپىتى...
2008/11/30 15:03
8 barhan     <<ناۋائى>>روھىدىن مۇشائىرە:


خوتەن مۈلكىگە جەننەتتۇر<<غەزەلىم>>چەبىيات، ئۆزھال،
تىلى<<چاغتاي>>زەبۇنلەردىن<<قىتان>>،<< قالماق>>- قاۋان كەلدى.


<<قىتان>> - گۆرخان باشچىلىقىدىكى قاراقىتانلار.
<<قالماق>> - موڭغۇل.
2008/11/30 17:53
9 barhan مۇشائىرە ھوزۇرى:

                      كەلدى

ئايا قۇدرەت كامالىڭدىن نۇرى-نۇسرەت ئىمان كەلدى،
سۇتۇق ئەلباش جىمى تۈركىي سادا<<ئويخور>>پىغان كەلدى.
<< بىلاساكھون>> بېغى مەھكەم تۇران پۇشتى دىلى تىل بىر،
ئەبۇل مۇقتەد بىئەمرىللا قوبۇل لەۋھە <<دىۋان>>كەلدى.
تۇرار بىر ئاق ساقال بۇزرۇك ئىگىز كۇرسىدا ھەيۋەتتە،
تىلى يىلتىز- تۇران- تۈركىي پاساھەتلىك زۇۋان كەلدى.
كۆچۈرمەن، رەڭ،دۈۋەت راسلاپ تەئىلىق- پەي قەلەملەردىن،
ئەتىر فۇرقى، زىبا خۇلقى، ھۆسىندار مېھرىبان كەلدى.
ئەلف لەبزىڭ مۇقەددە تىل، ياراشقاي ياخشىلىق قۇتتىن،
ئوغۇزچە ھەمنەپەس-ھەمدەم جىمى تۈركى قىيان كەلدى.
تىلى گەر بولسا بىر خەزنە، جاۋاھىر قەۋمىنىڭ مېھرى،
ئۇدۇمغا رەھناما بىرچال<< ژىلى مەھمۇد>> زامان كەلدى.
كىسىپ ئېيتىش كېرەك مەغرۇر: سۈرى<<بېيدىڭ>>دا ھون ئاتلىق،
يەنە ئۈچ رەڭ: قارا، بوز، ئاق، تىلى<<ئىم>>دىن راۋان كەلدى.
كۆڭۈل ئاقلىق،دىلى ئاقلىق تەڭرتاغنىڭ پايانىغا،
تىلى ئۆزگە،زىمىن ھالقىپ، سېلىپ نەشتەر چايان كەلدى.
خوتەن مۈلكىگە جەننەتتۇر<<غەزەلىم>>چەبىيات، ئۆزھال،
تىلى<<چاغتاي>>زەبۇنلەردىن<<قىتان>>،<< قالماق>>- قاۋان كەلدى.
2008/11/30 18:45
10 TarimDadxah

  نەقىل:
1 - قەۋەتتىكى barhan 2008-11-30 12:39 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
  

     مۇشائىرىنى ئىككى مىسرا بويىچە داۋاملاشتۇرايلى: مەسىلەن،


.......

پەي قەلەمدە تەئىلىق خەتلىرىنى يازغىلى بولارمىكىن ؟ ياغاچتىن ياساپ ئىشلىتەمدىكىن دەيمىنا ؟
2008/11/30 20:16
 جەمئىي باھا 33  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/4  |<  <<   1 2 3 4   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009