|
ماقالە مەزمۇنى |
دۇنيادىكى قازاقلارنىڭ نۇپۇسى |
يوللىغۇچى hanihatam كۆرۈش 13197 يوللانغان ۋاقتى 2008/11/26 15:19 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
قازاقستان 10 ميلليون ئوزبىكىستان 3ميلليون100مىڭ جۇڭگو 1ميلليون 508 مىڭ رۇسسىيا 1ميللۇن600مىڭ تۇركىمەنستان 350مىڭ موڭغولىا 178مىڭ قىرغىزستان 90مىڭ يران 40مىڭ غەربى ياۋروپا 110مىڭ(ئەنگلىيە، گىرمانىيە، فرانسىيە، مولدوۋۋيە، لاتوۋيە شۋەتسارىيە قاتارلىق شىمالى ياۋروپا 160مىڭ( پولچە، ۋىنگرىيە، رۇمىنىيە قاتارلىق دولەتلەر تۇركىيە 75 مىڭ كافكاز رايۇنى 70مىڭ (گرۇزىيە، ئەزەربايجان قاتارلىق دۇلەتلەر) ئافغانىستان 50مىڭ ئامىرىكا قۇرۇقلىقى 38مىڭ( ئامىرىكا، كانادا، ئارگىنتىنا قاتارلىق دۇلەتلەر) پاكىستان 43مىڭ ھىندىستان 21 مىڭ ۇكراينا 17مىڭ تاجىكستان 15 مىڭ بەزى دۇلەتلەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ سانى نىسپەتەن ئاز بولغانلىقتىن بۇ يەردە يىزىلمىدى. مۇشۇ ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر دۇنيدىكى ھەر قايسى دۇلەتلەردەجەمى 17ميللين500 مىڭدەك قازاق خەلقى ياشايدۇ. |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 75 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||||||
1 | TuranTekin | بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مەنبەسى ۋە ۋاقتى ھەققىدە قىسقىچە ئەسكەرتىش بەرگەن بولسىڭىز؟ | 2008/11/26 21:49 | |||||||
2 | hanihatam | بۇنىڭ تور ئادرىسى يوق،بۇ2008 -يىلى قازاقستاندىكى نورۇز بايرىمىنى ھەققىدە گىزىتلاردا بىسىلغان سانلىق مەلۇماتلار. | 2008/11/26 22:48 | |||||||
3 | Nazimi |
[align=justify]hanihatam باۋۇرىمىزنىڭ يۇقۇرقى مەلۇماتلارنى قەيەردىن ئالغانلىقىنى بىلمىدۇق... شۇنداقتىمۇ ئىنتېرنەتتىكى نوپۇزلۇق ئوچۇق قامۇس "ۋىكىپېدىيە" قامۇسىدىكى قازاقچە ۋە رۇسچە پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 12 مىللىيوندىن ئارتۇق بولۇپ، تۆۋەندىكى نەقىلنى كەلتۈرىشىمىز مۇمكىن. [align=justify]قازاقچە مەنبە: [align=justify]
پايدىلانغان مەنبە: http://kk.wikipedia.org/wiki/%D2%9A%D0%B0%D0%B7%D0%B0%D2%9B%D1%82%D0%B0%D1%80 |
2008/11/26 22:48 | |||||||
4 | Nazimi | [align=justify]رۇسچە مەنبە:
________________________ [align=justify]يۇقۇرقى جەدۋەلدە دۆلەت ناملىرىنىڭ يېنىدا شۇ مەملىكەتنىڭ دۆلەت بايرىقى بولغاچقا، ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ يېزىشنى ئارتۇقچە ھېساپلىدۇق.[align=justify][align=justify]پايدىلانغان مەنبە:[align=justify]http://ru.wikipedia.org/wiki/%D0%9A%D0%B0%D0%B7%D0%B0%D1%85%D0%B8 |
2008/11/26 22:55 | |||||||
5 | hanihatam | Nazimi ئاپەندى،سىزنىڭ دىگىنىڭزمۇ توغرا، قارىسام بۇ2004-2005-يىلدىكى مەلۇماتلاركەن، مىنڭ بۇ دىگىنىم قازاق قەۋىمداشلىقىنىڭ2008-يىلى نورۇز بايرامى مەزگىللىرىدىكى گىزىت ماقالىلىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلاركەن، بۇ ماقالىلاردا يەنە رۇسسىيا، ئوزبىكىستان،تۇركمەنىستان قاتارلىق دۇلەتلەردىكى قازاقلارنىڭ سانى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچىسىز ئىكەنلىكى مەسىلەن ئوزبىكىستاندىكى قازاقلارنىڭ مىللىتى ئوزبەك دەپ يىزىلغانلىقى ئىيتىلىپتۇ، يەنە بۇلارنىڭ مىللەت نامىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش تەلەپلىرى ھەققىدىمۇ دىيىلىپتۇ. | 2008/11/26 23:10 | |||||||
6 | Geniral | شۇنىڭغا قارىغاندا قازاق قېرىنداشلارنىڭ تولىمۇ تۇغۇشچانمۇ قانداق؟4 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 5مىليۇندىن ئارتۇق نۇپۇس كۆپەيگەن بولسا...12مىليۇندىن 4 يىلدا 17 مىليۇنغا كۆپەيسە مۇشۇ تەرەققىيات بويىچە ماڭغاندا كېيىنچە قازاق قېرىنداشلىرىمىز خەنزۇلاردەكلا دەرىجىدىن تاشقىرى نۇپۇسقا ئىگە مللەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن...مېنىڭچە 17 مىليۇن دېگەن سانلىق مەلۇمات سەل ئارتۇق يېزىلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. | 2008/11/26 23:48 | |||||||
7 | hanihatam | Geniralئاپەندىم، نازىمىنىڭ مەلۇماتىدىمۇ 15 ميلليوندىن ئاشىدىكەن، لىكىن ھازىر رۇسسىيە بىلەن ئوزبىكستاندىكى ۋە تۇركىمەنستاندىكى،قىرغىزستاندىكى قازاقلارنىڭ مىللىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئىشى داۋاملىق يۇرگىزىلۋاتىدۇ، مەسىلەن رۇسسيەدە 600مىڭ ئادەم ئەمەس 1ميلليون320 مىڭ قازاق بارلىقى ئىسپاتلانۋاتىدۇ، بۇ پەقەتلا تۇغۇپلا كۇپىيىۋاتقان ئىش ئەمەس، مىللەت تەركىۋىنى ئوزگەرتىش ئىشلىرىمۇ يۇرگۇزىلۋاتىدۇ، قازاقستانمۇ مىللەت تەركىۋىنى ئوزگەرتكەنلەرنى قوبۇل قىلىشقا يول قويۋاتىدۇ. | 2008/11/27 00:07 | |||||||
8 | Geniral | hanihatam ئەپەندىنىڭ دېگىنى بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مىللەت تەركىبىنى ئېنىقلاپ ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ناھايتى ياخشى بىر باشلىنىش بولۇپتۇ.ئاللا بۇيرىسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكرايىلشىىش يولى شۇنىڭدىن باشلانغۇسى. لىكىن قازاق، ئۆزبېىك قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مللەت تەركىبى ئېنىقلاپ ئۆز گەرتىلگەنلىكىگە ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇلارنىڭمۇ مىللەت تەركىبى ئېنىقلاپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارارمۇ؟ ناۋادا ئۆز گەرتىش ئېلىپ بارسا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغىنىدەك450 مىڭدىن قانچىگە كۆپىيەر؟ ئۆز بېكىستاندىچۇ؟ مېنىڭچە قازاقىستان ئۇيغۇلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئېنىقلاپ ئۆزگەرتىپ چىقىشى ناتايىن بۇ ئۆز نۆۋىتىدە قازاقىستاننىڭ سىياسىي ئەھۋالىغا تەسىر يەتكۈزۈزۈشى تۇرغانلا گەپ ، قازاقىستان ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەتىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسىنى ھەرگىزمۇ ئەينەن بويىچە ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە ئېلان قىلمايدۇ. لىكىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 20مىليۇندىن ئاشىدىغانلىقى ھەقىقەت. تېمىىدىن سەل چەتنەپ كەتكەندەك قىلىمەن. ئاخىرىدا قازاق قېرىنداشىرىمىزنىڭ نۇپۇسىنىڭ زىيادە بولۇشىنى گەرچە قازاقىستان ھۆكۈمىتى سىياسىي مەنپەئەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويسىمۇ يەنىلا ئۇيغۇر-قازاق خەلقىنىڭ ئۇيۇل تاشتەك ئىناق-ئىتتىپاق بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. | 2008/11/27 00:22 | |||||||
9 | barhan | hanihatam ئەپەندى، قازىقىستان <<... مىللەت تەركىۋىنى ئوزگەرتىش ئىشلىرىمۇ يۇرگۇزىلۋاتىدۇ، قازاقستانمۇ مىللەت تەركىۋىنى ئوزگەرتكەنلەرنى قوبۇل قىلىشقا يول قويۋاتىدۇ...>>دېگىنىڭىز، ئۆزبېكىستان زۇڭتىڭىنىڭ: <<ئۆزىنى ئۇيغۇر دېگۈچىلەر ئۆزبېكىستاندىن چىقىپ كەتسۇن>>دېگىنىدەك، سىتالىنچە ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇش ۋە پارچىلاپ تۇگۈتۈش ئەمەستۇرھە !!! ھازىرقى تۇركى ئىستانلار زۇڭتۇڭلىرىنى قانخورسىتالىن ئىدىيىسىدە دېيىشكە بولامدۇ قانداق ؟ بۇنىڭ بىر پاكىتى، قازىقىستاندىكى <<ئۇيغۇر ناھىسى>>نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا كەڭ كۆلەملىك قازاقلار نامايىشى بولغانلىقى. قازاق قېرىنداشلىرىمىز<<ئۇرخۇن>>تورىغا بىرىنچى ئىنكاسىدا <<ئوتلۇق سالام>>بىلەن كىرىدۇ. ئىككىنچى ئىنكاسىدا <<خوتلۇق سالام>>بىلەن كەيپىياتىمىزنى بىسەرەمجان قىلىۋىتىدۇ. مەن يۇقارقى ئىشلاردىن تولىمۇ ئۆكىنىمەن ۋە ئەپسۇسلىنىمەن. |
2008/11/27 00:39 | |||||||
10 | Geniral | ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئېنىقلاپ ئۆز پېتىچە ئەينەن ئېلان قىلىش قازاقىستان سىياسىيسىغا زىت.. قازاقىستانغا ئۇيغۇرلارغا چېتىلدىغان ھەربىر سىياسەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەسكىلاتىنىڭ نىزامنامىلىرىدىكى چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدىمۇ قازاقىستاننىڭ سىسىياسىي ۋەزىيىتىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. قازاقىستاننىڭ شەرقى ۋە شەرقىي شىمالىي قىسىمدا روسلار ئىزچىل قازاقستاندىن بۆلۈنۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئالماتادا ئۇيغۇلار......دۆلەت تىلى مەسىلسىمۇ قازاقىستاندىكى ئېغىر بىر مەسىلە ، قازاقىستان قازاق تىلىنى ئاشخانا تىلى ئورنىدىن دۆلەت تىلى ئورنىغا كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى قازاق تىلىغا ئايلاندۇرۇش ئۇلارنىڭ بىر سىياسىي قەدىمى.شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا سىياسىتى مۇشۇ پتى بويىچىلا مېڭىۋەرسە قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئىزچىل تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ... |
2008/11/27 00:49 | |||||||
جەمئىي باھا 75 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|