|
ماقالە مەزمۇنى |
قەدىمقى قازاق ئەجداتلىرى قوللان... |
يوللىغۇچى hanihatam كۆرۈش 5935 يوللانغان ۋاقتى 2008/11/23 21:41 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
ھازىرقى ئىلمى تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، قەدىمقى قازاق ئۇلۇس-قەبىلىلىرىنىڭ قوللانغان يىزىقى<< كونا تۇرىك يىزىقى>>، بۇندىن كىيىن قازاقلار سوغدى، ئەرەپ، لاتىن يىزىقلىرىنى قوللانغان، بۇ يىزىقنى تۇنجى قىتىم ئىشلەتكۇچى تۇرىك تىللىق ئۇلۇس،تايپەلەرنىڭ ئىچىدە قازاق ئىتنوسىنى شەكىللەندۇرىدىغان ساكلار، ئاندىن قالسىلە قاڭلى، ئۇيسۇنلەر. ساك ئۇلۇسلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمقى كونا تۇرىك يىزىقنى ئىشلەتكۇچىلەر ئىكەنلىكىنى قەدىمقى ھىندىستاننىڭ <<خاراپا>> دىگەن ئوردىسىدىن چىققان يىزىق شەكىللىرى بىلەن يىزىق مەزمۇنلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ، كونا تۇرۇك يىزىقىنى<< ساك يىزىقى>>نى قازاقنىڭ قىپچاق، قوڭغۇرات، كىرەي، دۇلات، ۋاق(ئوڭغۇت)، تۇركەش، تەلى يىنە باشقا ئۇلۇسلىرى ئىشلەتكەنلىكى تارىخقا ئايان، ساق يىزىقىنى باشقىدە تۇركى تىللىق تايپىلاردىن ھۇنلارنىڭ زامانىدىن باشلاپ، تۇرۇك، ئۇيغۇر قاتارلىق ئۇلۇسلىرىمۇ قوللانغان، بۇنىڭغا << بىلگە قاغان>>،<< كۇلتىگىن>>،<< تونيۇقۇق>> لارنىڭ مەڭگۇ تىشى ئىسپات بولىدۇ، كونا تۇرىك يىزىقى دىيىلگەن بۇ ساق يىزىقىدا، تۇركى تىللىق خەلىقلارغا ئورتاق بولۇپ كىلىدىغان بۇ يىزىقتا 39ھەرىپ بار، ئەرەپ يىزىقىغا ئوخشاش ئوڭ تەرەپتىن سول تەرەپكە قارىتىلىپ يىزىلىدۇ، لىكىن .ەرەپ ھەرپىگە ئۇخچىماسلىقى - ھەرىپلەر ئۇلانماي ئايرىم يىزىلىدۇ، ئسوز بىلەن ئسوز (؛) ئارقىلىق ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى بەلگۇلۇك قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ، شۇنۇڭ ئۇچۇن ، بۇ يىزىقلارنى بەلگۇلۇك قانۇنىيەتكە ئىگە، ھەرىپلىرى بىر مۇنچە تولۇقراق يىزىق دىيەلەيمىز، سوغدى يىزىقى- قازاق خەلقىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلەر قوللانغان يىزىقلىرىنىڭ بىرى، سوغدىلار يىڭى ئىرادىن بۇرۇنقى 4-6 ئەسىرلەردە كونا ئاخەمەن مەملىكىتىگە تەۋە ساك ئۇلۇسلىرىنىڭ بىرىسى ئىدى. قازاق خانلىقى قۇرۇلغاندا، بارلىق ساك ئۇلۇسلىرىنىڭ قورامىدا قازاقلارنىڭ تەركىۋىگە كىردى، بۇ يىزىقنى ئەڭ ئاۋۋال ئۇۋجۇتقا چىقارغانلار مۇشۇ سوغدىلار ئىدى، شۇنۇڭ ئۇچۇن، تارىخى ئەدىبياتلاردە سوغدى يىزىقى دەپ نام بىرىلدى، سوغدى يىزىقى 8-ئەسىرلەردە تۇركەش خانلىقىدىن كىيىن، نايمان خانلىقىغا، 9-ئەسىردە ئۇيغۇر خانلىقىغا،ئاندىن 10-12 ئەسىرلەردە قارا قىتاي(لياۋ) خانلىقىغا، ئاندىن 13-ئەسىرلەردە نايمانلار ئارقىلىق موڭغۇللارغا، كىيىن مانجۋلار بىلەن شىبەلەرگە ئوزلەشكەن، بۇل يىزىقنى بىر چاغدا تۇركەش (دۇلات)لەر بىلەن نايمان خانلىقلىرى مەملىكەت يىزىقى قىلىپ قوللانغان، شۇنۇڭ ئۇچۇن، يەنە بىردە نايمان يىزىقى دەپمۇ ئاتالغان، 1204-يىلى نايماننىڭ تايان خانى چىڭگىزخان تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغاندا، تايانخاننىڭ باش پۇتۇكچىسى تاتا توڭا خانلىق تامغىسى بىلەن قولغا چۇشىدۇ، چىڭگىزخان ئونۇڭغا خانزادىلەر بىلەن مەنساپدارلىرىغا مۇشۇ نايمان يىزىقىنى ئۇگۇتۇشكە بۇيىرىدۇ، شۇندىن باشلاپ سوغدى يىزىقى موڭغۇللارغا ئومۇملىشىپ، موڭغۇل يىزىقى دەپ ئاتىلىدۇ، سوغدى يىزىقىنى 18-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغىچە گانسۇدىكى سىرىق ئۇيغۇرلار قوللىنىپ كەلگەشكە، بۇ ئۇيغۇر يىزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مانا بۇ سوغدى يىزىقىنىڭ نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىق ئىسلەھ قىلىنىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ 23 ھەرىپلىك ، يۇقۇردىن -تۋەنگە قارىتىلىپ يىزىلىدىغان ھالەتكە كىلىدۇ،، ئەرەپ يىزىقى- بۇ يىزىقنى قازاق ئۇلۇس-تايپە لىرى 8- ئەسىردىن باشلاپ قوللىنىپ كىلۋاتىدۇ، بۇنىڭغا مىڭ يىلدىن ئاشتى، بۇنى قوللىنىشتا، بىرنەچچە دەۋىرلەرنى بىسىپ ئوتتى، 1- دەۋىر 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن 13- ئەسىرگىچە، 2- 13-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ بىشىغىچە، بۇ دەۋىرلەردىكى يىزىق ئەرەپ يىزىقى ئاساسىدىكى پارىس يىزىقى بولۇپ، كىيىن چاغىتاي يىزىقى دەپ ئاتىلىدۇ، 3-، 1913- يىلدىن ھازىرھىچە ، ەپ يىزىقىنىڭ ئاخمەت بايتۇرسىن ئىملىسى، بۇ يىزىقنى قازاقستاندىكى قازاقلار 1929- يىلغىچە قوللاندى،1929- يىلدىن باشلاپ لاتىنچە ئاساستىكى سىلاۋيەن يىزىقىنى قوللۇنۇپ كىلۋاتىدۇ، جۇڭگودىكى قازاقلار بۇ يىزىقنى 1960- يىلغىچە پايدىلىنىپ،ئاندىن كىيىن 1983- يىلغىچە لاتىنچە يىڭى يىزىقنى قوللۇنۇپ، 1983- يىلدىن كىيىن بۇرۇنقى ئەرەپ چە كونا يىزىقنى قايتا باشتىن باشلاپ قوللۇنۇپ كىلۋاتىدۇ، بۇدان سىرت تارىختىكى بەزى دەۋىرلەردە قازاق خالقى ماني، براخما، سانسكريت، تىبەت يىزىقلىرىنىمۇ قوللانغانلىقىمۇ دىيىلگەن. مەنبىسى قازاقستان ئنتىسكلوپىدىيىسىدىن قىسقارتىلىپ، ئىخچاملاپ ئىلىندى، |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 50 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | freeidea | بۇ ماقالە تولىمۇ قىزىقارلىق ئىكەن،شۇنداق قىلىپ ئەڭ بۇرۇن يىزىق ئىشلەتكەن تۇركى ئۇلۇس قازاق ئىكەن،ساكلار ئومۇمەن قازاق ئەجدادى بولۇپ ،باشقا تۈركى تۈركۈملەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن،ھەتتا قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقى ئەسلى نايمان يىزىقى بولۇپ،مۇڭغۇللار نايمانلاردىن ئۆزلەشتۈرگەن ئىكەن(قىسقىسى تاتاتوڭانىڭ ئۇيغۇرلىقى ھەم ئىنكارلانغان).بۇ زادى ئىلمى ماقالە ياكى فىليەتۇنمۇ؟! | 2008/11/24 13:54 | |||
2 | Qutghur | چۆچەكقۇ بۇ ،تارىخ دىگەننى مۇنداق يازسا ،راسكەن دەپ ئوقۇپ ئولتۇرسا ، ![]() |
2008/11/24 15:49 | |||
3 | hanihatam | ھەي، خاتا چۇشۇنۋاتىسىلەر، مەن بۇ يىزىقنى ئەڭ ئاۋۋال قازاقلارنىڭ ئەجداتلىرى ياساپ ئىشلىتۋاتىدۇ دىمىدىم، ئەڭ بۇرۇن بۇ يىزىقنى قوللانغان تۇركى تىللىق ئۇلۇسلارنىڭ ئىچىدە،قازاق مىللىتىنى شەكىللەندۇرىدىغان غوللىق ئۇلۇسلىرىدىن ساكلار، ئۇيسۇنلەر، قاڭلىلار بار دىگەن گەپ، باشقا تۇرۇك تىللىق قەبىلىلىرنىڭ بۇ يىزىق بىلەن مۇناسۋىتى يوق دىگەن گەپ چىقمايدۇ، | 2008/11/24 16:26 | |||
4 | jazire | خاتا چۇشەنمىدۇق،ئوبدان تەپسىلى ئوقۇپ چىقتۇق،يەنە بىر 《سىپايە》 يېزىلغان ئىنكار قىلىشكەن! مۇشۇ》 ئىلمى ماقالىڭىز 《نى قازاق تور بەتلىرىگە يوللىسىڭىز تېخىمۇ زور شان-شەرەپكە ئېرىشكەن بولاتتىڭىز،بۇ يەردە چىرايلىق نامىڭىزغا داغ تېگىدىغان بولدىدە. | 2008/11/24 16:52 | |||
5 | mustafa1945 | مەن پەقەت چۈشەنمىدىم.بۇ دېگەن ئۇيغۇر تارىخى مۇنبىرىغۇ؟نېمىشكە بۇ مۇنبەرگە قازاقلارنىڭ كىرىپ،مۇشۇنداق ئاساسى يوق،رىۋايەت شەكلىدىكى ئاتالمىش "تارىخى" ئۇچۇرلارنى يېزىشىغا يول قويىلىدۇ؟قازاقلار كىرسىغۇ مەيلى،ئەمما بۇنداق قازاق تارىخى مەجبۇرى ئاساستا "ئۇزارتىپ"يېزىلغان بۇنداق ماقالىلەرنىڭ مۇنبەرگە چىقىرىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟بۇنداق ماقالىلار بولسا تۈگۈمەس جېدەلنىڭ بېشى. بۇنداق ماقالىلار يېزىلمىسىمۇ،قازاقلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر 300 يىلمۇ ۋاقىت ئۆتمىگەنلىكى ئېنىق تۇرسا. |
2008/11/24 17:09 | |||
6 | zirek | مەن بۇ تېمىنى ئوقىغاندىن كىيىن نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئۇلارغا ھەتتا دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆزىگە تىقىۋەتكۈدەك قىلىپ كۆرسەتسەكمۇ ئۇلار يەنە قىلغۇلۇقىنى قىلىۋىرىدىكەن. شۇڭا مەن ئەڭ ياخشىسى سۈكۈت قىلىپ تۇراي.بۇلار تۈركى مىللەتلەر ئىچىدىكى ناسارالار ئوخشايدۇ. ئاللا سەۋر قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ كېلىدۇكى بۇلار ھازىر بىزگە قىلغانلىرىغا ئۈكۈنمەي قالمايدۇ... | 2008/11/24 17:35 | |||
7 | mustafa1945 | ئىزا تارتماي موڭغۇللار ئەينى ۋاقىتتا ئىشلەتكەن يېزىقنى قازاقلاردىن قوبۇل قىلغان دېگىنى نېمىسى؟ خانىخاتام دېگەن قازاغىم،تۈنۈگۈن مەن ئوقۇيالايدىغان كىتاپنى سەن ئوقۇيالمەيسەن دەۋاتاتتىڭ،ماۋۇ رۇسچە خەتنى تونۇمسەن؟تونۇيدىغان بولساڭ،تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ،ياخشى ئوقۇ!تارىخنى قازاقلار يېزىپ قويسىلا ئۇ ھەقىقى تارىخ بولۇپ قالمايدۇ،ئەڭ مۇھىمى باشقىلار ئېتىراپ قىلسا بولغىنى. Интересно отметить, что уйгуры имели письменность, основанную на алфавите, которую впоследствии переняли монголы в период расцвета Монгольской империи. Сегодня это традиционная монгольская каллиграфия مەنبە دېگەن ماۋۇ قازاغىم ئو بدان ئوقۇ http://www.writtenlanguage.calli ... nt/view/294/60/lang,russian/ http://www.ruthenia.ru/folklore/tsendina1.htm |
2008/11/24 17:50 | |||
8 | hanihatam | مەن پەقەت چۈشەنمىدىم.بۇ دېگەن ئۇيغۇر تارىخى مۇنبىرىغۇ؟نېمىشكە بۇ مۇنبەرگە قازاقلارنىڭ كىرىپ،مۇشۇنداق ئاساسى يوق،رىۋايەت شەكلىدىكى ئاتالمىش "تارىخى" ئۇچۇرلارنى يېزىشىغا يول قويىلىدۇ؟قازاقلار كىرسىغۇ مەيلى،ئەمما بۇنداق قازاق تارىخى مەجبۇرى ئاساستا "ئۇزارتىپ"يېزىلغان بۇنداق ماقالىلەرنىڭ مۇنبەرگە چىقىرىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟بۇنداق ماقالىلار بولسا تۈگۈمەس جېدەلنىڭ بېشى. بۇنداق ماقالىلار يېزىلمىسىمۇ،قازاقلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر 300 يىلمۇ ۋاقىت ئۆتمىگەنلىكى ئېنىق تۇرسا.، ---------------------------------------------------------------------------------------------------------------، سەن بۇنداق چولتا ئويلۇغىنىڭ بىلەن تارىخقا قىزىقىدىغان، تارىخ ھەققىدە بىلىم ئىلىشقا شۇ ئارقىلىق تارىخنى يەكۇنلەپ، كەلگۇسىگە تولۇق ئىشەنىش باغلاپ، مىللەتنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن ئەجىر سىڭدۇرۇش،توھپە قوشۇشنى ئويلايدىغان ئويغۇر دوستلارنىڭ ھەممىسى بۇنداق ئويلىمايدۇ، ھەم ئوز مىللىتىنىڭ تارىخىنىلا بىلىپ قالماستىن،بەلكى قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ تارىخنىمۇ چۇشۇنۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن چەكلەنمەي تارىخقا توغرا بولغان تارىخى قاراشنى تىكلىيەلەيدۇ، ھەم ئورتاق كەلگۇسى ئۇچۇن كۇچ چىقىرالايدۇ، بولدى مەن ساڭا ئارتۇق گەپ قىلماي ، سەن باشقىلارنىڭ تارىخىنى قەتتى ئىتىراپ قىلمىسىڭمۇ بولىدۇ، لىكىن ئىغىز ئوزەمنىڭ دەپ ، باشقىلارنى قارىلايدىغان گەپلەرنى قىلىشقا ھەددىڭ يوق، بوپتۇ، ئىنكاس يازمىساڭمۇ بولىۋىرىدۇ، لىكىن بۇ ئورخۇندا تۇزۇك پىرلىشىدىغان دوستلارمۇ يوق ئەمەس. |
2008/11/24 17:58 | |||
9 | mustafa1945 |
ھەي قازاغىم،سەن بىلەن ئارتۇق تالاشقىم يوق.سەن يازغان ئاۋۇ "رىۋايەتنىڭ"رەددىيەسى سۈپىتىدە،ئاۋۋال مەن دېگەن تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ،ئەينى ۋاقىتىتىكى موڭغۇللار ئىشلەتكەن يېزىقنى،موڭغۇللارنىڭ كىمدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ كۆر.ئورۇسچە بىلمىسەڭ مەندىن ياردەم سورا ھە قازاغىم. http://www.writtenlanguage.calli ... nt/view/294/60/lang,russian/ http://www.ruthenia.ru/folklore/tsendina1.htm |
2008/11/24 18:13 | |||
10 | islam | بۇرادەرلەر بولدى كايىشماڭلار. بىر نوقتىغا بۇ قازاق قېرىندىشىمىزمۇ ۋە سىلەرمۇ سەل قاراۋاتىسىلەر. بۇ قېرىندىشىمىز قازاقلارنىڭ ئەجدادى ئىشلەتكەن يېزىق دەپتۇ.ئەمما بۇمۇ خاتا ئەمەس.قازاقنىڭ ئەجدادى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەجدادىغا تۇتىشىدۇ.پەقەت قازاقنىڭ ئەجدادى دېمەي ئەجدادلىرىمىز ئىشلەتكەن يېزىق دېگەن بولسا ئوبدان بولاتتى.خۇددى بىز ھونلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى دەپ قارىغانغا ئوخشاش.ئەمما ئۇمۇ نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى. | 2008/11/24 18:17 | |||
جەمئىي باھا 50 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|