يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
تارىخىي رەشىدىي زەيلى
يوللىغۇچى uyghurqizi   كۆرۈش 6944   يوللانغان ۋاقتى 2007/11/18 18:40  ||مۇنبەردە كۆرۈش||

بايانات: بۇ ئەسەرنىڭ توردىكى ھوقۇقى پەقەت ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىگىلا تەۋە، بۇ ئەسەرنى ئاپتور ۋە تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بېكەتلەرگە چاپلاشقا، ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ قىلىپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

«تارىخىي رەشىدى ــــ زەيلى»

شاھ مەھمۇد جوراس

سۆز بېشى



ھۆرمەتلىك كىتابخان، شاھ مەھمۇد بىن فازىل جوراس يېزىپ قالدۇرغان بۇ كىتاب فارىسچە ھەرپ بىلەن بېرىلگەن مەتىنگە ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشرگە تەييارلاندى.
ئاپتور بۇ كىتابنىڭ باش قىسمىنى «تارىخىي رەشىدى»دىكى ماتېرىياللارنى مەنبە قىلىپ، قالغان قىسمىنى بولسا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن يېزىپ چىققان. مىلادى 1428 - يىلىدىن 1670 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە بولغان ۋەقەلەر بايان قىلىنغان بۇ تارىختا يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان، خوتەننى ئاساس قىلغان خانلىقلار تارىخى، شۇنداقلا، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قېرىنداش مىللەتلەر ھەققىدە باشقا كىتابلاردا بولمىغان بايانلار بار.
بۇ بايانلارغا قارىغاندا، بۇ كىتاب ئۇيراتلارنىڭ ھېمايىسىدىكى ئېرك بەگنىڭ ئەمرى بىلەن يېزىلىپ ئىسمائىل خان (مىلادى 1670 - يىلىدىن 1680 -يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) غا تەقدىم قىلىنغان.
ئەسلىدە نام قويۇلمىغان بۇ كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى، ئۇنىڭ قۇرۇلما جاھەتتە «تارىخىي رەشىدى»گە تەقلىد قىلىنغانلىقى، «تارىخىي رەشىدى»دىن كېيىنكى ۋەقەلەرنى خاتىرىلىگەنلىكىگە قاراپ، ئۇنى «تارىخىي رەشىدى زەيلى» (تارىخىي رەشىدىنىڭ داۋامى) دەپ ئاتىسا، يەنە بەزىلەر «يىلنامە» دەپ ئاتىغان. بىز «سەئىدىيە خانلىقىغا دائىر ماتېرىياللار» دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
ئاپتور چاغاتاي خانلىرىنىڭ ھىمايىچىسى، قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ مۇرىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەسەردە ئاساسەن سەئىدىيە خانلىرىنىڭ تارىخىنى بايان قىلىشقىلا ئورۇن بەرگەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ جوراس قەبىلىسىنىڭ ھاكىمىيەت سەھنىسىدىكى ئورنىنى، قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ تەسىرىنى تەسۋىرلەپ مەدھىيىلەشكىمۇ ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان، لېكىن خەلقنىڭ تارىخىي پائالىيەتلىرىنى بايان قىلىشقا ئورۇن بەرمىگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇنداق بىر تارىخ كىتابىدا ئورۇن بېرىشكە تېگىشلىك بولغان ئەينى زاماندىكى ھاكىمىيەت تەقدىرىگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ۋەقەلەر كىرگۈزۈلمەي، ئۇنىڭ بىر پۈتۈن قىممىتى ئاجىزلىتىپ قويۇلغان. مىللەتلەر مۇناسىۋېتى توغرىسىدا ناتوغرا پىكىر پەيدا قىلىش مۈمكىن بولغان بەزى سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتكەن. بۇنداق نۇقسانلارغا تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىش لازىم.
ئېلىمىزدە بۇ كىتابنىڭ ئوخشاشمىغان قوليازما نۇسخىلىرى بار. بۇ تېمىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلارنى ئوخشاشمىغان نۇسخىلار بىلەن تەمىنلەش مەقسىدىدە بۇ نۇسخىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، پايدىلانغۇچىلارغا سۇنۇلدى.


قۇربان ۋەلى.

بۇ كىتاب 1989 - يىلى 9 - ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان . تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبۇللا ئېلى.




داۋامى بار. داۋاملىق يوللىنىدۇ.



داۋامى:
ھەزرىتى ئەزىزلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلۇغ نىسبىتى


ھەزرىتى خوجا مۇھەممەت ئابدۇللا - ھەزرىتى خوجا مۇھەممەت يەھيا ئوغلى، مۇھەممەت يەھيا - ھەزرىتى خوجا مۇھەممەت ئىسھاق ئوغلى، مۇھەممەت ئىسھاق - مەخدۇم ئەزەم دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان مەۋلانا خاجەگى كاسانىنىڭ ئوغلى.
ھەزرىتى مەخدۇم ئەزەمنىڭ كېلىپ چىقىشى ئون ۋاستە ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دەسلەپكى بوۋىسى ھەزرىتى شاھى بورھانۇددىنگە يېتىدۇ. شاھى بۇرھانىددىننىڭ كېلىپ چىقىشى مۇنداق يېزىلغان: شاھى بۇرھانىددىن - سەييىدى جالالىددىن ئوغلى، جالالىددىن - خوجا ئەشرەپۇددىن ئوغلى، ئەشرەپۇددىن - خوجا زىيائۇددىن ئوغلى، زىيائۇددىن - خوجا ئەلائۇددىن ئوغلى، ئەلائۇددىن - خوجا بۇرھانۇددىن ئوغلى، بۇرھانۇددىن - خوجا قاسىم ئوغلى، قاسىم - خوجا ھاشىم ئوغلى، ھاشىم - خوجا تاھىر ئوغلى، تاھىر - خوجا ھەسەن ئەمدەننىڭ ئوغلى. ھەزرىتى ئەزىزلەرنىڭ ئۇلۇغ نىسبىتى (باغلىنىشى) بارلىق ئىنسى جىننىڭ پەيغەمبىرى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق يەتكۈزۈلىدۇ: بۇ نىسبەت شېرىپنى (تەرىقەت نىسبىتىنى) ھەزرىتى خوجا مۇھەممەت يەھيا ھەزرىتى مۇھەممەت خاندىن ئالغان. مۇھەممەت خان - ھەزرىتى خوجا مۇھەممەت ئىسھاقتىن ئالغان. مۇھەممەت ئىسھاق - ھەزرىتى ماۋلانا لۇتپۇللا چىستىدىن ئالغان. لۇتپۇللا چىستى - ھەزرىتى مەخدۇم ئەزەمدىن ئالغان، مەخدۇم ئەزەم - ھەزرىتى مەلانا مۇھەممەت قازى قەددەسەللاھۇ روھەھودىن ئالغان، مۇھەممەت قازى - ھەزرىتى خوجا ئەھرار قەددەسەللاھو روھەھودىن ئالغان، خوجا ئەھرار - ھەزرىتى مەۋلانا يەئقوبى ھەرخىيدىن ئالغان، يەئقوبى چەرخى - خوجا بۇزرۇك باھائىددىن نەقىشبەندى قەددەسەللاھۇ روھەھودىن ئالغان، باھائىددىن نەقىشبەن - ھەزرىتى ئەمىر سەييىدى كۇلال قەددەسەللاھۇ روھەھودىن ئالدان، سەييىدى كۇلال - ھەزرىتى خوجا مۇھەممەت بابايى سىماسىدىن ئالغان، بابايى سىما - ھەزرىتى ئەزىز خوجا ئەلى رامەتنىدىن ئالغان، ئەلى رامەتنى - ھەزرىتى خوجا مەھمۇت ئەنجىر پەغنەۋىدىن ئالغان، ئەنجىر پەغنەۋى - ھەزرىتى خوجا ئارىپ رىيوگىرىدىن ئالغان، ئارىپ رىيوگىرى - ھەزرىتى خوجا جاھان خوجا ئابدۇلخالىق غىجدەۋانىدىن ئالدان، ئابدۇخالىق غىجدەۋانى - ھەزرىتى شەيخۇل مەشايىخ خوجا يۈسۈپ ھەمىدانىدىن ئالغان، يۈسۈپ ھەمىدانى - ھەزرىتى شەيخ ئەبۇ ئەلى پارمىزىدىن ئالغان، ئەبۇ ئەلى پارمىزى بولسا ئىككى تەرەپتىن نىسبەت قالدۇرغان: 1) ئۇ ھەزرىتى شەيخ ئەبۇلھەسەنۇل خخرانىدىن ئالغان، ئەبۇل ھەسەن خىرقانى - ھەزرىتى شەيخ سۇلتانۇل ئارىپىن ئەبۇ يەزىدى بەستامىدىن ئالغان، ئەبۇ يەزىدى بەستامى - ھەزرىتى ئىمام جەئپەرى سادىقنىڭ نەسىبىمۇ ئىككىگە بۆلۈنگەن: بىرىنچى ئىمام جەئپەرى سادىق - ئاتىسى ھەزرىتى ئىمام مۇھەممەت باقىردىن ئالغان، ئىمام مۇھەممەت باقىر - ئاتىسى ئىمام زەينۇلئابىدىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئالغان، ئىمام زەينۇلئابىدىن - ئاتىسى ئىمام ھۆسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئالغان، ئىمام ھۇسەيىن - ئۇلۇغ ئاتىسى ھەزرىتى ئەلە كەررامەللاھۇ ۋەجھەھۇدىن ئالغان. ئىككىنچى ھەزرىتى ئىمام جەئپەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇبەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ھەزرىتى قاسىمدىن ئالغان، ھەزرىتى قاسىم - ھەزرىتى سەلىمانى پارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئالغان، سەلىمانى پارىس - غاردا جانابىي پەيغەمبىرىمىز - ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولغان، بارلىق مۆئىمىنلەرنىڭ باشلىقى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئالغان. 2) شەيخ ئەبۇ ئەلى پارمىزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەزرىتى شەيخ ئەبۇلقاسىم گورگانى بولسا ھەزرىتى شەيخ ئەبۇ ئوسمان مەغرىبى قەددەسەللاھۇ سىرروھونىڭ مۇرىتى. شەيخ ئەبۇ ئوسمان مەغرىبى بولسا، ھەزرىتى شەيخ ئەبۇ ئەلى رودبارىنىڭ مۇرىتى، ئەبۇ ئەلى رودبارى - سەييەدوتتائپە ھەزرىتى جونەيد بەغدادىنىڭ مۇرىتى، شەيخ جونەيد بەغدادى - ھەزرىتى خودىسرىي سەقتى قۇددىسە سىرروھۇنىڭ مۇرىتى، شەيخ خودىسرىي - ھەزرىتى مەئروف كەرخى قودىسسە سىرروھۇنىڭ مۇرىتى، شەيخ مەئروف كەرخىيگە ئىككى نىسبەت بېرىلگەن: (1) مەئروف كەرخى - ھەزرىتى ئىمام ئەلى رىزانىڭ مۇرىتى، ئىمام ئەلى رىزا - ئاتىسى ئىمام مۇسا كازىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇرىتى، مۇسا كازىم - ئاتىسى ئىمام جىئپەرى سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇرىتى، ئىمام جەئپەرى سادىقنىڭ نىسبىتى (تەسەۋۋۇپ يولىدىكى باغلىنىشى - سىلسىلەسى) باشتا بايان قىلىندى.
(2) مەئروف كەرخى - ھەزرىتى شەيخ داۋۇت تائى قەددەسەللاھۇ سىرروھۇنىڭ مۇرىتى، داۋۇت تائى - ھەزرىتى ھەبىب ئەجەمنىڭ مۇرىتى، شەيخ ھەبىب ئەجەمى - ھەزرىتى ھىسىن بەسىرنىڭ مۇرىتى، ھەسەن بەسىرى بولسا ھەزرىتى ئەلى مۇرتەزا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇرىتى. . .
ھەزرىتى ئەزىزلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، ئاجايىپ ئىش - ئىزلىرى (كارامەتلىرى) مۇندىن كېيىن سۆزلىنىدۇ.
ھۆرمەتلىك پادىشاھنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى تىلغا ئېلىش ھۆرمەتكە لايىق ئىش ئىدى . . . ئەھلى شەيخنىڭ بىرقانچە تارىخلىرىدا بۇ سىلسىلە (زەنجىرسىمان باغلىنىش) ئاتىلار باغلىنىشى ئارقىلىق ئىشەنچلىك باياناتلار بىلەن نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ياپەسكە يەتكۈزۈلگەن. ئاپتورمۇ بۇ ۋاراقلارنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى - ئاللاتائالانىڭ تەقدىرى بىلەن چاغاتاي پادىشاھى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نىسبىتىنى يەنى بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈم يۈرگۈزۈۋاتقان ساخاۋەتلىك، شانۇ - شەۋكەتلىك پادىشاھنىڭ كېلىپ چىقىشىنى گۆھەر چاچقۇچى قەلىمى ئارقىلىق نەقىل ۋە ئاڭلىغانلىرىنى بۇرۇنقى تارىخچى يازغۇچىلار ئۇسۇلى بويىچە بايانات سەھىپىلىرىگە تىزىپ، نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ياپەسكە يەتكۈزىدۇ.
مەسىلەن: ھەزرىتى ئىسمايىلخان - ھەزرىتى ئابدۇرېھىمخان ئوغلى، ئابدۇرېھىمخان - ئابدۇرېشىتخان ئوغلى، ئابدۇرېشىتخان - سۇلتان سەئىدخان ئوغلى، سۇلتان سەئىدخان - سۇلتان ئەھمەتخان ئوغلى، سۇلتان ئەھمەتخان - سۇلتان يۈنۈسخان ئوغلى، سۇلتان يۈنۈسخان - سۇلتان ۋەيىسخان ئوغلى، سۇلتان ۋەيىسخان - شىرئەلىخان ئوغلى، شىرئەلىخان - مۇھەممەتخان ئوغلى، مۇھەممەتخان - خىزىر خوجاخان ئوغلى، خىزىر خوجاخان - تۇغلۇق تۆمۈرخان ئوغلى، تۇغلۇق تۆمۈرخان - ئىسىن بۇقاخان ئوغلى، ئىسىن بۇقاخان- داۋاخان ئوغلى، داۋاخان - بەرراقخان ئوغلى، بەرراقخان - يىسۇن قارا خان ئوغلى، يىسۇن قارا خان- موۋاتوكاخان ئوغلى، موۋاتوكاخان - چاغاتاي خان ئوغلى، چاغاتاي خان - چىڭگىزخان ئوغلى، چىڭگىزخان - يىسۇگايخان ئوغلى، يىسۇگايخان - بەرىتانخان ئوغلى، بەرىتانخان - قىبىلخان ئوغلى، قىبىلخان - تۇنىبنەخان ئوغلى، تۇنىبنە خان - بايىقۇرخان ئوغلى، بايىنقۇرخان - قايدۇرخان ئوغلى، قايدۇرخان - دوتۇم مىنىنخان ئوغلى، دوتۇم مىنىنخان - بۇقاخان ئوغلى، بۇقاخان - بودەنچىرقائان ئوغلى، بودەنچىرقائان - ئالانۇۋا كوركلۇك ئوغلىغا يېتىدۇ. ئالانقۇۋا كوركلۇكنىڭ كېلىپ چىقىشى بولسا نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ياپەسكە يېتىدۇ.
خان ھەزرەتلىرىنىڭ ۋەقەلىرى مۇندىن كېيىن بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئاپتور ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكى، جاھاننىڭ توسالغۇ بولۇشىغا قارىماي، ئالدىراش ۋاقىتتا بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتى. سۇ ئۈزۈ تەييارلىقىنىڭ يوقلىقىغا قارىماي تەپەككۇردىن ئىبارەت قولۋاقنى مۇھىت دېڭىزىغا سالدى. ھالاكەت گىردابىدا بېشىنىڭ قېيىشىنى ئويلىمىغان، شىددەتلىك دولقۇنلار قورقۇنچىسىنى يادىغا كەلتۈرمىگەن ھالدا «كىمكى ئاجىز بىچارە بولسا، ئۇ ئورۇقلارغا نىشان بولۇپتۇ» دېگەندەك، شۇنچە پاراكەندىچىلىك ئىچىدىمۇ بۇ ئۇلۇغ نىشان ۋە كاتتا ئىشقا جۈرئەت قىلىپ، قەدەم قويۇپ، ئۆزىنى ئېتىراز ئوقىنىڭ نىشانى قىلدى.
ئاركا بەگ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ: «يۈنۈسخاننىڭ زامانىسىدىن تا ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن يۇقىرى مەرتىۋىلىك پادىشاھلار، داڭلىق كاتتىباشلار ئۆتۈپتۇ. بۇندىن كېيىنمۇ ئۆتكۈسى. ئۇلارنىڭ نامى، داڭقى دۇنيادا يادىكار قالسۇن!» - دېدى.
ئەگەر ئۇنداق بولمايدىغان بولسا، بۇ دەسمايىسىز پەقىر، ئىقتىدارسىز ھەقىر شاھ مەھمۇت مىرزا فزىل جوراس ئوغلىنىڭ ئاق قەغەز ئۈستىگە قارا ئىەتتىن ئىبارەت كېمىنى تەييارلاپ قويۇشقا قانداقمۇ ماجالى بولاتتى. بۇ ئاجايىپ سەھىپىگە بىرەر ھەرپ يېزىپ قويۇشقا قانداقمۇ كۈچى يېتەتتى. داڭلىق ئاركا بەگ پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن نائىلاج بۇ ئەدەبسىزلىك دائىرىسىگە قەدەم قويۇپ، بۇ چوڭ ئىشقا ئالدىرىدى.
ئۇ ئالىي مەرتىۋىلىك ئەمىر (ئاركابەگ) نىڭ ئەھۋاللىرىمۇ سۆزلىنىدۇ.

ھەبىبۇللا ئىمىن تەرجىمە قىلغان شاھ مەھمۇت جوراسنىڭ «سەئىدىيە خانلىقىغا دائىر ماتېرىياللار» ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى. 1989 - يىلى "قەشقەر ئۇيۈۇر نەشرىياتى" دا نەشر قىلىنغان.
داۋامى بار.


داۋامى:

سۇلتان سەئىدخان ئوغلى ئابدۇرېشىتخاننىڭ خاقانلىق تەختىدە ئولتۇرغىنى

ئابدۇرېشىتخان ئاقسۇدىكى چېغىدا، سۇلتان سەئىدخان تىبەتنىڭ يولىدا تۈتەك ئېلىپ كېتىپ ۋاپات بولدى. ئابدۇرېشىتخان ئاقسۇدىن كېلىپ ئاتىسى سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئورنىدا ئولتۇردى. سۇلتان سەئىدخاننىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان مىنسۇرخان ئاقسۇ تەرىپىگە لەشكەر تارتتى، ئابدۇرېشىتخان بېرىپ ئۇنىڭغا قارشى تۇردى. مەقسىتىگە يېتەلمىگەن مەنسۇرخان ئىلاجىسىز قايتتى. ئابدۇرېشىتخانمۇ ئوردىغا ياندى. بۇ ئىش بىرنەچچە قېتىم تەكرارلاندى. يەنى مەنسۇرخان بىرنەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلدى. ئابدۇرېشىتخانمۇ بىرقانچە قېتىم كېلىپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، ھەر قېتىمدا غەلىبە بىلەن ساق سالامەت قايتتى. خوجا مۇھەممەت مىرزانىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئابدۇرېشىتخاننىڭ خىزمىتىدىكى كاتتىباشلار ئىككىلىنىپ قېلىپ، باشباشتاقلىق يۈز بەردى. دوغلات مىللىتىدىن بولغان مىرزا ئەلى تاغاي قارا تېگىن تەرىپىگە قاچتى. قالغان باشلىقلارمۇ خاننىڭ بىر قىسىم بالىلىرىنى ئېلىپ خوتەن تەرەپكە مېڭىشتى ۋە يېڭى خانغا ئاشكارا قارشىلىق كۆرسىتىشتى، ئارقىدىنلا ئابدۇرېشىتخان خوتەنگە باردى. پۈتۈن خالايىق ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى. سېپىل ئىچىدە قېپقالغان مەلۇم ساندىكى باشلىقلارنىڭ ھەممىسىنى باغلاپ ئابدۇرېشىتخان پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. پادىشاھ ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپ، ھەممىسىنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق قىلدى.
ئابدۇرېشىتخاننىڭ مۆھتىرەم رەپىقىسى چۈچۈك خانىم جانى بەگ قازاق ئوغلى ئەدىك سۇلتاننىڭ قىزى ئىدى. چۈچۈك خانىمنىڭ ئانىسى، يۈنۈسخاننىڭ تۆتىنچى قىزى - سۇلتان نىگار خانىم ئىدى. چۈچۈك خانىم ئابدۇرېشىتخاندىن ئالتە ئوغۇل يۈزى كۆردى. ئۇلار: بىرىنچى، ئابدۇلېتىپ سۇلتان، ئىككىنچى، ئابدۇكېرىمخان، ئچىنچى، ئابدۇرېھىم سۇلتان (بۇ ئوغۇل ئابدۇرېشىتخان ھايات ۋاقتىدا تىبەتتە شېھىت بولغان) ، تۆتىنچى، سۇلتان ئىبراھىم (بۇ ئوغۇل ئادەتتە سوپى سۇلتان دەپمۇ ئاتالغان) ، بەشىنچى، ھەزرىتى مۇھەممەتخان، ئالتىنچى، ئەبۇ سەئىد سۇلتان. ئابدۇرېشىتخاننىڭ يەنە ھەر خىل تائىپەدىن تۇغۇلغان ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلار: بىرىنچى قۇرەيش سۇلتان، ئىككىنچى، مۇھەممەت باقى سۇلتان، ئۈچىنچى، مۇھەممەت شاھ سۇلتان، تۆتىنچى، يۈنۈس سۇلتان، بەشىنچى، ئابدۇللا سۇلتان، ئالتىنچى، ھەزرىتى ئابدۇرېھىمخان.
ئابدۇرېشىتخان ھەممىسى بولۇپ 12 ئوغۇل يۈزى كۆرگەن ئىدى. ئابدۇلېتىپ سۇلتان ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپانغا ئەمىر قىلىپ ئەۋەتىلىپ موغۇلىستاننى باشقۇرغان. قەشقەرگە سوپى سۇلتان ۋاقىتلىق باشلىقلىققا تەيىنلەندى. ئەمىر مۇھەممەت بارلاس بولسا ئۇنىڭ باش مەسلەھەتچىلىكىگە تەيىنلەندى. كېيىن خوتەن ھۆكۈمىتىگە سوپى سۇلتان باشلىق قىلىپ ئەۋەتىلدى. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئەھۋالى كېيىن ئۆز ئورنىدا بايان قىلىنىدۇ. 

داۋامى بار.



داۋامى

ئابدۇلېتىپ سۇلتاننىڭ ئاقىۋېتى، ئابدۇرېشىت خاننىڭ قان قىساسىنى تەلەپ لەشكەر تارتقانلىقى

مەملىكەتنىڭ پادىشاھلىقى ئابدۇرېشىت خانغا رەسمىي مۇقىملاشقاندى كېيىن، ئابدۇلېتىپ سۇلتان ئاقسۇدا يەرلىك بولۇپ ئورۇنلىشىپ قالدى. ئۇ، يۈرەكلىك، باتۇر شاھزادە ئىدى. ئۇ، موغۇلىستاننى شۇنداق ياخشى باشقۇردىكى، توپىلاڭ قىلغۇچىلارنىڭ موغۇلىستاندا تۇرارغا تاقىتى قالمىدى. ئاخىرى ئابدۇلېتىپ سۇلتان ھەق نەزەرخانغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملىرىنى ئەسىر، ناھايىتى كۆپ دۇنياسىنى ئولجا ئالدى. ئاندىن كېيىن ھەق نەزەرخان قازاق، قىرغىزلار بىلەن بىرلىشىپ ئابدۇ؛ېتىپ سۇلتاننىڭ ئەيشى - ئىشرەت بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ ئولتۇرغان مەزگىلىدە ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكچى بولدى. ئابدۇلېتىپ سۇلتاننىڭ مۇھاپىزەتچىسى بېلىقچى قەۋمىدىن ئىدى، ئۇ ئابدۇلېتىپ سۇلتانغا ئۇقتۇرماستىن چىقىپ بەدەر قاچتى. قازاق، قىرغىزنىڭ لەشكەرلىرى يېرىم كېچىدە باستۇرۇپ كېلىپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئابدۇلېتىپ سۇلتاننىڭ لەشكىرىنى مەغلۇپ قىلدى. پادىشاھ ئابدۇلېتىپ سۇلتاننى يارىدار قىلىپ، ھەق نەزەرخان پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ھەق نەزەرخان ئابدۇلېتىپ سۇلتانغا تازىم قىلىپ ئادەمگەرچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلدى. شۇ ئارىدا ئابدۇلېتىپ سۇلتان بۇ دۇنيا بىلان خوشلاشتى.
ئابدۇلېتىپ سۇلتاننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى پادىشاھ ئابدۇرېشىت خانغا يەتكەندىن كېيىن، ئابدۇرېشىت خان بىلەن چۈچۈك خانىملار ئابدۇلېتىپ سۇلتاننىڭ جەسىدىنى ئەكەلدۈردى ۋە تەزىيە بىلدۈرۈپ، سۇلتان سەئىدخان قەبرىسىنىڭ ئايىغىغا يەنى يەكەندىكى ئالتۇن مازارىغا دەپنە قىلىشتى. ھەزرىتى خوجا مۇھەممەت شېرىپ قۇددىسە سىرروھۇ ئۇ چاغدا تۆۋەن دەرىجىدىكى مۇرىتلىرىنى تەرىقەت يولىغا يېتەكلەشكە مەشغۇل ئىدى. ئابدۇرېشىت خان خوجا ھەزرەتلىرىگە كۆپ ئىلتىجا قىلىپ ۋەقەنى بىر - بىرلەپ ئېيتتى، ھەمدە ياردەم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خوجا ھەزرەتلىرىنىڭ پادىشاھ ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئەھۋالىغا ئىچى ئاغرىپ، ئۆتكەن ئەۋلىيالارنى زىيارەت قىلغاچ ئابدۇرېشىت خان بىلەن بىرگە يولغا چىقتى. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان قۇددىسە سىرروھۇنىڭ نۇرغا تولغان مازىرىغا باردى. مەزكۇر سۇلتان بۇزرۇكۋاردىن بېشارەت بولغاندىن كريىن، پادىشاھ ئابدۇرېشىت خانغا لەشكەرنى باشلاپ دۈشمەنلەرگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلدى. ئابدۇرېشىت خان نۇرغۇن لەشكەر بىلەن قازاق، قىرغىزلار تەرەپكە راۋان بولدى. خوجا ھەزرەتلىرى (مۇھەممەت شېرىپ) ئۇلۇغلار (ئەۋلىيالار) مازارلىرىنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەكەنگەنگە قايتتى. ئابدۇرېشىت خان دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن ئۈچ ئاي مىقدارى يول يۈرۈپ «ئەمىل» دېگەن جايدا دۈشمىنى ھەق نەزەرخانغا يېتىشتى. ھەق نەزەرخان ۋە ئۇنىڭ چېرىكلىرى بىلەن قىرغىزلار ناھايىتى مۇستەھكەم بىر ئورۇنغا جايلىشىۋالغان ئىكەن، مۇھاسىرە ئۇزاق ۋاقىت داۋام قىلدى. بىر كۈنى پادىشاھ ئابدۇرېشىت خان باش كۆتۈرۈپلا ئاتقا مىندى. قالغان لەشكەرلەرمۇ بىراقلا ئاتلىرىغا مىنىشىپ پۈتۈن تىرىشچانلىقى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ھەق نەزەرخان ۋە ئۇنىڭ باشقا كاتتىباشلىرى قوللىرى باغلىنىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇلدى. قىرغىز باشلىقلىرىنىڭمۇ قوللىرى باغلاندى. ئەبدۇرېشىت خان «ئەمىل» دېگەن جايدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ جۇجى (چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى) ئەۋلادىدىن چىققان كاتتىباشلارنىڭ يەتتە بايرىقىنى ئېلىپ، يەكەنگە - ئۆز ئوردىسىغا غەلىبە - نۇسرەت بىلەن قايتتى. كاتتىباشلارنىڭ يەتتە تۇغ ئەلىمىنى ئۆزى بىلەن بىرگە يەكەنگە ئېلىپ كەلدى. يەتتە تۇغ ئەلىمى دېگىنىمىز شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، قازاق پادىشاھلىرى تا شۇ كەمگىچە تۇغ تۇتمىغان ئىدى. يۈنۈس خان قارا توقايدا «بورۇچ ئوغلان» نى مەغلۇپ قىلدى. ھازىرقى تارىخقا قەدەر، شىبان، قازاق، موڭغۇللار ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن جەڭ ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، كۆپىنچە شىبان بىلەن قازاقلار غەلىبە قىلىپ كەلگەن. لېكىن موڭغۇللار ھېچقاچان ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىگەن .لېكىن ئابدۇرېشىت خان، شىبان، قازاق، قىرغىزلار ئۈستىدىن چوڭ غەلىبە قىلدى. بۇ غەلىبە ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
ئابدۇرېشىت خان تەن قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈكلىكى، ساغلاملىقى بىلەن تەڭتۈشلىرى ئارىسىدا (ئۆز ئارا چوڭقۇر مەنىلىك پاراڭلىشىلاردا) باشقىلاردىن ئالاھىدە ئۈستۈن تۇراتتى. ئوق ئېتىشتا تەڭداشسىز ئىدى. ئۇ ئۇلۇغ ئاتىسى سەئىدخاندىن تۆۋەنرەك كۆرۈنگەن بىلەن باتۇرلۇق، ساخاۋەتتە ئۆز زامانىسىنىڭ يىگانە كىشىسى ئىدى. شېئىرنىمۇ ياخشى ئېيتاتتى، تۆۋەندىكى شېئىرلار بۇنىڭ دەلىلى:

زۇلۇم بىداد بەمەن لۇتفى ئىنايەت بەرەقىبەست،
زىن سەبەب ئىن ئىن دىلى غەم دەر ئەلىمەست.
(زۇلۇم، ئادالەتسىزلىك ماڭا، مۇلايىم ۋە ياخشىلىق رەقىبكە، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ غەمكىن دىلىم قاتتىق ئازابلانماقتا. )

ئى رەشىدى چەكۇنەم جىلۋەچە سازەم ئەكنۇن،
بائەسى ئىن غەمۇ ئەندۇ ۋە ئەلەم ئىن سەنەمەست.
(ئەي رەشىدى، قانداقمۇ ئۆزۈمنى كۆرسىتىمەن، نېمە قىلىمەن، ھازىر بۇ غەم ئەندىشىنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ سەنەم - مەھبۇب دۇر. )

بۇ ئۇنىڭ تۈركچە شېئىرىدۇر:
شاھسۇۋارىم ئەزمى مىدان قىلدى جەۋلانىن كۆرۈڭ،
گويى ئەيلەپ باشىڭىزنى زۇلپى چەۋگانىن كۆرۈڭ.
نى باقارسىز ئاشكارا جەۋرىگە ئول شۇخىنىڭ،
گۇشەئى چەشمىگە باقىڭ لۇتفى مېھمانىن كۆرۈڭ.

ئۇنىڭ سېخىي قولى روھقا مەدەت بېرىدىغان سازلارنى شۇنداق چالاتتىكى، زوھرا (مۇزىكا، خۇشاللىققا مەسئۇل يۇلتۇزنىڭ نامى) مۇ چىدىيالمىغىنىدىن لال بولۇپ قالاتتى. ئۇ يەنە تەبىئىي ئىقتىدارى بىلەن ھەر خىل ھۈنەر - سەنئەتلەردە كارامەت كۆرسىتەتتى، كۆپ چاغلاردا قەلەندەر سۈپەتتە سەياھەت قىلاتتى.

داۋامى بار.



داۋامى:

ئابدۇرېشىت خاننىڭ ۋاپاتى، پادىشاھلىق قىلغان ۋاقتى ۋە ھاياتى

نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە : خان ئىككى قېتىن خوتەن تەرەپكە قەلەندەرلەرچە ياسىنىپ بارغانمىش. بۇ چاغلاردا، مىر ئەنۋار، موللا مەھمۇدلارمۇ بىللە ئىكەن. ئۈچۈنچى قېتىم بارغىنىدا، ئەبدۇرېشىت خاننىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان قۇرەيش سۇلتان مەملىكەتنىڭ باشلىق، كاتتىباشلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىقتى. ئابدۇرېشىت خان قۇرەيش سۇلتاننىڭ ئۆيىگە چۈشتى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن قاشتېشىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن كېتىۋېتىپ جامەدار (ھازىر خوتەندە «جامەدار» دەپ بىر يېزا بولۇپ، ئۇ يەردە بىر مازار بار) يېزىسىغا يەتكەندە قازا يېتىپ ۋاپات بولدى. ئۇ، ئاتىسى ھايات ۋاقتىدا ئاقسۇ ۋە موغۇلىستاندا بولۇپ، ئون يىل پادىشاھلىق قىلغان. ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن، ئاقسۇ، خوتەن ھەتتا بەدەخشانغىچە مۇستەقىل ھالدا 27 يىل پادىشاھلىق قىلدى. 52 يىل ياشىدى. ھەزرىتى ئابدۇرېھىم خان مەرھۇم ئابدۇرېشىت خان ۋاپات بولۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن دۇنياغا كەلدى. ئابدۇكېرىم خان ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلدى. مەھمۇت بارلاس يەكەنگە، ئەھمەت بارلاس خوتەنگگ ھاكىم بولدى.
ئاللا ھەممىدىن ئالىمراقتۇر.

داۋامى بار.


داۋامى:

ئابدۇكېرىم خاننىڭ دەسلەپكى ئىشلىرى ۋە شۇ چاغدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر

ئابدۇلېتىپ سۇلتان قازاقلارنىڭ قولىدا شېھىت بولغاندىن كېيىن ئابدۇكېرىم خان ئاقسۇنىڭ باشلىقلىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى. ئابدۇكېرىم خان سەپەر قىلىشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭدىن رەت قىلىشنىڭ سەۋەبى سورالغاندا، «ئۇلۇغ ئاتا، بىز بولغان بولساق ئۇلارنىڭ ھاياتىنى غەنىمەت سانايتتۇق» دېدى. بەزى ھەسەتخورلار گەپنى بۇراپ، پادىشاھقا «ئابدۇكېرىم خان تېخى باشقىچە داغدۇغىلارنى قىلىۋاتىدۇ» دەپ خاننى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى. خان ئابدۇكېرىن خاننى چاقىرىپ «مۇنۇ بېيىتنى يازغىن» دەپ بۇيرۇق قىلدى:

بېيىت

پەدەر كۇش پادىشاھى را نەشايەد،

ئەگەر شايەد بەجۇزز شەش ماھ نەپايەد.

(ئاتىسىنى ئۆلتۈرگۈچىگە پادىشاھلىق يارىماس،

ئەگەر يارايدىغان بولسا ئالتە ئايدىن ئارتۇق چىدىماس.)



ئابدۇكېرىم خان بۇ بېيىتنى دەرھال يازدى ۋە بەلبېغىنى بوينىغا سېلىپ ئېەەلەپ تۇرۇپ، تىترەپ، ئەدەپ تىزلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«ھەزرىتى خاقانى ئەزەم ياخشى دەپتۇكەنكى، شۇنداق ئېسىل پادىشاھزادىلەردىنمۇ مۇنداق پەسكەشلىك كېلىدىكەن، مەسىلەن، خىسرونىڭ شىرويەسى پەرۋىزنى ئۆلتۈردى. شىرويەنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەسلى مۇنداق: شىرويە - خىسرونىڭ ئوغلى، خىسرو - ھورمۇزنىڭ ئوغلى، ھورمۇز - نوشىرۋاننىڭ ئوغلى، نوشىرۋان - قۇبادنىڭ ئوغلى، قۇباد - فىروزنىڭ ئوغلى، فىروز - يەزدە جەرنىڭ ئوغلى، يەزدە جەر - بەھرام گورنىڭ ئوغلى، بەھراممۇ ئەسلى پۇشتىدىن ئالغاندا پەرىدۇنغا يېتىدۇ، پەرىدۇنمۇ ئەسلى پۇشتىدىن ئالغاندا، كىيۇمىرستقا يېتىدۇ، كىيۇمرس - ئەجەم نەسەبچىلىرىنىڭ قارىشىچە ئادەممىش. (ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ قانداق؟ ) مانا شۇنداق بىر ئېسىل پادىشاھ بالىسىمۇ بىر رەزىل ئىشنى قىلىپ قويۇپ ئاكتە ئايدىن كېيىن تائون (داۋاسىز، يۇقۇملۇق كېسەل)كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇپ جەھەننەمگە يول ئالدى. خەلىپەلەر ئائىلىسىدىمۇ مۇنتەسىر خەلىپىدىن ئېسىلراق كىشى يوق ئىدى. ئۇ بولسا مۆتىۋەككىلنىڭ ئوغلى، مۆتىېەككىل - موئىتەسىمنىڭ ئوغلى، موئىتەسىم - ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغلى، ھارۇن رەشىد - مەھدىنىڭ ئوغلى، مەھدى - مەنسۇرنىڭ ئوغلى، مەنسۇر - مۇھەممەدنىڭ ئوغلى، مۇھەممەد - ئەلىنىڭ ئوغلى، ئەلى - ئابدۇللانىڭ ئوغلى، ئابدۇللا - ئابباس رەزىيەللاھۇنى ئەنھۇنىڭ ئوغلى.

نىر قانچە پۇشتىغىچە خەلىپە بولغان بىر ئادەم ئاتىسىنى ئۆلتۈردى. ئابدۇلېتىپ مىرزا سەمەرقەنتنىڭ سىرتىدىكى ئابى سۇرۇخنىڭ لېۋىدە ئاتىسى ئۇلۇغ بەگ مىرزادىن ئىبارەت بىر ئالىم، ئادىل پادىشاھنى ئۆلتۈردى. ئابدۇلېتىپ مىرزا - ئۇلۇغ بەگنىڭ ئوغلى، ئۇلۇغ بەگ - سۇلتان شاھرۇخنىڭ ئوغلى، شاھرۇخ - ساھىب قىران تۆمۈر گورگارنىڭ ئوغلى.

بۇ شۇم پېشانە پادىشاھزادىلەر ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئالتە ئايدىن ئارتۇق ياشىيالمىدى. بىلىش كېرەككى، مېنىڭ كېلىپ چىقىشىم ئۇنداق، مۇنداق دەپ پەخىرلىنىشكە بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، دىيانەتلىك، تەقۋادار بولۇش لازىم.

خان ئابدۇكېرىن خاندىن تەپسىلىي ئەھۋال سورىغىنىدا ئابدۇكېرىم خان يېڭىسارنىڭ پادىشاھلىقىنى تەلەپ قىلدى. خان ئۇنىڭغا مۇھەممەد مىرزا بايرىننى ۋەزىر قىلىپ يېڭىسارغا ئىبەردى. ئۇ چاغدا سوپى سۇلتان قەشقەرنىڭ ۋالىيسى ئىدى، سوپى سۇلتان - ئابدۇرېشىت خاننىڭ تۆتىنچى ئوغلى، لېكىن سوپى سۇلتان كۆرۈنۈشى چىرايلىق ھەم غەزەبلىك ئىدى. ئادەتتە كىشىلەر ئۇنى قابىل ئادەم دېيىشەتتى.

ئابدۇكېرىم خان - سالىھ، مۇتتەقى (پەرھىزكار)، كەمبەغەل پەرەس ئىدى. تەرىقەتتە مۇھەممەت ۋەلى سوپى قۇددىسە سىروھۇغا مۇرىت بولغان. مۇھەممەت ۋەلى سوپى بولسا ھەزرىتى خوجا مۇھەممەت شېرىپ قۇددىسە روھەھونىڭ چوڭ يارەنلىرىدىن ئىدى، لېكىن قەشقەردە مىرزا زېرەك ناملىق جەزىبىسى بار ئىدى. نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە: ئابدۇكېرىم خان مەزكۇر مىرزا زېرەك خانقادىكى چاغدا ئۇنىڭ سۆھبىتىنى تاپماقچى بولۇپ، كىرىپ سالام قىپتۇ. مىرزا زېرەك «كەلسىلە! سۇلتان ئەمەسمەن، مەن سېلىنى قوشاقچىنىڭ كىچىك ئوغلىمىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئۆزلىرى ئىكەنلە، دىننىڭ كاتتىلىرى (ئاللا ئۇلارنىڭ روھلىرىنى پاك قىلغاي) ئۆزلىرىنى خانلىققا كۆتۈرۈشتى، ئۆزلىرىنى ئىزدەپ ئادەم كېلىدۇ، ۋاقىپ بولۇپ قالسۇنلار!» دېدى ۋە يېنىشقا رۇخسەت قىلدى. ئابدۇكېرىم خان يېڭىسارغا ياندى.

قوشاقچى دېگەن سۆز ئابدۇرېشىت خانغا قارىتىلغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. چۈنكى خان شائىر ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە بەزى بەزىدە ھالالدىن جان بېقىش ئۈچۈن جۇۋىچىلىق قىلاتتى. ئابدۇكېرىم خان مىرزا زېرەكنىڭ ئالدىدىن قايتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن بىر ئەتىگىنى مۇھەممەت ۋەلى سوپى ئابدۇكېرىم خانغا خۇش خەۋەر قىلدى. ئابدۇكېرىم خان دەرھاللا يېڭىسارنىڭ ئەرلىرىنى يىغىپ يەكەن تەرەپكە راۋان بولدى. مۇھەممەت ۋەلى سوپى ئابدۇكېرىم خانغا كۆرۈندى، لېكىن باشقا كاتتىباشلار كۆرمىدى. مەھمۇت بارلاس سوپى سۇلتانغا كىشى ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇ ئادەم ئابدۇلېرىم خانغا يولۇقۇپ قالدى. ئابدۇكېرىم خان تەپسىلىي ئەھۋال سوراپم ئەھۋالنى مۇئەييەنلەشتۈردى. خەت كەلدى. ئابدۇكېرىم خان بۇنىڭدىن ياخشى پال ئېلىپ تېزلا راۋان بولدى. باشقىلار: «ئادەملەرنى جۇغلاپ ماڭساق ياخشى بولاتتى» دەپ تەلەپ قىلىشتى. ئابدۇكېرىم خان: »ماناكا . . . مۇھەممەت ۋەلى سوپى ئەلەيھىر رەھىمە ئالدىرىتىۋاتىدۇ» دېدى. كاتتىباشلارنىڭ ھەممىسى شادمان بولۇپ شېھىت ھەزرىتى ئەلى ئارسلانخاننىڭ روھىدىن مەدەت سوراپ يەكەنگە يېتىپ كېلىشتى.

خوجا ئۇبەيدۇللا، مىرزا فىروز بارلاس، مىرزا مۇھەممەت ياقۇپ دوغلات، جان مۇھەممەتمىرزابايرىن، مىرزا ساتقىن ئىشىك ئاغا قاتارلىقلار ئابدۇكېرىم خاننىڭ ھەمراھلىقىدا چۈچۈك خانىم (ئانىسى) قېشىغا كېلىشتى. ئابدۇكېرىم خان چۈچۈك خانىمنىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلىپ، رازى تەزەررۇ قىلدى. چۈچۈك خانىم ۋە بارلىق كاتتىباشلار كونا رەسمىيەت بويىچە ئابدۇكېرىم خاننى خان تىكلەپ ئېلان قىلىشتى.

داۋامى بار.


داۋامى:

ئابدۇكېرىم خاننىڭ خانلىق تەختى ۋە خاقانلىق ئورنىدا ئولتۇرغىنى



ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا ئابدۇكېرىم خان ئابدۇرېشىت خاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى بولۇپ ، ئۇ بۇرۇنقى رەسمىيەتلەر بويىچە خانلىققا تەيىنلەندى. تاسادىپىي شۇنداق بىر ئەھۋال بولدىكى، ئىككى كۈندىن كېيىن قەشقەردىن سوپى سۇلتان كېلىپ ئوردىغا چۈشتى، ئۇ يالغۇز كەلگەن ئىدى. ئۇدۇل چۈچۈك خانىم ئالدىغا كىرىپ، ئانىسى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئابدۇلېرىم خان سوپى سۇلتانغا: «ئەي بۇرادەر، كونا رەسمىيەت بويىچە بىزنى خانلىققا تەيىنلەشتى. ئەگەر ئۆزلىرىنىڭ خانلىققا مەيلىلىرى بولسا مەملىكەت مانا. مەن دۇنيانى دەپ ھەر بىرلىرىنىڭ يۈزىگە كەلەمەكچى ئەمەسمەن» دېدى. ئاندىن كېيىن چۈچۈك خانىم سوپى سۇلتانغا:

«ئەي جانىم بالام، ئابدۇكېرىم سىلىگە ئاتا ئورنىدا، موغۇل پادىشاھلىرىنىڭ كونا قائىدىسىدىمۇ، قايسى ياشتا چوڭراق بولسا شۇنى خان، خاقان دەپ بىلىپ، شۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن، كونا رەسمىيەت بويىچە ئابدۇكېرىم خاننى خان قىلىپ تىكلىدۇق، سىزنىڭچە قانداق؟» دېدى. سوپى سۇلتان دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئانىسى بىلەن بىر تۇغقىنى ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ: «ئاندۇكېرىم خاننى ئاتىمىزنىڭ ئورنىدا بىلىمىز، جان دىلىمىز بىلەن ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا تىرىشىمىز» دەپ بەيئەت قىلدى. قەشقەر، يېڭىسارلارنىڭ ھاكىملىقى سوپى سۇلتانغا بېكىتىلىپ، ئۇنىڭغا يېنىشقا رۇخسەت بېرىلدى. قۇرەيش سۇلتان خوتەننىڭ ئەمىرلىكىگە تەيىنلەندى. ئاندىن كېيىن، مىرزا مەھمۇت بارلاس بىلەن مىرزا ئەھمەت بارلاسلارنىڭ ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشقا بۇيرۇق قىلىشتى. مۇھەممەت مىرزا بېرىپ بۇيرۇقنى يەتكۈزدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا 3000 قوراللىق ئادەم بار ئىدى، ھەممىسى تارقاپ كېتىشتى. نامازدا ئوقۇيدىغان خۇتبە ۋە تامغىلار ئابدۇكېرىم خاننىڭ ئىسىم، لەقەملىرى بىلەن بېزەلدى، مەملىكەت شۇ كىشىگە قاراشلىق بولدى.

خان ئادالەت بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشقا تىرىشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، شۇ دەۋردىكى پادىشاھلارنىڭ كۆزى ۋە خۇلاسىسى بولۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ سالىھ (دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك)، زاھىد (دۇنيا قوغلاشمايدىغان)، ئابىد (خۇداغا قۇلچىلىق قىلىدىغان)، توغرا ئىش قىلىدىغان كىشى ئىدى.

ئىشەنچلىك بەزى كىشىلەرنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ بالاغەتكە يەتكەندىن تارتىپ تا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر نامازنى، جامائەتنى قەتئىي تەرك قىلمىغان، ھەممە ئىبادەتنى ئلاز ۋاقتىدا ئادا قىلغان.

ئۇنىڭ خان بولغاندىن كېيىنكى بىر ئاىدىتى شۇ ئىدىكى: ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن ئادالەت زەنجىرىنى بېلىگە باغلاپ، ئاممىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرىدىغان (ئاممىنى باشقۇرىدىغان) قازى، مۇپتىلارنى يىغىپ، مەملىكەتكە قاراشلىق بارلەىق كاتتىباشلارنى قاتناشتۇرۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ دادىنى ئاڭلايتتى. زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىچارىلەر خانغا ئەھۋالىنى ئېيتاتتى، شىكايەت قىلغۇچىنىڭ مەسىلىسى ئەگەر شەرىئەت بويىچە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولسا قازى، مۇپتىلار بىر تەرەپ قىلاتتى، ئەگەر سىياسەت بويىچە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولسا كاتتىباشلار بىر تەرەپ قىلاتتى. خوجا ئەبەيدۇللا ۋەفىروز مىرزا بارلاس، مىرزا مۇھەممەت ياقۇپ دوغىلات، مىرزا ساتقىن ئىشىك ئاغالار سوراپ، بىر تەرەپ قىلاتتى. ئابدۇلېرىم خان قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ ئولتۇراتتى. قىلچىلىكمۇ خاتا قىلماي ئادالەت قىلىشاتتى. شۇ چاغلاردا مەككە مۇئەززىمدە «ئابدۇكېرىم ئادىلنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن» دەپ ھەر نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىناتتى.

كىتابلاردا كەلتۈرۈلۈشىچە: پەيغەمبەرلەردىن قالسا ئۈچ خىل ئادەمنىڭ مەرتىۋىسى ئوخشاش بولىدىكەن، بىرىنچى، قۇتبى - ئۇنى غەۋس دەپ ئاتايدۇ. ئىككىنچى، يۇقىرى دەرىجىلىك شېھىتلەر (خۇدا يولىدا قۇربان بولغانلار)، ئۈچۈنچى، ئادىل پادىشاھلار.

قىيامەت كۈنى ئاللا ھەق سۇبھانەھوۋەتائالا بەندىلىرىدىن ئىماندىن ھېساب ئېلىپ بولغاندىن كېيىنلا نامازدىن ھېساب ئالىدۇ. پادىشاھلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىماندىن ھېساب ئېلىپ بولغاندىن كېيىنلا، ئادالەتتىن ھېساب ئالىدۇ.

نوشىرۋان ئادىل ئىمانسىز بولسىمۇ، ئادالەتتە، راسچىللىقتا تەڭداشسىز ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن جانابى مۇھەممەت مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەخىرلىنىپ «مەن ئادىل پادىشاھنىڭ زامانىسىدا تۇغۇلدۇم» دېگەن.

نەزم

پەيغەمبەركى نوشىرۋان دەۋرىدە،

جاھاننىڭ چىراغى - كۆزى بولدى - دە.

كى ئەيتتى: «زۇلۇمدىن شۇڭا خالىمەن.

كى نوشىرۋان دەۋرى ئوغلانىمەن».

بەك ئوبدان دېدى ئاق نىيەت پەندىچى،

زۇلۇمگەر قۇلاققا تېگىپ پەنجىسى.

زۇلۇمگەر زۇلۇمدىن كۆپ ئەندىشە قىل،

كى مەقسەت ئۈچۈن ئەندىشەنى پىشە قىلو.

ئەگەر زۇلۇمدىن ئەدىل تاپماس پانا،

زۇلۇم يولىغا پۇتنى قويدىڭ يانا.



تارىخلاردا مۇنداق دېيىلىدۇ: خۇدايىتائالا داۋۇت ئەلەيھىسسالاماغا: «ئۆز قەۋمىڭگە ئېيتقىنكى، ئەجەم پادىشاھلىرىغا يامان سۆز قىلمىسۇن! دەشنەم بەرمىسۇن! چۈنكى ئۇلار دۇنيانى ئادالەت بىلەن ئاۋات قىلدى. ئۇ جاھاندا مېنىڭ بەندىلىرىم ياشايدۇ» دەپ يوليورۇق بەردى.

پارچە

شاھلىقنى قوغداشنىڭ مىزانى نېمە؟

ئادالەت ئەلا دىندىن، كۇپرىدىن.

ئەۋزەلدۇر دىنسىزنىڭ ئادالىتى، بىل،

دىندار شاھ زالىمنىڭ قانلىق زۇلمىدىن.



ئابدۇكېرىم خان ئۆز زامانىسىدا ھەرگىزمۇ لەشكەر تارتمىغان، ۋىلايەتلىرىنى تۇغقانلىرىغا بۆلۈپ بەرگەن. ئۇلۇغ ئاتىسىدىن قالغان دۇنيا، ئوقەت، قورال - ياراقلارنى ئۇلۇغ شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بويىچە تۇغقانلىرى بىلەن مىراس ئېلىشقان. ئۇ تەقۋادارلىقتىن تەرەتسىز يەرگە دەسسىمىگەن، ئۇنىڭ زامانىسىدا دىن ئىشلىرى ناھايىتى روناق تاپقان.

داۋامى بار.


داۋامى:

ھەزرىتى ئەزىزلەرنىڭ كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قىسقىچە بايانى



مۇسۇلمانلارنىڭ يول باشچىسى، پۈتۈن زېمىن يۈزىنىڭ قۇتبىسى ھەزرىتى رەببىل ئالەمىننىڭ دوستى، مىللەت، دىننىڭ چىراغى ھەزرىتى خوجا مۇھەممەت ئىسھاق - ھەزرىتى مەخدۇم ئەزەم قەدەسەللاھۇ روھەھونىڭ ئوغلى سەمەرقەنتدىن قەشقەرگە كەلدى. بۇ چاغدا مۇھەممەت خان ئاقسۇدىن چوڭ ئاكىسى سوپى سۇلتاننىڭ سۆھبىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. ئۇ، ھەزرىتى ئەزىزلەرنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە ئالدىرىدى. كۆرۈشكەندىن كېيىن ھەزرىتى ئەزىزلەر مۇھەممەت خاندىن سورىدى:

- ئەي سۇلتانىم، ئىسىملىرى نېمە؟

- مۇھەممەت.

ھەزرىتى ئەزىزازن خوجا مۇھەممەت ئىسھاق كۈلۈمسىرەپ مۇنداق دېدى:

- مېنىڭ بۇ تەۋەلىككە كېلىشىم ئاساسەن مۇشۇ ئىسىمنىڭ تارتىشى بىلەن بولغان، ئاي بابامۇھەممەت! بىكار يۈرۈشكە بولمايدۇ، تىرىشىش كېرەك.

مۇھەممەت خان ئۆز يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئويلىدى: «ئەگەر ھەزرىتى ئەزىزلەرگە قول بەرسەم ئۆزۈم كىچىك، بۇنىڭ ئەھدىسىدىن چىقالايمەنمۇ - يوق؟ قول بەرمەي دېسەم ۋاقىت غەنىمەت.»

ھەزرىتى ئەزىز خوجا مۇھەممەت ئىسھاق روھانى قۇدرىتى بىلەن سېزىپ قېلىپ، دۈۋەت - قەلەم كەلتۈرۈپ خەت يېزىپ نۇھەممەت خانغا ئەۋەتتى، خەتكە مۇنۇ بېيىتنى قوشۇپ قويدى:

بېيىت

يۈرىكىڭ ئاجىزلىقىدىن چىرايىڭ -

سارغىيىپ قېكىشتىن قىلما ۋەھىمە.

ئىشقىغا قەدەم قويغىنكى، مەشۇقتىن -

مەدەتلەر بولغاي كۆپ، گۇمان ئەيلىمە.

خەت تېگىشى بىلەنلا مۇھەممەت خان ئىختىيارسىز ھالدا باشلىرىنى تاپان قىلىپ ھەزرىتى ئەزىزلەرنىڭ سۆھبىتىگە راۋان بولدى. ھەزرىتى ئەزىزلەر مۇھەممەت خاننى كۆرۈپ ئورۇنغا تەكلىپ قىلىشتى. مۇھەممەت خان ئۇلۇغۋار پىرىنىڭ سۆھبىتىگە مۇشەررەپ بولۇپ چىن دىلىدىن سۆيۈندى. ھەزرىتى ئەزىزلەر بۇ ياخشى خىسلەتلىك سۇلتان ھەققىدە ياخشى دۇئا قىلىشتى. موللا قاسىم خەلىپە ئەلەيھىر رەھىمەمۇ بارلىق تەۋەلىكى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە ئۇ زاتقا ئېتىقاد قىلىپ مۇرىت بولدى. موللا ئىبنى يۈسۈپ خەلىپە ئەلەيھىر رەھىمەمۇ خوتەندىن مۇرىت، مۇخلىس ۋە ئېتىقادلىق كىشىلىرى بىلەن كېلىپ ھەزرىتى ئەزىزلەر بوسۇغىسىنى تاۋاپ قىلىشقا مۇيەسسەر بولدى. ھەزرىتى ئەزىزلەر ئۇ ئىككى ئۇلۇغ خەلىپە ھەققىدە دۇئايى خەير قىلىشتى. قەشقەرلىكلەرمۇ بۇ ئۇلۇغلارنى بىر كۆرۈپلا بويسۇنۇشتى. ئەزىزلەر قەشقەردىن يەكەنگە كېلىشتى. يەكەندىكى ئۇلۇغلارمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىقىشتى. ئۇلار ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئابدۇكېرىم خانمۇ ھەزرىتى ئەزىزلەرنىڭ سۆھبىتىگە كەلدى. ئۇلار خىلۋەت ئۆي (ئىبادەتخانا) دە ئىدى. خاننىڭ كەلگەنلىكى ھەزرىتى ئەزىزلەرگە يەتكۈزۈلدى. ھەزرىتى ئەزىزلەر خاننىڭ ئالدىغا چىقىشنى لازىم تاپتى. لېكىن خەلىپەلەر: «ئابدۇكېرىم خان بولسا بىر سەھرالىق موغۇل، سەل كېچىكىپرەك بارغان ياخشىمىكىن» دېيىشىپ توسۇشتى. شۇ سەۋەبتىن كېچىكىشتى. ئابدۇكېرىم خان بىلەن خوجا ئوبەيدۇللالار مۇھەممەت ۋەلى سوپىنىڭ مۇرىتى ئىدى، شۇ سەۋەبلىك خاننىڭ خاتىرىسىگە ئېغىر كەلگەن ئىدى. خوجا ئوبەيدۇللا كۆرەلمەسلىكتىن: «بىز ھازىر ئوردىغا قايتىپ كېتەيلى!» دېدى. خانمۇ بۇ سۆزگە قوشۇلۇپ دەرھال ئوردىغا قايتىشتى. شۇ سەۋەبتىن خان بىلەن ھەزرىتى ئەزىزلەر ئارىسىدا بىر ئاز سوغۇقچىلىق پەيدا بولۇپ قالدى. ھەزرىتى ئەزىزلەر بىر مەزگەىل تۇرۇپ، كىشىلەرنى تەرىقەت يولىغا باشلىدى. ئاندىن كېيىن خوتەن تەرەپكە سەپەر قىلىشتى. توغۇز كەنتىنىڭ ئادەملىرى ئالدىغا چىقىپ، بىللە كېلىپ خىزمىتىدە بولۇشتى. ئېتىقاد، ئىخلاس بىلەن ھاجەتلىرىنى ئىزھار قىلىشتى. ھەزرىتى ؟ەزىزلەر خوتەن مەملىكىتىگە يېتىپ كەلگەندە، قۇرەيش سۇلتان ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا قارشى ئېلىشقا چىقتى. ھەمدە ھاجەتمەنلىكىنى بىلدۈردى. ھەزرىتى ئەزىزلەر ئىمام زاھىيبۇللانىڭ مازارىغا بېرىپ قايتىپ كېلىپ ئۈچ يىل «چەرا» دېگەن يەردە تەرىقەتتە يول تاپالمىغان كىشىلەرنى تەرىقەتكە باشلاش بىلەن شۇغۇللاندى.

قۇرەيش سۇلتاننىڭ ئايالى ۋاپات بولدى. ھەزرىتى ئەزىزلەرگە كىشى ئەۋەتىلدى. قۇرەيش سۇلتان ئۆزىنىڭ خۇدا بەندە سۇلتان ناملىق ئوغلىنى ھەزرىتى ئەزىزلەر خىزمىتىگە تۇتۇپ بېرىپ، ئېتىقادچى مۇخلىس بولغان ئىدى. ھەزرىتى ئەزىزلەر كەلدى، قۇرەيش سۇلتان يىغلاپ تۇرۇپ كۆرۈشتى. ھەزرىتى ئەزىزلەر ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدى. قۇرەيش سۇلتان ئۆيگە يالغۇز كىرىپ كېتىپ، «ئايالىمنى تېرىلدۈرۈپ بەرسۇن!» دەپ ھەزرىتى ئەزىزلەرگە ئادەم چىقاردى. ھەزرىتى ئەزىزلەر ئاچچىقلاپ: «بۇنداق گەپ بولسا بالدۇرراق ئېيتمامدىغان! ئەمدى پايدىسى يوق» دېدى. ئەلچى چىڭ تۇرۇۋالدى. ھەزرىتى ئەزىزلەر قۇرەيش سۇلتاندىن رەنجىپ ئاقسۇ تەرەپكە راۋان بولۇشتى. ئۇلار يولغا چىقىپ: «ئەي قۇرەيش، ئەمدى سېنىڭ ئەۋلادىڭ پادىشاھلىققا ېرىشەلمىگەي» دېدى. ئۇلار ئاقسۇ مەملىكىتىگە كىرىپ كەلدى. ئۇچ اغدا مۇھەممەت خان ئاقسۇدا ئىدى. ئۇ ئۈچ كۈنلۈك يولغا ئالدىغا كېلىپ ئەزىزلەرنى قارشى ئېلىپ، خىزمىتىدە بولدى. مۇھەممەت خان ئەزىزلەرگە ياخشىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇھەممەت خانغا: «سېنىڭ ئەۋلادىڭ پادىشاھ بولغاي» دېدى. ئەزىزلەر ئاقسۇغا چۈشتى.

داۋامى بار.


داۋامى:

ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ھەزرىتى ئەزىزلەرنىڭ مۇبارەك قەدەملىرىنى غەنىمەت بىلىپ، چىن دىلىدىن ۈبويسۇنۇپ مۇرىت بولۇشتى. بىر بۆلۈك قارا قورساقلار بويسۇنمىدى.

ھەزرىتى ئەزىزلەر، قۇتلۇق مۇھەممەت مىرزا جوراستىن سورىدى: «ئەي قۇتلۇق مۇھەممەت، ئادەملەر نېمىشقا بىكار يۈرۈيدۇ؟» قۇتلۇق مۇھەممەت مىرزا ئۆرە تۇرۇپ ئېيتتى: «مەن بېرىپ ئادەملەرگە ئوچۇق ئېيتاي» قۇتلۇق مۇھەممەت مىرزا بېرىپ ئاقسۇلۇققا ئېيتتى: «ئەي يارانلار، ھەزرىتى ئەزىزلەرنىڭ بۇ تەۋەلىككە كەلگەنلىكى بۇ دۇنيانىڭ ئىززىتى، ئاخىرەتتىكى نىجاتلىق. بۇ ئەزىزلەر بوسۇغىسىنى تاۋاپ قىلىش دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادىتى ھېسابلىنىدۇ».

ئاقسۇلۇقنىڭ ئارىسىدىن بىر كىشى ئالدىراپ سۆز باشلاپ: «ۋىلايەتتىن كىملا كەلسە مەن خوجا، مەن ئەزىز دەيدىكەن. . . » دېدى. گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇشتۇر خەلىپە (خوجا ئىسھاقنىڭ مەشھۇر خەلىپەلىرىدىن بىرى) ئەلەيھىررىھىمە ھەزرىتى ئەزىزلەر بىلەن ئاقسۇلۇق ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا چۆگىلەپ ئايلىنىشقا باشلىدى. بىر ئاز ئايلانغاندىن كېيىن قولىغا بىر ھاسىنى ئالدى - دە، ھېلىقى ئىنكار قىلغۇچى ئادەمنى ئۇرۇپ يەرگە چاپلىۋەتتى. ئاقسۇلۇق ئادەملەر ئۇشتۇر خەلىپە ئەلەيھىررەھىمەدىن بۇ كارامەتنى كۆرۈش بىلەن قايتىدىن ئېتىقاد باغلاپ ھەزرىتى ئەزىزلەرگە ئىخلاس قىلىشتى ۋە قۇتلۇق مۇھەممەت مىرزا جوراس باشچىلىقىدا قول بېرىشتى. ھەزرىتى ئەزىزلەر قۇتلۇق مۇھەممەت مىرزا ۋە ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى مومۇق مىرزالەر ھەققىدە دۇئايى خەير قىلدى. بۇ مىرزالار ھەزرىتى ئەزىزلەردىن پەرزەنت تەلەپ قىلىشتى. ھەزرىتى ئەزىزلەر ئۇلارغا يەنە دۇئا قىلدى. ئاشۇ دۇئانىڭ بەرىكەتىدىن قۇتلۇق مۇھەممەت مىرزا پۇشتىدىن سەككىز ئوغۇل، تۆت قىز، مومۇق مىرزا پۇشتىدىن بەش ئوغۇل، يەتتە قىز ۋۇجۇدقا كەلدى.

قۇتلۇق مۇھەممەت مىرزا جوراس بولسا مانا شۇ باش - ئايىغى يوق ۋاراقلارنى قۇراشتۇرغۇچىنىڭ (ئاپتور ئۆزىنى دېمەكچى) ئۈچىنچى بوۋىسىدۇر.

ئەلقىسسە، ھەزرىتى ئەزىزلەر كۆسەن (كۇچار) تەرەپكە راۋان بولۇشتى. ئۇشتۇر خەلىپە ئەلەيھىررەھىمە تۇرپانغا ئەۋەتىلدى. ھەزرىتى ئەزىزلەر كۇچارغا چۈشتى، كۇچار ئادەملىرى ئىككىلەنمەيلا بويسۇنۇشتى. ئۇشتۇر خەلىپە تۇرپانغا يېتىپ كېلىپ تۇرپانلىقلار بىلەن ئۇچراشتى. تۇرپانلىقلار بويسۇنمىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئالىپ ئاتاغا ئېتەقاد قىلاتتى. ئۇشتۇر خەلىپە ئالىپ ئاتا ھەزرەتلىرىنىڭ نۇرغا تولغان قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، ئالىپ ئاتانىڭ قەبرىسىگە مىندى. قەبرە ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇشتۇر خەلىپىنى يەرگە ئاتتى، ئۇشتۇر خەكىپە سەكرەپ قوپۇپ يەنە مىندى. يەنە ئاتتى، قەبرە يېرىلىپ بىر شىر كۆرۈندى. ھەزرىتى ئەزىزلەر روھانە جەھەتىدىن ئۇشتۇر خەلىپەنى ھىمايىسىگە ئېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋالدى. تۇرپان، جالىش (لورلا، قارا شەھەر) ئادەملەرە ھاجەتلىرىنى ئىزھار قىلىشتى. ئۇشتۇر خەلىپە ئۇلار بىلەن خەيرلىشىپ ھەزرىتى ئەزىزلەرنىڭ خىزمىتىگە قايتتى. ئاندىن كېيىن ھەزرىتى ئەزىزلەر سېغىنغان ۋەتىنى سەمەرقەنتكە يېنىشتى.

يارانلاردىن بىرسى ھەزرىتى ئەزىزلەرگە ئەرز قىلدىكى: «ئابدۇكېرىم موغۇل يوق بولۇپ كېتىپتۇ، بىر تەۋەججۇ قىلىپ قويسىلا» .

ھەزرىتى ئەزىزلەر ئېيتتى: «ئابدۇكېرىم خان ئادىل پادىشاھ، ئۇنى ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەربىيەت قىلىدۇ».

ئاللا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

داۋامى بار.


داۋامى:

ئابدۇكېرىم خاننىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھاياتى



ئابدۇكېرىم خان خاقانلىق تەختىدە 30 يىل ئولتۇردى. ئۇنىڭ دەۋرىدە مەملىكەت تەرەققىي قىلىپ جەننەتتەك بولۇپ كەتتى. ئۇ 33 يىل پادىشاھلىق قىلدى.

ئۇ، ئاللاتائالاغا: «ئىلاھى سەندىن ئۈمىد قىلىمەنكى، جانابى پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالاممۇ 63 يېشىدا، دارولپەنادىن (بۇ دۇنيادىن) دارولبەقاغا (ئاخىرەتكە) سەپەر قىلغان ئىكەن. مەنمۇ شۇ ئۇلۇغ سۈننەتتىن ئېشىپ قالمىسام» دەپ مۇراجەت قىلاتتى. ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولدى، يەنى يېشى 63 كە يەتكەندە خۇدانىڭ رەھمىتىگە مۇيەسسەر بولدى.

داۋامى بار.
 

داۋامى:

مۇھەممەت خاننىڭ دەسلەپكى ئەھۋالى ۋە شۇ كۈنلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر

مۇھەممەت خان ئابدۇرېشىت خاننىڭ بەشىنچى ئوغلى بولۇپ، جانى بەگنىڭ ئوغلى ئەدىك، سۇلتاننىڭ قىزى چۈچۈك خانىمدىن تۇغۇلغان. ئابدۇلېتىپ سۇلتاندىن كېيىن ئابدۇرېشىت خان ئۇنى ئاقسۇنىڭ خانلىقىغا تەيىنلىگەن. ئۇ كۈنلەردە كۇچار مەنسۇر خان ئوغلى شاھ خاننىڭ قولىدا ئىدى. شاھ خان بولسا يۈرەكلىك، باتۇر پادىشاھ ئىدى. لېكىن زالىم، لەشكەر توپلاپ ئۇرۇش قىلىپلا يۈرۈيدىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ توراي سۇلتان ناملىق بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىچىككىنە بىر گۇناھ يۈز بېرىشى ھامان ئەمەلدارلىرىنىڭ كاتتىسى - شەھيار ئىلقىچىغا «سەن توراينى ئۆلتۈرگىن» دەپ بۇيرۇق قىلدى. شەھيار قىلچە ئىككىلەنمەستىن توراي سۇلتاننى ئۆلتۈردى.

مەنسۇرخان يارىكە بەگكە ئەمىن خوجا سۇلتاننى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلغاندا، يارىكە ئەمىن خوجا سۇلتاننى يوشۇرۇپ قويۇپ، ئۆلتۈردۈم دەپ مەلۇم قىلغان. كېيىن بىر كۈنى ئەمىن خوجا سۇلتان كېرەك بولۇپ قدلغاندا يارىكە بەگ ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەن. مەنسۇر خان ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ، يارىكە ئاتىغا كۆپ ئادەمگەرچىلىك قىلغان. شاھ خانمۇ شەھيار ئىلقىچىدىن شۇنداق قىلىشنى ئۈمىد قىلغان ئىكەن. لېكىن شەھيار ئۇنى چۈشەنمەي توراي سۇلتاننى ئۆلتۈرۈپ قويدى. شاھ خان قالماقلارغا قارشى جەڭ قىلماقچى بولدى. شەھيارنى چەقىرىپ «توراينى تېرىلدۈرۈڭلار!» دېدى. شەھيار: «توراي سۇلتان مەھشەر كۈنى تېرىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. شاھ خان ئاچچىقلىنىپ: «ئەي تېگى پەس ئىلقىچى! مەن سېنى يارىكەنىڭ مەرتىۋىسىدىنمۇ يۇقىرىراق مەرتىۋىگە يەتكۈزۈپ قويدۇم. ئەمما ئىشىڭ شۇنچىلىك! بىز ئەمدى ئاجىزلىق قىلىمىز. بۇنى سەن ۋە بىزلا بىلىمىز» دېدى - دە، قالماق تەرىپىگە راۋان بولدى. قالماقلارغا يېتىشىپ دېيەرلىك ھالدا ئولجا، ئەسىرلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ قايتىشتى. قالماقلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ يۈزمۇ يۈز تۇتۇشتى، شاھ خانمۇ ئۇرۇش سېپىنى تۈزۈپ قاتتىق تۇتۇش قىلدى. ناھايىتى دەھشەتلىك جەڭ بولدى، شۇ چاغدا شەھيار ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى بىلەن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇرۇش سېپىنى بۇزۇپ، تۇزكورلۇقىنى ئاشكارىلاپ قېچىپ كەتتى. نەتىجىدە شاھ خان مەغلۇپ بولدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇ مەردانىلىق بىلەن شېھىتلىك شەربىتىنى ئىچتى.

ئەلقىسسە، مۇھەممەت خان (ئاللا ئۇنى مەڭگۈ جەننەت باغچىلىرىدا قىلغاي!) ئاقسۇنى قولىغا ئېلىپ ئاۋات قىلىۋەتتى، كۈنلەردىن بىر كۈنى مۇھەممەت خاننىڭ بىر مەرىكىسىدە شاھ خان قىزىنىڭ گۈزەللىكى ھەققىدە گەپ بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەت خاننىڭ شاھ خاننىڭ قىزىنى ئالغۇسى كېلىپ قالدى. شۇ چاغدا شاھ خان قالماقلار تەرىپىگە ئاتلىنىپ ماڭغان ئىدى. مۇھەممەت خاننىڭ يېقىنلىرى ئۇنىڭغا: «شاھ خاننىڭ قىزى كۇچاردا ھەر كۈنى بىر قەلئەگە چۈشۈپ تاماشا قىلىپ ئايلىنارمىش. ۋاقىت غەنىمەت، بېرىپ ئېلىپ كېلەيلى!» دەپ مەسلىھەت بەردى. بۇ مەسلەھەت مۇھەممەت خانغا ماقۇل كېلىپ كۇچار تەرەپكە راۋان بولدى.

شاھ خان 100 نەپەر قوراللىق كىشىنى قىزىغا مۇئەككەل قىلىپ، ھەر قانداق ئورۇنغا چۈشكەندە مۇھاپىزەت قىلىشنى تاپشۇرغان ئىكەن، ئۇلار بىر كۈنى كۇچار قەلئەسىدىن يىراقراق بىر كىچىك قەلئەگە چۈشكەن ئىدى. مۇھەممەت خان ئاقسۇدىن كېلىپ بۇ قەلئەنى مۇھاسىرىگە ئاكدى. لېكىن قىز خانىمغا مەسئۇل بولغان خادىملار دەرھال خانىمنى ئېلىپ كۇچار قەلئەسى تەرىپىگە قاراپ راۋان بولۇشتى. مۇھەممەت خاننىڭ ئادەملىرى يولنى بوشىتىپ بېرىشتى. قىز خانىمنىڭ ئايىغىنى كىيگۈزۈشكىمۇ پۇرسەت بولمىدى، مۇھەممەت خان بىئارام بولۇپ ئاقسۇ تەرەپكە ياندى.

شاھ خاننىڭ قىزى يالىڭاياق ھالدا ۋەتىنىگە يېتىپ باردى. شۇ ئارىدا شاھ خان لەشكەردىن قايتىپ ئوردىغا چۈشۈپ تۇرغان ئىدى. قىز ئاجايىپ بىسەرەمجان ھالدا يېتىپ كەلدى. شاھ خان قىزىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرگىنىدە قىز خانىمغا مەسئۇل بولغان كىشىلەر پادىشاھقا: «مۇھەممەت سۇلتان لەشكەر تارتىپ كېلىپ بىزنى قورشىۋالدى. بىز كېچىدە يۈز ھىيلە بىلەن خانىمنى ئاران ئېلىپ كەلدۇق» دېدى. پادىشاھ غەزەپلىنىپ «مۇھەممەت قىزىمنى ئەسىر ئېلىش يولى بىلەن ئالماقچىمىكەن؟ ئەلچى ئەۋەتىپ، ئېغىز ئاچقان بولسا ئۇنىڭغا بەرمەي كەمگە بېرەتتۇق؟ ئۇ مېنىڭ قىزىمنى ئولجا ئالماقچى بولۇپتۇ، ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالمىغۇچە ھەرگىزمۇ توختىمايمەن!» دېدى - دە، مۇھەممەت خاننىڭ ئارقىسىدىن ئاقسۇ تەرىپىگە لەشكەر تارتتى. مۇھەممەت خان شاھ خاننىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، قەلئەنىڭ ياراغ جابدۇقلىرىنى تەييارلىدى، شاھ خان كېلىپ ئاقسۇنىڭ قەلئەسىنى قورشىدى. قورشاش ئۇزاققا سوزۇلدى. مەقسىتىگە يېتەلمىگەن شاھ خان نائۈمىد قايتتى. بىر مۇنچە نامرات لۈكچەكلەر بىر خوتۇننى تۇتپ، بىر ياغاچنىڭ ئۇچىغا چىگىپ شاھ خانغا ھاۋەلە قىلىپ (دارىتىپ) قوپال - سەت سۆزلەرنى قىلدى. شاھ خاننىڭ تۇرارغا تاقىتى قالماي، ئاللانىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلىپ، ئاقسۇنىڭ ئوردىسىنى قايتا مۇھاسىرە قىلدى. بىر كېچە ھىيلە تەدبىر بىلەن ئاقسۇنىڭ ئوردىسىنى ئالدى. مۇھەممەت خان بولسا «ئەرك . . .»(ئوردا ياكى ساراي بولسا كېرەك) كە قامىلىپ قېلىش بىلەن ئىش قىينغا چۈشتى. مۇھەممەت خان دەرھال ھەزرىتى خوجا قاسىم ئوغلى مىر خوجا يۈسسۈپنىڭ ئوغلى مىر مەھدى شاھنى (ئاللا بۇ كىشىنىڭ قەبرىسىنى نۇرلۇق قىلغاي) شاھ خاننىڭ ئالدىغا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى. مىر مەھدى شاھ قۇرئاننى قولىغا ئېلىپ يولغا راۋان بولدى. «ئەرك . . »نىڭ دەرۋازىسىدا شاھ خان بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. مىر مەھدى شاھ ئەلچىلىك مەزمۇنىنى شاھقا يەتكۈزۈش بىلەن شاھ خان غەزەپكە كېلىپ: «مەزكۇر مىر مەھدىنى ئېگىزدىن پەسكە تاشلاڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلدى. بۇيرۇققا بىنائەن ئېگىزدىن پەسكە ئېتىلغاندىن كېيىن، مىر مەھدى شاھ بىر قانچە كۈن دەردكە مۇپتىلا بولدى. شاھ خان «ئەرك...»كە چۈشتى، مۇھەممەت خاننى پادىشاھلىق ئاساسىنىڭ ھەمرالىقىدا شاھ خاننىڭ ئالدىغا تۇغىنى پۇتىغا باغلاپ ئېلىپ كېلىشتى. كونا قائىدە شۇنداق ئىدى. شاھ خان ئاقسۇنىڭ ئەرلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ ئەلگە ھەر خىل ئازابلارنى سالدى، مۇھەممەت خاننى ئۆزى بىلەن بىللە جالىشقا ئېلىپ كەتتى.

جالىشدا چوڭ بىر كۆل بولۇپ، ئۇ كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قۇرۇقلۇق بار ئىدى. تۈركلەر ئۇنى ئارال دەيدۇ. مۇھەممەت خاننى، مۆھتىرەم ئايالى مىھرىنۇش بېكەمنى ئۇلارغا بىر خادىمنى ھەمراھ قىلىپ ئاشۇ ئارالغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار بەش ئاي شۇ جايدا تۇرۇشتى. لېكىن مۇھەممەت خان چىن يۈرىكىدىن شۈكۈر ئېيتتى. ئۇنىڭ «شەھىدخان» دەپ داڭلانغان شاھى شۇجا ئۇددىن ئەھمەدخان دېگەن ئوغلى مۇشۇ ئارالدا تۇغۇلدى.

ئابدۇكېرىم خان بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئەلچى ئەۋەتىپ شاھ خانغا: «مۇھەممەت بىزگە نىسبەتەب پەرزەنتىمىزنىڭ ئورنىدا، ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئۆتسىلە!» دېدى. شاھ خان دەرھال ماقۇل بولۇپ مۇھەممەت خان، مېھرىنۇش بېكەم ۋە ئۇلارنىڭ ئەل - ئاغىنىلىرىنى ئابدۇكېرىم خاننىڭ ئالدىغا يولغا سېلىپ قويدى. ئابدۇكېرىم خان مۇھەممەت خانغا نۇرغۇن ھەدىيىلەرنى ئىنئام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەت خان بىر قانچە ۋاقىت ئۆزىنىڭ چوڭ ئاكىسى ئابدۇكېرىم خاننىڭ سۆھبىتىدە بولدى. سوپى سۇلتان قەشقەردە ۋاپات تاپقاندىن كېيىن مۇھەممەت خان سوپى سۇلتاننىڭ ئورنىغا ئەۋەتىلدى.

داۋامى بار.


سوپى سۇلتاننىڭ ئاقىۋىتى

سوپى سۇلتان خۇش سۈرەت، گېپى چەرايلىق، يۈرەكلىك، پادىشاھزادە ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ كاللىسىدا مەغرۇرلۇق بىلەن تەكەببۇرلۇق ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مىرزا زېرەك ئەلەيھەررەھىمەنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، كۆرگۈسى كەلدى. ھەسەتخورلار سوپى سۇلتانغا: «مىرزا زېرەك خۇدالىق داۋاسى قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن ھېساب ئالايى!» دېدى. سوپى سۇلتان بۇ سۆزگە قوشۇلۇپ، بەشكېرەم دېگەن جايغا بېرىپ، مىرزا زېرەكنى ئىزدەپ تېپىپ، كۆلگە تاشلىدى. سۇ بىر ئىلىك مىقدارى مۇز تۇتقان ئىكەن. سۇلتاننىڭ ئادەملىرى قوللىرىغا ئۇزۇن ياغاچ ئېلىپ كۆلنى قورشاپ تۇرۇشتى، مىرزا تاشقىرىغا چىقماقچى بولسا سۇلتاننىڭ ئادەملىرى كۆلگە تاشلايتتى، مىرزا سەۋرى قىلىپ زۇلۇمغا بەرداشلىق بەردى. ئۇلار ھەزرىتى ۋىلايەت مەئاپ مىرزا زېرەك ئەلەيھىررەھىمىگە كۆپ بىئەدەبلىك، قوپاللىق قىلىشتى. مىرزا بىتاقەت بولۇپ، سوپى سۇلتان تەرىپىگە راۋان بولدى. سوپى سۇلتان كۆلنىڭ لېۋىدە ئولتۇرۇپ تاماشا كۆرۈۋاتاتتى. مىرزا سوپى سۇلتاننىڭ قېشىغا يېقىنلاپ كەلدى ۋە ئېيتتىكى: «ئەي بەد بەخت، باتىنىڭغۇ قارىغۇ ئىدى، ئەمدى زاھىر كۆزۈڭمۇ كور بولغاي» بۇ سۆزنى ئاڭلاپ كىشىلەر تىترىشىپ كەتتى. مىرزا ئوردا بېگى يىغلاۋېتىپ: «بىز قىلمايدىغان بىر ئىشنى قىلىپ سالدۇق، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلىۋالارمىز!» دېدى. بەزى خۇشامەتگۇيلار ياخشىچاق بولۇپ: «خۇدالىق دەۋاسى قىلغان ئادەمنىڭ قاغىشى قانچىلىك تەسىر قىلالايدۇ» دېيىشتى.

سوپى سۇلتان ئاتلىنىڭ شام پادىشاھىنىڭ مازارىغا يېتىپ كەلدى. مازارنىڭ ئالدىنى نىشان قىلىپ ئوق ئېتىپ ئوينايمىز، دەپ سۇلتان ئېتىنى چاپتۇرۇپ بېرىپ ئوق ئاتتى. قازاھى ئىلاھى يېتىپ، مىنگەن ئېتىنىڭ تۇۋىقىدىن چاچرىغان ئۇششاق تاشلار سەكرەپ چىقىپ، ئۇنىڭ كۆزىگە كىردى. كۆزى ئاغرىشقا باشلىدى. سوپى سۇلتاننىڭ چىرايلىق قوي كۆزى ئاخىر كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئايالى ئوردا بېكەممۇ ئاتلىق ئىدى. بۇ ئايال سۇلتاننىڭ كۆزى ئېچىلىپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە ئىككى داستىخان تىللانى ئېلىپ مىرزانىڭ ئالدىغا كەلدى. تىللالارنى مىرزانىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇ يەردە بىر ئىت تۇراتتى. مىرزا: «بۇ تىللالارنى ئىتنىڭ ئالدىغا قويۇڭلار!» دېدى. ئىتنىڭ ئالدىغا قويۇشتى. ئىت ئاران بىر قېتىم پۇراپ قويۇپ ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەزەر قىلمىدى. مىرزا يىغلاپ تۇرۇپ: «بۇ چىركىن - نىجىس نەرسەڭلارنى ئەپكېتىڭلار! ئىت قوبۇل قىلمىغان يەردە بىز قانداق قوبۇل قىلىمىز؟» دېدى. بېكەم خانىم ناھايىتى كۆپ زارى تەزەررۇ بىلەن ئىلتىجا قىلدى. مىرزا: «سەكرەپ چىققان ئوق يېنىپ كەلمەيدۇ» - دېدى. بېكەم ۋە باشقا كاتتىباشلار نائىلاج قايتىشتى. بىر يىلدىن كېيىن سوپى سۇلتان دۇنيادىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىدا قەشقەر، يېڭىسارغا مۇھەممەت خان ۋالىي بولدى. بۇ كىشىنىڭ دەۋرىدە مەملىكەت شۇنداق ئاۋات بولدىكى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇنىڭ تەسىرى بار.

مۇھەممەت خان قەشقەر مەملىكىتىدە ئولتۇرۇپ ئاقسۇ، ئۈچتۇرپاننى مۇھەممەت باقى سۇلتانغا ئېلان قىلدى. مۇھەممەت باقى سۇلتان ئابدۇرېشىت خاننىڭ سەككىزىنچى ئوغلى ئىدى. ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان شەھىرى ئۇنىڭغا بېكىتىلىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ئابدۇكېرىم خان ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان مەملىكىتىنى تا كۇچارغىچىلىك ئۆزىنىڭ بىر تۇغقىنى مۇھەممەت خانغا تاپشۇردى، ئۇ يەرلەرنى مۇھەممەت خاننىڭ ئوغلى شاھى شوجا ئۇددۇن ئەھمەت خان باشقۇرىدىغان بولدى.

داۋامى بار.


ھەزرىتى مۇھەممەت خاننىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغىنى ۋە پادىشاھلىق تۈزۈمى

ئىشەنچلىك زاتلارنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئابدۇكېرىم خان (ئاللا ئۇنىڭ گۆرىنى نۇرلۇق قىلغاي) بۇ پانىي دۇنيادىن مەڭگۈلۈك سارايغا كۆچتى، ئۇ چاغدا مۇھەممەت خان چۇ ۋە تالاسقا لەشكەر تارتىپ كەتكەن ئىدى. ئابدۇرېشىت خاننىڭ ئالتىنچى ئوغلى ئەبۇ سەئىد سۇلتان ئابدۇكېرىم خاننىڭ ۋاپات بولغىنىنى ئاڭلاپ خوتەندىن يەكەننىڭ قەسىدىنى  قىلدى. مىرزا مۇھەممەت ياقۇپ دوغلات ۋە باشقا كاتتىباشلار ئەبۇ سەئىد سۇلتانغا كىشى ئەۋەتىپ: «سۇلتانىم، مۇھەممەت خان چۇ، تالاستىن قايتىپ كېلىپ بولغۇچە خوتەنگە يېنىپ، ئاندىن كېيىن بارغان ياخشىراق بولاتتى» دەپ تەلەپ قويدى. ئەبۇ سەئىد سۇلتان مۇكۇيلا دېگەن قاغا چۈشكەن ئىدى. كاتتىباشلاردىن بىرى يېتىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئەلچىلىك مەزمۇنىنى ئادا قىلدى. مىرزا تەڭرى بەردى بارلاس سۇلتاننىڭ ۋەزىرى ئىدى. سۇلتانغا: «بۇ قېتىم بېرىشقا رۇخسەت يوق، بېرىش توغرا ئەمەس، ئەگەر قايتمايدىغان بولساق مۇھەممەت خاننىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ» دەپ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشتى، ئابدۇكېرىم خاننىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندە مۇھەممەت خان لەشكەردىن كېلىپ وادىشاھلىق تەختىدە ئورۇن ئالدى. ئەبۇ سەئىد سۇلتاننى قەشقەر، يېڭىسارنىڭ خانلىقىغا ئەۋەتتى. ئەمىر تەڭرى بەردىنى ئۇنىڭ ۋەزىرى قىلدى. ئابدۇكېرىم خاننىڭ ئوغلى شاھ مۇھەممەت ھەيدەر سۇلتاننى خوتەننىڭ ھاكىمى قىلىپ يولغا سالدى. مىرزا مۇھەممەت ياقۇپ دوغىلاتنىڭ ئوغلى مىرزا يۈسۈپنى سۇلتاننىڭ ۋەزىرلىكىگە ئېلان قىلدى. ئەمىر مۇھەممەت ياقۇپ مۇھەممەت خان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن كېرىيىگە بېرىپ كۆز يۇمدى، مەملىكەت مۇھەممەت خانغا قاراشلىق بولدى. قاغىلىق ناھىيىسىنى يۈنۈس سۇلتانغا، سېرىق قول، ۋاخان شەھەرلىرىنى ئابدۇرېھىم خانغا (بۇرۇنقى قائىدە بويىچە) بەردى. ئۇ چاغدا ئابدۇرېھىم خان 33 ياشتا ئىدى. مۇھەممەت خان ئۇنىڭ ساقىلىدىكى ئاقنى كۆرۈپ سورىدى: «ئەي ئەزىز، ھېلىتىن، ساقىلىڭغا ئاق كىردىمۇ نېمە؟» ئابدۇرېھىم خان: «ھەئە، ھەزرىتى ئابدۇكېرىم خان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ساقىلىمغا ئاق كىردى» دەپ جاۋاب بەردى. ئابدۇرېھىم خاننىڭ بۇ جاۋابى مۇھەممەت خانغا ئېغىر كەلدى. بۇ ھالنى سەزگەن ئابدۇرېھىم خان پۇشايمان قىلدى.

ئەلقىسسە، مەملىكەت مۇقىملاشتى. يەكەن ھۆكۈمرانلىقى مىرزا شاھقا بېرىلدى. خوجا لېتىپ تانغا ئېگىسى قىلىپ ئەركىن ۋەزىرلىككە كۆتۈرۈلدى، مىرزا غىياس ساغرىچى قوش بېگى، ئۈچ بېگى دەپ سايلاپ كاتتىباشلارنىڭمۇ كاتتىبېشى قىلىندى. ئىشىك ئاغا گىرىنى مىرزا ئابدۇللا ئاق بوراققا ئىنئام قىلىشتى، مەملىكەتنىڭ ئىشلىرى تۆت ئەمىرگە تاپشۇرۇلدى.

داۋامى بار.


داۋامى:

ئۆزبېكلەرنىڭ قەشقەر، يەكەن ۋىلايەتلىرىگە لەشكەر تارتقىنى ۋە مەقسىدىگە ئېرىشەلمەي قايتقىنى

          ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ بەزىسى شۇنداق نەقىل كەلتۈرۈدۇكى، ئابدۇكېرىم خاننىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە، ئابدۇللا خان ئۆزبېك 100 مىڭدەك لەشكەر توپلاپ ئۆزبېك سۇلتان، غوجام قۇلى قوش بېگىلەرنى لەشكەر باشلىقى قىلىپ قەشقەر تەرەپكە راۋان بولدى.

          بۇ ۋەقەلىكنىڭ تەپسىلىي مۇنداق: مۇھەممەت خان (ئاللا ئۇنى مەڭگۈ جەننەت باغچىلىرىدا قىلغاي) ئەبۇ سەئىد سۇلتاننى قەشقەرگە ئېبەرتكەندە: «ئەبۇ سەئىد سۇلتاننىڭ ھوقۇقى قەشقەر، يېڭىسارغا ئۆتىدۇ. خان ئۇنىڭغا ئارىلاشمايدۇ» - دېگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان قەشقەردە ئەركىن بولۇپ كەتتى، مۇھەممەت خان بىر ئادەمنى مەنسەپ بېرىپ قەشقەرگە ئەۋەتكەندە ئەبۇ سەئىد سۇلتان ئۇ ئادەمگە ھوقۇق بەردى. مۇھەممەت خان يەنە بىر ئادەمنىمۇ ھوقۇق بېرىپ ئەۋەتكەندە ئەبۇ سەئىد سۇلتان ئۇ ئادەمنىمۇ ئېتىراپ قىلدى. مۇھەممەت خان ئۈچىنچى بىر ئادەمنى مەنسەپ بېرىپ قەشقەرگە ئەۋەتتى. بۇ قېتىمدا ئەبۇ سەئىد سۇلتان بۇ ئادەمگە ئۆزى جاۋاب بەرمەي ۋەزىرى تەڭرى بەردى مىرزا بارلاسقا ئىتتىرىپ قويدى. ئۇ - پادىشاھلىق قىلىمەن دەپ كىلگەن ئۈچۈنچى كىشى تەڭرى بەردى مىرزا بارلاسنىڭ ئالدىغا باردى. مىرزا تەڭرى بەردى ئۇ ئادەمگە: «سىلە يالغان ئېيتىۋاتىدىلا، خان ھەزرەتلىرى قىزىل دېگەن جايغىچە سۇلتانىمغا بۇيرۇۋەتكەن» دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ بېرىپ، خانغا ئەرز قىلىپ، بولۇپ ئۆتكەن گەپ - سۆزلەرنى بىر - بىرلەپ يەتكۈزدى. خان ئۇ ئادەمنى تەستىقنامە بېرىپ يەنە ئەۋەتتى. ئۇ ئادەم قەشقەرگە كېلىپ تەستىقنامىنى تەڭرى بەردى مىرزاغا بەرمەكچى بولدى. تەڭرى بەردى مىرزا ئەمىر مۇھەممەت بارلاسنىڭ كەنجى ئوغلى بولۇپ، ئۇرۇش سالاھىيىتى ۋە تاكتىكىسى بار ئادەم ئىدى. كۈنلىكى بەش - ئالتە پىيالە ھاراق ئىچىپ تېرىكچىلىك قىلاتتى. ياشانغان بۇ ئادەم ، كۆپ ھاللاردا، غەزەپلىك كەيپىياتتا تەرى بۇزۇق ئولتۇراتتى. ھېلىقى كىشى تەستىقنامىنى مىرزا تەڭرى بەردىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى. مىرزا تەڭرى بەردى تەستىقنامىنى ئېلىپ، تىزىنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قوتۇپ: «بېرىپ پادىشاھقا دېسىلە، پادىشاھ دېگەن يارلىقىدىن يانماسلىقى كېرەك، تەڭرى بەردى مىرزانى خان ئوبدان بىلىدۇ، خان ئېيتسۇنكى، پادىشھلىق قىلامدۇ - قىلمامدۇ؟» دېدى.

          ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ بارلىق ئەھۋالنى خانغا يەتكۈزدى. خاننىڭ غەزىپى ئۆرلەپ، ئىككىلەنمەستىن ئاتقا مىندى - دە، قەشقەرگە قاراپ راۋان بولدى. كاتتىباشلارمۇ خاننىڭ ئارقىسىدىن راۋان بولۇشتى. خان قەشقەر مەملىكىتىگە يېتىپ كېلىپ قاراقىر دېگەن يەرگە چۈشكەندە، ئۆزبېكنىڭ خەۋىرى يېتىپ كەلدى. خان ئاتقا مىنىپ قەشقەر ئوردىسىغا چۈشتى. ئەبۇ سەئىد سۇلتان خىزمەتكارلىرىنى بىجا كەلتۈرۈپ خاننىڭ خىزمىتىدە بولدى. ئاندىن كېيىن ئۇلار مەسلەھەتلىشىپ تەرەپ - تەرەپكە لەشكەر توپلاشقا كىشى ئەۋەتىشتى. 40 نەپەر قوراللىق كىشىنى تەشكىللەپ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆزبېكلەرنىڭ ئالدىغا يولغا سالدى.

          خان ئەمىر تەڭرى بەردىگە كۆرۈنۈش بەرمىدى. باشقا كاتتىباشلار مەسلىھەت قىلىۋاتاتتى. مىرزا شاھى ئەزەم زاماننىڭ پادىشاھلىرىدىن بولۇپ، زامانىۋى باشلىق ئىدى. ئۇ ئالدىراپ سۆزلەپ: «چۆرلىكتە (بىر جاينىڭ ئىسمى) چىڭ تۇرايلى، ئۆزبېكلەر كەلسە بىراقلا ئۇرۇش قىلىمىز. غەلىبە قىلساق تېخى ياخشى. ئەگەر غەلىبە قىلالماي قالساق بەدەر كېتىمىز» دېدى. باشقىلارمۇ بۇ مەسلەھەتكە قوشۇلدى. بۇ مەسلەھەت خانغا يەتكۈزۈلگەندە خانغا ماقۇل كەلمىدى. خان مىرزا شىرىپ ھەسەن بارلاسقا بۇيرۇق قىلدى: - «ھېلىقى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان تەڭرى بەردى مىرزانى ئېلىپ كېلىڭلار!» مىرزا تەڭرى بەردى بولسا مىرزا شىرىپ ھەسەننىڭ تاغىسى ئىدى. مىرزا شىرىپ ھەسەن بېرىپ تەڭرى بەردى مىرزانى ئېلىپ كەلدى. خان سۇلتان سەئىدغا بۇيرۇدى: «تەڭرى بەردى .ىرزادىن مەسلەھەت سوراڭلار» ئەبۇ سەئىد سۇلتان تەڭرى بەردى مىرزادىن سورىدى: «ئەي بەگ، ئۆزبېكلەر بىز تەرەپكە لەشكەر تارتىپ كېلىۋاتىمىش، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» تەڭرى بەردى ،ىرزا: «نىئمەت ئىگىلىرى ئولتۇرۇپتۇ، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلايلى! ئاندىن كېيىن مەن گەپ قىلاي» - دېدى جاۋاب بېرىپ. كاتتىباشلار بىر - بىرلەپ مەقسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مىرزا شاھ سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭچە چۆرلىكتە چىڭ تۇرۇپ ئۇرۇشيلى!». ئەمىر تەڭرى بەردى سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى: «ئەي شاھىم، ئۆزلىرى بولسىلا پۈتۈن كاتتىباشلارنىڭمۇ كاتتىبېشى، خان ھەزرەتلىرى تۇرسىلا، بۇ نېمە دېگەن گەپ!؟ ئوردىنى ۋە شەھەرنى تاشلاپ قويۇپ بىر سازلىق يەرگە چىقىۋالساق، ئۆزبېكلەر كېلىپ شەھەرگە كىرىدۇ. ئۆزبېكلەر ماۋارە ئۇننەھىرىدىن چۆرلىكنىڭ سازلىقىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئەمەس، بەلكى قەشقەرنى كۆزلەپ كەلگەن. مېنىڭچە توغرا مەسلەھەت شۇكى: خان ھەزرەتكىرى تۆمۈرچى دېگەن جايغا چۈشسىلە، سۇلتانىم كۆنچى مەھەللىسىگە چۈشسە، ھەممىگە قادىر خۇدادىن مەدەت، ياردەم تىلەپ تاقابىل تۇرۇپ ئۇرۇشايلى». ئاخىر ئورتاق مەسلىھەت مۇشۇنىڭغا مەركەزلەشتى.

          ئەھۋال ئۇقۇشقىلى كەتكەنلەردىن تىرىك باھادۇر ئالدىراپ يېتىپ كېلىپ، ئۆزبېكلەرنى سارىخ يارى دېگەن يەردە كۆرۈپ كەلدۇق، دەپ خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خان ۋە سۇلتان ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەشغۇل بولۇشتى. بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۆزبېكلەر ئاشكارا كېلىپ، بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چۈشتى. سۇلتانمۇ چۈشتى. مىرزا شاھنى خوتەننىڭ لەشكىرىگە باشلىق قىلىپ شاھى ھەيدەر سۇلتان ئۇلارغا تاپشۇرۇلدى. كۈنلۈكى جەڭچى ياشلار، غەزەپلىك مىرزادىلەر بېرىپ ئۆزبېكلەرگە قارشى جەڭ قىلىشتى. بەشىنچى كۈنى ئۆزبېك لەشكىرىدىن 3000 نەپەر باتۇر ئايرىلىپ چىقىپ دەرۋازىنى ئىشغال قىلىش غەرىزىدە ئات چاپتۇردى. موغۇل جەڭچىلىرىمۇمەردلىك مەيدانىغا قەدەم قويۇپ، باتۇرلۇق ۋە جاسارەت كۆرسىتىشتى. ئىنتاين قاتتىق جەڭ بولدى. خان ئەبۇ سەئىد سۇلتان، ئابدۇرېھىم خان ۋە قالغان كاتتىباشلارنىڭ ھەممىسى ئاتلىرىغا مىنىپ شەھەرگە قايتىشتى. ئۆزبېكلەر «موغۇلنىڭ لەشكەرلىرى يۈز ئۆرۈپ كەتتى» دەپ ئويلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. مىرزا ھەيدەر جوراس، ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى مۇھەممەت ۋەلى بەگ ۋە باشقا باتۇر، قەھرىمانلار ھەممىسى بىرلىككە كېلىپ ئۆزبېك لەشكەرلىېىنى چېكىندۈردى. خان ۋە سۇلتان بەخت دۆلىتى بىلەن غەلىبە قازىنىپ قەشقەر شەھىرىگە قايتىپ چۈشتى.

داۋامى بار.


داۋامى:

          ئۆزبېكلەر كۈندە جەڭ قىلىپ مەغلۇپ بولۇۋەرگەندىن كېيىن ئاخىرى قەشقەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۆزى يەتمەي، ئۈمىدسىزلىنىپ، يەكەن تەرەپكە راۋان بولۇشتى. ئۇلار «بۇغرا قەۋمى» يولى بىلەن يەكەنگە يېتىپ كەلگەندە، شەھەردە قازى رىزا، زىياۋىدىن دىۋانىلار بار ئىدى. ئۆز بەگ سۇلتان، خوجام قۇلى قۇشبېگىلەر شەھەرگە: «يەكەنلىكلەرنىڭ قايسى بىرى ئالدىمىزغا چىقىپ بىزنى قارشى ئېلىپ بويسۇنىدىكەن ئۇنىڭ جېنى، مېلى ئامان قالىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن ئەرلىرى ئلالتۈرۈلۈپ، خوتۇن - قىزلىرى ئولجا ئېلىنىدۇ» دەپ ئادەم ئەۋەتتى. بۇ خەۋەرنە ئاڭلىغان قازى رىزا، زىياۋىدىن دىۋانىلار مۇزاكىرىلىشىپ: «ئەتە جۈمە كۈنى ئىكەن، جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۆزلىرىگە شەھەرنى تاپشۇرايلى!» دېيىشتى. بۇ سۆز ئۆزبېكلەرگە ماقۇل كېلىپ، ئۇلار شەھەرنى قورشاشنى ئۇنتۇدى.

          خان بىلەن ئەبۇ سەئىد سۇلتانلار قىزىلنىڭ يولى بىلەن يەكەنگە كەلدى. شەھەر ئادەملىرى خاننى قارشى ئېلىپ، خۇشاللىق بىلدۈرۈشتى. ھەزرىتى مۇھەممەت خان قۇددىسە سىررۇھۇلئەزىز يېرىم كېچىدە يەكەننىڭ قەلئەسىگە كېلىپ ناغرا - سۇناي ۋە باشقا پادىشاھلىق سازلىرىنى چالدۇرۇپ، داغدۇغا پەيدا قىلدى. بۇ ھالنى كۆرگەن ئۆزبېكلەر ھاڭ - تاڭ قېلىپ «نېمە ۋەقە بولدى؟» دېيىشىپ تىڭتىڭلاشقا كىرىشتى ۋە خاننىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىشتى.

          تاڭ ئاتتى، كۈندۈز بولدى. ئۆزبېك سۇلتان، خوجام قۇلى قۇشبېگىلەر پەرۋا قىلماستىن يۈرۈشتى. ناماز بامداتتىن كېيىن خان بىلەن ئەبۇ سەئىد سۇلتانلار كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ ئۇرۇشقا تەييارلىنىشتى. «بورانغار»نى باشقۇرۇش ئەبۇ سەئىد سۇلتانغا، ئۈچتۇرپان جۇۋانغارنى باشقۇرۇش ئابدۇرېھىم سۇلتانغا تاپشۇرۇلدى. مۇھەممەت خان ھەزرىتى جانابىي ئاللا تەرىپىگە ئىلتىجا قىلىپ ھەمدە ئۆزىنىڭ پىرى - ھەزرىتى ئەزىزلەرگە تەۋەججۇھ قىلىپ (تېۋىنىپ) لەشكەرلەرنى ئىنتايىن ياخشى تەشكىللەپ، ئۆزبېكلەرگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ناھايىتى قاتتىق جەڭ بولدى. ئاخىرى ئالدى بىلەن جانابىي ئاللانىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن يەكەن تەرەپ غەلىبە قىلدى. ئۆزبېكلەر بولسا مەغلۇپ بولدى.

          ئۆزبېكلەر مەغلۇپ بولغاندىم كېيىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتى. باتۇر ئاتالغان قەھرىمانلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ راۋان بولۇشتى. ئۆزبېك لەشكەرلىرىنىڭ زىيان سالغۇچىلىك ئىمكانىيىتىمۇ بولمىدى. قەشقەر مەملىكىتىگىمۇ داخىل بولالماستىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشتى. ھەر تائىپەدىن جەڭ قابىلىيىتى بار كىشىلەر جۇغلىشىپ ئۆزبېكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يەنە راۋان بولۇشتى. ئالاي چۆلىگە بارغاندا يېتىۋېلىپ ئۆزبېكلەرنى يەنە ئۆلتۈرۈپ بۇلاڭ - تالاڭ قىلدى. ئۆزبېك لەشكەرلىرى مىڭ مۇشەققەتتە شارت داۋىنىدىن ئاران ئۆتۈۋالدى.

          نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە: ئۆزبېك سۇلتان، خوجام قۇلى قۇشبېگىلەر ئلازبېك لەشكەرلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى ئىكەن. «ئوق سالار»غا يەتكەندە قازا ۋە قەدەر ئۇلارنىڭ تىلىغا شۇنداق بىر سۆزنى جارى قىلدۇردىكى: ئەگەر بۇ يەردە بىر ئوق ئۇچى مىقدارى تۇرۇپ قالساق قانچىلىك ئادىمىمىز نابۇت بولۇر؟» ئۆزبېك لەشكەرلىرى: «ئوق سالار»دا بىر پاي ئوقنى 40 مىڭ دەپ مۆلچەر قىلىشىدىكەن.

          شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى مۇھەممەت خان غەلىبە قازانغان ھالدا پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. ئەبۇ سەئىد سۇلتان قەشقەر مەملىكىتىدە ۋەتەن تۇتۇپ قالدى. مىرزا شاھ بۇ ۋەقەدىن ئالتە ئاي كېيىن خوتەندىن كەلدى. خان ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، ئېھتىرام بىلدۈردى. قازى رىزا، زىيائوددىن دىۋانىلارغىمۇ كۆپ غەمخورلۇقلارنى قىلدى.

داۋامى بار.


مۇھەممەت خاننىڭ ياخشى سۈپەت، ئۇلۇغ كارامەتلىرى

          مۇھەممەت خان توغرا )ئادالەتلىك( ئىش قىلىدىغان، خۇدانى تونۇيدىغان كۈچلۈك پادىشاھ ھەمدە ھەزرىتى ئەزىزلەرنىڭ خەلىپىلىرىدىن ئىدى.

          ھاجى مۇراد (خۇدا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) دىن نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە: مۇھەممەت خان كاتتىباشلارغا «بىر ئادەم تەييار بولسۇن، بىز ئۈچۈن ئۇلۇغ خانەئى كەئىبىگە بىېرىپ ھەج، ئۆمىرەلەرنى ئادا ئەيلەپ، مەدىنىنى زىيارەت قىلىپ كەلسۇن!» - دېدى. پادىشاھنىڭ بۇ گېپى كىشىلەر ئارىسىغا تارقالدى. شۇ ئارىدا ھاجى مۇراد پادىشاھ ئۈچۈن كەئبە مۇئەززىمە، مەدىنە مۇنەۋۋىرەلەرنى زىيارەت قىلىپ كېلىش نىيىتى بىلەن خاننىڭ قېشىغا كەلدى ۋە ئاستەنەنى بوسە قىلىشقا ئېرىشتى. خان ئۇنىڭ بىلەن بىللە بامدات نامىزىنى ئادا قىلىپ، ئوقۇلىدىغان ۋەزىپە، دۇئادىن كېيىن ھاجى مۇرادقا قاراپ: «ئەي ھاجى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ياخشى نىيەتلىرىگە مۇبارەك بولسۇن! ياخشى خىيال بىلەن كەللە!» دېدى. ھاجى مۇراد قۇددىسە سىرروھۇ يىغلاپ خاننىڭ پۇتىغا يىقىلدى. خان كۈلۈمسىرەپ، مۇنۇ بىر مىسرا شېئىرنى ئوقۇدى:

«بۇ يەردىن قۇتۇلساڭ تېز، بارىسەن ھەرەمگە.»

          شەك شۈبھىسىزكى، توغرا ئىش قىلغان، ئۇلۇغ شەرىئەتنى راۋاجلاندۇرۇپ كۈن ئۆتكۈزگەن پادىشاھ ئەلۋەتتە خۇدانىڭ ھىمايىسىدا بولىدۇ.

          نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە، ھەزرىتى ئەزىز خوجا ئىسھاق ئەلەيھىر رەھىمە: «مۇھەممەت خان نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. «ناماز، روزا ۋە سەدىقە بىلەن مەشغۇللۇق قىلىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بۇ ياقتىن بارغان ئادەم.

          ھەزرىتى ئەزىز مۇنداق دەپتۇ: «مۇھەممەت خانغا ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار، بىز 60 يىللىق ئىبادىتىمىزنىيڭ ساۋابىنى خاننىڭ بىر قېتىملىق ئادالىتىنىڭ ساۋابى بىلەن تەڭ بىلىمىز» مۇھەممەت خان بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنداق دەپ ئەۋەتىپتۇ: «بۇ كەمىنە قۇلنىڭ بېشى ھەزرىتى ئەزىزلەرگە ھاجەتمەندۇر».

          ھەزرىتى ئەزىزلەر ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىپ يەنە ئادالەت، ئىنساپقا ئۈندەپتۇ.

          ئەلقىسسە، خان ھاجى مۇرادقا «جاپۇش» دېگەن يېزىدا 450 مو يەرنى نىشانى، مو ھۆججەتلىرى بىلەن بۇيرۇپ بېرىپ ئالاھىدە اىشىلىق، ئىنئاملار قىلىپ مەككە مۇئەززىمى سەپىرىگە رۇخسەت قىلدى. ھاجى مۇراد مەنزىللەرنى بېسىپ كەئبە مۇئەززىمى، مەدىنە مۇنەۋۋىرەلەرگە باردى، زىيارەت قىلدى؛ قايتىپ كېلىپ يەنە خاننىڭ سۆھبىتىدە بولدى. خان ھاجى مۇرادقا يەنە كۆپ ئىنئاملارنى قىلدى.

          نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، ھاجى مۇراد ئەلەيھىر رەھىمە يەنىلا غەۋس (ھەر قانداق ھاجەتنى ئۈستىگە ئالغان 1- دەرىجىلىك ئەۋلىيا)نى تاپىمەن، دەپ مەككە تەرەپكە قاراپ سەپەر قىپتۇ. يۈز مىڭ مۇشەققەت، سانسىز قىيىنچىلىقلارنى تارتىپ، ئاخىر مەنزىلگە يېتىپ بېرىپتۇ. ھاجى مۇراد كامىل، ئەھلى دىل، كۆپ قېتىم دىن كاتتىلىرىنىڭ سۆھبىتىدە بولغان ئادەم ئىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئويلىنىپ ئولتۇرسا، غايىبتىن «قۇتبى (ئەۋلىيالارنىڭ كاتتىسى) ئۆز تەۋەلىكىڭلاردە» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ھاجى مۇراد دەرھال قوپۇپ يېڭىباشتىن غۇسلى قىلىپ، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ مۇناجات قىلىشقا باشلاپتۇ. غايىبتىن يەنە ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ: «مۇھەممەت خاننىڭ ئۆزى - قۇتبى». شۇنىڭ بىلەن ھاجى مۇراد ئىككىلەنمەستىن يولغا راۋان بولۇپ، ئالتە ئايدا يەكەن تەۋەسىگە يېتىپ كەپتۇ. ھاجى مۇراد قۇددىسە سىرروھۇ يېتىپ كېلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن مۇھەممەت خان (ئاللا ئۇنى مەڭگۈ جەننەت باغچىلىرىدا قىلغاي!) بۇ پانىي دۇنيادىن باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغان ئىكەن. ھاجى مۇراد كېلىپ نۇرغۇن پۇشايمان ۋە ئەپسۇسلار بىلەن مۇھەممەت خاننىڭ نۇرلۇق مازارىنى زىيارەت قىلىپ جاپۇش يېزىسىدا تۇرۇپ قاپتۇ.

          مۇھەممەت خان ئالتە ئاي قۇتبى بولغان ئىكەن. ئاللا ھەممىدىن بەكرەك بىلگۈچىدۇر.

          داۋامى بار.


ھەزرىتى ئابدۇرېھىم خاننىڭ دەسلەپكى ئەھۋاللىرى

ئاللا ئۇنىڭ قەبرىسىنى نۇرلۇق قىلغاي! نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە، ئابدۇرېھىم خان ئابدۇرېشىت خاننىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى ئىكەن، مۇھەممەت خان ئۇنى مىرزا شاھنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن جالىش، تۇرپان تەرەپكە پادىشاھلىققا ئەۋەتكەن ئىكەن. ئۇ چاغلاردا جۇرەيش سۇلتاننىڭ ئوغلى خۇدا بەندى سۇلتان «توكەخان» دېگەننىڭ ياردىمى بىلەن جالىش، تۇرپاننىڭ ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرغان ئىكەن. ئابدۇرېھىم خان بىلەن مىرزا شاھلار تۇرپانغا يېتىپ كەلگەندە، خۇدا بەندى سۇلتان قالماقلاردىن ياردەم سورىغان ئىكەن، قالماقلار ياردەم بېرىمىز دەپ كەپتۇ. لېكىن خۇدا بەندى سۇلتاننى يەكەنگە ئېلىپ كەپتۇ. ئابدۇرېھىم خان بولسا مۇستەقىل ھالدا تۇرپان، جالىشنىڭ پادىشاھى بولۇپتۇ.
داۋامى بار.

ئابدۇسەئىد سۇلتاننىڭ ۋاواتى ۋە شۇ چاغدا بولغان ۋەقەلەر


      رىۋايەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە: ئابۇسەئىد سۇلتان يۈرەكلىك، شانى شەۋكەتلىك پادىشاھزادە ئىدى. ئوۋچىلىقنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئوۋغا چىققاندا قىزىتما (تەپ) كېسەللىكىگە دۇچار بولۇپ، بىر قانچە كۈن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ بۇ دۇنيادىن قايتتى. ئەبۇسەئىد سۇلتان ئۆز ۋۇجۇدىدىن ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن. ئۇلار: بىرىنچى مۇھەممەت سەئىد سۇلتان، ئىككىنچى ئەبۇكە سۇلتان، ئۈچىنچى شاھى شۇجا ئۇددىن ئەھمەت.
      خاننىڭ مۆھتەرەم ئايالى شاھى خانىم قەشقەر، يېڭىسارلارنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۆزىنىڭ زېرەك پەرزەنتى شاھە شۇجا ئۇددۇن ئەھمەت خانغا تاپشۇرۇپ، مىرزا تۇردى ئوردى بېگىنى ئۇنىڭغا ۋەزىر قىلغان ئىكەن. تۆمۈر سۇلتان دەپ مەشھۇر بولغان زىياۋىدىن ئەھمەت سۇلتان – شۇجا ئۇددىن ئەھمەت خاننىڭ چوڭ ئوغلى ئىكەن، ئەھمەت سۇلتان توققۇز ياشقا كىرگەندە، مىرزا ھاشىم بايرىننى ۋەزىر قىلىپ ئاقسۇ، ئۈچتۇرپانلارنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتىپتۇ. ماۋەرە ئۇننەھىردىن ھەزرىتى مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئوغلى ھەزرىتى خوجا مۇھەممەت يەھيا (ئاللا ئۇلارنىڭ روھلىرىنى پاك قىلغاي!) قەدەم تەشرىپ قىلىپ كەلدى. ھەزرىتى مۇھەممەت خان تا قوش گۈمبەز دېگەن يەرگىچىلىك ئالدىغا چىقىپ ئۇ ئەزىزنى ئىززەت ئېكرام بىلەن قارا قۇم يېزىسىغا ئېلىپ كەلدى. ئاندىن كېيىن ھەزرىتى مۇھەممەت خان ئاتتىن چۈشۈپ، ھەزرىتى ئەزىزلەر ئېتىنىڭ تىزگىنىنى بوينىغا سېلىپ، ئوردىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۈچ كۈن چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، كاتتا زىياپەت بەردى. ھەزرىتى ئەزىزلەر ئۈچۈن خاس بىر ئورۇننى جابدۇغان ئىدى. ھەزرىتى ئەزىزلەر شۇ جايغا چۈشتى.
      خۇدا بەندى سۇلتان يەكەندە ئۆلۈمنىڭ شەربىتىنى ئىچتى. بۇ كىشىدىن ئىككى ئوغۇل قالدى، بىرى ئۇنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدىن بولغان مۇھەممەي ھاشىم سۇلتان (بۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندە سۆزلىنىدۇ)، يەنە بىرى ئۆگەي ئوغلى – مۇھەممەت ھاشىم سۇلتان.
      مىرزا شاھ، مىرزا غىياس، خوجالېتىپ ۋە مىرزا ئابدۇللا ئىشىك ئاغالار مەملىكەتنىڭ ئىشلىرىغا كىرىشتى، مىرزا شىرىپ ھەسەن بارلاس مەزكۇر كاتتىباشلارنى كۆزىگە ئىلمىدى. چۈنكى، مىرزا شىرىپ ھەسەن، ئەمىر مۇھەممەت بارلاسنىڭ ئوغلى نورۇز مىرزانىڭ ئوغلى ئىدى. نورۇز مىرزا بولسا سۇلتان سەئىدخاننىڭ گۈزەل بىر قىزىدىن تۇغۇلغان ئىكەن. ئەمىر مۇھەممەتنى ئابدۇرېشىت خان قەشقەرنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلەپ ئۇنىڭغا گورگانى دەپ ئىسىم قويغان ئىدى. يەكەن ھۆكۈمىتى ئىچىدە مىرزا شىرىپ ھەسەن بىلەن مىرزا شاھ ئوتتۇرىسىدا چىقىشالماسلىق يۈز بەردى. كاتتىباشلار مىرزا شاھنى ھىمايە قىلدى. مىرزا شىرىپ ھەسەن مۇھەممەت خاننى شۇنداق قىستىكى، كاتتىباشلارنىڭ كاتتىسى يەنى ئەڭ چوڭ باشلىقنى ھىمايە قىلىپ يەكەن ھۆكۈمىتىنى بېرىش ياكى كابىل تەرەپكە كېتىشكە رۇخسەت بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلدى.
      مۇھەممەت خان بىچارە بولۇپ مىرزا شىرىپ ھەسەنگە رۇخسەت قىلدى. مىرزا شىرىپ ھەسەن ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىنلىرى بىلەن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى ئېلىپ شاھى سەلىم پادىشاھنىڭ قېشىغا باردى. پادىشاھ ئۇنىڭغا غەزنىن دېگەن ناھىيىنىڭ پادىشاھلىقىنى بەردى. ئۇ، شۇ يەردە ئافغان كافىرلىرىنىڭ قولىدا شەھادەت شەربىتىنى ئىچتى. ئاللا ھەممىدىن بىلگۈچىدۇر.

        داۋامى بار.



مۇھەممەت خاننىڭ ئاقىۋېتى، پادىشاھلىق قىلغان ۋاقتى ۋە ھاياتى


      نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە، يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، كۇچار، جالىش، تۇرپان مەملىكەتلىرى تاكى قۇمۇل، خوتەن، سېرەغ قول ھەتتا «كانى لىئلى»لىرگىچە بولغان ئورۇنلاردا خۇتبە، تامغىلار ھەزرىتى مۇھەممەت خاننىڭ ئىسىم – فامىلىلىرى بىلەن زىننەتلەندى. خان پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. شۇ چاغدا تارىخ بىرسى كام مىڭ (999) ئىدى. ئۇ 18 يىل مۇستەقىل پادىشاھلىق قىلدى. پۇقرالارنىڭ بېشىنى سىلىدى، ھۇجۇم قىلغانلارنى ئۇجۇقتۇردى. جەننەتكە ئوخشاش يەكەن شەھىرىدە «ئەي ئىمان ئىسلامدا كۆڭلى ئارام ئالغان نەفىس (جان) ئۆز پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىگە يانغىن» دېگەن چاقىرىققا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ جېنىدىن ئىبارەت شاھتۇتى مەڭگۈلۈك ئاۋات جايغا راۋان بولدى. جەمئىي 72 يىل ئۆمۈر كۆردى. ئاللا ھەممىدىن بىلگۈچىدۇر.

        داۋامى بار.


تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 59   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 iltebir [align=justify]ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس جاسارىتىگە ئاپىرىن، قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي، بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن

2007/11/21 15:58
2 uyghurqizi

شاھى شۇجا ئۇددىن ئەھمەت خان، ئۇنىڭ خاقانلىق تەختىدە ئولتۇرغىنى، پادىشاھلىق تۈزۈمى ۋە شۇ كۈنلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر
      شۇجا ئۇددىن ئەھمەت خان قەشقەردە ئىدى، ھەزرىتى ئەزىزلەردىن خوجالېتىپ، مىرزا غىياس، مىرزا ئابدۇللا قاتارلىق كاتتىباشلار شۇجا ئۇددىن ئەھمەت خانغا كىشى ئىبەرتتى. ئەھمەت خان تەكلىپكە بىنائەن كېلىپ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. ئۇ چاغدا مىرزا شاھ ۋاپات بولۇپ، يەكەن ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئوغلى شاھ پەرپەگە بېرىلگەن ئىدى. مىرزا ھەيدەر جوراس، مىرزا غازى بارلاسلار لەشكەر باشلىقى قىلىپ خوتەنگە ماڭدۇرۇلدى. مەزكۇر كاتتىباشلار خوتەندىن ئابدۇكېرىم خاننىڭ ئوغلى شاھى ھەيدەر مۇھەممەت سۇلتاننى تۇتۇپ يەكەنگە ئەپكېلىپ ماۋرەئۇننەھرىگە پالاپ چىقىرىۋېتىشنى بۇيرۇق قىلىشتى. ئىمام قۇلى خان ھەيدەر سۇلتاننى ھۆرمەتلەپ سەمەرقەنتنىڭ پادىشاھلىقىنى بەرگەن ئىدى. ئۇ، شۇ يەردە ۋاپات بولدى.
      شۇجائۇددىن ئەھمەت خان پۇقرالىرىغا شۇنداق مېھرىبانلىق قىلدىكى، ئۇنىڭ زامانىسىدا بۆرە قوزا بىلەن، كەپتەر قارچۇغا بىلەن بىللە يۈرەلەيتتى. شاھ پەرپەنى بۇرۇنقى تۈزۈم بويىچە ھاكىملىققا سايلىدى. خوجا لېتىپنى مۇھەممەت خانغا ۋەزىر قىلدى. مىرزاغىياس ساغرىچى توققۇز ئايدىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى مىرزا ئەبۇغۇرنى قوش بېگى ۋە ئۈچ بېگى سايلاپ مەملىكەتنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇردى. مىرزا ئابدۇللا قازى قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ كۈيئوغلى مىرزا شاھ ئوغلى ئەبۇلمەئانى شاھنى ئىشىك ئاغا قىلدى. مىرزا ھەيدەر جوراسنى قەشقەر ھۆكۈمىتىگە تەيىنلىدى. ئىلانچىنىڭ ھوقۇقىنى مىرزا مۇھەممەت يۈسۈپ بايرىنغا مولاپ بەردى.

2007/11/23 19:08
3 uyghurqizi زىياۋۇدۇن ئەھمەت سۇلتان ناملىق تۆمۈر سۇلتاننىڭ بەزى ئەھۋاللىرى     
 تۆمۈر سۇلتان شۇجائۇددىن ئەھمەت خاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، ئاقسۇدا ئىدى. قىرغىزلار مۇھەممەت خاننىڭ ۋاپات بولغىنىنى ئاڭلاپ 5000 ئادەم توپلاپ تىلاكابى بىلەن باي بوتە قارالارنى باشلىق قىلىپ، ئاقسۇ مەملىكىتىگە يۈزلىنىپ، زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرگە مەشغۇل بولۇشتى. مىرزا ھاشىم بايرىن سۇلتاننى تۇتۇپ قىرغىزلار تەرىپىگە راۋان بولدى. مىرزا ھاشىم جوراس ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمى ئىدى. ئۇنىڭغا «ئۈچتۇرپاننىڭ لەشكەرلىرىنى ئېلىپ قىرغىزلارنىڭ يولىنى  توسسۇن» دەپ كىشى ئەۋەتىلدى. مىرزا ھاشىممۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلدى. سۇلتان ۋە مىرزا ھاشىم قىرغىزلارغا يېتىپ بېرىشتى. تىلاكا 2000 ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدا بىر جايغا مۆكتى. باي بوتە قارا دېگەنمۇ 3000 نەپەر قىرغىز بىلەن باشباشتاقلىق قىلىپ چىڭ تۇردى. مىرزا ھاشىم بەگ ئاقسۇنىڭ باتۇرلىرىنى سوقۇشقا قىزىقتۇردى، ئىش سوقۇش بىلەن ئاياغلىشىدىغان بولدى. مىرزا ھاشىم جوراسمۇ ئۈچتۇرپاننىڭ باتۇرلىرىنى ھەمراھ قىلىپ قىرغىزلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلدى. بوتە قارا 2000 غا يېقىن ئادىمى ئۆلتۈرۈلۈپ مەغلۇپ بولدى. قالغان قىرغىزلار بىچارە ھالدا (ئوقدانلىرىنى بوينىغا ئېسىپ) سۇلتاننىڭ ئالدىغا كېلىشتى. تىلاكابىمۇ نۇرغۇن پىشكەش قىلىپ سۇلتانغا كۆرۈنۈشكە كەلدى. ئاندىن كېيىن: «خاتا قىپتۇق، ھەزرىتى مۇھەممەت خاننى قازا قىپتۇ دەپ ئاڭلاپ، بىرەر نەرسە بۇلاپ كېلەرمىز دەپ كېلىۋىدۇق، ئەگەر مۇنداق نىيەت بولمىسا بىزنىڭ مۇنداق بىئەدەبلىككە جۈرئەت قىلىشقا نېمە ھەققىمىز بار؟» دېدى. پادىشاھ ھەممەيلەنگە، گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىپ رۇخسەت بەردى. سۇلتان تېخى ئۆزىنىڭ چوڭ بوۋىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىكەن، تىلاكابىدىن ئاڭلاپ، ماتەم تۇتۇپ ئاقسۇغا قايتىپ كەلدى. شۇجائۇددىن ئەھمەت خان ئادەم ئەۋەتىپ، مىرزا ھاشىم بايرىننى ئاقسۇغا بۇرۇنقى تۈزۈم بويىچە بېكىتتى. كاتتىباشلارنىڭ ئۆز ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى، سۇلتاننىڭ ئىشەنچلىك كىشىلىرى بىلەن كېلىشىنى جاكالىدى. تۆمۈر سۇلتان مىرزا ھاشىمبەگنى ئاقسۇدا قويۇپ، يەكەن تەرەپكە راۋان بولدى. يەكەننىڭ كاتتىباشلىرى قارشى ئېلىشقا چىقىپ، سۇلتاننى خاننىڭ خىزمىتىگە ئېرىشتۈردى. خان ئاتىلارچە مېھرى شەپقەت بىلەن ئىنئاملار قىلىپ قەشقەر، يېڭىسارلارنىڭ پادىشاھلىقىنى سۇلتانغا بەردى. مىرزا ھەيدەر جوراسنى سۇلتاننىڭ ۋەزىرى قىلىپ قەشقەرگە ئاتلاندۇردى.
2007/11/23 19:11
4 uyghurqizi مۇھەممەت ھاشىم سۇلتاننىڭ ئابدۇرېھىم خانغا قارشىلىق كۆرسەتكىنى
      مۇھەممەت ھاشىم سۇلتان مۇھەممەت خاننىڭ قىزىدىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنى خانزادە دېيىشەتتى. ئۇ شۇجائۇددىن ئەھمەت خاندىن ئاغرىنىپ كۇچارغا باردى. ئاندىن كېيىن مۇھەممەت ھاشىم سۇلتان بىلەن ئابدۇرېھىم خان ئوتتۇرىسىدا چىقىشالماسلىق يۈز بەردى. مۇھەممەت ھاشىم سۇلتان قالماقلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى. تەلەپكە بىنائەن قالماقتىن ياردەمچى كەلدى. ئابدۇرېھىم خانمۇ جەڭگە تەييارلىق قىلدى. ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى تۇتۇشۇپ سوقۇشقا چۈشكەندە، قالماقنىڭ لەشكەرلىرى ئۆزىنى ياقىغا تارتىپ تۇرۇشتى. ئىككى تەرەپ راسا ئۇرۇشۇپ ئاخىر مۇھەممەت ھاشىم سۇلتان مەغلۇپ بولدى. سۇلتان مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قالماقلار مۇھەممەت ھاشىم سۇلتانغا ھۇجۇم قىلىپ ئابدۇرېھىم خان تەرەپلە ئۆتۈۋالدى. مۇھەممەت ھاشىم سۇلتان سېپىلنىڭ ئىچىگە مۆكۈۋالدى. قالماقلار ئولجا ئېلىشىپ قايتتى. ئابدۇرېھىم خان سېپىلنى (مۇھەممەت ھاشىم سۇلتان بار سېپىلمى دېمەكچى) ئىنتايىن قاتتىق قورشىدى. مۇھەممەت ھاشىم سۇلتان ئابدۇرېھىم خاننىڭ قورشاۋىدىن قاتتىق تەڭلىكتە قېلىپ كەڭچىلىك قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئىلتىماسقا ئاساسەن ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىلىپ قورشاۋ ئېچىۋېتىلدى. مۇھەممەت ھاشىم سۇلتان يەنە شۇ رۇخسەتنى غەنىمەت بىلىپ كۇچار تەرەپكە قېچىپ كەتتى. كۇچارغا بېرىپ، كۇچار سېپىلىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئورۇنلىشىۋالدى. ئاندىن كېيىن ئابدۇرېھىم خان مۇھەممەت ھاشىم سۇلتانغا لەشكەر تارتىپ كۇچارغا كەلدى. ئابدۇرېھىم خان مۇھەممەت ھاشىم سۇلتانغا: «بىز بۇ يەرگە ئىسيان كۆتۈرۈپ كەلمىدۇق، بەلكى ئىتتىپاق بولۇش ئۈچۈن كەلدۇق. ئىناق ھالدا ئاتا مىراس مۈلكىمىز بولغان يەكەننى تەلەپ قىلىۋاتىمىز» دەپ ئادەم كىرگۈزدى. بۇ خىل تەكلىپ خان تەرىپىدىن مۇھەممەت ھاشىم سۇلتانغا يەتكەندىن كېيىن، سۇلتان خانغا ئۇچرىشىش مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆردى. بەزىلەر: «خان بىلەن ئۇچراشمىغان تۈزۈك» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ئۇچراشقان ياخشى» دېيىشتى. ئاخىرىدا مەسلەھەت خان بىلەن ئۇچرىشىشقا توختىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ خان بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن كەلدى. ئۇلار ئۇچراشتى. خان ئۇنىڭغا تۈرلۈك – تۈمەن ئىنئاملارنى قىلدى. ئۇلار باغدا كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشاتتى. بىر ئازدىن كېيىن خان تەرەت قىلىش ئۈچۈن قوپتى. خاننىڭ قوپۇشى بىلەنلا خاننىڭ ئادەملىرىدىن بىرسى كېلىپ، مۇھەممەت ھاشىم سۇلتاننىڭ بېشىغا پالتا بىلەن ئۇردى. سۇلتان خاتىرە دەپتىرىنى ئوقۇپ ئولتۇراتتى. ھېلىقى ئادەم خاتىرىنى ئېلىپ چانىۋېتىپ، سۇلتاننىڭ بېشىغا مىندى. سۇلتان يەرگە يىقىلدى. ئاندىن كېيىن ئابدۇرېھىم خاننىڭ يەنە بىر ئادىمى كېلىپ سۇلتاننى بوغۇزلىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەت ھاشىم سۇلتان ھەقتائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىپ شېھىت بولدى. ئابدۇرېھىم خان سۇلتاننىڭ كاتتىباشلىرىنى ئېلىپ قايتتى. ئاللا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
2007/11/23 19:13
5 tashqin ھارمىغايسىلەر،ياخشى ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭلارغاكۆپتىن كۆپ رەھمەت! 2007/11/23 21:41
6 ertoghrul ئۇيغۇر قىزى سىزگە چەكسىز رەھمەت (راس گەپنى قىلسام رەھمىتىمنى قانداق ئىپادىلىشىمنى بىلمىدىم) كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە مۇشۇ ئەسەرنى ئۇرغان بارماقلىرىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن. 2007/11/24 23:38
7 uyghurqizi تۆمۈر سۇلتاننىڭ جالىش، تۇرپان ۋىلايەتلىرىگە ئىككىنچى قېتىم كەشكەر تارتقىنى
تۆمۈر سۇلتان تولۇق شانۇ – شەۋكەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن جالىش، تۇرپاننى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ ئابدۇرېھىم خان تەرەپكە لەشكەر تارتتى. مىرزا ھەيدەر جوراس تۆمۈر سۇلتاننىڭ ۋەزىرى ئىدى. نۇرغۇن لەشكەرلەرنى ئېلىپ ئاقسۇغا يېتىپ كەلدى. مىرزا ھاشىم بايرىن بىلەن مىرزا ھاشىم جوراس ئاقسۇ، ئۈچتۇرپاننىڭ ئادەملىرىنى ئېلىپ تۆمۈر سۇلتانغا قوشۇلدى. ئۇلار كۇچار ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلدى. كۇچاردىكى لەشكەرلەرمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولدى. ئاندىن كېيىن ئۇلار جالىش تەرىپىگە راۋان بولۇشتى.
بۇرۇنقى پادىشاھلارنىڭ رەسمى قائىدىسى مۇنداق ئىدى: ئۇلار شەرق، جەنۇب تەرەپلەرگە لەشكەر تارتقاندا جۇڭغار كاتتىباشلىرى لەشكەرلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدە بولاتتى. جۇڭغارنىڭ ئالدىنقى تەرىپى بارلاس، دوغلات ۋە ئارلاتلارنىڭ كاتتىباشلىرىغا قاراشلىق ئىدى. ئۈچ كاتتىباشنىڭ ھەرقايسىسىنى باشقۇرۇشقا لايىق دەپ تونۇشاتتى ۋە ئۇنىڭغا تاپشۇراتتى. غەرب، شىمال تەرەپلەرگە لەشكەر تارتقاندا، لەشكەرنىڭ ئالدىنقى سېپى بورانغارنىڭ كاتتىباشلىرىغا قاراشلىق بولاتتى. ئۈچ بورانغار جوراسنىڭ كاتتىباشلىرى دوختەۋى مىللىتى ۋە كىرايت باشلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ئىدى. مەزكۇر كاتتىباشلارنىڭ ھەممىسى باتۇر، شانۇ – شەۋكەتلىك ئىدى. ئۈچ بورانغارنى ئۇلارغا بېرىۋەتتى.
    ئەلقىسسە، شۇ لەشكەرلەر ئىچىدە ئەرلاتنىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن يارقى مىللىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا جۇڭغار ھوقۇقىنىڭ غەرىزىدە پېتىشالماسلىق پەيدا بولدى. مىرزا مۇھەممەت دوست ئەرلات ۋە ئۇنىڭ بىر تۇغقانلىرى مىرزا مەنسۇر، مىرزا كېپەكلەر سۇلتانغا ئەرز قىلىشتى. سۇلتان ئۈچ جۇڭغارنى ئەرلاتنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. مىرزا مۇھەممەت دوست ئەرلاتنىڭ جەمئىيىتىدىكىلەر 40 قا يېقىن كىشى ئىدى. ئۇلار ھەممىدىن بۇرۇن چۈشۈپ، مەنزىلمۇ-مەنزىل مېڭىپ كورلىغا يېتىپ كەلدى.
    مىرزا شاھ مۇراد قاغا، مىرزا رىزا ھالالىلار يارقى مىللىتىدىن بولۇپ ئەرلاتنىڭ كاتتىباشلىرىغا نىسبەتەن كونا ئاداۋەتنى تۇتتى. ئۇلار قىلى داۋانىغا يېتىپ كېلىشتى. ئابدۇرېھىم خاننىڭ كاتتىباشلىرىدىن مىرزا سالىم، مىرزا ئەبۇلھادى مىكرىت ۋە يەنە بىرقانچە كىشىلەر خاندىن رۇخسەت ئېلىپ قىلى داۋانىغا يېتىپ كەلگگن ئىدى. مىرزا مۇھەممەت دوست ئۆزىنىڭ يېقىن-يورۇق، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن خاننىڭ مىرزا ئەبۇلھادى ۋە مىرزا سەلىمدىن ئىبارەت كاتتىباشلىرى بىلەن كۆرۈشتى. قاتتىق ئۇرۇش يۈز بەردى. . .
    مىرزا مۇھەممەت دوستنىڭ جەمئىيىتىدىكى كىشىلەر دۈشمەندىن ئازراق ئىدى. مىرزا شاھ مۇراد يېقىن كېلىپ قالغان ئىدى، كەينىگە تارتتى. مىرزا مۇھەممەت دوست ئەرلات مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. مىرزا مەنسۇر، مىرزا كېپەكتىن ئىبارەت ئىككى بىر تۇغقىنىمۇ ئۆلتۈرۈلدى. مىرزا مۇھەممەت دوستنى ئۆلۈپ قالدى دەپ ئويلاپ يېنىپ كېتىشتى.
    تۆمۈر سۇلتاننىڭ خەۋىرى ئابدۇرېھىم سۇلتانغا يەتكۈزۈلدى. تۆمۈر سۇلتان ئۆلتۈرۈلگەن باشلىقلارنىڭ بېشىغا يېتىپ باردى. مىرزا مۇھەممەت دوست بىھۇش ئىدى. ھۇشىغا كېلىپ سۇ تەلەپ قىلدى. تۆمۈر سۇلتان ۋە باشقا كاتتىباشلار خۇشال بولۇشۇپ ئۇنى داۋالاشقا كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنى خارلىق تۇپرىقىدىن راھەت كۆرپىسىگە يۆتكىدى. مىرزا مۇھەممەت دوست بەگ بىرقانچە ئايدىن كېيىن ساقايدى. لېكىن بىر قولى يوق ئىدى.
    ئەلقىسسە، تۆمۈر سۇلتان ۋە ئۇ ئالىي دەرىجىلىك پادىشاھزادىنىڭ ئىزەنگۈسىنى باسىدىغان كاتتىباشلار، مەسىلەن، مىرزا ھەيدەر جوراس، مىرزا ھاشىم بايرىن، مىرزا ئەلى مەردان ئوردا بېگى ۋە ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى ممىرزا شاھ مەنسۇر، مىرزا ھاشىم جوراس ۋە ئۇنىڭ بىرتۇغقانلىرى، مىرزا مەزىد، مىرزا قۇربان، مىرزا مەلىك قاسىم، مىرزا مەسئۇدلار مىرزا ھاشىمبەگ بايرىننىڭ ئوغۇللىرىدۇر، شاھى غەرەنپىر شاھ، ئاتاقلىق پالۋانلار ۋە مىرزادىلار قىلى داۋانىدىن ئېشىپ جالىش چېگرىسىغا ھۇجۇم قىلىشتى. ئابدۇرېھىم خان جالىشدىن تۇرپانغا كەتتى. تۆمۈر سۇلتان جالىش سېپىلىنىڭ سىرتقى دەرۋازىسىنى ئېلىپ پادىشاھلىق ئورنىغا ياندى. بىر يىلدىن كېيىن تۆمۈر سۇلتان يەنە جالىشنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىدىدە لەشكەر توپلاپ، جالىش تەرىپىگە ئاتلىنىپ، كۇچارغا يېتىپ كەلدى. كۇچارنىڭ ئادەملىرى قارشى ئېلىشقا چىقىپ سۇلتانغا قوشۇلدى. مەنزىلمۇ مەنزىل – مېڭىشىپ جالىشنىڭ قېشىغا يېتىشتى. تۆمۈر سۇلتان، مىرزا مەلىك قاسىم ۋە ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى مىرزا مەسئۇدى، مىرزا مەزىد، مىرزا تۇردى، مىرزا قۇربان، مىرزا مۇھەممەت دوست ۋە مىرزا شىرىپ 400 دەك كىشىنى ھراۋلىغا ئەۋەتتى. مەزكۇر كاتتىباشلار مەردلىك دائىرىسىگە قەدەم قويۇپ، راۋان بولۇشتى. كورلىدىن ئۆتۈپ قوئالغە داۋىنىغا يېتىپ كېلىشتى. ئابدۇرېھىم خاننىڭ كاتتىباشلىرىدىن شاھى غەزەنپىر شاھ، مىرزا قارا باھادۇر، مىرزا قەلىبەگ، مىرزا ساقى باھادۇر ۋە يەنە باشقا بىر توپ كىشىلەر مۆكۈنۈپ تۇرغان ئىدى. تۆمۈر سۇلتاننىڭ كاتتىباشلىرى يېتىپ كېلىشتى. ئابدۇرېھىم خان كاتتىباشلىرى تۆمۈر سۇلتاننىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن تۇتۇشۇپ قالدى. سۇلتاننىڭ كاتتىباشلىرى مەغلۇپ بولدى. «ئۇلارغا زىيان سېلىشنىڭ كويىدا بولۇڭلار، بىز بارىمىز!» دەپ يۈز ئۆرۈشتى (قاچتى). مىرزا مەسئۇد بايرىن مەردلىك قەدىمىنى ئالغا تاشلاپ ئاتتىن چۈشۈپ كېلىپ تۇردى. مىرزا مەلەك قاسىم بەگ، مىرزا ترۇدى جوراس، مىرزا قۇربانبەگ، مىرزا مەزىدبەگ ۋە قالغان كاتتىباشلار مەسئۇدبەگنىڭ قالغانلىقىنى بىلمەي بەدەر كېتىشتى، جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ بولۇپ ئادەملىرىنى يوقلاپ كۆرگۈدەك بولسا مىرزا مەسئۇد ھېلىقى يەردە قالغان ئىكەن. مىرزا مەزىد، مىرزا قۇربان، مىرزا مەلىك قاسىم، مىرزا نەسىر قاترالىق 40 دەك جەڭچى مىرزا مەسئۇد قېشىغا كەلدى. قارىغۇدەك بولسا بىر ئادەم مىرزا مەسئۇدنىڭ مىس قالپىقىنىڭ گىرۋىكىدىن تۇتقان ۋە يەنە بىر ئادەم مىس قالپاقنى مەسئۇد بەگنىڭ بېشىدىن ئېلىپ تاشلاپ سۇلۇق (ئۆتكۈر) تىغ بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىشنىڭ داغدۇغىسىنى قىلىۋاتقۇدەك. ھەممىدىن بالدۇر مىرزا مەزىد بەگ يېتىپ كەلدى. ئاندىن كېيىن كاتتىباشلار ئارقا – ئارقىدىن يېتىپ كېلىشكە باشلىدى. ھەزرىتى ئابدۇرېھىم خاننىڭ كاتتىباشلىرى مەسئۇد بەگنى قويۇپ جالىش تەرىپىگە راۋان بولۇشتى. كاتتىباشلار كېتىشتىن بۇرۇن ئابدۇرېھىم خان تۇرپان تەرەپكە كەتكەن ئىدى. مىرزا قارا باھادۇر، مىرزا ھەبىبلەر خاندىن نائۈمىد بولۇپ تۆمۈر سۇلتان بىلەن ئۇچرىشىشقا ئالدىرىدى. خاننىڭ ئارقىسىدىن «ئەگەر شاھى غەزەن بىر قولغا چۈشسە ئۇنى تېرىك ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ لەشكەر ئەۋەتتى. تۆمۈر سۇلتاننىڭ مۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب شۇ ئىدىكى، شۇجائۇددىنغا رۇخسەت بەرگەن چاغدا، ئەھمەت خان ئۆزىنىڭ جان تومۇرى پەرزەنتىگە «ئەگەر زاھى غەزەن پىر تېرىك قولغا چۈشسە، ئەلۋەتتە ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا تېرىك ئېلىپ كېلىڭلار!» دەپ ۋەسىيەت قىلغان ئىدى. كاتتىباشلار ئارقا – ئارقىدىن ئابدۇرېھىم خانغا يېتىشىپ شاھى غەزەن پىرنى قولغا چۈشۈرۈپ قايتىشتى. مىرزا ئەبۇلھادى مىكرىت شۇ لەشكەرنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئۇ غەزەن پىر شاھنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە تەرغىپ قىلدى. لەشكەر باشلىقى بولغان كاتتىباشلار مىرزا مەلىك قاسىم، مىرزا مەزىد، مىرزا قۇربان، مىرزا قۇلى بىكاۋۇللار شاھى غەزەن پىرنى تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئالدىغا تېرىك يەتكۈزۈش قارارىغا كېلىشتى. مىرزا ئەبۇلھادى مىكرىت مەخپىي ھالدا شاھى غەزەنپىرنى ئۆلتۈردى. كاتتىباشلار غەزەپكە چۆمدى. مىرزا ئەبۇلھادى «دادامنى شاھى غەزەن پىر ئۆلتۈرگەن» دېدى. ھەقىقەتەندە ئۇنىڭ دادىسى مىرزا ئابدۇساتتارنى شاھى غەزەن پىر ئۆلتۈرگەن ئىكەن. كاتتىباشلار كۆپ ئەپسۇسلاندى. مىرزا ھەيدەر جوراس، مىرزا ھاشىم بايرىن قاتارلىق كاتتىباشلار قارا شەھەر ئوردىسىنى قورشىۋالدى. جوراس مىللىتىدىن بولغان مۇھەممەت ۋەلى بەگ ئوردىنى مۇستەھكەملەپ جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىدى. مۇھەممەت ۋەلى بەگ، ئەلى ھەيدەر بەگ جوراسنىڭ بىر تۇغقىنى ئىدى. ھەيدەر بەگ: «بىر تۇغقىنىمنى كۆرگۈم كەلدى» دەپ ئوردىنىڭ تېشىغا ئادەم چىقارتتى. مىرزا مۇھەممەت ۋەلى: «مىرزا ھەيدەر سېپىل تۈۋىگە كەلسۇن! مەن گىرۋەكنىڭ كۈنگۈرە ئۈستىگە چىقاي، شۇ يەردە ئۇچرىشايلى» دېدى. ھەيدەر بەگ بارلىق يېقىن – يورۇق، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن سېپىلنىڭ تۈۋىگە كەلدى. مۇھەممەت ۋەلى بەگمۇ ئۆز ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ گىرۋەك ئۈستىگە كەلدى. گەپ سوراشقاندىن كېيىن، ھەيدەر بەگ: «ئەي ئەزىز بۇرادىرىم، مەملىكەت بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتتى، غېرىبچىلىق مۇشەققىتىنى كۆپ تارتىپ كەتتىڭ، ئەسلى ۋەتەنگە قايتىدىغان چاغ بولدى. ھەر بىر تەۋەلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ سەمىگە سېلىشقا مۇيەسسەر بولۇرمىز» دېدى. مۇھەممەت ۋەلى بەگ: «ئەي بۇرادەر، ھايامۇ قىلمايدىكەنسەن، باشلىقىم دەيسەن، يەنە مىرزا شىرىپ ھەسەن بارلاسنىڭ قىزىنى ھاشىم خوجا سەككە بېرىسەن، يەنە تېخى كاتتىباشلارنىڭ كاتتىبېشى دېگەن دەۋانى قىلىسەن، ئۇ يەرگە بېرىپ باشلىق بولغىنىمدىن غېرىبلىق يۇرتۇمدا گاداي بولغىنىم ياخشى» دەپ گىرۋەك ئۈستىدىن پەسكە چۈشۈپ كەتتى. ھەيدەر بەگ خىجىل بولۇپ، تەسىرلىنىپ قايتىپ تۆمۈر سۇلتان قېشىغا كەلدى. سۇلتان ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە قايتىپ، ئۆزىنىڭ چوڭ ئاتىسى شۇجائۇددىن ئەھمەت خاننىڭ دىدارىغا مۇشەررەپ بولۇپ قەشقەر تەۋەلىكىگە قايتتى.
2007/11/26 20:59
8 uyghurqizi ئەمىرلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە شۇجائۇددىن ئەھمەت خاننىڭ ئوغلى تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئاقىۋىتى 
    مىرزا ھەيدەر بەگ جوراس يۈرەكلىك، باتۇر، ئۇرۇش تېخنىكىسى يۇقىرى، جەددى جەمەت، ئەل ئاغىنىلىرى ياخشى ئادەم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چوڭ بىر جەمئىيەت پەيدا قىلدى. قىرغىزلار ھەر تەرەپكە قارىشاتتى، مىرزا ھەيدەر جوراس ئارقىدىن بېرىپ لايىقىدا جاۋاب بېرىپ قايتىپ كېلەتتى.
    ئەلقىسسە، تۆمۈر سۇلتاننىڭ مىڭىسىگە مەغرۇرلۇق، تەكەببۇرلۇق ئورۇنلىشىۋېلىپ شىكارغا چىقماقچى بولدى. تەۋاجىلار قەشقەر، يېڭىسارنىڭ ئادەملىرىگە چاقىرىق يەتكۈزۈشتى. چوڭ – كىچىك، يۇقىرى – تۆۋەن بولۇپ جەمئىيەت پەيدا بولدى. ئاندىن كېيىن سۇلتان ئاتلىنىپ ئاچچىق دېگەن جايغا چۈشتى. مىرزا ئەلى مەردان بەگنىڭ چادىرىنى بىر جايغا تىككەن ئىدى. بەگ ئۇخلاپ قالغاندا ھەيدەر بەگنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. بۇ چاغدا، چادىرنىڭ بىر تال تانىسىنى باساي پالۋاننىڭ ئېتى ئۈزۈۋەتتى. مىرزا ئەلە مەرداننىڭ ئادەملىرىدىن بىر كىشى: «مۇنداق بىئەدەپلىك قىلغان كىم؟ ئۇنى ئۇرۇڭلار!» دېدى. مەشكە ئوت قالاۋاتقان، تەن قۇرۇلۇشى چوڭ، كۈچلۈك بىر ئادەم بىر كالتەكنى تۇتۇپ تۇراتتى، ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ، باساي پالۋاننى ئۇرۇپ قولىنى سۇندۇرۇۋەتتى ھەمدە مىرزا ئەلە مەردان بەگكە خەۋەر يەتكۈزدى. ئەلى مەردان بەگ باساي پالۋاننى چاقىرتىپ، تازىم قىلىپ ئۆزرە ئېيتتى، باساي پالۋانمۇ بۇ سىرنى مەخپىي ساقلىدى. چېقىمچى، چىدىماھ كىشىلەر ھەيدەر بەگنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «مىرزا ئەلى مەردان بەگنىڭ ئادەملىرى دوغانىڭ قولىنى سۇندۇرۇۋەتتى» دەپ ئەرز قىلدى. ھەيدەر بەگ ئاچچىقلىنىپ ئېگىز – پەس گەپ قىلغىلى تۇردى. باساي پالۋاننىمۇ چاقىرتىپ سورىدى. باساي پالۋان ئىنكار قىلدى. ھەيدەر بەگ پىسەنت قىلماستىن تۆمۈر سۇلتانغا: «مىرزا ئەلە مەردان بىزگە مۇشۇنچىۋالا ئىشلارنى قىلىپتۇ، بىزگە رۇخسەت قىلسۇن، ئەگەر رۇخسەت قىلمىسا مىرزا ئەلى مەرداننى تەسلىم قىلسۇن» دېدى. ھەيدەر بەگنىڭ گېپى سۇلتانغا يەتكۈزۈلدى. سۇلتان مىرزا مۇھەممەت دوست ئەرلات، مەسئۇد بايرىن، شاھى غەزەنپىر شاھ (ئۇ چاغدا ئۇنى «قارلۇغاچ شاھ» دېيىشەتتە) ئۇ مەزگىلدە يېڭىسارنىڭ ھاكىمى ئىدى. مىرزا لېتىپ جوراس، مىرزا شەرىپ بېكچەك (ئۇنىڭ لەقىمى تەۋاجى ئىدى) ۋە مەزكۇر كاتتىباشلارنى ئەلى مەردان بەگكە ھەمراھ قىلىپ، ھەيدەر بەگكە ئۆزرە ئېيتىپ، تەسەللى بەرگىلى ئەۋەتتى. مەزكۇر ئەمىرلەر يىغىلىپ، ھەيدەر بەگنىڭ ئالدىغا بېرىشتى. ھەيدەر بەگ ئۇ چاغدا ئاتقا مىنىپ تۇرغان ئىدى. مىرزا ئەلى مەردان بەگ، ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى شاھ مەنسۇر بەگ، مىرزا مۇھەممەت دوست بەگ، مەسئۇد بەگ، شاھى غەزەنپىر شاھ، مىرزا لېتىپ ۋە مىرزا شەرىپلەر مەسلەھەتلىشىپ، ئاتتىن چۈشۈپ كېلىپ، ھەيدەر بەگنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆزرە ئېيتىشتى. ھەيدەر بەگ كاتتىباشلارنىڭ ئۆزرىسىنى رەت قىلدى. سەپتىن ئايرىلىپ چىقىپ، مىرزا ئەلى مەردانغا قېشەغا كېلىپ دەشنام قىلدى. ھەيدەر بەگنىڭ ئېتىنىڭ بېشى تېگىپ كېتىپ ئەلى مەردان بەگنىڭ سەللىسى يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ھەيدەر بەگنىڭ ئېتىنىڭ كۆپۈكى (ماغزىپى) ئەلى مەردان بەگنىڭ بېشىنى بۇلغىدى. ھەيدەر بەگنىڭ مىرزا سۇلتان ئەلى دېگەن بىر تۇغقىنى بار ئىدى. ئۇ دىۋانە سۈپەت، پەيلى يامان بىر ئادەم ئىدى. قىلىچىنى كۆتۈرگىنىچە ئەلى مەردان بەگنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئابدۇۋېلى بەگ دېگەن بىر تۇغقىنى ئەيىبلەپ ياندۇرۇۋەتتى. مىرزا شەرىپ تەۋاجى سۇلتاننىڭ «ئىشىك ئاغا»سى ئىدى. بۇ كىشى: «ئەي كاتتىباشلار، بۇ قېتىم بارايلى! قاچان سۇلتانىم ئۆرە بولسا، شۇ چاغدا ئاندىن سۇلتاننىڭ سۆھبىتىدە بولايلى!» دېدى. دەرھال ھەممەيلەن قايتىپ سۇلتاننىڭ ئالدىغا كېلىشتى. جوراسنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ قىلغان قىلىق، گەپ – سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۇلتانغا يەتكۈزدى. ئۇ گەپلەر سۇلتانغا قاتتىق تەسىر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھەيۇدەر بەگنىڭ پېيىغا چۈشتى. شاھلارمۇ قىزىقتۇرۇپ يەكەندىن ئەۋەتتى. سۇلتان ئۆزىنىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ مەسلىھەت قارارى بويىچە، كاتتىباشلارنى بىر – بىردىن چاقىرىپ ئىشنى پۈتتۈرمەكچى بولدى. سۇلتان مەخسۇس ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تۇرى. كارىدور ئىچىدىكى ھۇجرا ئۆيگە باتۇر جەڭچىلەر يوشۇرۇندى. ھەيدەر بەگنى چاقىرتتۇرۇپ ئىكىلدى. ھەيدەر بەگ كارىدورغا كەلگەندە، سۇلتاننىڭ ئادەملىرى ھۇجرىدىن چىقىپ ئۇنى ئۆلتۈردى. ئاندىن كېيىن ئايۇپ بەگ، ئابدۇۋېلى بەگلەرنى ئەكىلىپ ئۆلتۈرۈشتى. مىرزا سۇلتان ئەلى قىرغىزلار تەرىپىگە بارغان ئىدى. قىرغىزلار ئۇنى يوقلۇق ۋىلايىتىگە ئەۋەتتى (ئۆلتۈردى). ھەيدەر بەگنىڭ قالغان ئىككى نەپەر بىر تۇغقىنى قەشقەردىن قېچىپ يەكەنگە كەلدى. ئۇلارنىڭ ئېتى مىرزا لېتىپ، مىرزا مۇھەممەت رەھىم ئىدى. شۇجائۇددىن ئەھمەت خان بۇ ئىككىيلەنگە دىلدارلىق قىلىپ تەسەللىي بەردى. مىرزا ئەلى مەردان ئوردا بېگىنى قەشقەرنىڭ ھاكىملىقىغا ئېلان قىلدى.
    لېكىن تۆمۈر سۇلتان تەبىئىي زالىم، ھاراقخور بىر كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۇردى بىكاۋۇل ۋە خوجا فىيرۇز كىرەك يەراغنىڭ قىز بىر تۇغقىنى (ھەمشىرىسى) ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىككى ئوغۇل ۋۇجۇدقا كەلدى. چوڭ ئوغلىنىڭ ئېتى پولات خان دەپ داڭلانغان سۇلتان ئەھمەت خان ئىدى. كىچىك ئوغلىنىڭ ئېتى قېلىچ خان دەپ داڭلانغان سۇلتان مەھمۇت خان ئىدى. مۇنۇ كىچىك ئوغلى تېخى تۇغۇلماستا سۇلتان مەستلىك ھالىتىدە ئايالىمنىڭ ھامىلدارلىق ۋاقتى توشۇپ قالدى دەپ ئاتقا مىنىپ ئاتارمەن – چاپارمەنلىرى بىلەن قىزىلنىڭ لېۋىگە كەلدى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدىكى ئاسىيا بېگىمنىڭ كوچىسىدىن ئۆتسە بالا تۆكۈلىدۇ، دېگەندەك گەپ – سۆزلەر تارقالغان ئىدى. ئاسىيا بېگىمنى تېپىپ ئاسىيا كوچىسىدىن ئۆتۈپ ئوردىغا قايتىپ كەلدى. ئوردىدا بىر قىز قالغان ئىكەن، سۇلتان ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ كەينىگە يېنىشى، ئۇ كېنىزەك سۇلتاندىن قورقۇپ قەبرىستانلىققا قاچتى. سۇلتان كېنىزەكنىڭ ئارقىسىدىن ئات سېلىپ، راۋان بولدى. لېكىن ئېتىنىڭ پۇتى بىر قەبرىگە پېتىپ كېتىپ يىقىلىپ، شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ھەيدەر بەگنى ئۆلتۈرۈپ بىر يىل پادىشاھلىق قىلدى. ئاللا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
2007/11/27 21:48
9 uyghurqizi

ئابدۇرېشىت خان ئوغلى يۈنۈس سۇلتاننىڭ ئوغلى شەرىپۇددىن سۇلتاننىڭ قارشىلىق كۆرسەتكىنى
    شەرىپۇددىن سۇلتان يەكەندە ئىدى. تۆمۈر سۇلتاننىڭ جەسىدىنى ئېلىپ مىرزا مۇھەممەت دوست ئەرلات، مىرزا مەسئۇد بايرىن، قارلۇغاچ شاھ، مىرزا لېتىپ جوراس ۋە خوجا مۇستەفالار قەشقەردىن يەكەنگە كېلىشتى، شۇجائۇددىن ئەھمەت خان قەشقەرنىڭ سارايۋەنلىكىگە شاھى پەرپەنى ئەۋەتتى. شاھى پەرپە ئاق مەسچىت يېزىسىغا چۈشتى. خان ۋە باشقا كاتتىباشلار تۆمۈر سۇلتاننىڭ دەپنە مۇراسىمىغا مەشغۇل بولۇشتى. مىرزا شېرىپ بېكچەك، خوجا مۇستەفا ۋە ھەيدەر بەگنىڭ بىر تۇغقانلىرى: لېتىپ بەگ، مىرزا مۇھەممەت رېھىم ئارىپ پالۋان، مىرزا سۇلايمان شاھ، ئادىل خوجا قاپاق ۋە يەنە بىرقانچە كىشىلەر بىرلىككە كېلىپ شەرىپۇددىن سۇلتاننى ئېلىپ يەكەندىن قەشقەرگە قېچىشتى. قەشقەردە مىرزا ئەلى مەردان بەگ ۋە ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى مىرزا شاھ مەنسۇر بەگ، مىرزا تۆمۈر جوراس، تۇردى بىكاۋۇل ۋە خوجا فىروز كېرەك ياراغلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار خەۋەرسىز ئىدى. مەزكۇر باشلىقلار كېچىدە كېلىپ شەرىپۇددىن سۇلتاننى خانلىققا كۆتۈرۈشتى. تۆمۈر سۇلتاننىڭ كاتتىباشلىرىنى چاقىرتقۇزۇپ ئەكەلدى. ئاندىن كېيىن بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ تۈرمىگە بۇيرۇق قىلدى. خان شەرىپۇددىن سۇلتاننىڭ ئارقىسىدىن سۇلتان مىرزا موناق جوراسنى نۇرغۇن لەشكەر بىلەن ئەۋەتتى. موناق بەگ قەشقەر ۋىلايىتىگە يېتىپ كېلىپ شاھى پەرپە بىلەن بىرلىشىپ قەشقەر ئوردىسىنى مۇھاسىرە قىلىشقە مەشغۇل بولۇشتى. ھارام تاماق كاتتىباشلار شەرىپۇددىن سۇلتانغا: «زىنداندىكىلەرنىڭ بېشىغا ئوت تاشلىساق ئىكەن» دەپ ئەرز – دات قىلىشتى. سۇلتانغا بۇ گەپ ماقۇل كەلدى: «سەھەر ۋاقتىدا زىنداندىكىلەرنىڭ بېشىغا ئوت ياقىمىز!» دەپ قارارلىشىپ ھەرقايسىسى ئۆز ئورۇنلىرىغا قايتىشتى.
    بۇ ئىشتىن ئاقسۇلۇق موللا قارى خەۋەردار بولۇپ قېلىپ، ئەلى نەردان بەگ بىلەن باشقا كاتتىباشلارنى زىنداندىن قۇتۇلدۇرۇۋالدى. كاتتىباشلار كۆك ساراي تەرەپكە راۋان بولۇشتى، ئۇ يەردە كەڭرى بىر شورا بار ئىدى. كاتتىباشلار ئەنە شۇ شورا ئارقىلىق سېپىلدىن سەكرەپ چىقىپ، خاننىڭ مىرزا موناق جوراس ۋە لەشكەر باشلىقى شاھ پەرپەلەردىن ئىبارەت كاتتىباشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، سېپىلنىڭ قورشاۋىنى ئىنتايىن چىڭ تۇتتى، شۇنىڭ بىلەن شەرىپۇددىن سۇلتان بىلەن ھارام تاماق كاتتىباشلارنىڭ ئىشى قىيىنغا چۈشتى.
    شەرىپۇددىن سۇلتان، لېتىپ بەگ، مىرزا مۇھەممەت رەھىم ۋە بىرقانچە باشلىقلار قېچىپ بەدەر كەتتى. كاتتىباشلار تۇتقاننى ئۇرۇپ – دۇمبالاپ ئېلىپ كېلىشتى. مىرزا شېرىپ، مىرزا سۇلايمان شاھ ۋە باشقا بىرقانچە باشلىقلار سۇلتانغا يېتىشمەي، تاغدا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئىدى. مىرزا شىرىپ كۆكنار ئىچىپ ئادەتلەنگەن ئىدى، كۆكنارى تۈگەپ كېتىپ كۆكنارغا ئادەم ئەۋەتكەن ئىدى. بىر كىشى ئۇنى تونۇپ قېلىپ تۇتۇۋېلىپ، يول باشلىتىپ ئۇلارنىڭ بار يېرىگە مېڭىشتى. بېرىپ ئۇلارنىمۇ تۇتۇپ ئېلىپ كېلىشتى. بارلىق ھارام تاماقلارنى جۇغلاپ، مىرزا سۇلايمان شاھ بىلەن ئارىپ پالۋاننى قەشقەردە دارغا ئاستى، قالغانلارنى چالما كېسەك قىلدى. شەرىپۇددىن سۇلتان، لېتىپ بەگ مىرزا مۇھەممەت رېھىم، مىرزا شىرىپ، خوجا مۇستەفا، مىرزا مۇھەممەت ياقۇپ دوغىلات ئوغلى مىرزا مۇھسىن، مىرزا ھەيدەر زاغۇن، مىرزا يۈنۈس قوپالى، ئادىل خاجەئى قاپاق ۋە قالغان كاتتىباشلارنى مىرزا موناق بەگ بىلەن شاھ پەرپەلەر خاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. مىرزا شىرىپ، لېتىپ بەگ، مىرزا مۇھەممەت رېھىم ۋە خوجا مۇستەفالارنىڭ قوللىرىنى باغلاپ، يۈزلىرىگە قارا سۈرتۈپ دارغا ئاستى. شەرىپۇددىن سۇلتان، مىرزا مۇھسىن، مىرزا ھەيدەر، مىرزا يۈنۈسلارنى پالاپ چىقاردى، ئادىل قاپاق قاتارلىق بىرقانچەيلەننى بولسا تۈرمىدىن خالاس قىلدى. شەرىپۇددىن سۇلتاننىڭ بىر تۇغقىنى مەھدى سۇلتاننىمۇ پالاپ چىقاردى. ئاندىن باشقا ئۇنىڭ يەنە قۇرەيش سۇلتان، سەيپۇلمۈلۈك سۇلتان دېگەن ئىككى بىر تۇغقىنى بار ئىدى، خۇدا بۇيرىسا ئۇلارنىڭ ۋەقەلىرىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ.

2007/11/29 21:23
10 uyghurqizi شۇجائۇددىن ئەھمەت خاننىڭ چوڭ تاغىسى ئابدۇرېھىم خانغا لەشكەر تارتقىنى
    ئېيتىلىشىچە: تۆمۈر سۇلتان پانىي دۇنيادىن مەڭگۈلۈك سارايغا كۆچتى (ۋاپات بولدى) ، شۇنىڭ بىلەن غەم – قايغۇ شۇجائۇددىن ئەھمەت خاننىڭ ۋۇجۇدىنى قاپلىدى. ئۆزىنىڭ كاتتىباشلىرىغا مەسلىھەت سالدى. كاتتىباشلار: «ئەگەر لەشكەرنى ئېلىپ قاراشەھەر، تۇرپان تەرەپلەرگە ماڭمايدىغان بولساق، شانى – شەۋكەتلىك، يۈرەكلىك، سالىھ، ئادىل ئابدۇرېھىم خان پادىشاھ مۇبادا غەلىبە قىلىپ قالسا، پۈتۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ لەشكەر توپلايدۇ» دەپ مەسلىھەت بېرىشتى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، دەسلەپكى يىلى مىرزا ئەبۇغۇر بېرىپ مەغلۇپ بولدى. گەپدان تۆمۈر سۇلتان شۇجائۇددىن ئەھمەت خاننىڭ قوللىرىنى سۇندۇردى. لەشكەر توپلاپ يەكەندىن 1000 كىشىنى راۋان قىلدى. ئۇلارنىڭ باشلىقى مىرزا نەزەر مۇھەممەت جوراس بولدى، مىرزا مۇھەممەت يۈسۈپ بەگ خوتەننىڭ لەشكەرلىرىنى ئېلىپ راۋان بولۇپ ئاقسۇغا يېتىپ كەلدى. ئۇلۇغ مىرزا ھاشىم بەگ، مىرزا ھاشىم جوراسلار ئاقسۇ، ئۈچتۇرپاننىڭ ئادەملىرىنى ئېلىپ، قاراشەھەر، تۇرپان تەرىپىگە يۈزلىنىپ، كورلىغا يېتىپ كەلدى. ھەزرىتى ئابدۇرېھىم خان خەۋەردار بولۇپ لەشكەرلىرىنى رەتلەپ، ئۇلارنىڭ يولىنى توستى، ئىككى تەرەپ ئۇرۇشۇشقا باشلىدى. ئىسلەندەر سۇلتان ئابدۇرېھىم خاننىڭ سۆھبىتىدە ئىدى. ئۇ خانغا: «ئەي شەھرىيارى ئالەم، قاتتىق ئۇرۇش بولۇپ كەتتى، ۋاقىت زىخ، ماڭا 40 نەپەر ئادەم قوشۇپ بەرسىلە، بىز بېرىپ دۈشمەننىڭ يولىنى توسايلى، ئەگەر تېرىك قالساق، جېنىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىگە پىدا قىلغايمىز» دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا 40 ئادەم بەردى. ئۇ 40 ئادەم بىلەن قوراللىنىپ بېرىپ دۈشمەننىڭ يولىنى توستى. خۇدابەندى سۇلتاننىڭ ئوغلى ئسكەندەر سۇلتان شۇجائۇددىن ئەھمەت خاننىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىدى. ئىسكەندەر سۇلتاننىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مەنچە نەقنىڭ ئوقى تېگىپ يىقىلدى. ئابدۇرېھىم خان بولسا ھەمىشە ھۇجۇمغا ئۆتۈش داغدۇغىسىنى قىلاتتى، لېكىن مۇھەممەت ۋەلى بەگ جوراس توسۇپ تۇراتتى. بىر چاغدا ئىسكەندەر سۇلتان مەنچە نەق ئوقى تېگىپ يىقىلدى. بۇنى كۆرگەن مۇھەممەت ۋەلى بەگ: «ئەي پادىشاھىم! ئەمدى بىز تۇغ – پۇغلىرىمىزنى ئېلىپ ئات سالمىساق بولمىدى» دېدى. ھەزرىتى ئابدۇرېھىم خاننىڭ قولىدا تەسۋى بار ئىدى. تەسۋىنى يېنىغا سېلىپ قويۇپ دۈشمەن تەرەپكە راۋان بولدى. ھەممەيلەن بىراقلا ھۇجۇمغا ئۆتتى. شۇجائۇددىن ئەھمەت خان تەرەپتىكىلەر مەغلۇپ بولدى. مەغلۇپ بولغان كاتتىباشلار ئىسكەندەر سۇلتاننىڭ ھەمراھلىقىدا خاننىڭ ئالدىغا كېلىشتى. ئىسكەندەر سۇلتان بولسا شۇ جەڭدە ئۆلدى. شۇجائۇددىن ئەھمەت خان كاتتىباشلارغا غەمخورلۇق قىلىپ ئىسكەندەر سۇلتاننى ئاقسۇغا ئەۋەتتى. ئىختىيارنىڭ يۈگىنىنى مىرزا ھاشىم بەگنىڭ قولىغا تاپشۇردى.
2007/11/29 22:02
 جەمئىي باھا 59  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/6  |<  <<   1 2 3 4 5 6   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009